ئۇيغۇر نەگە بارىدۇ؟

PHOTO-2018-10-31-21-15-09

دوكتور ئۇيغۇر ھەبىبى

دەرۋەقە 20 ئەسىرنىڭ 30 يىللىردىن بىرى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت بۇ سىياسى پائالىيىتىمىزدە گەرچە ئىككى قىتىم جۇمھۇرىيەت ئىلان قىلىپ تارىخ بىتىدە شانلىق ئىزلار باسقان بولساقمۇ ،ئەمما ئىنقىلاپ مىۋىلىرنى قوغداپ قىلىشقا قادىر بولالمىدوق. كىيىنكى زامانلاردا خەلقئارا سەھنىلەردە يۈرگۈزۈپ كەلگەن شەرقى تۈركىستان داۋاسىدىنمۇ ھىچبىر نەتىجە ئالالمىدۇق …

بۇخۇلاسنى داۋانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر رەھپىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ئەفەندى ئوزىنىڭ كورەش خاتىرلىرىدا شۇ شەكىلدە تىلغا ئالىدۇ :

«ئۇزامانلار پۈتۈن دۇنيا بۇ دەھشەتتىن تاماشا كۆرۈپ، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ دات پەرياتلىرنى ھىچ كىم ئۇخمىدى. مەن بۇ ئەھۋالنى ئىنسانلىق ئالىمىگە، دىنداشلىرىمىزغا، قېرىنداشلىرىمىزغا بىلدۈرۈش، چۇشەندۈرۈش ۋە ئۇلاردىن ياردەم سوراش ئۈچۈن ئوتتورا شەرىق، ئۇزاق شەرىق دۆلەتلىرىنى ساياھەت قىلدىم. 38 – 40 يىللىرى ئارىسىدىكى بۇ ساياھىتىم جەريانىدا جوڭگو، فىلىپىن، سىنڭگاپور، سەيلون، ھىندىستان، سەۋۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، تۈركىيە، لىۋان ،سۈريە، ئىراق، ئىران، ئاۋغانىستان ،بىرما قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ دۆلەت ئەرباپلىرى ،سىياسى ،دىننى ۋە مىللى داھىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم . ئىچىنىشلىق يىرى شۇكى : شەرقى  تۈركىستاننىڭ دەردى داۋالىرنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقىنىم ئۇ دۆلەتلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ مەشھور ئەرباپلىرىدىن ھىچ قانداق ياردەم كۆرەلمىدىم ۋە ئالالمىدىم. خۇسۇسەن تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى رەھپىرى. يىگانە ئۆمۈت بۇلىغى، باش پاناھى ئەزىز تۈركىيەمىزدە 1954- يىلىدىن ئىتبارەن ھەر ئۆزگۈرۈشتە دىگىدەك دۆلەت ۋە ھۆكۆمەت رەئىسلىرىمىزگە، دۆلەت مۆتىۋەرلىرىمىزگە، دىنى، مىللى ۋە سىياسى رەھپەرلىرىمىزگە شەرقى تۈركىستاننىڭ دەردى-داۋالىرنى چۈشەندۈردىغان مۇختىرالار، مەكتۇپلار تەغدىم قىلدىم. بەزىلىرى بىلەن بىۋاستە كۆرىشىپ چۈشەندۈردۈم . كىتاپلار، مەجمۇئەلەر، مەلۇماتلار، قوللانمىلار نەشىر قىلدۇردۇم. ئەپسۇسكى پۇتۇن بۇ ئەجىرلىرىمگە، زىيارەتلىرىمگە، غەيرەتلىرىمگە تۈشلوق دىنداشلىرىمىزدىن، ئېرىقداشلىرىمىزدىن، ئىنسانلىق ئالىمىدىن ياردەم كۆرەلمىدوق .»(³)

[ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن « ئەسىر شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن»  9. 10. بەتلەر  تۈركچە  نەشرى ئىستانبول 1985 ] ‘’Esir Doğu Türkistan İçin’’ ( İsa Yusuf Alptekin’in Mücadele Hatıraları) 9., 10s. Doğu Türkistan Neşriyat Merkezi 1985 İstanbul.

ئەجابا نىمە ئۇچۇن؟
بۇيەردىكى تۈپ مەسىلە مىللتىمىز ۋە مىللى مۇستەقىللق ئىنقىلابىمىزنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسى پىرىنسىپ ۋە ئىدىولوگىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۈت ئىمكانيەتلىردىن ھالقىغان پانتۈركىزىم (كەڭ تۈركچىلىك)، پانئىسلامىزىم (كەڭ ئىسلامچىلىق) غايىسى بىلەن سۇغۇرۇلغانلىقى، مىللەتنى ئىرقى ئاساسسقا يۆلەپ، پۈتۈن تۈركلەرنى بىر مىللەت، بىر ۋەتەن، بىر دەۋلەت، بىر بايراق ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسى بىرلىكنى مەخسەت قىلغان ئىمكانسىز ئارزۇ ھەۋەسلەرنىڭ پىشىغا چۈشكەنلىگى، بۇ خائىش ۋەجىدىن دۇنيا جامائىتىنى ئۈركۈتكەنلىكىدىن، پۇتۇن تۈركلەرنىڭ سىياسى بىرلىگىدىن ئەندىشە قىلغان روسلار بىلەن خىتايلارنى  3 قىتىملىق ھەمكارلىققا زورلىغانلىقىدىن، مىللى ئىنقىلاپلىرىمىزنى بىللە بىسىقتۇرۇشقا تۈرتكە بولغانلىقىدىن ئىبارەت …

پانتۈركىست ۋە پانئىسلامىستلار ھەققىدە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ئەفەندى شۇنداق دەيدۇ ؛
«…مىللەتچىلەر ۋە خىتايچىلار. ئىلىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنى “قىزىل قۇيرۇقلار“ ، “ھۇرراچىلار“ دەپ ئاتىۋالدى. ( “ھۇررا“ دىگەن سوز رۇسلاردا ئالقىش ۋە ھۇجۇم مەنىسىنى بىلدۇرىدۇ.) سولچىلارمۇ بۇ تەرەپتىكىلەرنى “خىتايچى“، “پان تۇركىست“، “پان ئىسلامىست“  دەۋالدى. ھالبۇكى، پانتۇركىست، پانئىسلامىست بولۇش بىر شەرەپتۇر. پۇتۇن ئەسىر تۇركلەر بىر دەۈلەت ھالىغا كەلسە يامانمۇ ؟ بۇ رۇسىيە ئەڭ قورقىدىغان فىكىر ئىدى… »

……..Milliyetçiler ve Çinciler (Hıtayperesler), İli’din gelenlere (vekillere), ‘’Kızıl kuyruklar’’ adını taktılar. ‘’Hurracilar’’ adını taktılar. Ruslarda alkış ve hücum sözü olan ‘’Hurra’’ da.  Solcular da bu tarafa ’’Çinci, Panturkist, Panislamist’’ gibi isimler takıyorlardı.  Halbuki  Pantürkist veya Panislamist olmak bir şereftir. Bütün esir Türkler kurtulsun, bir devlet haline gelsin, Bu kötümü ? Bu Rusya’nın en çok korktuğu fikirdi…
‘’Esir Doğu Türkistan İçin’’ (İsa Yusuf Alptekin’in Mücadele Hatıraları) 461 s. Doğu Türkistan Neşriyat Merkezi 1985 İstanbul

ئەسلىدە، بىربىرىنى تۇتمايدىغان بۇ ئىككى خىل ئېقىم تەرغىپچىلىرىنىڭ بىرئاندا ئەينەن شەرەپلىك بولىشى مەنتىققە سىغمايدۇ…
شۇنداقتىمۇ، پانتۈركىست  ۋە پانئىسلامىست بولۇشنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىگى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ئەفەندى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەچكە، ئىزباسار سىياسەتچىلەر تەرىپىدىنمۇ ئىختىيارسىز ھالدا ۋازكىچىلمەس ئادەت كۇچىگە ئايلىنىپ، بۇگۇنكى كۇندىمۇ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىدىئولوگىيەسى ھالىغا كەلگەنلىگى مەلۇم.

بۇ ئىدىئولوگىيە ۋەجىدىن دۇنيا جامائىتىنىڭ خۇسۇسەن ياۋرۇپا ۋە ئامېركا جامائەتىنىڭ تىبەت داۋاسىغا كورسەتكەن غەمخورلۇقلىرىدىن ئەينى شەكىلدە بەھرىمەن بولالمىدۇق…

خەلقىمنىڭ تەغدىرىگە بولغان ئەخلاقى مەسئوليىتىم ۋە ۋىجدانى بۇرچۇم مىنى تىببى داۋادىن ھالقىپ سىياسى داۋاغىمۇ يۈزلۈنۈشكە،  جۈملىدىن بۇ خۇسۇستا قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئون يىللىق تەتقىقات  نەتىجىسىدە 1994- يىلى «ئۇيغۇر نەگە بارىدۇ؟» سەرلەۋھەلىك بىر كىتاپ يازغان ئىدىم. ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، خەلقىمنىڭ ئىنتىزارى تۇپەيلىدىن بۇ ئەسىرىمىنى قايتىدىن رەتلەپ، ئاساسلىق مەزمۇنلارنى“ 12 خۇلاسە“ ‘’ 101 ئەگەر’’  شەكلىدە ئىخچاملاپ، دىققەت – ئىتىبارىڭلارغا  تىخىمۇ ئوڭايراق ھاۋالە قىلىشنى، ئاندىن تولۇق نۇسخىسىنى سۇنۇشنى مۇناسىپ كوردۇم…

دەرۋەقە، ئادەتلەنگەن كوز قاراشلارنىڭ بويۇتۇرۇغىدىن قۇتۇلالمىغان، ئۇيغۇر تارىخىدىن، ئۇيغۇر كىملىكىدىن خەۋەردار بولالمىغان بەزى شەرقى تۇركىستانلىق قېرىنداشلىرىم بۇ تەتقىقاتلىرىمدىن تولىمۇ پەرىشان بولىشى، ھەر خىل شەك-شۇبھە، دەرگۇمانلاردا بولىشى، ھەتتا ئوكتە قوپۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە مەسىلە ھەرگىز ئىسم ئوزگەرتىش، بىھۇدە تالاش–تارتىش چىقىرىش مەسىلىسى ئەمەس. دەل ئەكسىچە تارىخى كىملىگىمىزگە ساھىپ چىقىپ ئەسلى ئىسمىگە قايتىش مەسىلىسىدۇر. مەۈجۇت مەسىلىلەرنى خۇسۇسەن بۇگۇنكى لاگىر دەھشىتىنى پۇتۇن دۇنيا جامائەتى ئومۇمىيۇزلۇك ھىسداشلىق قىلالايدىغان توغرا سىياسى غايەگە يەنى ئۇيغۇرىزىمغا يۇزلەندۇرۇش مەسىلىسىدۇر.

مەخسەت، خىتاي ئىستىلاسى ئاستىدا ھىلىھەم ئىزىلىۋاتقان، شىلىنىۋاتقان، قېقىلىۋاتقان، سوقۇلۇۋاتقان، خارلىنىۋاتقان، زارلىنىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان، زورلىنىۋاتقان ئەينى زاماندا نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي  قايمۇقىۋاتقان، گاڭگىراۋاتقان، تەمتىرەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىمنى، بىر ئان ئاۋۋال ئۇيغۇر ئىڭى، ئۇيغۇر ھىسىياتى، ئۇيغۇر ۋىجدانى، ئۇيغۇر غۇرۇرى، ئۇيغۇرئىلى، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇرمىللىتى چۇشەنچىسىگە ئېرىشتۈرۈش، لائەقەل ۋىجدان، غۇرۇر ساھىبى بولغان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىنى ئەي ئۇيغۇرۇم! ئەي ئۇيغۇرمىللىتىم ! ئەي ئۇيغۇرئىلىم ! دەپ جار سالالايدىغان، ھەققانى شۇئار توۈلىيالايدىغان، ئۇيغۇر كىملىكى ئەتراپىدا چەمبەر-چەس ئۇيۇشالايدىغان بىر كوي، بىر سەۋداغا سىلىش، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇتۇش، ئىچكى– تاشقى ئىمكانىيەتلىرىگە كۆرە توغرا سىياسى غايەنى يەنى بۇيۇك ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن تەرغىپ قىلغان ئۇيغۇرىزىم يولىنى تاللاشقا دالالەت قىلىشتۇر.

شەرقى تۇركىستان داۋاسى ھەققىدە ئون ئىككى  خۇلاسە

1. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر ئىلىدۇر. ئۇيغۇر ئىلى- ئۇيغۇرىيە- ئۇيغۇرىستان دىمەكتۇر. ئۇيغۇرىستان- تارىخى ھەقىقەتلەرگە كورە، شەرقى تۇركىستان- سىياسى غايەلەرگە كورە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. بىر مىللەتنىڭ ئانا ۋەتىنى پەقەت ئۇ مىللەتنىڭ ئوز ئىسمى بىلەن ئاتالغاندىلا  ئۇ مىللەت تەبىئى تونۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ .

(ئىزاھات ؛ ئەسلى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئۇيغۇرىستان ئىكەنلىكى دۇنياچە مەشھۇر تارىخشۇناس ۋە تۈركولوگى ئا. زەكى ۋەلىدى توگان تەرىپىدىن شۇ شەكىلدە  ئىزاھلانغانلىقى مەلۇم،..)

« 840 – يىلى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، يىنسەي (كىم) ۋادىسىدىكى قىرغىزلارنىڭ بىسىمى بىلەن يۇرتنىڭ غەربىگە- قەدىمى خاندانلىق غەربى جامائەتىنىڭ مەركىزى بولغان بەشبالىق ۋە قوچو شەھەرلىرىگە يەنى شەرقى تىيانشانغا يەرلەشتى. باشقا بىر قىسمى خەنزۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلىپ غەربى شىمالى خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى چىگراسىدا يەرلەشتى…».

«شەرقىي تىيانشان بۆلگىسى بۇ زاماندىن ئېتىبارەن ئەسلى ئۇيغۇر مەملىكىتى ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتالدى. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار مانى دىنىدىن بەكرەك بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. مۇستەقىل ھاكىمىيەتلىرى 13 – ئەسىردىكى مۇڭغۇللار دەۋرىگىچە داۋام قىلدى…».
Ord. Prof. Dr. A. Zeki VElidi Togan  Umumi Turk Tarihing Giriş 56 s.  57 s.  I Cilt 3. Baskı, Enderun Kitapevi İstanbul 1981

ماھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇر – سۇلمى، قوچۇ، جانبالىق، بەشبالىق، يېڭىبالىق قاتارلىق بەش شەھىرى بولغان بىر ئەلنىڭ ئىسمى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. [1 – توم 151 – بەت، خەلق نەشرىياتى ئۈرۈمچى 1981 – يىل
ئەل – «يۇرت»، «دىيار»، «مەملىكەت» دېمەكتۇر. [ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى، 1 – توم، 291 – بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، بىجىن 1990 ] ماھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ”تۇرك ئىلى“، “تۇركىستان“ كەلىمەلەرى داخىل قىلىنمىغانلىغى مەلۇم.
تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇرباشقانى سولىتىدىكى 16 تارىخى تۇرك دولەتلىرى ئىچىدىمۇ “تۇركىستان“ دىگەن بىر دولەتنىڭ  يوقلىغى، ھەتتا “گوك تۇرك دولىتى“ نىڭمۇ “تۇركىستان دولىتى“ دەپ ئاتالمىغانلىغى مەلۇم .

بۇيۇك ياپون تارىخچىسى ئودا جۇتەن نىڭ ئۇيغۇرىستان ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا شۇنداق دەيدۇ :

« غەربى ئۇيغۇر پادىشالىغىنىڭ تەۋەسى (تېرىتورىيەسى) شەرقى تىيانشان تاغ تىزمىلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ئىتەكلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالاتتىى. 840. يىلدىن كىيىن، كوچمەن ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى ۋەيران بولۇپ، كوپ سانلىق ئۇيغۇرلار مونغۇلىيەدىن بۇ يەرگە كىلىپ، تۇراقلىق ھايات شەكلىنى تاللىدى. يەرلىك غەيرى تۇرك خەلقلىرىى بۇ غايىپتىن كەلگەن مىھمانلارنىڭ تۇركچە تىلىنى ئۇگەندى. نەتىجىدە ئۇيغۇرىستان دىگەن بىر دولەت پەيدا بولدى. بۇ دەۋلەت خىتاي بىلەن  ئىچكى ئازىيە ئارىسىدا قاتناش ۋە تىجارەتنىڭ مۇھىم ۋاستىلىق بولگىسى، شەرق بىلەن غەرپ ئارىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كورىگى بولۇپ قالدى. مانىستلەر، بۇدىستلەر، ناستورىيانلار ۋە باشقاا دىندىكىلەر، ئۇيغۇر يېزىقى دەپ ئاتالغان بۇ تۇرك تىلى بىلەن سوزلىشىدىغان ۋە يېزىشىدىغان بولدى. ئۇلار موڭغۇل ئىمپىرىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بۇيۇك مەدەنى تەسىرلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، مونغۇل تىلىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئىپادىلەيدىغان ھالغا كەلتۇردى.  ئامما ئۇيغۇرىستان، مونغۇل ئىستىلاسى ئاستىدا زاۋالىققا يۇز تۇتۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار 1260- يىلىدىن كىيىن 40 يىل داۋاملاشقان بۇ كايدۇ ئىسيانىدىن ناھايىتى جاپا تارتتى.  ئۇيغۇر پادىشا جەمەتى گەرچە ئىدىقۇت ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ،  باشقا كۇچلۇك نەسەپلەر خىتاينىڭ غەربى-شىمال بولگىسىدىن پانالىق ئالدى. 1305. يىلدىن كىيىن، ئورتا ئازىيەدە ۋەزىيەت تىنچىدى، ئامما ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ئاۋاتلىغىغا قايتالمىدى. بۇنى ئاز دەپ، ئۇلارنىڭ قاتناش يوللىرى ئىسلامچى ئىران تۇركلىرىنىڭ ترانسوزىيانادىن باشلانغان ئۇزۇن مۇساپىلىك تىجارەت  كاشىلىلىرى تۇپەيلىدىىن چىرىپ كەتتى. ئىسلامى كۇچلەر ھەقىقەتەن  پۇتۇن تارىم ۋادىسىىغا قەدەر  كىڭەيدى. يەنە بىر تەرەپتىن  بۇددىست ئۇيغۇرلار ، يۇەن سۇلالىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى تىبەت لاما مەدەنىيەتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئازسانلىق بولۇپ قالدى. »

Ziya Gökalp ise, “Türkçülüğün Esasları ” adlı kitabında,“Oğuz, Tatar, Kırgız, Özbek ve Yakutları birleştirecek ülkünün gerçek olması mümkünmü ?” sorusunu sormuş. Sonra da “uzak ülküler için bu soruya cevap aranmaz. Çünkü uzak ülküler, ruhi heyacanı yükseltmek için çok çekici bir hayaldır.” karşılığını vermiş. Hürriyet Gazetesi : 18 s.  20 Ekim 1994
زىياگوكئالىپ نىڭ “تۇركچىلىكنىڭ ئاساسلىرى“ دىگەن كىتاپىدا دىيىشىچە: بىرسى ئۇنىڭدىن ؛ “ ئوغۇز، تاتار، ئوزبەك، ۋە ياقۇتلارنى بىرلەشتۇرەلەيدىغان بىر غايەنىڭ ئەمىلىلىىشى مۇمكىنمۇ ؟“ دەپ سورىغانلىغى؛  زىيا گوكئالىپ ئۇنىڭغا : “ يىراق غايەلەر ئۇچۇن بۇنداق سۇئاللار سورۇلماس. چۇنكى يىراق غايەلەر رۇھى ھاياجاننى يۇكسەلتىشكە جەلىپ قىلىدىغان بىر خىيالدۇر.“ دەپ جاۋاپ بەرگنلىگى مەلۇم. . Hürriyet Gazetesi : 18 s.  20 Ekim 1994

3- س  شەرقى تۇركىستان داۋاسى، ئادەتلەنگەن كوزقاراشلارنىڭ بويۇنتۇرۇغىدىن قۇتۇلالمىغان، ئۇيغۇر كىملىگىگە ساھىپ چىقالمىغان، ئۇيغۇر تارىخىدىن خەۋەرسىز مىللەتچى دوستلارنىڭ ۋە ئۇممەت مەنپىئەتىنى مىللەت مەنپىئەتىدىن ئەلا بىلىدىغان ئۇممەتچى دوستلارنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ئادەت مەسىلىسىدۇر.

. 4  شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى،‘’ ئورۇس ساتتى ‘’مەسىلىسىى ئەمەس، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، مۇستەبىت شىڭ شىسەي دەك سوۋىت ئىىتىپاقىدىن تەل-توكۇس پايدىلىنىپ مۇستەقىل دولەت قۇرۇشقا جۇرئەت قىلالىغان، توغرىسى ‘’شەرقى تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى’’ ئەمەس، ‘’ئۇيغۇرىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى’’ قۇرۇشقا قادىر بولالىغان بىر ئۇيغۇر سىياسەتچىسىنىڭ چىقمىغانلىق مەسىلىسىدۇر. چۇنكى خەلقىمىز ئۇ دەۋىرلەردە بۇ خۇسۇستا ھەرقانداق بەدەل تولەشكە، ھەرقانداق قۇربان بېرىشكە مەجبۇر ئىدى. بۇندىن باشقا ھىچقانداق چىقىش يولىمۇ يوق ئىدى.  كاشكى، ھورمەتكە سازاۋەر داھىلىرىمىزدىن مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى ئەفەندى، بىرىنجى قىتىملىق شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ئورتىغا چىققان بولسا ئىدى…“كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟“ دىگەن مانا مۇشۇ…

: 1950年2月14日周恩来代表中国在中苏友好同盟互助条约上签字,
背后是斯大林、毛泽东。条约规定苏联向中国贷款3亿美元。
《特别协定》则是早两天已在莫斯科签订。
第十七条:缔约国双方同意,内蒙,新疆,西藏,建立各民族的人民共和国,由双方共同负责扶助其独立。
http://www.aboluowang.com/2017/0301/889890.html

1950-يىلى 2-ئاينىڭ 12- كۇنى  موسكۋادا  جۇئىنلەي ۋە ئاندىرى  ۋىشىنىسكى تەرىپىدىن ئىمزالانغان جوڭگو – سەۋىت دوستلۇق شەرتنامىسىنىڭ  “ئالاھىدە شەرتنامە“  17- ماددىسىدا :
“شەرتنامە تۈزۈشكەن دولەتلەردىن ھەر ئىككى تەرەپ ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، شىزاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇىشىغا قۇشۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىغىنى يولەشكە ئىككى تەرەپ  ئورتاق مەسئۇل بولىدۇ .“

شەرتنامىدە، بۇ ئۇچ ئولكىنىڭ مۇستەقىللىق قۇرۇلۇشى “خەلق جۇمھۇرىيەتى“ شەرتى يەنى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئاستىدا بولىشى كىرەكلىگى تەكىتلەنگەن…تاشقى مونغولىيە بۇ شەرتنى ئاللا بۇرۇن ھازىرلىغانلىغى ئۇچۇن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ۋە مۇستەقىللىغىنى قازاندى…

6. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللق كورىشىنىڭ ئاساسى غايىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۈت ئىمكانيەتلىردىن ھالقىغان پانتۈركىزىم (كەڭ تۈركچىلىك)، پانئىسلامىزىم (كەڭ ئىسلامچىلىق) ئىدىئولوگىيەسىگە ئەمەس، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرت- شارايىتلىرى، مەۋجۇت ئىمكانلىرى ۋە مىللى مەنپىئەتىدىن چىقىش قىلىدىغان، ئۇيغۇر خەلقىنى ئومۇمىيۇزلۇك ئويغۇتالايدىغان، سەفەربەر قىلالايدىغان ئۇيغۇرىزىم ئىدىئولوگىيەسىگە يۇزلىنىشى كىرەك.

7. دەۋلەت – ئەنئەنە مەسىلىسىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى پۇتۇن تۇركلەرنىڭ تارىخىدا قۇرۇلۇپ باقمىغان تۇركىستان دەۋلىتىگە ياكى قۇرۇلغان بولسىمۇ دۇنياچە ئىتراپ قىلىنمىغان 85 يىللىق شەرقى تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئەنئەنىسىگە ئەمەس، دۇنيا جامائىتى ھەتتا خىتاي دائىرلىرى ۋە تارىخچىلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىتراپ قىلىنغان 1270 يىللىق ئۇيغۇر دەۋلىتى (744 – 1335) ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى كىرەك.

8. تۇرك دۇنياسى، ئۇيغۇر خاقانى ئوغۇزخاننىڭ فەتىخلىرىدىن (بويسۇندۇرۇشلىرىدىن) مەيدانغا كەلگەن. تۇركىيە ھوكۇمىتى ۈە  ھەر ساھا تۇرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ ئەڭ مەنتىقلىق يولى، پۇتۇن تۇركلەرنىڭ كىلىپ چىقىش مەسىلىسىگە كونۇپ قالغان ئەنئەنىۋى تۇركچىلىك خىيالى بويىچە ئەمەس، تارىخى ئۇيغۇر رىياللىقى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، پۇتۇن تۇركلىرىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلاردىن تۇرلەنگەنلىگىنى، بىزنى ئۇيغۇرتۇركلىرى دىگەندىن تۇركلەرنى تۇرك ئۇيغۇرلىرى دىگەننىڭ تىخىمۇ مەنتىقلىق بولىدىغانلىغىنى بىلدۇرۇشتتىن ئىبارەتتۇر.

9. ئۇيغۇر تارىخىنى بىلەلمىگەن، ئۇيغۇر كىملىگىگە ساھىپ چىقالمىغان بىر ئۇيغۇر سىياسەتچى ھىچبىر زامان مىللەتچىلىك تۇيغۇسىغا ھاكىم بولالمايدۇ، ئۇيغۇر خەلقى پەقەت ئۇيغۇر كىملىگىگە، ئۇيغۇر ئوزلىگىگە ساھىپ چىققاندىلا، ئۇيغۇر دولىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغاندىلا، ئۇيغۇرىزىم يولىنى تۇتقاندىلا قۇتۇلۇش يولىنى تاپالايدۇ، توغرى سىياسى غايەگە يۇزلەنمىگەن بىر داۋادىن تۇشمۇ-تۇشتىن ھەرقانچە چوقان سالسىمۇ ھىچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ.

مىللەتچىلىك – مىللەت ھەقىقىتىدىن ھەرىكەت قىلىدىغان بىر خىل پىكىر ئېقىمى بولۇپ، زامانىمىزنىڭ ئەڭ يۈرۈشلۈك ئىجتىمائى سىياسەت پىرىنسىپىدۇر. ئۇ مىللەت ۋە مىللى ئىنقىلابنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسى پرىنسىپ. بۈيۈك غايىدۇر. مىللەتنى ئازادەلىك ۋە مەمۇرچىلىققا باشلايدىغان قۇۋۋەتلىك تۇتقۇدۇر.

زامانىمىزدا، مىللەتچىلىك نۇقۇل مىللى ھېسسىياتنى تۇرغۇزۇش مەسىلىسىلا ئەمەس بەلكى ئەڭ مۇھىمى مىللى مەنپەئەتنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدۇر. ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىدراك قىلالمىغان بىر مىللەت، مىللى غۇرۇر، مىللى ھېسسىياتنى تۇرغۇزالىشى، مىللەتچىلىك ئېڭىغا ھاكىم بولالىشى مۇمكىن ئەمەس.

مىللەتچىلىك ھەممىدىن ئاۋۋال شۇ مىللەتكە مەنسۇپ خەلقلەرنىڭ مىللى بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىشى تەبىئى. زامانىمىزدا، مىللەتچىلىك بىر سىياسى ئېقىم ھالىغا كېلىپ مۇستەقىل ئۆز–ئۆزىگە خوجا دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىمكان ياراتماقتا. ئىنسان توپىنى زامانىۋى دۆلەت قىلىدىغان كۈچلۈك پۈتۈنلۈك ھالىغا كەلتۈرمەكتە. بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جامەتنىڭ سىياسى، جۇغراپى ۋە ھوقۇقى جەھەتتىن يېڭىدىن تەشكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.
مەنبە 60 : ھامزا ئەر ئوغلۇ «ئەينى ئەسەر» 220، 224. بەتلەر (تۈرك ئىنقىلاب تارىخى 395 – بەت 399 – بەتلەر)

زامانىۋى مىللەتچىلىك ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئاڭلىق مىللەتچىلىك ياكى يوللۇق (راتسىونال) مىللەتچىلىك دېمەك مىللەتچىلىكنىڭ ئىلمى ئاچىدىن قىممەتلەندۇرۇلىشىدۇر. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بىلىمگە تايىنىش، بىلىملىك بولۇشتۇر. ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى دېموكراتىيەگە يول قويۇش ۋە دېموكراتىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىشىدۇر.
مەنبە 62 : ھامزا ئەر ئوغلۇ «ئەينى ئەسەر» 220، 224. بەتلەر (تۈرك ئىنقىلاب تارىخى 395 – بەت 399 – بەتلەر)

مىللەتچىلىك – مىللەت ھەقىقىتىدىن ھەرىكەت قىلىدىغان بىر خىل پىكىر ئېقىمى بولۇپ، زامانىمىزنىڭ ئەڭ يۈرۈشلۈك ئىجتىمائى سىياسەت پىرىنسىپىدۇر. ئۇ مىللەت ۋە مىللى ئىنقىلابنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسى پرىنسىپ. بۈيۈك غايىدۇر. مىللەتنى ئازادەلىك ۋە مەمۇرچىلىققا باشلايدىغان قۇۋۋەتلىك تۇتقۇدۇر.

زامانىمىزدا، مىللەتچىلىك نۇقۇل مىللى ھېسسىياتنى تۇرغۇزۇش مەسىلىسىلا ئەمەس بەلكى ئەڭ مۇھىمى مىللى مەنپەئەتنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدۇر. ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىدراك قىلالمىغان بىر مىللەت، مىللى غۇرۇر، مىللى ھېسسىياتنى تۇرغۇزالىشى، مىللەتچىلىك ئېڭىغا ھاكىم بولالىشى مۇمكىن ئەمەس.

مىللەتچىلىك ھەممىدىن ئاۋۋال شۇ مىللەتكە مەنسۇپ خەلقلەرنىڭ مىللى بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىشى تەبىئى. زامانىمىزدا، مىللەتچىلىك بىر سىياسى ئېقىم ھالىغا كېلىپ مۇستەقىل ئۆز–ئۆزىگە خوجا دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىمكان ياراتماقتا. ئىنسان توپىنى زامانىۋى دۆلەت قىلىدىغان كۈچلۈك پۈتۈنلۈك ھالىغا كەلتۈرمەكتە. بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جامەتنىڭ سىياسى، جۇغراپى ۋە ھوقۇقى جەھەتتىن يېڭىدىن تەشكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.
مەنبە 60 : ھامزا ئەر ئوغلۇ «ئەينى ئەسەر» 220، 224. بەتلەر (تۈرك ئىنقىلاب تارىخى 395 – بەت 399 – بەتلەر)

ئۇيغۇر خەلقى، ئىرقى، تىلى، دىنى، مىللى خۇسۇسىيەتلىرى، ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە تارىخى مەۋجۇدىيەتلىرى جەھەتتە خىتاي مىللىتى بىلەن ھېچبىر ئورتاقلىقى يوقتۇر. ئۇ  ئورال-ئالتاي تىل سستىمىسى چاغاتاي  تىل گۇرۇپپىسىغا ئائىت بىر مىللەتتۇر. كلاسسىك مەنادا بۈيۈك تۈرك مىللىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئەمما ھاكىم مىللەت (خىتاي مىللىتى) قارشىسىدىكى سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائى، مەدىنى ۋە جۇغراپى ئىمكانىيەتلىرىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر مىللىتى بولۇشقا ھەقلىقتۇر. ئۇنىڭ مىللى غايىسى ۋە مىللەتچىلىك چۈشەنچىسى ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى تارىخى ئېڭىدىن، مىللى مەنپەئىتىدىن، ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائى ۋە مەدەنى سەۋىيەسىدىن جۇغراپى شەرت – شارائىتلىرىدىن چىقىش نۇقتا قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئازاتلىقىدا ئۇيغۇرىزىم غايىسگە يۈزلۈنۈشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر تارىخى ئېڭىنى ئىدراك قىلىشى ئارقىلىق ئىگەللىنىدىغان بىر ھەقىقەتتۇر.

. ئۇيغۇرخەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللىق داۋاسى ئۇچۇن باش قاتۇرۇۋاتقان، جان كويدۇرۇۋاتقان بارلىق شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرى جۇملىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى، شەرقى تۇركىستان مەجىلىسى ۋە سۇرگۇندىكى ھوكۇمەتلىرى پەقەت ئۇيغۇر كىملىگى، ئۇيغۇر مىللىتى، ئۇيغۇر ئىلى، ئۇيغۇر دەۋلىتى ۋە ئۇيغۇرىزىم يولىدا بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ “ ئۇيغۇر مىللى ئازاتلىق ھەركىتى“ نى قانات يايدۇرۇپ، بىرجان- بىر تەن بولۇپ بىرلەشكەندىلا، ئۇيمۇغۇرلۇققا خاتىمە بېرىپ، جىدەل–ماجرادىن ساقلانغاندىلا ئىناقلىقتىن كۇچ-قۇۋەت تاپالايدۇ.

.

11. جانابى ئاللاھ ئىنسانلارنى يالغۇر بىرلا ئىسلام ئۇممەتتىدىن ئەمەس، خىلمۇ-خىل دىنلەرگە ئىتقات قىلىدىغان سان-ساناقسىز مىللەتتىن ياراتقان، ئۇيغۇر بەندىسىنى ھەم ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئىڭى، ئۇيغۇر رۇھى، ئۇيغۇر كىملىگى بىلەن بىللە ياراتقان، ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىسلام دىنىگە ئىتىقات قىلىدىغان بىر مىللەتتۇر. بىزگە ئاددى مۇسۇلمان بولۇش كۇپايە. كەڭرى، سىياسى ئىسلامچىلىقنىڭ ھاجىتى يوق،  ئۇنىڭ ھوددىسىدىن چىققۇچىلىگىمۇ يوق. بۇگۇنكى مەنپىئەتچىلىك دۇنياسىدا، ئۇممەت مەنپىئەتىدىن مىللەت مەنپىئەتى ئەلادۇر. ئۇممەتچىلىكتىن مىللەتچىلىك ئەلادۇر. .

.

12. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ مەنتىقلىق شۇئارى: مىللىتىم ئۇيغۇر، ۋەتىنىم ئۇيغۇرئىلى، دىنىم ئىسلام، يولۇم ئۇيغۇرىزىم، غايەم مۇستەقىللىق شەكلىدە بولىشى كىرەك.

مەنتىقە (لوگىكا) – ئنسانلارنىڭ پەقەت ئەقىل ۋە زىھنى پائالىيەتلىرىنى تەكشۇرىدىغان، توغرا چۇشۇنىشنىڭ شەرتلىرى ۋە قۇراللىرىنى ئىفادىلەيدىغان بىر ئىلىمدۇر.  سىياسى شۇئارلارنىڭمۇ  ئەلبەتتە بىر مەنتىقى باردۇر،

بىر مىللەتنىڭ ئانا ۋەتىنى پەقەت ئۇ مىللەتنىڭ ئوز ئىسمى بىلەن ئاتالغاندىلا ئۇ مىللەتنىڭ تەبىئى تونۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدىغانلىغى ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ئومۇمى ھەقىقەتتۇر. ھالبۇكى يېقىندىن بېرى “مىللىتىم ئۇيغۇر ۋەتىنىم شەرقى تۇركىستان“ دەيدىغان بۇ سىياسى شۇئار ئوبدانلا ئەۋج ئالدى.  شۇكۇرلەر ئولسۇن، ئۇيغۇرلار مىللى كىملىگىنى ئاستا ئاستا تونۇپ يېتىشكە باشلىغانلىغى مەلۇم. ئامما ۋەتەن كىملىگىنى تىخى بىلەلمىدى. مىللەت كىملىكى ۋە ۋەتەن كىملىگى بىربىرىىنى تاماملىغاندىلا ئىختىيارسىز تونۇلۇشقا تەڭكەش قىلالايدۇ. ئەگەر سىز شەرقى تۇركىستان داۋاسىنى يەنىلا  شۇ بۇرۇنقى كلاسسىك پان تۇركىزىم ئىدىلوگىيەسى بىلەن داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرسىڭىز ئۇ ھالدا ھىچ ئىككىلەنمەي “مىللىتىم تۇرك ۋەتىنىم تۇركىستان“ دىيىشىڭىز لازىم… ياق! بىز ئۇيغۇر مىللىتى دىسڭىز ئۇ ھالدا.  ‘مىللىتىم ئۇيغۇر ۋەتىنىم ئۇيغۇرىستان“ دىيىشىڭىز لازىم…. مەنتىقسىز شۇئارلار بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئەقىلگە سىغمايدۇ…

ئادەتلەنگەن كوزقاراشلارنىڭ بويۇنتۇرۇغىدىن قۇتۇلالمىغان “شەرقى تۇركىستان“ لىق دوستلارغا ئۇيغۇر كىملىگىدىن ئىبارەت بۇ ئورتاق نوختىدىن ھەركەت قىلىشنىڭ، ئۇيغۇر دەۋلىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ زورۇرىيەتىنى ئۇختۇرالماسلىقنىڭ ئازابىنى چەككەن بولساممۇ، بۇ خۇسۇستىكى ئىلمى تەتقىقات ۋە يەكۇنلىرىمدىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۇسىگە بولغان ئومىت-ئارزۇلىرىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمىدىم. ئەكسىنچە، بۇ جەرياندا تىخىمۇ كەڭرى، تىخىمۇ چوڭقۇر ۋە تىخىمۇ كۇچلۇك ئىلمى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم.  شۇنداقتىمۇ سەۋەنلىكلەرنىڭ سادىر بولىشى تەبىئى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھالىغا كويۇنگەن، تەقدىرىگە قىزىققان ھەرساھا ئەرباپلىرىنىڭ تارىخى ھادىسەلەرنى ئىلمى يۇسۇندا تەتقىق قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مەۋجۇدىيەتلەرگە ھورمەت قىلىش ئاساسىدا ئاقىلانە جەسۇرانە مۇئامىلە قىلىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.

تارىخى تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇيغۇرخەلقى پانتۈركىزىم، پانئىسلامىزىم خام-خىيالىدىن ئۇزۇل-كىسىل قۇتۇلۇپ، ئۇيغۇرىزىم يولىنى تاللىمىغىچىە، ئۇيغۇر كىملىگىگە ھەقىقى تۇردە ساھىپ چىقمىغىچە دۇنيادا ئومۇمىيۇزلۇك ھىسداشلىق قازانالمايدۇ.  ھىچبىر دەۋلەتنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بىزگە ئىسمى-جىسمىگە لايىق ئۇيغۇر بولوش، ئاددى مۇسۇلمان بولۇش كۇپايە. پانتۈركىزىم ۋە پانئىسلامىزىمنى شەرەپ بىلىپ ئوزىنى بىھۇدە ئاۋارە قىلىشنىڭ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە پايدىلىق پۇرسەت يارىتىشنىڭ ھىچبىر مەناسى يوقتۇر…

بىز ئۇيغۇرلاردا ”بۇغداي ئۇنمىگەن يەرگە ئارپا تېرىپ باق“ دەيدىغان بىر ماقال بار. بىز بۇ مۇنبەت تۇپرىقىمىزغا سۇپەتلىك ئۇرۇقلىرىمىز تۇرۇغلۇق بىر نەرسە ئۇندىرەلمىدۇق. ھەتتا ئۇنۇپ چىققىنىنىمۇ پەرۈىش قىلالمىدۇق… بۇ تەۋسىيەم ئۇيغۇر داۋاسىغا كوڭۇل بولگەن مىللەتچى، ئۇممەتچى، سىياسەتچى، تارىخچى، ئىنقىلاپچى دوستلارنىڭ ۋە سىتراتىگىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەكرار باشقاتۇرۇپ بىقىشىغا تۇرتكە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس…

ھورمەت بىلەن
دوكتور نىمەتۇللاھ رەشىدى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …