ئانا مىھرى

بىر يۇتۇم ھېكايە

سەھەر:

بۇرۇنقى زاماندا يىراق بىر يۇرتتا، بىر زالىم پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ زالىملىقتا ۋە ئەيش ئىشرەتتە شۇنداق ئۇچىغا چىقىپتۇكى ئەيھانناس!!!!! پۈتۈن شەھەردىكى يالغۇز ئاياللارنى، ھەرىمىگە چاقىرتىپ كېلىپ، كۆڭۈل ئاچىدىكەن. سەھەردە ئەگەر ئايال پادىشانى رازى قىلالىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن.ئەگەر رازى قىلالمىغان بولسا ئايال جاللاتنىڭ قىلىچىدىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ شەھەردە 5 ياشلىق قىزى بىلەن بىللە ياشايدىغان بىر تۇل ئانا پادىشانىڭ ھەرىمىگە چاقىرتىلىپتۇ.

ئانا قىزىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشقا ۋە ياكى ئۇنى خوشنىلىرىنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويۇشقا قىيماپتۇ ۋە قىزىنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئانا-قىز مېڭىپتۇ مېڭىپتۇ بىر يەرگە كەلگەندە، ئالدىغا ناھايىتى زور، بويى كۆكلەرگە قەدەر تاقاشقان بىر قاپاق تېرەك ئۇچراپتۇ. ئانا بىلەن قىز قاپاق تېرەكنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئاپتۇ. قاپاق تېرەكمۇ ئۆزىنڭ ئىللىق غۇلاچلىرىنى كېرىپ، ئانا بىلەن قىزغا سايىۋەن بوپتۇ. شۇ ئەسنادا ئانا قاپاق تېرەك بىلەن سۆھبەتلىشىپ قاپتۇ. ئانا قاپاق تېرەكتىن: ”ئەي قەددى قامىتى كۆكلەرگە تاقاشقان قاپاق تېرەك، قۇچاق يەتكۈسىز بەستى قامىتىڭ ۋە بوي تۇرقۇڭ بىلەن مېنىڭ مۇشۇ 5 ياشلىق قىزىمغا بىر كېچىلىك پانالىق بەرگەن بولساڭ ۋە قىزىمنى بىر كېچە يوغان شاخلىرىڭنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، يىرتقۇچ ھايۋان ۋە يامان نىيەتلىك ئادەملەردىن قوغداپ بەرگەن بولساڭ“ دەپ ئۆتۈنۈپتۇ. قاپاق تېرەك ئانىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە ماقۇل بوپتۇ ۋە قىزنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەن شاخلىرىنىڭ بىرىگە يەرلەشتۈرۈپتۇ. ئانا سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئالدىدا يەنە قىزىدىن دىگەندەك خاتىرجەم بولالماپتۇ ۋە قاپاق تېرەككە قاراپ: ”ئەي قاپاق تېرەك، سەن مىۋىسىز دەرەخ بولغىنىڭغا قارىغاندا، ئانا مېھرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى تازا ياخشى بىلمەسلىگىڭ مۈمكىن. قىزىمغا بىر كېچە تېخىمۇ ياخشى قارىشىڭ ئۈچۈن، ئانا مېھرىمدىن بىر كېچىلىكنى قالدۇرۇپ كېتەي“ دەپتۇ ۋە ئۆز ئانا مېھرىدىن بىر كېچىلىگىنى قاپاق تېرەككە قالدۇرۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئەتىسى سەھەردە ئانا قايتىپ كېلىپ قاپاق تېرەكنىڭ پانالىغىغا تاپشۇرغان قىزىنى ساق سالامەت قولىغا ئېلىپ، قاپاق تېرەككە شۈكران تەشەككۈرلىرىنى ئېيتىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ.

ئەمما بىر كۈنلۈك ئانا مىھرىدىن ئوزۇق ئالغان قاپاق تېرەكنىڭ يوپۇرماقلىرى تېخىمۇ يوغىناپ، تېخىمۇ زىچلىشىپ، تېخىمۇ بۈك باراقسان تېخىمۇ مېھىر مۇھەببەتلىك بىر قاپاق تېرەككە ئايلنىپتۇ.

قاپاق تېرەك ئەسلىدە ھازىرقىدەك ئۇنچىلا بۈككىدە يوپۇرماقلىق بىر پانالىق تېرىگى ئەمەس ئىكەن. ئەمما بىر كۈنلۈك ئانا مېھرىدىن ئالغان ئوزۇق بىلەن قاپاق تېرەك ئۆي ماكانسىز قالغان مۇساپىرلارغا پانالىق بېرىدىغان، ھۈپپىدە مىھرى ئىللىق بىر تەبىئى مۇساپىرخانىغا ئايلىنىپتۇ.

ئانا مىھرى، يىراق ۋەتەننى گۇئانتانامۇ بىلەن تۇتاشتۇرغان مېھىر.

ئانا مېھرى، ئىز دېرەكسىز غايىپ بولغان ئوغلىنى ئىزدەپ، چۇققانلىرىنى دۇنياغا قەدەر ئاڭلاتقان پاتىگۈل غۇلامنىڭ مېھرى.

ئانا مېھرى، بىر كۈن كەچكىچە ئىشلەپ، ئىشتىن چۈشكەندە يەنە ھېرىپ ئاچقىنىغا قارىماي، ئائىلسى ئۈچۈن مېزىلىك تاماق تەييارلاش غېمىدە يۈرگەن مېھىر.

ئانا مېھرى، كۈلكە چاخچاق دەستىخانلىرى بىلەن ۋەتەن ھەسرىتىنى، مۇساپىر غېرىپلىقنى پەسلەتكەن، ساڭا ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىكلىتىلگەن ۋەتەننى بېغىشلىغان مېھىر.

ئانا مېھرى ئۆزى ئۈچۈن بىرنەرسىلەر ئالماق بولۇپ بازارغا چىققان، ئەمما ئۆيى، بالىسى ۋە يولدىشى ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەر قولتۇقلاپ كىرگەن مىھىر.

ئانا مىھرى، ئەرنىڭ ۋە بالىنىڭ چىرايىغا تەپكەن خاتىرجەملىك مىھرى.

ئانا مىھرى، كېچىلىرى كۆزىنى يېرىم ئېچىپ، ئەللىيى ئۈچۈن سۈت تەييارلىغان، لاتىسىنى ئالماشتۇرغان،24 سائەت توختىماي مېھىر چاچىدىغان خىسلەتلىك مىھىر.

ئانا مىھرىسىز نە پادىشانى، نە بىر قەۋمنى، نە بىر دۆلەتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولماس.

ئانا مىھرى سەپەرگە ماڭساڭ ئارقاڭدىن سۇلار چاچقان، دۇئالار تۆككەن مىھىر.

ئىلاۋە :بىر كۈنى شەيتانلارنىڭ باشلىغى ئىبلىس يىغىن ئېچىپتۇ. ئۇ شەيتانلارغا: ”بىز بەندىلەر ئارىسىدا پىتنە تارقىتىش، غەپلەتكە سېلىش، غەيۋەت شىكايەتكە باشلاش ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرەلمەيۋاتىمىز. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن بۇزغۇنچىلىق ئىشىنى ئائىلىدىن باشلىشىمىز، ئەرنى ئايالدىن، ئايالنى ئەردىن يىراقلاشتۇرۇش، بالىنى ئاتا ­-ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىدىغان چېچىلاڭغۇ بىر ھالەتكە ئەكىلىشىمىز كېرەك“ دەپتۇ. يىغىن ئاخىرلىشىش ئالدىدا ئىبلىس يەنە: ‘ ئائىلە ئىنسانلار جەمىيتىنىڭ جېنى، ئائىلىلەرنى بۇزۇۋەتسەڭلار ئىنسانلارنى ئېزىقتۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەملەر ئارىسىدىكى شەيتان سۈپەت ئادەملەردىن ياخشى پايدىلىنىڭلار ۋە ئالدى بىلەن بۇ 5 ئائىلىنى پىتنە تارقىتىپ بۇزۇۋېتىڭلار دەپ جامائەت ئىچىدە تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقان 5 ئائىلىنىڭ تىزىملىگىنى شەيتانلارغا بېرىپتۇ.

بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىبلىس خىزمەتلەردىن خۇلاسە چىقىرىش ئۈچۈن، شەيتانلارنى يەنە يىغىنغا چاقىرىپتۇ.

خوش قېنى، مەن سىلەرگە پىتنە تېرىپ، بۇزغۇنچىلىق ئۇرۇغى چېچىپ، تېرە -پېرەن قىلىۋېتىش بۇيرىغى بەرگەن 5 ئائىلىنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلالىدىڭلارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ ئىبلىس شەيتانلارغا قاراپ. ئارىنى ئېغىر سۈكۈنات قاپلاپتۇ. ئارىدىكى بىر شەيتان سۈكۈناتنى بۇزۇپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ:“ئىبلىس جاناپلىرى سىلى بۇزۇۋېتىش بۇيرىغى بەرگەن بۇ 5 ئائىلىدە، ئانا مىھرى ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىكەنكى، بىز شەيتانلار بۇ مىھىر يىلتىزنى چاناپ- چاناپ قومۇرۋېتەلمىدۇق. بۇ ئائىلىلەردىكى ئانا مىھرى ئائىلىسى ئۈچۈن بىر پولات قورغان ياساپ چىقىپتۇ. بىز شەيتانلار بۇ قورغاننىڭ ئىچىگە كىرەلمىگۈدەكمىز، چۈنكى بۇ ئانا مىھرى ئاللاغا ئەڭ يېقىن مىھىر ئىكەن“ دەپتۇ.

ئانا مىھرى ئادىمى شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىسىگە بورا يېقىپ ئوت قويۇپ بەرگەن مىھىر. قىز مىھرى، ئايال مىھرىدىن تاۋلىنىپ ئانا مىھرى دەرىجىسىگە يەتكەن بۇ مىھىر، يەرلەرنى كۆكلەرگە تۇتاشتۇرغان، دۇنياغا مۇھەببەت ۋە ئىللىق ھارارەت چاچقان مىھىر.

ئانا مىھرى، قۇياشتىن قالسا ھارارىتى ئەڭ كۈچلۈك بولغان 2-چوڭ مىھىر. ئانا مىھرىسىز دۇنيا سوغۇق ۋە روھلار ئالىمى قاراڭغۇدۇر.

يۈز ئەركەكنىڭ ئويغانغىنىدىن، بىر قىزنىڭ، بىر ئايالنىڭ،بىر ئانىنىڭ ئويغانغىنى ئەۋزەلدۇر مىللەت ئۈچۈن.

ئەر باشقا، ئەركەكلىك باشقا، ئايال باشقا ئاياللىق باشقا، ئانا باشقا ئانىلىق باشقا. بىرىنجىسى پەقەت ۋە پەقەت جىنس پەرقىدۇر. ھايۋاندىمۇ باردۇر جىنىس پەرقى. ئەمما ئەركەكلىك ئاياللىق ۋە ئانىلىق بۇ يەنە بىر باشقا چوڭقۇر دۇنيا .

قىزغا،ئايالغا،ئانىغا مىھرسىز باقماڭ، دۇنيا رەنجىيدۇ.

ھاي-ھاي، قىزغا،ئايالغا،ئانىغا ئۇزۇتۇلغان بىھاجەت قاتتىق قوللارننى تۆۋەن چۈشۈرۈڭ. چۈنكى ئانا مىھرىگە ئۇزۇتۇلغان قول مەككىگە ئۇزۇتۇلغان قولدۇر.

 

تۈگىدى.

 

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …