گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىسلامدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى(RFA)

kishilik-hoquq-islam-gollandiye.jpg

ئۇيغۇرلار ئىسلامدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 7-دېكابىر، گوللاندىيەدىكى.

RFA/Pidaiy

7-دېكابىر كۈنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە جەم بولغان ئۇيغۇرلار دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئىسلامدىكى بەلگىلىمىلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقتى.

قۇرئان كېرىم تېلاۋىتى بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن، گېرمانىيەدىن كەلگەن «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ئالدى بىلەن يېراق-يېقىندىن كەلگەن بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ قەدەملىرىگە بەرىكەتلەر تىلەپ، تەبرىك سۆزى قىلدى. ئاندىن بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپىنى ئېلان قىلدى.

جەمئىيەت رەئىسى ئىيسا قاراجىم ئىسلامدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار كۆرسەتمىلەرنىڭ 1400 نەچچە يىل ئىلگىرى مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى؛ بۈگۈنكى دۇنيا ئەللىرى تەقەززا بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار نۇرغۇن قانۇن- نىزاملارنى ھەرقايسى رايونلاردىكى ۋە تەبىقىلەردىكى ئىنسانلار ئارىسىدا ئادالەت بىلەن يۈرگۈزۈشتە توسالغۇلارنىڭ كۆپ بولۇۋاتقانلىقى؛ ئۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ، ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تونۇشىنىڭ توغرا ۋە چۇڭقۇر بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقى قاتارلىقلارنى بىر قاتار مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە: ئىسلامدا ئىنسانغا بېرىلگەن كىشىلىك ھوقۇقلار-ئىساننىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقى، مال-مۈلۈك سەرپ قىلىش ھوقۇقى، ساياھەت قىلىش ھوقۇقى، شان-شەرىپى، جېنى، مېلى ۋە نەپسىدىن تارتىپ، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي قاتارلىق بارلىق ساھەلىرىگە قەدەر باغلىنىشلىق بولغان كۆپ تەرەپلىمىلىك ھوقۇق بولۇپ، بۇ جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆز ھەققىنى قوغدىشى تامامەن يوللۇق ئىكەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ تەقەززاسى بىلەن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە مەقسەت-غايىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى ۋە ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن بايراق، ئېزناك ۋە كىتاب قاتارلىقلارنى گوللاندىيەدىكى ۋەتەنداشلىرىغا دوستلۇق سوۋغىسى سۈپىتىدە تارقىتىپ بەردى.

ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشلاردا غىزالىنىش، ناماز ئوقۇش ۋە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشلار بولدى. ۋەتەن، مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى، كەلگۈسى ھەققىدە تەسەۋۋۇر-غايىلىرى تالاش-تارتىش قىلىندى. بولۇپمۇ گېرمانىيەدىن كەلگەن پائالىيەتچى ئابدۇرېھىمجاننىڭ بارىن ئىنقىلابى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن ھاياجانلانغان كۆپچىلىك، بەس-مۇنازىرە بىلەن قىزىپ كېتىپ، تاكى يېرىم كېچىگە قەدەر مۇڭداشتى.

ئارىلىقتىكى پۇرسەتتە زىيارىتىمىزگە ئىنكاس بەرگۈچىلەر يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى.

بىز پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىسلامدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى ۋاقىپلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىيسا قاراجىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىنى، رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن قىسقىچە ئورتاقلاشتى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/kishilik-hoquq-islam-12102014154721.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …