تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى، تەرەققىياتى ۋە بۈگۈنكى ئەمىلىي كۈچى ھەققىدە دەسلەپكى ئانالىز

 

perhat

پەرھات يورۇڭقاش

تىبەت مىللىي ھەرىكىتى بۈگۈن خەلقارادا غايەت زور ھەسداشلىققا، قوللاشقا ۋە ياردەمگە ئىگە.

شۇنداق دىيىشكە بولۇدۇكى، تىبەت مىللىي ھەرىكىتى ھازىر دۇنيا سىياسى سەھنىلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقوقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەسىر مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ نوپوزلۇق ۋە ئەڭ قۇدۇرەتلىك كۈچلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا بەزى مۇستەقىل دۆۋلەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى، بولۇپمۇ غەرىپ ئەللىرىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن دالاي لامانىڭ ۋە ئۇنۇڭ رەھبەرلىكىدىكى تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقارالىق نوپوزى ۋە تەسىرىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

بۈگۈن دالاي لاما ۋە ئۇنۇڭ باشچىلىقىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خەلقارادا رەسمى قانۇنى سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، خەلقارا قانۇن مۇتەخەسىسلىرى جەمىيىتى تەرىپىدىن 1959، 1960 ۋە 1997 – يىللىرى تبەتنىڭ خەلقارادىكى قانۇنلۇق ئورنى ھەققىدە ئەلان قىلىنغان 3 قەتىملىق رەسمى دوكلاتتا، تىبەتنىڭ خىتاي تەرىپىدىن بەسىۋەلىنغان مۇستەقىل بىر دۆۋلەت ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ تىبەتلىكلەرنىڭ 1912 – يىلىدىن 1950 – يىلىغا قەدەر بولغان مەزگىلىنىڭ تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش دەۋرى بولغانلىقىنى ۋە بۇنۇڭ خەلقارا قانۇنلاردىكى مۇستەقىل دۆۋلەتلەر پىرىنسىپىغا تامامەن ماس كەلىدىغانلىقى ئەنىق كۆرسۈتۈلگەن ئىدى.

شۇندىن بۇيان ئامەرىكا، ئاۋۇستىرالىيە، كانادا، ئەڭىلىيە، فىرانسىيە، گەرمانىيە، ھىندىستان، شۋىتسارىيە، بىلگىيە، نورۋىگىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، لاتۋىيە … قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق دۆۋلەتنىڭ پارلامەنتلىرى يۇقارقى قانۇن ئاساسقا تايىنىپ تۇرۇپ تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس 60 قەتىمدىن ئارتۇق قارا لاھىيەسى ماقۇللاپ، تىبەتنىڭ خىتاي تەرىپىدىن بەسىۋەلىنغان مۇستەقىل بىر دۆۋلەت ئىكەنلىكىنى، دالاي لامانىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق تىبەتلىكلەرنىڭ بىردىن – بىر قانۇنلۇق ئالى رەھبىرى ئىكەنلىكىنى، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بارلىق تىبەتلىكلەرنىڭ بىردىن – بىر قانۇنلۇق ۋەكىللىك ئورگىنى ئىكەنلىكىنى ئەلان قىلىشتى.

بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ قارار لاھىيەسى ماقۇللىغانلار ياۋروپا پارلامەنتى بىلەن ئامەرىكا پارلامەنتى بولۇپ، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسۈتۈلىشىچە ياۋروپا پارلامەنتى 1987 – يىلىدىن بۇيان تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە 15 قارار ماقۇللىغان، ئامەرىكا پارلامەنتىدىمۇ 1959 – يىلىدىن بۇيان 11 قارار لاھىيەسى ۋە 6 قانۇنى ھۆججەت ماقۇللانغان.

شۇڭا ھازىر خەلقارالىق قانۇن نۇختىسىدىن ئالغاندا تىبەتلىكلەر خالىسا خىتاي بىلەن بىرگە ياشاش، خالىسا خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش ھوقوقىغا ئىگە.

تىبەتلىكلەر ھازىر خەلقارادا ئىنتايىن قۇدۇرەتلىك بىر قوللاشقا ئىگە بولۇپ، ھازىر 30 نەچچە دۆۋلەتنىڭ پارلامەنتلىرىدا مەخسۇس تىبەت مەسىلىسىنى قوللاش گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، بەزى پارلامەنتلاردىكى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ سانى 200 دىن ئاشىدۇ، يەنى، بەزى دۆۋلەتلەرنىڭ پارلامەنت ئەزالىرىنىڭ يەرىمى دىگۈدەك تىبەتنى قوللۇغۇچىلاردىن ئىبارەت.

ئۇندىن باشقا يەنە دۇنيادىكى 60 تىن ئارتۇق دۆۋلەتتە مەخسۇس چەتەللىك دىنى زاتلار، ئەدىبىيات – سەنەتچىلەر، ئالىملار ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى زاتلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان 380 تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتى بار، يەنە ھەرقايسى ئەللەردىكى ئالى مەكتەپلەردە چەتەللىك ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتلىرىنىڭ سانىمۇ 450 دىن ئاشىدۇ.

بۇ تەشكىلاتلار دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ مەسخۇسلا تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنى قوللاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

بۇندىن باشقا يەنە 40 تىن ئارتۇق دۆۋلەت ۋە رايوندا چەتەللىكلەر تەرىپىدىن 900 دىن ئارتۇق تىبەت مەدىنىيەت مەركىزى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەركەزلەرمۇ تىبەت داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

ئۇندىن باشقا يەنە تىبەت مەسىلىسى ھازىر بدت كىشىلىك ھوقوق كەڭىشى، بدت مۇساپىرلار ئالى كەڭىشى، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى … قاتارلىق خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ موھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنى دالاي لاما بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تىبەت مەسىلىسىنى تەل – تۆكۈس ھەل قىلىشقا قىستاپ كەلمەكتە.

ھەتتا تۈركىيە، لىۋىيە قاتارلىق خەلى كۆپلىگەن موسۇلمان دۆۋلەتلەرمۇ تىبەتنى قوللاش سەپىدىن يەر ئالغان بولۇپ، 1996 – يىلى 12 – ئايدا دالاي لاما تۈركىيەنى زىيارەت قىلىغاندا، ئۇنۇڭغا < تۈركىيە تەنىچلىق ئالى مەدالى > تەغدىم قىلىنغان ئىدى.
دالاي لاما ھازىر زىيارەت قىلغانلىكى دۆۋلەتتە مەخسۇس دۆۋلەت رەھبىرى قاتارىدا قارشى ئەلىنىشقا ئۇچراپ كەلمەكتە.

تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقان دۆۋلەت ۋە رايونلار ھەر يىلى دىگۈدەك تىبەتكە بىۋاستە تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى ئىۋەتىپ، خىتاينىڭ تىبەتكە قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ھەر بىر سىياسىتىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئەلىپ، خىتاينىڭ پۈت – قولىنى كۈشەپ كەلمەكتە.

بۈگۈن دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقارادىكى تەسىرىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە زور بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىن ھەر جەھەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرماقتا.

بۈگۈن تىبەت مىللىي ھەرىكىتى خەلقارادا ئىنتايىن زور سىياسى تەسىرگە ۋە نوپوزغا ئىگە بولۇپ، تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە چەتەللىكلەر تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان تىبەتنى قوللاش گۇرۇپپىلىرى خۇددى ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك پۈتۈن دۇنيانى ئوراپ ئالغان.

تىبەتلىكلەرنىڭ چەتەللەردىكى ئەڭ يۈكسەك رەھبەرلىك ئورگىنى بولسا دالاي لاما يەتەكچىلىكىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ دارىسالام رايونىنى مەركەز قىلغان بۇ سەرگەردان ھۆكۈمەت بولسا 59 – يىلى 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى يۈزبەرگەن تىبەت قوزغىلىڭىدىن بۇرۇنقى تىبەت يەرلىك ھۆكۈمىتىڭ چەتەلدىكى داۋامىدىن ئىبارەت.

تىبەت يەرلىك ھۆكۈمىتى 1959 – يىلى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان، 1965 – يىلى 9 – ئايدا ھازىرقى < تىبەت ئاپتونوم رايونى > قۇرۇلغان ئىدى.
دالاي لاما ھىندىستانغا قەچىپ چقىشتىن بۇرۇن خىتاي مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەيىسى ئىدى، ئارىدىن 5 يىل ئۆتۈپ، 1964 – يىلىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ بۇ مەنسىۋىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئەلان قىلدى.

چەتەلدىكى تىبەتلىكلەرنىڭ تەشكىلى ئاپاراتى 3 چوڭ مۇستەقىل ئورگاندىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بىرى، تىبەر سەرگەردان ھۆكۈمىتى، بىرى، سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامەنتى، يەنە بىرى بولسا سۈرگۈندىكى تىبەت ئالى سوتىدىن ئىبارەت. بۇ 3 ئورگان بىر – بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ ۋە بىۋاستە دالاي لامانىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا پائالىيە ئەلىپ بارىدۇ.

سەرگەردان ھۆكۈمەت بولسا دىن ۋە مەدىنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، مائارىپ مىنستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، سەھىيە مىنىستىرلىكى، بىخەتەرلىك مىنستىرلىكى، تاشقى ئىشلار ۋە تەشۋىقات مىنىستىرلىكى قاتارلىق 7 مىنىستىرلىك ۋە كۆپلىگەن مەركەز ۋە كومۇتەتلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ مىنىستىرلىك ۋە ئورگانلار ھەرگىزمۇ سىموۋۇل خارەكتىرلىك بولماستىن، بەلكى خۇددى مۇستەقىل دۆۋلەتلەرنىڭ ئورگانلىرىدەك ئەمىلىي خىزمەت قىلىدۇ.

مەسىلەن، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسۈتۈلىشىچە، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدا ھازىر ھىندىستان، نەپال، بۇتان قاتارلىق ئەللەردە تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان 200 دىن ئارتۇق بۇدخانا ۋە 5000 دىن ئارتۇق راھىپ، يەنە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان 1000 دىن ئارتۇق دىنىي جەمىيەت، 100 دىن ئارتۇق دىنىي مەكتەپ بار.

يەنە سەرگەردان تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا 87 تىبەت ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتىۋى ۋە بىر ئالى مەكتەپ، ئىككى مىڭغا يەقىن تىبەتلىك كەسپى ئوقۇتقۇچى، 27 مىڭ ئوقۇغۇچى بار، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ھىندىستاندىكى تىبەت ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىن 1000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى باشقا ئەللەردىكى نۇختۇلۇق ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئىۋەتىپ تۇرىدۇ.

ھازىر چەتەلدىكى تىبەتلىكلەرنىڭ سانى 128 مىڭ نەپەر بولۇپ، ھەر يىلى تىبەتتىن ھىندىستان، نەپا ئارقىلىق چەتەلگە 4000 – 5000 نەپەر مۇساپىر قەچىپ چىقىدۇ، ھازىرغا قەدەر چەتەلدىكى 70 مىڭ نەپەرگە يەقىن تىبەتلىك مەخسۇس سەرگەردان تىبەت ھۆكۈمىتى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان دىن، مىللىي مەدىنىيەت ۋە تىل – يەزىق كۇرسلىرىدىن ئۆتكۈزۈلگەن.

چەتەلدىكى تىبەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ تىبەتچە مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى 99 پىرسەنت بولۇپ، ۋەتەندىن يەڭى قەچىپ چىققانلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئوقۇش ھەققى ئەلىنمايدۇ.

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنۇڭدىكى مەقسىدى بىر تەرەپتىن چەتەلدىكى تىبەتلىكلەرنىڭ تىل – مەدىنىيىتىنى قوغداپ قەلىش بولسا، يەنى بىرى تىبەت داۋاسى ئۈچۈن خىتاينىڭ ۋە كوممۇنىستىك ئىدىلوگىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان كەسپى سىياسى پائالىيەتچىلەرنى تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.

شۇنۇڭ ئۈچۈنمۇ ھازىر چەتەلدىكى تىبەت مىللىي ھەرىكەت قوشۇنىدا ۋەتەنپەرۋەر ئىقتىساس ئىگىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەرقايسى تەشكىلى ئورگانلاردا مائاشلىق خىزمەت قىلىۋاتقان كەسپى خادىملارنىڭ سانى 1000 دىن ئاشىدۇ.

ئىقتىسادى جەھەتتىن ئەلىپ ئەيتقاندىمۇ ھازىر تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىسادى كۈچى ئىنتايىن زور بولۇپ، چەتەل فوندا جەمىيەتلىرىنىڭ ياردىمىسىزمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي داۋاسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى قامداشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

مەسىلەن، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكى 1969 – يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ مىنىستىرلىكنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1972 – يىلى 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن ئەتىبارەن چەتەلدىكى بارلىق تىبەتلىكلەرگە < تىبەت ئەركىنلىك كەنىشكىسى > تارقىتىلغان ۋە شۇندىن بۇيان ھەر بىر تىبەتلىك مەيلى قايسى دۆۋلەتتە ياشىسۇن، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىگە مۇقىم ھالدا بەدەل پۇلى تۆلەپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، ھىندىستاندا 6 – ئايشتىن 18 ياشقىچە بولغان تىبەتلىكنىڭ ھەر بىرى يىلدا تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىگە 36 رۇپىيە، 18 دىن ئاشقانلار 46 رۇپىيە تاپشرۇشى لازىم، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئايلىق مائاشىنىڭ 2 – 4 پىرسەنتىنى، سودىگەلەرمۇ ئەھۋالىغا قاراپ ساپ كىرىمىنىڭ 15 پىرسەنتىگە قەدەر ئەركىنلىك بەدىلى ئۆتەيدۇ.

ئۇندىن باشقا يەنە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋە دالاي لاما ئىشخانىسى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان گىلەمچىلىك، كۆنخۈرۈم، يۈڭ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك زاۋۇتلىرى ۋە تىبەتچە ئاشخانا – رەستورانلار ۋە نەشرىيات ئورگانلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئالغان پايدىسىمۇ يەنە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىكىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

چەتەلدە تىبەتلىكلەر ياشاۋاتقان ئەللەرنىڭ ھەممىسىدە سەرگەردان ھۆكۈمەتنىڭ ۋاكالەتچىلىرى، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خادىملىرى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇلار شۇ ئەللەردىكى سىياسى پائالىيەتلەرگە يەتەكچىلىك قىلغاندىن سىرت، يەنە تىبەت ئەركىنلىك بەدەل پۇلى يىغىشقىمۇ كاپالەتلىك قىلىدۇ.

گەرچە ھازىر تىبەتلىكلەرگە ياردەم قىلىۋاتقان چەتەل فوندا جەمىيەتلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇلا ئەمەس، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مىنىستىرلىكلىرىمۇ ئەمىلىي كۈچكە ۋە باشقۇرۇش ھوقوقىغا ئىگە.

مەسىلەن، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدا ھازىر 117 دوختۇرخانا، بىر تىببى ئەنىستىتوت بار.

بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنى ئالساق، بۇ مىنىستىرلىك دالاي لامانىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، تىبەت ۋە خىتاي ھەققىدە ئاخبارات توپلاش، ۋەتەندىن قەچىپ چىققان تىبەتلىكلەرنى تەكشۈرۈش، تىزتىملاش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسۇل بولۇپ، ۋەتەندىن يەڭى قەچىپ چىققان ۋە 18 – 28 ئارىسىدىكى ياشلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ مىنىستىرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەخسۇس 5 يىللىق تەلىم – تەربىيەگە قاتنىشىدۇ ۋە بۇ جەرياندا ئەڭىلىز تىلىنى، تىكۈچىلىك، ياغاشچىلىق، توكچىلىق ۋە كومپىيوتىر قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆگۈنۈپ، تۇرمۇشتا ئۆزىنى ئوزى قامدىيالايدىغان دەرىجىگە يەتىدۇ.

تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ۋە تەشۋىقات مىنىستىرلىكى تەركىۋىدىمۇ كۆپلىگەن ئەمىلىي كۈچكە ئىگە ئورگانلار، ئىنتەرنەت تور سەھىپىلىرى، تۈرلۈك تىللاردىكى گەزىت – جورناللار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مىنىستىرلىكنىڭ خەلقارادىكى پائالىيەتلىرىمۇ ئىنتايىن جانلىق.

ئۇندىن باشقا يەنە سۈرگۈندىكى تىبەت ئالى سوتى، 43 ۋەكىلدىن تەركىپ تاپقان سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامەنتى ۋە تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئەمىلى كۈچى ۋە تىبەتلىكلەر ئارىسىدىكى نوپوسىمۇ ئىنتايىن زور بولۇپ، بۇ ئورگانلارنىڭ 50 – 60 دۆۋلەتتە مەخسۇس ۋاكالەتچىلىرى ۋە شۆبىلىرى تەسىس قىلىنغان.

نۆۋەتتە چەتەلدە ياھساۋاتقان تىبەتلىكلەر ئىنتايىن ئۆم ۋە ئىتتىپاق بولۇپ، سىياسى سەزگۈرلۈكى ۋە ھەرىكەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك.

( تىبەت مىللىي ھەرىكىتى ھەققىدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش ئەلىپ بەرىش نەتىجىسىدە مەزكۇر ئانالىزنى ھازىرلىدىم، داۋامى بار )

http://eastturkistaninfo.com/2014/11/16/tibet-milliy-herikitining-teshkili-qurulmisi-tereqqiyati-we-bugunki-emiliy-kuchi-heqqide-deslepki-analiz/

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …