تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (2)

images
ئاپتورى: سەھەر
پوۋست:
2-قىسىم: ئېڭىلىزچە ئۈگۈنۈش مەكتىۋىدە
6 ئايدىن كېيىن.
مەن ھازىر كانادانىڭ،ئەڭىلىزچە 2-تىلىم دىگەن چوڭلار مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتىمەن. يېقىندا 3- سىنىپقا چىقتىم. كاناداغا بىزدىن بۇرۇن كەلگەن بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن، مەھەللىمىزدىكى بۇ مەكتەپكە كىرىپ ئېڭىلىزچە ئوقۇشنى، تىمخورتونغا كىرىشىپ قالغان كۈننىڭ ئەتىسىلا باشلىۋەتكەن ئىدىم. ئەڭىلىزچە 1-دەرسىمنى باشلىغان كۈنۈم،مېنىڭ مەكتەپكە تىزىملىتىش قەغىزىمدىكى ئىسمىمگە قاراپ مۇئەللىمىم ھەيران قالدى. قەغەزنىڭ ئۈستىدە مالىيامۇگۇلى ئابۇدۇرەخەمان دىگەن، بوينۇمغا ئاسىدىغان ئوقۇغۇچىلىق كارتۇچكامدىن تاشقىنلاپ كېتىدىغان بۇ ئىسىمنى كۆرۈپ مۇئەللىمىم ۋاۋ دەپ كۆزلىرىنى چەكچەيتكەنچە، مۈرىلىرىنى قىسىپ دىگەندەك ھەر خىل بەدەن ھەركەت تىللىرىنى قوللۇنۇپ بىرنىمىلەرنى دەپ ئەڭىلىزچە كالدىرلاپ كەتتى. ماڭا ياردەم قىلىپ مېنى بۇ مەكتەپكە ئەكەپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويغان بۇ ئىنىمىزنىڭ تەرجىمانلىق قىلىشى بىلەن مۇئەللىمىمنىڭ، بۇ ئىسىم بەلكا ئۇزۇنكەن مەن بۇنداق ئۇزۇن ئىسىم فامىلىنى كۆرۈپ باقمىغان،ئەگەر ئۇ خالىسا بىز ئۇنىڭ ئىسمىنى قىسقارتىپ، مالىيا دەپ چاقىرايلى دەۋاتقانلىغىنى بىلدىم. ئەسلى دادام ئەزان ئېيتىپ قويغان ئىسمىم مەريەمگۈل ئابدۇراخمان ئىدىم.ئەمما ھازىر مالىيا دەپ چاقىرلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدىم. مالىيا ……………مالىيا ئىچىمدە ئۆز –ئۆزەمگە پىچىرلىدىم. كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغاندەك بولدى. ھەدە مالىيا دەپ چاقىرسا بولامدۇ جاۋاپ بېرىۋەتكەن بولسىڭىز ئالدىرايدىكەن دىگەن ئاۋاز بىلەن ئەسلىمگە كەلدىم. ئەسلىدە ياق مېنى مالىيا ئەمەس مەريەم دەپ چاقىرسۇن دىمەكچى ئىدىم دىيەلمىدىم، ئەڭ توغرىسى دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. شۇنداق قىلىپ ئەسلى ئىسمىم مەريەمگۈل، كېيىن مالىيامۇگۇلى ئەمدىلىكتە بولسا مالىياغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم.
ماڭا كانادانىڭ چوڭلار ئەڭىلىزچە مەكتىۋىنىڭ 1-سىنىپىغا كىرىشىمگە تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەن بۇ بالا، مەكتەپتىن ئايرىلىش ئالدىدا ماڭا: ھەدە سىنىپىڭىزدا خەنزۇ بۇرادەرلەر بەك جىقكەن، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى ھازىرچە ئۇيغۇر، زھوڭگۇنىڭ غەربىدىن كەلدىم دەپ تونۇشتۇرماي تۇرۇڭ دىدى. نىمىشكە؟؟؟؟؟؟ جىددى سوئال سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن. بۇنىڭ جاۋابىنى كېيىن بىلىپ قالىسىز ھەدە، ھازىرچە مەن تۈركىيەدىن كەلدىم تۈرۈك دەپ تۇرۇڭ،5-6ئاي ئۆتكەندىن كېيىن رەسمى ھالدا ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرسىڭىز بولىدۇ دىدى ماڭا ۋە شۇنداق قىلارسىز ھەدە مەن بەك ئالدىرايمەن ئىشقا چىقىدىغان ۋاختىم بولۇپ قالدى دىدىدە كېتىپ قالدى. ۋاي خۇدايىم ئىسمىم مالىيا، مىللىتىم تۈرۈك، دەۋلىتىم تۈركىيە. مەن ماڭا تەۋە ھىچنىمە قالمىغاندەك ھىس قىلدىم.غۇرۇرۇم دەپسەندە بولۇۋاتقاندەك بىر سېزىمگە دۇچار بولدۇم.كانادادەك بىر دىمۇكراتىك دەۋلەتكە كېلىپمۇ مىللى كىملىگىم مەسىلىسىدە، ئۆز –ئۆزەمنى ئىپادە قىلالمايۋاتاتتىم.
مەن يۇقۇردا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى يولدۇشۇمغا ئېيتماسلىقنى يەنە قارار قىلدىم. چۈنكى يولدۇشۇم، مىللى كىملىك ۋە ۋەتەن ھەققىدە بالىلارغا ۋە باشقىلارغا دەرس بېرىڭ دىسە جاھاننى بېشىڭغا كىيىسەن، ئەمما ئۆزەڭگە كەلگەندە قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭنى قارا دەپ مېنى مەسخىرە قىلىدۇ ۋە كۆتۈرۈپ قوپقۇسۇز تاپا تەنە ئىچىدە قالىمەن. خەيرىيەت بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭشايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقت كېرەك. ئۆزەمنىڭ قايسۇ مىللەت ئىكەنلىگىم ۋە ۋەتىنىم ھەققىدە بۇ سىنىپتىكىلەرنى ئەمەس بەلكى پۈتۈن كانادالىقلارنى خەۋەرلەندۈرىدىغان ۋە ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈنلەر ھامان كېلىدۇ.دەپ تەسەللى بەردىم ئۆز-ئۆزەمگە ۋە شۇنداق قارارغا كەلدىم.
شۇنداق قىلىپ تۈركىيەدىن كەلگەن تۈرك ئوقۇغۇچى مالىيا بولۇپ 6 ئاينى ئۆتكۈزدۈم. خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم ماڭا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.ئۇلار ماڭا سىلەر تۈركلەرنىڭ قاش كۆز ۋە كىرپىكلىرىڭلار بەك قويۇق، ئۇزۇن ۋە چىرايلىق كېلىدۇ دەيتتى. دەرس جەريانىدا ئوقۇتقۇچى بىزنى بىرقانچە گۇرپىلارغا بۆلۈپ ئەڭىلىزچە تەلاپپۇز قىلدۇراتتى ۋە مەشقلەرنى ئىشلىتەتتى. بۇنداق چاغلاردا خەنزۇ دوسلۇرۇم، مالىيا سەن بىزنىڭ گۇرپىغا كەل دەپ تالىشاتتى.
تۈنۈگۈن 3-سىنىپتا ئۈگەڭەن ئەڭىلىزچىمىزنى ئەمىلى ئىشلىتىش يۈزىسىدىن، سىنىپتا ئۆزىنى، ۋە دەۋلىتىنى تونۇشتۇرۇش لىكسىيەسى ئۆتكۈزۈلدى. ئەسلىدە بۇنى بىر ھەپتە بۇرۇن مۇئەللىم تاپشۇرۇق قىلىپ بەرگەن ئىدى.
مەن بېشىمغا چىمەن دوپپا، ئۇچامغا ئوتقاشتەك قىزىل ئەتلەس كۆينەك كىيىپ سەھنىگە چىقتىم. كومپىيۇتۇرۇمدىكى دۇنيا خەرىتىسىنى تامغا چۈشۈرۈپ تۇرۇپ، زھوڭگۇ دىگەن جاينى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە ئۆلكىلەردىن ئالاھىدە چوڭلىغى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان غەربى قىسمىنى تاپتىم.
مېنىڭ ئىسمىم مالىيامۇ گۇلى ۋە ياكى مالىيا ئەمەس، مەريەمگۈل مەن سۆزلىگەچ ئىسمىمنى دوسكىغا يازدىم. ئوك ئۇنداقتا نىمىشكە ئىسمىڭ، كىملىگىڭدە مالىيامۇ گۇلى فامىلەڭ ئابۇدۇرەخەمەن بولۇپ قالغان بىزگە ئەڭىلىزچە چۈشەندۈر دىدى مۇئەللىمىم مېنى يېتەكلەپ. چۈنكى زھوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى تارقاتقان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، زھوڭگۇنىڭ بۇ يەردىكى غەربى قىسمىدا 9 مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمان ياشايدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىمىزمۇ خەنزۇچە تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك،شۇ ۋەجىدىن ئىسمىم ۋە فامىلەم شۇنداق بولۇپ قالغان دىدىم مەن خەرىتە ئارقىلىق ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇپ. مۇئەللىمىم ئوك چۈشەندىم، چۈشەندىم مەن سىلەرنى بىلىمەن دىگەنچە كومپىيۇتوردىن بىرنەرسىلەرنى ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى.
سىنىپ ئىچىدىمۇ غۇلغۇلا باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم بولسا، خەنزۇچىلاپ تاشى شىنجىئاڭدە ۋېئىزۇرەن…………….دىيىشمەكتە ئىدى.
مەن شۇ كۈنى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم كېچەك مەدىنيىتى بويىنچە دوپپا مەدىنيىتىنى كۆرسەتتىم. ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا تۈرلىرى 100 خىلدىن ئاشىدۇ ھەر قايسى رايۇن ۋە شەھەرلەرنىڭ ئۆزگىچە دوپپا تۈرلىرى بار، سەن بىر ئادەمنىڭ بېشىدىكى دوپپىسىغا قاراپ، ھە ماۋۇ ئا شەلىككەن ما شەلىككەن دىيەلەيسەن دىدىم مەن يەنە. مېنىڭ ئاددى 3-سىنىپ ئېڭىلىزچە سەۋىيە بىلەن سۆزلىگەن بۇ لىكسىيەمدىن مۇئەللىمىم ئىنتايىن تەسىرلەندى ۋە ماڭا،ئوك مەريەمگۈل سەن بىزگە زھوڭگۇدىن كەلگەن ئەمما خەنزۇ بولمىغان بىر مىللەتنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردىڭ، مەن گوئوگلەدىن تەكشۈرسەم سىلەر كانادادىكى نوپۇزى ئەڭ ئاز مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنسىلەر، ئەمما ئۆزگىچە ۋە چىرايلىق بىر مەدىنيىتىڭلار بىلەن كانادانىڭ كۆپ مىللەتلىك مەدىنيەت باغچىسىدىكى يەنە بىر گۈل بولۇپ جۇلالىنىپ تۇرۇپسىلەر دىدى ۋە كاناداغا خۇش كەلدىڭ دەپ ماڭا قول ئۇزاتتى. مەن مۇئەللىمىمنىڭ قولىنى چىڭ سىقتىم.
سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم مەنى ھەيرانلىق بىلەن ئورىۋېلىشتى ئۇلار مەندىن خەنزۇچە سوئال سوراۋاتاتتى ئەمما مەن ئۇلارغا ئېڭىلىزچە جاۋاپ بېرىۋاتاتتىم. ئارىدىن بىر ساۋاقدىشىم ماڭا، سەن ئەسلىدە خەنزۇچە بىلىدىكەنسەن ئەمما سۆزلىمەپسەن دىدى ئاغرىنغاندەك قىلىپ، شۇنداق سۆزلىمىدىم چۈنكى بۇ كانادا، كانادانىڭ دەۋلەت تىلى ئېڭىلىزچە بولغاندىن كېيىن،ئېڭىلىزچە سۆزلەشنى لايىق كۆردۈم دىدىم مەن ئۇلارغا جاۋابەن. ئارىدىن بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ كەتىپ، سەن قانداق كەلدىڭ كاناداغا دەپ سورىدى مەندىن. ئايرۇپىلان بىلەن كەلدىم، ھەر ھالدا پاروخوت بىلەن كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە مەن يوق دىدىم كۈلۈمسىرەپ. چۈنكى يېقىندا زھوڭگۇدىن قاچاق يول بىلەن كەلگەن بىر پاراخوتتىكى زھوڭگۇلۇقنىڭ كانادا دەڭىز ساھىلىدا سېزىلىپ قېلىپ زھوڭگۇغا قايتۇرۇلغانلىغى ھەققىدە خەۋەرلەر كەڭرى تارقالغان ئىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى تۈپتىن ئۆزگۈرۈپ كەتتى. مەن ھەيران قالدىم ۋە مېنىڭ بۇ مەكتەپكە كېلىپ تىزىملىتىشىمغا ياردەمدە بولغان ئىنىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇنداق دىگەنلىگىنىڭ مەنىسىگە يەتكەندەك بولدۇم.
تىمخورتون كانادانىڭ داڭلىق كوفىئە ماركىسى. خۇددى ستار بوكس ئامېركىنىڭ داڭلىق ماركىسى بولغىنىدەك.كانادادىمۇ ستار بوكس بار ئەمما ئۇ قىممەتلىگى بىلەن بايلارنىڭ كوفىسى. تىمخورتون بولسا ئوتتۇرھال تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى كىشىلەرنىڭ كوفىسى.مەنمۇ ھازىر ھەر كۈنى بىر قېتىم تىمخورتوننىڭ كوفىسىنى ئىچىپ تۇرىمەن. بىر قولۇمدا تىمخورتون دىگەن خەت يېزىلغان قەغەز كارتون ئىستاكانغا قاچىلانغان كوفىئە، بىر قولۇمدا گېزىت، بوينۇمدا سومكام تورونتونىڭ قاينىمىغا شۇڭغۇپ كەتتىم.ھەي خۇدايىم بۇيرىسا 5 سىنىپنى پۈتتۈرۋالسام تىمخورتونغا ئىلتماس قىلىمەن دەپ ئويلايتىم مەن مەكتەپكە كېتىۋاتقاچ.
مىللى كىملىگىم ھەققىدە سىنىپتا سۆزلىگەن لىكسىيەدىن كېيىن كۆپ يېنىكلەپ قالدىم. ھازىر كېچىلىرى كۈلۈمسىرەپ ئۇخلاۋاتىمەن. ئائىلىدىمۇ ئىنتايىن راھەت خۇشخۇي بولۇپ قالدىم. تاماق يەۋاتقاچ مەن قىلغان چاقچاقلاردىن ئىككى بالام ئۈچەيلىرى ئۈزۈلۈپ قالغىدەك تېلىقىپ كۈلۈپ، يەرلەردە ئولتۇرۇپ قالىدۇ.ھەر ھالدا بۇ ئۆتكەلدىن يولدۇشۇمغا ئۇختۇرماي ئامان ئېسەن ئۆتۈۋالدىم.ئەمما بۇ دىگەنلىك ھەممە نىمە تۈگىدى دىگەنلىك ئەمەس، مەن يەنە كانادا ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ ئۆزۈمنىڭ ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى تولۇق ئۆزگەرتىشىم كېرەك قارىغاندا كانادادا قىلىدىغان ئىشلار بەك جىقتەك تۇراتتى.خەپ 5-سىنىپنى پۈتتۈرۋالسام ئىسملىرىمنى تولۇق ئۆزگەرتىپ، بۇ يۈكتىن تولۇق قۇتۇلۇپ كەتىمەن دەپ يەنە ئويلايتتىم مەن.
بەزى كۈنلىر كۆزۈمنى يۇمسام مېن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەشۇ خىلۋەت شەھەردىكى دوس بۇرادەر خولۇم خوشنا،خىزمەتداشلىرىم ماڭا قاراپ ھەي….. مالىيامۇ گۇلى ئابۇدۇرەخەمەن دەپ مېنى مازاق قىلىپ كۈلۈۋاتقاندەك بىر كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. ئۇلار مېنى بىزگىغۇ ئامال يوق، سەنىڭ تېخىچە مالىيامۇگۇلى بولۇپ يۈرۈۋاتقىنىڭ قىززىقتە ھەي……دەپ مازاق قىلىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ئۇلار تېخى مالىيا دىگەن ئىسىملىرىمنى بىلمەيدۇ .تىمخورتوندا ئىشلەشكە كىرىشىپ قېلىشتىن باشقا مىللى كىملىگىم مەسىلىسىنى كانادالىقلارغا چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت يەنە بىر مەسئۇليەت بىلەن قارشىلاشتىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى كانالىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئاددى بىر ئىش بولسىمۇ ئەمما مەندەك بىر يېڭى كەلدى كۆچمەن ئۈچۈن خېلى كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار ئىدى. بوپتۇ سۇنىڭ كۈچى ئاستا، ئەمما زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، كىچىك-كىچىك تۇپراق ۋە قىرلارنى ئۆزىگە قوشۇپ چەكسىز كەتكەن دەريالارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بوپتۇ، كىچىك بولسىمۇ بىر غايەم بولسۇن -دە ھەرگىز دەريا يۈزىدە ئېقىپ كېتىۋاتقان يومۇرماق ۋە سامانلارغا ئوخشاپ قالماي. ئۇ نەرسىلەر ئۆزى ئاقمايدۇ بەلكى سۇنىڭ كۈچى ئۇلارنى ئاقتۇرىدۇ. مەن ھەرگىز ئۆزى ئاقماي سۇنىڭ كۈچى ئاقتۇرىدىغان سۇ يۈزىدىكى سامان ياغاچلىرى بولۇپ قالمايمەن دەپ ئۆز- ئۆزەمگە تەسەللى ۋە مەدەت بېرەتتىم بەزىدە. تۈنۈگۈن تۈركچە بىر ماتىريال كۆرۈۋېتىپ مۇنداق بىر جۈملىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.ۋەتەننىڭ ئوت پراقلىرىنى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى تېخىمۇ ئاشۇراي،ۋەتەننىڭ قەدرىگە بەكرەك يېتەي دىسەڭ بىر مەزگىل ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەلدە ياشا. شۇنداق بۇ ناھايىتىمۇ توغرا گەپ دەپ تەستىقلىدىم ئىچىمدە مەن چەتئەلگە چىققاندىن بۇيان، بولۇپمۇ كاناداغا كەلگەندىن بۇيان ۋەتەن خاتىرلىرى بىلەن ياشىدىم.بۇ خاتىرىلەر ئىچىمنى ئىللىتىپ مېنى جەسۇرلۇققا يىتەكلەپ تۇردى.
تىمخورتوندا ئىشلەشكە كىرىشىپ قالغان كۈندىن ئېتىبارەن، ھەپتىدە بىرەر ئىككى قېتىم تىمخورتونغا كىرىپ كوفى ئىچكەچ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەش ئەھۋالىنى كۈزىتىدىغان بولۇپ قالدىم.كۆز ئالدىمدا ھاياتىمدا ھىچ كۆرۈپ باقمىغان مۇلازىمەت سىستىمىسى تۇرماقتا ئىدى. خىزمەتچىلەرنىڭ كوفى، چاي ۋە سوغۇق ئىچىملىك شۇنداقلا ئەتتىگەنلىك ناشتىلىق تەييەرلاشتىكى تېزلىگى ۋە ماسلىشىشچانلىغى ھەيران قالارلىق ئىدى. بۇلارنى كۈزەتكەنچە، ھەي مەندەك بىر تۈنۈگۈن كەلگەن كۆچمەننىڭ كانادادىكى 1-نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت ئورنىغا كىرىپ ئىشلىشى مۈمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ، تىمخورتونغا قىزىقىپ قېلىشتىن ۋاز كېچەي جۇمۇ دەپمۇ ئويلۇدۇم. ئەمما شۇ مىنۇتلاردا يەنە ھىس تۇيغۇلۇرۇم بىلەن غۇرۇرۇم ياقا سىقىشىپ قالدى. لۈكچەك غۇرۇرۇم ئەزۋەيلەشكە باشلايتتىدە ھىس تۇيغۇلۇرۇمغا قارىتىپ مۇش ئاتاتتى. روھىيىتىم قاتتىق بىر مۇنازىرە پارتىلىشىغا مەيدان بولاتتى شۇنداق چاغلاردا مەن، خۇدايىم بۇيرىسا چوقۇم ئىشلىيەلەيمەن دەيتىم قىززىق كوفىنى يۇتۇم-يۇتۇم ئىچكەچ.
ئۇزۇن ئۇزۇن ئۆچرەتلەرنى بىر ئىستاكان كوفى ئۈچۈن سەۋىرچانلىق بىلەن تۈگۈتۈپ، كوفى ئىچىۋاتقان ناتونۇش بۇ مىللەتكە قاراپ جەننەت ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالدىم.
ئانامنىڭ ھەر كۈنى ئەتكەن چاي ئىچمىسە، ئىچىم قۇرۇپ كەتتى دىيىشلىرى بىلەن ئەڭىلىزلەرنىڭ بىر ئىستاكان كوفى ئۈچۈن ئۇزۇن -ئۇزۇن ئۆچرەت تۇرۇشلىرى ۋە ۋاقت ئىسراپچىلىغى ماھى’يەتتە ئىككى مىلەتنىڭ ئۆزىگە تەۋە جەننىتىنى ئىزلىشى ئىدى.
جەننەت دىگەن نىمە؟ سېنىڭ جەننىتىڭ بىلەن مېنىڭ جەننىتىم ئوخشىمايدۇ.ئەتكەنچاي ئۇيغۇرنىڭ جەننىتى بولسا ئەلبەتتە كوفى ئەڭىلىزنىڭ جەننىتى. سەنىڭ جەننەت ئۇقۇمۇڭ بىلەن مېنىڭ جەننەت ئۇقۇمۇم ئوخشىمايدۇ.سەن جەننەت دەپ چۈشەڭەن نەرسە مەن ئۈچۈن دوزاق بولۇشى مۈمكىن. خۇددى چەنلوڭ خان ئوردىسىدىكى ئىپارخانغا بېرىلگەن جەننەتلەرگە نەزىرىنى سالمىغان ئىپارخاننىڭ، يوپۇرمىغى كۈمۈش مىۋىسى ئالتۇن رەڭ يۇرتۇمنىڭ مىۋىلىك دەرەخلىرىنى كەلتۈر دىگىنىدەك.ئالتۇن قەسرىلەر ئىچىدىكى بىر ئەڭىلىزگە ئوخشىغان لەڭمەن پولۇرۇڭنى ئەتىپ بېرىپ، بۇنىڭغا جەننەتنىڭ تەمىنى تېتىتىۋاتىمەن دىيەلمەيسەن. چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ پىززاسىنى سېغىنىپ ئاھ ئۇرۇدۇ ۋە ياش تۆكۈدۇ.بەزىدە سېنىڭ جەننەت دەپ بېرىۋاتقىنىڭ، قارشى تەرپكە دوزاق بولۇپ بىلىنىشى مۈمكىن.ھەر مىللەتنىڭ شۇنداقلا ھەر كاللىنىڭ ئۆزىگە خاس جەننىتى بولىدۇ.دۇنياغا كەلىپ ئۆتكەن ھەر قانداق ئىمپىراتور پادىشالارمۇ جەننەتلەرنى باشقىلارغا مەجبۇرى تېڭىش بىلەن غەلبە قازىنالمىدى. ۋەتەننىڭ كەڭرى كەتكەن بوستانلىق ئېتىز باشلىرىغا بىر كورا قايماقلىق ئەتكەن چاينى ئاچىقىۋېلىپ، ئۆرگۈلۈپمۇ- چۆرگۈلۇپ سورۇپ ئىچىپ كۈن ئۆتۈزىدىغان بىر ئانىغا گۈپپىدە پۇراپ تۇرىدىغان بىرازىلىيەنىڭ ئېسىل كوفىسىنى تەڭلىسەڭ بۇنىڭغا يۈرۈگۈم چىلاشمايدۇ دەپ سېنىڭ قولۇڭنى ياندۇرىدۇ.دىمەك ئۇنىڭ مەنىۋى جەننىتى ئەتكەن چاي. ھەر ۋەتەن بىر جەننەت. كانادانىڭ 1-نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رەستۇرانىدا ئىشلەشكە خۇشتارمەن بولۇپ قالغان كۈندىن ئېتىبارەن شۇنداقلا تىمخورتوننى پات -پات زىيارەت قىلىشقا باشلىغان كۈندىن ئېتىبارەن بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ جەننەت ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم.تىمخورتونغا كوفى ئىچىش ئۈچۈن كىرگەن ھەر قاتلامنىڭ ئادەملىرىنى كۆزەتتىم. قۇلۇغۇمغا ھەقıقى بىر جەننەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرلا بىجىرەلەيدىغان بىر ياڭراق كۈلكە ساداسى ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن مەنمۇ شۇنداق ياڭراق ۋە جاراڭلىق شۇنداقلا يۈرەكنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىن كەلگەن بىر كۈلكىنى ئەمەلگە شۇرالامدىم يوق دىگەن مەخسەتتە ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ كۈلۈپ باقتىم. ھەيران قالارلىغى مەن بۇ ئىشنى بېجىرەلمىدىم. ئاغزىم كۈلۈش ئۈچۈن ئېچىلىشى بىلەن تەڭ كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلۈپ كېتىۋاتاتتى.
شۇندىن ئېتىبارەن كوچىلاردا ئەركىن ئازادە پاراڭلىشىپ كۈلكە چاخچاقلار بىلەن غەم قايغۇسىز كېتىۋاتقان ئادەملەر توپىغا قىزىقىش بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدىم.قۇلۇغۇمغا ھەر ئاڭلانغان، يۈرەكنىڭ قات قاتلىرىنى يەرىپ خۇددى پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان قىزىلگۈلدەك چىقىۋاتقان كۈلكە سادالىرى مېنى كۈلكە، جەننەت ۋە ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ تېمىنىڭ يىلتىزىنى ئىزلەشكە باشلاپ كىردى.
كوچىلاردىكى ئېلان تاختىلىرىغا چاپلاپ قويۇلغان رەسىملەردىكى غۇبارسىز كۈلكە ساھىپلىرىغا ئۇزاق-ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ كېتەتتىم. ھەپ ئەڭىلىزچەمنى چوقۇم ياخشىلاپ تىمخورتونغا كىرىپ ئىشلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن،مەن كۈلكە ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىمەن. مەن بۇنى كانادالىقلار نىمە ئۈچۈن شۇنچە جەسۇر، شۇنچە تەبىئى، شۇنچە يۈرەكتىن كۈلەلەيدۇ ئەمما مەن نىمە ئۈچۈن ئۇنداق كۈلەلمەيمەن؟ دىگەن سوئالدىن باشلايمەن دەپ ئويلايتىم مەن.

داۋامى بار.
‎10/‎08/‎2014

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …