ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش يولى نەدە؟

ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش يولى نەدە؟

 

1- باپ مۇقەددىمە

ئەلسۆي

ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر دۆلىتى خەلقئارا مەنپەئەتلەر ئويۇنىدا قۇربان قىلىنىپ، خىتايدا كوممۇنىست ھاكىمىيەت تەختكە چىقىپ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى قايتا تېرىتورىيىسىگە ئېلىپ ئىستىلا قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى توختاپ قالمىدى. ئۇيغۇر ۋەتىنى ئىچى ۋە سىرتىدا ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋىي تەييارلىقلارنى تۈرلۈك يوللاردا ھازىرلاش خىزمىتىنى ئىشلىگەن نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ياشلىق دەۋرىدىن قېرىلىق دەۋرىگە قەدەم قويدى، ھەتتا نۇرغۇنلىرى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئىنئامگاھلىرىغا كېتىشتى. ئۇيغۇر دەۋاسى خىتاي ئىچكى زىددىيەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگۈرۈشىگە بېقىپ تەرەققىي قىلىپ كەلدى. ئەمما يېرىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىتتا نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جان تەسەددۇق قىلىشى ۋە نۇرغۇن ماددىي-مەنىۋىي قۇربانلىقلاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ياكى قايتا بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا يېتەلمەي، بۇ ئارزۇ بىرقانچە ئەۋلاد ئارىسىدا چۈش شەكلىدە ئۇدۇم قېلىۋەردى. ئۇيغۇر ۋەتىنى ئىچىدىكى خىتاي ئىستىلاچىلىرىنىڭ پىلانلىق ۋە سېستىمىلىق ھالدا ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان مېڭە يۇيۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يۇقۇتۇش سۈيقەستلىرى بىلەن بىر تۈركۈم خىتاي ۋەتەنداشلىقىنى قۇبۇل قىلىپ، زوزوڭتاڭ ناملىق جاللاتنىڭ ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ قېنىنى سىياھ قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىگە ئۆچمەس داغ قىلىپ قويغان «يېڭى چىگرا» مەنىسىدىكى كەمسىتىش خاراكتېرلىق ئىسىم «شىنجاڭ»نى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە دەسسىتىدىغان نادان ۋە غاپىل ئىنسانلارنى، ھەتتا ئىمان تۇيغۇسىدىن چەتنىگەن خائىن،غالچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى ۋە چىقىۋاتىدۇ. ئەڭ يامان بولغىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى بازا قىلىپ غەرىپكە يۈرۈش قىلىش، ياكى كېڭەيمىچىلىك قىلىش پىلانىغا مۇستەھكەم چىگرا بازىسى قۇرۇش مەقسىتىدە رايۇندىكى خەۋپلىك ئامىل سانالغان يۇمشاق كۈچ—ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك يۆنۈلۈشلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان،  ئۇيغۇر مەۋجۇدلىقىغا بىۋاستە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان سىياسەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنى  ئىسمى بار، جىسمى يوق «ئاپتونۇم رايۇن» نامىدا ئۆزىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش چۈشىدىن ئويغۇنۇشقا قىستاپ قويدى. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى جەريانىدا شەكىللەنگەن تۈرلۈك جەمئىيەت مەسىلىلىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە كەلگەندە خاس جەمئىيەت مەسىلىسىدىن مىللىي زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارغا، ھەتتا قانلىق سوقۇشلارغا ئايلاندى. خىتاي دېموكراتلىرى گەرەجدانلىق ھوقۇقى مەسىلىسى سەۋىيىسىدە يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈمۈدىنى خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ئالمىشىپ دېموكراتلىشىشىغا باغلاشنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ساداسىنى چۈشەنمەسلىكى، ياكى پىسەنت قىلماسلىقى، ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇدلۇقىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ئۇلاردا بۇنداق ئىقتىدارنىڭ يوقلىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەردى. خىتاي مۇخالىپەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك مىللەتچىلىك ئىدىيىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇدلۇقىنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك سۆز-ھەرىكەتلىرى ئۇلار بىلەن گەرچە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئالدىدا سەپداش بولساقمۇ، مىللىي مەۋجۇدلىقىمىز ئۈچۈن بىر سەپتە ئەمەس، ئەكسىچە  زىددىيەتلىك قارمۇ-قارشى سەپلەردە بولۇش ئېھتىماللىقىمىزنى بىزگە ئاشكارىلىدى.  مانجۇ ئىستىلاسى بىلەن خىتايغا باغلانغان ئۇيغۇرلار ئىككى قېتىم بۇ ئىستىلا زەنجىرىدىن قۇتۇلدى، ئەمما خىتاينىڭ خەلقئارا مەنپەئەتلەردە تۇتقان ئورنىنىڭ ئۇيغۇردىن يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك خىتايغا قايتا-قايتا ئىككى قېتىم بىئىلاج تۇتۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مىللىي تەجرىبىلىرى ئۇيغۇرنىڭ خىتايلار بىلەن بىرگە تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئايدىڭ قىلدى. چۈنكى، خىتاي پىرقىدۆلەتچىلىرى كەشىپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش پىلانىنى، پىرقىدۆلەتچىلەرنى يىقىتىپ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە كىرىپ پۇت تىرەش جەريانىدا تۈرلۈك شېرىن-شېكەر كەلىمىلەر بىلەن كۆز بويىغان خىتاي كوممۇنىستلىرى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتاتتى، دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇش دەۋاسى قىلىۋاتقان خىتاي مۇخالىپەتلىرى بۇ پىلاننى داۋاملىق باشقا بىر شەكىللەردە ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. كېڭەيمىچىلىك ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئىستىلا قىلىشنى تەرەققىيات دەپ چۈشۈنىدىغان كېسەل مەنتىقىگە ئىگە خىتاي مىللەتچىلىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۆزلىرىگە تەھدىت، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇپ يوق قىلىشنى بولسا مىللەتنىڭ «تەرەققىيات» مۇساپىسىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك باسقۇچ دەپ تونۇيتتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق مەنتىقىدىكى مىللەتچىلىك قان- ھۈجەيرىلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن بىر قەۋم بىلەن ئورتاق ياشاپ، ئورتاق مەۋجۇدلىقنى ساقلاپ تەرەققىي قىلىش ئېھتىماللىقىنى يوق قىلاتتى. دېمەك، ئۇيغۇرغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش يولىدا مېڭىش بىردىن-بىر چىقىش يولىلا ئەمەس، بەلكى بىردىن-بىر مەۋجۇدلۇقنى ساقلاش يولىمۇ بولۇپ قالغانىدى.

uyghuristan

2 – باپ

ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرۇش دەردىدە سەرسان بولغىلى يېرىم ئەسىردىن ئاشتى. ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى دۆلەت قۇرۇش ئىنتىلىشىدىن مەۋجۇدلۇق ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت بۇ مەنزىلنىڭ قايسى يۆنۈلۈشتە ئىكەنلكىنى كۆرسىتىدىغان كومپاس يوق ئىدى. جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىل بولۇپ دۇنيا دۆلەتلىرى ئىچىدە يېڭى دۆلەت قاتارىدا ئېتىراپ قىلىنىپ ئىستىقلال قۇچۇپ بايراق چىقارغانلىقى ئۇيغۇرلارغا يا كومپاس يوق، يا يۇلتۇزلار يوق تېڭىرقاش پەيتىدە، قاراڭغۇ ئورمانلىقتا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق مەنزىلىگە يەتكەن بىرىنىڭ ئاياق ئىزىنى كۆرسىتىپ قويغاندەك قىلدى. جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىللىقى بىلەن ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش يوللىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن، جەنۇبىي سۇدان بىلەن مۇستەملىكە ھالىتىدىكى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدا قىسقىچە بىر سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى لايىق كۆردۈم. تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغايسىزلەر: جەنۇبىي سۇدان: جەنۇبىي سۇدان ياكى جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، جۇغراپىيىسى شىمالىي ئافرىقىغا ياكى شەرقىي ئافرىقىغا تەۋە. ھازىرقى پايتەختى جۇبا بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ چوڭ شەھىرىدۇر.  كەلگۈسىدە پايتەختىنى دۆلەتنىڭ مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر رامسېلغا يۆتكەش پىلانلىنىۋاتىدۇ. جەنۇبىي سۇدان شەرىقتە ئېفىئوپىيە بىلەن، شەرقىي جەنۇپتە كېنىيە بىلەن، جەنۇپتا ئۇگاندا بىلەن، غەربىي جەنۇپتا كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن، غەرىپتە مەركىزىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىلەن، شىمالدا سۇدان بىلەن چىگرىلىنىدۇ. 2008-يىلى سىتاتىستىكا قىلغان نوپۇسى 8 مىليون 260مىڭ 490 كىشى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دارامىتى بىر مىڭ 546 دوللار. 50 نەچچە خىل يەرلىك تىل مەۋجۇد بولۇپ، دۆلەت تىلى ئېنگىلىس تىلى. جەنۇبىي سۇدان مۇھەممەد ئەلى سۇلالىسى دەۋرىدە مىسىرغا تەۋە بولغان بولۇپ، 1956-يىلى سۇدان مۇستەقىل بولغاندا سۇداننىڭ بىر قىسمى قىلىپ تەخسىملەنگەن. بىرىنچى قېتىملىق سۇدان ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن1972-يىلى  جەنۇبىي سۇدان ئاپتونۇم رايۇنى قىلىپ قۇرۇلۇپ، تاكى 1983-يىلىغىچە داۋام قىلغان. ئىككىنچى قېتىملىق سۇدان ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن، 2005-يىلى شىمالىي سۇدان بىلەن تېنچلىق چۈشىنىش بىتىمى ئىمزالىغان. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي سۇدان ئاپتونۇم ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. 2011-يىلى 9- ئىيۇل مۇستەقىل دۆلەت بولغان. 2011-يىلى 15-ئىيۇل بىرلەشمىش مىللەتلەرگە ئەزا دۆلەت بولغان. 2011-يىلى 28-ئىيۇل ئافرىقا بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان. شەرقىي تۈركىستان: شەرقىي تۈركىستان، ياكى ئۇيغۇرىستان، ياكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ئاسيا قىتئەسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى ياكى رايۇنى بولۇپ، جۇغراپىيىسى ئوتتۇرا ئاسىياغا ياكى ئەنئەنىۋىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. ھازىرقى ئاتالمىش ئاپتونۇم رايۇننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرى بولۇپ، تارىختا مەۋجۇد مۇستەقىل ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر كۇلتۇرىنىڭ مەركىزى قەشقەر.  شەرقىي تۈركىستان شىمالدا روسسىيە بىلەن، شەرقىي شىمالدا موڭغۇلىيە ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئاتالمىش ئاپتونۇم رايۇنى بىلەن، شەرىقتە خىتاي بىلەن، شەرقىي جەنۇپتا تىبەتنىڭ خىتايلاشتۇرۇلغان كۆكنۇر رايۇنى بىلەن، جەنۇپتا تىبەت، ھىندىستان، كەشمىر، پاكىستان بىلەن، غەربىي جەنۇپتا ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن، غەرىپتە قىرغىزىستان، قازاقىستان بىلەن چىگرىلىنىدۇ. 2010-يىلى سىتاتىستىكا قىلغان نوپۇسى 21 مىليون 813مىڭ 334 كىشى، ئۇيغۇر نىسبىتى %45.  جەمئىي تۈرۈك نوپۇسى %55 پىرسەنت ئەتراپىدا. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دارامىتى ئۈچ مىڭ 38 دوللار. ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان تۈرۈك تىللىرى، پارىس تىلى ۋە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت ئاساسلىق ئۈچ خىل تىل مەۋجۇد بولۇپ، مەجبۇرلانغان دۆلەت تىلى خىتاي تىلى. شەرقىي تۈركىستان مانجۇ ئىمپىرىيى دەۋرىدە ئىستىلا قىلىنغان بولۇپ 1884-يىلى 5-ئاپرىل «شىنجاڭ» يەنى يېڭى چىگرا ياكى يېڭى قازانغان تۇپراق مەنىسىدە ئىسىم قويۇلۇپ ئىمپىرىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىنغان. 1933-يىلى 12-نويابر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغان، ئۇزاق قالماي قايتا ئىستىلا قىلىنغان، ئەمما خىتاي دۆلىتىگە ھەقىقىي مەنىدىن تەۋە بولماي، مىللىتارىستلارنىڭ مۇستەقىل ھالدا باشقۇرۇشىدا بولغان، 1944-يىلى 12-نويابر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قايتا مۇستەقىل بولغان ۋە 1949-يىلى 1-ئۆكتەبر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قايتا ئىستىلا قىلىپ ئۆز تېرىتويىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغىچە مۇستەقىل تۇرغان. 1955-يىلى 1-ئۆكتەبر ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى قىلىپ قۇرۇلغان. ھەر ئىككى دۆلەت ئەسلىدە باشقا بىر دۆلەتكە ياكى ئېمپىرىيىگە مۇستەملىكە بولغان، كېيىن يەنە بىر دۆلەت بۇ مۇستەملىكىنى داۋاملاشتۇرغان ياكى شۇ ئاساستا قايتا مۇستەملىكە قىلغان. ھەر ئىككى دۆلەت ياكى مۇستەملىكە رايونغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. نوپۇس سانى ۋە ئىقتىسادىي كىرىم پەرقى زور ئەمەس. بۇ ئوخشاشلىقلارنى بىز تاللىۋالغان ئەمەس، بەلكى بۇ ئوخشاشلىقلار بىزنىڭ تەبئىي شارائىت ۋە ۋەزىيىتىمىزنى بەلگىلەيدىغان ئۇل سەۋەبلەردۇر. ئەمدى ئوخشىماسلىقلارغا قارىغىنىمىزدا، ئىككى دۆلەت ياكى مۇستەملىكە رايۇندىكى تىل، مىللەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە مۇستەقىللىق يولىدا زور پەرق مەۋجۇد. جەنۇبىي سۇداندا مىللەتلەر كۆپ خىل ۋە مۇرەككەپ، 50 نەچچە خىل تىل مەۋجۇد، شەرقىي تۈركىستاندا بولسا ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي تىللاردىن باشقا تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا دۆلەت تىلى قىلىۋالغان خىتاي تىلىلا مەۋجۇد. مۇجادىلە تارىخدا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق مەنزىلىنى ئىزدەش يولىدا « خىتاي ئىچكى ئۇرۇشى» دېگەن قالپاقنى كىيەلىگىدەك بىرەر چوڭ ئۇرۇش ياكى توقۇنۇش بولۇپ باقمىغان. جەنۇبىي سۇدان ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش يولىدىكى مۇجادىلە تارىخدىكى سېلىشتۇرمىلار ، ئوتتۇرا شەرىقتە تېخىچە داۋاملىشىۋاتقان ئەرەب قۇيۇنىنىڭ قۇراللىق ۋاستىلەر ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىش مېتودى، قەشقەر،خوتەنلەردىكى قانلىق كۈرەشلەرنىڭ خىتايغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا قۇراللىق كۈرەش يولىنى مۇستەقىللىق يولىدەك تونىتىۋاتقاندەك قىلاتتى. تىبەتلەرنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئوتتۇرا يول سىياسىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ھەق تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئاستا ياكى پاسسىپلىقى، تېنچلىق يوللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا بۇ يولنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەجىبا ئۇيغۇرلار راستلا خىتايغا قارشى قۇراللىق كۈرەش قىلىشى زۆرۈرمۇ؟ بۇنىڭغا ھېچكىم ئاددىي قىلىپلا ياق ياكى ھەئە دېگەن جاۋابنى بېرەلمەيدۇ. چۈنكى شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، شۇنداق تەقەززا تۇغۇلغاندا ۋە ئەڭ مۇھىمى شۇنداق ئىقتىدار ئۇيغۇرلاردا ھازىر بولغاندا ھېچكىم بۇ يولنى ياساقلاپ چەكلىيەلمەيدۇ. ئەمما شۇنداق شارائىت ۋە ۋەزىيەت ھازىر بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇيغۇر ناتىۋان ۋە ئاجىز ھالەتتە ھېچكىم ئۇيغۇرنى بۇ يولغا باشلىيالمايدۇ ۋە ئىتتىرەلمەيدۇ. ئۇرۇش ياكى جەڭ ئارقىلىق خىتاي ئىستىلاسىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى توغرا  ياكى خاتالىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى شۇ ئىقتىدارنىڭ ئۇيغۇردا ھازىر بولۇش ياكى مەلۇم بىركىملەر ئۇيغۇرغا ھازىر قىلىپ بېرىش مەسىلىسىدۇر. ئۇيغۇرلار تېڭىرقىماقتا، غەزەپ ۋە ئازاپتا يۈرەكلىرى ئۆرتەنمەكتە ئىدى. ئوتتۇرا شەرىقتە ئېتىلغان ئوقلار ئەرەب مۇستەبىتلەرنىڭ تەنلىرىگە تەگكەن بىلەن، ئاغرىقى يىراق شەرىقتىكى خىتاي ئىستىلاچىلارنى ئازابلىماقتا ئىدى. ئۇيغۇر قۇرالنىڭ سېپىنى تۇتماي تۇرۇپلا، خىتاي ئارغامچىنى كۆرۈپ زەھەرلىك يىلان دەپ ۋارقىراپ ھوشى قالمىغانىدى.

3 – باپ

ئۇيغۇرلار خىتاي ئىستىلاسىغا قارشى خۇددىي جەنۇبىي سۇدانلىقلار شىمالىي سۇدانغا قارشى ئۇرۇش قىلغاندەك جەڭ ئاچالامدۇ؟ جەنۇبىي سۇدان 1955-يىلدىن 1972-يىلغىچە بىرىنچى قېتىملىق قۇراللىق مۇجادىلە ئېلىپ بارغان ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، 1983-يىلدىن 2005-يىلغىچە ئىككىنچى قېتىملىق قۇراللىق مۇجادىلە ئېلىپ بارغان ۋە 2011-يىلى مۇستەقىللىق نۇسرىتىگە ئېرىشكەن. جەنۇبىي سۇداننىڭ شىمالىي سۇدان بىلەن بولغان يىرىكلىكى 1946- يىلى بىرىتانىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىسىرغا تەۋە مەزگىلىدە بىرىتانىيە سىتراتىگىيىسى بويىچە دىنىي ۋە كۇلتۇرىي ئالاھىدىلىكلىرى روشەن پەرقلىق شىمالىي ۋە جەنۇبىي سۇدان رايۇنى ئىككى رايۇن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما شىمالىي سۇداننىڭ ھوقۇق ۋە ئىمتىيازدىكى ئورنى، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئېىتنىك پەرقى قاتارلىقلار رايۇن ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرگەن. 1956-يىلى سۇدان مۇستەقىل بولغاندا جەنۇبىي سۇداندا يەرلىك مىللىتارىستلار ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ كونتىروللىقىدا يېرىم مۇنتىزىم ھالەتتىكى قۇراللىق قىسىملار ساقلانغان ۋە بۇ كۈچ كېيىنكى مەزگىلدە قۇراللىق قارشىلىق ۋە ئۇرۇشقا ئەڭ مۇھىم ئاساس بولغان. شەرقىي تۈركىستان خىتاي مۇستەملىكىسى بولغاندىن كېيىن بۇنداق بىر ئېھتىماللىقتىن ساقلىنىشنى نىيەت قىلىپ ئۇزاق مەزگىللىك سىتراتىگىيە تۈزگەن خىتاي ئىستىلاچىلىرى ئەسلىدىكى مىللىي ئارمىيىنى قۇرالسىزلاندۇرۇش، خىتاي قىسىملىرىغا قوشىۋېتىش،  چەتكە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ۋە تارقىتىۋېتىش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرنى قايتا ئارمىيىسىز ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن، كېيىن ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدا كەڭ كۆلەملىك قۇرالسىزلاندۇرۇش ھەركىتى ئېلىپ بېرىپ رايۇندا تارقالغان قۇراللارنى يىغىۋالغان. ئەزەلدىن قۇرال تۇتۇش ۋە قۇرال ساقلاش ئەنئەنىسىگە ئىگە خەلق يېڭىچە قۇرالسىز كۇلتۇرغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن. مانا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاق ئېسىش ئەنئەنىسىمۇ يوق بولۇپ، ئۇيغۇر قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى يوق ھالەتكە يەتكەنىدى. جەڭ، ياكى ئۇرۇش قىلىشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولىدۇ، مەۋجۇد شارائىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن نۇرغۇن ئوخشىمىغان يوللىرى، مېتوتلىرى بولىدۇ. ئەمما، ئورۇن جەھەتتىن ئەنئەنىۋىي ئۇرۇشتا ئالدىنقى سەپ ۋە ئارقا سەپ دەپ ئىككى ئاساسلىق ئورۇن بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا بولسا يۇقارقى ئىككى ئورۇندىن باشقا ئۇچۇر-تەشۋىقات ئالدىنقى سېپى ۋە ئارقا سېپىدىن ئىبارەت مەۋھۇم ئورۇنلارمۇ مەۋجۇد. بۇ ئورۇنلار مەۋجۇد بولمىسا، ئۇرۇش مەۋجۇد بولمايدۇ ياكى ئۇرۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلمەي قالىدۇ. ئەنئەنىۋىي ئۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپ ئوبيىكتىپ ئورۇن، كۈرەشنىڭ نېگىزلىك ئېلىپ بېرىلىدىغان، نەيزە ئۇچى سانجىلىدىغان جايى بولۇپ، ئەڭ كۆپ قان تۆكۈلىدىغان ۋە ئەڭ كۆپ چىقىم تارتىلىدىغان جاي. ئەنئەنىۋىي ئۇرۇشتىكى ئارقا سەپ ئوخشاشلا ئوبيىكتىپ ئورۇن بولۇپ، ئالدىنقى سەپكە ماددىي ۋە ئەسكىرىي ياردەم ۋە تولۇقلاشلارنى ئىشلەيدىغان ۋە يەتكۈزىدىغان جاي بولۇپ، ئارقا سېپى بولمىغان ئالدىنقى سەپ ئۆز مەۋجۇدلىقىنى ئۇزاق داۋام قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئەنئەنىۋىي ئۇرۇشلاردا زەربە بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم نىشان ئارقا سەپ بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداشلارنىڭ بومباردىمانچىلىرى گىرمانىيىنىڭ ئارقا سېپىدىكى مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك زاۋۇت-كارخانىلارنى بومباردىمان قىلغان. گېرمانىيە روسسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ مىليونلىغان سوۋىت ئارمىيىسىنى يەر چىشلەتكەن بولسىمۇ، سوۋىتلار ئىتتىپاقىنىڭ كەڭرى كەتكەن تېرىتورىيىسى تەمىنلىگەن زور ئارقاسەپ ئىقتىدارى بۇ ئۇپراشلارنى تولۇقلاپ قايتارما ھۇجۇم قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ئۇچۇر-تەشۋىقاتقا كەلسەك، ئامېرىكىنىڭ ئېراققا ھۇجۇم قىلغاندا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يالغان خەۋەر تارقىلىپ تېخى ئىشغال قىلىنمىغان جايلارنى ئىشغال قىلىنغان قىلىپ تەشۋىق قىلىشى ئۆز-ئارا ئالاقە ئىقتىدارى ئاجىز ئىراق ئارمىيىسىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلەتكەن.  كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قۇراللار سەپسەتىسى بىلەن ئېراققا ھۇجۇم قىلىش سەۋەبى ۋە پۇرسىتى يارىتىشى ئامېرىكا ۋەتەنداشلىرىغا ئۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرغان. دېمەكچى، ئۇرۇشنىڭ نىشانى بولغان دۈشمەن تەرەپنى قايمۇقتۇرۇشتا قوللىنىدىغان ئۇچۇر-ئاخباراتلار ئۇچۇر-تەشۋىقاتنىڭ ئالدىنقى سېپى بولىدۇ. ئۇرۇش ئارقا سېپىدىكىلەرنى نىشان قىلغان ئۇچۇر-خەۋەرلەر ئۇچۇر-تەشۋىقاتنىڭ ئارقا سېپى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغىنىمىزدا ئۇيغۇر ۋەتىنى ۋە خىتاي تۇپراقلىرى ئەنئەنىۋىي ئۇرۇش چۈشەنچىسى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنقى سېپى، يەنى ئوبيىكتىپ ئالدىنقى سېپى ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا بۇ ئالدىنقى سەپتە كۈرەش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جەڭ قۇرال- ئەسۋابلىرىنى، تىرانسىپورت-قاتناشلىرىنى ، باشقا ماددىي ئېھتىياجلارنى ۋە ئەسكىرىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ،  تەربىيلەپ تەمىنلەيدىغان ئارقا سەپ تېخى مەۋجۇد ئەمەس. ئارقا سەپ مەۋجۇد بولمايدىكەن، ئالدىنقى سەپتە كۈرەش ئېھتىياجى قانچىلىك كۈچلۈك بولغان بىلەنمۇ ئۇرۇش شەكىللەنمەيدۇ. زىددىيەتلەرنىڭ كۈچلۈك، خىرىستلارنىڭ چوڭ بولۇشى مەۋجۇدلۇقنىڭ ئۇرۇش قىلىش تەقەززاسىنى ياراتسىمۇ، ئەمما ئەمىلىي شارائىتلار بۇ تەقەززانىڭ ھەركەتكە ئايلىنىشىنى توسۇپ قويىدۇ. گەرچە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنداق بىر تەقەززانى تونۇپ يەتكەن ۋە شۇنداق بىر ئوپراتسىيىگە ئىنتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئارقا سەپنىڭ بولماسلىقى، ياكى ئارقا سەپنىڭ شەكىللەنمەسلىكى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئۈنۈملۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى چەكلەپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇنداق بىر تەقەززانىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى تاكى ئارقا سەپ شەكىللەنمىگىچە چەكسىز قەرەلدە توختاپ قالىدۇ. خىتاي بولشىۋىكلارنىڭ قۇراللىق كۈرەشنى ئالدى بىلەن پىرقىدۆلەتچى خىتايلارنىڭ كۈچى ئاجىز بولغان ئوتتۇرا تۈزلەكلىڭتىكى يېزىلاردىن باشلىشى، ئۇزۇن سەپەرلارنى قىلىپ شۇ يېزىلارغا توپلىنىشى ۋە شۇ جايلارنى بازا قىلىپ قۇراللىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشى، ياپونىيە دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ مەجبۇرىي ھالدا خىتايدىن چېكىنگەندە مەقسەتلىك ھالدا بىر قىسىم قۇراللارنى شۇ چىغكەشلىك بولشىۋىك خىتايلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئۇلارنىڭ تەغدىرىدە زور ئۆزگۈرۈشنىڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. بولشىۋىك خىتايلار ئارقا سەپنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئالدى بىلەن ئارقا سەپ قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان. ئەمدى شىنخەي ئىنقىلابى ئارقىلىق مانجۇ ئىمپىرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ خىتايلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن خىتايلارنىڭ ئىنقىلاپ باسقۇچلىرىغا قارىساق، سۇنجۇڭسەن باشلىق مىللەتچى خىتاي رەھبەرلىرى چەتئەللەردە بانكىلاردىن، بايلاردىن ۋە ھۆكۈمەتلەردىن قەرز ئېلىش قاتارلىق چارىلەر ئارقىلىق مەۋھۇم بىر ئارقا سەپ، يەنى ئىقتىسادىي كۈچ بىلەن خەلقئارانى ئارقا سەپ قىلىپ كۈرەشنى باشلىغان ۋە غەلىبە قازانغان. يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىگە قارىساقمۇ شۇنداق بىر نۇقتىنى بايقايمىز، يەھۇدىيلار پۈتۈن دۇنياغا چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنى جۇدىزىم ئىدىلوگىيىسى ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىجارەت ۋە سودىنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇپ چىققان مىللىي ئىقتىدارى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئوخشاشلا خەلقئارالىق ئارقا سەپ شەكىللەندۈرگەن ۋە سەككىزدەك ئەرەپ دۆلىتىنىڭ ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈرۈپ ئىككى مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئۇدۇم قىلىپ كېلىۋاتقان يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. جەنۇبىي سۇداننىڭ كۈرىشىگە قارىساق، ئۇگاندا قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىلىق يەتكۈزۈلگەن ماددىي ۋە ئەسكىرىي ئەشيالار، ئامېرىكىدىكى قاراتەنلىك خىرىستىئان گۇرۇپپىلىرىدىن ۋە دۇنيا كاتولىك مۇخلىسلىرىدىن ئۈزۈلمەي كەلگەن ئىقتىسادىي ۋە ماددىي ياردەملىرى ئۇلارنىڭ مىللىي ئارمىيە بەرپا قىلىش ۋە ئالدىنقى سەپ شەكىللەندۈرۈپ شىمالىي سۇدان قىسىملىرىنى چېكىندۈرەلىشىگە شەرت ھازىرلىغان. دېمەك ئارقا سەپ ۋە ئۇنى شەكىللەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاكى بۈگۈنگىچە قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ  مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئۈزلۈكسىز بىر ئارقا سەپنىڭ بولماسلىقى، ياكى ئارقا سەپ ياردىمى قىلىش ۋەدىسىنى قىلغان كۈچلەرنىڭ خەلقئارا مەنپەئەتلىرى ئالدىدا ئۇيغۇر تەقدىرىگە ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇجادىلىلىرى مەغلۇپ بولدى ۋە مەغلۇپ بولىۋاتىدۇ. خەلقئارادا مەيلى تېنچلىق يولىدا بولسۇن، ياكى باشقا يوللاردا بولسۇن، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىئونلىرى يېرىم ئەسىردىن بۇيان بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىپ، شۇنداق بىر ئارقا سەپنى بەرپا قىلىش ياكى شۇنداق بىر ئارقا سەپ قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە ھەركەت قىلغان بولسىمۇ، قانچە قېتىملىق ئالدىنىش ۋە سېتىلىشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمۈدىنى يەلكىسىگە ئېلىپ كېتىۋاتقان بۇ سۈيۈملۈك ئىنسانلىرىمىزنى ئاچچىق ئۇھسىراشلارغا مەجبۇر قىلغانىدى. ئۇيغۇرلاردا ئارقا سەپ بەرپا قىلىش ياكى تېپىش، خەلقئارادا يۇشۇرۇن ياكى مەۋھۇم ئىتتىپاقداشلارنى قازىنىش ياكى قېزىش ھەركەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇش ياكى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن مۇھىمدۇر. ئۇيغۇردا كەم بولغىنى ئۇرۇش قوزغاش سەۋەبى ياكى باھانىسى ئەمەس، بەلكى شۇنداق شارائىت ۋە ۋەزىيەت ئىدى.

4  – باپ

ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقا سېپى نەدە؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقا سېپى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگۈرۈشىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا ياردەملەرگە يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا ئېرىشەلىشى، ئۆز مىللىي تەركىبى ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قانچىلىك قازىنالىشىغا باغلىق. بۇ ئارقا سەپنىڭ ڧونكىسسىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇنىڭ مېخانىزىمى، ھالىتى ۋە ئورنىنىڭ قەيەردە بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلدۇر.  ئۇرۇش ئارقا سېپىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ڧونكىسسىيىسى ئەسكىرىي كۈچ، قۇرال كۈچى، تىرانسىپورت ۋە ماددىي ئېھتىياجلار بىلەن ئالدىنقى سەپنى تەمىن قىلىش ۋە ئۇرۇش ئۇپىرىشىنى تولۇقلاش، تولدۇرۇشتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى، ھەتتا تېخمۇ كۆپ ئارقا سەپ قۇرۇش ياكى بايقاشقا مۇھتاج. بىرلەمچى ئارقا سەپ ئۇرۇش ياكى جەڭ سادىر بولىدىغان جايغا ھاجەتلەرنى بىۋاستە ئوچۇق يەتكۈزۈدىغان ۋە ئۇرۇش ئۇپرىشىنى تولۇقلايدىغان بىۋاستە ئارقا سەپتۇر. ئىككىلەمچى ئارقا سەپ بولسا ۋاستىلىك ياكى يوشۇرۇن ھالەتتە ئۇرۇشقا كېرەكلىك ھاجەتلەرنى تەمىنلەيدىغان، ياكى ئۇرۇشنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن يوشۇرۇن تۈرتكە ۋە ياردەم بولىدىغان ئارقا سەپتۇر. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي-ئۇيغۇر كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئۇرۇش ياكى جەڭنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا ئۈچىنچى ياكى كۆپ تەرەپنىڭ ئۈنۈملۈك ھەربىي ئوپراتسىيە ياردىمىنى ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن تەمىن قىلىشى بىلەن تەڭپۇڭلىشىش، ھەتتا تەتۈر تەڭپۇڭلىشىشقا مۇھتاج بولۇپ، بۇخىل ئارقا سەپ، ياكى ياردەم ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭ باشلىشى ۋە ئۇرۇشتا بۇرۇلۇش ياسىشىغا ئاكتىپ ۋە ھەل قىلغۇچ تۈرتكە ۋە كۈچ بولىشى مۇمكىن. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش ياكى جەڭنىڭ ماددىي ۋە مەۋجۇدىي ئاساسلىرى بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇرۇش ياكى جەڭنىڭ پارتلاش كۈچىنى شەكىللەندۈرىدىغان سۇبيىكتىپ ئامىل- روھتۇر. ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى يېرىم ئەسىردىن كۆپ خىتاي ئىستىلاسى ئاستىدا تۈرلۈك بوران- چاپقۇنلارنىڭ قايرىپ سۇندۇرىشى، قىيا تاشلارنىڭ يەنجىپ پايخان قىلىشى،  مەنپەئەت قۇللىرىنىڭ ئۈزۈپ خەجلىشىدەك شارائىتتا ئۆسۈپ تەرەققىي قىلدى. ئۇيغۇر نامىنىڭ تۈرۈك دىئالىكتلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان قەدىمىي قەشقەر تىلى ئاساسىدىكى چاغاتاي تىلىدىن ئەرەب-پارىس كەلىمىلىرىنى ئازلىتىپ شەكىللەنگەن بىر تىلنى قوللىنىدىغان،  شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان بۇ بىر تۈركۈم ئىنسانلارنىڭ ئېرقىي نامى بولۇپ قالغانلىقىنى تارىخنىڭ قايسى ۋاراقلىرىدىن ئاختۇرۇش تارىخشۇناسلارنىڭ ئىشى بولسىمۇ، بۇ نام يېقىنقى زامان تۈركىستان تارىخىدا ئېچىنىشلىق تەغدىرلەرنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ قالغىنى ھەممىدىن بەك شۇ ئېچىنىشلىق كەچمىشلەرنىڭ شاھىدى ۋە ۋىكتىمى بولغان ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ئايان ئىدى. بۇ مىللەت ئۆز مەۋجۇدلىقىنى ساقلاش يولىدا تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى قىلدى، ئىستىقلالى ۋە مۇختارىيىتىدىن مەھرۇم بۇ مىللەت ھېچقانداق رەسمىي تەشكىلىي ئاپپاراتى يوق تۇرۇپمۇ كىملىكىنى ساقلاش ۋە قوغداش يولىدا مۇكەممەل دۆلەت ئاپپاراتلىرى بولغان مىللەتلەردىن قېلىشمىغىدەك نەتىجىلەرنى ياراتتى.  قۇللۇق ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىپمۇ سۇلتانلىق سالاپىتىنى ساقلاشقا ئىنتىلگەن بۇ مىللەت ھەر زامان مەۋجۇدلۇق تېڭىرقىشى ئالدىدا ئىڭراپ كەلدى، قۇتراپ كەلدى. كومپىيۇتېر- بىلگىسايار تېخنىكىسى باشقا مىللەتلەردە مەخسۇس تەشكىلىي ئاپپاراتلارنىڭ ئىقتىساد ۋە كەسپىىي خادىملارنى ئاجرىتىشى ئارقىلىق شۇ مىللەتلەرگە ئۆزلىشىش خىزمىتى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىدە غىدىقلىنىپ ئىجرا قىلىنغان بولسا، ئۇيغۇر ناملىق بۇ مىللەت ھېچقانداق مەركىزىي تەشكىلىي ئاپپاراتى يوق تۇرۇپمۇ خەلقئاراغا ماس قەدەمدە بۇ خىزمەتلەرنى تاماملىدى ۋە داۋاملىق ئىشلەۋاتىدۇ. مانا بۇلار بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر دۆلىتى زاۋال تاپقان يېرىم ئەسىرلىك ئاسارەت ۋە مەۋجۇدلۇق ئىڭرىشى داۋامىدا ئىشلەنگەن تۈرلۈك ئويغۇنۇش خىزمەتلىرى ۋە شارائىتنىڭ غىدىقلىشى بىلەن شەكىللەنگەن مىللىي روھنىڭ ئويغۇنىشى ئىدى. جەڭ، ياكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەركەتلىنىش ۋە پارتىلاش كۈچىلىرىدىن بىرى بىر سەپتە تۇرغۇچى كىشىلەر توپىنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە ھىسسىيات تەقەززاسىدا شەكىللەنگەن بىرلىك، مەزكەزگە تارتقۇچ ۋە ئىچكى كۈچتۇر. ئۇيغۇرلاردا ھازىر بۇنداق بىر كۈچ شەكىللەنگەن ۋە تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل روھىي ئۇلغۇيۇش بۇ كىشىلەرنى ئىستىلا ۋە ئىدارە قىلىۋاتقان خىتاي قەۋمىنىڭ كۈچلۈك خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا چاقنىغان ئوت ئۇيغۇر ئاتلىق بۇ مىللەتكە مۇستەقىللىقنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىملىقىنى تونۇتۇشقا باشلىدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرى ۋە سىتراتىگىيىلىرى بۇ خىل روھىي ئويغۇنۇشنى توسۇپ قالالمىدى، ئەكسىچە بۇ خىل روھىي داۋالغۇچنىڭ دولقۇنلىرىنى بۇ توپنىڭ ھەربىر ھۈجەيرىسىگىچە سەزمىگەن ھالدا يەتكۈزۈپ بېرىشتەك بالاغا قېلىۋاتىدۇ. مىللەت ئويغۇنىۋاتاتتى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان بىرلىكنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن بۇ مىللەتكە ئورتاق بولغان مەنپەئەتلەرنى ۋە ھېسسىياتلارنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى غىدىقلاش كېرەك ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كۆچمەن كۆچۈرۈش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى كۇلتۇرىي، دىنىي، تىلىي، دىلىي جەھەتلەردىن خىتايلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى دەل مۇشۇنداق بىر غىدىقلاش رولىنى ئوينىدى ۋە ئويناۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن ئورتاق بىر شۇئارغا ئېھتىياجلىق ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئالىي كېڭەش يىغىنى شۇ ئورتاق شۇئارنى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق جاكارلىدى. ئۇ دەل مۇستەقىللىق شۇئارى ئىدى. مۇستەقىللىق ياكى قۇتۇلۇش يولىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىش ياكى بىلىشكە پېتىنىش ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىچكى زىددىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ زىددىيەت ئۇيغۇرلاردا ئوخشىمىغان ئىدىئولوگىيىلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوچاق ۋە سەۋەب بولماقتا ئىدى. گەرچە ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ چۈشىدە مۇستەقىللىق ۋە ئۆز مىللىي دۆلىتىدە ياشاش ئورتاق بولسىمۇ، بۇ نىشانغا ياكى چۈشكە يېتىش يولىنىڭ قانداق بولۇشى، بۇ نىشان ياكى چۈشكە بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمۈدنىڭ مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ۋە بىرلىكىنىڭ قانداق بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىچكى ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى. جەڭ قىلىش كېرەك، دەيتتى مىللەتنىڭ زارىغا چىدىماي غەزىپى تاشقان قېرىنداشلار، تېنچ يولدا مېڭىش كېرەك، دەيتتى مىللەت ھالىنى ۋە ھازىرقى ئىقتىدارىنى تونۇپ يەتكەن قېرىنداشلار، خىتاينىڭ دېموكراتلىشىشىغا باقايلى دەيتتى ئۆز ھالىمىزدىن ئۈمۈدسىزلەنگەن قېرىنداشلار، خىتايلىشىپ كېتەيلى بولدى، دەيتتى مىللىي تۇيغۇسى سۇسلىغان ياكى يوقىغان تەسلىمچىلەر. ئۇيغۇرلار ناتىۋانلىق سەۋەبلىك تۈرلۈك ئىدىئولوگىيە ياكى چارىلەر بوھرانىدا تېڭىرقىماقتا ئىدى. مانا بۇ ئۇيغۇردا بىرلىك بولماسلىقنىڭ تۈپكى يىلتىزى ۋە سەۋەبى ئىدى. ئۇرۇش ياكى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ بىرتۈركۈم كىشىلەرگە ئورتاق بولغان بىر ئەقىدە بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار مىڭ يىللىق مۇسۇلمان قەۋم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورتاق بىر دىنىي ئەقىدىگە ئىگە. ئەمما بۇ جايدا دېيىلىۋاتقان بۇ ئورتاق ئەقىدە ئۇيغۇر كىملىكى ياكى شەرقىي تۈركىستان كىملىكى بولۇپ، بۇ كىملىكنىڭ ئېنىقلىنىشى ۋە مىللەتكە ئورتاق بىر يۈكسەك ئورۇنغا كۆتۈرۈلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىستىلاسىغا قارشى جەڭ ئوتى ئېچىشىغا ئالدىنقى شەرتتۇر. ئۇيغۇرلۇق ياكى شەرقىي تۈركىستانلىق كىملىكىدىن شەكىللەنگەن مىللەتچىلىك ئىدىيىسى ئۇيغۇرلاردا يۈكسەكلەنسە، دىنىي ۋە كۇلتۇرىي ئەقىدە ۋە ئېلىمېنتلارنىڭ مۇجەسسىمى بولغان بۇ ئەقىدە خىتاي ئىستىلاسىغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك بىر قۇۋۋەتكە ئايلىنىدۇ. مەيلى جەڭ قىلىش بولسۇن ياكى تېنچ يول بىلەن قۇتۇلۇش بولسۇن، بۇ ئەقىدە بۇ ھەرىكەت ۋە ئوپراتسىيىلەرنىڭ يىلتىزىي ھەركەت كۈچى بولۇپ، يۈكسەك قۇۋۋەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەڭ مۇستەھكەم ئۇل بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا دىنىي، كۇلتۇرىي ئەدەبىي ۋە سەنئەت ساھەلىرىدە ئاقارتىش ۋە ئويغۇتۇش خاراكتېرىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى ۋە تارقىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىستىلاسى بىلەن بولغان كۆرۈشى ئادالەت كۆرۈشى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەقىدە كۆرۈشى سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى ئېنىق ۋە روشەن نىشان بىلىپ تونۇش شەكىللىنىدۇ. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى ئۇلى شۇ مىللەتنىڭ دىنىي، تىلىي، كۇلتۇرىي، ئەدەبىي ۋە سەنئىتىي ئىندىۋىدۇئاللىقى ۋە ئىستىلاچى مىللەت بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىدەك ئوخشىماسلىق پەرقى بولۇپ، بۇ ئوخشىماسلىقلار مىللەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدىن شەكىللىنىپ دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بىر يۈكسەكلىككە چىقىشىغا ئالدىنقى شەرت ۋە سەۋەبلەرنى ھازىرلايدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن بار بولغان ئەۋزەللىكتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش تارىخى ۋە دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش ئىرادىسى بۇنىڭغا ياخشى بىر تولۇقلىمىدۇر. بۇ ئوخشىماسلىقلار بىزنىڭ ئىستىلاچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشىمىزنىڭ يىلتىزى ۋە سوقۇلۇش يۈزى بولۇپ، ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئىستىلاچى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋەتىنىمىز تۇپرىقىغا يەرلەشتۈرۈلگەن ۋە يەرلەشتۈرۈلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق توقۇنۇش خاس ئادالەت ۋە ھەقىقەت ئىزلەش ۋە ھەق-ھوقۇق تالاش تارتىشى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەقىدە توقۇنۇشىدۇر. يەنى ئۇيغۇرلۇق ياكى شەرقىي تۈركىستانلىق كىملىك توقۇنۇشى بىلەن خىتايلىق ياكى جۇڭگولۇق كىملىك توقۇنۇشىدۇر. كۈرىشىمىزنى مۇشۇ ئاساستا خاراكتېرلىگىنىمىزدە بىزنىڭ مۇستەقىل بولۇشىمىزغا ئېنىق سەۋەب ۋە شەرت ھازىرلىنىدۇ. ئەسلىدە بار بولغان، كېيىن ئىستىلا قىلىنغان دۆلىتىمىزنى تىرىلدۈرۈش بولسا قانۇنىي ئاساسىمىزدۇر.  5-ئىيۇل قىرغىنىدا قىرغىن قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياجانلىق سادالار بىلەن «ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،ئۇيغۇر…!» دەپ توۋلىشى ۋە خىتاي ئىستىلاچىلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشى، خىتاي ئىستىلاچى سىياسىتى تۈرتكىسىدە ۋەتىنىمىز تۇپراقلىرىغا يەرلەشتۇرۈلگەن ۋە يەرلىشىش ئالدىدىكى خىتايلارنىڭ قوللىرىغا قېلىچ-كالتەكلەرنى كۆتۈرۈپ خەلقىمىزنى قىرغىن قىلىشى بۇ توقۇنۇشنىڭ نېگىزىنى ۋە ماھىيىتىنى بىزگە تونۇتتى ۋە ھەقىقىي سەۋەبنى بىزگە تىراگىدىيىلىك كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق سۈرەتلەپ بەردى. دېمەك بىزنىڭ كۆرۈشىمىز خاس كىشىلىك ھوقۇق كۈرۈشىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنىڭ ئېڭرىشىدا قۇترىغان مەۋجۇتلۇق كۈرىشىدۇر. ئۇيغۇرلۇق ياكى شەرقىي تۈركىستانلىق كىملىكىدىن شەكىللەنگەن مىللەتچىلىك ئەقىدىسى بىزنىڭ كۈرىشىمىزنىڭ ئۇلىلا بولۇپ قالماستىن، مەيلى جەڭ ياكى ئۇرۇش قىلىش يولى بولسۇن،ياكى تېنچ يول بىلەن مېڭىش چارىسى بولسۇن، ئۇيغۇرلۇق مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن شەكىللەنگەن بارلىق ئىدىيە ئېقىملىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەركەت كۈچى ۋە ئارقا سېپىدۇر. ھەرقانداق بىر يولدىكى كۈرىشىمىز بۇ ئارقا سەپتىن مۇستەسنا ھالدا ساغلام تەرەققىي قىلالمايدۇ ۋە يۈكسەك مەنزىلگە يېتەلمەيدۇ.

5 – باپ

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنى كونتىرول، ئىدارە قىلىش سىياسەتلىرى، خىتاي ئىستىلاسى ۋە ئىستىلاچى سىياسىتى تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر تۇپراقلىرىغا يەرلەشتۈرۈلگەن ۋە يەرلەشتۈرۈلىۋاتقان خىتايلاردىن كەلگەن زۇلۇم ۋە خورلۇقلار ئۇيغۇرلاردا بۇ مەسىلىلەرنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتىن تاقىتىنى ئازلىتىپ، ئۇرۇش ياكى جەڭ قىلىش يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش سادالىرىنى كۈچەيتمەكتە.  شۇ سەۋەبتىن بۇ يولنى بىزنىڭ تەتقىق ۋە مۇلاھىزە قىلىش تەقەززايىمىز تۇغۇلدى. گەرچە بۇ ساھادە بىلىش ۋە بىلىم دائىرەم تار ۋە چەكلىك بولسىمۇ، مەزكۇر ماقالىدە تەنتەكلىك بىلەن تەھلىل قىلىشقا پېتىندىم. ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا بۇنداق بىر يولدا مېڭىش ئۈچۈن كېرەك ۋە ئۇل بولغان شەرت ئارقا سەپ ھەققىدە مۇلاھىزىلەر قىلىندى. ئۇيغۇرلاردا دۆلەت قۇرۇش ياكى قۇتۇلۇش سوقۇشى ياكى ئۇرۇشى شەكىللىنىشى ئۈچۈن مېنىڭچە تۆۋەندىكى بىرقانچە باسقۇچلار بېسىلىشى كېرەك. بىرىنچى باسقۇچ: ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ قۇترىشى ۋە بۇ قۇتراشنىڭ خىتاي ئىستىلاسى بىلەن توقۇنۇشىشى. بۇ توقۇنۇش ياكى سوقۇلۇش ئۇيغۇرلاردا كۈرەش قىلىشنىڭ روھىي ھەركەت قۇۋۋىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئۇرۇش تەقەززاسى ياكى ئىلاجىسىزلىقىنى كەلتۈرىدۇ. خىتاي ھاكىمىيى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بارلىق سىياسەتلىرى بۇ باسقۇچنىڭ تاماملىنىشى ۋە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولغان بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇرلاردا بۇنداق بىر روھىي تەقەززالىق شەكىللەندى ۋە شەكىللىنىپ قۇۋۋەتلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىنىي، كۇلتۇرىي ئويغۇنۇش خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى دىنىي ۋە زىيالىي خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن داۋاملاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشى زۆرۈر. ئىككىنچى باسقۇچ: زىددىيەتلەر تۈرتكىسىدە ڧىزىكىلىق قارشىلىق پەيدا بولۇشى، ڧىزىكىلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئوپراتسىيىلىرى پەيدا بولۇشى ۋە ئەمەلىيلىشىشى، بۇ ھەركەت ۋە ئوپراتسىيىلەرنىڭ تۈرتكىسى ۋە غىدىقلىشىدا ۋەتەن ئىچىدە گۇروھلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە شۇ گۇروھلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىشى ياكى يېڭى گۇروھلارنىڭ شەكىللىنىشى كونىلارنىڭ يوقىلىشتەك ئۇپراشىنى تولۇقلىيالىشى كېرەك. غازىلارنىڭ ساقلىقى ۋە مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاش ۋە ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى سېستىمىلىق تەتقىق قىلىپ ئىلمىي ئەمگەكلەرنى يارىتىش ئارقىلىق جەڭ ياكى ئۇرۇشنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىغا ماس بولغان نەزەرىيىلىرىنى يارىتىش كېرەك. ھازىر ۋەتەن تۇپراقلىرىدا شەكىللەنگەن ۋە ئجرا قىلىنغان قارشىلىقلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئۈزۈكلۈك خىتاي ئىستىلاچى ئاپپاراتىنىڭ قۇرال كۈچلىرى ئارقىلىق باستۇرۇش،كونتىرول قىلىشى ۋە ئىدىئولوگىيىلىك خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئىشلەپ مېڭە يۇيۇشدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ كۈرەشتە ئۇيغۇرلاردا ئىدىلوگىيە ئۇرۇش سېپىدىن ئىبارەت بىر يۇمشاق ئالدىنقى سەپنىڭ شەكىللىنىش ئېھتىياجىنى تۇغدۇرغان. ھەركەتلەرنىڭ ئۈزۈكلىكى بۇنىڭ كەلگۈسىدە كەڭ كۆلەملىك مۇنتىزىم قارشىلىققا ئايلىنىشى، يەنى ئۇرۇش ياكى جەڭگە ئايلىنىش يولىنى مۇجىمەللەشتۈرىدۇ. شۇڭا سىجىل كۈرەش يولىنىڭ بايقىلىشى ياكى ئېچىلىشى بۇ باسقۇچنىڭ مۇھىم بۇرۇلىشىدۇر. ئۈچىنچى باسقۇچ: ئۇرۇشنىڭ ئۇچۇر ۋە ئاخبارات تەييارلىقىنىڭ ئىلىنىشى. خىتاي ئىستىلاچىلىنىڭ ھەربىي ۋە ساقچى كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشى ۋە قۇرال كۈچىنىڭ قانداقلىقى، ئۇلارنىڭ ھەركەت قائىدىسى ۋە ئالاھىدىكىلى، ئۇچۇر-ئالاقە ئۇسۇللىرى ئۇرۇشتىن بۇرۇن ۋە ئۇرۇش جەريانىدا ئىگىلەشكە ۋە ئانالىز قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ خىزمەتتۇر. خىتاي ئىستىلاچىلىرىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى بىرلەمچى قۇرال كۈچلىرى، يەنى ۋەتەن تۇپرىقى ئىچىدىكى قۇراللىق مەۋجۇدلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئۇچۇر ۋە ئاخبارات بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە ئاخباراتلارنىڭ ئىگىلىنىشى ئۇيغۇر جەڭ سىتراتىگىيىسىنىڭ بەلگىلىنىشىگە مۇھىم ئامىلدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تۇپرىقىغا يۆتكىلىش ئېھتىمالى بولغان ئىككىلەمچى ھەربىي كۈچلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇر تۇپرىقىدا مەۋجۇد ئېھتىمالى قارشىلىقلار ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئاخباراتلار مۇھىم سىتراتىگىيىلىك ئۇچۇر ۋە ئاخباراتلار بولۇپ، بۇ ئۇچۇر ۋە ئاخباراتلار ئىشلەنمەي تۇرۇپ، كەلگۈسىدە كەڭ كۆلەملىك ئۈنۈملۈك قۇراللىق قارشىلىق قىلىش مۇشەققەت. تۆتىنچى باسقۇچ: خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇپرىقىدا مەۋجۇد ھەربىي كۈچلىرىنىڭ قۇراللىنىش ۋە جايلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇلارغا قارشى قۇرال ۋە تېخنىكا تەييارلىقى بولۇشى، قۇرالنىڭ ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىشى ۋە كۆپىيىشى ئۈچۈن ئارقا سەپ بولۇشى لازىم. ئېسىل قۇرالغا قارىغاندا مۇۋاپىق ۋە خىتاي مەۋجۇد ھەربىي كۈچىگە كۈشەندە بولغان قۇراللار ۋە تېخنىكىلار بىلەن قۇراللىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئۇيغۇرلار مەيلى قانداق يوللار ئارقىلىق بۇ قۇراللارغا ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نېمىگە ھاجىتى بارلىقىنى بىلىشى كېرەك، ياكى شۇ لازىمەتلىكلەرنى تەمىنلىگۈچى بۇنى بىلىشى كېرەك.  بۇنداق بىر ئۈچىنچى ياكى كۆپ تەرەپنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش دېپلوماتىيە ياكى ئىقتىسادىي يوللار بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا بۇ يوللارنى بايقاش ، ئېچىش ۋە مېڭىش ئىقتىدارى ۋە جۈرئىتى بولۇشى كېرەك. بەشىنچى باسقۇچ: قارشىلىقلارغا رېئال ياكى مەۋھۇم كونتىرول قىلىش كۈچىگە ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە بىر مەۋھۇم ياكى يوشۇرۇن ئەقىل ۋە سىتراتىگىيە تۈگۈنى، يەنى شىتابى بولۇشى كېرەك. قارشىلىقلار ئارىسىدا ئالاقە قۇرۇش ۋە بىرلىككە كەلگەن قارشىلىق شەكىللىنىشى كېرەك. بۇ باسقۇچنىڭ تاماملىنىشى سېستىمىلىق ئومۇمىي ھەربىي ھەرىكەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئالدىنقى شەرت بولۇپ، بۇ باسقۇچ تاماملانماي تۇرۇپ قارشىلىقلار جەڭگە ياكى ئۇرۇشقا ئايلىنىشى مۇشەققەت. ئالتىنچى باسقۇچ: ئۇرۇش ياكى جەڭ باشلانغاندا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قۇراللاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كۈچنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.  مەسىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇخالىپ كۈچلىرى ئازات قىلغان ياكى ھەركىتى قويۇق رايۇنلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق يادرو ياكى چەكلەنگەن قۇراللاردىن پايدىلىنىپ قىرغىنچىلىق قىلىشىنى توسۇيدىغان  قۇدرەتكە ئىگە بىر كۈچ خىتاينىڭ ئېغىر كۈچلىرىنى مەيلى قانداقلا نام ئاستىدا بولسۇن بىتچىت قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭ ھالىتىنى ساقلىشى ۋە تەتۈر تەڭپۇڭلۇق شەكىللەندۈرۈپ ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدا ئاكتىپ ۋە پايدىلىق ئورۇنغا ئېرىشىشى، ئاخىرقى ھېساپتا غەلىبە قازىنىپ مىللىي قۇتۇلۇشنىڭ ئەمەلگە ئېششىنىڭ تېزلىشىشىگە پايدىلىق. يەتتىنچى باسقۇچ: ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش تەقەززاسىنى خىتايلارغا ۋە دۇنياغا بىلدۈرۈش ۋە تونۇتۇش كېرەك.  تەشۋىقات ۋە دېپلوماتىيە يوللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تۇپرىقى، خىتاي ۋە دۇنيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىتتىپاقچى تېپىش ۋە قېزىپ چىقىش. ھەتتا خىتاي كۈچلىرىدىن ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا خىلاپ بولمىغان ھالدا پايدىلىنىش كېرەك. ئۇيغۇر تۇپرىقىدا ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇشنىڭ  دۈشمىنى خىتاي ئىستىلاسى بولۇپلا قالماي، بەلكى شۇ تۇپراققا يەرلەشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئارمىيىسى بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئارمىيىسى ئارىسىدىكى ئىنچىكە مۇناسىۋەتلەرگە دىققەت قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئارمىيىسى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى زىددىيەتلەردىن پايدىلىنىشنى بىلىش، ھەتتا مەلۇم شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئىككىسىگە ئايرىم مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق تەييارلىقلاردا بولۇش كېرەك.  ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدىغان ھەرقانداق دوستانە ئېزگۈ كۈچلەر بىلەن باشقا ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالمىغان ئاساستا ئىتتىپاقلىشىش كېرەك. دۈشمەننىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزگە تارتىشقا ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا مۇمكىن بولىدىغان ھەرقانداق تەرەپكە دىققەت ۋە ئېتىبار قىلىش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنياغا ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېزگۈ ۋە مەنپەئەتلىك تەرەپلىرىنى تونۇتۇش، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دۇنيانى ھىسسىياتىي ۋە چۈشەنچە جەھەتتىن تەييار قىلدۇرۇش كېرەك. سەككىزىنچى باسقۇچ: ئۇرۇش قىلىش ھامان تېنچلىق ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشى ھەرگىزمۇ خىتاي مىللىتىگە بولغان ئۆچمەنلىك بىلەن ئۇلارنى قىرغىن قىلىش ئۈچۈن باشلانمايدۇ، داۋاملاشمايدۇ ۋە ئاياقلاشمايدۇ. ئۇرۇش ئاخىرقى ھېساپتا تېنچلىق ئېلىپ كېلىدىغان ۋاستە بولۇپ، ئۇيغۇر ئۇرۇشىمۇ بۇ كاتىگورىيىدىن چىقالمايدۇ. ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا مەيلى قانچىلىك ئۆچمەنلىك يېتىلدۈرۈشكە تىرىشسۇن، ئۇيغۇرلار چوقۇم كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ مىللەتچىلىك بىلەن ئېرقىي كەمسىتىش ۋە قىرغىن قىلىش ياكى قىلىنىشنىڭ چىگرىسىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئۇيغۇر دۆلىتى ئۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇلماقچى بولسا، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا تېنچلىق بېتىمى ياكى باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا مۇشۇنداق بىر ھالەت ياكى ۋەزىيەتكە يېتىش ئۈچۈن قاتتىق – يۇمشاق كۈچلەر ئورتاق ھەركەتلىنىشى بىر-بىرىنى تولۇقلىشى زۆرۈر. يۇقىرىدا تىزىس قىلغان باسقۇچلار بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى كېلىدىغان، ئېنىق چىگرا ئاجراتقان باسقۇچلار بولماستىن، بەلكىم ھەممىسى مەلۇم باسقۇچتا بىرلىكتە ھەركەت قىلىشى زۆرۈر. ئۇيغۇرلاردا مۇشۇ باسقۇچلارنى بېسىش قۇدرىتى ۋە جۈرئىتى بولۇشى، ئۇرۇش ياكى جەڭ قىلىشتا كېرەك بولىدىغان ئىقتىساد،ئىقتىدار،لەزىمەتلىك ۋە ئادەم كۈچىنىڭ تەمىنلىنىشى بۇ يولنىڭ بېسىلىش ياكى بېسىلماسلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولۇپ، شۇ پۇرسەت كەلگەندە، شۇنداق ۋەزىيەت شەكىللەنگەندە، ئۇيغۇردا شۇنداق ئىقتىدار بولغاندا بۇ يول تەبئىي ھالدا ئېچىلىدۇ ۋە مەنزىلگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇنداق بولۇشىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن خىتاي ئىستىلاچىلىرى ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئەمدىلا ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە مىللىي تۇيغۇ ۋە دىنىي قىزغىنلىق سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنى دەستەكلەپ قويۇشتەك بىر ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆزىنىڭ يىراق مۇددەتلىك ئىستىراتىگىيىسى بولغان غەرىپكە كېڭىيىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكى جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق-يۇمشاق ۋاستىلەر بىلەن ئالداش-بېسىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزسە، سىرتقى جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن دوستلۇق-ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى قۇرۇش، ئىقتىسادىي-تىجارىي مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇش قاتارلىق يوللار بىلەن ئۇلارنى ناركوز قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشتىن توسۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي بازىسى «لەنجۇ ھەربىي رايۇنى»غا يانداش قىلىپ «شىنجاڭ ھەربىي رايۇنى» قۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە ئاپىراتى «بىڭ تۈەن»نىڭ زېمىن كېڭەيتىش، يېڭى شەھەرلەرنى بەرپا قىلىپ نوپۇس ئاشۇرۇش ئىشلىرىنى تېزلىتىپ بۇنداق بىر ھەربىي توقۇنۇشنىڭ پەيدا بولۇشىنى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار زور ئۈمۈدلەر بىلەن شۇنداق بىر يوللارنى بېسىشقا تەرەددۈتلىنىشتىن بۇرۇنلا خىتايلار بۇنداق ئېھتىماللىقلارنى مۆلچەرلەپ بۇنداق يوللارنى توسۇشقا ھەركەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار تاش ئارىسىدىكى دەزدەك كىچىك ئارىلىقتا ئۆز ئۈمۈدلىرىنى يوقاتماي ئۇرۇق كەبى تاشنى يېرىپ چىقىپ بۈيۈك دەرەخ بولۇشقا ئىنتىلەتتى ۋە شۇ يۆنۈلۈشكە قاراپ سىلجىتتى. مانا بۇ ئۇيغۇر روھى ئىدى!

6 – باپ

تېنچلىق يولى بىلەن مۇستەقىل بولۇش ياكى دۆلەت قۇرۇش شۇنداق تەلەيلىك مىللەتلەرگە شۇنداق بىر شارائىتلار ھازىرلانغان پەيتلەردە نىسىپ بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئۇرۇشنىڭ ياكى زوراۋانلىقنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قانچىلىك زىيان ۋە زەرەرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ھەرقانداق بىرى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇشۇنداق تېنچلىق يوللىرى بىلەن سائادەتلىك بىر كۈندە شاراپەتلىك مۇستەقىللىققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، تەبئىي. تېنچ يول بىلەن مۇستەقىل بولۇش ياكى دۆلەت قۇرۇش خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى جايىدا قوللىنىشقا ئىقتىسادىي كۈچ ياكى ھەربىي قۇۋۋەت پارالىل ھالدا تەسىر كۆرسەتكەندە ئەڭ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، مەيلى ئۇ ئىقتىسادىي كۈچ ياكى ھەربىي قۇۋۋەت ئۇيغۇر توپىدىن كەلگەن ياكى ئۇيغۇر توپىغا تەۋە بولسۇن، ۋەياكى ئۇيغۇرلار پايدىلىنالايدىغان باشقا توپلاردىن، دۆلەتلەردىن كەلگەن بولسۇن، شۇنداق بىر تەسىرنىڭ بولۇشى بۇ يولنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىدا ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە. دېپوماتىيە ياكى تەشۋىقات ئارقىلىق دۇنيا مىللەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەمەسلىكى ياكى خىتايغا تەۋە ئەمەسلىكى ھەم ئۇنداق بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى تونۇتۇش ئارقىلىق، دۇنيا كۈچىدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل بولۇش چۈشى تولىمۇ مۈشكۈل مۇساپە بولۇپ، رېئاللىققا ئايلىنىش ئېھتىمالىنى دۇنيانىڭ تىبەت سىياسىتىدىن كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. دۇنيادا نۇرغۇن مىللەتلەر تىبەتنىڭ خىتايغا تەۋە ئەمەسلىكىنى، ئەمما خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى بىلسىمۇ ۋە ئېتىراپ قىلسىمۇ، ھېچكىم ئاتالمىش ئادالەتنىڭ بۇ مىللەت ئۈستىگە قونۇشى ئۈچۈن خىتايغا تىبەتتىن چىقىپ كەت، ئۇلارنى مۇستەقىل قىل، دەپ باقمىدى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بۇ يولنىڭ بىزگىمۇ ئوخشاش نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بەلكىم رېئاللىق بولۇشىمۇ ناتايىن. ئەگەر، ئۇيغۇر دەۋاسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن پەيتتە، خىتاي بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئىقتىسادىي توقۇنۇشلار كۆرۈلۈپ، دۇنيا ۋەزىيىتى زور ئۆزگۈرۈشلەرگە يۈز تۇتقاندا، بولۇپمۇ بۇنداق ئۆزگۈرۈشلەر خىتاي چىگرىسى ئىچىگە زور تەسىر قىلغان، خىتايغا زور داۋالغۇچ بولۇپ، خۇددىي سوۋىتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغانغا ئوخشاش پۇرسەتلەر كەلگەندە، دۇنيا نەزىرىدىكى بۇ خىل ئېتىبار بىزنىڭمۇ تېنچ يول بىلەن مۇستەقىل بولۇشىمىزغا پايدىلىق بولۇشى ئېھتىمال. ھازىر خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى داۋالغۇچ ۋە قارشىلىقلارغا قارىساق، بۇ خىل پۇرسەتنىڭ كېلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دېيىشكە بولماسلىقى مۇمكىن. دېمەك، بۇ يول خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلۈشۈپ ئىچكى پارتىلاش بولۇشى ۋە زور سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولۇشىدىن ياكى خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئېتىبارىدا بىزگە مۇستەقىل بولۇشىدىن ئېچىلىدىغان ۋە مېۋە بېرىدىغان يولدۇر. ئەگەردە خىتايدا كوممۇنىست رىجىمى ئاياقلىشىپ، دېموكراتلىشىش ۋە ئەركىنلىك بولغان سىياسىي تۈزۈلمە بەرپا قىلىنسا، ئالدى بىلەن بۇ تۈزۈلمىنىڭ قانۇنىغا دىققەت قىلىش زۆرۈر. ئەگەر بۇ تۈزۈلمىنىڭ قانۇنىدا ئۇيغۇر تۇپرىقى قاتارلىق مانجۇ ئېمپىرىيىسىدىن مىراس قالغان مۇستەملىكە زېمىنلارنىڭ مۇستەقىللىققا چىقىشىنى چەكلەيدىغان ماددىلار بولسا، بۇ تۈزۈم قانچىلىك دېمۇكراتىك ياكى ئەركىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بىزنىڭ مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزغا ئاخىرقى ھېسابتا تەھدىت ۋە خىرىست بولۇشى مۇمكىن. تېنچ يول بىلەن مېڭىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم ھالقىسى خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئېھتىمال بولغان سىياسىي داۋالغۇچتا تەختكە چىققۇسى بولغان مۇخالىپلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە دېپلوماتىيە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە كەلگۈسى پىلانلىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك.  نوبىل ساھىبى بولغان لىيۇنىڭ 2008خارتىرىيىسىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا خىتاي ئىچىدىكى مۇخالىپلارنىڭ مىللەت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى مۇستەقىللىق بېرىش بولماستىن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ڧىدراتسىيە بېرىش چارىسى بولۇپ، ئۇنداق بولغاندا تەڭداش ڧىدراتسىيىلەر بىرلىكتە نوپۇس ۋە باشقا ئېتىبارلار بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان ڧىدراتىپ ھۆكۈمەت قۇرۇدۇ. بۇنداق بىر ھۆكۈمەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ئورۇن تۇتالىشى بىزنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىمىزدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر نوپۇسى ۋە ئومۇمىي نوپۇستا تۇتقان پىرسەنتى مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا بىزنىڭ ئېرىشكەن ھوقۇقلىرىمىز ھەتتا ھازىرقىدىن پەرق قىلماسلىقى مۇمكىن. يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغان تەقدىردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىسى كۆچمەنلەرنى بىرتەرەپ قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، ھازىرقى ھاكىمىيەت يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن يەرلەشتۈرىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر كەلگۈسىدە بەلكىم ئۇيغۇر ڧىدراتسىيىسىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنىڭ ئۇيغۇرلاردا بولماي، بەلكى يەنىلا خىتايلاردا بولۇشىنى،  ياكى ئۇيغۇرلارغا تەگكەن ھوقۇقلارنىڭ قىسمەن ئاز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ ، ئۇيغۇرلار ھەتتا ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ياكى ئۇيغۇر تۇپرىقىنىڭ ئىككى ڧىدراتسىيىگە بۆلۈنۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالىي قىسىملاردىن قىسىپ چىقىرىلىشىنى كەلتۈرىشى مۇمكىن.  شۇڭا  بۇ مەسىلىلەردە ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق بولۇشى ۋە بىر مەركىزىي ئىدىيە شەكىللىنىشى كېرەك. تېنچ يول بىلەن مۇستەقىل بولۇش ياكى دۆلەت قۇرۇش خاس تەشۋىقات ئارقىلىقلار ئەمەلگە ئاشىدىغان ئاسان يول ئەمەس، بەلكى دېپلوماتىيىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدىغان يول بولۇپ، بۇ بىزنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە تۇتقان ئورنىمىز بىلەن مۇھىم ئالاقىدار. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە تۇتقان ئورنىمىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بىزنىڭ ئونۋېرسال كۈچىمىزنىڭ كۆتۈرۈلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا دۆلەت ئاپپاراتى بولمىغان تەغدىردە، بىر ئىقتىسادىي بىرلىك ۋە ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇرلار مەلۇم دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دەرىجىگە يېتىشى بەلكىم بۇ مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ئورۇنلارغا ئېرىشىشىگە پايدىلىق. يەھۇدىيلار ئىككى مىڭ يىللىق ۋەتەنسىزلىك ھاياتىدا دۇنياغا تارقىلىپ سودا-سېتىقنى ئاساسلىق تۇرمۇش ئۇسۇلى قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇزۇن مۇساپىدە ئۇلاردا نۇرغۇن كاپىتال توپلانغان ۋە ياۋورپا-ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئورۇنلارغا ئىگە بولغان. شۇ ۋەجىدىن دۆلەت ئاپپاراتى بولمىغان يەھۇدىي مىللەتچىلىك ھەركىتى تېنچ يول بىلەن ب د ت تەرىپىدىن دۆلەت قۇرۇپ بېرىشتەك ئېتىبارغا سازاۋەر بولغان. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قىرغىن قىلىنىش سەرگۈزەشتىسى بۇنىڭدا مۇھىم رول ئالغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادا ئۇلارغا ئوخشاش قىرغىن قىلىشقا ئۇچرىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئېرىشكەن ئېتىبارى بۇ ئامىلنىڭ ئاساسلىق ئامىل ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. دۆلەت ھالقىپ مەۋجۇد شارائىتلار ئارىسىدا تىجارىي مۇناسىۋەتلەردە بولىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىرلىككە كېلىپ بىر ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر گەۋدىسى پەيدا قىلغاندا، بۇ گەۋدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەندە ۋە قوللىغاندا بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە قىسىلىپ كىرىش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئېتىبارى ئارتىشى ۋە تېنچ يول بىلەن مۇستەقىللىق چۈشىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى كۆرۈشى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشىغاندەك خىتاينىڭ ھازىر مەۋجۇد ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ۋە مەۋجۇدلىقىغا زور تەسىر قىلالايدىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى سەۋەب قىلغان ئىقتىسادىي شەرتلىرى ياكى سۈركىلىشلىرى خىتايغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى باشقىچە  يوللار بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان ۋە تۈرك ئېرقىدىن بولۇشى، خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئوبيىكتى بولغان ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا تۈركىي تۇپراقلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى ۋە بۇ مەسىلىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇق مەسىلىسى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشى شۇنداق بىر تارىخىي پەيتنىڭ كېلىش ئېھتىمالىنى بىزگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر مەركىزىي مەمۇرىي ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە كىرىدىتىنى ئۆرلىتىش تەقەززاسى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش بىر ۋەكىل خاراكتېرلىك ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى، باشقا ئورگان ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ مەزكۇر ئورگان بىلەن ئەمەلىي بىرلىكنى ھازىرلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. بۇنداق بىر ئورگاننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە رابىيە ئانىمىزدەك بىر داھىينىڭ يېتەكلىشىگە ھەمدەمدە بولۇپ ئاۋاز قوشۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ساپاسىنىڭ ھازىرلىنىشىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ئەھمىيەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇنداق بىر ئورگاننىڭ تۈرلۈك مېخانىزىملارغا ئىگە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى يىغىشى كۈچنىڭ بىرلىكلىكىنى ۋە قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، دۇنياغا ئۇيغۇرلار بىلەن مەزكەرلىك ئۇچرىشالايدىغان سورۇن ھازىرلىنىدۇ. ھەقىقىي مەنىدىكى ۋەكىل خاراكتېرىگە ۋە ڧونكىسسىيىسىگە ئىگە بىر مەركىزىي ئورگاننىڭ ئەقىل تۈگۈنى بەرپا قىلىپ ئۇيغۇر ھەركىتىگە رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى زۆرۈر ۋە تەقەززا بولۇپ، بۇنىڭغا يانداش ھالدا بىۋاستە ياكى مەۋھۇم كونتىروللۇقىنى قوبۇل قىلىدىغان، مەلۇم ۋەزىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ۋە بەزى شەيئى-ۋەقەلەرگە ۋاكالىتەن ئىنكاس بىلدۈرەلەيدىغان ئورگاننىڭ بولۇشى مەركىزىي ئورگانغا خرىست بولماستىن، بەلكى مەركىزىي ئورگانغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مۇلازىمەت قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ھازىر ئۇيغۇر دەۋراسىنى يۈرگىزىۋاتقان ئورگان-تەشكىلارلار ئىچىدە بۇنداق ڧونكىسىسىيىگە ئىگە تەشكىلاتلار يېتىلىۋاتىدۇ ۋە كەلگۈسىدە مەلۇم قۇۋۋەتكە يېتىش مۆلچەرى بار. بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ سىجىللىقى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشى ۋە دەستەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ ۋە خەلقنىڭ دەستەكلىشى تەشكىلاتنىڭ كىرىدىتىنى ئۆرلىتىپ ئىمتىيازىنى كۆتۈرۈشكە مۇھىم تۈرتكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن يوللار بىلەن تەشكىلارنى قوللىشى ۋە ئۆزىنىڭ مەركەزلىك ئورگىنىلىق ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە ئېرىشىدىغان ئىمتىيازىنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئۇيغۇر چۈشىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا ئىجابىي قەدەملەر تېخىمۇ كۆپ بېسىلىدۇ.

7 – باپ

خەلقئارا قانۇنلاردا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇدلۇق خىرىسىغا يۇلۇققاندا ئۆز تېرىتورىيىسى دائىرىسىدە ئاۋاز تاشلاش ئارقىلىق مۇستەقىل بولۇش ياكى بولماسلىقنى تاللاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغانكەن. ئەمما ھېچقانداق قۇراللىق ھەربىي قوغدىشى ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى بولمىغان بۇنداق قانۇنلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بەزىدە كىشىنى نائۈمۈد قويىدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش دۇنياۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشىكىنى چېكىش ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ بايا ئېيتىلغان قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى يۈزگۈزۈشنى بىلدۈرۈش يولى شۇ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز ئىزچىل ئالغا سىلجىشقا ئىنتىلىۋاتقان ۋە ھەرقانداق ۋىجدانلىق نورمال ئۇيغۇرنى سۆيۈندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقان يول ۋە ئىشىكلەردۇر. خۇددىي سىياسەتچىلىرىمىزنىڭ ئېيتقىنىدەك ئۇيغۇر دەۋاسى شۇ تىرىشچانلىقلار ۋە دۇنياۋىي پۇرسەتلەر نەتىجىسىدە ھەق-ھوقۇقلارنى تونۇشتىن ھەق- ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىشقا، قانۇنلاردىن پايدىلىنىشتىن ھەتتا قانۇن تۈزۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى. سۆيۈملۈك ئانىمىز رابىيە خانىمنىڭ يولدىشى، پىشقەدەم ئىنقىلابچىمىز، ئەدەبىياتچى ۋە ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى دادىمىزنىڭ مىللەتكە نىشان ئەسىرى «ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تارىخ ۋە خەلقئارا سىياسەت ئاساسلىرى» ناملىق كىتابىدىن بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ  ياخشى چۈشىنىپ تونۇپ يېتەلەيمىز. ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان دۆلەت قۇرۇپ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلغان، ئەزەلدىن مۇستەقىل ياشاپ، قېنىغا ھۆرلۈك ئۇدۇم بولغان مىللەت. ئۇ مەيلى قانچىلىك مۇستەملىكە ھالىتىدە قالسۇن، ئىستىلاچىلار تەرىپىدىن مېڭە يۇيۇش ئۈچۈن  ئېلىپ بېرىلغان ئىدىئولوگىيىلىك قايمۇقتۇرۇشلارغا ئۇچرىسۇن، بۇ روھ ئۆلمىدى بەلكى قايتا ئويغاندى. ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش تەقەززاسى ئۇيغۇرنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان غورۇرىلا ئەمەس، بەلكى پايخان قىلىنىۋاتقان ئەڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشلىرى ئارقىلىق باشلاندى ۋە دۇنيا جامائىتىگە تونۇلدى. دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشى سۆيۈملۈك پائالىيەتچىلىرىمىز ۋە رەھبەرلىتىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتلىرى جەريانىدا دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى تۈرتكىسىدە دۇنيانىڭ خىتايغا نەزەر ئاغدۇرۇشى بىلەن تونۇلدى ۋە تونۇلىۋاتىدۇ. ئەمما دۇنيا تېخى بىزنىڭ مەسىلىمىزنىڭ تۈپ نېگىزىنى تونۇپ يەتكىنى ۋە ئۇنىڭ يېشىلىش يولىنى بىلگىنى ياكى ئۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلغىنى يوق. بەلكى جاھان كۆلىمىدىكى نۇرغۇن سىياسىئونلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىنىش يولىنى ئېنىقلاشنى خالىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە تۇتقان ئورنى ۋە ئېتىبارى مۇناسىۋىتى، ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبلىك بۇ مەسىلىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە رەسمىي يوسۇندا ئۈستەلگە قويۇلغىنى بەلكىم تېخى يىتەرلىك ئەمەس. جاپاكەش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۆز ئىقتىدارىنىڭ، شارائىتىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر زور تىرىشچانلىق بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا مۇناسىۋەتلىرىدە شۇنداق بىر ھالەتكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى، بىر ئادەم چاقىرسا بىر ئادەمگە، ئىككى ئادەم چاقىرسا ئىككى ئادەمگە يىراقنى يىراق دىمەي بېرىپ تونۇشتۇردى ، ئۇيغۇر دەردىنى ئاڭلاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىدە تونۇتۇش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئىمتىيازىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بولغانىدى. ئاللاھ شۇ قېرىنداشلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ ئەجرى ۋە ساۋابىنى بەرگەي، مانا ئەمدى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يىغىن ئاچالايدىغان، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدا سالماقلىق ئورۇن تۇتالايدىغان بولدى. ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى پەقەت مۇستەقىل دۆلىتى بولغاندىلا ھەقىقىي قوغدىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە شۇنىڭغا ئىشەندۈرۈش، ئىلگىرى قۇرغان ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇش ۋە ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ئۇ دۆلەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىنچىگە ئۆزگۈرۈشلىرىگە دىققەت قىلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ھوقۇقى- دۆلىتى قۇرۇش يولىنى ئالغا سىلجىتىش، پەيتى كەلگەندە خەلقئارا بېرىسم ئارقىلىق خىتاي ئىستىلاچىلىرىنى مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ياكى ئۇيغۇر تۇپرىقىدا ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش قاتارلىق قانۇنىي ۋاستىلەر ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى ئەسلىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك مەقسەتكە يەتكىلى بولىشى مۇمكىن. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسەتچىلىرىنىڭ كەسپىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەنى كەسپىي دەۋاگەرلەر قوشۇنىنى زورايتىش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يولغا كىرەكلىك تۇراقلىق ئىقتىساد-كاپىتال مەنبەسى بولۇشى كېرەك. بۇ مەنبە يەنە شۇ ئارقا سەپ بولۇپ، بۇ ئارقا سەپ خەلقئارادىكى باشقا تەشكىلارلاردىن كېلىدىغان ئىقتىساد، ئىئانە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدىن كېلىدىغان بەدەل پۇلى قاتارلىقلار ئارقىلىق كېلىشتىن باشقا، مۇقىم بىر ئىقتىسادىي مەنبە بولۇشى كېرەك. ھازىرقى ئەھۋالدا ئامېرىكىدىكى بىرقانچە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا بېرىدىغان ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە بىرقىسىم ئىئانىلەردىن باشقا، بۇنداق بىر قوشۇن قۇرۇشقا كېتىدىغان ئىقتىسادنى ھەل قىلىدىغان يول كەمچىل. بۇ چەتئەللەردە مۇساپىرەتتە ياشاۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئاڭلىقلىق بىلەن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە ھالدا ئۆز تەقدىرىگە، مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ كۈرەشكە دەسمايە سېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ يول بېسىلماي تۇرۇپ ئالدىنقى قىسىملاردا دېيىلگەن ھازىرلىقلارنىڭ تەييار بولۇشى مۇشەققەت ۋە يىراقتىدۇر. دېمەك مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت قۇرۇش يولى ھەربىرىمىزنىڭ بۇ يولغا قانچىلىك دەسمايە سالالىشىمىزغا ۋە شۇ دەسمايىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈملىك قوللىنىلىشىدىدۇر.  ئۇيغۇرلاردا سودا-تىجارەت بىلەن شۇنداق قۇۋۋەتنى ھازىرلىغان ئىنسانلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ماڭا قاراڭغۇ، ئەمما شۇنداق ئىنسانلار بولغان تەقدىردە، بىر تىجارىي كارخانا ياكى شىركەت بەرپا قىلىش ياكى ئەسلىدە مەۋجۇد شۇنداق بىر ياكى بىر تۈركۈم تىجارىي ئاپپاراتلارنىڭ دەۋانىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى ئۈچۈن مەخپىي ياكى مەۋھۇم ھالەتتە ياردەم قىلىشى، ھەتتا دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم ئورگانغا تەۋە بولۇپ،  تۇراقلىق ئىقتىسادىي مەنبە بولۇشى بەلكىم ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۇراقلىق ئىقتىسادىي مەنبە- ئارقا سەپ بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ۋە دېپلوماتىيە پائالىيىتىنىڭ قانچىلىك ئۇلغىيىشى ۋە قايسى دەرىجىگە قەدەر تەرەققىي قىلالىشى بىزنىڭ مۇستەقىللىققە قانچىلىك يېقىنلىشالىشىمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ دەردى تولا، دەردىگە دەرمان تېپىش ئۈچۈن باسقان يولىمۇ تولا.  ئۇيغۇر ئويغاندى ۋە ئويغىنىۋاتىدۇ. ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش يولىنى ئىزلەۋاتىدۇ ۋە بۇ ھەقتە پىكىرلەر، مۇلاھىزىلەر بولىۋاتىدۇ. مەيلى ۋەتەن ئىچىدە بولسۇن، ياكى ۋەتەن سىرتىدا بولسۇن، ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى تەپەككۇر يوشۇرۇنغان مىسكىن ھالىتىنى كۆرگەن خىتاي يۈرىكى پوكۇلدىغان ھالدا تىترەۋاتىدۇ. خىتاي قولىغا ئەسكى كۆسەي ئېلىپ ئۇيقىدا ياتقان بۆرە توپىنى ئويغىنىشتىن بۇرۇن ئۆلتۈرىۋېتىشنى قەستلەۋاتقانىدى، يىراقلاردىن ئاڭلانغان بۆرە ھۇۋلىشىدا چالا ئويغانغان بۆرىنىڭ قۇلىقىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھوشىنى يوقاتماقتا ئىدى.

8  – باپ

ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇشنىڭ يولى نەدە؟ ئەمەلىيەتتە بۇ سۇئالغا ئۇلۇغ ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم توغرا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇر بىرلىكتە بۇ يۆنۈلۈشكە قاراپ ۋەزىيەت تەمىن قىلغان ياكى ئېھتىياجغا ئاساسەن ئېچىلغان تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىلگىرىلىگەندە بۇ مۇساپە تامام بولغاندا جاۋابىنى ئارقىغا قاراپ كۆرىۋالالايدۇ. ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش يولى نوقۇل تېنچلىق يولىدا ياكى قۇراللىق كۈرەش يولىدا بولماي، بەلكىم شارائىت ۋە مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ ئۇنۋېرسال يۆنۈلۈشلۈك بىر يولدۇر. مەيلى ئۇرۇش قىلىش يولى بولسۇن، ياكى تېنچلىق يولى بولسۇن، ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە زىت ۋە بىر-بىرىنى رەت قىلىدىغان  يوللار بولماستىن، بەلكىم مەلۇم شارائىت ۋە مۇھىت تەقەززاسىدا، شۇنداق ئېھتىياج تۇغۇلغاندا بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە كۈچلەندۈرىدىغان يوللاردۇر.  رادىكال مىللەتچىلىك ۋە رادىكال دىنچىلىق ئىدىئولوگىيىسى بىلەن بىر-بىرىنى رەت قىلىش ۋە زەربە بېرىش بىزنى مۇرات-مەقسىتىمىز ئەمەلگە ئاشىدىغان، دۇئالىرىمىز ئىجاۋەت بولىدىغان شۇ كۈنلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئىچكى زىددىيەتلەرنى كۈچەيتىپ، زاۋاللىقىمىزغا كارۋان باشلايدۇ. مەيلى «ئۇيغۇر» دەپ شۇئار توۋلاپ چىققانلار بولسۇن، ياكى «غازات» دەپ چىققانلار بولسۇن، ھەممىسى چوقۇم بىر نىشاندا بولۇشى، بىر نىشاندا ئىكەنلىكىنى تونۇشى ۋە بىر-بىرىگە زەرەر ۋە زىيان سالماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان ئېقىم ۋە ئېدىئولوگىيىلەرگە قۇل بولغان قوشۇنلارغا ياكى گۇروھلارغا بۆلۈنۈپ بىر-بىرىگە ئوق ئېتىشتەك تارىخىي خاتالىقلارنى سادىر قىلىشى،  مەيلى قانداق شەكىلدە سادىر بولسۇن ئۇيغۇرنى قۇتۇلۇش يولىدىن ئاداشتۇرىدۇ ۋە زاۋاللىققا سۆرەيدۇ. مىڭ مۇشەققەتتە بارلىققا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان مەركىزىي ئورگانغا بولغان ھەرقانداق مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ۋە قارشىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئەينى بىر ۋاقىتتا مەركىزىي ئورگانغا بولغان تەپتىشنىڭ كەمچىللىكى ئورگان ڧونكىسسىيىسىنىڭ تولۇق جارىي بولماسلىق ۋە خاتا يۆنۈلۈشتە ئادىشىشتەك خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم ياكى مەۋھۇم بىر تەپتىش ئاپپاراتىنىڭ بولۇشى بىلەن مېدىيا-ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋە تەپتىشلىك رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش لازىم. بىر ۋاقىتتا بۇ ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ سىياسىي ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئۇيغۇردا ھازىر بىر ئەقىدە تېڭىرقىشى بار. بۇ تېڭىرقاش ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر قىلىۋاتقان مۇھىم ئامىل بولۇپ، خىتاينىڭ ”ئۇيغۇرلار ئارىسىغا مىڭلىغان ئىشپىيونلارنى قويدۇق“ دېگەن رىۋايىتىدىن شەكىللەنگەن ئىشەنچ كىرىزىسى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرنىڭ بىرلىكىنى بۇزىدىغان ئېغىر كېسەلدۇر. ئەقىدە تېڭىرقىشىنى مىللەتچىلىك بىلەن دىنچىلىق ئىدىئولوگىيىسىنىڭ سوقۇلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بۇ ئىككى ئېقىمنىڭ ناھايىتى گۈزەل شەكىلدە بىرلىككە كېلىشى ئۇيغۇردا ھەقىقىي قۇۋۋەتكە ئىگە مىللەتچىلىكنى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، ھازىر خىتاينىڭ قورقىۋاتقىنى دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالدۇر. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كوللىكتىپلىرى شۇنداق بىر ئىدىئولوگىيە يۇغۇرۇلىشىدا كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر گۈزەل شەكىلنى كەلتۈرىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇردا بىرلىككە كەلگەن مىللەتچىلىك ئېڭى تۇغۇلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇردا سېتىلغىدەك ۋە سېتىۋالغۇدەك ھېچ نەرسە مەۋجۇد ئەمەس، مەۋجۇد دېيىلسە بىزنىڭ شەخسىي كىملىكىمىز بەلكىم مەخپىيەتلىك بولسا كېرەك.  شەخسىي كىملىكنى مەخپىيەتلىك تونۇش ۋە ئۇنى يوشۇرۇش گەرچە ئاممىۋىي سورۇنلاردا ياكى مېدىيالاردا ئىسىم يوشۇرۇش ياكى تەخەللۇس قوللىنىش ئارقىلىق قوغدالسىمۇ، ئەمما كىشىلىك مۇناسىۋەتتە قوغدىلانىلىشى مۇشەققەت. خىتاينىڭ بىزگە ”مىڭلىغان جاسۇسلارنى قويدۇق“ دېگەن تەسىرنى بېرىشى بىزنىڭ ئىتتىپاقلىققا كېلىشىمىزگە توسالغۇ پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان «قۇرۇق شەھەر ھىيلىسى»دىن باشقا نەرسە ئەمەس. تارىختىكى ھەرقانداق بىر ئىنقىلاپ خائىن ۋە پايلاقچىلاردىن خالىي بولالىغان ئەمەس، مەغلۇپ بولغان ئىنقىلابلار بىلەن غەلىبە قىلغان ئىنقىلابلار ئارىسىدىكى پەرق كىمنىڭ خائىنلىققا ۋە جاسۇسلۇققا قارشى ئىممۇنىت كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە. بۇ خىل كۈچنى بەرپا قىلىش بىرەر ئورگان ياكى پارتىيىنىڭ تەپتىش ئىقتىدارىغىلا باغلىق ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي ساپايىمىزنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئېزگۈلۈك ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە مۇستەقىللىق يولىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئومۇمىي ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزگە، سىياسىي قاراشلارنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. ئۇيغۇرلار خىتاي بىلەن بولغان ئىدىئولوگىيە كۈرۈشىنى يەنە بىر بالداق كەشكىنلەشتۈرۈشى، نەشرىي ئەپكارلار، مېدىيا ۋە ئىنتېرنېت ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ مىللىي مەۋجۇدلۇق ۋە مۇستەقىللىققە پايدىلىق بولغان ، مىللىي مەنپەئەتىمىزنى خەلققە تونۇتۇش رولىغا ئىگە، مىللىي روھنى ئۆستۈرىدىغان، مىللەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغان ئەدەبىيات، سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ڧىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ بەرپا قىلىش ۋە تارقىتىش زۆرۈر. كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان مەنزىرە، ھازىر ھېچقانداق بىر مەركىزىي كۈچنىڭ دەۋەت ۋە كونتىروللىقىسىز بۇنداق بىر پائالىيەت قانات يېيىشقا باشلىغان ۋە مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئانسامبىللىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، ياشلارغا ۋە باشقا ياش قۇرامدىكىلەرگە ماس كېلىدىغان ۋە ئۇلارنى قىزىقتۇرىدىغان سەنئەت تۈرلىرى بويىچە ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى، سىتودىيولارنىڭ ڧىلىملارنى ئىشلەشتە مۇستەقىل ياكى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ،ھەتتا باشقىلارغا ئىشلەپ بېرىپ بەرپا قىلغان ڧىلىملارنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشى شۇنداق بىر گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلماقتا. بۇ مەنزىرە تېخىمۇ كېڭىيىشى، مەلۇم ئىقتىسادىي قۇۋۋەتتە بارلىققا كەلگەن مېدىيا ياكى ئىنتېرنېت ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆز ئىنسانلىرىمىزغا يەتكۈزۈلۈشى لازىم. ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن مېدىيا ئۇرۇشى ئېلىپ بارغىلى قانچە زامانلار  بولدى ۋە نۇرغۇن نەتىجىلەر قازاندى. بەلكىم ئۇيغۇر دۆلىتى خىتاي ئىستىلاسىغا مەھكۇملانغاندىن ئېتىبارەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار غەلبە قىلغان بىردىن-بىر جەڭگاھ دەل مېدىيا ئۇرۇشى بولسا كېرەك. چۈنكى دەل مۇشۇ جەڭگاھ ئۇيغۇرلار ئەڭ بىرلىككە كەلگەن جەڭگاھ ئىدى. ئۇيغۇرلاردا ئەقىدە ۋە ئىشەنچ بوھرانىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق يوللىرى ھەققىدىكى تەپەككۇرى ۋە ئوخشىمىغان يۆنۈلۈشلەرگە ئىلگىرلىشى جەريانىدا كۈچەيگەن بولۇپ، كېيىنچە بۇ ئوخشىماسلىقلار ئىچكى زىددىيەتلەرگە سورۇن ھازىرلىغان. بۇنداق بولۇشى ئۇيغۇرلاردا ئوخشىمىغان ئىدىيىلەرنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىنىڭ، يەنى مەقسىتىنىڭ يەنىلا مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئۇيغۇر مەنپەئەتى ئۈچۈنلىكىنى تونۇش ۋە ئېتىراپ قىلىش ئاز ۋە كەمچىل بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇسەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس ئىدىلوگىيە شەكىللەندۈرۈشى ، سىياسىي چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ۋە سىياسىي ئاڭنى دۇنيا نەزىرىدە ئۆستۈرۈشى، كېڭەيتىشى كېرەك. مۇستەقىللىق ئۈچۈن تۈرلۈك يوللارنى باسقىلى، كۆپ خىل ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇشى، بۇ يولنىڭ ھەرگىزمۇ بىر يۆنۈلۈشلۈك يول بولماستىن، بەلكى ”جىمى كارۋان قەشقەرگە ماڭىدۇ“ دېگەن چۈشەنچىدە بولۇشنى تەپتىش قىلىش ئارقىلىق قوبۇل قىلىشى لازىم.  ھىلىگەر دۈشمىنىمىز خىتاي سىياسىيونلارنىڭ سۆزى بويىچە «ھەممە قۇشلار بەس-بەستە سايرىغان» مەنزىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك، مانا بۇ ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىللىق يولى ۋە دۆلەت قۇرۇش يولىدۇر. ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش يولى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قورۇش ساپاسىنى ھازىرلاش جەريانىدۇر. دۆلەت قۇرۇش ھاجىتى بار مىللەتلەر كۆپ بولسىمۇ، بۇنداق ساپاغا يېتەلىگەنلەرلا دۆلەت قۇرۇش نۇسرىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ ساپا بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىدىغان ئەخلاق ۋە تەربىيە ساپاسى ئاتالغۇسىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرنىڭ پەننىي، مىللىي ۋە دىننىي تاكامۇللۇقى ياكى ماددىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق بىر ساپانى يېتىلدۈرۈش، شەكىللەندۈرۈش ۋە يۈكسەلتىش بىر ئىنسان ياكى بىر گۇرۇھنىڭ پاتنېنتى بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ ئورتاق مەركەزگە تارتىش كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھەمكارلىق ھەرگىزمۇ ھەممىنىڭ ئورتاق ياكى ئوخشاش ئىش قىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ھەركىم ئۆز ساھەسى ۋە ئالاھىدىكىلى بويىچە شۇ ئۇلۇغ نىشان ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت قۇرۇش يولى ھەرخىل يوللارنى تۇتقان كىشىلەرنىڭ مەركىزىي بىر ئىدىيىنى نىشان ۋە كومپاس قىلغان ھالدا،شۇ ئورتاق نىشان ئۈچۈن سىترولۇق ھەمكارلىق يۆنۈلۈشىدە بىر-بىرىگە زەرەرسىز ھالدا ئالغا سىلجىشى ئارقىلىق ئېچىلىدۇ ۋە ئالغا بېسىلىدۇ. دۆلەت قۇرۇش ساپاسى بىزنىڭ ئوخشىمىغان ئىنسانلار بىلەن ئورتاق كۈرەش قىلىش ۋە ئۆز-ئارا ئېتىراپ قىلىش، ئىچكى زىددىيەتلەرنىڭ زەرەرىنى كىچىكلىتىپ، مەركىزىي ئىدىيە ۋە يۈكسەك نىشان ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىمىزنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ. شەكلىي جەھەتتىكى بىرلىككە قارىغاندا، ئىچكى جەھەتتىكى، ماھىيەتلىك بىرلىك بەرپا قىلىنىپ، ئۆز-ئارا زەرەر قىلمايدىغان سىترولۇق ھەمكەرلىق بولغاندا ئۇيغۇرنىڭ ئونۋېرسال كۈچى يۈكسىلىدۇ ۋە دۆلەت قۇرۇش ساپاسى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھازىرلىنىپ مىللەتنىڭ مۇقەددەس ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈنلەر بىزگە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، ئىنشائاللاھ!

خاتىمە

بۇ قەدەر بىر چوڭ تېمىنى چەكلىك بىلىش ۋە بىلىم دائىرەم، گۆدەك تەپەككۇرۇم ۋە ئاجىز قەلەم قۇۋۋىتىم بىلەن يورۇتۇپ بېرەلىشىم قىيىن، شۇنداق بولسىمۇ بۇ تېمىغا قەلەم تەۋرەتكەن ئىكەنمەن، ئۆزەم تەپەككۇر- مۇلاھىزە قىلغان، ھېس قىلغان نەرسىلەرنى ماقالىگە قوندۇردۇم ۋە ماقالىنى تاماملىدىم. ۋەتەن- مىللەتنىڭ قۇتۇلۇش يولىنى تېپىشقا ئوڭىدا ۋە چۈشىدە ئىنتىزار بولىۋاتقان قېرىنداشلارغا «ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش يولى نەدە؟» دېگەن بىر ماۋزۇ قويۇلغان ماقالىنى سۇنۇش ۋە قېرىنداشلارنىڭ تەنقىدلىرى ياكى ئىجابىي باھالىرى ئارقىلىق چۈشەنچەمنى ۋە تەپەككۇرۇمنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىدىم. ئۇيغۇرلاردىكى شۇنداق بىر روھىي چاڭقاشنى تۇيغان قەلبىم مەزكۇر ماقالىگە قەلەم تەۋرىتىشكە پېتىنىشىمغا سەۋەب بولدى. بۇنداق تېمىلارنى يورۇتۇشقا تېخىمۇ لايىق ۋە قابىلىيەتلىك قېرىنداشلارنىڭ ھەقىقىي ئەسەرنى خەلقىمىزگە سۇنۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. فىنلاندىيە  2011 – 11 – 20

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …