سېلىم چىۋىننىڭ ئۈچ ھەپتىسى(3 – قىسىم)

سېلىم چىۋىننىڭ ئۈچ ھەپتىسى

 haus-fliege-10203720

( پوۋېست )

سۈبھى

(ئىزاھات : بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ  ھەممىسى خىيالى بىر توقۇلمىدىن ئىبارەت. ئەگەر پېرسوناژلارنىڭ خارەكتېرى رېئاللىقتىكى بەزى بىر ئادەملەرنىڭ خارەكتېرىگە ئوخشاپ قالغان بولسا، بۇ پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق )

3 – قىسىم

سېلىم چىۋىننىڭ تەقلىدى نامىزى چۈشۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى. بۇ دەل پىشىن نامىزىغا ئەزان ئوقۇلغان چاغ بولۇپ  زال ئىچى  ئەر ئايال ۋە بالىلار بىلەن لىق تولدى . ھەر كىم سېلىم ھەققىدە  كۆز – قاراشلىرىنى، ئۇنى قاچان كۆرگەنلىكى ۋە نېمىلەر دېيىشكەنلىكى توغرىسىا  سۆزلەشمەكتە . بەزى ئاياللار ئۇنىڭ بۇ يىل چوڭ بىر بېنانىڭ سىرىتىنى زىنەتلەيدىغان ئىشنى ئالغانلىقى ھەققىدە سۆزلىسە ، بەزىلىرى ئۇلار بىلەن تۈركىيەدە خوشنا تۇرغانلىقىنى ، بەزىلىرى ئەنگىلىزچە مەكتەپتە بىللە ئوقۇغانلىقىنى تىلغا ئېلىشاتتى . يەنە بەزى ئەرلەر بولسا ئۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىغا  يۈك ماشىنىسى ھەيدىگەن چاغدا بېشىدىن ئۆتكەن  كۈلكىلىك ۋەقەلەرنى سۆزلىشىپ ، خىرىلداپ كۈلۈشمەكتە ئىدى . – ھەي ي ي …. چوڭلار  زەپمۇ – زەپ ئۆلگەنگە زەپ – دەيدىغان . ھاياتلارنىڭ ھاياتى يەنە داۋام قىلماقتا-دەپ ئويلىدى سېلىم چىۋىن .
زال ئىچى بارغانچە  تېخىمۇ  كۆپ ئادەملەر بىلەن قايناپ تاشماقتا ئىدى.  سېلىم  زالنى بېزەش ئۈچۈن قويۇلغان چوڭ يوپۇر ماقلىق تازىمۇ ئىگىز دەرەختەك  بىر گۈلنىڭ يوپۇرمىقىغا قونىۋېلىپ ، خۇددى ئاق ساراينىڭ ئۆگزىسىدىكى قاراۋۇلدەك ، ئۆز نەزىرسى ۋە تەقلىدى دەپنە مۇراسىمىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى كۈزەتمەكتە ئىدى . – ھەي ، ئادەملەر نەقەدەر ئاجىز ھە – دەيتتى  ئۆكۈنۈپ . يەنە بەزىدە ئۆزى ھەققىدە ئادەملەر قىلىشىۋاتقان بەس-  مۇنازىرىلەرنى  ئاڭلاپ ، مىيىقىدا كۈلۈپمۇ قوياتتى  ۋە : توۋا ، ئادەملەر ئاجايىپ  گەپلەرنى قىلىدىكەن ھە ! مەنمۇ ئادەم بولۇپ ياشاپ يۈرۈپتىمەنكەن- دەپ ئويلايتتى  ئەجەپلەنگەن ھالدا  ئادەملەرگە قاراپ . ئۇنىڭ  دەپنە مۇراسىمى ۋە نەزىرسىگە باشقا دەۋلەتلەردىنمۇ  كۆپلىگەن دوستلىرى كېلىپ قاتناشتى .
ئىگىز گۈل يوپۇرمىقى ئۈستىگە قونىۋالغا سېلىم چىۋىننىڭ كۆزى زال ئىشىكىدىن كىرىپ كېلىۋاتقان  قەدىناسلىرىغا  چۈشتى . ئۇلار تاھىر قارىم، دىلشات ، تەلئەت ۋە  سېلىم چىۋىننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى  قىز ساۋاقدېشى پاتىمە ئىدى . ئۇلار قەدىناس ئاغىنىسنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ ،  يېرىم كېچىدە ئامېركىدىن يولغا چىقىپ ئۇنىڭ  جىنازە نامىزىغا يېتىپ كېلىشكەن ئىدى . تاھىر قارىم ،دىلشات ۋە تەلئەتلەر قەدىناس ئاغىنىسىنىڭ بۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىگە ھازا تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۆرپ – ئادەتلىرى بويىچە باشلىرىغا بادام دوپپا ۋە بەللىرىگە ئاق باغلاپ كېلىشكەن ئىدى . مۇسىبەت يىغىسىدىن  بۇ ئۈچ  قەدىناسنىڭ  كۆزلىرى قىزارغان بولۇپ ، ئۇلار  زال ئىچىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر بىلەن ئەلھۆكمۇلىللا -ئەلھۆكمۇلىللا – دېگەنچە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ چىقتى .  زال ئىچىمۇ بىر ئاز تېنجىغان ئىدى . بۇلارنى كۆرۈپ  سېلىم چىۋىننىڭ يۈرىكى ئىختىيارسىز تىپىرلاپ كەتتى. چۈنكى  ئۇ ، مۇشۇ  ئۈچ نەپەر ئاغىنىسى بىلەن غۇلجىنىڭ بۈك – باراقسان مەھەللىلىرىدە، مەكتەپلەردە ، شەرقى تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىرگە ئوقىغان . شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ – باراخۇلكا،  تۈر بازارلىرىدا، ئاۋغانىستاننىڭ تورا- بورا  تاغلىرىدا قايسى قىسمەتلەرگە ئورتاق بولمىدى دەيسىز . ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى ئالى مەكتەپتە بىرىنىڭ تاماق بېلىتى تۈگەپ كەتسە، ئىككى كىشىلىك تاماق ئېلىپ ئۈچى بىرلىشىپ يىگەن چاغلار ئىدى . ئۇلارنىڭ قەدىناسلىقىغا بالىلىق ، ياشلىق خوشاللىقلىرى، ھاياتنىڭ ئەگرى توقايلىقلىرى، قېچىشلار، تەشۋىشلەر، خاتىرجەمسىزلىكلەر تامغىسىنى ئۇرغان ئىدى .
كۆرۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دىلشات قوينىدىن يوغان بىر ئاي يۇلتۇزلۇق ، ھاۋا رەڭ بايراقنى چىقىرىپ،  سېلىمنىڭ  تاۋۇتى ئۈستىگە يېپىپ قويدى . بايراق تاۋۇت ئۈستىگە يېپىلىشى بىلەن تەڭ  زال ئىچىنى يەنە غۇل غۇلا قاپلاشقا باشلىدى . سېلىمنىڭ قۇلىقىغا بىرىنجى بولۇپ كىمدۇر بىرىنىڭ : ئۆلۈمگىمۇ بايراق ئارلاشتۇرىۋالغىلى تۇردىغۇ بۇلار، ئۇنداق دېگەن بىلەن بىزگە ئوخشاش ۋەتەنگە بېرىپ كېلىدىغانلارنى ئويلىسا بولىدۇ- دە بۇلار، بايراق ئاسمايمۇ، خىتاينى تىللىمايمۇ خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇغۇ ئاغىنىلەر-  دېگەن نارازىلىق سۆزى كىرىپ قالدى . بۇ دۆلەتتە تۇرىۋاتقان دىنى زات  سەلەي قارىم  سېلىمنىڭ جىنازە نامىزىنى  چۈشۈرۈشكە  جامائەتنى سەپتە تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.  دەل شۇ چاغدا تاھىر قارىم سەلەي قارىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەگەر ئىجازەت بەرسە، قەدىناس ئاغىنىسى سېلىمنىڭ جىنازە نامىزىنى ئۆزىنىڭ چۈشۈرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى . سەلەي قارىم ئىجازەت بەردى. تاھىر قارىم كۆپچىلىككە قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى :
– ئەزىز ۋەتەنداشلار، ھازىر بىز قىسقىغىنا قىرىق سەككىز يىللىق ھاياتىنى ۋەتەن، ۋەتەن – دەپ ياشىغان  ،  ۋەتەننىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاققان جان جىگەر ئاغىنەم سېلىمنى  تەقلىدى بىر جىنازە نامىزى بىلەن ئاخىرەت يولچىلىقىغا ئۇزۇتۇپ قويۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز. ئەڭ مۇھىمى بىر ئۆمۈر ئۆز ۋىجدانى ، غۇرۇرى بىلەن پاك ياشاپ ، ھەق – ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ، نامايىشنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاي يۇلتۇزلۇق ھاۋارەڭ بايراقنى كۆكرىكىگە تېڭىپ، ئۇيغۇرنى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى  شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان قەدىناس ئاغىنەم سېلىمنىڭ تەقلىدى جىنازە نامىزىنى  چۈشۈرۈش ماڭا نېسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزەمنى ئىنتايىن بەختىيار ھېس قىلماقتىمەن . تاھىر قارىمنىڭ سۆزى باشلىنىشى بىلەن تەڭ، زال ئىچى تىمتاسلىققا چۆمدى . – ئاللا ھەر زامان بىزنى ھەق سۆزلىگەنلەرنىڭ، ھەق – ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا نېسىپ قىلسۇن . زال ئىچىدىن –  ئامىن ، ئامىن – دېگەن سادالار كۆتۈرۈلدى. – ئاللا بىزنى ھەق – ناھەق مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلغۇچىلاردىن ئەمەس، چۇقان سالغۇچىلاردىن قىلسۇن.  ئاللا بىزنى ئۆز بايرىقىغا ، ئۆز دەۋاسىغا، ئۆز خەلقىگە، ئۆز ۋەتىنىنىڭ تۇپراقلىرىغا ساھىپ چىقىدىغان ئەۋلاتلاردىن قىلسۇن .ئاللا بىزنى سېلىمدەك ئەزىمەتلىرىمىزدىن، سېلىمدەك ۋەتەن ! ۋەتەن –  دەپ تۇغۇلۇپ ،  ۋەتەن ! ۋەتەن –  دەپ ئۆلىدىغان ۋەتەن ئوغلانلىرىدىن ئايرىمىسۇن ! خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان قانچە مىڭلىغان سېلىملەرگە سەبىر تاقەت، چىدام غەيرەت ئاتا قىلسۇن ! خىتاي زۇلمىغا قارشى پىچاق كۆتۈرۈپ چىققان ۋە شېھىت بولغان ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ  ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن !….  ئامىن، ئامىن  – دېگەن سادالار  زال ئىچىنى لەرزىگە سالماقتا ئىدى . تاھىر قارىم قىسقا نۇتقىدىن كېيىن  جىنازە نامىزىنى چۈشۈرۈشكە باشلىدى . ناماز  چۈشۈرۈلۈپ ، ھالاللىق تىلەشكەندىن كېيىن ئۇ  يەنە سېلىمنىڭ يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چۈشۈپ كەتكەن  يىل ، ئاي  ، كۈن ساەتلەرنىڭمۇ، تىەنئەنمىن مەيدانىدا يۈز بەرگەن پارتىلاش ۋەقەسى بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئۇختۇردى . بۇنىڭ بىلەن تەڭ زال ئىچىدە يەنە غۇل غۇلا كۆتۈرىلىشكە باشلىدى . – قېرىنداشلار تېنىچلىنايلى ! – زال ئىچىدە ئەخمەت ئوۋچىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى – قېرىنداشلار ! ئۇيغۇر جامائېتى مەسلىھەتلىشىپ، سېلىمنىڭ تەقلىدى جىنازىسىنى  جەنۇبى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپىنە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق . قولۇمدىكى بۇ قەغەزدە  زاراتكالىقنىڭ ئادىرسى بار .  ھەممەڭلارغا تارقىتىپ بېرەي  – دېگىنىچە، كۆپچىلىككە ئادىرىس تارقىتىشقا باشلىدى.
ھەي ئادەملەر ۋەتەن دېگەن نېمە؟- ۋەتەن دېگەن ھېيتگاھ جامىسىدىن چىققان ئەزان ئاۋازى، ھېيتگاھ مەيدانىدا ساماغا چۈشكەن خەلق ، پۈتۈن تارىخىمنى ، سىرلىرىمنى قۇچاقلاپ ياتقان كرورەن گۈزەلى، ئوتقاشتەك چاقناپ تۇرغان خوتەننىڭ زىلچە گېلەم ، ئەتلەسلىرى، ئۆلمەس ناخشىلىرىم ، مۇقاملىرىم ، ئىلى ۋادىسىنىڭ يۈرەكنى ياشارتىدىغان ئابى ھايات  زەمزەملىرىدەك چاخچاق سورۇنلىرى، كالا – موزايلارنىڭ مۆرەشلىرى، ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى، زىمىستان قىشتا قارلىق يوللاردىن چىقىۋاتقان غىچىرلىغان سادالار ، بېشىمغا ياراشقان دوپپىلىرىم ، قىزلىرىمغا ياراشقان ئۆرۈمە چاچلىرىم ، ئىپپىتىم ، غۇرۇرۇم ، ئادەملىكىم بىخ سۈرگەن جاي ، مىللەتنىڭ ئۆيى، سەن بۇ ئۆيدە ئۆزەڭ خالىغانچە يايلايسەن، ئىگىدارچىلىق ۋە خوجايىنلىق ئىپتىخارىڭ ئاشىدۇ. يۇلغۇن قىزارغان دالىلار، شېھىتلەر ھەققىدە ئېيتىلغان چۆچەكلەر، تاراسلىتىپ ئۇرىلىۋاتقان لەڭمەن پىلتىلىرى، بۇرنۇڭغا گۈپپىدە ئۇرۇلغان ئاچچىق قورۇلغان پىدىگەن- كۆك مۇچ قورۇمىسىنىڭ مىزىلىك ھىدى، تونۇر بېشىدا – ئىسسىق نان يەڭ – دەپ ، سونۇلغان ئىللىق قوللار، قاپاق چۆمۈچلەر بىلەن، يوغان- يوغان قۇچاق يەتكۈسىز كورىلاردىكى چاينى : ۋايجان – دېگۈزگىدەك سورۇپ ، يەنە سورۇپ ئېتىلگەن قايماقلىق ئەتكەن چاي ، ئانا تىلىم ئۆزەمنىڭ تىلىم، ئانامنىڭ تىلى، تونۇردىن يېڭى چىققان پاقىراپ تۇرغان گىردىلەر، شىرمەن نانلار، خامانلار، يايلاقلار، يىگىتلەرنىڭ قىز چاقىرىپ ئىسقىرتىشلىرى، ياش كېلىننىڭ غۇلاچ تاشلاپ قورۇ سۈپۈرۈشلىرى ، قەيەرلەرگىچە پۇرىقى تاراپ كېتىدىغان نەزىرە، توي – تۆكۈن پولۇلىرى، دۇتتار ، تەمبۇر، ناغرا – سۇناي سادالىرى مانا بۇ ۋەتەن ! سەن بۇ ۋەتەننى باشقا جايدىن تاپالمايسەن. جان ۋەتەن – دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى جان بىلەن تەننىڭ بىرىكمىسى- دېگەندىن ئىبارەتتۇر. ئۇ بەزىدە جېنىڭ بىلەن تېنىڭنىڭ كاپالىتى . ۋەتىنىڭ بولمىسا جېنىڭ ۋە تېنىڭ بولمىغان قۇرۇق موردا سەن – دېگەن مەنانى بەرسە ، بەزىدە جان بىلەن تەننى قۇربان قىلماي ۋەتەنگە ئېرىشكىلى بولماس – دېگەن مەنالارنىمۇ بېرىدۇ. ھەي ئادەملەر ! ۋەتەن – دېگەن نېمە؟
سېلىم چىۋىن ئادەملەردىن پىنھان ھالەتتە ھېلىقى گۈل يوپۇرمىقىنىڭ ئۈستىگە قونىۋېلپ، ۋەتەن ھەققىدىكى خىياللىرىنى داۋام ئەتتۈرمەكتە : ۋەتەن – دېگەن ئۆز – ئارا  گېرە سېلىشىپ سوزۇلۇپ ياتقان مەھەللىلەر. بۈيۈك تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە سوزۇلۇپ ياتقان تارىخىڭ . بۇ كەڭرى كەتكەن بوز قىرلارغا كىملەر كېلىپ كىملەر كەتمىدى . كىملەر خانلىقلار قۇرۇپ ئات چاپتۇرۇپ، قامچىلىرىنى ئويناتمىدى . ۋەتەن كەلىمىسىنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى ئىككى نەرسە خۇددى ياقۇتتەك جۇلالاندۇرىدۇ . بىرى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇستەملىكىسى.  يەنە بىرى چەتئەل . چەتئەلدە ۋەتەنسىز يۈرگەن كۈنلىرىڭدە، ۋەتەندىكى پاقىلارنىڭ كۇكىراشلىرىدىن تارتىپ ، چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرىغىچە سېغىنىسەن. ۋەتەن – دەپ،  مۇشتۇملىرىڭنى تۈرگەن چاغلىرىڭدا، كىشىلىك ھوقۇق ، دېموكراتىيە، ۋاھا – كازا دېگەنلەرنىڭ  ھەممىسى قۇرۇق ئېمىزگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسەن . ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىڭدا قۇرۇق زەر يالىتىلغان ياللتىراق  بولۇپ نامايەن بولىدۇ. ۋەتەن – دەپ ، ھەر مۇشتۇمۇڭنى تۈرگەندە، لەۋلىرىڭنى قاتتىق چىشلىگەندە ۋەتەن سۆيگۈڭ يەنە بىر قېتىم تاۋلىنىدۇ . چەتئەللەردە ھەر بىر قېتىم ئۇرۇلۇپ،  سوقۇلغاندا، ئاھ ۋەتەن- دەپ ھەر قېتىم ئورنۇڭدىن دەس تۇرغاندا  ۋەتەن ئىشقىدا يەنە بىر قېتىم  پىشىپ تاۋلىنىسەن . خۇددى ئىگىز تاغ ئۈستىدىكى قارىغاي  بوران چاپقۇننى  قانچە كۆپ كۆرگەنسىرى  شۇنچە مۇستەھكەم ياغاچ  بولۇپ تىك تۇرغىنىدەك . ۋەتەن – سەن تۇغۇلۇپ ياشىغان جاي .  گېزى كەلگەندە جېنىڭنىمۇ بېرىدىغان قىممەتلىك نەرسەڭ . ۋەتەن سۆيگۈسى ئىماندىن . ۋەتەن سۆيگۈسىنى، ۋەتەننىڭ قەدىر قىممىتىنى، ۋەتەننىڭ ھەسرىتىنى ۋەتەندىن كەتكەنلەر تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.
سېلىمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، جىنازىنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا توغرا كەلدى . زال ئىچىدە يەنە گۇرپ گۇرۇپلارغا بۆلۈنۈپ كۇس- كۇس پاراڭلار ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى . سەلەي قارىم كۆپچىلىككە قاراپ – ھە، نېمە بولدى كۆپچىلىك؟- دېدى ، بىر ئاز تېرىكىپ .  مەلۇم بولدىكى، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا كۆپچىلىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك  تاۋۇت ئۈستىگە يېپىلغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقتىن قورقىۋېتىپتىمىش . ئەڭگىلىزلەردە بىر گەپ بار – بىگ بروتھەر ۋاتچىڭ يوۇ – دەيدىغان .  بۇ – ئاكاڭ قارىغاي سېنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ – دېگەنلىكتۇر. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن زىيالىلار قانداقتۇر بىر ئاكاڭ قارىغاينىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ. ئۇلار نەگىلا بارسا  ئەنە شۇ ئاكاڭ قارىغاينىڭ سايىسى ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدا قورقۇنۇچ ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ كەلمەكتە . بۇ سەۋەپتىن ئۇلار گەرچە ئەركىن بىر دېموكراتىك دۆلەتتە ياشاۋاتسىمۇ ئەمما ھەر قاچان ئۇلارنىڭ روھىيىتى مەلۇم بىر سايىنىڭ ئىسكەنجىسى ئىچىدە قالغان بولىدۇ. گەرچە ئۇلار تەرەققى قىلغان بۇ غەرپ دۆلەتلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىلىم ئېلىپ ، ئاكادېمىك بولۇپ ياشاۋاتقان بولسىمۇ،  ناھايىتى دەپدەبىلىك دىپلوملارنى ئالغان  بولسىمۇ يەنىلا ئاشۇ – بىگ بروتھەرنىڭ سايىسىدىن قېچىپ قۇتىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ روھىيەت دۇنياسى يەنىلا باشلانغۇچنىڭ بىرىنجى سىنىپىدا تۇرماقتا ئىدى . شۇنداق بىر ھىكمەتلىك سۆز باركى -گۈرۈچنىڭ ئىچىدىكى قارا تاشتىن قورقما  بەلكى ئاق تاشتىن قورق- دەيدىغان . ئەگەر گۈرۈچ ئىچىدە قارا تاشنى كۆرسەڭ مەيدانىڭ ئېنىق ھالدا تېرىپ تاشلىۋېتىسەن . ئەمما ساڭا ئەسلى زەرەر بېرىدىغىنى ، چىشىڭنى سۇندۇرىدىغىنى ئاق تاش .  ماھىيەتتە سېلىمنىڭ ئادەملىكتىن جاق تويۇپ چىۋىنغا ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان مانا مۇشۇ گۈرۈچ ئىچىدىكى ئاق تاشلاردۇر. بۇ ئاق تاشلار بۇغداي باشاقلىرى شامالدا لىڭشىسا، يىلان كەلگەن ئوخشايدۇ- دەپ ، قورقۇپ كېتىدۇ. بۇ ئاق تاشلار نە پولۇنى پولۇ قىلمايدۇ .  نە ئادەمگە ھوزۇر – ھالاۋەت بەرمەيدۇ . نە جامائەت بولۇپ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ .  بىرنېمە دەي ، ئۇرۇشاي دېسەڭ ئاق تاش بولسىمۇ يەنىلا ئۆزەڭنىڭ ئاق تېشى، سېنىڭ ھەقىقى دۈشمىنىڭ خىتاي .
تاۋۇت ئۈستىگە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي- يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ يېپىلىشى بىلەن قوزغالغان بۇ مۇنازىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، خىلۋەتتە ئادەملەرنى كۈزىتىۋاتقان سېلىم چىۋىننىڭ خىجالەت ۋە غەزەپتىن قاناتلىرى تىككىدە كۆتۈرلۈپ، كۆزلىرى چاقناپ كەتتى . ئەي پەرۋەردىگار، بۇ دۇنيادا  قۇرقۇنچاق قەۋمنىڭ قورقۇنچاق ئەركىگى بولۇپ ياشىغاندىن  مېنىڭدەك چىۋىن بولۇپ ياشىغان تېخىمۇ ئەۋزەل !
شۇنداق قىلىپ تاۋۇت ئۈستىگە ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى يېپىش ياكى ياپماسلىق مەسىلىسى بىرەر سائەتكە يېقىن غۇل غۇلا قىلىندى .  نۇرغۇنلىغان  كۈچ ۋە ۋاقت ئىسراپچىلىقىدىن كېيىن ئاخىرى  تاۋۇتنى بايراق بىلەن بىللە زاراتكالىققا ئېلىپ بېرىش قارارىغا كېلىشتى.
( داۋامى بار)

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …