3 خىل كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرى نىمە ؟

< 3 خىل > نىڭ ئاتالمىش < جىنايەت > لىرى نىمە ؟

م.سايرامى

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى كۈچىنى < 3 خىل كۈچلەر > گە زەربە بەرىشكە قارىتىپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە ئۆلۈم ۋە ئەغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ بەشىغا، < 3 خىل كۈچ > دىگەن سىياسى قالپاق كەيدۈرۈلگەن بولۇپ، ئەگەر خىتاي سوتلىرىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن توقۇپ چىققان ئەيىپنامىلىرىنى يىغىنچاقلىساق، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش < جىنايەت > لىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇختىغا مەركەزلىشىدۇ :

شەرقىي تۈركىستانغا  پىلانسىز ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى توختۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئورنىدا ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە بىۋاستە خەۋىپ يەتكۈزىۋاتقان  < بىڭ تۇئان > نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنۇڭ كونتۇروللىقىدىكى يەر – زىمىن ۋە ئىقتىسادى ئەسلىھەلەرنى يەرلىككە قايتۇرۇپ بەرىش، بىڭ تۇئان تەركىۋىدىكى خىتايلارنى پىلانلىق ۋە قەدەمباسقۇچلۇق ھالدا  ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كەتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقوقىنى ۋە ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىش سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلققە قارىتىلغان < پىلانلىق تۇغۇت > سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقەسەت قىلىنغان ئاتالمىش < قوش تىللىق ئوقۇتۇش > سىياسىتىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ۋە مىللىي تىل – يەزىقىدا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئەلىپ بەرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئىچكى ئۆلكىلەردە تەسىس قىلىنغان < خىن جىئاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى > نى دەرھال بىكار قىلىپ، ئۇنۇڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كەلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەتىقات ئەركىنلىكىگە ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنىشىغا  كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

< ئەشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش > دىگەن نامدا ئەلىپ بەرىلىۋاتقان ئۇيغۇر دەھقانلىرىنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش ھەرىكىتىگە دەرھال خاتىمە بەرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى يۆتكەپ ئىشلىتىش سىياسىتىنى دەرھال توختۇتۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى ئىۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارنى دەرھال  قايتۇرۇپ كەلىپ، ئۇلارنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىتاننىڭ تەبىي بايلىقلىرىنى بىۋاستە ئەچىش ۋە ئۇنۇڭدىن پايدىلىنىش ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كارىخانىلار بۇ رايوننىڭ تەبىي بايلىقلىرىنى ئاچقاندا، خەلقارا ئۆلچەم بويىچە يەرلىكلەرگە پايدا ۋە غەللە – پاراق تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛
ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سىياسى مەھبۇسلارنىڭ سانىنى ۋە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان يەرىنى ئاشكارە ئەلان قىلىش، ئەركىن پىكىر قىلىش تۈپەيلىدىن قولغا ئەلىنغان سىياسى مەھبۇسلارغا قارىتا ئومومى كەچۈرۈم ئەلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتوم قۇربانلىرىنىڭ ھەقىيقى سانىنى ئەنىقلاپ چىقىپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق دەرىجىدە تۆلەم تۆلەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرىنى پۈتۈنلەي داۋالىنىش سىگورتاسىغا ئىگە قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشنى توختۇتۇپ، ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەقىيقى تارىخىنى ئۆگۈنۈشكە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

دىمەك، < 3 خىل كۈچلەر > دىگەن نامدا جازاغا تارتىلىۋاتقانلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقوقلىرىنى، جۈملىدىن، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئەلان قىلىنغان < مىللىي تەرىتورىيېلىك ئاپتونومىيە قانۇنى > تەكىتلەڭەن مىللىي، دىنىي، سىياسى، ئىقتىسادى ۋە باشقا ھەق – ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ئاددى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت.

ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم ۋە ئەغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولۇشىغا سەۋەپچى بولغان يۇقارقى تەلەپلەر بولسا خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان < مىللىي تەرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى > غا تامامەن ماس كەلىدىغان ئۇيغۇن تەلەپلەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەققانى تەلەپلەر يۈزىسىدىن جازاغا تارتىلىشى، ماھىيەتتە بۇ قانۇنلارغا قىلىنغان ئوچۇق بىر خىيانەتتىن ئىبارەت ئىدى.

مەسىلەن، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، < قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش > دىگەن نامدا  ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەلىپ بەرىۋاتقان ئومومىي يۈزلۈك دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى بولسا، < مىللىي تەرىتورىيە قانۇنى > نىڭ 11 – ماددىسىغا تۈپتىن خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىدىدە ئەلىپ بەرىۋاتقان ئاتالمىش < قوش تىللىق ئوقۇتۇش > سىياسىتى بولسا < مىللىي تەرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى > نىڭ 37 – ماددىسىغا خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش < ئەشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش > دىگەن نامدا ئەلىپ بەرىۋاتقان ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئىۋەتىش سىياسىتى بولسا < مىللىي تەرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى > نىڭ 23 – ماددىسىغا تامامەن زىت.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، < خىن جىئاڭنى ئەچىش، خىن جىئاڭنى گۈللەندۈرۈش > دىگەن نىقاپ ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىي بايلىقلىرىنى سۆمۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ تەبىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشى ۋە نەپ ئەلىشىنى تامامەن چەكلەش سىياسىتى بولسا يەنە < مىللىي تەرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى > نىڭ 62 – ماددىسىغا خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىدارە – جەمىيەتلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا خىتايچىنى راۋان بىلىشنى شەرت قىلىشى ۋە < خىتايچە بىلمىسەڭ ئىستىقبالىڭ يوق > دىگەن سەپسەتىنى تەرغىپ قىلىشى بولسا، < مىللىي تەرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى > نىڭ 10 – ماددىسىغا تۈپتىن خىلاپ.

قىسقىسى بىز، < مىللىي تەرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى > نىڭ 67 ماددىسىنىڭ ھەممىسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى رىيال ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى چىقارغان بۇ قانۇنىنى ئۆزىنىڭ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋەلىش تەس ئەمەس.

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …