بىرى – بىرىمىزنى ئەيىپلەشنى قويۇپ، مۇساپىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتەيلى
م.سايرامى
مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ھەر قەتىم بىرەر كىرىزىس ياكى ھادىسىگە دۇچ كەلگىنىمىزدە، دەرھاللا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر – بىرىنى ئەيىپلەش، مەسۇلىيەتنى بىر – بىرىگە دوڭگەش، ئىستىپا تەلەپ چىقىش، ھەتتا بىر – بىرىگە تىل – ھاقارەت ياغدۇرۇش باشلىنىپ كەتىدۇ.
مۇساپىرلار خىزمىتىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ سەستىمىلاشتۇرۇش، قانداق قىلىپ ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئەلىش، قانداق قىلىپ ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلارنى غەيرى دەموكراتىك ئەللەردىن بىخەتەر دۆۋلەتلەرگە يۆتكەش، قانداق قىلىپ ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلىرىنىڭ كىشىلىك مەخپىيەتلىكىنى ساقلاپ قەلىش مەسىلىسى ھەققىدە باش قاتۇرۇشنىڭ ئورگىغا، كۆپ ھاللاردا سوغۇققانلىقىمىزنى يوقۇتۇپ، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ مۇساپىرلار خىزمىتى جەھەتتىكى ئىچكى مەخپىيەتلىكلىرىنى مەسۇلىيەتسىزلەرچە ئوتتۇرىغا تۆكۈپ، گويا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز مۇساپىرلار خىزمىتىگە قىلچە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقاندەك، ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەچ بىر تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەندەك، ھەتتا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا بىۋاستە سەۋەپچى بولۇۋاتقاندەك بىر مەنزىرىنى يارىتىپ، خەلقىمىز ئىچىدە تەشكىلاتلىرىمىزنى ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىمىز، بۇ ھال، تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا ئەغىر دەرىجىدە زىددىيەت، ئىختىلاپ، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە بۆلۈنۈشنىڭ كەلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولۇۋاتىدۇ.
مەسىلەن، ئاخىرقى قەتىم ئەرشىدىن ئىسرايىل قەرىندىشىمىز قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بەرىلگەندىن كەيىن، يەنە بىر – بىرىمىزنى ئەيىپلەش، بىرى – بىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىش، مەسۇلىيەتنى بىر – بىرىمىزگە ئارتىش باشلىنىپ كەتتى، بولۇپمۇ ئەرشىدىن ئىسرايىل ۋەقەسىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قازاقىستاندا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش جەھەتتە زور پىداكارلىق ۋە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈپ كەلىۋاتقان، ھاياتى خەۋىپ ئاستىدا قالغان كۆپلىگەن قەرىنداشلىرىمىزنىڭ ياۋروپادىكى بىخەتەر ئەللەرگە كەلىۋەلىشىغا كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغان قەھرىمان غۇجامبەردى، تامارا خانىم … قاتارلىق سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ جاۋاپكارلىققا تارتىلىپ ئەيىپلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئەغىر دەرىجىدىكى ئادالەتسىزلىكتىن ئىبارەت !
20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كامبودجا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بەرىلىش ۋەقەسىدىن كەيىنمۇ، بۇ ھادىسىنى پۇرسەت بىلگەن بەزى قاراڭغۇ كۈچلەر دەرھال تەتۈر قۇيۇن چىقىرىپ، بۇنۇڭ پۈتۈن مەسۇلىيىتىنى دۇق غا ۋە بەزى موھىم سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ، تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز ئارىسىدا ئەغىر دەرىجىدە ئىتتىپاقسىزلىق ۋە بۆلۈنۈش پەيدا قىلىشقا تىرىشقان، دۇق نىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىشقا تىرىشقان ئىدى.
مەسىلەن، تىبەتلىكلەرنى ئەلىپ ئەيتساق، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى كۈچى ۋە خەلقارالىق تەسىرى بىزدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك، شۇنداقتىمۇ يەنە ئۇلارنىڭ سىياسى قاچقۇنلار مەسىلىسىدە دۇچ كەلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى بىزنىڭكىدىنمۇ كۆپ ئەغىر، ھەر يىلى پەقەتلا ننەپالدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بەرىلگەن تىبەتلىك سىياسى قاچقۇنلارنىڭ سانىلا بىرقانچە يۈز نەپەردىن ئاشىدۇ، تىبەتلىك مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە كەلىپ ئورۇنلىشىش سۈرىتىمۇ ئىنتايىن ئاستا، ئەمما ئۇلار بۇنداق ھادىسىلەرگە دۇچ كەلگەندە بىزگە ئوخشاش داۋراڭ سەلىپ قىيامەت قوپارماي، تەخىمۇ ئاز قۇربان بەرىشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ، ئورتاق مەسۇلىيەت ئاستىدا تەجىربە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە تىرىشىدۇ.
ئەمما شۇنىمۇ ئەتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنى باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە سەلىشتۇرغاندا يەنە بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك دىيىشكە بولىدۇ.
دۇق نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسۈتۈلىشىچىمۇ،1997 – يىلىدىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، باشقا دۆۋلەتلەر تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بەرىلگەن ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلارنىڭ ئومومى سانى 200 نەپەرگە بارمايدۇ.
مەنىڭ كۈزۈتىشىمچە،1997 – يىلى يۈزبەرگەن 5 – فەۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن بۇيان، تەخمىنەن 10 مىڭغا يەقىن ئۇيغۇر چەتەلگە ھىجرەت قىلىپ چىقتى، بۇلارنىڭ يەرىمىدىن كۆپىرەكى ھازىر غەرىپ ئەللىرىدە كەلىپ ئورۇنلۇشۇپ بولدى، قالغانلىرىمۇ تۈركىيە … قاتارلىق بىخەتەر دۆۋلەتلەردە ياشاپ كەلمەكتە.
يەنە مەسىلەن، 5 – ئىيول ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، تۈرلۈك يوللار بىلەن ۋەتەندىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ غەرىپ ئەللىرىگە بىخەتەر كەلىپ سىياسى پاناھلىق تىلەپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ 1000 نەپەردىن ئاشىدۇ.
مۇساپىرلار مەسىلىسى بىر خەلقارالىق مەسىلە بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنى بىر مىللەت، بىر تەشكىلات ياكى بىر دۆۋلەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا تەل – تۆكۈس ھەل قىلىپ كەتىش مۇمكىن ئەمەس، چوقۇم خەلقارادىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك كۈچلەرنىڭ قوللۇشى ۋە ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كەلىدۇ، ئۇنۇڭ مەسۇلىيىتىمۇ بدت باشچىلىقىدىكى خەلقارا جامائەتچىلىكنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ.
شۇنۇڭ ئۈچۈن، مۇساپىرلار مەسىلىسىدە بىرەر مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان دەرھاللا ئۇنۇڭ بارلىق مەسۇلىيىتىنى مەلۇم بىر تەشكىلاتقا ياكى شۇ تەشكىلاتتىكى مەلۇم شەخىسلەرگە ئارتىپ قويۇش تولىمۇ ئادالەتسىزلىكتۇر.
بۇيەردە شۇنى تەكىتلەپ قويۇشقا توغرا كەلىدۇكى، ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بەرىلىش ۋەقەسىدىن كەيىن ئەڭ كۆپ تالاش – تارتىش قىلىنغان مەسىلىلەرىڭ بىرى بولسا مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ قالالمىغانلىق مەسىلىسىدىن ئىبارەت، ئەمما، رىياللىققا باققىنىمىزدا، ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلار مەسىلىسىدە مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ قەلىشنىڭ نەقەدەر زور ۋە ھەتتا مۇمكىن ئەمەلىكىنى كۆرۈپ يەتەلەيمىز.
مەسىلەن، بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر مۇساپىر مەلۇم بىر دۆۋلەتكە قەچىپ چىققاندىن كەيىن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئالدى بىلەن شۇ دۆۋلەتنىڭ ھۆكۈمىتى خەۋەردار بولىدۇ، بۇلارنىڭ رەسمى سالاھىيىتى خىتاي گەرەجدانى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار ئىلتىجا قىلغان دۆۋلەتنىڭ خىتايغا بىلدۈرۈپ قويۇش ۋە خىتايدىن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئەنىقلاش مەجبۇرىيىتى بار، دىمەك، بۇ ئارقىلىق خىتايمۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىدۇ، بدت مۇساپىرلار ئالى كومۇسسارلىقى خەۋەر تاپىدۇ، ئەگەر شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتەلدە ئۇرۇق – تۇققان ياكى تونۇش – بىلىشلىرى بولسا شۇلارمۇ خەۋەر تاپىدۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خەۋەر تاپىدۇ …
يەنە كەلىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقە تەلىفۇن ياكى ئەمائىل ئارقىلىق بولغىنى ئۈچۈن، بۈگۈنكى گىلوبال دۇنيادا بۇخىل شەكىلدىكى ئالاقىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاپ قەلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس …
قىسقىسى، بۇ مەسىلىنىڭ ئارىلىشىش دايىرىسى بەكلا كەڭ بولغىنى ئۈچۈن، ئەگەر ساقلاپ قەلىشقا توغرا كەلسە، مۇتلەق مەخپىيەتلىكنى ئەمەس، پەقەتلا قىسمەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ قەلىش مۇمكىن.
ئادەتتە مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ پەقەت ئىككىلا يولى بار، ئۇنۇڭ بىرى قانۇنلۇق يول بولۇپ، بدت مۇساپىرلار كومىتەتىنىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ئورگانلىرىغا ۋە غەرىپ دەموكراتىك ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە مۇراجەت قىلىش، يەنە بىرى قانۇنسىز يول بولۇپ، ئىقتىسادى كۈچ ۋە يوشۇرۇن ئىجتىمايى مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ غەيرى دەموكراتىك ئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلارنى قانۇنسىز يوللار ۋە ۋاستىلار ئارقىلىق بىخەتەر ئەللەرگە يوللاشتىن ئىبارەت.
دۇق باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق قۇرۇلغان ۋە ئۆزلىرى پائالىيەت ئەلىپ بەرىۋاتقان ئەللەردە رەسمى ئەڭە ئەلىنغان تەشكىلاتلار بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ خەلقارالىق قانۇن – پىرىنسىپلارنىڭ روھىغا ۋە ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆۋلەتلەرنىڭ قانۇنىغا ھۆرمەت ۋە ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، شۇڭا ئۇلار مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئاساسى جەھەتتىن خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كەلمەكتە، شۇنداقتىمۇ يەنە سىياسى ۋە قانىنى جەھەتتە زور تەۋەككۈلچىلىكلەرنى قىلىپ باشقا ھەرخىل ۋاستىلارنىمۇ قوللۇنۇپ كەلمەكتە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارە دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق …
دىمەك، بىز ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلار مەسىلىسىدە بىرەر ھادىسىگە دۇچ كەلگەندە ئۆزارا ئەيىپلەشنى قويۇپ، تەجىربە – ساۋاقلاردىن دەرىس ئەلىپ، مۇساپىرلار خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە سەستىمىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمىلىي قەدەملەرنى بەسىشىمىز لازىم.
مەنىڭچە، تەشكىلاتلاردىن ھالقىغان، ھەچ بىر تەشكىلات بىلەن بىۋاستە تەشكىلى ئالاقىسى بولمىغان < خەلقارا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى فوندا جەمىيىتى > قۇرۇلۇشى، ھەممىمىز بۇ فوندا جەمىيىتىگە ئىقتىسادى، سىياسى، دەپلوماتىيە ۋە ئىجتىمايى جەھەتلەردىن يەقىندىن ماسلىشىپ بەرىشىمىز، بۇ فوندا جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى كۆپ تىللىق، ئىقتىسات باشقۇرۇشقا ماھىر، ئىجتىمايى مۇناسىۋىتى كەڭ، ھەرقانداق خەيىم – خەتەرلەرگە بەرداشلىق بەرەلەيدىغان، يۈرەكلىك، بىزگە خوشنا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدىغان، مەخپىيەتلىكنى ساقلىيالايدىغان قابىلىيەتلىك ئىنسانلاردىن تەشكىل تەپىشى، بىرەر ھادىسە يۈزبەرگەندە مەسۇلىيەتنى دۇق غا ياكى بىر – ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىگە ئارتىپ قويماي، ھەممىمىز مىللەت سۈپىتىدە ئورتاق ئۈستىمىزگە ئەلىشىمىز لازىم !