مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ تىزگىنى ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنىڭ قولىدا بولۇشى لازىم
م.سايرامى
ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەنكى، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىمىز دوستلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا خەلقارادىكى بىزگە ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كۈچلەرنىڭ ياردىمىگە ۋە ھېسداشلىق قىلىشىغا مۇھجات، بۈگۈنكى گىلوبال ( پۈتۈنلەشكەن ) دۇنيادا ئىلگىرىكىدەك پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە ۋە ئەن – ئەنىۋىي كىلاسسىك كۈرەش قىلىش ئۇسوللىرىمىزغا تايىنىپ مەقسەتكە يېتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنىنى دوست ياكى ئىتتىپاقداش دەپ بىلىشىمىز، مەيلى قايسى دىن، قايسى ئىرىققا مەنسۇپ بولۇشىدىن قە’تى نەزەر، بىزگە ياردەم قولىنى سۇنغۇچىلارنىڭ قولىنى قايتۇرماسلىقىمىز كېرەك، شۇنۇڭ ئۈچۈنمۇ 50 نەچچە يىلدىن بۇيان چەتەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرىمۇ دەل دۇنيا جاما’ئەتچىلىكىنىڭ ھېسداشلىقىنى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى، بۈگۈن قارايدىغان بولساق، بۇ جەھەتتە ناھايىتى زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىمىزنى كۆرۈۋالالايمىز، مىللىي كۈرىشىمىزگە بىۋاستە ياردەم بەرگۈچى خەلقارالىق كۈچلەرنىڭ سانى كۈندىن – كۈڭە كۆپۈيىۋاتىدۇ، ھېسداشلىق قىلغۇچى دۆۋلەتلەرنىڭ سانى ئاشتى، دېموكراتىك غەرىپ ئەللىرى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىمىز ئۈچۈن سىياسى جەھەتتىن ئازادە زىمىن ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ، بۈگۈن پەقەتلا غەرىپتىكى 4 تەشكىلاتىمىزنىڭلا ئامېرىكىدىكى فوندا جەمىيەتلىرىدىن ئالغان ئىقتىسادى ياردىمى بىر مىليون دوللارغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ، يەنە ئامېرىكا < ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى > مۇ يىلىغا نەچچە مىليون دوللار چىقىم قىلىپ مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، مانا بۇلار بىزنى سۆيۈندۈرىدىغان ۋە ئۇمىدلەندۈرىدىغان ھادىسىلەردىن ئىبارەت.
ئەپسۇسكى، خەلقارادا بىزگە ھېسداشلىق قىلغۇچىلار، قوللۇغۇچىلار ۋە ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ، مىللىي كۈرەش سەپىمىزدىمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بەزى نورمالسىز ھادىسىلەر كۆپۈيۈشكە باشلىدى، بۇ نورمالسىز ھادىسىلەرنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇھتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
شۇنىسى ئېنىقكى، بۈگۈنكى دۇنيادا مەقسەتسىز ۋە شەرتسىز ياردەمنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ياردەم ئەلۋەتتىكى ئۆز ئارا نەپ ئېلىش ئاساسىسا بولىدۇ، بەزى دۆۋلەت ۋە سىياسى كۈچلەر بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ ياردەم قىلىۋاتقىنى ياكى سەدىقە بېرىۋاتقىنى يوق، ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ياردىمى، ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ خىتايغا قاراتقان كەلگۈسى ستىراتىگىيېلىك سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى، ۋاقتى – سا’ئىتى كەلگەندە ئۇلار بىزگە قىلغان ياردىمىنى بىزدىن ياكى بىزگە قەرىزدار بولغان خىتايدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ ئېلىۋېلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشقىمۇ ھەققى بار، بىزمۇ بۇنى توغرا چۈشۈنىمىز، ئەمما سىرتقى كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا، بەزى تاشقى كۈچلەرنىڭ بىزنىڭ مىللىي كۈرەش قوشۇنىمىزنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىغا ئارىلىشىۋېلىشى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ، مەسىلەن ئۇلار تەشكىلاتلىرىمىز ئارىسىدا، < پالانچىنى باشلىق قىلساڭ ياردەم بېرىمەن، پالانچى بىلەن بىرلەشسەڭ ياردەم قىلىمەن، پالانچى ئادەمنى ئىشلەتسەڭ ياردەم قىلىمەن، ئىچىڭلەردە پالانچى تەشكىلات ياكى شەھىس بولۇپ قالسا ياردەم قىلمايمەن … > دىگەندەك خايىشنى تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپلىرى قارىماققا بىزنىڭ بىرلىك – باراۋەرلىكىمىزگە پايدىلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدە مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولغان بەزى تەشكىلات ۋە شەھىسلىرىمىز مىللىي بىرلىك سەپىمىزنىڭ سىرتىدا قالىدىغان، ھەتتا چەتكە قېقىلىدىغان، شۇنداقلا < خەلقارا ۋەزىيەتكە ماسلىشالمىغانلار > دەپ كەمسىتىلىدىغان ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، تېخىمۇ يامىنى، خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋە مىللىي ھەرىكىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى بار ئىنسانلار داۋايىمىزنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ تىزگىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپە’ئېتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزى باغلىق بولغان دۆۋلەت ياكى سىياسى ۋە ئىقتىسادى كۈچنىڭ مەنپە’ئېتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئالغان ياردىمىمىزنىڭ ۋە باسقان قەدەملىرىمىزنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى بولمايدۇ، نەتىجىدە نەچچە 10 يىلدىن كېيىن ئىشىمىزنى يەنە نۆلدىن باشلاشقا مەجبۇر بولىمىز.
بىزنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇخىل ئەھۋال ھازىر قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
مەسىلەن، كېيىنكى يىللاردا < شانغائى ھەمكارلىق تەشكىلاتى > نىڭ سادىق ئەزالىرىدىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان دايىرلىرى، ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىش، سىياسى ۋە ئىجتىمايى جەھەتتىن مەدەت بېرىش ئارقىلىق مىللىي كۈرەش سېپىمىزدىكى بەزى تەشكىلات ۋە شەخىسلىرىمىزنى تىزگىنلىۋېلىپ، ئۇلار ئارقىلىق بەزى ھەقىيقى ۋەتەنپەرۋەر زاتلىرىمىزنى ۋە ئۇلار تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان تەشكىلاتلىرىمىزنى چەتكە قېقىپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە جاما’ئەت پىكرىنى كونتۇرول قىلىۋېلىپ، بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىمىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ يۆلۈنىشىنى باشقا ياقلارغا بۇراشقا، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاينىڭ مەنپە’ئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ، قارايدىغان بولساق بۇ دۆۋلەتلەردىكى بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسۇللىرى ئۈچۈن خىتاي سامانلىقنىڭ يولىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار، < ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆۋلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى، مەدىنىيىتىنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالىمىز > دىگەندەك ناھايىتى چىرايلىق نىقاپلار ئارقىلىق بۇ ئەللەردىكى قىسمەن ئۇيغۇرلارنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، ئاستىرتتىن خىتاي بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ يانچۇغىنى توملاشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كەتتى، ئەمما ئۇلار ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچلۈك ۋە ئارقىسىدا دۆۋلەت كۈچى بولغىنى ئۈچۈن، ئاشكارە ھالدا ئۇلارنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ، < ھەي مەلئۇن، بىزنىڭ مىللىي ما’ئارىپىمىزنى، مەدىنىيىتىمىزنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى يوقۇتۇشقا تىرىشىۋاتقان ئاشۇ خىتايلار تۇرسا، قانداقسىگە يەنە ئۇلارغا تايىنىپ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى ساقلاپ قالماقچى – سەن ؟ > دەپ ئۇلاردىن ھىساپ سوراشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ.
ئەلۋەتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دەموكراتىك غەرىپ ئەللىرىگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ، ئەمما بىز غەرىپ ئەللىرىدىمۇ < نىمە دىسەڭ ماقۇل > دەيدىغان پوزىتسىيەدە بولساق، خەلقىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز، بىز، بىزگە ياردەم بېرىۋاتقان تەرەپلەرنى رەنجىتمىگەن ئاساستا، خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋە مىللىي مەنپە’ئىتىمىزگە بېرىپ تاقىلىدىغان زور مەسىلىلەردە نازۇكلۇق بىلەن چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ بەزى شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، بىزنىڭمۇ بەزى شەرتلىرىمىزنى ئۇلارغا قوبۇل قىلدۇرىشىمىز لازىم.
ئەپسۇسكى، بىزگە ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ كۆپۈيىشى بىلەن، كۈرەش سەپىمىزدە بىر تۈركۈم سىياسى دەللاللار ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەلۇم دۆۋلەت ياكى فوندا جەمىيەتلىرى ئىشىنىدىغان موھىم ئادەم قىلىپ كۆرسۈتۈپ، تەشكىلاتلىرىمىز ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ سىياسى نوپوزىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەشكىلات ۋە مىللىي شەخىسلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا سۈنئى ئىختىلاپ تۇغدۇرۇپ، مىللىي كۈرەش سەپىمىزدە پەقەتلا مەلۇم دۆۋلەت ياكى مەلۇم كۈچكىلا سادىق بولغان، شۇ دۆۋلەتنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە شۇ دۆۋلەتنىڭ مەنپە’ئەتلىرى ئۈچۈن مىللىي داۋادىنمۇ ۋاز كەچىشكە تەييار تۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا تەشكىل قىلىشقا كۈچەۋاتىدۇ، ھەتتا پۈتۈن مىللىي ھەرىكىتىمىزنى مۇشۇنداق بىر ھالغا ئېلىپ كېلىش نىيىتىمۇ يوق ئەمەس.
ئەسلىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ باشقا بىر دۆۋلەتنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا خىزمەت قىلىشى نومۇس قىلارلىق پەسلەرچە بىر قىلمىش، ئەمما كۈرەش سەپىمىزدىكى بەزى ئىنسانلار بۇنى نومۇس بىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بۇ كەسپىنى كوزۇر ئورنىدا قوللۇنۇپ، مىللىي داۋا سەپىمىزدىكى بەزى تەشكىلات ۋە مىللىي شەخىسلىرىمىزنى تەھدىت قىلىدىغان، ھەتتا ئۇلارغا سىياسى جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەسمىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ تىزگىنى ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنىڭ قولىدا بولۇشى لازىم

ئەسلىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ باشقا بىر دۆۋلەتنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا خىزمەت قىلىشى نومۇس قىلارلىق پەسلەرچە بىر قىلمىش، ئەمما كۈرەش سەپىمىزدىكى بەزى ئىنسانلار بۇنى نومۇس بىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بۇ كەسپىنى كوزۇر ئورنىدا قوللۇنۇپ، مىللىي داۋا سەپىمىزدىكى بەزى تەشكىلات ۋە مىللىي شەخىسلىرىمىزنى تەھدىت قىلىدىغان، ھەتتا ئۇلارغا سىياسى جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس