يۇرتىمىزنىڭ ئاخىرقى ئىسمى ئۇيغۇرىستان

يۇرتىمىزنىڭ ئاخىرقى ئىسمى ئۇيغۇرىستان

 ئىختىيارى مۇخبىر : مەككە

06-05-12

ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۇرتى شەرقى تۇركىستان، باشقا يۇرتىمىز يوق.

يۇرتىمىز شەرقى تۇركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى،ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تۇركى تىلىنىڭ يەرلىك لەھچەلىرىدە سۆزلىشىدىغان تۇركى مىللەتلەرنىڭ يۇرتىنىڭ ئەڭ شەرىقى تەرەپىدە.شۇنىڭ ئۇچۇن تارىخدىن بېرى دۇنيا مىللەتلىرى ھەتتا خىتتايلارمۇ بىزنىڭ يۇرتىمىزنى شەرقى تۇركىستان دەپ ئاتاپ كەلگەن.

بىز يەر يۇزىدە ياشاۋاتقان 15 مىليون ئۇيغۇر مىللىتى بۇ مۇقەددەس ۋەتىنىمىز شەرقى تۇركىستاننىڭ ھەقىقى ئىگىسى،بىز بۇ يۇرتتا ئەڭ ئاز دىگەندە 5000 يىلىدىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتىمىز. تارىخ بىزنى شۇنداق يازىدۇ، دۇنيا بىزنى شۇنداق بىلىدۇ، ( مەشھۇر تارىھچىمىز تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۇيغۇرلار ئاتلىق كىتابىدا ئەڭ باشتىلا شۇنداق يېزىقلىق)

يۇرتىمىز شەرقى تۇركىستاندىكى بىز 15 مىليون مۇسۇلمان خەلق ،ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دەپ ئاتايمىز، بۇ ئاتنى بىز باشقا قانداشلىرىمىزغا ۋە تىلداشلىرىمىزغا ئىنات قىلىپ،قۇلاققا خوش ئاڭلانسۇن ئۈچۈن، يېقىنقى تارىخلاردا ئاتىۋالغان ئەمەس. بىزنىڭ تارىخىمىزنى تەتقىق قىلساق، تارىخ دەپتىرىدە ھۇنلاردىن كېيىن بۇ جۇغراپىيەدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان ئىككى مىللەت ئىسمى بار، بىرى تۇرك ۋە بىرى ئۇيغۇر،بىز مانا بۇ ئىككى مىللەت نامىنىڭ بىرىنى ئۆزىمىزگە نام قىلىپ قويدۇق،چۇنكى ھەققىمىز ئىدى،چۇنكى بىز تارىختىكى ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان مىللەتنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى ئىدۇق.بۇ ئات بىزگە ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس ئىدى، ئۆزگەرمەيتتى، ئۆزگەرتمەيمىز، شۇنداق تۇرىدۇ، شۇنداق ياشايمىز، خىتتايغا ئىنات،دۇنياغا ئىنات،تارىخقا ئىنات.

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساپ قان ئەجدادى،ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقەرى ئۈزىنىڭ دۇنياغا داڭ كەتكەن قىممەتلىك ئىلمى كىتابى،:“ دىۋانۇ لۇغات تۇرك “ دە، ئۈزىنى ۋە ئۈزى ئائىت بولغان بۇ مىللەتنى ،“ تۇرك“ دەپ ئاتايدۇ. دىمەك بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرك دىگەن نامدىمۇ ئانىمىزنىڭ سۇتىدەك ھاللال ھەققىمىز بار ئىكەن، مانا شۇنىڭ ئۇچۇن يۇرتىمىز تۇرك يۇرتى ئىكەن،شۇ سەبەبتىن يۇرتىمىزنىڭ تارىخى نامىمۇ شەرقى تۇركىستان ئىكەن ۋە توغرا ئىكەن، تارىختىكى ھۇنلار ( خىئوڭ نۇ )، تۇركلەر ( تۇ جۇئە ) ،ئۇيغۇرلار ( ھۇئى ھە ) دىمەككى بىز ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجدادلىرىمىز ئىكەن.بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھازىرقى شەرقى تۇركىستاندىكى ئەۋلادلىرى ئىكەنمىز،

تارىخ بەتلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرسەك، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقەرىدىن كىيىنكى تارىخلەردە مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز ئانا يۇرتى قەشقەر ۋە ئەتراپىدىن توپ-توپ ھالەتتە باشقا يۇرتلارغا كۆچۇپ كەتكەنلىگىگە ئورنىغا ئۇلارغا قانداش باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇ يۇرتلارغا كۆچۇپ كېلىپ يەرلەشكەنلىگىگە ئائىت ھىچ بىر تارىخى ۋەقە يوق.

ئەمما باشقا يۇرتلاردىن يۇرتىمىز شەرقى تۇركىستانغا توپ-توپ كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىپ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن قانداشلىرىمىزغا ئائىت تارىخى ۋەقەلەر بار، مەسلەن، 1504-يىلى 5- ئايدا يەركەند سەئىدىيە خانلىغىنىڭ 1-خانى سەئىدخان ھازىرقى ئۈزبەكىستاندىن تەھمىنەن 4000 كىشى بىلەن يۇرتىمىز شەرقى تۇركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ سەئىدىيە خانلىغىنى قۇرۇپ ئاخىرى بۇ خان ئائىلەسى ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن ئىكەن.

مانا بۇ تارىخى ۋەقەلىك دەلىللەردىن قارىغاندا مەھمۇت قەشقەرى زامانىدىكى قەشقەر ۋە ئەتراپىدىكى يۇرتلاردىكى زامانىدا مەھمۇت قەشقىرى تەرەپىدىن تۇرك دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر مىللىتى دەۋىر ئايلىنىپ بۇگۇن ئۇيغۇر دىگەن نام بىلەن ئاتلىپتۇ.

ئۇنداقتا بۇگۇن يۇرتىمىز شەرقى تۇركىستاننىڭ ئاتى خەلقئارادا نىمە دەپ ئاتىلىشى كېرەك،؟ ياكى قانداق ئات بىلەن ئاتالغاندا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولىدۇ؟ بۇ ماۋزۇنى بىز چەت-ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ مەيداندا ئىلمى مۇنازەرە قىلىشىمىز كېرەك ۋە ئاخىرى بىر ھۆكۇمگە بېرىشىمىز كېرەك،

ئەمما بۇ مۇنازىرىلەر ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرىستانچىلارنىڭ شەرقى تۇركىستانچىلارنى ۋەتەن خائىنلىغى بىلەن ھاقارەتلىشىگە، ۋە ياكى شەرقى تۇركىستانچىلارنىڭ ئۇيغۇرىستانچىلارنى ۋەتەن خائىنلىغى بىلەن ھاقارەتلىشىگە سەۋەب بولماسلىغى كېرەك. ئىلمى يۇسۇندا دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن بىر-بىرىمىزنى قانائەتلەندۈرىشىمىز كېرەك.مېنىڭچە بۇنداق مۇنازىرەلەرنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئەگەر ئۇنداق قىلماي ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە ئاتاپ كېلىدىكەنمىز، بىلىمسىزلىكتىن بىر-بىرىمىزنى تىللاپ ،ھاقارەتلەپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە زىيانلىق ئەھۋال كەلتۇرۇپ چىقىرىمىز. بولۇپمۇ مەن شۇنداق ئويلايمەن.

مېنىڭچە ھازىرچە ۋەتەنىمىز شەرقى تۇركىستاننى مەيلى ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتايلى، مەيلى شەرقى تۇركىستان دەپ ئاتايلى ئوخشاش، ھىچ بىر پەرقى يوق.خۇددى بىز چەت-ئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتى ئانا ئۇيغۇرنى بەزىدە ( ئانائۇيغۇر، ) بەزىدە ،( ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئانىسى ،) دەپ ئىككى خىل ئاتىغىنىمىزغا ئوخشاش.ئەمما يۇرتىمىز شەرقى تۇركىستان ئازاد بولغاندا يۇرتىمىزنىڭ ئاخىرقى ئىسمى چوقۇم ( ئۇيغۇرىستان ) بولىشى كېرەك، ئۇ كۈنگىچىلىك مېنىڭچە قانداق ئاتىساق بولىۋېرىدۇ، بۇ مېنىڭ كۆز-قاراشىم، باشقىلار قانداق قارايدۇ قېنى كۆرەيلى.

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى تەڭگىسى توغرىسىدا

جۇمھۇرىيەت تەڭگىسى توغرىسىدا مەزكۇرجۇمھۇرىيەت تەڭگىسىنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى خەت ۋە رەقەملەر ئۈستىدە ، قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى …

ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرۈكلەرگە قارتا سۆزلىگەن ئىلتىماسى

بەھىرلەپ قويۇڭ