ئەدەبىي ئەسەرلەر

تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر(4)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان 2013-07-27 يات تۇپراقتا ۋەتەن ئىشقى بىلەن ئۇد چېلىۋاتقان كۈرەش كۆسەن (2002-يىلى شىۋېتسىيە) RFA/Qutlan 1988 – يىلى كۈرەش كۆسەن شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىشتىن سىرتقى سەنئەتكارلارنىڭ تېلېۋىزىيىدە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تونۇلىدۇ. شۇ يىللاردا ئۇ يەنە كومپوزىتور ئىمىنجان …

تەپسىلاتى »

تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر(2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان ماقالىسى 2013-07-13 كۈرەش كۈسەننىڭ ياشلىق مەزگىلى، 1990-يىل RFA/Qutlan ھايات رىيازەتلىرى كۈرەش كۈسەننىڭ ئائىلىسىنى كۇچا دىيارىدىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىلى ۋادىسىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىدىن غۇلجىنىڭ چولۇقاي يېزىسىغا چۈشۈرۈۋېتىلگەن تاغىسىنىڭ قېشىغا پاناھ تارتىپ بېرىپ ياشاشقا باشلايدۇ. بالىلىق دەۋرىنىڭ بىغۇبار چاغلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمگەك ۋە تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقلىرىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان كۈرەش كۈسەن ئىلى يېزىلىرىدا ئۆسۈپ چوڭ …

تەپسىلاتى »

زاكوسكا «يۈرەك»

ئاپتور: ئەلسۆي ئۇكام، سەن تېخى ياش ئىكەنسەن، ھايات يولى تېخى ئالدىڭدا. بىر ئۇچۇم بۆلگۈنچى ئونسۇرلارنىڭ ئالدامچى تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ ئۆزەڭنى بۇنداق نابۇت قىلمىغىن. ھازىر دۇنيادا جۇڭگو دېسە ھەممە ئادەم ۋاي دەپ ھۆرمىتىڭنى قىلىدۇ. بۇنداق بىر ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش شەرەپلىك ئىش. ۋاڭ دۈيجاڭ ھەققانىي ئادەم، بىز ئۇيغۇرلارنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. كىچىكىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغان، خوتۇنىمۇ ئۇيغۇر.   خاتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر …

تەپسىلاتى »

ھىدايەتنامە

ئابدۇرېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈر (1923-1995) ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى، تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى، تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى، دىلىم ئىستەيتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى. كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خوشال باشلايلى سۆھبەتنى. سۆزۈمنىڭ باشى بىسمىللاھ بۇ مۆمىنلىك ۋەزىپەمدۇر، سانا يۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۈمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ، قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل، ئەقىدەمدۇر، بۇ …

تەپسىلاتى »

ئېچىنىمەن

ئاپتور: ئەلسۆي – ھا ھا ھا، سەن بەك قىززىقچىكەنسەن. مېنىڭ ئىلگىرىمۇ بىر مىسىرلىق ئوقۇغۇچىم بار ئىدى. ئۇ بەك دىندار كىشى ئىدى. – دۆلەت تىلى ئوقۇتقۇچىسى يېڭى ئوقۇغىچىلارغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنى بىردىن- بىردىن تونۇشتۇرۇشقا بويرىغانىدى. قىزىق پاراڭ سېلىشقا ئامىراق بۇدۈر چاچ ، قارا شەھلا كۆزلۈك چىرايلىق ئەرەب قىزى بۇشرا ئۆزى « مىسىر شاھىنىڭ مەلىكىسى» دەپ چاقچاق بىلەن تونۇش تۇرۇپ …

تەپسىلاتى »