د ئۇ ق نىڭ توكىيودا چاقىرىلىدىغان ۋەكىللەر يىغىنى توغرىسىدا (فىلىم)

مىيونخىن شەھرىدە د ئۇ ق دائىمى كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 15– كۈنى يىغىندىن كېيىن مىيونخىندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا قۇرۇلتاينىڭ نۆۋەتتىكى قارارلىرىنى قىسقىچە ئاڭلىتىپ ئۆتتى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، خەلقئارا ئۇيغۇر سىياسى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرستان خەلق پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ۋە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تەتقىقاتچى قەھرىمان غوجامبەردى، د ئۇ ق نىڭ باشقا مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيت مۇھەممەدجان تۈمتۈرك، ئەسقەرجان، باش تەپتىش نۇرمەمەت مۇساباي، باشكاتىپ دۇلقۇن ئەيسا، د ئۇ ق دىنى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمى كومىتېت رەئىسى تۇرغۇنجان ھاجىم، سابىق خەلقئارا شەرقى تۈركىستان ( ئۇيغۇرىستان) مىللى قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان، ئۇيغۇر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبەرلىرىدىن رەئىس ئۈمۈت ئاگاھى ۋە تۇرسۇن مۇھەممەت، پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندىلەر ئايرىم، ئايرىم ھالدا د ئۇ ق نىڭ بۇ يىل 14- مايدىن 20 – مايغىچە توكىيودا چاقىرىلىدىغان ئومۇمى ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى يىغىنىنىڭ خىتايغا ئەڭ چوڭ سىياسى زەربە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

خىتاي پاي-چەك بازىرى گۇمران بولۇش ئالدىدا

سىياسى ئوبزورچى سىدىق ھاجىروزى ئەپەندىنىڭ «خىتاي پاي-چەك بازىرى گۇمران بولۇش ئالدىدا.» ناملىق سىياسى لېكىسيەسىنى دېققىتىڭلارغا …

ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئېچىنىشلىق(video)

بەھىرلەپ قويۇڭ