مەن ئۇيغۇرمۇ؟(ئەخمەتجان ئابلىز)

بىر كۈنى قىزىم مەكتەپتە شۈجىنى ‹‹خەنزۇ›› دەپ چاقرىسا ،مۇئەللىم ئۇنداق دىسەڭ بولمايدۇ؟ شۈجى خاپا بولۇپ قالىدۇ؟ دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىم نىمە قىلارنى بىلەلمەي گاڭىگىراپ قاپتۇ. ئۇ ئۆيگە كىلىپلا بولغان ئەھۋالىنى ماڭا ئېيىتىپ بەردى. مەن ئۇنىڭغا نىمە دەپ چۈشەندۇرۇشۇمنى بىلمەي ،ئاخىرى ‹‹خەنزۇ›› دېگەن ئۇنىڭ ئىسمى دەپ ئادىىيلا چۈشەنچە بەردىم. قىزىم سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ: -دادا، ئىسىمنى چاقىرىسىمۇ خاپا بولۇپ قالامدۇ؟ -دەپ سۇردى. ئۇنىڭ بۇنداق سۇئال قۇيۇشنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. قىزىمغا بۇ مەسىلىنى ئېزىپ چۇشەندۇرسەم قۇبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم-دە: -قىزىم، ئىسىمنى چاقىرسا خاپا بولمايدۇ،لىكىن ئۇ باشلىق بولغانئىكەن ، شۈجى دەپ چاقىرمىساق خاپا بولۇپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ -دىدىم. قىزىم‹‹ ھە›› ئەسلىدە باشلىقىنىڭ ئىسىمنى چاقىرىسا خاپا بولدىكەندە دىگەنچە : -ئەمدى ،بۇنىڭدىن كىيىن ساۋاقداشلىرىم ئىسىمنى چاقىرسا مەنمۇ ‹‹ ھە›› دىمەيمەن ، مەن سىنىپ باشلىقى بولغانكىن ساۋاقداشلىرىممۇ مىنى ،سىنىپ باشلىقى دىسە‹‹ ھە ››دەيمەن –دىدى.بۇنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا داڭ قىتىپ قالدىم.ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ قىزىمنى ئالدىغانلىقىمغا ئەپسۇسلاندىم .ئۇنىڭغا : -قىزىم بايا سىزنى كولدۇرلاتقان ئىدىم. ئەمدى سىزگە راسىت گەپنى قىلاي، ‹‹خەنزۇ ›› دىگەن مەن،سەن كۆرۇپ تۇرغان ئاشۇ شۈجىنىڭ مىللىتىنىڭ نامى دىدىم. قىزىم  ياندۇرۇپلا:ئۇنداق بولسا ‹‹خەنزۇ›› دىسەك خاپا بولمىسىمۇ بولدىكەن ئەمەسمۇ؟دادا، ئىيىتىڭا،ئۇنداقتا بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ نامى نىمە؟ -دەپ سۇردى. مەنمۇ ئۇلاپلا: ـ ئۇيغۇر – دەپ جاۋاپ بەردىم. قىزىم ‹‹ئۇيغۇي›› دىگەنچە ئاسمانغا قاراپ داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالىدى. مانا مۇشۇ ئىشلار بولۇپ خىلى ۋاقىتلارغىچە قىزىمنىڭ سۇئاللىرى كاللامدىن نىرى كەتمەيدىغان بولىۋالدى.شۇندىن باشلاپ‹‹ئۇيغۇر›› دىگەن بۇ نام ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلىندىغان بولۇپ قالدىم.ئۇيغۇر ھەققىدىىكى چۈشەنچىلىلىرىمنىڭ چۇڭقۇرلىشىغا ئەگشىپ ، بىراۋلارنىڭ مىنى ‹‹ئۇيغۇر››مۇ سەن دىسە ئېتتىكلا «ھەئە›› دەپ جاۋاب بىرىشىتىن ئۇيلىدىغان ،شۇنداق چاغلاردا يۈزلىرىم شەلپەردەك قېزىرىپ كىتىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ مىنىڭ ‹‹ئۇيغۇر ››مىللىتى ئىكەنلىكىمىدىن ئەمەس ،بەلكى ئۇيغۇر مىللىتى دېگەن بۇ ئۇلۇغ نامىغا خاس  تەرەپلەرنى  ھازىرلىمىغانلىقىتىن بولغان ئىدى.بۇنداق  دىسەم ،سىلەر مىنى مازاق قىلىپ ئۇنداقتا ،سەن قازاقمۇ يا قىرغىزمۇ؟ ۋەياكى شىبە،ئۆزبىك،تاتار، ياكى بىز بىلمەيدىغان قايسىبىر مىللەتلەرنىڭ بىرىكشىدىن يېڭدىن ئالەمگە پەيدا بولغان مىللەتمۇ؟ ھىچقانداق مىللەتنىڭ قۇشۇلۇشتىن پەيدا بولىمىغان بولساڭ، سۇن ۋۇكۇڭغا ئوخشاش تاشتىن پەيدا بولۇپ قالغانمۇسەن،ئۆزۈڭنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەنلىكىڭىدىن تانغۇچە ، ئاتا-ئاناڭىدىن تانساڭچۇ؟ دەپ ئاچچىق كىنايە ، تىل –دەشنام بىرشىڭلار  تەبئىي، بەزىلىرىڭلار ماڭا  ،سەن  ئۇيغۇر!! دەپ خىتاب قىلپ ،مىنىڭ ئالجۇقا سۆزلىگەنلىرىمىگە  تەسەللىي بىرىشڭلار مۇمىكىن، مەيلى سىلەر ماڭا تىل-دەشنام  ۋەياكى  تەسەللىي بىرىڭلار ھەممىڭلارغا چىن ئىخلاسىم بىلەن تەشەككۈر ئىيىتمەن ،لىكىن مەن يەنىلا ئۆزۈمگە مەن  ئۇيغۇر ئەمەسمەن دەپ خىتاب قىلمەن.قىنى ، سىلەر مىنىڭ ئالجۇقا جۆيلىگەن   بايانلىرىمىنى ئاڭلاپ ،ئاندىن ماڭا تىل-دەشنام بەرگەنلىرىڭلارغا،  سەن ئۇيغۇر !! دەپ خىتاب قىلغىنىڭلارغا ئۇيلىپ قالىسلەرغۇ ھەقىچان . قىنى ئەمسە ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەققىدىكى گۇمانلىرىمنى بايان قىلىپ باقاي، قىنى ئاڭلاپ بىقىڭلار، مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۇڭلار………

1.مەن تاھازىرغىچە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىتنىك مەنبەسى،ئۇلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا قانداق ئەگىرى-تۇقايلىقلارنى بېسپ ئۆتكەنلىكى،ۋە بۇ جەريانىدا رۇناق تېپىپ،گۈللەپ ياشىنغان دەۋرىلىرى،شانلىق مەدەنىيەت نامايەندىلىرى،شۇندىڭدەك جاھالەت ئاسارىتىگە مۇپتىلا بولغان ئېچىنىشلىق تەقىدىر -قىسمەتىلىرى ، تارىختا ياراتقان مەدەنىيەت ،ئىختىرالىرى قاتارلىقلارنى پەقەت بىلمەيدىكەنمەن.ئۇيغۇر مىللىتى قاچانلاردا پەيدا بولغان، قەيەرلەردە ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئەسلا بىلەيدىكەنمەن .ئۇلارنىڭ بىزلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا بايلىقلىرىنىدىن بىر،ئىككىنىمۇ ساناپ بىرەلمىگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالغانئىكەنمەن ئەمەسمۇ؟

2. بۈگۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشتىن بۇرۇن ئۇزۇن ،مۇرەككەپ تارىخىي جەريانىدا ۋە ھازىرغا قەدەر ئۆز تىلىنى ئىزچىل ھالدا ئورتاق ئالاقلىشىش قۇرالى قىلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە.ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىر ئەزاسى ئەڭ دەسلەپىدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن تىل چىققان . مانا مىنىڭ غۇبارسىز پاك قەلبىمىگە ئۇيغۇر تىلى بىلەن تىل چىققان ،لىكىن يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇ پاك قەلبىمىدا ئالىقانداقتۇر يات تىللار بۆسۇپ كىرىپ ،قەلىب قەسىرلىرىمنى ئەپجەش نەرسىلەر بىلەن تولتۇرۇپ كەپتۇ. ئاغزاكى ۋە يېزىق ئالاقىلىرىدە  ئەرەب، پارس، تۈرك، روس، ئىنگىلىز، نىمىس،  خەنزۇ  قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدىكى خىلى كۆپ  سۆز –ئىبارىلەرنى ئشىلىتىپ ‹‹ئۇيغۇر تىلى›› دىن ئىبارەت  بۇ مۇستەكەم قۇرغاننىڭ ئۇلىنى بۇشاشتۇرۇپ  قۇيۇپ كىلىۋىتىپتىمەن ئەمەسمۇ؟

3. ھەممىزگە مەلۇمكى، يېزىق تىل تەرەققىياتنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدا مەيدانغا كەلگەن بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسى بولۇپ ،تىلىنى خاتىرلەيدىغان بەلگە.بەزى تەتىقىقات ماتىرياللىرىغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق ئىشلەتكىنىگە 2000 يىلىدىن ئارتۇق  مۇساپسىنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ ، دۇنيادىكى ئىلغار مەدەنىيەتلىك مىللەتلەردىن ھىسابلىندىكەن ،تىخى ئەجدادلىرىم ئۆز تارىخىدا باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش بىر خىل يېزىق بىلەنلا چەكلنىپ قالماي،خەنزۇ يېزىقى، مانى يېزىقى،بىراھمى يېزىقى،سوغدى يېزىقى،تۈرك –رونىك يېزىقى ،ئەرەب ئېلىپىبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق بىر قاتار يېزىقلارنى قوللىنىپ، بۇ يېزىقلار ئارقىلىق ئىسىل –مەدەنىيەت مىراسىلىرىنى ياراتقان ئىكەن  .مەن مانا مۇشۇ يېزىقلار ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بىرەر بىباھا بايىلىقلىرىمىزنى بىلمەيدىكەنمەن،كۆرسەممۇ ئۇقۇيالمايدىكەن ئەمەسمۇ؟

4. بىراۋلار مەندىن سىنىڭ ئەجدادلىرىڭ تارىختا قايسى دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان دەپ سۇرسا ،ھىچبىر ئىككىلەنمەيلا، ئىسلام دىنىغا جاۋاب بىرشىم مۇمكىن. لىكىن ئەجدادلىرىم  ھاياتلىق مۇساپسىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلشىتىن بۇرۇن ئۆز تارىخىدا شامان (قامان ) دىنى، مانى دىنى، بۇددا دىنى،نىستۇرىيان دىنى، زەرداش دىنى( ئاتەشپەرەسلىك) دىنى قاتارلىق دىنلارغىمۇ ئېتىقاد قىلغان ئىكەن ئەمەسمۇ؟  ئۇلار بۇ   دىنلارغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق تەبىئەت كۈچلىرى تەرىپدىن سىرلىق بىلىنگەن شەيىئىلەردىن ئۆزىگە تەسەللىي تېپىپ ، روھى جەھەتتىن ئۈستۈنلۈك ساقلاپ ھاياتلىق بىخلىرىنى كۆكلەتكەن. بىر –بىرى بىلەن ئىناق –ئىجىل ئۆتۇش، يالغانچلىق قىلماسلىق، ئەل –يۇرتقا ئاسىيلىق قىلماسلىق ،يامان ئىش ، يامان ھەرىكەتلەردىن ساقىلنىشنى ئۆزىنىڭ بىر پۇتۇن ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرغان ئىكەنكەنلىكىنى، ھەربىر دىننى قۇبۇل قىلىپ ،ئۇنىڭدىن قول ئۈزگەنگە قەدەر بولغان ئارلىقتا قولغا كەلتۇرگەن مۇھاپىقيەتلەردىن بىرەرنىمۇ ئېيتىپ بىرەلمەيدىكەنمەن  ئەمەسمۇ؟

5.يىراق تارىخمىزغا نەزەر سالغىنىمىدا، تۇمۇرۇمدا كۆۋەجەپ ئېقىپ تۇرغان قانىلىرىمىدا ئۇلۇغ بۇۋىلىرىمىزدىن ئەفراسياپ،ئۇغۇزخان ،كۆلبىلگە قاخان، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، ئەمىر تۇمۇر قاخان،ئۇلۇغبىك قاخان ،ئابدىرىشت قاخانلارنىڭ قېىنى بارلىقىنى  بىلمەي، قېنمىدا دادامنىڭ يا ئانامنىڭ قىنى بار دەپلا يۇرۇپتىمەن. ئاشۇ ئۇلۇغ بۇۋىلىرىم  مىللىتىمىزنىڭ تارقاق ھالەتلىرىگە خاتىمە بىرىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ‹‹ئۇيغۇر››دىن ئىبارەت بىر مىللەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرگىنى بىلمەيدىكەنمەن ئەمەسمۇ؟

يىقىنى زامان تارىخىقا  نەزەر سالغىنمىدا،خەلقنى ئازادلىققا ئىرشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان سادىر پالۋان، تۇمۇر خەلىپە، خۇجىنىيار ھاجى قاتارلىق يولباشچىلىرىمىزنى سۇرسا ئۇيالماستىن قايسى تاغنىڭ قاراقچىلىرى ئۇلار دەپ سۇئال قۇيۇپ ،كۈلكىگە قالغان چاغلىرىم بولدى ئەمەسمۇ؟  سىيىت نوچى كىم ؟ دەپ سۇرسا ،ئۇ نوچى ئەمەس ، دۆت ،كالۋا، نادان دەپ گاڭگۇڭلۇق، نوچىلىق ئۈچۈن جىننى پىدا قىلغان نوچىلارغا ،گاڭگۇڭلارغا ھاقارەت تەككۈزۈپتىمەن  . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرلىرىدىن بىرى بولغان ئەخمەتجان قاسىمىنى ‹‹قوشنىمىزنىڭ ئوغلى›› دەپ ئويلاپ يۇرۇپتىمەن ئەمەسمۇ؟

6.بۇددا دىنى تەلماتلىرىنى مۇكەممەل ئىگەللەپ ،ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك بۇددا مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغان كۈسەنلىك بۇددا دىنى مۇتەپەككۇرى كومىراجىۋا،ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىنىڭ يېڭى مۇقەددىمىسى ئاچقان مۇھەممەد مۇسا خارازمىي،ئىنسانىيەت ئالىملىرى تەرىپىدىن ‹‹ئىككىنجى ئارستۇتىل ›› دەپ تەرىپلەنگەن ئىلىملەرنىڭ بارچسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، پىركامىل بۇۋىمىز فارابى ،بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىتا ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ،دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى ياراتقان ،پۇتۇن دۇنيا خەلقىىگە تۇنۇشلۇق بولغان ‹‹قۇتادغۇبىلىك ››تىن ئىبارەت جاھانغا مەشھۇر ئەسەرنى يازغان  يۇسۇپ خاس ھاجىپ ،دۇنيا بۇيىچە تۈنجى قىتىم لوغەت تۈزگەن، تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ئەرەپلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۆچمەس توھپىلەرنى قوشقان ، تۈركىي قۇۋىم مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ،ئۆرپ –ئادەتلىرى، سەنىئىتى، تارىخىي ۋەقەلەرنى بىرمۇ بىر بايان قىلىپ ئۆتكەن ،ئىككى تىلىنىڭ گىراماتكىلىق ئالاھلىكىلىرى، تۈزۈلۇشىنى سىسىتىملىق بايان قىلىپ بەرگەن   مەھمۇد قەشىقىرى،چىڭگىزخان ئەۋلادلىرى ھاكىميىتىنىڭ مۇستەكەملىشى، ئۇلارنىڭ تارىخىنىڭ مەڭگۈ جۇلالنىپ تۇرىشى ئۈچۈن يېزىق كەشىپ قىلىپ بەرگەن مۇڭغۇللارنىڭ ئۇستازى شەرىپىگە نائىل بولغان تاتاتۇڭا،ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتنىڭ راۋاجىلىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس توھپىلەرنى قوشقان ئەھمەد يۈكنەكى،ئەھمەد يەسنەۋى،ئەلشىر ناۋائىي،مەشرەپ، گومنام،قەلەندەر، مۇھەممەد ئابدۇللا خاراباتى،مۇھەممەد سىدىق زەللىي،تەجەللىي ،ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش ، ئىزباسارلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قۇشۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۇرەك قېىنى سەرىپ قىلغان يۇسۇپ قىدىرخان،خانىش ئامانىسا،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا غەيرى ئاغزاكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان ئون ئىككى مۇقامنىڭ ساقلاپ قىلىشقا ئۆچمەس توھپە قوشقان يىقىنقى زامان تارىخمىزدا ئۆتكەن  تۇردى ئاخۇن ئاكا،مىللەتنى خار-زەبۇنلۇق قۇللۇق،ئاڭقاۋلىق ،نادانلىقىتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن  ياشلىق باھارى ھەتتاكى ھاياتلىرىدىن كىچكىپ ، مەرىپەت مەشئىلى كۆتۈرگەن مەمتىلى ئەپەندى،ئابدۇقادىر داموللاقاتارلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرىنى ، بىباھا قامۇسىلىرىنى بىلمەي يۇرگىم سىلەرچە ياخشى  ئەمەسمۇ؟ بۇلارنىغۇ بىلمىسەم كارايىتى چاغلىق دەپ تۇرايلى، تىخى 20-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن باشقا ئەل خەلقلىرى ئۈچۈن تۇنۇشلۇق بولغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تىيىپجان ئىليۇف، ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەد،ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر،ئەنۋەر ناسىرى، نىمشىھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى، زۇنۇن قادىرى،تۇردى سامساق،ئابدىكىرىم خۇجا،زوردۇن سابىر، ئابدۇللا تالىپ،ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىق ئالىم،يازغۇچى،شائىرلارنىڭ  كىملىكىنى بىلمەيدىكەنمەن ئەمەسمۇ؟

7.بۈگۈنكى دەۋرىدە ئاز ساندىكى ئاچا-سىڭىللىرىم  ئۆزىنىڭ ئىپپەت نۇمۇسنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆرۇپ، بىردەملىك كۆڭۈل مەيلى بىلەن مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قىلۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تۆرۇپمۇ، ئۇلارغا تەربىيە بىرىش ،تۇسۇش  نىيىتىدە يۇق،بىر چەتتە قاراپ تاماشاكۆرۇپ ھۆزۇرلىنىپ يۇرۇپتىمەن. قىز-ئۇغۇللىرىم مۇھەببەتتىن ئىبارەت پاك مىھىرى قەلبىلەرنى دەپسەندە قىلسا ، ئۇنى بىر مەيدان قىمارغا ئوخشاتسا پەرۋا قىلماپتىمەن. شۇ ۋەجىدىن پاك مۇھەببەتكە ئېرشىش يولىدا تىنمىسىز تەمىتىرەۋاتقان قىز-ئۇغۇللىرىم  بىر-بىرىگە ئىشەنمەس ، بىر-بىرنى چۈشەنمەس ھالىغا كىلىپ كىلىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟ ئاچا-سىڭلىرىمنىڭ  ۋۇجۇدىدا ئۆز ئىپپەتلىك شەرمى-ھاياسىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىدىن كەچكەن تۇمارس ئانا، نۇزۇگۈم، يەتتە قىزلىرىمنى كۆرەلمىگەن تۇرسام، خۇددى بىراۋلار ئېيىتقاندەك ئاچا-سىڭللارنى باشقۇرمىغان ئاكا خىيانەتچىدۇر دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ يۇرۇپتىمەن ئەمەسمۇ؟تىخى، ئۆزۈمچە ئۇيالماستىن چەتئەللىكلەرنىڭ مۇھەببەت ئىلاھى‹‹ ۋىناس››نى ئاغىزىمىدىن چۈشۇرمەي يۇرۇپتىمەن. مىللىتىمىز ئارسىدىن چىققان ، مۇھەببەت ئىلاھى‹‹ ۋىناس ››قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىغان ئۆزىنىڭ ئۇتلۇق ، ساداقەتمەنلىك  مۇھەببەتلىرى ئارقىلىق يۈرەكلەرنى لال قىلدىغان ئاشىق-مەشۇق  ، كاككۇك-زەينەپلەردىن پەرھاد –شىرىن،غىرىب –سەنەم ، لەيلى-مەجنۇن، كىرىم-لەيلى قاتارلىق ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ بىزنىڭ ماكانمىزدىن ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىن ئىكەنلىكىنى بىلمەي ، ئەيتاۋۇر چەتئەلىدىكى ئانام كۆرمىگەن، دادام بىلمىگەنلەرگە چۇقۇنۇپ، مۇھەببەت كۇچلىرىدا يۇرگەن چاغلىرىمدا ، تىلىمىدىن چۇشۇرمەي داۋراڭ سېلىپ يۇرۇپتىمەن، مانا قاراڭ، بۇ مەن ئۈچۈن سەت ئەمەسمۇ؟

8. بىراۋلار مەندىن ئەجدادلىرىڭ ياشاپ ئۆتكەن بۇ ئەزىزانە زىمىندا قانداق يىغلىقلار يۈز بەرگەن دەپ سۇرسا، كىتاب-ژۇرناللاردىن ،ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلاردىن بىلۋالغان ،يەتتە ياشىتىن-يەتمىش ياشىقۇچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىلدىغان ‹‹يەر ئىسلاھاتى››،‹‹ داجەيدىن ئۆگنىش دولقۇنى››،‹‹ كوپراسىيەلەشتۇرۇش دولقۇنى››،‹‹ مەدەنىيەت ئىنقىلابى›› دىگەندەك ۋەقەلەرنى ئاران-ئاران ساناپ بىرەلەيدىكەنمەن.ئۇيغۇرخاندانلىقى، تۈرك خاندانلىقى،قاراخانىلار خاندانلىقى، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خاندانلىقى ،چاغاتاي خاندانلىقى،سەئىدىيە خاندانلىقى قاتارلىق خاندانلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسسىق قانلىرى سېڭگەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن. تىخى ،ئۇيغۇر خاندانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن ئىستىلا قىلغاندىن كىيىن شەرق –غەربىكە يۈرۈشلىرى، ھەتتاكى گوبى چۆللۈكىدىن ئۆتۈپ ،گەنسۇ، خۇنەن ،شەنىسى قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قىلغان يۈرۈشلىرىدىن مۇستەسىنا ئىكەنمەن ئەمەسمۇ؟قاراخانىيىلار خاندانلىقىنىڭ مۇڭغۇللار تەرىپىدىن ئىسىتىلا قىلشىلىرى ، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن يۇقىتىلغانلىقى  قاتارلىقلارنى ئاتامنىڭ ماڭا ئىيىتىپ بەرمىگەنلىكىدىن كۆرسەممۇ،لىكىن ،يىقىنقى زامان تارىخمىزدا يۈز بەرگەن ئەجدادلىرىمىزنى  قىرغىپ چېپىپ دەپسەندە قىلغان مۇناپىق ياقۇپبەگە، جاللات  سىڭسەي،ماجوڭيىڭ ،ماشۇۋۇ لارنىڭ مىللىتىمىزگە كەلتۇرگەن جەبىر-زۇلۇملىرىنى، قانلىق قىرغىنلىرىغا شاھىدى بولغان بىرەر ۋەقە- يىغلىقلارنى بىلمىسەم ، قانداق قىلاي؟

9.ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئېزگۈ ئۈگۈتلىرى، ئىنسان بولۇش ئەخلاق –پەزىلەتلىرى، ئىلىمنى قەدىرلەش، جاپاغا چىداش، راستىچىل ،سەممىي بولۇش، ۋاپادار، ساداقەتمەن بولۇش ،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش دىگەنلەردىن ۋۇجۇدۇمغا زەرچىمۇ بىرەرسى يۇقمىدى ئەمەس يۇقۇپتۇ، لىكىن راسىتىچىللىقا-يالغانچىلىق،ۋاپادارلىققا-ۋاپاسىزلىق،چوڭلارنى كۆرسە سالام قىلماسلىق ، كىچىكلەرنىڭ سالامنى ئىلىك ئالماسلىق ،كۆز بۇيامچلىق، ساختىپەزلىك ،خۇشامەتچىلىك،چىقىمچىلىق، ھەسەتخۇرلۇقتەك ياۋۇز قەبىئى ئىللەتلەرمۇ يۇقۇپ قاپتۇ. باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىلىرىدىن ئاھ ئۇرۇپ، كېچە-كېچە كىرپىك قاقماي ،تۇرۇسقا قارغىنچە ئۆز-ئۆزۈمگە جىن تۇتۇۋالغان ئادەمدەك سۆزلەپ كىتىدىغان بۇلۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟قىنى،مەندە  ئەجدادلىرىمنىڭ كەڭ قۇرساق بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئەپۇچان بولۇش، ئۆزئاراقوللاش، ئۆزئارا ئىشنىش ،يىغىغا ھەمدەم ، كۈلكىگە ھەمرا بولۇش ئىسىل –ئەخلاقىي پەزىلەتلىرى ئۆز ئىپادىسنى تاپماپتۇ ئەمەسمۇ؟

10. بۇرۇن ئەجدارلىمىز قەدىمىكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىتا ئۆز نەسەپ-ئەۋلادىلىرىغا نام قۇيغان ئىكەن.لىكىن ھازىر مەن پەرزەنىتلىرىمىگە يات بولغان مىللەتلەرنىڭ  پاڭ قۇلاقلىرىمغا، ھۇشسىز كاللامغا شۇنداقلا تەسىر قىلغان ئالىقانداقتۇر ئىسىملارنى نام قىلىپ قۇيۇپتىمەن.تىخى باللىرىمىغا باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسمىغا ئوخشىمايدىغان ،ھەتتاكى دۇنيادا يۇق ئىسملار قۇيۇش ئۈچۈن ئىسىم قۇيۇش ئۇرۇنلارغا ھاۋالە قىلدىغان ئىشلارنى   قىلىپ يۈرگەنلىكىمىدىن نومۇس قىلىدىم. ئەتە-ئۆگۈن مەن  بالىلىرىمغا يەنە قانداق ئىسىمىلارنى يادىكار قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنىدىن گۇمانسىرىتىپ قويمىسام بۇلاتتىغۇ؟مىنىڭ  ‹‹زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق›› دىگەندەك  ئىشلارنى قىلىپ ،ئۆز باللىرىمىغىمۇ ئەجدادلىرىمنىڭ ئىسم-نەسەپلىرىنى قويۇلمىغان تۇرسام قانداقمۇ…؟

11.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئسىل ئۆرپ-ئادەتلىرى، كاتتا بايراملىرىمىز،توي-تۈكۈنلىرىمىز،چايلىرىمىز ،ئولتۇرۇشلىرىمىز ،سەيلە مۇراسىملىرىمىز بار ئىكەن . لىكىن دۇنيانىڭ ئەنىسز سۇرۇن شاۋقۇنلۇق دولقۇنلىرىغا ئەگىشىپ ئاللىقانداقتۇر مىلاد بايرىمى، روژسىتىۋا بايرىمى، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، چاغان ( باھار بايرىمى) ،قاتارلىق بىر قاتار بايراملار مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا  سېڭىپ كىرىپ ،ھاياتلىقىمنىڭ  بىر قىسمىغا ئايلنىپ قىلۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟توي –تۆكۈنلىرىمىدە ھەددىن زىيادە ھەشەمەتچىلىككە بىرىلىپ، ئىسراپخۇرلۇق، بۇزۇقچىلىق بىلەن مەشىغۇل بولۇپ  كەپتىمەن.شۇ ۋاجىدىن ئاتام تىخى توينىڭ دەردىن خالاس بولالماي كىلۋاتىدۇ.كىملەردىن يۇقتۇرۋالغىنىم ئسىمىدە يۇق، قاتار چاي ،تۇنۇشۇش چېيى، ئۆي كۆچكەنلىك چېيى،خىزمەتكە چىققانلىق چېيى، شان-شەرەپكە ئېرىشكەنلىك چېيى دەمدۇ ئشىقىلىپ مەنمۇ نامى تۈزۈك ئېيىتپ بىرەلمەيدىغان بىر قاتار چايلار بىلەن ھەمدەم بولۇپ، تۇرمۇشۇمنى غۇربەتچلىك ،نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتىمەن.بۇرۇن ئەجدادلىرىم ئىلىم سۆھبەتلىرىنى قىلىپ، ئىلمى مۇتالىئە  قىلغان بولسا ،ھازىر مەن ئاچچىق ،بەتبۇي ھاراق ،سېسق تاماكا، ئەدەب ئەخلاق،شەرمى ھايادىن چەتنىگەن تىتىققىسز پاراڭلارغا ئەسرا بولۇپ كەلمەكتىمەن .ئەجدادلىرىم باغ سەيلىسى، چىچەك سەيلىسى، قۇغۇن سەيلىسى ،ئۇرۇك سەيلىسىنى ئۆتكۈزۈپ ،كۆڭۈل ئېچىپ، شاد –خۇراملىققا چۈمگەنئىكەن، ئەمدى بولسا مەن ئۇ سەيلىلەرنىڭ بىرەسىنى ئۆز تۇرمۇشۇمنىڭ قاتلامىلىرىغا سېڭدۇرەلمەپتىمەن. ئەجدادلىرىمنىڭ ماڭا مەڭگۈلۈڭ نەمۇنە بولغان نۇرۇز بايرىمى، مول –ھۇسۇل بايرىمى، بارات، ھىيىت ئايەمىلىرىنىڭ  بەزلىرىنى ئۇنتۇپ، يەنە بەزلىرىنى ئۇنتۇشقا يۈزلەنمەكتىمەن ئەمەسمۇ؟ مەن ئەجدادلىرىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئىسل بايرام، توي-تۆكۈن، چاي، ئولتۇرۇشىلىرىنى ئۇنتۇپ كىتۋاتسام سىلەرچە بۇلارمۇ؟

12.ئەجدادلىرىم بالا تەربىيلەش جەھەتلەردە ماڭا  ئىسل ،بىباھا قىممەتلىك دەستۇرنامىلەرنى قالدۇرۇپتىكەن. لىكىن مەن ئۇلارنىڭ دەستۇرنامىلەردىن بىرەر سۆز-جۈمىلىنى بىلمەي ، ئاللىقانداقتۇر ياتلارنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇللىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ يۇرۇپتىمەن. خۇددى:‹‹ يىراقتىكى موللا داموللا، يىقىندىكى موللا جا موللا›› دېگەندەك ئىشلارنى قىلغىنىمغا ئۆكۈنمەن. سەبىي باللىرىمىزنىڭ قەلبىگە ،ئۇنتۇلغۇسىز زەخمەكلەرنى ئۇرغىنىمغا پۇشايمان قىلمەن. قارمامىسىز ،ئاددىسى مەن بالا تەربىيلەش سەنىئىتمىزنىمۇ بىلمەي ،باللىرىمنى ئانداق تەربىيلەپ،مانداق تەربىيلەپ ۋەتەنگە، خەلقىگە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىمەن دەپ بەڭگىنىڭ خىياللىرىنى قىلىپ يۇرۇپتىمەن. ئەپسۇس، باللىرىم ماڭمۇ يارامىسز ئادەمدەك ،مەنمۇ باللىرىمغا يارماسىز ئادەمدەك كۆرۇنىشىۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟

13.ئەجدادلىرىم ئۆزنىڭ ھايات مۇساپسىنى نام ،نىشان بىلەن قالدۇرۇشنى ئويلاشقان بولسا، مەندەك ئۆزنى بىلمىگەن مەلئۇن بۇ ھاياتلىق مەن ئۈچۈن بىرلا قىتىم كىلىدۇ ،ئۇيناپ ياشىۋالاي دەپ   ھاياتنىڭ قەدىرىنى بىلمەي ئۆتۇپتىمەن.ئاتا-ئانىلىرىمنىڭ، دوسىتىلىرىمنىڭ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ نەسىھەتلىرى مەن ئۈچۈن ئاچچىق تۇيۇلۇپ كەپتۇ. مانا ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى دەققىلىرىدىن سىگنال بەرمەكتە. لىكىن ئارقامغا قارسام ھىچبىر نىشان يۇق.ئاخىر ھەسرەت، پۇشايمانغا ھەمشىرىك بولۇپ ،ئەلۋىدا دىگەنچە كىتىش ئالدىدا تۇرماقتىمەن ……

تاغدىن-باغدىن باشلانغان بايانلىرىم ئۆز مۇقاملىرىنى توۋلاپ ئاخىرلاشماقتا.قىنى ،دەپ بېقىڭلارچۇ مەن ‹‹ئۇيغۇر ›› دېگەن نامغا لايىقكەنمەنمۇ؟

 

مەنبە: ئۆزلۈك چۇقانلىرىدىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …