كىملەر بىزنىڭ دوستىمىز ؟ كىملەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ؟ (6)
م. سايرامى
دوست بىلەن دۈشمەننى توغرا ئايرىش ۋە پەرىقلەندۈرۈش، دوستنى كۆپەيتىپ، دۇشمەننى مۇمكىن بار ئەڭ ئاز سەۋىيەگە چۈشۈرۈش – شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۈچۈن ھاياتى قىممەتكە ئىگە ئىنتايىن موھىم مەسىلە. ناۋادا ئىنسانىي، ۋىجدانى ۋە دىنىي نوقتىدىن قارايدىغان بولساق، ھەقىقەتەنمۇ بۈگۈنكى دۇنيادا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يوق، ئەمما رىياللىق بار. شۇڭا، بىزمۇ دوست بىلەن دۈشمىنىمىزنى مانا شۇ رىيال دۇنيا ۋەزىيىتىگە ئاساسەن بەكىتىمىز.
ئادەتتە ھەرقانداق مەسىلىگە شەخسى دۇنيا قارىشى ۋە ئىدىلوگىيە نۇختىسىدىن قاراپ باھا بەرىدىغان ئىنسانلارنىڭ دوستى ئاز، دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ.
مەيلى دىنىي نۇقتىدىن بولسۇن، ياكى سىياسى ئىدىلوگىيە نۇختىسىدىن بولسۇن، ھەرقانداق شەكىلدىكى رادىكاللىق ۋە تار مەھكىمىچىلىك، دوستلىرىمىزنى رەنجىتىپ، دۈشمىنىمىزنى كۈلدۈرۈش، دوستىمىزنى ئازايتىپ، دۈشمىنىمىزنى كۆپەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنۇڭ ئۈچۈن بىز دوست بىلەن دۈشمەننى بەكىتكەندە، شەخسى دۇنيا قارىشىمىزنى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ ئومومى مەنپەئەتىنى ئاساسلىق چىقىش نۇختىسى قىلىشىمىز، دۇنيانىڭ ئاساسى ئەقىمىغا ماسلاشقان ھالدا ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.
بۈگۈن دۇنيانىڭ ئاساسى ئەقىمىغا ئايلانغان ئامەرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىممەت قاراشلىرىنىڭ بىرى – دەموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوق پىرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت. ناۋادا بىز بۇ ھەل قىلغۇچ پىرىنسىپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ شەخسى ئىدىيەسى بويىچە دوست – دۈشمەن تاللاشقا كىرىشسەك، ئۇ چاغدا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغىمۇ زور زىيان ۋە خەۋىپلەرنى ئېلىپ كەلىمىز.
مەسىلەن، خىتايدىكى «مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى » نى بەشىدىن ئۆتكۈزگەن قەرىنداشلىرىمىز ئوبدان بىلسە كېرەك، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پىشىۋاسى مائو زە دوڭنىڭ، « كىملەر بىزنىڭ دوستىمىز ؟ كىملەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ؟ » دېگەن مائوزۇدا مەشھۇر بىر ئەسىرى بار ئىدى، ئەمىلىيەتتە بۇ ئەسەر، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دوست بىلەن دۈشمەننى بەكىتىشتە تايىنىدىغان قامۇسى بولۇپ، ئۇنۇڭدا، ئومومەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ، جۈملىدىن، مۇستەبىت دېكتاتور مائو زە دوڭنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئىدىلوگىيەسىنى ياقلىمايدىغان، قوللىمايدىغان ۋە ئۇنۇڭغا قارشى تۇرىدىغانلىكى پۈتۈن ئىنسان، مىللەت ۋە دۆۋلەتلەر دۈشمەن كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن، تاشقى جەھەتتە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ( ناتو ) غا ئەزا بارلىق دېموكراتىك ئەللەر، ھەتتا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنى ھەقىيقى سوتسىيالىزىمدىن چەتنەپ كەتكەنلىكى بىلەن ئەيىپلىگەن سوۋەيت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ۋار شوۋا ئاڭلاشمىسىغا ئەزا بارلىق كوممۇنىستىك ئەللەرنىڭ ھەممىسى « دۈشمەن » دەپ بەكىتىلىپ، پەقەتلا ئافرىقىدىكى بىرقانچىلا قەبىلۋە ۋە بەدىۋىلەر دۆۋلىتى « دوست ئەللەر » قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، ئىچكى جەھەتتە بولسا، ئۆز خەلقىنىڭمۇ يېرىمىدىن كۆپىرەكى، يەنى، بىر قىسىم ئىشچىلار بىلەن كەمبەغەل دەھقانلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا، خىتاي خەلقىنىڭمۇ مۇتلەق كۆپ قىسمى دۈشمەن قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، شۇڭا، تاكى مائو زە دوڭ ئۆلگەن 1976 – يىلىغا قەدەر خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تاشقى جەھەتتە دوست – يارەنسىز قېلىپ تەركى دۇنيا بولۇپ ياشىغان، ئىچكى جەھەتتە « دۈشمەن » كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن تەخمىنەن 100 مىليونغا يېقىن خىتاي پۇخراسى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلگەن ئىدى.
بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساقمۇ، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە تار ئىدىلوگىيەسىگە مەھكەم ئەسىلىۋەلىپ، دۇنيانىڭ ئاساسى ئەقىمى ھېساپلانغان ئامەرىكا باشچىلىقىدىكى دەموكراتىك ئەللەرگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىغان، ئامەرىكا ۋە سىيونىزىمغا قارشى ئىدىلوگىيەنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق يەتەكچى ئىدىيەسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان، شۇنداقلا دىنىي نۇقتىنەزەر بويىچە دەموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوق پىرىنسىپلىرىنى رەت قىلغانلىكى دۆۋلەت، مىللەت، پەرتىيە، گۇروھ، تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك خۇددى مائو زە دوڭ دەۋرىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدەك دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن چەتكە قەقىلىپ، دەموكراتىك ئەللەر تەرىپىدىن سىياسى، ئىقتىسادى. دەپلوماتىيە ۋە ھەربىي جەھەتتە زەربىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. بۇخىل تار ئىدىلوگىيەگە ئەسىلىۋالغانلارنىڭ زىيىنى شۇلار بىلەنلا كەتمىدى، بەلكى ئۆزلىرى مەنسۇپ مىللەت ۋە دۆۋلەتكىمۇ زور زىيان ۋە ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.
ئەسلىگە باققىنىمىزدا، دىنىي، ئىنسانىي، ۋىجدانىي نۇختىدىن قارىساق، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى پۈتۈنلەي خاتا دەپمۇ كەتەلمەيمىز، ئەپسۇسكى، بۇ دۇنيا شۇنداق رەزىل بىر دۇنياكى، ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى ئەمەس، بەلكى رىياللىقنى قوبۇل قىلىدۇ، ئىنسان، مىللەت ۋە دۆۋلەتلەرنىڭ تەقدىر – قىسمىتىمۇ رىياللىققا ئاساسەن بەكىتىپ چىقىلىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلاردا، < ئۆزەڭنى چىڭ تۇت، خوشناڭنى ئورغى تۇتما > دەيدىغان بىر تەمسىل بار. شۇڭا بىز پۈتۈن قىسمەتلىرىمىزنىڭ سەۋەبىنى تاشقى ئامىللارغا، يەنى ياتلارغا دۆڭگەپ قويىدىغان خاھىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئاۋال ئۆزىمىزگە پۇختا بولۇشىمىز، تاكتېكىمىزنى ھەسسىياتىمىزغا قاراپ ئەمەس، بەلكى رىياللىققا قاراپ بەكىتىشىمىز لازىم.
تاكتېكا، پەقەتلا مەقسەت ۋە غايىمىزگە يەتىشىمىز ئۈچۈن قوللۇنىدىغان ۋاستىدىنلا ئىبارەت، شۇڭا، تاكتېكا بەكىتىش جەريانىدا، ئەركىن ئىرادىمىزگە خىلاپلىق قىلىپ قويۇشتىن مۇستەسنا بولالمايمىز، بۇ نۇختىنى توغرا چۈشۈنۈشىمىز لازىم.
نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئېلىپ بەرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىمىز ئوخشىمىغان قىتە،، دۆۋلەت ۋە رايونلارغا تارالغان، ھەرقايسى تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزمۇ ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆۋلەتلەرنىڭ سىياسى قۇرۇلمىسى، دۆۋلەت ۋە مىللەت قارىشى، قانۇن – تۈزۈمى ۋە ھاكىمىيەت بەشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ دۇنيا قارىشىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى تەلەببۇزى ۋە تاكتېكىسىنى بەكىتىپ كەلمەكتە. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، تاكتېكا بىلەن كۈرەش نىشانىنى، ۋاستە بىلەن غايە – مەقسەتنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. بولۇپمۇ بۇخىل ئەھۋاللار ئىسلام ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزدە بىر دەقەر ئېغىر. ئۆز مىللىتىنىڭ دەرت – ئەلىمى ۋە غايە – مەقسەتلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پەلەستىن داۋاسى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا شەرىقتە باش كۆتەرگەن ۋە ئاستا – ئاستا دۇنياغا يەيىلىشقا باشلىغان ئانتى ئامەرىكا ۋە ئانىت ئىسرائىل ئىدىلوگىيەسىنى ۋە تالىباننىڭ دۇنيا قارىشىنى سىڭدۈرىۋالغان ۋە بۇ ئىدىيەنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ يەيىشقا تىرىشىۋتقان شەخىسلىرىمىز يوق ئەمەس. ھازىرمۇ ھەم مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىدىلوگىيە جەھەتتە خېلى ئېغىر بۆلۈنۈش مەۋجۇت، بۇ ئاھل، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ خەلقارادىكى ئوبرازىغىلا ئەمەس، بەلكى خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغىمۇ جىددى خەۋىپ كەلتۈرمەكتە.
بۈگۈن، تۈرك – ئىسلام ئەللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۆۋلەتلەر پەقەتلا ئۆز دۆۋلىتىنىڭ ۋە ئۆز خەلقىنىڭ غېمىنى يەۋاتقان ئىكەن، ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ۋە پۈتۈن كۈرەشچىلىرىمىزنىڭ بىردىن – بىر نىشانى پەقەتلا ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولۇشى، ئېلىپ بارغان پۈتۈن پائالىيەتلىرىمىز، پىكىر ۋە ھەرىكەتلىرىمىز مۇشۇ دائىرىدىن ئەسلا چەتنەپ كەتمەسلىكى لازىم !
ئاۋال ئۆزىمىزنى بىر قۇتقۇزايلى، خىتايدىن قۇرتۇلۇپ ئەشىنىپ – تەشىنىپ قالغان چاغلىرىمىزدا ئاندىن باشقا مىللەتلەرنىڭ قۇرتۇلۇشىغىمۇ يارۇ – ھەمدەم بولارمىز !
ھازىر بىزنىڭ پانىسلامىزىمچىلىق، پانتۈركىسىزىمچىلىق، ياكى ئىنتەرناتسىيونالىزىملىق قىلىدىغان ۋاقتىمىز ئەمەس !
1 ) كىملەر بىزنىڭ دوستىمىز ؟
خوش، ئەمدى كەلدۇق گەپنىڭ پوسكاللىسىغا، ئۇنداق بولسا كىملەر بىزنىڭ دوستىمىز ؟ كىملەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ؟
بۇيەردە مېنىڭ « بىز » دېگىنىم، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە خەلقىمىزگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىن ئىبارەت.
ئاۋال دوستلىرىمىز ھەققىدە توختىلايلى :
بۈگۈن قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى خەلقارادا ناھايىتى كەڭ قوللاشقا ئىگە بولۇپ، بۇخىل قوللاش يىلدىن – يىلغا ئەشىپ بارماقتا.
بولۇپمۇ ھازىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك قوللاپ كېلىۋاتقانلار دۇنيانىڭ سىياسى يۆلۈنۈشىنى بەلگىلەپ كېلىۋاتقان ئامەرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىپ دەموكراتىك ئەللىرىدىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە قەرىنداش دۆۋلىتىمىز تۈركىيەمۇ بۇنۇڭ ئىچىدە.
كېيىنكى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق قوللاپ كېلىۋاتقان چەتئەل لىك ئالىملار، مۇتەخەسىسلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە لوبىچىلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپۈيۈپ بارماقتا، ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدىلارمۇ بولۇپ، مەسىلەن ئىسرائىلنىڭ ئاساسلىق ئۇنىۋەرسىتەتىنىڭ بىر فىراپپىسورى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بىلەن ئىزچىل تۈردە ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە، دۇق نىڭ 2004 – يىلىدىكى قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىمۇ بۇ يەھۇدى فىراپپىسور بار ئىدى، كېيىنكى 4 – 5 يىلدىن بۇيان يەھۇدى تەتقىقاتچىلار دۇق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىۋاتقان « ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دەموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوق بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» غا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر كۇرسانتلارغا خەلقارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ كېلىۋاتىدۇ.
قىسقىسى، مەيلى نىمە مەقسەت بىلەن قوللۇشىدىن قەتىنەزەر، بۈگۈن خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلماي، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى دادىللىق بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق كۈچ ينىلا ئامەرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىپ دەموكراتىك ئەللىرىدىن ئىبارەت. بۇ نۇختىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز لازىم.
بۇلا ئەمەس، ھازىرغا قەدەر چەتئەللەردىكى ھەچ بىر مىللەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدە ئەسلا بولۇپ باقمىدى، ئەكسىچە بىزنى قوللاپ ۋە ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
بولۇپمۇ بىز بىلەن قانداش ۋە دىنداش بولغان تۈرك – ئىسلام ئەللىرى خەلقلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە بولغان ھېسداشلىقى ۋە قوللۇشى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بۇ ئەللەردە ئىنتايىن چوڭقۇر خەلق ئاساسىغا ئىگە.
ئەلۋەتتىكى، ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئەڭ يەقىن مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە بولغان دۆۋلەتلەرنىڭ كۆپۈنچىسىمۇ يەنە بىز بىلەن قانداش ۋە دىنداش بولغان تۈرك – ئىسلام ئەللىرىدىن ئىبارەت.
ئەڭ ئاددىسى، بىز بىلەن ھەم قانداش، ھەم دىنداش، ھەم خوشنا بولغان ئەللەرنىڭ كۆپۈنچىسى ھازىر خىتاينىڭ بىۋاستە تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان < شاڭ ھائى ھەمكارلىق تەشكىلاتى > نىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۇ دۆۋلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى يوقۇتۇش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ياردەم بېرىپ ۋە ماسلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىن مىڭ بىر جاپالاردا جەنىنى قۇتقۇزۇپ قازاقىستان، قىرغىسىزتان، پاكىستان، ئۆزبەكىستان … قاتارلىق ئەللەرگە قەچىپ چىققان بەزى قەرىنداشلىرىمىز بۇ ئەللەرنىڭ ھاكىمىيەتلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بەرىلدى، يەنە كۆپلىگەن قەرىنداشلىرىمىز بۇ ئەللەردە « تېرورىست » دېگەن بەدنام بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلاندى، بۇ دۆۋلەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرى، « تېرورىزىمغا ئورتاق قارشى تۇرۇش » دېگەن شوئار ئاستىدا، خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ چەگرا بويلىرىدا بىرلەشمە مانەۋىرلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر خەلقىغە روھى جەھەتتىن قاتتىق بېسىم شەكىللەندۈرۈپ كەلدى …
گەرچە بۇ ئەللەرنىڭ ھاكىمىيەتلىرىنىڭ يۇقارقىدەك قىلمىشلىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلقىمىزنىڭ قاتتىق نەپرىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقىمىز ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بۇخىل نەپرەتنى ھەرگىزمۇ شۇ ئەللەرنىڭ خەلقلىرىگە يايغىنى يوق، ئۇلارنىڭ نارازىلىقى پەقەتلا شۇ ئەللەرنىڭ ھاكىمىيەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ كەلمەكتە.
چۈنكى ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ بېرىۋاتقان ئەللەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك غەيرى دەموكراتىك، ياكى مۇستەبىت ۋە دەكتاتورلۇق تۈزۈمى ئاستىدىكى ئەللەر بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئىقتىسادى، ھەربى ۋە باشقا جەھەتلەردە خىتايغا ئېغىر دەرىجىدە بەقىنىپ قالغان، ئۆز خەلقىنىمۇ بېسىم ۋە زۇلۇم بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقان ھاكىمىيەتلەردىن ئىبارەت. ئەمما، تارىختىن بۇيان بۇ ئەللەرنىڭ خەلقلىرى بىزگە دوستلۇق قولىنى ئۇزاتسا ئۇزاتتىكى، ھەچ بىر زامان دۈشمەنلىك قىلغىنى يوق، شۇڭا، بىزنىڭمۇ ھاكىمىيەتلەرگە بولغان قوساق كۆپۈگىمىزنى شۇ ئەللەرنىڭ ئاۋام خەلقىدىن چىقىرىۋەلىشقا ھەققىمىز يوق، ھاكىمىيەتلەر ۋە دەكتاتورلار ھەرگىزمۇ ئەبەدى ئەمەس، خۇددى ھازىرقى « ئەرەپ باھارى » ھەرىكىتىگە ئوخشاش، خىتاي بىلەن ئەغىز – بۇرۇن يالىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ قان ۋە دىن قەرىنداشلىرىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىۋاتقان چىرىك دەكتاتورلارمۇ ھامان بىر كۈنى خۇددى كازافىدەك بەشىنى يىگۈسى !
يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەت ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆز دۆۋلىتىنىڭ ۋە ئۆز خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ۋاقتى كەلسە ۋاستە تاللاپمۇ ئولتۇرمايدۇ، دەموكراتىيە، كىشىلىك ھوقوق، قان قەرىنداش، دىن قەرىنداش … دېگەندەك قىممەتلەرنى ھەرگىزمۇ ئۆز دۆۋلىتىنىڭ ۋە ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇۋالمايدۇ، پەقەتلا بۇ قىممەتلەرنى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنىڭ ۋاستىسى قىلىدۇ، خالاس !
بۇ، پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئورتاق دۆۋلەت پىرىنسىپى بولۇپ، ئۇلاردىن يامانلايدىغان ھەققىمىزمۇ يوق. شۇڭا، خۇددى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكۈنىمدەك، ئۆزىمىزنى چىڭ تۇتۇشىمىز، خوشنىمىزنى ئوغرى تۇتماسلىقىمىز لازىم.
ئوموملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھەچ بىر تاشقى دۈشمىنى ( خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنۇڭ سىرتىدا ) يوق، پۈتۈن ئەللەرنىڭ خەلقلىرىنى ئۆزىنىڭ دوستى دەپ ھېساپلايدۇ، مېنىڭچە بىز بۇ پىرىنسىپتىن چەتنەپ كەتمەسلىكىمىز، دۇنيادا قۇتۇپلىشىش ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىۋاتقان، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئاساسلىق قىممەت قارىشىغا ئايلانغان دەموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوق پىرىنسىپلىرىغا قارشى رادىكال ئىدىلوگىيەلەردىن ئۇزاق تۇرۇشىمىز، پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرى بىلەن قۇچاقلىشىشنى بىر مىللىي ۋەزىپە دەپ بىلىشىمىز لازىم.
ئادەتتە كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ ھەسەتخور، ئىچى تار، تەلۋە، كۆرەلمەس، مۇتىھەم، دوگما ۋە جاھىل ئىنسانلارنىڭ دۈشمىنى كۆپ، رەھىمدىل، تەقۋادار، كەڭقوساق، دىيانەتلىك، ئىلىملىق، ئەخلاق – پەزىلەتلىك، كەمتەر ئىنسانلارنىڭ دوستى كۆپ بولىدۇ. مىللەت بىلەن مىللەت، دۆۋلەت بىلەن دۆۋلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخش – يامانلىقىمۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى يۇقارقى پىرىنسىپ ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
خەلقىمىزنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىنى ۋە كەلگۈسى تەقدىرىنى شەخسى ھەسسىيات، شەخسى چۈشەنچە ۋە تار دۇنيا قاراشلىرىمىزنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋەتىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم !
2 ) كىملەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ؟
بۇ تېما ھەقىقەتەن ناھايىتى نازۇك ۋە خەتەرلىك بىر تېما بولۇپ، بۈگۈنكى مۇرەككەپ دۇنيا ۋەزىيىتىنى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئومومى ھەسسىياتىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇنۇڭ نەزىرىيەۋىي ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش تولىمۇ قىيىن. چۈنكى، خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورۇنلۇشۇپ كەتكەن « دۈشمەن » ئۇقۇمى بىلەن، بدت كىشىلىك ھوقوق ئومومى باياننامىسى ۋە خەلقارالىق قانۇن – پىرىنسىپلارنىڭ روھى ئوتتۇرىسىدا ئېغىر توقۇنۇش بار. چۈنكى، « دۈشمەن » دېگىنىمىزدە، ھەممىمىزنىڭ ئەقلىگە ئەڭ بۇرۇن «خىتاي » دېگەن بۇ ئۇقۇم كەلىدۇ، كۆپ ھاللاردا خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن خىتاي خەلقىنى، چەتئەل دىكى خىتايلار بىلەن خىتايدىكى خىتايلارنى، خىتايدىكى خىتايلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆچەمن خىتايلارنى، كۆچمەن خىتايلار بىلەن بىڭ تۇئانلىك خىتايلارنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويىمىز، «خىتاينىڭ ياخشىسى يوق » دەيدىغان قاراش كاللىمىزغا چوڭقۇر ئورۇنلىشىپ كەتكەن.
دۈشمەن ئۇقۇمى ھەققىدىكى بۇخىل مۇرەككەپ تۇيغۇ، بەزى ھاللاردا مىللىي ھەرىكىتىمىزنى خەلقارالىق سورۇنلاردا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.
مەسىلەن، 5 – ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار جەريانىدا، بەزى نامايىشچىلىرىمىزنىڭ ئەتراپتىكى خىتايلارغا ۋە چىراي – شەكلى خىتايغا ئوخشاپ كەتىدىغان ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبەردى، خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ بۇ ھادىسىلەرنى ناھايىتى ئوبدان سۈيىستىمال قىلدى ۋە پۈتۈن ئىچكى ۋە تاشقى تەشۋىقاتلىرىدا، تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك قىلىپ كۆرسۈتۈپ، گويا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن خىتايلارنى زەربە بېرىش نىشانى قىلغىنىدەك بىر ساختە مەنزىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇندى، خىتاي ھاكىمىيىتى پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي، گەرمانىيە قاتارلىق بەزى ئەللەردە گەزىتلەرگە ۋە كوچىلاردىكى ئەلان تاختىلىرىغا خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئاگاھ بولۇش ھەققىدە مەخسۇس ئەلان ۋە ئۇختۇرۇشلارنى تارقاتتى، نەتىجىدە، خىتاي ھەكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمقىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىر مەھەل بىر چەتكە قايرىلىپ قەلىپ، شۇ ئەللەردىكى جامائەت پىكرى بۇ نۇختىغا مەركەزلىشىپ قالدى.
ئەينى چاغدا ئەقلى – ھۇشى جايىدا بەزى سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز يۇقارقى ھەرىكىتىمىزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى تەشكىلاتلىرىمىزدا خېلى موھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بەزى ئىنسانلىرىمىز، «خەلقىمىزنىڭ ھەسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم » دېگەننى باھانە قىلىپ، مەسىلىنىڭ خارەكتىرىگە سەل قارىدى.
ئەلۋەتتىكى، خەلقىمىزنىڭ ھەسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، ئەمما، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى خەلقىمىزنىڭ ھەسسىياتىغا ئەگىشىپ مەڭىش ئەمەس، بەلكى خەلقىمىزنى توغرا ۋە پايدىلىق يولغا يەتەكلەشتىن ئىبارەت !
خوش، ئۇنداقتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقىيقى دۈشمىنى كىملەر ؟
ھەچ شۈبھىسىزكى، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى بىزنى دۇنياغا « دۈشمەن كۈچلەر » دەپ ئەلان قىلغان ئىكەن، ئەلۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ بىزنىڭ بىۋاستە ۋە بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنىمىزدىن ئىبارەت !
ئەلمىساقتىن دۇنيادا داۋام قىلىپ كەلگەن ئەن – ئەنىلەرگە تايانغاندىمۇ، مۇستەملىكىگە ۋە تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ، ئۆزىنى مۇستەملىكە قىلغان بىر ھاكىمىيەتنى دۈشمەن دەپ بىلىشى ۋە ئۇنۇڭغا قارشى كۈرەش قىلىشى ناھايىتى نورمال بىر ھادىسە، شۇنداق قىلىشقىمۇ تامامەن ھەقلىق، بۇ نۇختىنى تالاش – تارتىش قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ قىلچە ھاجىتى يوق !
ئەمدىكى گەپ، خىتايدىكى خىتايلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆچەمن خىتايلارنى قايسى كاتىگورىيەگە كىرگۈزۈش مەسىلىسى قالدى.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 1992 – يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك < خەلقارا شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى > دا ئەلىنغان قارارلارنىڭ بىر ماددىسىدا، < خىتاي خەلقى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز، خەلقىمىزگە پۈتمەس – تۈگىمەس بالايى – ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئىبارەت > دەپ ئەنىق كۆرسۈتۈلگەن ۋە بۇ قارار ئەينى چاغدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى نامىدىن پۈتۈن دۇنياغا جاكالانغان ئىدى.
شۇندىن بۇيان، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىز بۇ يەتەكچى ئىدىيەگە ئەمەل قىلىپ كەلمەكتە.
2004 – يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ يۇقارقى پىرىنسىپنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم يەتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بۇ پىرىنسىپقا باشتىن – ئاخىرى تولۇق ئەمەل قىلىپ كەلمەكتە. يەنە شۇنداقلا دۇق نىڭ نىزامنامىسىغا، « شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقىنى ئەتىراپ قىلغان ۋە ھېسداشلىق قىلغان بارلىق خىتاي دەموكراتىك كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدۇ » دېگەن ماددىنى كىرگۈزۈپ، بۇ ماددا ئاساسىدا چەتئەللەردىكى خىتاي دەموكراتلىرى بىلەن بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ كەلمەكتە.
چۈنكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلاش، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى ۋە ئىنسانى ھەق – ھوقوقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يوللۇق ۋە ھەققانىي كۈرەشلىرىنىڭ خارەكتىرى ۋە ماھىيىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلاش، شۇنداقلا خىتاي مىقياسىدا مۇستەملىكىچىلىك ۋە فاشىزىملىق تۈسىنى ئالغان چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيەسىنى تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلىشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي پۇخرالىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە نىسبەتەن نەپرەت، ھەتتا دۈشمەنلىك تۇيغۇسى شەكىللەندى.
بولۇپمۇ ئامەرىكىدا يۈزبەرگەن 11 – سىنتەبىر تېرور ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ، « ۋەتىنىمىزگە ئاساسى خەۋىپ شەرقىي تۈركىستان تەرۆرچىلىرىدىن كەلىدۇ، ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنى » دېگەن سەپسەتىنى ۋە پۈتزۈن ئۇيغۇر خەلقىنى «3 خىل كۈچ » كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ ئېلىپ بارغان تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، ھازىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىلا ئەمەس، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى خېلى كۆپ خىتايلارنىڭ نەزىرىدە قاتتىق مۇداپىيە كۆرۈشكە تەگىشلىك دۈشمەن مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى.
ئەمما، كېيىن خىتاينىڭ ھەقىيقى يوسۇندا دەموكراتىيەلىشىشىغا ئەگىشىپ خىتاي خەلقىدىكى بۇخىل خاتا چۈشەنچىدىمۇ ياخشىلىنىش بولۇشى مۇمكىن.
گەپنىڭ قىسقىسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان خىتاي خەلقى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس، ئەلۋەتتىكى دوستىمىزمۇ ئەمەس، خۇددى بىزنىڭ پىرىنسىپلىرىمىزدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، قاچانكى ئۇلار كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇرتۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئەركىن، ھۆر ياشاش ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىدىكەن، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئۇلارغا دوستلۇق قولىنى ئۇزارتىدۇ !
ئەمدى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ بارلىققا كەلىش ۋە جەريانى ۋە ئىچكى قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، خىتاينىڭ رەسمى ستاتىسكىلىرىدا 10 مىليونغا يەقىن دەپ كۆرسۈتۈلگەن بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئىچىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ۋە يەرلىك خەلقنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ بېرىش مەقسىدىدە ئۆزى تەلەپ قىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەلگەنلەر، كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن سۈرگۈن بولۇپ كەلگەنلەر، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ، « شىن جىئاڭ ياخشى جاي » دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن جان بېقىش ۋە پۇل تەپىپ باي بولۇش مەقسىدىدە كەلگەنلەر بار.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرگە ئايرىش مۇمكىن :
1 ) قارا خىتايلار:
« قارا خىتاي » دېگىنىمىز، شەرقىي تۈركىستاندا بىرقانچە ئەۋلاتتىن بۇيان ياشاپ كەلگەن، يەنى، 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى زھائو ھۇئى ۋە زو زۇڭتاڭنىڭ ئىستىلاسىدىن، تاكى 49 – يىلىغىچە بولغان مەزگىلگىچە بۇ رايوندا ياشاپ كەلگەن تەخمىنەن 300 – 400 مىڭ خىتاي كۆزدە تۇتىلىدۇ، ھازىر ئۇلارنىڭ نوپۇسى تەرەققى قىلىپ بىر مىليوندىن ئەشىپ كەتتى.
بۇ خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى بىلەن بولغان ئىجتىمايى مۇناسىۋەتلىرى تامامەن ئۈزۈلگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى يۇرتلىرىغا قايتىش يوللىرى تامامەن كەسىلگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى يېرىم – ياتا بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ خېلى بىر قىسمى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلغان، ھەتتا موسۇلمان بولغانلىرىمۇ بار.
بۇ تىپتىكى خىتايلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىدىن كېيىن كەلگەن كۆچمەنلەردىن نەپرەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ سىياسى، ئىجتىمايى ۋە ماددى جەھەتلەردە يەڭى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ دەخىل تەرۈزىگە ئۇچرىغان، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىمۇ قارا خىتايلارغا ئىشەنمەيدۇ ۋە ئۇلارنى سىياسى ۋە مەمۇرى جەھەتتە چەتكە قاقىدۇ، ئۇلارنى موھىم يەرلەرگە ۋەزىپىگە قويمايدۇ.
ئەمما، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا ھەر قەتىم يۈزبەرگەن مىللىي ئىنقىلاپلاردا ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانى بولۇپ كەلگىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەردىن ھەر ۋاقىت ئەھتىيات قىلىدۇ، مەسىلەن، 30 – يىللاردىكى تۇنجى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ۋە 44 – يىلىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت مەزىللىرىدە قارا خىتايلار مىللىي ئىنقىلاپچىلىرىمىزنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان ئىدى.
گەرچە ئۇلار ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە تەشەببۇسكار بولمىسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدە يۈزبېرىش ئەھتىمالى بولغان كەڭ كۆلەملىك ئۇيغۇر – خىتاي توقۇنۇشىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەرىپىنى تۇتىدۇ.
2 ) سۈرگۈن قىلىنغان كۆچمەنلەر :
بۇ كۆچمەنلەر ئاساسەن 50 – يىللاردىن تاكى 70 – يىللارغىچە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا مەجبۇرى بېسىم بىلەن كۆچۈرۈپ كەلىڭەن كۆچمەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 3 – 4 مىليون ئەتراپىدا.
بۇ كۆچمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەينى چاغدا «بۇرجۇئازىيە »، « كاپىتالىست »، « باي دېھقان »، « سېسىق زىيالى » … دېگەندەك قالپاقلار كەيدۈرۈلۈپ زەربىگە ئۇچرىغان تۆۋەن، ئوتتۇرا ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك سودىگەر ۋە كارخانىچىلار، گۇئو مىنداڭ دەۋرىدە يەتىشكەن زىيالىلار، مەمۇرى خادىملار، يەر ئىگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئايىلە – تاۋاباتلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسى بېسىمىغا ئۇچرىغان، يۇرتىغا قايتىش يوللىرى مەجبۇرى ئۈزۈپ قويۇلغان، ئەسلى يۇرتىدىكى يەر – زىمىن ۋە مال – بىساتلىرى مۇسادىرە قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى ئەۋلات كۆچمەنلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بار، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى مەجبۇرى نوپۇس تۈزۈمى بىلەن تۇتۇپ تۇرماقتا، ناۋادا كەلگۈسىدە خىتايدا دەموكراتىك موھىت شەكىللەنسە، بۇ خىتاي كۆچمەنلىرى ھەرگىزمۇ شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشنى خالىمايدۇ، ھازىر ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىراز مۆتىدىل پوزىتسىيەدە بولۇپ تۇرىۋاتقانلارمۇ دەل مانا مۇشۇ خىلدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ئىبارەت.
3 ) ھەركەتچان ۋە يېرىم ھەركەتچان خىتاي ئاققۇنلىرى:
نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك خەلق تەرىپىدىن « ماڭلۇر خىتاي » دەپ ئاتالغان ھەرىكەتچان ۋە يېرىم ھەرىكەتچان خىتاي ئاققۇنلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىمۇ تەخمىنەن 3 – 4 مىليون ئەتراپىدا. بۇ ئاققۇنلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان، « شىن جىئاڭ ياخشى جاي » دېگەن تەشۋىقاتىغا ئالدىنىپ، جان بېقىش ۋە پۇل تېپىش مەقسىدىدە ۋەتىنىمىزگە كەلگەن مەدىكار خىتايلار، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شەرقىي تۈركىستانغا مۇقىم يەرلەشمىگەن بولۇپ، بىر پۇتى خىتايدا، بىر پۇتى ۋەتىنىمىزدە، ئۇلاردا چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيەسىنى ئاساس قىلغان « ۋەتەنپەرۋەرلىك » دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسى جەھەتتىكى زەھەرلىشىگىمۇ ئانچە چوڭ ئۇچراپ كەتمىگەن، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلق بىلەن بىۋاستە توقۇنۇش ئېلىپ بېرىشنى خالىمايدۇ، ناۋادا شەرقىي تۈركىستاندا بىرەر مىللىي ھادىسە يۈزبەرگەندە، تاپقان مال – دۇنياسىنى يىغىشتۇرۇپ بىر كەچىدىلا شەرقىي تۈركىستاندىن غايىپ بولىدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى مەجبۇرى تۇتۇپ قالالمايدۇ.
4) 80 – 90 – يىللاردىن ئەتىبارەن < چوڭ غەربى شىمالنى ئەچىش ۋە گۈللەندۈرۈش > دېگەن نىقاپتا ئېلىپ كېلىنگەن خىتاي كۆچمەنلىرى :
بۇلارنىڭ سانىمۇ بىرقانچە مىليوندىن ئاشىدۇ، بۇلارنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقۇرى بولۇپ، ھەممىسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدۇ، سىياسى ۋە ماددى ئىمتىيازى يۇقۇرى، بۇلار سىياسى جەھەتتىن قاتتىق زەھەرلەنگەن بولۇپ، چوڭ خىتايچىلىق خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر، ھەممىسى مەھسۇس ئاتالمىش « ۋەتەنپەرۋەرلىك » تەربىيەسى ئالغان ۋە كوممۇنىستلارنىڭ « خىنجىئاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى » دېگەن سەپسەتىسى ئۇلارنىڭ مەڭىسىگە قۇيۇۋەتىلگەن، ئۇلار يەرلىك خەلقتىن نەپرەت قىلىدۇ، ھاكىمىيەتنىڭ يەرلىك خەلقنى تالان – تاراج قىلىش ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللاپ قۇۋەتلەيدۇ.
5 – ئىيول ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە كوچىغا چىقىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان خىتايلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ خىلدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ئىبارەت !
5 ) بىڭ تۇئەنلىك خىتايلار:
ئۇيغۇرلاردا، «خىتاينىڭ ئەسكىسى بىڭ تۇئەنلىك » دېگەن بىر ماقال بار.
ھەقىقەتەنمۇ شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيەسى ئەڭ ئېغىر، پۈتۈن ۋۇجۇدى « بۈيۈك جۇڭ ھۇئا ئەۋلاتلىرى » دەيدىغان شوۋىنىستىك ۋە ئىمپىرىيالىستىك ئىدىيە بىلەن زەھەرلەنگەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن ئەڭ قاتتىق نەپرەت قىلىدىغانلىرى بىڭ تۇئەنلىك خىتايلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سانى 3 مىليوندىن ئارتۇق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىستىراتىگىيەلىك جايلار، يەنى چېگرا بويلىرى، دەريا – ئەقىنلار ۋە ئورمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىڭ تۇئەنلىك خىتايلارنىڭ كونتۇروللىقىدا.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە پا’ئالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى تەقدىرى مەسىلىسىدە بىڭتۇئەننىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، ناۋادا بۇ رايوندا كوسوۋودىكىگە ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك بىر مىللىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالسا، بۇ توقۇنۇشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىڭتۇئەنلىك خىتايلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىڭتۇئەن بولسا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سا’ئەتلىك بومبا بولۇپ، بۇ بومبا پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنۇڭ يېرىنى ئىگىلەيدىغان خىتاي دېموكراتىك ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ خەۋپلىك.
كەلگۈسىدە بىڭتۇئەن خۇددى ئىلگىرىكى ياڭ زېڭشىڭ، جىن شۇرىن ۋە شىڭ شىسەي دەۋرلىرىگە ئوخشاش مەركىزى ھۆكۈمەتكە بوي سۇنمايدىغان ۋە يەرلىكلەر بىلەن دۈشمەنلەشكەن مىلىتارىست بىر گۇرۇھقا ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئۇلارنىڭ بۇنداق دەپ قارىشىدىكى ئاساسى سەۋەب، بىڭتۇئەننىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ بىر سىرلىق قۇتىدىن ئىبارەت.
بىڭتۇئەندە دېموكراتىك پىكىر – ئېقىملارنىڭ قىلچە تەسىرى ياكى ئىزى يوق بولۇپ، بىڭتۇئەن تەركىبىدىكى خىتايلار نۆۋەتتە پۈتۈن خىتاي بويىچە كوممۇنىستىك پارتىيىگە ۋە ھاكىمىيەتكە ئەڭ سادىق، چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسى ئەڭ ئېغىر خىتايلاردىن ئىبارەت.
ئۇنۇڭ ئۈستىگە ھازىر بىڭتۇئەن سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرى، قانۇنىي ۋە ھەربىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلالايدىغان، مەركەزگە ئانچە بېقىنىپ كەتمىگەن، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى داۋالغۇشلارنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان* مۇستەقىل بىر دۆلەت شەكلىنى تۇرغۇزۇۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىردىن – بىر ئەندىشىسى ۋە دۈشمىنى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت، شۇڭا بىڭتۇئەننىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئىستراتېگىيىسى بولسا ئۇيغۇرلاردىن مۇداپى’ئە كۆرۈش ۋە ئۇلارنى دا’ئىم بېسىم ۋە تەھدىت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئاساسىدا قۇرۇلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىمۇ بىڭتۇئەنلىك خىتايلار بىلەن ئادەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بولۇپ، چۈنكى ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىكلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، زىددىيەت، ئىختىلاپلاردا، يەر، سۇ، مال – مۈلۈك، دەريا – ئېقىن، يايلاق، ئورمان تالىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جېدەل – ماجىرالاردا بىڭتۇئەنلىك خىتايلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەپ كەلمەكتە.
بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىنراقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەنپە’ئەتلىرىگە بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلارمۇ يەنىلا شۇ بىڭتۇئەنلىك* خىتايلاردىن ئىبارەت.
بىڭتۇئەندىكىلەر بىلەن يەرلىكلەرنىڭ بىر – بىرىگە بولغان دۈشمەنلىكى ۋە ئۆچمەنلىكى، بىڭتۇئەن تەركىبىدىكى خىتايلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ خىل دۈشمەنلىك پەقەتلا بىڭتۇئەن قۇرۇلغان 54 – يىلىدىن كېيىن پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى 100 يىللىق ئۇزاق تارىخى جەريانغا ۋە ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. خىتاي مەتبۇ’ئاتلىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، 1954 – يىلى بىڭتۇئەن 175 مىڭ كىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى.
ئۇنداقتا بۇ كىشىلەر كىملەر ؟
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 100 مىڭغا يېقىنراقى بولسا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىپ ياتقان ھەربىي قىسىملىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىلگىرىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلمىغان زورلۇق – زومبۇللۇقلىرى قالمىغان، ئىككى قولى يەرلىك خەلقنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان ياڭ زەن شىڭ، جىن شۇ رىن، شىڭ شىسەي قاتارلىق دىكتاتور مىلىتارىستلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ئىدى.
شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرى يۈز بەرگەن مىللىي ئىنقىلاب ۋە خەلق ئىسيانلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلغان، يەرلىك خەلق بىلەن بۇ خىتاي ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە قىساس تۇيغۇسى شەكىللەنگەن ئىدى.
بىڭتۇئەننىڭ تەشكىل قىلغان خىتايلارنىڭ قالغان قىسمى بولسا 1949 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1952 – يىلىغا قەدەر خىتاينىڭ* شاڭخەي، خۇبىي، خۇنەن، ئەنخۇي، جىجىئاڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي جىنايەتچىلىرى، يەنە كېلىپ بۇ جىنايەتچىلەر قاتىل، ئوغرى – بۇلاڭچىلاردىن تەركىب تاپقان جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى ئىدى.
دېمەك، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۇقارقى قۇرۇلمىسىغا باققىنىمىزدا، ھەچ شۈبھىسىزكى، بىڭ تۇئانمۇ خۇددى خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بىرگە بىزنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىمىزدىن ئىبارەت !
ئەلۋەتتە، بىڭ تۇئاندىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ خىتايچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسىنى ئېغىر سەرىجىدە سىڭدۈرىۋالغان، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنى < دۈشمىنىم > دەپ قارىغان، شۇنداقلا تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ھاكىمىيەتكە ماسلىشىپ يەرلىك خەلققە زۇلۇم سالغان بىر تۈركۈم شوۋىنىست خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدىن ئىبارەت !
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 1949 – يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلق بىلەن مۇستەملىكىچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل تۈردە توقۇنۇش ۋەزىيىتى مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ۋەتىنىمىزدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بىر پارچىسى ۋە موھىم تەركىۋىي قىسمى بولغىنى ئۈچۈن، تەبىي يوسۇندا ئۇلارمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ مىللىي كۈچلىرىمىزنىڭ زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ كەلدى. بۇ، پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا يۈزبېرىۋاتقان ھادىسە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ئەلمىساقتىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئورتاق بىر ئەن – ئەنىدىن ئىبارەت !
شۇڭا، بۇ نۇختىدا ھەچ بىر دۆۋلەت، ھەچ بىر مىللەت، ياكى ھەچ بىر كۈچنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئەيىپلەشكە ھەققى يوق، چۈنكى ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ۋەتىنىدە ۋە ئۆز تۇپرىقىدا ئەركىنلىك كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
ئەمما، شۇنداقتىمۇ مەن يۇقۇرىدا شەرھىلەپ ئۆتكەن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىدىلوگىيەلىك قۇرۇلمىسى ۋە تەركىبىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، زەربە بېرىش دائىرىسىنى مۇمكىن بار يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈشىمىز، خەلقارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن تېرورىزىم ھەققىدە بەكىتىلگەن ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپلاردىن مۇمكىن مەرتىبە چەتنەپ كەتمەسلىكىمىز لازىم.
خىتاي ھاكىمىيىتى مىللىي ھەرىكىتىمىزنى پارچىلاپ ۋە بۆلۈپ يوقۇتۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئىكەن، بىزمۇ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىپ، ۋەتىنىمىزدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن قىلىۋالماي، ئۇلارغا قارىتامۇ پارچىلاپ تاقابىل تۇرۇش تاكتېكىسىنى قوللۇنۇشىمىز لازىم !
ئەمدى، ئىچكى دۈشمەنلىرىمىزگە كەلسەك، بۇ ھەقتىمۇ مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوخشىمىغان قاراش ۋە ئىختىلاپلار بار.
ئىچمىزدىكى بەزى دوگما ۋە رادىكال كۈچلەر، نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، قانۇن ۋە باشقا ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ، جۈملىدىن، ھۆكۈمەت ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان يەرلىك كادىرلارنىمۇ < ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۈشمىنى > دەپ قارايدۇ، بۇخىل قاراش تولىمۇ خەۋىپلىك ۋە خاتا چۈشەنچىدىن ئىبارەت.
چۈنكى ۋەتىنىمىز 60 نەچچە يىلدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇرىۋاتىدۇ، بۇ موھىتتا ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ھاياتلىق ئۈچۈن ئىشلىشى لازىم، ئىش بىلەن ئاش خىتاينىڭ قولىدا، شۇڭا ھاياتلىق ئۈچۈن ئەلۋەتتە خىتاينىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدۇ، ئۇنۇڭ ئۈستىگە ھازىر خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئىلگىرى ئىشلەپ ھازىر پەنسىيەگە چىققان يەرلىك كادىرلارنىڭ ئومومى سانى بالا – چاقىلىرىنى قوشقاندا مىليوندىن ئاشىدۇ، بۇلارنى < دۈشمەن > دەپ قاراش، تولىمۇ ئاڭسىزلارچە ۋە ئاخمىقانە قاراش بولۇپ، بۇخىل رادىكال قاراشلاردىن قەتى ئۇزاق تۇرۇشىمىز، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇخىل قاراشنىڭ تەسىرىنى يىلتىزىدىن قازىلاپ چىقىرىشىمىز لازىم !
ۋەتىنىمىزدە خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئەغىز – بۇرۇن يالىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز خەلقىغە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان، ئاڭسىزلارچە ئەمەس، بەلكى بىلىپ تۇرۇپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقۇتۇش ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ بېرىۋاتقان مىللىي مۇناپىق ۋە ساتقۇنلارمۇ ئەلۋەتتە بار، ئۇلارمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرى، ئەمما بۇخىل مۇناپىقلارنىڭ سانى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، ھەتتا مىللىتىمىزنىڭ يېرىم پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلالمايدۇ، خەلقىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قەلبىدە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدىن نەپرەت قىلىدۇ، ۋەتىنىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ بالدۇرراق مۇستەقىللىق، ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىككە ئەرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئىچىدە بۇنى جانابى ئاللاھتىن تىلەيدۇ، ئەمما، رەھىمسىز ۋە شەپقەتسىز موھىت ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەركىن ۋە ئاشكارە ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرغان.
مەسىلەن، 5 – ئىيول ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئەلان قىلىنغان ماتىرىياللاردا قەيت قىلىنىشىچىمۇ، قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، گۇماندارلارنى تۇتۇش، سوراق قىلىش ۋە ھۆكۈم ئەلان قىلىش جەريانىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ساقچىلار، تەپتىشلەر ۋە سوتچىلار، ھەتتا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مەخپى خادىملىرى ۋە تەرجىمانلار غەرەزلىك ھالدا يۇقۇرىنى ئالداپ، ئاستىرتتىن «جىنايەتچى » لەرگە بولۇشقان، يوشۇرۇن قانات ئاستىغا ئالغان، سوراق جەريانىدا قولغا ئەلىنغانلارغا قۇرتۇلۇشنىڭ چارە – تەدبىرلىرىنى ئۆگەتكەن، ئىقرار قىلماي تەنىۋەلىشنى ئېيتقان، خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر ئولتۇراق رايونىغا باستۇرۇپ كېلىۋاتقاندا بۇنى بەزى ئۇيغۇر ساقچىلار ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى ئالدىن بېرىپ خەۋەر قىلىپ قويغان، بۇ جەرياندا ئۆز مىللىتىگە قىلىنىۋاتقان ئادالەتسىزلىككە، قانخورلۇققا تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر قانۇن خادىملىرى خىزمەتلىرىدىن ئىستىپا بېرىپ چىقىپ كەتكەن …
دېمەك، بىز ھەرگىزمۇ سۇبەكتىپ ھەسسىياتىمىزغا تايىنىپ، ياكى ئىنسانلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە ۋە سالاھىيىتىگە قاراپلا ئالدىراپ ئۇلارنى « دۈشمەن » كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزىۋالماسلىقىمىز لازىم.
چۈنكى بۇ داۋا ئۇزۇن داۋا، زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ ھەقىيقى قىياپىتىمۇ ھامان بىر كۈنى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئاخىرىدا شۇنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەنكى، دوست بىلەن دۈشمەننى پەرىقلەندۈرۈش ۋە ئۇنۇڭ چەك – چېگرىسىنى بەكىتىش جەھەتتە مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم ۋە ئۇنۇڭ رىياسەتچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ناھايىتى رىيال ۋە توغرا يولنى تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تاللىشى ۋە تاكتېكىسى ھەم خەلقارالىق قانۇن – پىرىنسىپلارنىڭ روھىغا مۇناسىپ كەلىدۇ، ھەم خەلقىمىزنىڭ دىلىنى رەنجىتمەيدۇ، ھەم شۇنداقلا دوستلىرىمىزنى كۆپەيتىش، دۈشمىنىمىزنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ !
( داۋامى بار
|