غەرىپكە قارشى شەكىللىنىۋاتقان خىتاي فىرونتى ۋە شەرقى تۈركىستان

ئاپتورى : شاگىرت
( 26 ياش )
نۈۋەتتىكى رېئال ۋەزىيەتتكە قارايدىغان بولساق دۇنيادا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا . بۇ نۈۋەتلك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، خىتتاي بۇ نۆۋەتلىك غەرىپكە قارشى فىرونىتنىڭ لىدىرى بولۇپ ئوترىغا چىقىۋاتىدۇ . تۈۋەندە مەن بۇ فىرونىتنىڭ ئىچىدىكى ختتايغا ئەگەشكۈچى ئاساسلىق كۈچ دۈلەتلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزەمنى ئوترىغا قويىمەن .
1. روسىيە
روسىيە ئەزەلدىن ئامىرىكىنى بىرىنىچى نۇمۇرلۇق دۈشمەن دەپ قارايدۇ . سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىپ كۈچلىرى تەرىپىدىن يىمىرلىشى ، روسىيىنىڭ ئامىركىنى بىرنىچى نۇمۇرلۇق دۈشمەن كۈچ دەپ قارىشنىڭ ئەنئەنۋى سەۋەبى بولسا ، 11 سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىنلا باشلانغان شەرىقى ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىلىنىش سېستىمىسى ھازىرقى رېئال سەۋەپتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن روسىيە خىتتاي ۋە ئىران قاتارلىق ئامىركىنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئامىركا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش يولىنى تاللىدى . نەتىجىدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كىيىن شەكىللەنگەن ، روسىينىڭ تاشقى سىياسەت جەھەتتىكى ئىدولوگىيە بوشلۇقى مانا مۇشۇنداق مەزمۇن بىلەن تۇلۇقلاندى. بۇنى روسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئاساسلىق قۇرغۇچى ئەزا سۈپىتىدە قاتنىشىشى شۇنداقلا ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىدە جوڭگو بىلەن ئىزچىل بىردەكلىكىنى ساقلىشى تېخمۇ تۇلۇقلايدۇ .
2. تۈركىيە
تۈركىيە گەرچە ناتوغا ئەزا دۈلەت بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تاشقى سىياسىتىدىن شۇنى كۈرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، تۈركىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ يۈلۈنۈشى شىمالدىن جەنۇپقا ۋە شەرىققە قاراپ سىلجىماقتا . يەنى شىمالدىكى ياۋروپادىن تەدرىجى يىراقلاپ جەنۇپتىكى ئەرەپ ئىسلام دۇنياسىغا ، شۇنداقلا شەرىقى يۈلۈنۈشتىكى خىتتايغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە . بۇنۇڭغا ئەڭ تىپىك مىسالدىن بىر قانچىنى كۈرسىتىش مۇمكىن . مەسىلەن تۈركىيەنىڭ پەلەستىن مەسلىلىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن تىغمۇ-تىغ تۇرۇشى ، ۋە ئوترا شەرىقتىكى ئىسرئىلىيەگە قارشى كۈچلەرنى ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن قوللىشى ، داۋىستىكى ئىقتىسات مۇنبىرىدە رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئەپەندىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى سەۋەبىدىن يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى قاتارلىقىلار . بۇ يەردە بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن مىسللارنى كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
2010 يىلى خىتتاي -تۈركىيە بىرلىشى ئۈتكۈزگەن ‹‹ ئاناتولىيە بۈركۈتى ›› ناملىق ھەربى مانېۋېر، خىتتاينىڭ تۈركىيەگە زور سوممىلىق ھەربى -قورال ياراغ سېتىپ بېرىشى ، ۋېن خىتتاينىڭ تۈركىيەدە مۇھىم دۈلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ، ئىككى دۈلەتنىڭ ئوترىسىدىكى سودىنىڭ كۈنسايىن سىجىل تەرەققى قىلىشى قاتارلىقىلار يۇقۇرقى تۈركىيە توغرىسىدىكى قاراشلارنى قۇۋەتلەيدۇ .
تۈركىيە ناتتونىڭ ئەزاسى بولغانلىقتىن تېىخى بۇ ئىتىپاققا تولۇق ئىشىتىراق قىلمىغان بولسىمۇ ، تۈركىيەنىڭ سىياسى جۇغراپىيىىلىڭ ئورنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۇ ھامان مۇشۇ ئىتىپاققا قاتنىشىدۇ .
چۈنكى تۈركىيەنىڭ غەرىپلشىش ئارزۇسى ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇشتىكى مەغلۇبىيىتى بىلەن سۇغا چىلاشتى . ۋاقتى كەلگەندە تۈركىيە ۋەزىيەتنىڭ ئۈزگۈرىشىگە قاراپ ناتودىن چىكىنىپ چىقىپ كېتەلەيدۇ .
3.ئىران
ئىران ئامىركىنى دۈشمىنى شۇنداقلا جوڭگونىڭ يېقىن دوستى بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت . بۇ توغرىسىدا كۆپ توختىلىش ھاجەتسىز . ئىراننىڭ كەينىدىكى كۈچ روسىيە ۋە خىىتتاي . ئۇنىڭ بارلىق يادرو تېخنىكىسى ۋە ھەربىي سانائەت كاپىتالى روسىيە ۋە خىتايدىن كېلىدۇ . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدىمۇ خىتتاي بىلەن روسىيە ئىرانغا قارشى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ . يەنە نۇرغۇن پاكىتلارنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ .
ئوموملاشتۇرغاندا :
خىتاي فىرونىتى: خىتاي-روسىيە – ئىران -تۈركىيە
غەرىپ فىرونىتى: ئامىركا -ياپونىيە -ياۋروپا
غەرىپ فىرونىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە جۈملىدى ئامىركا -ياپونىيە ئىتىپاقى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ، ياۋروپا ئىتىپاقىدىكى فىرانسىيە -گىرمانىيە ئوترىسىدىكى تەسىر دائىرە تالىشىش كۈرەشلىرى ، فىرانسيىنىڭ روسىيە ۋە خىتتاي ئارقىلىق ئامىركىنى چەكلەپ دۇنياۋى كۈچ بولۇش تەسەۋۇرى ، ناتونى شەرىققە كېڭەيتىش ئارقىلىقمۇ ياكى ياۋروپا ئىتىپاقى رامىكىسى ئىچىدە ئامىركىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ماترىكىدىكى ھۈكۈمرانلىقىنى ساقلاش كېرەكمۇ ، بالقان يېرىم ئارىلى ۋە كاۋكاز رايۇنىدىكى ئامىركا دۇچ كېلىۋاتقان خەۋىپلەر ، مەركىزى ئاسىيا رايۇنىدىكى مۇقىمسىزلىق ۋە شەرىقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ
ئامىرىكىنىڭ 21 ئەسىردىكى پايدىلىنىش قىممىتى دىگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئايرىم -ئايرى مەخسۇس تېما شەكىلدە توختىلىمەن .
ھىندىستانغا كەلسەك جوڭگو بىلەن ئەنئەنۋى دۈشمەنلىكى بولسىمۇ ، كەڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتىساق سودا ، ئىدولوگىيە ۋە باشقا جەھەتلەردە چوڭقۇر زىتتىيىتى يوق . پەقەت چىگرا مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنسىلا بۇ ئىككى خوشنا دۈلەت ئوترىسىدا چوڭ ئختىلاپ يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندستان ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ختتايغا مۇھتاج . خىتتايمۇ شۇ . ئىككى دۈلەت رەھبەرلىرى بۇ نۇقتىنى ياخشى چۈشىنىدۇ . شۇنداقلا ئۇرۇشنىڭ خىتتاي ۋە ھىندىستانغا ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىشىدۇ .
ھىندىستان ھازىر ئامىركىغا ختتاي كوزورىنى ، ختتايغا غەرىپ كوزىرىنى ئويناپ قوش نەپ ئېلىشنىڭ كويىدىلا يۈرمەكتە . شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدىكى ھىنىدستان ئامىركا لاگىرىغا قاتنىشىپ قوشنىلىرى-
خىتتاي ،ئىران ،روسسىيىگە دۈشمەن بولىۋېلشنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ . ئۇنىڭ قايسى ئىتىپاققا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرچە بىر نەرسە دىيىش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ .
غەرىپ لاگىردىكىلەر بىلەن ختتاي لاگىردىكىلەرنىڭ ئوترىسىدا رايۇن ياكى دۇنياۋى خارەكتىرلىق ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى يوق دىيەرلىك . چۈنكى ھەر ئىككىلا تەرەپتە زور مىقتاردا يادرو قورالى بولۇپ قارش تەرەپنىڭ پۈتۈن زىمىنىنى يوق قىلىۋەتەلەيدۇ . ئامىركىنىڭ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ھەربى بازىلارنى قۇرۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى رايۇن خارەكتىرلىك كىچىك توقۇنۇشلارغا تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش ، يەر شارىدىكى ھەر قايسى رايۇنلاردىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ، دېڭىزدىكى تىرانسىپورت لىنىيىلىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلشتىن ئىبارەت. شەرىقى ياۋروپادىكى باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىلىنىش سېستىمى- روسىيىنىڭ ياۋروپاغا كېڭىيىشنى توسۇش ئۈچۈن قېقىپ قويغان سمىۋول خاروكتىرلىق قوزۇقتىنلا ئىبارەت بولسىمۇ بۇ روسىيەنىڭ ئامرىكىننى بىرنىچى دۈشمەن دەپ قارىشغا ئاساس سېلىپ بەرگەچكە بۇ پىلان ئوباما ھۆكىمىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى .
يەنە بىر نوقتىدىن قارىغاندا ئامىركا بىرلىككە كەلگەن دىمىكىراتىك ختتايغا بەكرەك مايىل . چۈنكى ئامىركا مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئامىركىچە قىممەت قاراشنى ۋە ئەركىن كاپىتالىزىمنى شەرىقى ئاسىيادا
كېڭەيتەلىگەندىن سىرىت ، ئامىركىغا مايىل دىمىكىراتىك ختتايدا تېخىمۇ چوڭ ، بىخەتەر ، ئەركىن بازارغا ئىگە بولالايدۇ . خىتتاي پارچىلانسا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زەنجىرسىمان ئاقىۋەت ئامىركىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا سىياسىتىگە سەلبى تەسىر ئېلىپ كېلدۇ . ئامىركا ختتاينىڭ تىنىچ ئۇسۇلدا ئۈزگىرىشىنى خالايدۇ .
يىغىپ ئېيتساق ، ئامىركا باشچىلىقىدىكى دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىپ ختتىاينى پارچىلايدىغان چۈشىنى كۈرۈپ ئۇخلاپ ياتساق قەتتى بولمايدۇ . سىياسى تولىمۇ مۇرەەككەپ ھەم ئۈزگىرىشچان كېلىدۇ . ھەر قاندق تەشكىلات ، دۆلەت ۋە رايۇنغا ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ . بىز بۇرۇندىن تارتىپ كۈپ قېتىم قېلىپلىشىپ قالغان ئىدىيىلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن . ھازىر نۇرغۇنلىرىمز تەمە قىلىۋاتقان ، ئۈمۈت باغلاۋاتقان ئامىركىنىڭ خىتتاينى پارچىلاپ مۇستەقل شەرىقى تۈركىستان قۇرۇلۇش تەسەۋۇرى دەل
مۇشۇنداق بىزنى كولدۇرلىتىپ داغدا قويغان قېلىپلشىپ قالغان ئىدىيلەرنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ۋارىيانتى بولۇش ئېھتىمالى بەك يۇقىرى .
ئېھ ، ئۇلۇغ ئاللا بولسا  بۇ بىچارە ،ناتىۋان ، ئاق سۈڭەك ئۇيغۇر ئاتلىق مىللىتىڭنى پەسكەش ، تۈۋەن دەرجىللىك ياۋۇز كاپىر خىتتايدىن ئازات قىلۋېتەرسەن . ئويغۇرۇم بەك جىق ئازاپ تارتىپ كەتتى . تارىختا ھەرقانچە كۇپۇرلۇق ئۆتۆپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمدى بىر نۈۋەت بولسىمۇ بۇ بىچارە مىللىتىمنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىپ بېشىنى سىلاپ قويىشىڭنى تىلەيمەن

مەنبەسى: ئازاتلىق تورى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …