شەرقى تۈركىستاننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئېنىرگىيە لىنىيەسىدىكى سىياسى-جۇغراپىيەلىك قىممىتى

Vollbild anzeigen

شاگىرىت ( 26 ياش )

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان، شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسى جەھەتتىكى مۇقىملىقىىغا كاپالەتلىك قىلىش، جۈملىدىن ئويغۇرلار بىلەن قېرىنداش ئوتتۇر ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشنى يادرولۇق نىشان قىلغان تىپىك سىياسى تەشكىلاتتۇر. مەركۇز تەشكىلاتنىڭ يەر شارى خارەكتېرلىق نىشانى  ئامېرىكىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا رايۇنىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشتىن ئبارەت. بۇ كۆپ قىسىم جامائەتچىلىككە تونۇشلۇق سىياسى بىلىملەر.
مەن تۆۋەندە بۇ تەشكىلاتنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەقسىتى-ئېنىرگىيە ئىستىراتېگىيەسىنى سېستىمىلىق ھالدا ئىلمى يۇسۇندا ئوتتۇرغا قويىمەن.
خىتاينىڭ ئوتتۇر ئاسىياغا تۇتىشىدىغان ئەڭ مۇھىم نېفىت، تەبىئي گاز تۇربا لىنىيەسى ۋەتىنىمىز  شەرقى تۈركىستاننى بىۋاستە كېسىپ ئۆتىدۇ. قازاقىستان-خىتتاي ئېنىرگىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بۇ ئىككى دۆلەت ئۈچۈن غايەت زور ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى قازاقىستاننىڭ ئېنىرگىيەسى خىتاينىڭ ھازىرقى ئامېرىكا تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرىۋاتقان زۆرۆر ئەھۋال كۆرۈلسە كېسىۋېتىلىش ئېھتىمالى بولغان ئېنىرگىيە لىنىيەلىرى ئارقىلىق توشۇلىدىغان ھالەتتىكى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە بېقىندى بولۇپ قالغان ۋەزىيىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتەلەيدۇ.
قازاقىستان ئەلباشى -نۇرسۇلتان نەزەربايوف 2009 يىلى ئاپىرىلدا بېيجىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ جەرياندا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق مۇھىم نوقتىسى ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ئېنىرگىيە تەمنلەش جەھەتتە ئىستىراتېگىيەلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش _ دېگەندەك كونكىرېت مەسىلىلەر ئۈستىدە بولدى. سۆھبەتتىن كېيىن خىتاي مەتبۇئاتلىرى « قازاقلارنىڭ نېفىتى خىتاينىڭ نېفىت تۇربىلىرىدا ئاقماقتا » دېگەن سەرلەۋھەلىك ماقالىنى ئېلان قىلدى. 2009 – يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن « ئاتاسۇ-ئالاتاۋ ئېغىزى» تەبىئىي گاز تۇربا لىنىيەسى بىۋاستە ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى كېسىپ ئۆتۈپ،خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى.

خىتاي ئېنىرگىيە شىركەتلىرى يەنە قازاقىستاننىڭ «مويناكسىكايا ›› ( بەلكىم توغرىسى باشقىچە بولۇشى مۇمكىن، ئېسىمدە قالغىنى بويۇچە ئالدىم .) ھىدرو-ئىلىكتوروت ئىستانسىنى قۇرۇش تۈرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ .ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئۇچۇر ئورگىنىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا قازاقىستاننىڭ « قاشغان » نېفىتلىكى ئوتتۇر شەرقتىن قالسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىك بولۇپ، كاسپى دېڭىزنىڭ شىمالي قىرغىقىغا جايلاشقان ئاتيارۇ شەھىرىگە يېقىن يەردىكى مەركۇز نېفىتلك زاپاس مىقتارى بويۇچە ھېساپلىغاندا دۇنيادىكى 5-چوڭ نېفىتلىك بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن . خىتتاي قازاقىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى «ئاتاسۇ » دىن شەرقى تۈركىستاندىكى «ئالاتاۋ »ئېغىزىغىچە 986 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتا نېفىت تۇربا لىنىيەسى قۇردى. بۇ ئارقىلىق كاسپىي دېڭىزىدىكى غايەت زور مىقتاردىكى نېفىتنى خىتايغا ئۈنۈملۈك ئىمپورت قلغىلى بولىدۇ . مەركۇز تۇربا لىنىيە تۈرىگە خىتاي نېفىت شىركىتى بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى مەبلەغ سالغان.خىتاي نېفىت شىركىتى قازاقىستاندىكى يەنە نۇرغۇنلىغان ئاساسلىق ئېنىرگىيە تۈرلىرىگە مەبلەغ سالغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك تىرانسىپورت تۇربا لىنىيەلىرىنىڭ ھەممىسى شەرقى تۈركىستاندىن ئۆتىدۇ.
2007 – يىلى خىتاي نېفىت شىركىتى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن 2 مىىليارت دوللەر مەبلەغ سېلىپ بىر تەبئي گاز تۇربا لىنىيەسى قۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. بۇ تەبئىي گاز تۇربا لىنىيەسى تۈركىمەنىستاندىن باشلىنىپ قازاقىستان، ئۈزبەكىستانلارنى كېسىپ ئۆتۈپ خىتايغا تۇتىشىدۇ. يەنى مەركۇز لىنىيە تۈركىمەنىستان-ئۆزبەكىستان چىگىراسىدىكى « گېدايىم » دېگەن يەردىن باشلىنىپ
قازاقىستاندىن ئۆتۈپ شەرقى تۈركىستاننىڭ قورغاس ئېغىزىغا تۇتىشىدۇ . ئومۇمى ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 1769 كىلومېتىر كېلىدۇ. تۈركىمەنىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدا مەركۇز تەبىئي گاز لىنىيەسى ئارقىلىق تۈركىمەنىستاننىڭ خىتاينى 30 يىل تەبئي گاز بىلەن تەمىنلىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

خىتاي نېفىت شىركىتى يەنە تۈركىمەنىستاندىن خىتايغا تۇتىشىدىغان ئىككىنچى تەبئي گاز تۇربا لىنىيەسىنى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. مەركۇز لىنىيە شەرقى تۈركىستاندىن ئۆتۈپ خىتاينىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، خىتاي تەرەپتىن تەخمىنەن 7 مىلليارت دوللەر كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇندىن تاشقىرى يەنە خىتاي روسىيە بىلەن شەرقى سىبىريە رايۇنىدىن ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان ئارقىلىق خىىتايغا تۇتىشىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر تەبئي گاز لىنىيەسى بەرپا قىلىش ئىشى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ . شەرقى سېبىريەدىكى ئېنىقلانغان تەبىئي گاز زاپىسى 4 تىرلىيون 200 مىلليارت كۇپ مېتىر. يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولغان شەرقى تۈركىستاندىن ئۆتىدىغان بۇ تەبىئي گاز لىنىيەسى ئارقىلىق  پەقەت شەرقى سېبىريە رايۇنىدىكى «كوۋيىكتا » تەبئي گازلا خىتاينىڭ كەلگۈسى نەچچە ئون يىللىق تەبئي گاز ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ.

نۆۋەتتىكى يەرشارى ئىقتىسادى كىرزىسى شارائىتدە  قازاقىستان خىتايدىن 10 مىلليارت دوللەر مەبلەغگە ئېرىشتى. بۇنىڭ يېرىمى ئاساسلىقى قازاقىستاننىڭ ئېنىرگىيە ساھەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . يۇقۇرىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان تەبئي گاز ،نېفىت تۇربا لىنيەلىرى ئوتتۇر ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا ئىقتىسادى جەھەتتىن بېقىنىپ قېلىشى ئۈچۈن يادرولۇق ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ . ئوتتۇر ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى سىياسەت بەلگۈلۈگۈچلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكى ۋە پارىخورلىقى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەت جەھەتتتىكى ئازدۇرۇشى ۋە يەنە نۇرغۇن چۇڭقۇر رېئاال مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن خىتاي بۇ دۆلەتلەردە ئۆزىنىڭ يوقۇرىدا سۆزلەنگەن نۇرغۇن سىياسى ۋە ئىقتىسادى ئىستىراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلمەكتە. روسيە _ خىتاينىڭ ئوتتۇر ئاسىيا رايۇندىكى سىياسى جۇغراپىيىەلىك  ئىستىراتېگىيە ھەمكارلىقى ۋاشىڭگىتوننىڭ  بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇنداقلا بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئامېرىكىنىڭ يەرشارى ئىستىراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولشى مۇقىىملىشىپ بولدى. گەرچە ئامېرىكا ھۆكىمتى ئوچۇق ئېتىراپ قىلمىغان بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى، ھاكىيەت بېشىدىكىلەر، شۇنداقلا ئىككى پارتىيەدىكىلەردە _ « شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇقۇمسىزلىقى- كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى چەكلەش ۋە بۇ تەشكىلاتنى پارچىلاشتىكى مۇھىم  بىر ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋاستە» _ دەيدىغان قاراش ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولدى. ھەم ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇر ئاسىيادىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرشلىرىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ رولى مۇقىملىشىپ بولدى. پەرەز قىلىنىشىچە ئامېرىكىىنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان بۇخىل ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچىسى قايسى پارتىيەنىڭ ھاكىميەت بېشىغا چىقىشىدىن قەتئينەزەر يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزگەرمەيدۇ .

نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى ۋە بارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ئامېرىكىنىڭ « شەرقى تۈركىستان ئىستىراتېگىيەسى »نى  چوڭقۇر، سېستىمىلىق تەتقىق قىلىپ، بۇنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتۇر. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىن پايدىلىنىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامىكىسى ئىچىدىكى روس-خىتاي ھەمكارلىقىنى بۇزۇپ تاشلاش ئىستىراتېگىيىسى كەلگۈسىدە شەرقى تۈركىستاننىىڭ مۇستەقىل دۈلەت بولۇپ قېلىشىغا تەڭ ئەمەس. بەلكىم تەڭ بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇنى كەلگۈسىدىكى خەلقئارالىق ۋەزىيەت بەلگىلەيدۇ. كەلگۈسىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى ھازىر توغرا مۆلچەرلەپ، يۈز بەرگۈسى پۇرسەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ۋە ئۇنىڭغا تەييار تۇرۇپ،ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن باشقىلاردىن ۋە ئۈزىمىزدىن توغرا پايدىلىنىپ، مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان قۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇر ئاسىيا ئىستىراتېگىيەسى، جۈملىدىن شەرقى تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر، كونكىرېت، پاكىتلىق تەتقىق قىلىشمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا  خەلقئارادىكى ھەرخىل ۋە داۋاملىق ئۈزگۈرۈپ تۇرىدىغان مۇرەككەپ كۈچلەر تەڭپۇڭلىقى كونتىكىسىدە تۇرۇپ قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىق سەۋىيەدە  ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان قۇرۇش تەسسەۋۇرىمىزغا ئويغۇن بىر قەدەر كونكىرېت ھالدا ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقالايمىز . شۈبھەسىزكى ئوتتۇر ئاسىيا رايۇنىنى بىر شاخمات تاختىسى دېسەك شەرقى تۈركىستان بىر پىچكىدىنلا ئىبارەت. بىز ئۇيغۇرلار ھازىر بولىۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە بولماقچى بولغان شاخمات ئويۇنىدىكى بۇ پىچكىنىڭ رولىنى تولۇق جەزىملەشتۈرۈپ ئامېرىكا ياكى باشقا كۈچلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىپ، تارىختا تەكرارلانغان يەنە بىر مۇستەقىللىق پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك.

مەنبەسى :ئازاتلىق تورى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …