يېڭى تۆمۈر پەردە _ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش قالقىنى ياۋرو- ئاسىيانى قورشىماقتا


شاگىرت ( 26 ياش )

ھەممىمىزگە مەلۇم بولسا كېرەك 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇ چاغدىكى ئەڭىلىيە باش ۋەزىرى ۋېنستون چېرچىل  دۇنياغا مەشھۇر ‹‹ تۆمۈر پەردە »  ( ئىرون كۇرتائىن ) دېگەن نۇتۇقنى سۆزلىگەن.  نەتجىدە مۇشۇ نۇتۇق يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق داۋاملاشقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان ئىدى . سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئامېرىكا باشلىق غەرپ كاپىتالىستىك دۇنياسىنىڭ  غەلبىسى بىلەن ئاخرلاشتى.  شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئامېرىكا دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ، يەرشارىنىڭ ھەرقانداق چوڭ- كىچىك ئىشلىرىدا  باش كېسىمچىلىك رولىنى ئويناپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان سىياسى ئالىملار ۋە ئىستىراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى، ھازىر ۋە بۇندىن كېيىن  يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى يۈز بەرمەيدۇ _ دېگەن قاراشنى ياقلاپ خەلقارادىكى نۇرغۇنلىغان نوپۇزلۇق سىياسى ۋە ئىستىراتېگىيە تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمى جورناللاردا بەس- بەستە ماقالىلارنى ئېلان قىلىشماقتا.  ھالبۇكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نۆۋەتتىكى يەر شارىنىڭ سىياسى ۋە ھەربى ئىشلار جەھەتتىكى چوڭ يۈزلىنىشنى،  بولۇپمۇ ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك رايۇنلىرىدا ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ئۈن- تىنسىز، ناھايىتىمۇ  مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا.  ئەڭ مۇھىمى كۆپىلىگەن نوپۇزلۇق  مۇتەخەسىسلەر  ئامېرىكا ۋە ناتو  تەرىپىدىن سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشلارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخىمۇ كەسكىن،  دۇنيا خارەكتېرلىك سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىغا ئاساس سېلىۋاتقانلىقىدەك ماھىيەتلىك  بىر يۈزلىنىشنى بايقىيالمىدى. مېنىڭچە  ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ھازىر ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدا ئورۇنلاشتۇرىۋاتقان باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش قالقىنى     مىسسىلە شىئەلد ، مس ) ) ھەرىكىتى  نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى يېڭى بىر  تىپىلق سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىنىڭ رې’ئاللىقتىكى ئەڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر . تۆۋەندە مەن ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش قالقىنى سېستىمىنىڭ  ھەرقايسى ئىستىراتېگىيەلك ئورۇنلاردىكى جايلىشىش ئەھۋالى ۋە رولى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ نەتىجىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم . گەرچە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمنىڭ نەزىرىدە بۇنىڭ نو’ئۆ’ئەتتىكى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن . چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز بەرگەن ۋە كەلگۈسىدە يۈز بەرگۈسى ھەر قانداق چوڭ- كىچىك ھەربىي، سىياسى ۋە ئىقتىسادى ۋەقەلەرنىڭ  ھەممىسىنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋە ئويغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق مۇناسىۋېتى بولىدۇ. قۇدىرەتلىك شەرقى تۈركىستاننىڭ  بەرپا قىلىنىشى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەۋجۇتلۇقى، سۆيۈملۈك ئۇيغۇر مىللىتىمنىڭ دۇنيادىكى كۈچلۈك مىللەت بولالىشى بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى بىر پۈتۈن خەلقارا مۇناسىۋەتلەر،  يەرشارىنىڭ  ھەرقايسى رايۇنلىرىدىكى كۈچلەر تەڭپۇلىقىنىڭ قۇرۇلما ۋە فونكىسىيە خارەكتېرلىق ئۆزگۈرۈشى،  ھەر قايسى قىتەلەردىكى مۇھىم ھەربىي زونلارنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئىلمىي بىر شەكىلدە  قاتلاملىق تەتقىق قىلىنىشى’ئى ئىنتايىن مۇھىم شەرت قىلىدۇ .
غەربىي ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ناتو ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغى’ئىنى  ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىغا كىرىش ئېغىزى بولۇپ ھېساپىلنىدۇ . بۈيۈك سىياسى ئالىم،  ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت بېخەتەرلىك مەسلەھەتچىسى،  زىبېگنېۋ بىرجىنىسكىنىڭ سۆزى بويۇچە ئېيتقاندا ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ يەرشارىدىكى ئەڭ مۇھىم تتپاقچىسىدۇر. ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ يەرشارى خارەكتېرلىك ھەرىكەتلىرىدە كام بولسا بولمايدىغان يادرولۇق تەشكىلات بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ تۇرىشىدا تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ . ئامېرىكىنىڭ ياۋرو- ئاسىياغا كىرىشىدە غەرىبي ياۋروپادىن قالسا ككىنچى دەرىجىدە مۇھىم بولغان كىرىش ئېغىزلىرى مونۇلاردىن ئىبارەت:
(1)  ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە (2)  ئەرەپ يېرىم ئارىلى (3) ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە ناتو ئارمىيەسى.
شۇڭىلاشقا باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش سېستىمىسىنىڭ ئامېرىكنىڭ دۆلەت مۇداپى’ئە تۈرىدىن ناتونىڭ مۇداپە تۈرىگە  ئايلانغانلىقىدىن ئەجەپلەنمىسەكمۇ بولىدۇ . ئەمەليەتتە ناتونى باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش قالقان  سېستىمىسى رامىكىسىغا كىرگۈزۈش پىلانى  1990 – يىلدىنلا باشلانغان بولۇپ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپى’ئە مىنىستىرى گېيتىسنىڭ  2010  – يىلى ناتونى تۇنجى قەدەمدە بۇ سېستىمىغا كىرگۈزدۇق _  دەپ بايانات ئېلان قىلشى قىپقىزىل يالغانچىلىق بولۇپ روسىيەنىڭ  ئاغىزىغا ئىمزەك سالغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى .
ناتونىڭ يوقۇرى ئاكتىپلىقتىكى باشقۇرلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش سېستىمىسىنىڭ كېڭىيىشى، 2006  – يىلدىن باشلانغان كۆپ قاتلاملىق بالىستىك باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش پروگراممىسىنىڭ  يولغا قويۇلۇشى بىلەن باشلانغان دى . نۇرغۇن يىللاردىن بېرى  ناتونىڭ رامىكىسى ئاستىدا ئامېركا، ئەڭىلىيە، نورۋېگىيە ، فىرانسىيە ، گېرمانىيە ، ئىتالىيە، گوللاندىيە ، پولشا ، چېخ جۇمھۇريىتى قاتارلىق دۆلەتلەر باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش سېستىمىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن زىچ ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. بۇلارغا يەنە ئىسرا’ئىلىيە ، ئاۋىستىرالىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، تەيۋەن، جەنۇبىي كورىيە ۋە ئۇكرا’ئىنيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئوخشىمغان دەرجىدە ئىشتىراك قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئىراققا ھۇجۇم قىلغان 2003 – يىلى  ناتو  ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ھەرقايسى ناتو دۆلەتلىرى ئارا باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنش ھەمكارلىق سىياسىتى لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى. 2004 – يىلى بۇ لاھىيەگە  بىر قېتىم تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. يەنە فىرانسىيە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تىرايوكتورىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا سېستىمى قۇرىۋاتىدۇ . گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرمەلۇم نىسبەتتە  ئوپتىكىك تېخنىكا قوللىنىلغان تۈر قۇرۇلىشى ئارقىلىق ھاۋا بوشلۇقىدا كىرشتۈرمە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسى  ئىنتەگراتەد ئائىر)    مىسسىلە سيستەمس    ( بەرپا قىلىۋاتىدۇ .
ناتونىڭ جەمي ئۈچ  چوڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش قالقان سېستىمىسى بولۇپ ئۇلار بىرلىشىپ ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنى قورشىيالايدىغان يەرشارى خارەكتېرلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش قالقان سېستىمىسىنى ھاسىل قىلغان. بۇلار ياۋروپا، ئوتتۇر شەرق ۋە شەرقى ئاسىيالارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شەرقى ئاسىيادىكى قالقان سېستىمىسى شەرقى شىمالي ئاسىيادىكى ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى قالقان سېستىمىلىرىدىن تۈزۈلگەن. بۇندىن باشقا يەنە يوقۇردىكى ئۈچ چوڭ قالقان سېستىمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۈچ ئاساسلىق كىرشمە بەلۋاغ بولۇپ ئۇلاردىمۇ ناتونىڭ قالقان سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ  ئۈچ كىرىشمە بەلۋاغ تۆۋەندىكىچە:
(1)   ئوتتۇر دېڭىز بەلۋېغى ،  بۇ بەلۋاغ   ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى قالقان سېستىمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇ’ئىدۇ.
(2) ھىندى ئوكيان بەلۋېغى،  بۇ  بەلۋاغ ئوتتۇر شەرق بىلەن شەرقى ئاسىيادىكى قالقان سېستىمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.
(3) شىمالىي ئامېرىكا بەلۋېغى، بۇ بەلۋاغنىڭ رولى ئالاھىدە بولۇپ، مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ھەربىي قورال سېستىمىسى جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەمەليەتت يوقۇرىدىكى پۈتۈن ئۈچ چوڭ  قالقان سېستىمىسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى مۇشۇ بەلۋاغقا جايلاشقان . شىمالىي ئامېرىكا بەلۋېغىدىكى قالقان سېستىمىسى يەنە ئامېرىكا، كانادا، ۋە گىرلاندىيە ( گرەئەنلاند) قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنى قوغداش بىلەن بىرگە يەنە، ئۆز نۆۋىتىدە شەرقى ئاسىيا قالقان سېستىمىسى بىلەن ياۋروپادىكى قالقان سېستىمىسىنى تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .
ئامېرىكا بىلەن ناتو  ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قالقان سېستىمىسىنى ئىراننىڭ يادرو قورالىدىن مۇداپى’ئەلىنىش _ دەپ ئۆزلىرىنىڭ ھەققى مەخسىتىنى يوشۇرىۋاتىدۇ. مۇشۇ ۋەزىيەتتە گىرلاندىيە ( گرەئەنلاند) دىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ رولى بۇ يەردە مۇھىم بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرىدۇ دەپ قارايمەن. جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن قارىغاندا  گىرلاندىيە شىمالىي كورىيە ياكى ئىراندىن كېلىشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشتا پايدىلىنىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ئىستىراتېگىيەلىك  ئورۇن بولالمايدۇ . لوگىلىق نوقتىدىن قارىغاندا گىرلاندىيە شىمالى قۇتۇپ چەمبىرىكىنى بويلاپ كېلىشى مۇمكىن بولغان رۇسسىيەنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنى ۋەيران قىلىشتا پايدىلىنىدىغان  ئىنتايىن مۇھىم ھەربىي ئورۇندۇر. دېمەك ئامېرىكا ئىران ياكى شىمالى كورىيە باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنىڭ تەھدىتىنى باھانە قىلىپ روسلارنىڭ يادرو ھۇجۇمىغا قارشى تەييارلىق قىلماقتا . ياۋروپادىكى  قالقان سېستىمى روسىيگە قارىتىلغان بولسا، شەرقى ئاسىيادىكى قالقان سېستىمىسى شىمالي كورىيەنىڭ يادرو تەھدىتىدىن مۇداپى’ئەلىنىش باھانىسى بىلەن بىۋاستە خىتايغا ھۇجۇم قىلىشنى مەخسەت قىلىدۇ. ئوتتۇر شەرقىتىكى قالقان  سېستىمىسى بولسا  ئىسرا’ئىلىيە، پارىس قولتۇقى ۋە سە’ئۇدى ئەربىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش نىشانى ئىران بىلەن سۈرىيەدۇر.  تۈركىيەدىكى قالقان سېستىمىسى ئىران بىلەن سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلش رولىنى ئوينىغاندىن سىرت يەنە ئىسرا’ئىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ . شۇ ۋەجىدىن ھازىر تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا   تۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا قالقان سېستىمىسىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇش سادالىرى كۆپىيىۋاتىدۇ . بۇ توغرىسدا ھەتتا تۈركىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى تۈركىيەنىڭ قالقان سېستىمىسىغا قاتنىشىشى 3-دۇنيا ئۇرۇشنى كەلتۈرپ چىقىرىدۇ _ دەپ بايانات ئىلان قىلدى.
شەرقى ئاسىيادىكى قالقان سېستىمسىغا  ئاۋىستىرالىيە بىلەن ھىندستانمۇ قاتناشقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا، ياپونىيەلەر بىلەن زىچ  ھەربي ھەمكارلىق ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقى ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش سېستىمى’ئىسىنىڭ مۇھاسىرسگە كىرىپ بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن روسىيە ئالدىراپ – تېنەپ قازاقستان، بېلرۇسىيە ۋە خىتايلار بىلەن بىرلىشىپ ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش سېستىمىسىنىڭ يەرشارى خارەكتېرلىك مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەمدىلەتىن باشقۇرىلىدىغان بومبا سېتىمىسى قۇرۇشقا كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا  خىتاي ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ھەربىي سۈنىي ھەمرالىرىنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدىغان تىرايوكتىرىيەلىك  باشقۇرىلىدىغان بومبا سېستىمىسىنى ياساشقا باشلىدى .
نۆۋەتتە  ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدا بەرپا قىلىغان  كۆپ قاتلاملىق، گېرەلەشمە ئالاھىدىلىككە ئىگە  ھۇجۇم خارەكتېرنى ئالغان  دۇنياۋى كۆلەمدىكى باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش قالقىنى نسانىيەتنىڭ ھەربىي ئىشلار مۇساپىسىدا  ئىنقىلاپ خارەكتېرلىك يېڭى بىر يۈزلىنىشنى يەنى  ئالەم بوشلۇقىنىڭ ھەربىيلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن تاشلانغان چوڭ بىر قەدەمدۇر . ئەڭ مۇھىمى شۇكى ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ بۇ دۇنياۋى خارەكتېرلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپى’ئەلىنىش قالقىنى سېستىمىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ تۆمۈر پەردىسنى ئاچتى .
بۇ  يېڭى سوغۇق ئۇرۇش كەلگۈسىدە  بىر تەرەپنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشقاندا، تۈرۈك دۇنياسىنىڭ خەستىلەڭەن يۈرۈكى، تارىخنىڭ ساناپ تۈگەتكۈسىز  ئېغىر – بوران چاپقۇن، قار- شىۋىرغانلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، قەددى پۈكۈلمەي بۈگۈڭە ئۇلۇشۇپ كەلگەن بۈيۈك شەرقى تۈركىستان، ۋە نەسلى پاك، ئاق كۆڭۈل، ئەقىللىق، قەھرىمان ئۇيغۇر مىللىتىمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئوڭ كېلىشنى  ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھغا تاپشۇردۇم . ئاندىن ھەربىرىڭلارنىڭ مۇستەھكەم مىللىي ئىتىقات ۋە ئەقىل يېتەكچى ئورۇنغا قويۇلغان ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم ئىنقىلاپ قىلىش ئىرادەڭلەرگە تاپشۇردۇم. ئەلۋەتتە مەنمۇ ھازىرچە قولۇمدىن كەلگەن ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ پەيتى كەلگەندە بىر ئەسكەر بولۇپ، قولۇمغا  قورال ئېلىپ تارىمدىكى،  سايرامدىكى، قورغاستىكى، موزاتتىكى ۋە  تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدىكى جەڭ مەيدانىدا  خىتاي ۋە باشقا دۈشمەنلەر بىلەن قان كېچىپ  جەڭ قىلسامكەن! خىتاي ئاتلىق ئىسانىيەت دۈشمىنىنىڭ ئايىغىدا دەسسىلىپ چەيلەڭەن ئەزىز تۇپراقلىرىمىزنى قان بىلەن يۇيۇپ سىلەرگە ھەمدەم بولسامكەن _  دېگەن ئارزۇدا.
ئاخىردا ھەربىر  ئۇيغۇرنىڭ ھازىر شەرقى تۈركىستاندىكى تۇپراقلىرىمىزنىڭ، بىچارە  ئاچا- سىڭىللىرىمىزنىڭ، يوقسۇزلۇق ۋە زۇلۇم دەستىدىن قۇرۇپ قاخشال بولۇپ  قەددى پۈكۈلگەن دادىلىرىمىزنىڭ ، ئاچ- يالىڭاچلىقتا ئىڭرىۋاتقان ئۇكىلىرىمىزنىڭ  كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز  ئار- نومۇس ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماي، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر ئۈچۈن قولىدىن كېلىشچە ئۈن- تىنسىز خىزمەت قىلىشنى سەمىمى ئۆتۈنىمەن.

مەنبەسى :ئازاتلىق تورى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …