ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتى مۇستەقىللىققا تەييار تۇرىشى لازىم ( 4)

م. سايرامى

(ئىزاھات : تۆۋەندىكى مەزكۇر ماقالەمنىڭ « مۇستەقىللىققە تەشكىلى جەھەتتىن ھازىر تۇرۇشنىڭ شەرتلىرى » دېگەن تېمىدىكى 3 – پىراگىرافىنىڭ داۋامىدىن ئىبارەت. تورداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ پىراگىرافنى ئىككىگە بۆلۈپ تەقدىم قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.)

    4 – ) يەرلىك تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە

سىياسى ۋە تەشكىلى جەھەتتىكى تەجىربىسىزلىك، ھەم شۇنداقلا قىسمەن تەشكىلسىزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە ئابرويپەرەستلىك تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە بەزى تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز ئارىسىدا لىدەر ۋە ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى مەركىزى تەشكىلاتنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ۋە فونكىسىيونىنى توغرا تونۇپ يەتمەسلىك، تونۇپ يەتسىمۇ قەستەن ۋە غەرەزلىك ھالدا بىلمەسكە سېلىۋېلىپ ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەش، تۈرلۈك خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئۆزلىرىنى ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە ئىگە تەشكىلات ياكى شەخىس دەپ تونۇتۇپ، لىدەرىمىز ۋە مەركىزى تەشكىلات تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يېتەكچى ئىدىيە ۋە سىياسى ئۇسلوپقا خىلاپ ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش خاھىشى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
مەسىلەن، ئۆتكەندە گوللاندىيەدە د ئۇ ق تەركىبىدىكى بىر تەشكىلاتنىڭ قىسمەن مەسئۇللىرى بىۋاستە ھالدا خىتاي دېموكراتىك پارتىيەسى بىلەن ئۇيغۇرلار نامىدىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇپ، ئۇلار بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى بىرگە ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى . يېقىندا يەنە بۇ تەشكىلاتنىڭ بەزى مەسئۇللىرى « ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى »  سۈپىتىدە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى ۋە دالاي لاما بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىنى پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە  تور بەتلىرىگە كۆپەيتىپ چاپلاشقا باشلىدى .  بۇ جەرياندا خەلقىمىزنى بىئارام قىلىدىغان بەزى ئىسكانداللارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى . قارشى تەرەپكە بولغان خوشامەتچىلىك، ۋە بېقىندىلىق بىلەن تولغان بۇ ھەمكارلىق ۋە كۆرۈشۈشلەر مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ كۈچلۈك غۇل– غۇلىلار پەيدا قىلدى ………….
مېنىڭچە، بۇخىل تالاش – تارتىشلارنىڭ تۈپ سەۋەبى ھېلىقى سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەقىيقى سالاھىيىتىنى ۋە ھوقۇق – دائىرىسىنى ئۇنتۇپ، « ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى » دېگەن سالاھىيەتنى ئېغىر دەرىجىدە سۈيىستىمال قىلغانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلەرچە  ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىدىن ئىبارەت !
خۇددى ماقالەمنىڭ باش قىسمىدا ئىزاھلاپ ئۆتكۈنۈمدەك، ئەسلىدە پىرىنسىپ بويىچە، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ب د ت نىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرى بىلەن، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھۆكۈمەتلەر، پارلامېنتلار، دېموكراتىك خىتاي تەشكىلاتلىرى، تىبەتلىكلەر، ئىچكى موڭغولىستانلىقلار … بىلەن، ئوموممەن مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن يوقۇرى دەرىجىدىكى پۈتۈن ئالاقىلار، دىيالوگلار، ھەمكارلىقلار، ئۇلار بىلەن تۈزۈلىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى چوڭ – كىچىك توختاممانە ۋە كېلىشىمنامىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەتلا خەلقىمىز ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن « ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىيقى ۋەكىللىك ئورگىنى » دەپ قارالغان ۋە ئېتىراپ قىلىنغان، شۇنداقلا ھەممە ئېتىراپ قىلغان مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنىڭ بىۋاستە نازارىتى ۋە يەتەكچىلىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەركىزى تەشكىلات د ئۇ ق تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى، شۇنداقلا خەلقئارالىق تۈرلۈك فوندا جەمئىيەتلىرى، دىنىي ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن قىلىنىدىغان ھەرقانداق چوڭ – كىچىك ئىقتىسادى ئالاقىلارنىڭ ھەممىسىمۇ يەنە شۇ مەركىزى تەشكىلات د ئۇ ق تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. چۈنكى، ۋاقتى – سائىتى يېتىپ كەلگەندە، مەيلى خەلقىمىزگە بولسۇن، ياكى چەتئەللىك دوستلىرىمىزغا بولسۇن، ناۋادا ھېساپ بېرىشكە توغرا كەلسە يەنىلا لىدەرىمىز رابىيە خانىم ھەم ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە ئىگە مەركىزى تەشكىلات د ئۇ ق ھېساپ بېرىدۇ، ھېساپ سورايدىغانلار ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرىدىغانلارمۇ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقى نامەلۇم بولغان پارچە – پۇرات تەشكىلاتلىرىمىزنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن يىللىق تارىخىي ئاساسقا ۋە ئىزچىللىققا ئىگە بولغان مەركىزى تەشكىلاتنى ئىزدەيدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ، ئىنتايىن يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدىغان سەزگۈر مەسىلە.  شۇڭا ھەرقايسى ئەللەردە قۇرۇلغان يەرلىك تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دېققەت بىلەن قارىشى لازىم !
دېمەك، ھەرقايسى ئەللەردە قۇرۇلغان سىياسى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىمىز ئاساسلىق نىشانىنى ۋە كۈچىنى مۇھاجىرەتتىكى، جۈملىدىن، ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆۋلەتلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىلللىي ۋە دىنىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كۈچەيتىشكە قارىتىشى، ئومۇمەن، نامايىش ئويۇشتۇرۇش، مىللىي ۋە دىنىي تەلىم – تەربىيە كۇرسلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزنى تەربىيەلەش، باشقا مەدىنىيەت – سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئويۇشتۇرۇش، شۇ ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائېتىنىڭ بىرلىك – ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئۆز – ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي ھەرىكىتىمىزگە زۆرۈر كېرەكلىك بولغان يوشۇرۇن ئىقتىساس ئىگىلىرىنى بايقاپ ۋە قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا لىدەرىمىزگە ۋە مەركىزى تەشكىلاتىمىزغا تەقدىم قىلىش، لىدەرىمىز رابىيە خانىمنى ۋە د ئۇ ق نى ھەر زامان ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن يۈكسەك دەرىجىدە قوللاپ تۇرۇش … قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتىشى لازىم.
يەنى، ھەربىر دۆۋلەتتىكى تەشكىلات ۋە جامائەتلىرىمىزنى لىدەرىمىزنىڭ ۋە لىدەرىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى د ئۇ ق نىڭ كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم ئارقا سېپىغا ئايلاندۇرۇشى لازىم !
ھەرقايسى يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، شۇ دۆۋلەتتىكى ئۇيغۇر جامائەت پىكرىنىڭ تىزگىنىنى ھەر زامان سەگەكلىك بىلەن قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشى، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن، مىللىي ھەرىكىتىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن، لىدەرىمىز رابىيە خانىمغا، د ئۇ ق غا ۋە ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى تەشكىلاتلىرىمىزغا يوشۇرۇن ياكى ئاشكارە قارشى تۇرىدىغان ۋىجدانسىز، غۇرۇرسىز ئىنسانلارنىڭ جامائەت پىكرىنى كونتۇرول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم !
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە يول خېرىتىسى لىدەرىمىز رابىيە خانىم ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مەركىزى تەشكىلات تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ . شۇڭا ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى لىدەرىمىز ۋە مەركىزى تەشكىلات تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يېتەكچى ئىدىيەگە ۋە ھەرىكەت ستىراتېگىيەسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، ئېلىپ بارغان پۈتۈن چوڭ – كىچىك پائالىيەتلىرىدىن لىدەرىمىزگە ۋە مەركىزى تەشكىلات د ئۇ ق غا ۋاقتىدا ھېساپ ۋە ئالدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرۇشى، لىدەرىمىزنىڭ ۋە مەركىزى تەشكىلاتنىڭ ماقۇللۇقى ۋە رەسمى ھاۋلىسى بولماي تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە چەتئەللىكلەر بىلەن بىۋاستە دىيالوگ ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماسلىقى، ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەمكارلىق كېلىشىملىرىگە ئالدىراپ ئىمزا  قويماسلىقى ئالزىم !
ئەلۋەتتە، مەن تىلغا ئالغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك پىكىر – ئېقىمدىكى خىتاي دېموكراتلىرى، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە ئىچكى موڭغولىستانلىقلارمۇ بار. بۇلار بىلەن بولىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى رەسمى كۆرۈشۈشلەر ۋە ھەمكارلىقلار، بولۇپمۇ دېموكراتىك خىتاي تەشكىلاتلىرى بىلەن بولىدىغان ئالاقىلار جەزمەن بىۋاستە لىدەرىمىز ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مەركىزى تەشكىلات د ئۇ ق تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى شەرت ! چۈنكى، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىلەردە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ، جۈملىدىن د ئۇ ق نىڭ بۇرۇندىن تەكىتلەپ كەلگەن ئىزچىل بىر پىرىنسىپى بار .  ئۇلارغا قويۇلغان بۇ ئالدىنقى شەرت بولسا، « شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش » تىن ئىبارەت، خالاس !
بۇيەردە شۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ قويماقچىمەنكى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ۋە ئۇنىڭ تەركىۋىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشقا تىرىشىپ كەلدى . بۇ جەرياندا، بەزى تەشكىلات رەھبەرلىرىمىزنىڭ ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ تەجىربىسىزلىكى ۋە قىسمەن مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، بەزى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنى ئارقىغا سۆڭدەشتۈرۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى يىغىنلىرىغا « ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى » دېگەن نامدا قاتناشتۇردى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە ۋە تۈپ پىرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدىغان بەزى بىرلەشمە بايانات ۋە قارارلارنى ئېلان قىلىپ، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېغىر دەرىجىدە ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپچى بولۇپ كەلمەكتە.
ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلە ناھايىتى زور ۋە نازۇك بىر مەسىلە . ماقالەمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن بولىدىغان ئالاقىلەر مەسىلىسى ھەققىدە ئايرىم ۋە تەپسىلى توختۇلۇپ ئۆتىمەن.

5 – ) كىملەر « ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى » بولۇشقا مۇناسىپ ؟

بۈگۈن قارايدىغان بولساق، چوڭ – كىچىك خەلقئارالىق يىغىنلاردا، ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى سىياسى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان ، شۇنداقلا بۇ ئەجنەبىلەر بىلەن سىياسى، ئىقتىسادى، دىنىي، مەدىنىيەت – مائارىپ ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە بىۋاستە ئالاقە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى بىر قىسمى ئۆزلىرىنى قارشى تەرەپكە، « ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى » دەپ تەقدىم قىلىدۇ. شۇڭا قارشى تەرەپمۇ ئۇلارنى « راستىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئوخشايدۇ » دەپ قاراپ، ئۇلارغا ناھايىتى جىددى ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆز – ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق، ئۆزلىرىنى « ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى » دەۋالغان بۇ ئىنسانلارنىڭ خېلى بىر قىسمى ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىغە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتىدىن يوقسۇن ئىنسانلاردىن ئىبارەت !
مېنىڭچە، پەقەتلا خەلقىمىز ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان لىدەرىمىز رابىيە خانىم ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مەركىزى تەشكىلاتىمىز د ئۇ ق تەرىپىدىن بىۋاستە تەيىنلەنگەن ۋە سالاھىيەت بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ياكى تەشكىلاتلارنىڭلا رەسمىي ۋەكىللىك سالاھىيىتى بولىدۇ . بۇ سېستىمىنى چوقۇم ھەقىيقى يوسۇندا تۇرغۇزۇپ چىقىشىمىز ۋە جىددى ئەمىلىلەشتۈرۈشىمىز لازىم . ناۋادا ھەممىنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتسەك، ئۇ چاغدا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئالدىدىمۇ جىددىلىكىمىزنى ۋە سىياسى نوپۇسىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز.
تورداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىنى كۆزدە تۇتقىنىم ئۈچۈن  بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان بەزى كونكىرىتنى مىساللارنى قىسقارتىۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم . كېيىن پۇرسىتى كەلسە بۇ ھەقتە ئايرىم توختۇلۇپ ئۆتەرمەن.

6 – ) كىملەر « جامائەت ئەربابى »  بولۇشقا لايىق ؟

بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى سەۋەپ شۇكى، كېيىنكى يىللاردىن بۇيان « جامائەت ئەربابى » دېگەن بۇ شەرەپلىك نامنى دەرىجىدىن تاشقىرى چاكىنىلەشتۈرۈۋەتتۇق . بۇ ئۇقۇمغا بولغان قىممەت قارىشىمىز بەكلا خۇنۈكلىشىپ كەتتى . بۈگۈن قارايدىغان بولساق، ھەرقايسى ئەللەردە ۋەتەن – مىللەت داۋاسى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسۈتۈپ ئەل ئىچىدە يۈز تاپقانلار ئەمەس، بەلكى ۋەتەن – مىللەت داۋاسىنى سۈيئىستىمال قىلىش ۋە ھەتتا ئۇنىڭغا خىيانەت ۋە ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگە پۇل تاپقانلار بىر كېچىدىلا « جامائەت ئەربابى » بولۇۋالدى . خۇددى « ئۆي مۈشۈكى تالا مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ » دېگەندەك، خېلى كۆپ ئەللەردە ساختا « جامائەت ئەرباپلىرى » ھەقىيقى جامائەت ئەرباپلىرىنى يەكلەيدىغان بىر نورمالسىز ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى . بۇ مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن تولىمۇ خەتەرلىك بىر يۈزلۈنۈشتىن ئىبارەت !
مەن بۇيەردە پەقەتلا ۋەتەن سىرتىدىكى جامائەت ئەرباپلىرىمىز ھەققىدە توختۇلىۋاتىمەن . مۇھاجىرەتتىكى ھەقىيقى جامائەت ئەرباپلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلاش مۇمكىن :
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتە ئىزچىل پىداكارلىق كۆرسۈتۈپ كەلگەن، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئالاھىدىلىكلىرىنى قوغداپ قېلىش جەھەتتە باشلامچىلىق ۋە تۈرۈكلۈك رولىنى ئويناپ كەلگەن، مۇھاجىرەتتىكى ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك – ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆز – ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە يېتەكچىلىك رولىنى ئويناپ كەلگەن، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە چاقىرىق كۈچى بولغان، مىللىي ھەرىكىتىمىزگە بولغان ساداقەتمەنلىكى خەلقىمىز تەرىپىدىن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، دىيانەتلىك، تەقۋادار، ساخاۋەتچى، ئوقۇمۇشلۇق، پەزىلەتلىك زاتلىرىمىزدىن ئىبارەت !
قىسقىسى، جامائەت ئەرباپلىرىمىز بولسا ماھىيەتتە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ باشلامچىلىرى ۋە سەركىلىرىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزدە، « ھەپىلەشمەڭ ئەرباپ بىلەن، ئەپلەپ سالىدۇ ھەر باپ بىلەن » دەيدىغان بىر تەمسىل بار.
بۈگۈن قارايدىغان بولساق، مۇھاجىرەتتىكى ھەقىيقى جامائەت ئەرباپلىرىمىزنىڭ ئىچىدە، ياشانغانلىق ۋە كەسەللىك سەۋەبى بىلەن مىللىي ھەرىكىتىمىزدە ئاكتىپ يەر ئالالمىغان ئاز ساندىكىلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەرقايسى تەشكىلاتلىرىمىزدا رەھبەرلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.
مۇھاجىرەتتىكى جامائەت ئەرباپلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك لىدەرىمىز رابىيە خانىمنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ۋە د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تولۇق ئېتىراپ قىلىپ ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەلمەكتە.
ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، نۆۋەتتە مىللىي ھەرىكىتىمىزدە رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان غوللۇق سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ  ھەممىسى ھەقىيقى جامائەت ئەرباپلىرى، مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم بولسا ئەنە شۇ ئەرباپلارنىڭ ئەربابىدىن ئىبارەت، خالاس !
دېمەك، جامائەت ئەرباپلىقىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىداكارلىق، تىرىشچانلىق ۋە بەدەلنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇشەرەپلىك نامنى ھەرگىزمۇ پۇل – مېلىنىڭ كۆپلىكىنى پەش قىلىش، ھەشەمەتلىك زىياپەت ۋە ئولتۇرۇشلارنى ئۆتكۈزۈپ ھەقەم – سايە ۋە چۆپقەت توپلاش، سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمايى جەھەتلەردىكى ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەتراپىدىكىلەرگە تەھدىت ۋە قورقۇ سېلىش بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ !
ئەپسۇسكى، كېيىنكى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ئەللەردە ئاتالمىش « جامائەت ئەرباپلىرى » ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى ۋە بۇ كاززاپ « ئەرباپ » لار خەلقىمىزنى بىرلەشتۈرۈش ئەمەس، ئەكسىچە پارچىلاش، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنى مىللىي داۋا سېپىمىزگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇزاقلاشتۇرۇش، مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ھەرىكىتىمىزنى قوللاش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭغا ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن قارشى تۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە . ھەتتا بەزى ئەللەردە جامائەت پىكرىنىڭ كونتۇروللىقى بۇخىل ئاتالمىش « جامائەت ئەرباپلىرى » نىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇنداقتا بۇ ئاتالمىش « جامائەت ئەرباپلىرى » قايسى تىپتىكى ئىنسانلار ؟
ناۋادا ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق، بۇلار ئومۇمەن مىللىي داۋايىمىزغا بولغان ئىشەنچىسىنى تامامەن يوقاتقان، خىتاينى ئەزىز، خەلقىنى پەس كۆرىدىغان، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ۋە خىتايدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن، خىتايدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلدارلار بىلەن يېقىن تۇققانچىلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى بولغان، خىتايغا تايىنىپ خىتاينىڭ مېلىنى سېتىپ مال – دۇنيا توپلىغان، خىتاينى سامانلىقنىڭ يولى قىلىۋالغان، ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ « بېشى » بولۇۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىكى بوشلۇقى ۋە ئىپلاس نەپسىنى قاندۇرۇشنى غايا ۋە مەقسەت قىلغان غۇرۇرسىز، چۈشكۈن ۋە زەئىپ ئىنسانلاردىن ئىبارەت، خالاس !
بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىنى تەشۋىش، قورقۇ، ئۈمىتسىزلىك ۋە ئىشەنچىزىسلىك چىرماپ ئالغىنى ئۈچۈن، خۇددى بەد – بەشىرە چوكانلار ئەينەككە قاراپ قېشىغا ئوسما قويغىنىدەك، ئۆزلىرىگە « جامائەت ئەربابى » دېگەن « لەقەم » نى قويۇپ، ئەتراپىغا توپلىۋالغان بىرقانچە داغ – داغچىلىرىنىڭ دەستەك بولۇشى بىلەن خۇددى ۋابادەك ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. بۇلار ئەمىلىيەتتە خەلقىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن مىتە قۇرۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزگە سالغان زىيانلىرى ئاز بولمىدى.
ئەسلىدە قارايدىغان بولساق، ھازىر بەزى ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائېتى ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش ۋە ئىتتىپاقسىزلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەنە شۇ ئاتالمىش « جامائەت ئەرباپلىرى » تەرىپىدىن غەرەزلىك ۋە مەقسەتلىك ھالدا پەيدا قىلىنىۋاتىدۇ . شۇ ئەللەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردىن سوۋۇتۇپ ئۇزاقلاشتۇرىۋاتقانلارمۇ  يەنەمۇ نىجىسلار.  ئەمما، خۇددى « مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك » دېگەندەك، ئۇلار بۇخىل ناچار ۋەزىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنىڭ گەدىنىگە ئارتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە !
بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ ئامېرىكا، گېرمانىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئەللەردىكى قېرىنداشلىرىمىز  ئالاھىدە سەگەك بولۇشى، مەن يوقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئاتالمىش « ئەرباپ » لارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە سىياسى سۈيقەستلىرىدىن ئالاھىدە ھۇشيار بولۇپ، مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تايانچ سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز بىلەن ھەر زامان ھەمنەپەس بولۇشى لازىم !
ئەسلىدە بۇيەردە ئاتالمىش « جامائەت ئەرباپلىرى » دىن بىرقانچىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتمەكچى ئىدىم، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ھەقتىكى مىساللارنى قىسقارتىۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم . كېيىن يەنە پۇرسىتى بولۇپ قالار !

7 – ) كىملەرنىڭ تەشكىلات قۇرۇش سالاھىيىتى بار ؟

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە ئومۇمەن ئۆزىنى ئۇيغۇر ياكى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ ئېتىراپ قىلغان ھەر بىر ئىنساننىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزگە قاتنىشىش ۋە تەشكىلاتلىنىش ھەققى بار ! ئەمما، خۇددى چەكسىز ۋە شەرتسىز دېموكراتىيەنىڭمۇ بولمىغىنىدەك، مىللىي ھەرىكىتىمىزگە قاتنىشىشنىڭ ۋە تەشكىلاتلىنىشنىڭمۇ بەلگىلىك شەرت، ئۆلچەم ۋە تەلەپلىرى بار !
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى ھەرگىزمۇ ئىقتىسادى كىرىمنى ئاساسى نىشان قىلغان پۇلتاپار لوبىچىلار ياكى سودا شىركەتلىرى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە بېرىپ تاقىلىدىغان يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان مىللىي كۈرەش قوشۇنى ۋە مىللىي كۈرەشچىلەردىن ئىبارەت ! شۇڭا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر بىر كىشى، شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت نامىدا قۇرۇلغان پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىز ھەر زامان ۋەتەن – مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم ۋە ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى مەركىزى تەشكىلات د ئۇ ق تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يېتەكچى ئىدىيەگە مۇتلەق رەۋىشتە ئەمەل قىلىشى، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان پۈتۈن پائالىيەتلىرىدىن ۋاقتىدا ھېساپ بېرىپ تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ نازارىتىنى ۋە باشقۇرۇشىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشى لازىم !
قارايدىغان بولساق، ھازىر مۇھاجىرەتتە ھېچ بىر تەشكىلاتنىڭ تەركىبىگە كىرمەي ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پائالىيەت قىلىۋاتقان يالغۇزەك تەشكىلات ۋە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ سانى ئاز ئەمەس . ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆز ئالدىغا ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق ئىچكى – تاشقى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر قىسمى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلمەكتە.  ئەلۋەتتىكى بۇلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمى مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە.
ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ يەنە مەلۇم بىر قىسمىدا مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئومۇمىي يېتەكچى ئىدىيەسىدىن ۋە خەلقىمىزنىڭ ھەقىيقى ئارزۇ – ئىستەكلىرىدىن چەتنەپ كېتىش، لىدەرىمىز رابىيە خانىمنىڭ ۋە مەركىزى تەشكىلاتىمىز د ئۇ ق نىڭ، شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارىتىنى ۋە يېتەكچىلىكىنى رەت قىلىش خاھىشى بىرئاز ئېغىر بولۇپ، بۇخىل ۋەزىيەت  ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەلۇم دەرىجىدە بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش پەيدا قىلىش، شۇنداقلا جامائەت پىكرىنى خاتا يۆلۈنۈشكە باشلاپ مېڭىش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.
يەنە بەزى تەشكىلاتلار باركى، قۇرغۇچىسىدىن تارتىپ، تاكى ئەزالىرىغىچە بالا – چاقا ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن تەركىپ تاپقان، مەيلى سىياسى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى ئىقتىسادى جەھەتتىن بولسۇن، ھېچكىمگە ھېساپ بەرمەيدۇ . سايلام – پايلام يوق، ئائىلە باشلىقى تەشكىلاتنىڭ ئاپتوماتىك رەئىسى، قالغانلىرىنى ئائىلە رەئىسى تەيىنلەيدۇ . يات، ئۇرۇق – تۇققۇنى بولمىغان ئىنسانلارنى تەشكىلاتقا يېقىن يولاتمايدۇ . بۇ تىپتىكى تەشكىلاتلارنىڭ كۆپۈنچىسى دېگۈدەك ھازىر ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن داۋا قىلىش ئەمەس، بەلكى چەتئەللىكلەردىن، بولۇپمۇ تۈرك – ئىسلام تەشكىلاتلىرىدىن ۋە جامائەتلىرىدىن ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز نامىدىن ئىقتىسادى ياردەم توپلاپ، بۇ ئۇسول ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان جانباقتى تەشكىلاتقا ئايلىنىپ قالدى. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەتەن – مىللەت يولىدا قۇربان بولغان شەھىدلىرىمىزنىڭ نامىنى سېتىش ھېساۋىغا چەتئەللىكلەردىن ۋە مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن توپلىغان ياردەم پۇللار بىلەن بېيىپ تىقىلىپ يەر – زىمىن سېتىۋالغانلارمۇ يوق ئەمەس !
شۇڭا، مەيلى يەككە ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز بولسۇن، ياكى ئائىلە تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتلىرىمىز بولسۇن، ئۇلارغا قارىتا لىدەرىمىز ۋە مەركىزى تەشكىلات د ئۇ ق تەرىپىدىن نازارەت قىلىش ۋە ھېساپ سوراش، ناۋادا بۇنى رەت قىلسا، سىياسى، ئىجتىمايى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالاش تەدبىرىنى قوللۇنۇش سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىمىز لازىم.
ئەلۋەتتە، دېموكراتىك موھىتتا ۋە قانۇن دۆلەتلىرىدە بىراۋنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋەتكىلى ياكى تۇتۇپ ئاپىرىپ سولاپ قويغىلى بولمايدۇ . قىلالايدىغان ئىشىمىز پەقەتلا خەلقئاراغا تونۇلغان لىدەرىمىز ۋە د ئۇ ق نامىدىن ئۇلارنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرى ھەققىدە خەلقىمىزگە ئومۇمىي چاقىرىقنامە ئېلان قىلىش، ئۇلار ئالاقە قىلىۋاتقان پۈتۈن چەتئەل تەشكىلاتلىرى، فوندا جەمئىيەتلىرى، تۈرك – ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەتلىرىگە مۇراجىئەتنامە ئېۋەتىش، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نامىنى سېتىپ قىلغان خىيانەتلىرى ئۈچۈن شۇلار تۇرىۋاتقان ئەللەرنىڭ قانۇن ئورگانلىرىغا رەسمى ئەرىزنامە سۇنۇش … قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق، يوقۇرقى تىپتىكى شەخىس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقە ۋە پائالىيەت دائىرىسىگە چەكلىمە قويغىلى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جامائېتى ئىچىدىكى ئىززەت – ھۆرمىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغىلى ۋە يېتىم قالدۇرغىلى بولىدۇ . ناۋادا بۇنىمۇ قىلالماي ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتسەك، ئۇ ھالدا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى بىرلىك – ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ساغلام ۋە ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇشتىن سۆز ئاچالمايمىز !

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?26187-Uyghur-milliy-herikiti-musteqilliqqe-teyyar-turushi-lazim

 

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …