Tag Archives: Uighuristan

ئاق چېدىردىن ئاق سارايغىچە – يىگىرمە بەش يىل

  كۆپىنچە كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ ئاستا خاراكتېرلىق، ياكى نەتىجىسىز  ئىش – ھەرىكەتلىرىنى، تاشپاقىنىڭ مېڭىشىغا، قۇلۇلىنىڭ مىدىرلىشىغا ئوخشىتىپ،  مىسال قىلىۋالىدۇ . بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى  ئىرادە پەرقى تىلغا ئېلىنمايدۇ . قارىغاندا ئادەملەرنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى بىلەن، جانلىقلارنىڭ قەدەم مۇساپىلىرى ئارىسىدىكى ئوخشىتىشتا، تاشقى كۆرۈنۈشىلا كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولسا كېرەك . ئەگەر دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملۇقتا ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدىغان تاشپاقا، قۇلۇلە ئەتراپى توسۇپ قويۇلغان جايغا، ئاكۋارىيۇمغا سولاپ ...

داۋامىنى كۆرۈش »

مىللەت ۋە مىللى مائارىپ

مىللەت ۋە مىللى مائارىپ مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ۋاقىت، ئاھالە سانى ئۆلچەم قىلىنمايدۇ . ئەمما كېرەكلىك ئامىللار نەزەرىيە جەھەتتىن كۆرسىتىپ بېرىلىش مۇمكىن . مەسىلەن : تىل، ئۆڭ، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرى ، ئەن – ئەنىۋى مەدەنىيەت، ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كېلىۋاتقان تۇپراق – قاتارلىق، بىر قانچە ئورتاقلىق ۋە بىردەكلىكلەر . ئىنسانشۇناسلىق كۆز – قاراشلىرىدا، مىللەت توغرىسىدىكى پرىنسىپلارغا يېڭىچە ئىزاھاتلار قوشۇلماقتا . « مىللەتنىڭ ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرى نېمىشقا ئالدىنىدۇ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرى  نېمىشقا ئالدىنىدۇ؟   « ئالدىماق ، ئالدانماق » – دېگەن سۆزلەر ، قارا نىيەت ساختىپەز بىلەن گۆل، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە خاس ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان، ئىجتىمائىيلىقى كۈچلۈك   سۆز تۈركۈملىرىدىن بولۇپ، بۇنداق سۆزلەرنى  ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەر، سىياسى مەزمۇندا ئانچە قوللۇنۇپ كەتمەيدۇ . ئەمما بىز ياشاۋاتقان ئەللەردە : « سىياسەتچىلەر ئالدامچى » دېيىلگەن گەپنىڭ مەناسى بولسا، ...

داۋامىنى كۆرۈش »

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم بىر تۈگۈنى بولىدۇ . ئەنە شۇ باغلىنىش تۈگۈنى، مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ھەمكارلىق – دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ھەرقانداق كۈچلۈك دۆلەتنىڭمۇ ئاجىز دۆلەتكە باغلىنىپ قالىدىغان بىر ئاجىزلىقى بولىدۇ. ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرگە باغلىنىپ ، بېقىنىپ تۇرىشى مۇتلەق مۇقەررەر تەرىقىدە بولسا، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئاجىز دۆلەتلەرگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىشى، باغلىنىپ ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. « چەتئەل » دېگەن سۆزگە جۇغراپىيىلىك ئىزاھات بېرىلسە، مەقسەت تېخىمۇ ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولىشى مۇمكىن . مەيلى ئۇيغۇرىستان دەيلى، مەيلى شەرقى تۈركىستان دەيلى، بىلدۈرمەكچى بولغىنىمىز سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، پاكىستان، ھىندىستان ۋە خىتاي  ئۈستىمىزدىن ئېلان قىلغان ( گەرچە قانۇنسىز بولسىمۇ ) ۋە ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن، قوشنا ئەللەرگە تەھدىت بولامدۇ؟

ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن، قوشنا ئەللەرگە تەھدىت بولامدۇ؟ قولىدىن ھېچ نەرسە كەلمەيدىغان، ھېچ نەرسە قىلمىغان ۋە قىلالمايدىغان كىشىدىن، ھېچ كىمگە خەۋپ – خەتەر، تەھدىت كەلمەيدۇ. ئۇ ھېچ نەرسە قىلمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق خاتالىقىمۇ ئۆتمەيدۇ. ئۇنىڭ ھېچ كىمگە پايدىسىمۇ بولمىغان  ھەم زىيىنىمۇ  بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنى چەكلەشتە خىتاينىڭ باستۇرىشىغا ۋە  تۇتۇپ تۇرىشىغا، خورلىشىغا، ئاخىرىدا چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ، يەر يۈزىدىن يوقىتىشىغا تاشلاپ بېرىشنى ...

داۋامىنى كۆرۈش »

شەرقى تۇركىستانمۇ، ئۇيغۇرىستانمۇ ؟

شەرقى تۇركىستانمۇ، ئۇيغۇرىستانمۇ ؟ دوكتور نىمەتۇللاھ رەشىدى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر ئىلىدۇر. ئۇيغۇر ئىلى- ئۇيغۇرىيە- ئۇيغۇرىستان دىمەكتۇر. ئۇيغۇرىستان- تارىخى ھەقىقەتلەرگە كورە، شەرقى تۇركىستان- سىياسى غايەلەرگە كورە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. بىر مىللەتنىڭ ئانا ۋەتىنى پەقەت ئۇ مىللەتنىڭ ئوز ئىسمى بىلەن ئاتالغاندىلا ئۇ مىللەت تەبىئى تونۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ . ئەسلى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئۇيغۇرىستان ئىكەنلىكى دۇنياچە مەشھۇر تارىخشۇناس ۋە تۈركولوگى ئا. زەكى ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇر نەگە بارىدۇ؟

دوكتور ئۇيغۇر ھەبىبى دەرۋەقە 20 ئەسىرنىڭ 30 يىللىردىن بىرى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت بۇ سىياسى پائالىيىتىمىزدە گەرچە ئىككى قىتىم جۇمھۇرىيەت ئىلان قىلىپ تارىخ بىتىدە شانلىق ئىزلار باسقان بولساقمۇ ،ئەمما ئىنقىلاپ مىۋىلىرنى قوغداپ قىلىشقا قادىر بولالمىدوق. كىيىنكى زامانلاردا خەلقئارا سەھنىلەردە يۈرگۈزۈپ كەلگەن شەرقى تۈركىستان داۋاسىدىنمۇ ھىچبىر نەتىجە ئالالمىدۇق … بۇخۇلاسنى داۋانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر رەھپىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ...

داۋامىنى كۆرۈش »

شەرقى تۇركىستان مەجلىسى پارىج خىتاپنامىسى

شەرقى تۇركىستان مەجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى 30-سەنتەبىر كۇنى فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىجدا رەسمى قۇرۇلدى. 20 دولەتتىن كەلگەن 200 نەپەر ۋەكىلنىڭ (شەرقى تۇركىستان جۇمھۇريىتى سۇرگۇندىكى ھوكۇمىتى ۋەكىللىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان بۇ ئىككى تەشكىلى ئورگان، شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ بىردىن بىر شەرتى ۋە كاپالىتى بولغان مىللىي مۇستەقىللىق ئۇچۇن كۇرەش قىلىدۇ. بىزنىڭ كۇرەش نىشانىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ...

داۋامىنى كۆرۈش »