رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەتلىرى

1100724095506v3MZ

1- رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ئايدۇر

رامىزان ئېيى بارلىق ئايلارنىڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ شەرەپلىكىدۇر، چۈنكى ساماۋى كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھىدايەتنىڭ بىردىن بىر مەشئىلى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشقا (يەنى چۈشۈشكە) باشلىنىشى رامىزان ئېيىدا ئەمەلگە ئاشقان. ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولغانلىقى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە بېغىشلانغان ئەڭ بۈيۈك نېمەتنىڭ تاماملانغانلىقى ئىدى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر»(بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت).

رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن شەرەپلەندۈرۈلگەن ئالاھىدە بىر ئاي بولغاچقا ئۇنىڭ باشقا ئايلاردىن شەرەپلىك، بەرىكەتلىك ۋە ئۇلۇغ بولۇشى تەبىئىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە » بەندىلەر ئەگەر رامىزان ئېيىدىكى ياخشىلىقلارنى بىلسە ئىدى، مېنىڭ ئۇممىتىم يىلنىڭ ھەممە ئېيىنىڭ رامىزان بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولاتتى«دىگەن(تەبەرانى رىۋايىتى).

       2- رامىزان ئېيى قەدىر كېچىسى بىلەن شەرەپلەنگەن ئايدۇر

  مىڭ ئايدىن خەيرلىك بولغان قەدىر كېچىسىنىڭ رامىزان ئېيىغا بەلگىلەنگەنلىكى بۇ ئاينىڭ شەرەپ ئۈستىگە شەرەپ قازانغان ئەڭ قەدىرلىك ئاي بولۇشىغا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «  قەدىر كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر» (قەدىر سۈرىسى 3- ئايەت).

       3- رامىزان ئېيى مۇكاپات ئېيىدۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « ئىنسان ئوغلىنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈن بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى مېنىڭ ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزەملا بېرىمەن» (بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى: « ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى مېنىڭ ئۈچۈن» دىگەن ئىبارە ئاللاھ تائالانىڭ روزىغا ھاجىتى بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە روزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى (يەنى روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىنى) پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزىلا بىلىدۇ، ئەمما روزىدىن باشقا ئىبادەتلەرنى باشقىلارمۇ كۆرىدۇ، شۇڭا بەزى كىشىلەر بۇ ئىبادەتلەرنى رىيا(باشقىلارغا كۆرسىتىش) ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. لېكىن روزىدا رىيا يوقتۇر. شۇڭلاشقا روزا ئاللاھ تائالا ئۈچۈندۇر. يەنە بىر رىۋايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىدا مۇنداق دىگەنلىكى بايان قىلىنغان: روزا تۇتقان كىشى يېمىكىنى،ئىچمىكىنى ۋە جىنسىي ھەۋىسىنى مېنىڭ ئۈچۈن (يەنى مېنىڭ رازىلىقىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن) تەرك ئېتىدۇ، شۇڭا روزا تۇتقاننىڭ مۇكاپاتىنى بېرىش ماڭا خاستۇر، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىمەن «(بۇخارى رىۋايىتى).

  4- رامىزان ئېيى مەغپىرەت ئېيىدۇر

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « كىمكى رامىزان روزىسىنى چىن ئىمانى بىلەن، ئاللاھ تائالادىن ساۋاب كۈتۈش مەخسىتىدە تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ »(بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى: « ئىمانى بىلەن » دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتقان بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدىغان ئەجىر ۋە ساۋابلار ھەققىدە قىلغان ۋەدىسىگە چىن ئىشەنگەن ھالدا روزا تۇتسا دىگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: « بەش ۋاخ ناماز، جۈمەدىن جۈمەگىچە، رامىزاندىن رامىزانغىچە بولغان ۋاقىتلار گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدىغان ۋاقىتلاردۇر، ئەگەر چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىلسا » (مۇسلىم رىۋايىتى). چوڭ گۇناھلار- ئاللاھ تائالاغا شىرىك كەلتۈرۈش، ئاتا- ئانىنى قاخشىتىش، يالغانغا گۇۋاھلىق بېرىش، زىناقىلىش، ھاراق ئىچىش ۋە باشقىلاردۇر. بۇ ھەدىستىن شۇمەنا چىقىدۇكى، بەش ۋاخ نامازنى ۋە جۈمە نامازلىرىنى ۋاقتىدا، دۇرۇس ئاداقىلىدىغان، رامىزان روزىسىنى تۇتىدىغان كىشى ئەگەر چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنالىسا ئۇنىڭ كىچىك گۇناھلىرى يۇقۇرىدىكى ئىبادەتلەرنىڭ يۈزىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنىپ تۇرىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى تەكىتلىمەكتە: « ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل جەننەتكە كىرگۈزىمىز » (نىسا سۈرىسى 31- ئايەت).

   5 – رامىزان ئېيى بەرىكەت ئېيىدۇر

  ئەبۇ ھۇرەيرە روزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بەرىكەتلىك رامىزان ئېيى سىلەرگە يېتىپ كەلدى، بۇ ئايدا ئاللاھ تائالا سىلەرنى رەھمەت ۋە مەغپىرەت بىلەن قارشى ئالىدۇ، خاتالىقلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىدۇ، بۇ ئايدا ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللەرگە بەس- بەستە ئالدىرىشىڭلارغا نەزەرسالىدۇ، پەرىشتىلەر سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ، بۇ ئايدىكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنئاملىرىغا ئىرىشىشكە ئالدىراڭلار! ھەقىقىيي بەخىتسىز ئاللاھ تائالانىڭ يۇئايدىكى رەھمەتلىرىدىن مەھرۇم قالغان كىشىدۇر »(ئەھمەد رىۋايىتى).

 ھەقىقەتەن رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەنىۋى مول ھوسۇل ئېيىدۇر. تېنى ساق تۇرۇپ رامىزان روزىسىنى تۇتماي بۇ مۇبارەك ئاينىڭ بەرىكەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالمىغان، نەتىجىدە گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنمىغان ئادەمدىنمۇ بەخىتسىز ئادەم بولامدۇ؟!.

  مەلۇمكى رامىزان ئېيى رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيىدۇر. ئىنسان مۇشۇ ئاينى غەنىمەت بىلىپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق گۇناھلاردىن پاكلانمىسا، باشقا قايسى ئايدا بۇئايدىكىچىلىك ئاللاھ تائالاغا  يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ ۋە گۇناھلىرىنى يۇيالايدۇ؟!.

  6 – رامىزان ئېيى نىجاتلىق ئېيىدۇر

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى ئاللاھ تائالا يولىدا بىر كۈن روزا تۇتىدىكەن، ئاللاھ تائالا بۇ كۈننىڭ يۈزىسىدىن ئۇكىشىنى دوزاختىن يەتمىش يىللىق مۇساپىگە ئۇزاقلاشتۇرىدۇ » (بۇخارى رىۋايىتى). ئەرەپ تىلىدا «يەتمىش» ۋە «يەتتە» سانلىرى كۆپلۈك ۋە كامالەتنى ئىپادىلەيدۇ. خۇددى ئۇيغۇرتىلىدىكى توققۇز ۋە توقسان سانلىرى «توققۇزى تەل بولدى» ۋە « توقسىنى تولدى » دېگەن ئىبارىلەردىكىدەك كامالەتنى ۋە كۆپلۈكنى ئىپادىلىگەندەك، بۇھەدىستىكى «يەتمىش» كۆپلىكنى ۋە مەڭگۈلۈكنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭغا بىنائەت، بۇھەدىسىنىڭ مەنىسى، ئاللاھ تائالا يولىدا بىر كۈن روزا تۇتقان كىشى دوزاختىن مەڭگۈ ئۇزاق قىلىنىدۇ دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى تەكىتلىمەكتە: « بىز تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت- سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ » (ئەنبىيا سۈرىسى 101- ئايەت).

   7- رامىزان ئېيى شەيتانلار باغلىنىدىغان ئايدۇر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ » (بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى« شەيتانلار باغلىنىدۇ » دىگەن ئىبارە رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى بىلەن شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش كۈچى ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭمۇ بۇئايدا شەيتانىي ھەۋەسلەرگە ئالدانمايدىغان تەقۋالىققا ھەم چىن ئىرادىگە ئېگە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

   8- رامىزان ئېيى جەننەتنى قازىنىش ئېيىدۇر

سەھل ئىبنى سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« جەننەتتە رەييان (ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلىنمايدىغان) ئىسىملىك بىر ئىشىك بار بولۇپ، روزا تۇتقۇچىلار قىيامەت كۈنى بۇ ئىشىكتىن كىرىدۇ، ئۇلاردىن باشقىلار بۇ ئىشىكتىن كېرەلمەيدۇ. قىيامەت كۈنىدە: روزا تۇتقانلار قېنى؟ دېيىلىدۇ ۋە روزا تۇتقۇچىلار توپلىشىپ بۇ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىشىدۇ. ئاندىن ئۇلار بۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم بۇ ئىشىكتىن كېرەلمەيدۇ. ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن بۇئىشىك يېپىلىدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى).

مانا بۇ، بۇ دۇنيادا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ روزا تۇتقان كىشىلەرگە ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان كاتتا ئىنئاملارنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى ئۇلار بۇدۇنيادا روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق دەردى چەككەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ئالاھىدە پەرقلىق مۇكاپاتلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

   9 – رامىزان ئېيى دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئايدۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى، ئادالەتلىك پادىشانىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى» (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

  10 – رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ئۆمرە ھەجگە تەڭدۇر

رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى ۋە ئۇلۇغلىقىدىن بۇئايدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە خۇددى ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانغا ئوخشاش ساۋابلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

« رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە (ساۋاب جەھەتتە) ھەج قىلغانغا ئوخشاشتۇر » (بۇخارى رىۋايىتى).

http://www.istiqlaltv.com/uyghur/?p=3814