ئىسلامدىكى ئەقىدە توغرىسىدا ئومۇمى چۈشەنچە(2 ـ باپ)

ئىمان، ئىبادەت ۋە ئىخلاسنىڭ بىرىكمىسى  دىنىمىزدىكى  ئەقىدىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە تىلغا ئېلىنىپ ئادەتلىنىپ قالغان ئەمما مەنا قىممىتى، مەسئۇلىيتى تەپەككۇرىمىزدىن ئورۇن تاپالمىغان « ئەقىدە »  كەلىمىسىنىڭ دىنىمىزدىكى مەنا ئىپادىسى شۇنچىلىك يوقۇرى قىممەتكە ئىگەدۇركى، «  ( ئىمان ئېيتقان) مۇسۇلمان » نامىدىكى ھەرقانداق بىر  كىشىنىڭ  ئەقىدىگە ساھىپ بولۇشى ناتايىن. شۇنىڭدەك ئىبادەتنى تەرك قىلماي ئادا قىلىدىغان بىر كىشىنىڭمۇ  ئەقىدىسى مۇستەھكەم بولۇشى ناتايىن . يەنى« ئەقىدىسى مۇكەممەل » بىر مۇسۇلمان شەرىپىگە ئېرىشتۈرۈدىغان ئامىل _  ئىمان، ئىبادەت ۋە ئىخلاسنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئەمما ئىماننىڭ شەرتلىرىگە ئويغۇنلاشمىغان، ئىبادەتنى تەلەپ بويىچە ئادا قىلمىغان « ئىخلاس» مۇ  ئەقىدە دەرىجىسىگە يېتەلمىگەن كۆڭۈل ۋە روھى سىقىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.
دىنىمىزدىكى ساغلام، مۇكەممەل، توغرا ئەقىدە ئالدى بىلەن ئىمان ۋە ئىبادەتتە تەۋھىد ئۈستىگە ئۇل سېلىنىش شەرت قىلىنىدۇ. تەۋھىد دەسلەپكى ئىمان كەلىمىسىدىكى _ « بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھاممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر » دېگەن ئۆلچەم بويىچە ئاللاھقا  ھېچقانداق نەرسىنى شىرىك قىلماسلىق، ئاللاھنىڭ ئىلاھى قۇدرىتىگە شەك، شۈبھە كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىش ۋە ئۇلارنى ساداقەت بىلەن سۆيۈش، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاپلارغا ئىشىنىش، ئاللاھ  بۇيرىغاننى تولۇق ئادا قىلىش، ئاللاھ چەكلىگەندىن تولۇق چېكىنىش، ئىبادەتنى پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئادا قىلغان نىيەتتە، رىياسىز خالىس قىلىش،  ئاللاھ  ھارام قىلغان نەرسىنى ھارام دەپ ئىتىقاد قىلىش، ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ھالال دەپ ئىتىقاد قىلىش، .. قاتارلىق ئىتىقادى بەلگىلىمىلەرنىڭ يىغىندىسى تەۋھىدى ئەقىدە بولۇپ، تولۇق مۇسۇلمان بولۇشنىڭ كام قالسا بولمايدىغان شەرتلىرىدۇر.
ئەقىدە توغرىسىدا  تەپسىلىرەك بايان قىلىنغاندا  ساغلام ئەقىدىگە نائىل بولۇشنىڭ مۇھىم شەرتلىرى ئۈستىدە توختۇلۇش تەقەززا قىلىنىدۇ. ئىمان  ئىنسان قەلبىدە ئورۇنلىشىدىغان جەۋھەردۇر. ئىبادەت ئىنسان گەۋدىسى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدىغان مەجبۇرىيەتتۇر. ئىمان بىلەن ئىبادەتنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۈگۈن ياكى ئۇچرۇشۇش نوقتىسى ئىخلاسدۇر. ئىمان بىلەن ئىبادەت ئۇچراشقاندا  ئىخلاس شەكىللىنەمدۇ ياكى ئىخلاس ئايرىم، ئۈچىنچى مەۋجۇتلىقمۇ؟ _ بۇ ھەقىقەتەن  مۇرەككەپ، جاۋاپ بېرىلىشى قىيىن سۇئالدۇر. بۇ ھەقتە مۇجتەھىدلەرنىڭ،  ھەدىس ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە  ئىلمى كالام ئەھلىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشلىرى قىسمەن پەرقلىق بولغان  : «  ئىمان پارچىلىنىدۇ »، « ياق،  ئىمان پارچىلانماس نوقتىدۇر» ، « ئىمان كام ـ زىيادە بولۇدۇ»، « ياق، ئىمان كام ـ زىيادە بولمايدۇ، بەلكى ئىماننىڭ نۇرى كام ـ زىيادە بولۇدۇ »، «  گۇناھ  قىلىش بىلەن ئىمان  چىقىپ كېتىدۇ »،« ياق،  گۇناھ  قىلىش بىلەن ئىمان چىقىپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئىماننىڭ نۇرى ئۆچۈدۇ»، « ئىمان قانچىلىك كۈچلۈك بولسا ئىبادەت قىزغىنلىقى جۇش ئۇرۇدۇ»، « ياق،  ئىبادەتنى قانچىكى كۆپ قىلسا، تولۇق ئادا قىلسا ئىمان كۇچلىنىدۇ »، « ئىبادەت ئىماننى كۈچلەندۈرىدۇ » ، « ياق،  ئىمان كۈچلۈك بولسا ئىبادەت قىزغىنلىقى كېلىپ چىقىدۇ» ….. دېگەندەك ئاجايىپ مۇرەككەپ ھەم ئالماستەك ئۆتكۈر پىكىرلەر، پەلسەپىۋى تەپەككۇر قائىدىلىرى بايان قىلىنغان. ھەربىر پىكىر، بايانلار قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى، سەھى ھەدىسلەرنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى دەلىل مەنبەسى قىلىغان ھالدا  ئوتتۇرغا قويۇلغان. يوقۇرقىدەك مۇنازىرە  تۈسىدىكى  بايانلارنىڭ ھېچبىرى ئورۇنسىز  دە ـ تالاش بولماستىن بەلكى بىرىنچى بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ، ئاندىن  ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلۇنى بېيىتكەن، ھەقىقەتنى ئىزدەش، ھەقىقەتكە يېتىش يولىنى ئاچقان قىممەتلىك تەپەككۇر جەۋھەرلىرىدۇر. مەيلى قايسى ئېقىمنىڭ بايانلىرىنى تۇتقا قىلىشتىن قەتئىنەزەر، مەسىلىنى يىغىنچاقلىغاندا يوقۇرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك ئىمان بىلەن ئىبادەتنىڭ ئارىسىدا ئىخلاسنىڭ مۇھىم ئۆتكەل ۋە  باغلىنىش تۈگۈنى ئىكەنلىكى چەتكە قېقىلمايدۇ.
ئىخلاس _ نىيەتتە، كۆڭۈلدە، قەلب ھەرىكىتىدە، ئىبادەتتە  پەقەتلا ئاللاھ  رازىلىقىنى چىقىش قىلغان يۆنۈلۈش دېمەكتۇر. قۇرئان ئوقۇغان، قۇرئاننى ياد ئالغان ھاپىزنىڭ نىيتى  ئاللاھتىن مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈندۇر. دىنى ئىلىم تەھسىل قىلغان بىلىم ئەھلى _ ئۆلىمانىڭ نىيتى قىلغان دىنى خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن ئەجىر، مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈندۇر. كىشىلەر ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان پەزىلەت ئىگىسىنىڭ نىيتى قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتۇر. مال ـ مۈلكىدىن خەير ـ ساخاۋەت قىلغان باي ـ مۈلكدارنىڭ نىيتى ئاللاھتىن ئەجىر كۈتۈشتۇر. ناماز، رۇزا، زاكات، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرگەنلىك  ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلغانلىقتۇر. بىر كىشىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى كىشىلەر ئارىسىدا پەخىرلىنىشىگە ۋاستە، دەسمايە بولماسلىقى كېرەك. ھەر كىم ئىبادەت قىلسا زىممىسىدىكى بۇيرۇقنى ئادا قىلغان بولۇدۇ. ئەگەر بىر مۇسۇلمان قىلغان ئىبادەتلىرىدىن، ياخشى ئىش ـ پائالىيەتلىرىدىن پەخىرلىنىپ، كىشىلەر ئالدىدا كۆزـ كۆز قىلىدىكەن، شۇنىڭدەك باشقىلاردىن مەدھىيە، ماختاش، ھۆرمەت كۈتۈدىكەن،  بۇ قىلمىشىدىن ئۇنىڭ ئەقىدىسىدە نۇقسان بارلىقى، شۇنداقلا  ئىمان بىلەن ئىبادەت ئوتتۇرسىدىكى ئىخلاسنىڭ كەمچىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن، ئىبادەتلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بولغىنىدەك، قىلغان يامان ئىشلىرىنى، گۇناھلىرىنى پەدازلايدىغانلارمۇ  ئۇيغۇرچىلىق ھاياتىمىزدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەت ئەخلاق، بەت پەيلى، لۈكچەكلەر  ئۆزلىرىنىڭ ناچار ئىللەتلىرىنى تونىماستىن، ئىتىراپ قىلماستىن بەلكى توغرا يۆنۈلۈشتە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشىدۇ. : « مەن ھاراق ئىچكەن بىلەن كۆڭلۈم پاك، قەلبىمدىكىنى ئاللاھ  بىلىدۇ » ، « قىمار ئوينىسام ئۆز پۇلۇمغا ئوينۇدۇم، ئۇتتۇرسام ئۆز پۇلۇم، ئۇتىۋالسام، ئەجىر قىلىپ ئۇتتۇم، ھەممىسى ئۆزەمگە ھالال، نىيتىمنى ئاللاھ بىلىدۇ »، « پالانى ئاغىزىدا پارىڭى بولغان بىلەن كۆڭلى ياخشى ، ئاقكۆڭۈل، نىيتىدە يامانلىقى يوق »، « بەزەن بەش نامازلاردىن مېنىڭ ھاراق ئىچكىنىم مىڭ ئەلا »، « كۆتىنى بەش قېتىم يۇيىدىغان موللا  گۇيلاردىن مېنىڭ  زىنا قىلغىنىم  ياخشىراق »…..  يوقۇرقىدەك سۆزلەر ئىسلامى ئەقىدىنى بۇزۇپلا  قالماستىن  بەلكى ئىماننى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدىغان كۇپرىلىقتۇر.
ئەقىدە بارىسىدا  بايان قىلىنىدىغان قائىدە ـ قانۇنىيەتلەر ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ  ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن ئاز سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىمىز. ئەڭ قىسقا بىر بەلگىلىمىنى نەقىل قىلىش ئارقىلىق بۇ ماۋزۇ غا خاتىمە بېرىلىدۇ. ئاللاھ  ھارام قىلغاننى ھالال دەپ ھۆكۈم قىلىش ئىماندىن ئاجىرتىدىغان قەبىھ  گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ ھەقتە  پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ  بىر ھەدىىسى يېتەرلىك : « ئىنسان ( مۇسۇلمان) گۇناھ  قىلىش بىلەن كاپىر بولمايدۇ، شۈبھەسىزكى ھارامنى ھالال ساناش بىلەن كاپىر بولىدۇ »
_____________
رەببىم ! مىللىتىمىزگە ھىدايەت بەرگىن! دۇنيالىقىمۇ يوق، ئاخىرەتلىكىمۇ يوق كامبىغەل خىتايدىن پەرقى قالمىغان، ئەخلاقسىز، ئىسانلىقتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان ئازغۇن خەلقىمىزگە ھىدايەت بەرگىن!

http://www.azatliq.net/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=327