شەرقى تۇركىستانمۇ، ئۇيغۇرىستانمۇ ؟

شەرقى تۇركىستانمۇ، ئۇيغۇرىستانمۇ ؟
دوكتور نىمەتۇللاھ رەشىدى

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر ئىلىدۇر. ئۇيغۇر ئىلى- ئۇيغۇرىيە- ئۇيغۇرىستان دىمەكتۇر. ئۇيغۇرىستان- تارىخى ھەقىقەتلەرگە كورە، شەرقى تۇركىستان- سىياسى غايەلەرگە كورە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. بىر مىللەتنىڭ ئانا ۋەتىنى پەقەت ئۇ مىللەتنىڭ ئوز ئىسمى بىلەن ئاتالغاندىلا ئۇ مىللەت تەبىئى تونۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ .

ئەسلى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئۇيغۇرىستان ئىكەنلىكى دۇنياچە مەشھۇر تارىخشۇناس ۋە تۈركولوگى ئا. زەكى ۋەلىدى توگان تەرىپىدىن شۇ شەكىلدە ئىزاھلانغانلىقى مەلۇم…

« 840 – يىلى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، يىنسەي (كىم) ۋادىسىدىكى قىرغىزلارنىڭ بىسىمى بىلەن يۇرتنىڭ غەربىگە- قەدىمى خاندانلىق غەربى جامائەتىنىڭ مەركىزى بولغان بەشبالىق ۋە قوچو شەھەرلىرىگە يەنى شەرقى تىيانشانغا يەرلەشتى. باشقا بىر قىسمى خەنزۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلىپ غەربى شىمالى خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى چىگراسىدا يەرلەشتى…».

«شەرقىي تىيانشان بۆلگىسى بۇ زاماندىن ئېتىبارەن ئەسلى ئۇيغۇر مەملىكىتى ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتالدى. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار مانى دىنىدىن بەكرەك بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. مۇستەقىل ھاكىمىيەتلىرى 13 – ئەسىردىكى مۇڭغۇللار دەۋرىگىچە داۋام قىلدى…».
Ord. Prof. Dr. A. Zeki VElidi Togan Umumi Turk Tarihing Giriş 56 s. 57 s. I Cilt 3. Baskı, Enderun Kitapevi İstanbul 1981
ماھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇر – سۇلمى، قوچۇ، جانبالىق، بەشبالىق، يېڭىبالىق قاتارلىق بەش شەھىرى بولغان بىر ئەلنىڭ ئىسمى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. [1 – توم 151 – بەت، خەلق نەشرىياتى ئۈرۈمچى 1981 – يىل
ئەل – «يۇرت»، «دىيار»، «مەملىكەت» دېمەكتۇر. [ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى، 1 – توم، 291 – بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، بىجىن 1990 ] ماھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا “تۇرك ئىلى”، ”تۇركىستان” كەلىمەلەرى داخىل قىلىنمىغانلىغى مەلۇم.

تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇرباشقانى ھەيۋىسىدىكى 16 تارىخى تۇرك دولەتلىرى ئىچىدىمۇ ”تۇركىستان” دىگەن بىر دولەتنىڭ يوقلىغى، ھەتتا ”گوك تۇرك دولىتى” نىڭمۇ ”تۇركىستان دولىتى” دەپ ئاتالمىغانلىغى مەلۇم .

بۇيۇك ياپون تارىخچىسى ئودا جۇتەن نىڭ ئۇيغۇرىستان ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا شۇنداق دەيدۇ :

« غەربى ئۇيغۇر پادىشالىغىنىڭ تەۋەسى (تېرىتورىيەسى) شەرقى تىيانشان تاغ تىزمىلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ئىتەكلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالاتتىى. 840. يىلدىن كىيىن، كوچمەن ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى ۋەيران بولۇپ، كوپ سانلىق ئۇيغۇرلار مونغۇلىيەدىن بۇ يەرگە كىلىپ، تۇراقلىق ھايات شەكلىنى تاللىدى. يەرلىك غەيرى تۇرك خەلقلىرىى بۇ غايىپتىن كەلگەن مىھمانلارنىڭ تۇركچە تىلىنى ئۇگەندى. نەتىجىدە ئۇيغۇرىستان دىگەن بىر دولەت پەيدا بولدى. بۇ دەۋلەت خىتاي بىلەن ئىچكى ئازىيە ئارىسىدا قاتناش ۋە تىجارەتنىڭ مۇھىم ۋاستىلىق بولگىسى، شەرق بىلەن غەرپ ئارىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كورىگى بولۇپ قالدى. مانىستلەر، بۇدىستلەر، ناستورىيانلار ۋە باشقاا دىندىكىلەر، ئۇيغۇر يېزىقى دەپ ئاتالغان بۇ تۇرك تىلى بىلەن سوزلىشىدىغان ۋە يېزىشىدىغان بولدى. ئۇلار موڭغۇل ئىمپىرىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بۇيۇك مەدەنى تەسىرلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، مونغۇل تىلىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئىپادىلەيدىغان ھالغا كەلتۇردى. ئامما ئۇيغۇرىستان، مونغۇل ئىستىلاسى ئاستىدا زاۋالىققا يۇز تۇتۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار 1260- يىلىدىن كىيىن 40 يىل داۋاملاشقان بۇ كايدۇ ئىسيانىدىن ناھايىتى جاپا تارتتى. ئۇيغۇر پادىشا جەمەتى گەرچە ئىدىقۇت ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، باشقا كۇچلۇك نەسەپلەر خىتاينىڭ غەربى-شىمال بولگىسىدىن پانالىق ئالدى. 1305. يىلدىن كىيىن، ئورتا ئازىيەدە ۋەزىيەت تىنچىدى، ئامما ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ئاۋاتلىغىغا قايتالمىدى. بۇنى ئاز دەپ، ئۇلارنىڭ قاتناش يوللىرى ئىسلامچى ئىران تۇركلىرىنىڭ ترانسوزىيانادىن باشلانغان ئۇزۇن مۇساپىلىك تىجارەت كاشىلىلىرى تۇپەيلىدىىن چىرىپ كەتتى. ئىسلامى كۇچلەر ھەقىقەتەن پۇتۇن تارىم ۋادىسىىغا قەدەر كىڭەيدى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇددىست ئۇيغۇرلار ، يۇەن سۇلالىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى تىبەت لاما مەدەنىيەتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئازسانلىق بولۇپ قالدى. »

بۇيۇك تۇرك تارىخچىسى رىزا نۇرنىڭ ئۇيغۇرىستان ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا شۇنداق دەيدۇ :

:«ئورتا ئاسىيا ۋە سىبرىيەنىڭ كەڭرى دالالىرىدا تۈرك ئۇرۇقلىرىدىن ئايرىلىپ، تۇراقلىق ۋەتەن قۇرۇش كويىدا جەنۇبتا يۈرۈش قىلغان دەسلەپكى تۈرك قەبىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى چوقۇم. ئۇيغۇرلار شەرقتە خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى، گوبى چۆلى، تىبەت ۋە كوئىنلۇن تېخى، غەربتە پامىر ئىتىكى، شىمالدا جۇڭغارىيە ئويمانلىغى ۋە ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋادىلىرىدۇر. ئۇيغۇرلار بۇ ئاخىرقى ئىستىقامەتتە باشقا تۈركلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ساقلاپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزى بۈگۈنكى قۇمۇل، تۇرپان ۋە قەشقەر ئەتراپىدۇر. كېيىنچە خۇسۇسەن قەشقەر، سەمەرقەنت، «قارشى» لارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بولدى. ئۇ ھالدا ئۇيغۇرىستان – بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان ۋە چىن تۈركىستانىدۇر». 75
(«تۈرك تارىخى» 3 – 6 – بەتلەر ئىستانبۇل 1972 – يىل)
. ئىنگىلىز تەتقىقاتچى Prof. Dr. Andrew D. W. Forbes نىڭ ئۇيغۇرىستان ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا شۇنداق دەيدۇ :

«خەنزۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئاساسەن شىنجاڭ بىلەن چەكلەنگەن بۇ ئورتا ئاسىيا بۆلگىسىگە مۇداخىلە قىلىشى، گەرچە 1 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ بەش پادىشاسى ۋۇدى ھۆكۈمرانلىقى بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، ئىگىدارچىلىق جەھەتتە 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تارقاق ۋە زەيىپ ھالدا ئىدى. پەقەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرىستاننىڭ قۇمۇل تۇرپان بۆلگىلىرى بىلەن ئاجىز بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلا ساقلاپ قالالىدى. چيەنلۇڭ پادىشا (1755– يىل) ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19– يىلى جۇڭغارىيە ۋە ئىلى ۋادىسى پۈتۈنلەي خەنزۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىدا قالدى. ئەينى زاماندا «ئالتە شەھەر» دىكى تارىم ئويمانلىغىمۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ 1758 – يىلى قەشقەرنى ئىشغال قىلىۋېلىشى بىلەن قولدىن كەتتى…».
[ Warlods and Muslims in Chinese Sentral Asia : p. 9, Cambridge University Press, 1986 ] .[«جۇڭگو ئورتا ئاسىياسىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە جەڭباشلار» ئىنگلىزچە نەشرى. 9 – بەت. لوندون كەمىرىچە. 1986 ]

مەشھور ئىتالىيەلىك ساياھەتچى ماركو پولو (1323- 1254) نىڭ ئۇيغۇرىستان ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا شۇنداق دەيدۇ :

According to The Travels of Marco Polo
馬可·波羅行記》在第59節Camul條下這樣記述畏兀兒斯坦:[1] 畏兀兒斯坦是一個臣屬於大汗的大區。它包括很多城鎮和村莊,它的最大城市叫“哈剌火州”。它包括許多附屬於它的其它城鎮、村莊,它的居民崇拜偶像。不過,那裏也有不少信奉聶斯托里派的基督教徒,還有一些薩拉孫人。http://chuansong.me/n/2442524

Hayat Ansklopedisi – ھايات ئانسكلوپىيەسىنىڭ ئىزاھاتىدا شۇنداق دەيدۇ :
«شەرقىي تۈركىستان – بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قالغان كەڭ ۋە تارىخى تۈرك مەملىكىتىدۇر. نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپچۈلۈكىنى تۈركلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۆز زامانىدا ”ئۇيغۇرىستان” دەپ ئاتالغان بۇ مەملىكەتنى خىتايلار شىنجاڭ دەپ ئاتىۋالغان» 73 [ھايات ئىنسىكلوپىيەسى. 2 توم. 985 – بەت ھايات نەشرىياتى ئىستانبۇل]

دۇنيا ۋە تۇرك تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ”ئۇيغۇرىستان” ئاتالغۇسى مۇئەييەنلەشكەن تۇرۇغلۇق، بۇ ئاتالغۇنىى قوللۇنۇشقا ياناشمايدىغان؛ ماخمۇت قەشقەرىنىڭ ”دىۋانى لۇغاتىىت تۇرك” ئەسىرىدە : ”ئۇيغۇر – بىر ئەلنىڭ ئىسمى” دەپ ئىزاھلانغان تۇرۇغلۇق ”ئۇيغۇر ئىلى” دەپ ئاتاشقا پىتىنالمايدىغان؛ ئىنگىلىز ئالىمى James Churchward نىڭ مۇ قۇرۇقلۇق ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا : ”ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى مۇ دىن كىيىن ، دۇنيادا ئوتكەن – كەچكەن بارلىق ئىمپىرىيەلەرنىڭ ئەڭ بۇيۇكىدۇر” دەپ ئىزاھلانغان تۇرۇغلۇق ”ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى” نى تىلغا ئىلىشتىن باش تارتىدىغان؛ تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇرباشقانىنىڭ ھەيۋىسىدە ”ئۇيغۇر دولىتى”نىڭ بەلگىسى تۇرۇغلۇق بۇ دولەتكە ۋارىسلىق قىلىشتىن چىكىنىدىغان، باشقا تۇركى قېرىنداشلىرىمىز ئوز نامىدا جۇمھۇرىيەت قۇرغان تۇرۇغلۇق، ئۇلاردىن ئۇلگە ئىلىشنى خالىمايدىغان سىياسەتچىلەرنىڭ، ئورخون ئابىدىلىرى ۋە ”دىۋانى لۇغاتىىت تۇرك” نى مۇقاۋىسىنى سىياسى دەستۇر قىلىۋىلىپ، ئىككى قىتىملىق ”شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى” نى باھانە قىلىپ بۇ ئاتالغۇدا چىڭ تۇرۇۋىلىشىنىڭ، ئويغۇر خەلقىنى پان تۇركىزىمنىڭ سەركەردىسى؛ ئۇيغۇر ئىلىنى پان تۇركىزىمنىڭ تەجرىبە ئىتىزىغا ئايلاندۇرۇۋىلىشنىڭ، پان تۇركىزىم ۋە پان ئىسلامىزىمنىڭ خوشامەت پەرۋانىلىرى ۋە ئامانەت مەستانىلىرى بولۇپ دۇنيا جامائەتىنى ئۇركۇتۇشنىنڭ ھىچبىر ئەھمىيىتى قالمىدى. ..

ۋىجدان – بىر ئىنساننىڭ كىزى كەلگەندە ئوتەشكە تىگىشلىك ئەخلاقى مەجبۇرىيەتىدۇر. ياخشى نىيەتىدۇر.

تارىخنىڭ قارارى رەھىمسىزدۇر. ھەرھالدا بۇنچە تارىخى دەلىللەرنى ئىنكار قىلىشقا جۇرئەت قىلالايدىغان ئۇيغۇر سىياسەتچى، مىللەتچى ۋە ئۇممەتچىلەر بولمىسا كىرەك. بۇ دەلىللەرنى بىلسە بلمەسكە، كورسە كورمەسكە سىلىپ خۇپسەنلىك قىلىش، يالغانغا ئىشىنىش ۋە ئىشەندۇرۇش – ھاماقەتلىكتۇر. سىياسى غايىگە كورە بېرىلگەن ئىسمنى تارىخى ھەقىقەت قىلپ قىلىپلاشتۇرۇش- بۇيۇك مەسئولىيەتسىزلىكتۇر. ”شەرقى تۇركىستان” ئاتالغۇسى خۇددى ”شىنجاڭ” ئاتالغۇسىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەبىئى تونۇلۇشىنىڭ تۇسالغۇسىدۇر. ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق ئۇيغۇر پەرزەندى بۇنى چۇشىۇنۇپ يىتىشى. كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىنى ۋىجدان ئازابى چەكتۇرمەسلىگى لازىم.

مەنتىقە (لوگىكا) – ئنسانلارنىڭ پەقەت ئەقىل ۋە زىھنى پائالىيەتلىرىنى تەكشۇرىدىغان، توغرا چۇشۇنىشنىڭ شەرتلىرى ۋە قۇراللىرىنى ئىفادىلەيدىغان بىر ئىلىمدۇر. سىياسى شۇئارلارنىڭمۇ ئەلبەتتە بىر مەنتىقى باردۇر،

بىر مىللەتنىڭ ئانا ۋەتىنى پەقەت ئۇ مىللەتنىڭ ئوز ئىسمى بىلەن ئاتالغاندىلا ئۇ مىللەتنىڭ تەبىئى تونۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدىغانلىغى ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ئومۇمى ھەقىقەتتۇر. ھالبۇكى يېقىندىن بېرى ”مىللىتىم ئۇيغۇر ۋەتىنىم شەرقى تۇركىستان” دەيدىغان بۇ سىياسى شۇئار ئوبدانلا ئەۋج ئالدى. دىمەككى ، تۇركىستانچى ئۇيغۇرلار مىللى كىملىگىنى ئاستا ئاستا تونۇپ يېتىشكە باشلىغانلىغى مەلۇم. ئامما ۋەتەن كىملىگىنى تىخى بىلەلمىدى. مىللەت كىملىكى ۋە ۋەتەن كىملىگى بىر- بىرىىنى تاماملىغاندىلا ئىختىيارسىز تونۇلۇشقا تەڭكەش قىلالايدۇ. ئەگەر سىز شەرقى تۇركىستان داۋاسىنى يەنىلا شۇ بۇرۇنقى كلاسسىك پان تۇركىزىم ئىدىئولوگىيەسى بىلەن داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرسىڭىز ئۇ ھالدا ھىچ ئىككىلەنمەي ”مىللىتىم تۇرك ۋەتىنىم تۇركىستان” دىيىشىڭىز لازىم… ياق! بىز ئۇيغۇر مىللىتى دىسڭىز ئۇ ھالدا. ”مىللىتىم ئۇيغۇر ۋەتىنىم ئۇيغۇرىستان” دىيىشىڭىز لازىم…. مەنتىقسىز شۇئارلار بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئەقىلگە سىغمايدۇ…مەنتىق تىشىدۇر…

ھىندىلاردا شۇنداق بىر ماقال بارمىش: ‘’نادان، جاھىل ئىنسانلارنىڭ پىكرىنى ئوزگەرتىش – تىمساقنىڭ ئاغزىدىن مەرۋايىت ئىلىشتىنمۇ ياكى يىلاننىڭ بىشىغا گۇلدەستە قويۇشتىنمۇ تەس ئىش.’’

ئادەتلەنگەن كوزقاراشلارنىڭ بويۇنتۇرۇغىدىن قۇتۇلالمىغان ”شەرقى تۇركىستان” لىق دوستلارغا ئۇيغۇر كىملىگىدىن ئىبارەت بۇ ئورتاق نوختىدىن ھەركەت قىلىشنىڭ، ئۇيغۇر دەۋلىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ زورۇرىيەتىنى ئۇختۇرالماسلىقنىڭ ئازابىنى چەككەن بولساممۇ، بۇ خۇسۇستىكى ئىلمى تەتقىقات ۋە يەكۇنلىرىمدىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۇسىگە بولغان ئومىت-ئارزۇلىرىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمىدىم. ئەكسىنچە، بۇ جەرياندا تىخىمۇ كەڭرى، تىخىمۇ چوڭقۇر ۋە تىخىمۇ كۇچلۇك ئىلمى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. شۇنداقتىمۇ سەۋەنلىكلەرنىڭ سادىر بولىشى تەبىئى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھالىغا كويۇنگەن، تەقدىرىگە قىزىققان ھەرساھا ئەرباپلىرىنىڭ تارىخى ھادىسەلەرنى ئىلمى يۇسۇندا تەتقىق قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مەۋجۇدىيەتلەرگە ھورمەت قىلىش ئاساسىدا ئاقىلانە جەسۇرانە مۇئامىلە قىلىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.

تارىخى تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇيغۇرخەلقى پانتۈركىزىم، پانئىسلامىزىم خام-خىيالىدىن ئۇزۇل-كىسىل قۇتۇلۇپ، ئۇيغۇرىزىم يولىنى تاللىمىغىچىە، ئۇيغۇر كىملىگىگە ھەقىقى تۇردە ساھىپ چىقمىغىچە دۇنيادا ئومۇمىيۇزلۇك ھىسداشلىق قازانالمايدۇ. بىزگە ئىسمى-جىسمىگە لايىق ئۇيغۇر بولوش، ئاددى مۇسۇلمان بولۇش كۇپايە. پانتۈركىزىم ۋە پانئىسلامىزىمنى شەرەپ بىلىپ ئوزىنى بىھۇدە ئاۋارە قىلىشنىڭ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە پايدىلىق پۇرسەت يارىتىشنىڭ ھىچبىر مەناسى يوقتۇر…

بىز ئۇيغۇرلاردا “بۇغداي ئۇنمىگەن يەرگە ئارپا تېرىپ باق” دەيدىغان بىر ماقال بار. بىز بۇ مۇنبەت تۇپرىقىمىزغا سۇپەتلىك ئۇرۇقلىرىمىز تۇرۇغلۇق بىر نەرسە ئۇندىرەلمىدۇق. ھەتتا ئۇنۇپ چىققىنىنىمۇ پەرۈىش قىلالمىدۇق… بۇ تەۋسىيەم ئۇيغۇر داۋاسىغا كوڭۇل بولگەن مىللەتچى، ئۇممەتچى، سىياسەتچى، تارىخچى، ئىنقىلاپچى دوستلارنىڭ ۋە سىتراتىگىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەكرار باشقاتۇرۇپ بىقىشىغا تۇرتكە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس…

بۇ پۇرسەتتە، 1992-يىلى 20- ئىييۇن كۇنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھرىدە تەسىس قىلىنغان ”ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى” نىڭ ئىشتىراكچىسى مەرھۇم ھاشىر ۋاھىدى ئەفەندىنىڭ 1998- يىلى 28- فىۋرال شەنبە كۇنى ”ۋىجدان ئاۋازى” گېزىتىدە ئېلان قىلغان ” شەرقى تۇركىستانمۇ، ئۇيغۇرىستانمۇ؟ ” سەرلەۋھەلىك ماقالىسىنى ئەينەن يوللاپ قويدۇم…

Kein automatischer Alternativtext verfügbar.
Kein automatischer Alternativtext verfügbar.