تارىخ ئۈستىدە مۇلاھىزە

PHOTO-2018-05-11-05-50-30

تارىخ ئۈستىدە مۇلاھىزە

 

تارىخ توغرىسىدا پەيلاسوپلارنىڭ ھۆكۈم تۈسىدە ئېيتقانلىرى بولىدۇ. شۇنىڭدەك تارىخ مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بايانلىرى، تارىخچى ئالىم، تەتقىقاتچىلارنىڭ خۇلاسىلىك پىكىرلىرى بولىدۇ. مەيلى پەيلاسوپلارنىڭ ھۆكۈملىرى بولسۇن، تەتقىقاتچى، ئالىم- مۇتەپەككۇرلارنىڭ خۇلاسە ۋە بايانلىرى بولسۇن، ئۇ ھەرگىزمۇ تارىخقا نىسبەتەن چىقارغان ئاخىرقى ھۆكۈم ھېسابلانمايدۇ. تارىخ ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈم ۋە بايانلاردا ئوبيېكتىپلىق بىلەن، شۇ كىشىنىڭ سوبيېكتىپ ھېسسىياتى يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىشى تامامەن مۇمكىن. شۇنىڭدەك بەزى يەكۈنلەر زامان خاسلىقىغا، بەزى ھۆكۈملەر ماكان خاسلىقىغا، بەزى قاراشلار ھەرىكەت، ھادىسە خاسلىقىغا، مىللى ئالاھىدىلىك خاسلىقىغا تولۇق باغلىنىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. ھەتتا مۇئەييەن بىر تارىخى جەرياندىكى ۋەقە، ھادىسىلەر كەسپى خاسلىق بىلەن كۆزىتىلگەنلىكى، خاسلىقتىن چىقىرىلغان يەكۈن بىلەن مۇتلەق ھۆكۈم قىلىنغان بولىشى تامامەن مۇمكىن. يەنى بەزى تارىخ مۇتەپەككۇرلىرى مەدەنىيەت- سەنئەت، ھۈنەر- كەسىپ، دىن، مائارىپ تەرىپىدىن قارىغان بولسا، يەنە بىر باشقىسى سىياسى نۇقتىدىن ۋە ھۆكۈمرانلىق، ئۇرۇش، قىرغىنچىلىق، غەلىبە- مەغلۇبىيەت تەرىپىدىن قارىشى، بەزىلەر ئىقتىسادى ئەھۋالىدىن، ئىجتىمائىي جەمئىيەت تۈزۈملىرى، ئۆرپ- ئادەت مۇناسىۋەتلىرى تەرىپىدىن كۆزىتىپ يەكۈن چىقارغان بولىشى ھەم مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن « تارىخ » – دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساھەگە قارىتا خىلمۇ- خىل تەبىر بېرىلگەن. ھەتتا بەزىدە زىددىيەتلىك ھۆكۈملەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاندا تارىخ پارچىلانماس بىر پۈتۈن نەرسە ئەمەس. ئۇ مەيلى تەبىئى ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن بولسۇن، ياكى ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار  ۋەقەلىك بولسۇن، ئىقلىم خاراكتېرلىق ۋە ئىنسانلار خاراكتېرلىق ئوخشاشمىغان شەكىلدە خاسلىقلار بىلەن چېتىلغان بولىدۇ. بەزى مۇتەپەككۇرلارنىڭ : تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ- دېگەن ھۆكمىنى كۆرسەك، باشقا بىرىنىڭ : تارىخ ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈندۇر- دېگەن ھۆكمىنى كۆرىمىز. شۇنىڭدەك: تارىخ- كومپاستۇر؛ تارىخ- قاراڭغۇ كېچىدە ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭغان مەشئەلدۇر؛ تارىخ- تۈن قاراڭغۇلىقىدا، قۇتۇپلارنى كۆرسىتىپ، چاقنايدىغان كۆكتىكى قۇتۇپ يۇلتۇزىدۇر؛ تارىخىنى بىلمىگەن خەلق يوقىلىشقا مەھكۇمدۇر؛ تارىخىنى ئۇنۇتقان مىللەت ئۇنتۇلغان مىللەتتۇر…  دېگەندەك، تارىخ ھەققىدە سان- ساناقسىز، قىممەتلىك ھۆكۈملەر، پەلسەپىۋى يىغىندىلار خاتىرىلەنگەن .

تارىخنىڭ ئۆزى بىر ئىزىدا توختاپ قالماي، ئىنسانىيەت ھاياتى بىلەن، بەلكى تەبىئەت مەۋجۇتلىقى بىلەن بىرگە داۋاملىشىپ تۇرغىنىدەك، تارىخ ئۈستىدىكى پىكىر، ھۆكۈم، خۇلاسىلەرمۇ داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭغا يېڭى مەزمۇنلار قېتىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تارىخ قارىشى، پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تارىخ ئۈستىدىكى يەكۈنلىرى بېيىپ، جۇلالىنىپ ماڭىدۇ.

يۇقىرىدا مىسال قىلىنغان بىرقانچە ئۈزۈندىلەردىن شۇنى كۆرۈشكە بولۇدۇكى، ئۇ بىرلا زاماندا، بىرلا ماكاندا، ياكى بىر مىللەت كىشىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە خۇلاسىلەر ئەمەس. بەلكى بىر قانچە ئەسىرلەپ، ھەتتا مىڭ يىللاپ زامان پەرقى بولىشىدا شۈبھە يوق. ئوخشاشمىغان مىللەت، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت ۋە ئوخشاشمىغان جايلارغا مەنسۇپ كىشىلەردىن خۇلاسىلەنگەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ھەم مۇمكىن ئەمەس. قىسقىسى تارىخ ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا پەيلاسوپلارنىڭ،  داڭلىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھۆكمىنى ئەندىزە قىلىۋېلىپ، شۇ ئەندىزە ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشنىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيتى يوق. تارىخ ئۈستىدە ئەركىن سۆزلەشتىن، ئەركىن پىكىر بايان قىلىشتىن ھېچكىم چەكلەنمەيدۇ.

تارىخ ئۇقۇم جەھەتتىن ئالدى بىلەن  – « ۋەقە ۋە ئەسلەتمە » دىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە ئايرىلىدۇ. ۋەقە مەيلى تەبىئەت ھادىسىسىگە ئالاقىدار يۈز بەرگەن بولسۇن، مەيلى ئىنسانلارنىڭ ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ئېلىپ بارغان ئىش- ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن بولسۇن، ئۇ ئوبيېكتىپ چىنلىقتۇر. ئەسلەتمە بولسا، باشقىلار ئارقىلىق خاتىرلىنىپ، يەنە باشقىلارغا يەتكۈزۈلىدىغان كۆچمە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، خاتىرىلىگۈچىنىڭ ۋە يەتكۈزگۈچىنىڭ سوبيېكتىپ خاھىشى بىلەن ئەبجەشلەنگەن، چىنلىق بىلەن ساختىلىقنىڭ بىرىكىپ كېتىشىدىن خالى بولالمىغان،  شۈبھىلىك ئوبيېكتىپتۇر. چۈنكى ۋەقەنىڭ چىنلىققا ئىگە ئوبيېكتىپ بولىشى، ئۇنىڭ يۈز بېرىپ بولغانلىقىدۇر. يۈز بېرىپ بولغان ئوبيېكتىپنى ئۆزگەرتىپ قايتىلاش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ۋەقە توغرىسىدىكى ئەسلەتمە جەزمەن ۋەقەدىن كېيىن خاتىرلىنىدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ھامان بىرەر مۇددىئا، مەقسەتنى قوشۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى يوق ئەمەس. شۇڭا تارىخ ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئالىملار ئارخېئولوگىيىلىك ئىزلارنى، ئەڭ ئىشەنچىلىك ماددى ئىسپات ئورنىدا قوبۇل قىلىدۇ. تۈرلۈك  مەڭگۈتاشلىرىغا ئوخشاش تاش، مېتال، ياغاچ، ساپال قاتارلىق ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك خاتىرىلەر، يېزىلغاندىن كېيىنكى زامانلاردا ئىسپات تەرىقىسىدە قوبۇل قىلىنسىمۇ، لېكىن يېزىلىشتىن ئاۋۋالقى ۋەقە ياكى ھەرىكەت ئۈستىدە، يازدۇرغانلارنىڭ ئىرادىسى، سوبيېكتىپ خاھىشى سىڭدۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخ تەتقىقاتىدا قوللىنىدىغان ئەڭ مۇكەممەل ماددى ئىسپات، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئوبيېكتىپ پاكىت – سۆزسىز، تاۋۇشسىز، خەتسىز قالدۇرۇلغان يادىكارلىقلاردۇر. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى ۋەيران قىلىدىغانلار، شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان ئاسارە- ئەتىقە، مەدەنى يادىكارلىقلارنى ئوغۇرلاپ كېتىدۇ، ياكى بۇزۇپ يوق قىلىۋېتىدۇ. ئوبيېكتىپ ئىسپاتنى يوقۇتۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ساختا، توقۇلما خاتىرىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇلارنى قايمۇقتۇرىدۇ. بۇ دەل: « تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ » – دېگەن ھۆكۈمدە ئىپادىسىنى تېپىشى مۇمكىن.

يۇقىرىدىكى مەزمۇننى شەرھىلىگەن ئاساستا،  ئىنسانلار گۇرۇپپىنى ۋە   مىللەت، دۆلەت ئاھالىسىنى تارىخقا زىچ باغلىق شەكىلدە: « تارىخى ئۈلگە يارىتىدىغانلار، تارىخ بىلەن بىرگە ياشايدىغانلار ۋە تارىختىن ئايرىلىپ ياشايدىغانلار » – دېگەندەك، ئۈچ تۈركۈمگە ئايرىپ، ئۆز پىكرىمنى بايان قىلماقچىمەن.

1 .  تارىخى ئۈلگە يارىتىدىغانلار.

« تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ ». تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايانلىرىدا ئۇچراپ تۇرىدىغان : « ئىنسانىيەت تارىخ باسقۇچىغا كىرگەندىن بۇيان » – دېگەندەك بىر جۈملە بار. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدىكى، ئىنسانىيەت يارىتىلىپ، تارىخ باسقۇچىغا كەلگىچە ئارىلىقتا بىر  بوشلۇق بولغان. چۈنكى تارىخ دېمەك- ئالدىنقىلار كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىز قالدۇرماق دېمەكتۇر. ئۇ ئىز ساغلام قۇرۇلغان شەھەر قەلئەسى بولىشى مۇمكىن. ساغلام ياسالغان كۆۋرۈك، يول بولىشى مۇمكىن. گۈزەل يادىكارلىقلار بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك كېيىنكىلەرنىڭ  خاتىرجەم، ئىناق ياشىشى ئۈچۈن تۈزۈپ قالدۇرغان ئەخلاق مىزانى، جەمئىيەت تۈزۈمى بولىشى مۇمكىن.   قايسى شەكىلدە بولسا بولسۇنكى، كېيىن كېلىدىغانلار ئۈچۈن بىرەر پايدىلىق مىراس قالدۇرۇش مەقسىتىدە بەرپا قىلىنغان نەرسىلەر، ئەلۋەتتە تارىخ- دەپ ئاتالغاچقا، ئۇنىڭدەك بىر مەقسەتتە ياشىغىدەك دەۋرىگىچە ئۆتكەن ئىنسانىيەت ھاياتى « تارىخ باسقۇچىغا كىرىشتىن بۇرۇن » – دەپ، قوبۇل قىلىنغان.

ئەمدى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ باسقۇچىغا كىرىشى، نوقۇل ھالدا يازما تارىخى خاتىرە قالدۇرۇش دەۋرىنىلا كۆرسەتمەيدۇ. يەنى يېزىق ئىجاد قىلىنىشتىن ئاۋۋالقى قانچە ئون مىڭ يىللىق ئىزلارمۇ، ئەلۋەتتە تارىخنىڭ سىرىتىدا قالمايدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئىنسانىيەت ھايات دەۋرىنى « تارىخقا كىرىشتىن ئاۋۋالقى ئىپتىدائى دەۋرى، يازما تارىخقا كىرىشتىن بۇرۇنقى ( يىرىك يادىكارلىق) تارىخى  دەۋرى ۋە يازما تارىخقا كىرگەن دەۋرى » – دىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا ئايرىپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسان شۇناسلىق كۆزنىكىدىن قارىغاندىمۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى دەۋرىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى باسقۇچى، كۈندىلىك ھايات كەچۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى قانداق ساقلاپ قېلىش دەۋرى بولۇپ، ئاساسەن تەبىئەت بىلەن قويۇق ھەپىلىشىدىغان، ئۆزىدىن كۈچلۈك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك خېيىم- خەتەرلەردىن ئامان – ئېسەن كۈننى تۈنگە، تۈننى كۈنگە ئۇلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئىنتايىن ئاددى، تارقاق ھەم يەككە ياشاش دەۋرىنى ئۇزۇن مۇددەت بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى بايقىلىدۇ. ئاڭ، چۈشەنچىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇقداشلىق توپلىشىپ ياشايدىغان، يېقىن تۇققانلار ئۆم بولۇپ، يات ئۇرۇقلارغا قارىتا يەكلەش، ئۇرۇقداشلار ئىچىدىكى كۈچلۈكلىرى ئاجىزلارنى قوغدايدىغان، كۈچلۈكلەر تاپقانلىرىدىن ئاجىزلارنىمۇ تەڭ بەھرىمان قىلىدىغان ھېسداشلىق شەكىللەندى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، تەبىئى ھالدا ئاجىز، كۈچسىزلار كۈچلۈكلەرگە بويسۇنۇپ، ئىتائەت قىلىدىغان قائىدە بارلىققا كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنسانلار توپلىمى  ئىپتىدائى يەككە ھەرىكەت قىلىش ۋە يەككە ياشاش دەۋرىگە خاتىمە بېرىپ، مەھەللە شەكىللەندۈرۈشكە، يۇرت شەكىللەندۈرۈشكە، قەبىلە بولۇپ ئۇيۇشۇشقا تەرەققى قىلدى. قەبىلىلەر بىرىكىپ مىللەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

 

ئىنسانلار ئۇرۇقداشلىققا توپلىنىشتىن باشلاپ، مىللەتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچە بولغان قانچە ئون مىڭلىغان يىللارنى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا، تۈرلۈك مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي سىستېمىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئەقىل يەتمىگۈدەك چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرگە شاھىت بولغانلىقى بىر تەرەپتە قېلىپ، مەڭگۈ ئۆزگەرمىگەن بىرلا نەرسە باركى، ئۇ بولسىمۇ كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى ئىدارە قىلىش، ياكى يوقىتىش ۋە ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت تەبىئىيلىشىپ كەتكەن بىر قانۇنىيەتتۇر.

ئىنسانلار يەككىلىشىپ، ياتلىشىپ ياشايدىغان ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي باسقۇچلاردا، جىسمانى جەھەتتىن قابىل، كۈچلۈكلىرى ھاياتتىن نەسىۋىسى بولاتتى ۋە ئۇزۇن ياشاشقا پۇرسەتلىك ئىدى. ئاجىز، كۈچسىزلىرى بولسا ياشاشتىن نەسىۋىسى يوق ئىدى. كېيىنچە ئۇرۇقداشلىق، تۇغقانچىلىق تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، كۈچلۈكلەر ئاجىز تۇققانلىرىنى قوغداپ، ھىمايە قىلىپ، ئورتاق ھاياتتىن تەڭ بەھرىمان قىلىش باسقۇچىغا كىرگەندىن باشلاپ، ئاجىزلارمۇ ئۆزىگە تېگىشلىك ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بىراق ئۆزىنى قوغداۋاتقان، تەمىنات بېرىۋاتقان، ياشىتىۋاتقان كۈچلۈكلەرگە ئىتائەت قىلىشى شەرت ئىدى. دېمەك، مۇشۇنداق بىر قائىدە شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا « تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ » دېگەن ھۆكۈمنى تېخىمۇ كەسكىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

كۈچلۈكلەر – دېگەندە، ئەلۋەتتە ئەقىللىقلار- دېگەن سۈپەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمكى زامانلاردىكى كلاسسىك ئۇقۇم بويىچە : كۈچلۈكلەر – بەستىلىك، چەبدەس، قاۋۇل، كۈچتۈڭگۈر، جىسمانى جەھەتتىكى كۈچلۈك – ئوبراز تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ. ئەقىللىقلار- دېگەندە، تەرەققىيات دەۋرىدىكى، دۇنيانى پىرقىرىتىپ ئوينىتىۋاتقان كۈچلۈكلەر تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ. يەنى ماددى ۋە ئەقلى جەھەتتىن كۈچلۈك بولغانلار شەرتسىز ئۇنداق ئىمكانىيەتتىن مەھرۇم بولغانلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە باشقۇرىدۇ. نەتىجىدە  كۈچلۈك، ئەقىللىق كىشىلەر ئاجىز، ئەقلى چولتا كىشىلەرنى ھىمايە قىلىدۇ ھەم ئۇلاردىن قىممەت يارىتىدۇ. ياكى ئۇلارنى يىمىرىپ، يوقىتىپ، ئۆزلىرى تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ.

كۈنىمىزدىكى ئىلىم- پەن، تەتقىقات، كەشپىياتلار ئەڭ ۋايىغا يېتىپ، سىرلار يېشىلىۋاتقان دەۋرىدىمۇ، يەنىلا سىرى ئېچىلماي كېلىۋاتقان، مىسىردىكى پىرامىدا قۇرۇلۇشى دەل « تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ » – دېگەن ھۆكۈمنى دەلىل، پاكىتى بىلەن ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. پىرامىدا قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن تاشلارنى يۆتكىگەن قاتناش ۋاستىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئارخىتېك پىلانى قانداقتۇر تاشقى پلانتلاردىن كەلگەنلەرنىڭ ئىزى بولماستىن، بەلكى شۇ زاماندا ياشىغان بىزدەكلا جىسمانى قۇرۇلمىغا ئىگە ئىنسانلارنىڭ ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدۇر. ئەمما ھەر بىرى ئوتتۇز توننا ئېغىرلىقتىكى، مىليون دانە كۆمەل تاشلارنى، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى تاغلاردىن قومۇرۇپ، 8 يۈز كىلومېتىردىن ئۇزۇن يولنى بېسىپ، قاھىرە شەھىرىگە ئېلىپ كېلىشى، ھەم شۇ قەدەر ئېگىز پىرامىدا بىناسىنى قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا، ئۇ تاشلارنى قايسى كۈچ بىلەن ئۈستى – ئۈستىلەپ تىزىپ چىققانلىقى، ئەقىلنى مەست قىلىدىغان سىرلىق ھادىسىدۇر. ئۇنىڭدا قايسى شەكىلدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنى قوللانمىسۇن، قانداق شەكىلدىكى پىشاڭ ۋاسىتىسىنى ئىشلەتمىسۇن، بەرى بىر ئۇ قۇرۇلۇش ئىنسانلار ئىشلەپ چىقارغان تارىخى مەھسۇلاتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ ئارقىسىدا كۈچلۈكلەرنىڭ، ئەقىللىقلارنىڭ پەرمانى، كاللا كېسەر قىلىچى ياتماقتا.

ئىنسانلار ئۆز- ئارا توپلىشىپ، ئۆز- ئارا پەرقلىنىپ ياشىغان تۇنجا ئىپتىدائى دەۋرىدىن ھالقىپ، ئۇرۇقداشلىقتىن قەبىلىگە، يۇرت قۇرۇشتىن دۆلەت شەكىللەندۈرۈشكە قەدەم باسقان، تولىمۇ قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپلا، ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئەقىللىق ۋە كۈچلۈكلەر، مۇتلەق كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئەقلى چولتا ۋە ئاجىزلارنى ئۆز ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇپ كەلگەن. كۈنىمىزدىمۇ ئۇنىڭ شەكلى ئوخشىمىغان بىلەن، ماھىيىتىدە ھېچقاندا ئۆزگۈرۈش بولغىنى يوق.

ئەينى ۋاقىتتا ئاز ساندىكى كۈچلۈكلەر ھەتتا ئۆزلىرىنى خۇدا- دەپ تىكلەپ بەرسىمۇ، كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان ئەقىلسىز ۋە ئاجىزلار ئىنكار قىلماستىن قوبۇل قىلاتتى. ھازىرقى ھەر تۈرلۈك سىستېمىدىكى دۆلەت ئىدارىچىلىرى، ھۆكۈمرانلار، مۈلۈك ئىگىلىرى ھەممىسىلا ئەقىللىق ھەم كۈچلۈك ئىنسانلار بولۇپ، ئۇلار سان جەھەتتە ئۆزلىرىدىن يۈز مىڭ ھەسسە كۆپ ئىنسانلارنى مالاينىڭ ئورنىدا باشقۇرىدۇ، ئىشلىتىپ پايدىلىنىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا كۈچلۈكلەر تارىخى ئۈلگە يارىتىدىغان كىشىلەردۇر. كۈچلۈكلەر ئۈچۈن تارىخ- ئۆتكەن زامان ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندۇر. چۈنكى  تارىخى ئۈلگە يارىتىدىغانلار ھەر ۋاقىت باشقىلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈستىدە پىلان تەييارلايدۇ. ئۇلار ئون يىللىق، ئەللىك يىللىق، يۈز يىللىق كەلگۈسىنى ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلىپ، شۇنىڭغا كۆرە ھازىرلىق قىلىدۇ. كۈچلۈكلەر ئون يىللىق پىلان تۈزۈپ ئىجىرائاتقا قويسا، ئون يىللىق تارىخنى ئالدىن ئالا يېزىپ بولغان بولىدۇ. ئەقىلسىزلار، ئاجىزلار ۋە شۇنداقلا كۆپ سانلىق ئاۋاملار ئون يىللىق پىلاننى ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەندە، ئارقىدا قالغان ئۆتمۈشتىكى كالىندارنىڭ ۋاراقلىرىنى ئېچىپ، ئۇنى تارىخنىڭ بېتى- دەپ، ئاتايدۇ. بۇ چاغدا كۈچلۈكلەر يەنە باشقا بىر  ئون يىللىق كەلگۈسى ئۈچۈن  تارىخنى ئىشلەپ تەييارلاپ قويغان بولىدۇ.

دېمەك، تارىخ كۈچلۈكلەر ئۈچۈن كەلگۈسى، ئاجىزلار ئۈچۈن ئۆتمۈشتۇر. كۈچلۈكلەر تارىخنى پىلانلىغۇچىلاردۇر. ئاجىزلار تارىخ پاراۋوزىغا چېتىپ قويۇلغان سۆرەتمە ۋاگونلاردۇر. بۇ ئىنسانىيەت ئوبيېكتىپ تارىخقا كىرىشتىن خېلە زامانلار ئىلگىرىدىن باشلاپ تەبىئىيلىشىپ كەتكەن قانۇنىيەتتۇر.

 

  1. تارخ بىلەن بىرگە ياشايدىغانلار.

« تارىخ- ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈندۇر»

ئىنسانلار ياشاپ ئۆتكەن ۋە ياشاۋاتقان ھەربىر دەۋر تارىخنىڭ ئۆزى دېمەكتۇر. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر- دېگەندەك، ئىنسانلار توپلىمى، مىللەت ۋە دۆلەت ئاھالىسى ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتسا، تارىخى شۇنداق يېزىلىدۇ. دۇنيادا باشقىلارغا تارىخى ئۈلگە يارىتىپ بېرىدىغان، باشقىلارنىڭ تارىخىنى بەلگىلەيدىغان نۇرغۇنلىغان كۈچلۈكلەرنىڭ بولغىنىدەك، ئۆز تارىخىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان، ئۆزىدىن كۈچلۈكلەر بىلەن مادارا قىلىپ، ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان يەنە نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر، خەلقلەرمۇ بار. ئۆز تارىخنى ئۆزلىرى بەلگىلىيەلەيدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن كەلگۈسى ئارىسىدا بەك چوڭ پەرق بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەگەر پەرق، ئۆزگۈرۈش، بۇرۇلۇش بولغاندىمۇ يۈكسىلىش، تېخىمۇ راۋاجلىنىش تەرىپىدە پەرق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەرگىزمۇ چېكىنىپ، يىمىرىلىپ ۋەيران بولۇپ كەتمەيدۇ ھەم باشقىلارنىڭ ئىدارىسى ئاستىغا چۈشۈپ قالمايدۇ. شۇنىڭدەك مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ غېمىدە دەرتلىنىپ، ھەسرەت چېكىپ يۈرمەيدۇ. كۈنىمىزدە « تەرەققى تاپقان سەككىز دۆلەتلەر ئىتتىپاقى» دېگەن بىر كۈچلۈكلەر گۇرۇھى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا باشقىلارغا تارىخى ئۈلگە يارىتىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىسىمۇ، ئۆزلىرىدىن كۈچلۈكلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ، بىر ئۆلۈش نېسىۋىسىنى ئېلىشتا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئۆز تارىخى بىلەن ياشايدىغان مىللەت ۋە دۆلەت ئاھالىسىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنى ۋە بۈگۈنى بىلەن كەلگۈسى بىر سىزىق ئۈستىدە تۇتۇشۇپ تۇرغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تارىخى ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۆتمۈش يۈز يىل، بەش يۈز يىل – دەپ ھاڭۋىقىپ قالغىدەك يىراق نەرسە ئەمەس. ئۇلار بۈگۈنمۇ ئۆتمۈشىدە ياشاۋاتقاندەك، بۈگۈنىدە تۇرۇپ كەلگۈسىدە ياشاۋاتقاندەك، پەرق شۇنچىلىك كىچىك. يىغىپ ئېيتقاندا ئۆز تارىخى ئۆز قولىدا بولغانلار، تارىخى دۈمبىسىگە يېزىلىدىغانلاردىن چوڭ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆتمۈشىنى « ئەسلەش ئۈچۈن » ئەسلىمەي، ئۆتمۈشى بىلەن كەلگۈسىنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەسلەيدىغانلاردۇر.

 

3 . تارىختىن ئايرىلىپ ياشايدىغانلار.

 

« تارىخىنى بىلمىگەن خەلق – يوقىلىشقا مەھكۇمدۇر؛ تارىخىنى ئۇنۇتقان مىللەت- ئۇنتۇلغان مىللەتتۇر»

تارىخ پەقەتلا ئۆتمۈش- دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى يەنە بىر مەنادىن:  تارىخ- ئۆز دەۋرىدىن كېيىن كېلىدىغانلار ئۈچۈن ئاسايىشلىق، بەخت تەقدىم قىلىش دېمەكتۇر. كەلگۈسىگە پايدىلىق بولمىغان، ياكى كەلگۈسىگە زىيانلىق بولىدىغان ئىش- ھەرىكەت، ۋەقە- ھادىسىلەرنىڭ تارىخ دېگۈدەك نېمە ئېتىبارى بولسۇن. شۇنىڭدەك ئۆتمۈشتىن ئۆزلىرىگە مىراس قالغان تارىخ يالدامىلىرىدىن ھېچقانداق ئۈنۈم قازىنالمىغان كىشىلەرنىڭ تارىخنى ئەسلىشى، تارىخنى بىلىپ قويغانلىقى، چىن ئوبيېكتىپ تارىخ قاراش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا تارىخنى بىلگەنلىك، تارىخىنى ئۇنتۇمىغانلىق ھېسابلانمايدۇ.

ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە نەزەر سالغاندا، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان شانلىق تارىخلار، بۈگۈنكى يىمىرىلىۋاتقان، تولۇق زاۋاللىققا پېتىۋاتقان ۋەزىيىتىدىن قارىساق، ئۇ ئەللەرنىڭ تارىخنى يادلىۋېلىشى، ھېچنەرسىگە ئەرزىمىگەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.  كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدۇكى، تارىخنى بىلىش، تارىخنى ئۇنۇتماسلىق دېگەن گەپ، تارىخى سەھىپىلەرنى تەكرارلاپ، يىلنامىلەرنى، تارىختىكى ئەجدادلارنى، ئۇلارنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى بىلىۋېلىش- دېگەنلىك بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئاۋالقىلاردىن مىراس قالغان ياخشى- يامان نەتىجىلەردىن ئۈلگە، ياكى ئىبرەت ئېلىپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دەۋرىدە نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىق كېرەك؛ كېيىنكىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نېمىلەرنى قالدۇرۇش، ئۇلارغا قانداق تەۋسىيەلەرنى قالدۇرۇش ۋە نېمىلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش لازىم- دېگەندەك، قىممەتلەرگە ئىگە بولۇش- دېمەكتۇر. تارىختىن ئايرىلىپ ياشايدىغانلار گەرچە ئۆتمۈشلىرى ئۈستىدە، ئەجدادلىرى ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭدىن نە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دەۋرى ئۈچۈن، نە كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق مەنپەئەتدار بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىلگەن تارىخى بىلىملىرى قۇرۇق ئەسلىمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار تارىخ بىلەن بىرگە ياشايدىغانلار قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ. تارىخ بىلەن بىرگە ياشىيالمايدىغانلارنى، تارىخى ئۈلگە يارىتىدىغان كۈچلۈكلەر، ئۆزلىرى خالىغانچە ئىدارە قىلىدۇ.

قەدىمكى زامانلاردا ئەقىللىقلار ۋە كۈچلۈكلەر ئەقلى چولتا ۋە ئاجىزلارنى ئاممىۋى تۈردە قۇل قىلىپ ئىشلىتەتتى. خالىسا ساتاتتى. خالىسا ئازات قىلاتتى. خالىسا ئىگىدارچىلىقى تەۋەسىدە ئەمەل تۇتقۇزۇپ، تېخىمۇ زور مەنپەئەتلىنەتتى. كۈنىمىزدە بولسا شەكىل جەھەتتە گەرچە قۇل مۇئامىلىسى قىلمىسىمۇ، لېكىن ماھىيەتتە ئەينەن قۇل ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنى ئامېرىكا، ئەڭگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىنى خىتاي ۋە ئەڭگىلىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى رۇس ۋە خىتاي، شەرقى ياۋروپا ۋە بالقان دۆلەتلىرىنى رۇسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزلىرى خالىغان بويىچە ئىدارە قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئىدارىسى ئاستىدىكى، مەزكۇر ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئاھالىسى، كەلگۈسى يېرىم ئەسىر ئىچىدە تولۇق زاۋاللىققا مەھكۇم بولۇش خەۋپىدە تۇرماقتا. ھەتتا ئۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزىسى يېقىن كەلگۈسىدە ئاچارچىلىقتا، كۈندىلىك ھايات ئۈچۈن كۈچلۈكلەرنىڭ نان بېرىشىگە بېقىنىدۇ.

ئۈچيۈز مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئەرەب قەبىلىلىرى ۋە ئەرەبلەشكەن مىللەت، قەبىلىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىمۇ، تارىختىن ئايرىلىپ ياشايدىغان خەلقنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.  2010 . يىلى 17. دېكابىر تۇنىستا، بازار باشقۇرۇش خادىمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە ئوت قويغان بىر ياش باققال بالىدىن تۇتاشقان ئوت دېڭىزى، لىۋىيە، مىسىر، يەمەن، ئالجىرىيە، ماراكەش قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ كېلىپ، سۈرىيىنى جەھەننەمگە ئايلاندۇردى. بۈگۈنكى دۇنيادا نامايىش، ئۇرۇپ- چېقىش، ئوت قويۇش قاتارلىق ئاممىۋى قىلمىشلار ئادەتتىكى نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭلىق بىلەن بىرەر دۆلەتنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشى، بىرەر دىكتاتورلۇق تۈزۈمنىڭ گۇمران بولىشى سىياسى تەسەۋۋۇردىن يىراق ئىدى. لېكىن ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقا رايونلىرىدىكى رېئاللىق، سىياسى تەسەۋۋۇردىن باشقىچە بولۇپ چىقتى. بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغىنىم شۇكى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ۋە ئەرەبلەشكەن بەزى بەربەر دۆلەتلىرىنىڭ، نامايىش چاغلىق بىر ئاممىۋى خەلق ھەرىكىتىنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا يىقىلىپ چۈشىشى شۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى، ئۇلارنىڭ تارىخىنى كۈچلۈكلەر ئۇلارنىڭ دۈمبىسىگە يازدى. چۈنكى ئۇلار  تارىخ بىلەن ياشىيالمىغاچقا، كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخ يارىتىشنى بىلمىدى. ئەجدادلىرى ياراتقان تارىخ بىلەن بۈگۈنكى ئەرەب خەلقنىڭ ئارىسىدا چوڭ بىر بوشلۇق شەكىللەنگەن بولغاچقا، ئاشۇ بوشلۇقتا كۈچلۈكلەر ئەرەبلەرنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا پىلان تۈزۈپ، كەلگۈسى ئەرەب ئەللىرىنىڭ تارىخىنى بۈگۈنكى ئىجراچىلارنىڭ دۈمبىسىگە يازدى.

مەن بۇ يەردە ئەرەب ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنى تەنقىد قىلىۋاتقىنىم يوق. پەقەت تارىخ بىلەن ياشىمايدىغانلار توغرىسىدا جانلىق مىسال كەلتۈردۈم. يەنى تارىخى خاتىرىلەرنى، ئۆتكەن – كەچكەنلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئەسلەشنىڭ ئۆزىلا تارىخ  بىلەن ياشىغانلىق بولمايدۇ؛ .تارىخى خاتىرىلەرنى يادىلاپ، ئەسلەپ تۇرغانلىق تارىخنى ئۇنتۇمىغانلىق ھېسابلانمايدۇ- دېگەن پىكرىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۈگۈنكى ئەرەب، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئەمەلى ۋەزىيەتلىرىدىن مىسال كەلتۈردۈم. چۈنكى تارىخنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىش بارىسىدا، دۇنيا بويىچە ئەرەب قەبىلىلىرىگە يېتىدىغان باشقا بىر خەلق بولمىسا كېرەك. ئەرەبلەر ئىسلامغا كىرىشتىن ئاۋۋالقى يېزىقى يوق، ئوقۇشنى، يېزىشنى بىلمەيدىغان ساۋاتسىز دەۋرلىرىدىمۇ، ئوتتۇز بەشىنچى ئەجدادلىرىغىچە نەسەبلىرىنى، نام- ئاتاقلىرىنى ياد بىلىدىغان، قەھرىمانلىق ئىش- ئىزلىرىنى ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان زېرەك قوۋم ئىدى. ئۇلار ئىسلامغا كىرىش بىلەن دۇنيادا، ئىنسانىيەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن تارىخنى بەربا قىلدى. ئۇلارنىڭ تارىخى ئىسلام تارىخى بىلەن، ھۆكۈمرانلىق تارىخ بىلەن، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىقتىساد، سىياسەت، پەن- تەتقىقات، تىبابەت، مىمارچىلىق تارىخلىرى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ، ئىچ – ئىچىگە سىڭىشىپ كەتتى. ئەرەب خەلقىنىڭ ئۆز تارىخىنى بىلىپ تۇرىشىغا، ئىسلام بىلىملىرى بىپايان زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى.

ئەرەبلەرنىڭ مىللى تارىخىنى، ئەرەبلەرنىڭ ئۆزىلا مۇكەممەل بىلىشى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ مىللى تارىخىدىن پۇختا بىلىش زۆرۈرىيىتىدە ئىدى. شۇنداق بولغان ئىكەن،  ئەرەبلەر ئۆز تارىخ سەھىپىلىرىنى پۈتۈن دۇنيادا مىسلى يوق دەرىجىدە، ئاممىۋى تۈردە ئۆگىنىدىغان، يادلايدىغان، بىلىدىغان بىر خەلق. لېكىن ئۇلار بۈگۈنكى تارىخ ئەمەلىيەتلىرىدىن يىراق، بۈگۈنكى تارىختىن ئايرىلىپ، تارىخسىز ياشاۋاتقان، تارىخسىز كۈرەش قىلىۋاتقان، شۇنداقلا تارىخسىز ئۆلۈۋاتقان بىر  ئىنسانلار توپى ھالىغا كەلدى. ئۇلار ئەجدادلىرىنىڭ سەلتەنەت تارىخىنى، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوتقان بىباھا تۆھپىلىرىنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە بىلسىمۇ، ھازىرقى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن، كېيىنكىلەر ئۈچۈن مەنپەئەتسىز بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئۆزلىرىنى بىخۇتلاشتۇرۇشتىن باشقا نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەرەب، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقا خەلقىنىڭ قاچاندىن باشلاپ تارىختىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقانلىقى ئايرىم بىر خۇسۇس. لېكىن ھازىرقى ئەمەلىيەتلىرى كەلگۈسى ئۈچۈن زاۋاللىقنىڭ بىشارىتىدۇر.

بىز ئۆز ئەھۋالىمىزغا كەلسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ « تارىخى ئۈلگە يارىتىدىغانلار» – دېگەن كاتېگورىيىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاقتى، ئاساسەن 17. ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. مۇناپىق، دۆيۈز، مەنسەپ ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى بىكارغا ساتىدىغان، مەلئۇن ئاپپاق غوجىنىڭ، سەئىدىيە دۆلىتىنى ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا سۆرەپ كىرگەن ۋاقتى شانلىق، غالىب، ئۈلگە ياراتقۇچى بىر مىللەتنىڭ زاۋاللىقا يۈزلەنگەن ۋاقتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئەڭ قىسقارتىپ ھېسابلىغاندىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۈلگە يارىتىش قەدەملىرى، مىلادىدىن ئاۋۋالقى 4 . ئەسىردىن باشلىنىدۇ. تارىخنىڭ ۋە  تەبىئەتنىڭ ھەر تۈرلۈك سىناقلىرىدىن غالىب قەدەم بىلەن ئۆتۈپ، ئىككى مىڭ يىلدىن ئۇزۇن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ، ئىنسانىيەتكە ۋە ئۆز قوۋمىگە بەخت يولى ئېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار، بارا- بارا ئەجدادلىرى ياراتقان تارىخى ئۈلگىلەرگە ۋارىسلىق قىلىشتىن چېكىنىشكە يۈزلەندى. كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخى ئۈلگە يارىتىش رولىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلۇق ماھىيىتى خىرەلەشتى. ھەتتا ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ، قوشنىلاردىن ئۆرنەك ئىزدەيدىغان پاسسىپ دەۋرىگە كىردى. دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئىرانچە سىياسى تۈزۈمدىن ئۈلگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى، ئاتالمىش « ئاياتۇللاھ » روھانى يېتەكچىگە بويسۇنىدىغان يېڭى قائىدە يولغا قويۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلەت ئۇلىدىن تەۋرىنىپ،  يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن ئىدى. دۆلەتنىڭ يۇقىرى مەنسەپدارلىرىدىن –  يەرلىك ئەمەلدارلارغىچە، قوماندانلاردىن –  ئەسكەرلەرگىچە، مائارىپتىن – ھۈنەر سەنئەت، دېھقان، سودىگەرلەرگىچە، پۈتۈن بىر دۆلەت خەلقى ئەھلى تەرىقەت يولىغا كىرىپ كەتتى. ھۆكۈمرانلىق تەختىدە پادىشاھ بىلەن « ئاياتۇللاھ » – ئىشان پىرى تەڭ دەرىجىدە ئولتۇرىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ ھاكىمىيەت سۇپى- ئىشانلارنىڭ تەڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشانلار سۈنئى بۆلۈنۈپ: « ئاق تەقىيەلىكلەر، قارا تەقىيەلىكلەر »( ئاق دوپپىلىقلار، قارا دوپپىلىقلار) دەپ، ئىككى چوڭ پىرقىنى شەكىللەندۈردى. نەتىجىدە ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت، سىياسەت، مەدەنىيەت ئۈلگىسى يارىتىپ كەلگەن بىر ئۇلۇغ مىللەت، تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى. سەئىدىيە سۇلالىسىنىڭ شانلىق سەلتەنىتى، ئاپپاق غوجىنىڭ قولى بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى سەكسەن يىللىق ئىچكى ئۇرۇش، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ، بەلكى بىر دۆلەت خەلقىنىڭ ماھىيىتىنى، سۈپىتىنى تولۇق ئۆزگەرتىۋەتتى. مەۋجۇتلۇق تارىخىدا قۇللۇق، قۇلدارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ باقمىغان ئېسىل، ئاق سۈڭەك بىر مىللەت، ئاممىۋى تۈردە قۇللۇق تۈزۈمىگە كىردى. نەۋەر قىز- يىگىتلەر قۇل بازىرىدا سېتىلىپ، قوشنا ئەللەردىن ھالقىپ، يىراق ياۋروپاغىچە ئېلىپ كېتىلدى. مىللەت ئۆزىدىن زېرىكتى؛ ئۆزىدىن چاندى؛ نە مىللەت سۆيگۈسى، نە ۋەتەن، دۆلەت سۆيگۈسى قالمىدى. ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئۇنۇتتى. ھەتتا ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان موغۇللار- دەپ قوبۇل قىلىشتى. تۇپراقلىرىنىڭ نامىنى موغۇلىستان – دەپ ئاتاشقا كۆندى. ئەنە شۇنداق بىر ئېغىر كۈنلەردە، يەنى 1759. يىلىغا كەلگەندە، يات ئەل- دەپ ئاتىلىدىغان مانجۇرلار قارا قولىنى سوزۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئىشغال قىلدى. ئۇلىدىن يىقىلغان بىر دۆلەتنى ئاغدۇرۇش، ئەقلىدىن ئايرىلغان، ئۆز كىملىكىدىن تانغان بىر قوۋمنى ئىدارە قىلىش ئارتۇق كۈچ تەلەپ قىلمايتتى. ئۇلىدىن چۆككەن بۇ مىللەت ئىپتىدائى ئىنسانلار توپىغا ئايلىنىپ، بىچارە، تەييار تاپ، قالاق- قاششاق، قىتىغۇر، پەسكەش، يۇندىخور، نومۇسسىز ھالغا چۈشتى. شۇنداق بولسىمۇ مىللەتنىڭ جەۋھىرىدە ساقلىنىدىغان باش ئەگمەس روھ، دەۋرىمۇ دەۋرى قەھرىمانلار ئوبرازىدا مەيدانغا كېلىپ تۇردى. ئىسمى ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن ساناقسىز قەھرىمانلار مىللەتنى، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىنى قوزغىدى. بەزىدە غەلىبە قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ مەلۇم پارچىسىدا ھاكىمىيەت قۇردى. بەزىدە مەغلۇب بولۇپ، قەھرىمانلىق خاتىرىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى.

ئەگەر سەئىدىيە سۇلالىسىنىڭ يىقىلىشىنى « ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۈلگە يارىتىش كۈچىدىن ئايرىلغان ۋاقتى» – دەپ قارىساق، دەل بۇ ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ « تارىختىن ئايرىلىپ ياشايدىغانلار » كاتېگورىيىسىگە قېتىلغان ۋاقتىدۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلار تۆت ئەسىردىن بۇيان ئىچكى، ياكى تاشقى دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش بىلەن ھەپىلىشىپ كەلمەكتە. كەلگۈسى ئۈچۈن بىرەر تارىخى ئۈلگە يارىتىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دەۋرى بىلەنمۇ تۈزۈك تونۇشۇپ بولالماي، كۈچلۈكلەر نېمىنى پىلان قىلسا، شۇنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا: تارىخنى كۈچلۈكلەر، ئەقىللىقلار يازىدۇ. ئاجىزلار، نادانلار ئوقۇيدۇ. تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا « تارىخ – كۈچلۈك ۋە ئەقىللىقلار تەرىپىدىن كەلگۈسىگە قارىتا تۈزۈلۈپ،  ئاجىزلار، ئەقلى چولتىلار ئىجرا قىلىدىغان پىلاندىن ئىبارەتتۇر». تارىخ كۈچلۈكلەر، ئەقىللىقلار ئۈچۈن كەلگۈسىدۇر. پۇرسەتنى تونۇپ، تەدبىر قوللىنالايدىغانلار ئۈچۈن ياشاۋاتقان زاماننىڭ ئۆزىدۇر. ئەمما ھەممىدىن مەھرۇم قالغان، ئەقىلسىز، ئاجىزلار ئۈچۈن يىراق ئۆتمۈشتۇر.

11.05.2018

ئابدۇرەھىمجان