ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى تەڭگىسى توغرىسىدا

4917684122373-1427445262

جۇمھۇرىيەت تەڭگىسى توغرىسىدا
مەزكۇرجۇمھۇرىيەت تەڭگىسىنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى خەت ۋە رەقەملەر ئۈستىدە ، قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
تەڭگىنىڭ ئوتتۇرا مەركىزى قىسمىدىكى، ئىككى تەرەپتىن يۇمۇلاق ئايلىنىپ، يۇقىرى تۇتىشىدىغان نۇقتىسىدا ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەكىل – دۆلەت گىربىدۇر. گىربنىڭ ئىچكى قىسمىدا شۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان : « ملتى اسلامىيە » ( يەشمىسى : مىللەتى ئىسلامىييەھ ) ئىسلام مىللەتى، دېگەن خەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئەرەپچە رەقەم بىلەن يېزىلغان، ھىجىرىيە يىلنامى. سىرىتقى يېرىم چەمبەردىكى خەت « اويغۇرىيستان جمھۇرىيىتى ضرب كاشغر اون داچن » ( يەشمىسى : ئۇيغۇرستان جۇمھۇرىيىتى زەربۇ كاشغەر ئون داچەن ) ئۇيغۇرستان جۇمھۇرىيىتى قەشقەردە قۇيۇلغان ئون تەڭگە- دېگەن خەت يېزىلغان. ئەرەپچىدىكى زەرب ( دارب ) سۆزى مېتالنى ئېرىتىپ قۇيماق- دېگەن مەناغىمۇ ئىگە بولۇپ، بۇ يەردە ، دەل شۇ مەناسى مەقسەت قىلىنغان. يەنى ئۇيغۇرستان جۇمھىرىيىتى قەشقەر شەھرىدە قۇيۇلغان ئون تەڭگە – دېگەن بولىدۇ.
بۇ يەردە تەپسىلىرەك توختىلىشقا توغرا كېلىدىغان مەسىلە شۇكى، يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن يىلنامە بويىچە ئېيتقاندا، بۇ تەڭگە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش دەۋرىدىن ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر يىلچە ئاۋال قۇيۇلغانلىقىدۇر. مەزكۇر ئەرەپچە رەقەم بىلەن يېزىلغان « ٢ ٥ ٣ ١» بۇ ھىجىرىيە يىلنامىسىنىڭ يەشمىسى : 1352 – يىلى بولۇپ، بۇ يىل ھىجىرىيە 1436 – يىلىدۇر. جۇمھۇرىيەت بۇنىڭدىن 82 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان. شۇنداق بولغاندا ھىجىرىيە يىلنامى بويىچە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى 1354 – يىلىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن تەڭگىدىكى يىلنامىدا بولسا 1352 – يىلى خاتىرلەنگەن. بۇ يەردە تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك ئىھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇش مۇمكىن.
1 – مەزكۇر جۇمھۇرىيەت تەڭگىسى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشتىن ئىككى يىلچە ئىلگىرى قۇيۇلۇپ تەييارلانغان بولىشى مۇمكىن. چۈنكى شۇ دەۋرىدىكى سىياسى، ئىنقىلاۋى رەھبەرلەرنىڭ ۋە ئومۇمى خەلقنىڭ شۇنداق بىر مۇستەقىل، ئۇيغۇرستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىشەنچىسى كامىل بولۇپ، دۆلەت قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى لازىملىق بولىدىغان، ئەڭ مۇھىم نەرسە پۇل بولغاچقا، ئالدىن تەييارلاپ، لايھەلەپ، ھەتتا قۇيۇپ پۈتتۈرگەن بولىشى تامامەن مۇمكىن.
2 – ھىجىرىيە يىلى مىلادىيە يىلىغا قارىغاندا يىلدا بىر قانچە كۈن قىسقا بولۇپ، مىلادىيە ھېساۋىدىكى 82 يىل، ھىجىرىيە ھېساۋىدا 84 يىلغا توغرا كېلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا جۇمھۇرىيەت، ھىجىرىيە 1352 – يىلى قۇرۇلغان ۋە جۇمھۇرىيەت تەڭگىسىمۇ دەل ۋاقتىدا قۇيۇلغان بولىشى مۇمكىن. قولىمىزدا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنىڭ ھىجىرىيە يىلنامى بىلەن يېزىلغان ( مۇشۇ تەڭگىدىن باشقا) ئەسلىدىكى تارىخى ماتېريال بولمىغاچقا يۇقىرقىدەك ئىھتىماللىق بايان قىلىندى. لېكىن ئىككىنچى ئىھتىماللىقنىڭ تارىخى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئىنتېرنېت يىلنام جەدۋېلى سېلىشتۇرۇش پىروگراممىسى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا:
……………………………………………………………………………………………………………………
الأحد 23 رجب » 1352 ـ نتيجة التحويل : هـ 12 / 11 / 1933 « التاريخ المدخل :
……………………………………………………………………………………………………………………

http://www.islamicfinder.org/Hcal/index.php?lang=arabic

http://www.islamicfinder.org/Hcal/index.php

يەنى مۇشۇ سېلىشتۇرۇش پىروگراممىسىدا مىلادىيە 1933 – يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، ھىجىرىيە 1352 – يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 23 – كۈنى يەكشەنبە بولۇپ ئىپادىلەندى. شۇ بويىچە ھېساپلىساق، جۇمھۇرىيەت ھىجىرىيە 1352 – يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 23 – كۈنى يەكشەنبە قۇرۇلغان بولىدىكەن. ئەگەر مۇشۇ تېخنىكىلىق ئىپادىلەش توغرا بولۇپ قوبۇل قىلىنسا، جۇمھۇرىيەت تەڭگىسى دەل جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغان مەزگىلدە قۇيۇلغان بولۇپ چىقىدۇ. بۇ بىر تارىخى تەتقىقات مەسىلىسى بولغاچقا، يەنىلا يىنىكلىك قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەمدىكى مۇنازىرە مۇنداق شەكىلدە ئوتتۇرغا چۈشىشى تامامەن ئورۇنلۇق:
جۇمھۇرىيەتنىڭ نامى « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » -دەپ، ئاتىلىپ، قانداقلارچە ئۇنىڭ دۆلەت پۇلىدا « ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى » – دەپ يېزىلىشى كېرەك؟ سىياسەتنى، دۆلەت ئاپاراتىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتچىلىرى تۇتۇپ، پۇل ، ئىقتىسادى مۈلۈك خىزمەتلىرىنى ئۇيغۇرستان جۇمھۇرىيەتچىلىرى باشقۇرغانمۇ؟ بىر دۆلەتكە قانداق ۋەزىيەت ئاستىدا ئىككى تۈرلۈك نام قوللانغان؟
بۇ يەردە ئېنىقلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تارىخى مەسىلە شۇكى، 1933- يىلى قۇرۇلغان مەزكۇر مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنى قۇرغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا، كوممۇنىستىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىدىن قېچىپ، جان ۋە مال مۈلكىنى ساقلاپ قېلىش نىيتىدە قەشقەر تەرەپكە كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغان، بىر تۈركۈم يۈزلۈك، بىلىملىك ئەنجان، بۇخارا، تاشكەنت بايلىرى، تاتار زىيالىلىرىمۇ خېلە سالماقنى ئىگەللىگەن. شۇنىڭدەك، سابىت داموللامدەك، چەتئەلگە ( بۇخارا، سەئۇدى، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە ) چىقىپ، كونا- يېڭى تۈركىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان غوللۇق كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ ئەرەپ ، ئىسلام ئەللىرىدە ئۇيغۇر دېگەن نامدىن يىرگىنىدىغان تارىخى ئادەت تۈپەيلى، پۈتۈن ئەرەپ ئىسلام ئەللىرى تۈركىستان، ياكى بۇخارا – دەپلا ئاتاپ، ئۇيغۇرنى تىلغا ئالمايتتى. بۇ خىل ۋەزىيەتمۇ ئەلۋەتتە تەسىرىنى كۆرسەتمەي قالمايتتى. شۇنىڭدەك، ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى ئاغدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن ئويغۇنىۋاتقان تۈركچىلىك، تۇرانچىلىق تۇيغۇلىرىمۇ، مۇستەقىللىققە ئىنتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىنقىلاپچىلىرىغا ئىدىيە جەھەتتىن زور مەدەت، ئىلھام بېغىشلايتتى. شۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا قۇرۇلىۋاتقان مەزكۇر ھۆكۈمەت، غەربى تۈركىستانچىلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئەلۋەتتە « شەرقىي تۈركىستان » نامى بىلەن قۇرۇلۇشقا مەھكۇم ئىدى. بىراق، قەشقەردە ھۆكۈمەت قۇرىۋاتقانلاردا ( ئەنجان تەرەپتىن قېچىپ كەلگەن بىر قىسىم ھەربى خادىملارنىڭ قولىدىكى قورال ۋە ئاز ساندىكى ئەسكەرلەردىن باشقا ) ئالاھىدە مۇنتىزىم، دۆلەت ئارمىيەسى بولغىدەك يېتەرلىك دەرىجىدە قوراللىق قوشۇن بولمىغاچقا، ئاقسۇ تەرەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان غوجانىياز ھاجىلارنىڭ تەسىرى قەشقەردىكى قۇرۇلغۇسى ھۆكۈمەتتتىن پەۋقۇلئاددە كۇچلۈك ئىدى. غوجانىياز ھاجى تەرەپتە ساپ ئۇيغۇرچىلىق ئىددىيىسىدىن باشقا تۈركچىلىكتىن ھېچقانداق تەسىر يوق ئىدى. قەشقەر بىلەن ئاقسۇ ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇنازىرە جەريانىدا : ئۇرۇشنى ئۇيغۇر قىلىپ، قاننى ئۇيغۇر تۆكۈپ، جاننى ، مالنى ئۇيغۇر پىدا قىلىپ، تۇپراق ئۇيغۇرنىڭ تۇرۇپ، نېمىشقا بۇ يەردە ياشىمايدىغان تۈركلەر ئۈچۈن ھۆكۈمەت قۇرۇپ بەرگىدەكمىز! –دېگەن، مەنتىقىلىق، ئېتنىك مۇنازىرە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ، دۆلەتنىڭ نامى « ئۇيغۇرستان جۇمھۇرىيىتى » بولۇپ مۇقىملاشقان. شۇنىڭغا ئاساسەن دۆلەت تەڭگىسىگە « ئۇيغۇرستان جمھۇرىيىتى » دېگەن نام ئويۇلغان. بىراق جۇمھۇرىيەتنى ئوچۇق ئېلان قىلىشقا ساناقلىق كۈن قالغاندا، كامال بەگ، ئاھمېد بەگ، نەدىم بەگ ئىسىملىك ئۈچ نەپەر تۈركىيەلىك ئەپەندىلەر قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن، قېرىنداش ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلماقچى بولغان يېڭى دۆلىتىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى نامىدىن تەبىرىكلەشكە كەلگەنلىكلىرىنى بايان قىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۆتىبەر ئەپەندىلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ : ئەگەر سىلەر دۆلىتىڭلارنىڭ نامىنى « ئۇيغۇرستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتىساڭلار، سىلەر يېتىم قالىسىلەر. سىلەرنى ھېچكىم تونىمايدۇ. شۇڭا « تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » دەپ ئاتىساڭلار، تۈركىيە باشچىلىقىدا پۈتۈن تۈرك دۇنياسى قوللايدۇ. سوۋېتنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى قېرىنداشلىرىڭلار قوللايدۇ. پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى قوللايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تاشقى دۇنيا قوللىمىسا، دۆلەت قۇرساڭلارمۇ بىكار. ئاغدۇرۇلۇپ كېتىسىلەر. بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا تۇرۇپ، سىياسى مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىمىزنى ئۆتەيمىز.
مانا شۇنداق ئالەمشۇمۇل تەكلىپ، ئەسلىدىكى خېمىرتۇرۇچىغا قوشۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت « شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » نامىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ھەم ئاقسۇدىكى غوجانىيازلارنىڭ كېلىشىنىمۇ كۈتمەستىن، ئۇنىڭغا جۇمھۇرىيەت رەئىسى- دېگەن نامنى ئېلىپ قويۇپ، ھۆكۈمەتنى تەشكىللەيدۇ. ئەسلىدە غوجانىياز ھاجىنىڭ قوشۇنى ئىچىدە ھۆكۈمەت تەركىۋىگە مىنىستىر بولۇپ كىرىدىغان خېلە كۆپ كىشىلەر بار ئىدى. ئۇلار قەشقەردە قۇرۇلغان بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ لاياقەتلىك بولمىغانلىقىنى، سەمىمىيەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ھۆكۈمەت تەركىۋىگە كىرىشنى رەت قىلىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنى كۈتۈپ ياتقان تۇڭگانلار شىڭشىسەي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قايتۇرما زەربىگە ئۆتىدۇ. قەشقەر يېڭى شەھەردە مۇھاسىرىدە تۇرىۋاتقان تۇڭگانلار قەشقەردىكى جمھۇرىيەتكە ئىچىدىن زەربە بەرسە ، ئۈرۈمچى تەرەپتىن شىڭنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن تۇڭگانلار ئاقسۇدىكى غوجانىيازلارنىڭ ئارقا سېپىدىن ئەجەللىك زەربە بېرىپ، غوجانىيازلارنى قەشقەرگە چېكىندۈرىدۇ. بۇ چاغدا قەشقەردىكى جۇمھۇرىيەت ئىچىدىكى تۈركىستانلىقلار ھۆكۈمەتكە ئاسىلىق قىلىشىپ، ئۆز قوراللىرىنى، توپلىغان ئىقتىسادى مۈلۈكلەرنى بۆلۈشۈپ قاچىدۇ. قورال كۈچى ئاساسلىق تۈركىستانلىقلارنىڭ قولىدا بولغاچقا، دۆلەت ئاپاراتى پۈتۈنلەي چۆكۈشكە باشلايدۇ. تېگىدىن پۇختا ئۇلى بولمىغان، نەتىجىسى چۈرۈك چىققان بۇ ھۆكۈمەتنى غوجانىيازلارمۇ ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمەي، تۇڭگان ۋە شىڭنىڭ بىرلەشمە جازا قوشۇنىدىن چېكىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە قاچىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم خادىملىرىدىن بىر قىسمى ياركەنت تەرەپكە چېكىنىدۇ. شەھەر قەلئەسى ماتىتەينىڭ چىرىكلىرىگە ئېچىۋېتىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ 1933- يىلى 12 – نويابىر كۈنى قۇرۇلغان مەزكۇر مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت، 1934- يىلى 16 – ئاپىرىلدا تارقىلىپ كېتىدۇ. دۆلەتنىڭ نامى بىلەن تەگىسىنىڭ نامىدىكى ئوخشاشماسلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى جەريانى شۇنچىلىك ئىكەن.
2015 – 04 – 05 مىيونخىن
ئابدۇرەھىمجان

ئىنكاس قالدۇرۇڭ

ئېلخەت ئادېرىسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.يۇلتۇز بار كاتەكلەرنى چوقۇم تولدۇرۇڭ *

*