Uighur مۇ، Uyghur مۇ، Uiguren مۇ ياكى Ouïghour مۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق ئۇيغۇرىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار!
مەن تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى چەتئەللەردىكى تومۇرىدا ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن، بۇ تېمىنى كۆرگەن ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ جەھەتتە ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمد قىلىمەن.
مەن ۋەتەندىكى چاغلىرىمدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قۇرغان سىياسىي تور بەتلەرگە كىرىپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىرىغا ۋەتەندىكى مەزلۇم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ، كوچىلاردا شۇئار تولاپ ناماھىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىنىمدە شۇنچىلىك ھاياجانلىناتتىم، كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش قۇيۇلاتتى ۋە شۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئويلايتىمكى، ئۇيغۇر دىسە بەلىكىم غەرپ ئەللىرىدە ھەممە ئادەم بىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلايتىم، ئەمما مەن ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان، بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان گېرمانىيىگە ئوقۇشقا چىققاننىڭىزى، ھەتتا مۇشۇ دۆلەتتىمۇ ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنى يەنىلا ئاساسەن بىلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېبەت دېسە ئوبدان بىلىدىكەن.
غەرپ ئەللىرىدىكىلەر قوتاز مىنىپ يۈرۈيدىغان تېبەتلەرنى ئوبدان بىلىدۇيۇ، نېمە ئۈچۈن تۇرك مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئېگە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك، قەدىمىي يېپەك يۇلىنى ئاچقان، دۇنيا مەدەنىيەتىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان، بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئېغىر زۇلۇم تارتىۋاتقان مەزلۇم ئۇيغۇر مىللىتىنى بىلمەيدۇ؟
سەۋەپ زادى نېمە؟
تېبەتلەرنىڭ داڭلىق دالاي لاما سى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
تېبەتلەرنىڭ دىنى تىنىچلىق دىنى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
تېبەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوقا جومۇلاڭما چوقىسى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
تېبەتلەر ئۇچىراۋاتقان زۇلۇم ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
دالاي لاما تېبەتتىن چىقىپ كېتىپ ئىنقىلاپ قىلىۋاتقىنىغا يېرىم ئەسىردىن ئاشقانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئۇيغۇرلاردا بۇنداق ئارتۇقچىلىقلار يوقمىدى؟
بىزنىڭمۇ دالاي لامادىن قېلىشمىغۇدەك، ھەتتا ۋاقتى كەلسە ئۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى ئورۇندا تۇرغۇدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىر ئانىمىز بارغۇ؟ دالاي لاما ئەينى چاغدا تېبەتلەرنىڭ رايىپخانىسىغا باشلىق بولغان بولسا، رابىيە خانىمنىڭمۇ ھاياتىنى ھەممە ئۇيغۇر بىلىدۇ. دېمەك تارىختىكى ئورنى دالاي لامادىن قېلىشمايدۇ.
بىزنىڭمۇ دىنىمىز ئەسلى بىر تىنىچلىق دىنى، ئىسلام دىمەك تىنىچلىق دېمەك، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دىن.
تېبەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوقا بولسا، بىزمۇ تارىختا دۇنيادا شەرق بىلەن غەرپنى تۇتاشتۇرغان يېپەك يۇلىنى ئاچقان ۋە قەشقەر بولسا يېپەك يۇلىنىڭ مەركىزى، يېپەك يۇلىدىكى مەرۋايىت شەھەر.
بۈگۈنكى كۈندە غەرپلىكلەرنىڭ ياقتۇرۇپ يەۋاتقان ئىتالىيە چۆپىنى، مارۇژنىسىنى، Pizza سىنى تارىختا ياۋرۇپالىق دىن تارقاتقۇچىلار يېپەك يۇلى ئارقىلىق ئۇيغۇرىستانغا بارغاندا ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك.
بۈگۈنكى كۈندە مۇڭغۇللارنىڭ قوللىنىۋاتقان يېزىقىنى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلىپ بەرگەن.
خىتتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قەدىمىي شەھەر چېرتىيوژىنى ئۇيغۇرلار سىزىپ بەرگەن.
ئۇيغۇرلار تارىختا دۇنياغا مەدەنىيەت تارقىتىپلا قالماي، يەنە شۇ زامانلاردىكى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېمپراتورلۇقلارنى قۇرغان. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن خىتتايلار بۈگۈنكى كۈندە سەۋەبىنى چۈشەنمەي پەخىرلىنىپ يۈرگەن سەدىچېن سېپىلىنى ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلاردىن قورقۇپ سوققان. ئەگەر سۆزۈمگە ئىشەنمىسىزىڭىز توردىن مىلادىيە 820 چى يىلدىكى دۇنيا خەرتىسى دەپ ئىزدىسىڭىز ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرغان ئېمپراتورلىقىنى كۆرەلەيسىز، بۇ ئۇلىنىشتىن سەدېچىننىڭ ئورنىنى كۆرۈڭ. ئەلۋەتتە خىتتاي ئۆزى ھەرگىز سەدىچىننى ئۇيغۇرلاردىن قورقۇپ سوققانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تور بېتىگە يېزىپ قويمايدۇ.
غەرپنىڭ ئاخباراتلىرى 2009 يىلدىكى ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنى خەۋەر قىلغاننىڭىزى، غەرپ ئەللىرىنىڭ سىياسەتچىلىرى ختتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، تېبەتكە قوشنا بولغان، ختتاينىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگەللەيدىغان بۇ زىمىندا تېبەتتىنمۇ بەتتەر كۈن كۆرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇنىدى، ئەمما شۇ غەرپلىكنىڭ تۇنىشى ئۈچۈن، 17 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز دوزاققا مەھكۇم ، تەبىئەتنىڭ دۈشمىنى بولغان نېجىس خىتتايلار تەرىپىدىن چاشقان كەبى كالتەكلەپ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى، نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئىپلاس ختتاينىڭ مىلتىقى ئالدىدا باتۇرلارچە قۇربان بولدى، تۇرمىلارغا تاشلاندى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەندىكى 20 مىللىيون ئۇيغۇرلىرىمىز ھەر ۋاقىت دەكە-دۈكە ئىچىدە قورقۇپ زۇلۇم تارتىپ ياشىماقتا.
ئويلۇنۇپ بېقىڭ دوستۇم! ئۇيغۇرلار شۇ قەدەر نانقېپى مىللەتما؟ شۇنچە بالايىئاپەتكە ئۇچۇرىمىغىچە دۇنياغا ئۈزىنىڭ تارتىۋاتقان زۇلىمىنى بىلدۈرەلمەيدىغان. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار چوقۇم ناماھىشقا چىقىشى كېرەكما؟ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۈزى ياشاۋاتقان مۇھىتقا مۇۋاپىق شەكىلدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلاتمايدۇ؟ بۇ داۋا پەقەتلا رابىيە قادىرنىڭلا داۋاسىما؟ باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى سۆزلىيەلمەمدۇ؟ ئەقلى يوقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھەر بىر ئۇيغۇر ئەڭ ئاددىي شەكىلدە بولسىمۇ ئۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ بارمايدۇ؟ سىلەرنىڭ كاللاڭلاردا مىللەت داۋاسى دېگەن ئۇقۇم پەقەتلا كوچىلارغا چىقىپ تولاپ ناماھىش قىلشمۇ؟ چەتئەللەرگە ئوقۇغىلى چىققان ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغان بەندىلەرنىڭ تۇمۇرىدا ئەجىبا خىتتاينىڭ قېنى ئاقامدۇ؟ بىز شۇنچىۋالا ھېسىياتچان مىللەتمۇ؟ خىتتاي پەقەت تۈمەنلەپ ئۇيغۇرلارنى قىرغاندا ھەممىمىز چاپاننى سېلىپ كوچىغا چىقىپ، كامېراغا سۆزلەپ، يېرىم يىلدىن كېيىن ھەممە ئىشلار بېسىققاندا قىلغان ئىشىغا پۇشمان قىلىپ ئولتۇرىدىغان.
سۇئال قويۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ، ئەمما بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
مېنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغىنىم، ئىنقىلاپنى داۋاملىق، ھەر بىر تىنىقىمىزدا بىر ئېلىپ بارايلى.
مەن تۆۋەندە ئىنقىلاپ قىلىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن:
مېدىيانىڭ رولىدىن تۇللۇق پايدىلىنايلى!
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئەڭ ئالدى بىلەن دۇنيادىكى لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىۋاتقان تىللاردىكى مىللىتىمىزنىڭ ئىسمىنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسمىنى بىرلىككە ئەكىلىشى كېرەك. دېمەكچى بولغىنىم ھازىرغىچە تورغا يوللانغان ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق ماقالە ياكى ۋىدىئولارنىڭ تېمىسىغا قارايدىغان بولساق، بىر يەردە Uighur، يەنە بىر يەردە Uyghur، يەنە بىرسىدە Uiguren ياكى Ouïghour قاتارلىق ئوخشىمايدىغان ئىسىملار بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ كەپتۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسمىنى East Turkestan، Ostturkestan،Turkestan Oriental،Xinjiang ياكى Sinkiang قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدىكەن.  ئەمما تېبەتلەرنىڭكىگە قارايدىغان بولساق لاتىن يېزىقى ئىشلىتىدىغان بارلىق مىللەتلەر پەقەتلا Tibet دەپ يازىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر بىر ئىسپانلىق Google غا  Tibet دەپ كىرگۈزسە، تېبەت توغۇرلۇق پەقەت ئىسپانچىلا ئەمەس بەلىكى ئېنگىلىزچە، گېرمانچە، فرانسوزچە …..قاتارلىق تىللاردىكى بارلىق ئۇچۇرلاغا ئېرىشەلەيدۇ. دېمەك ئىسىمنى بىرلىككە ئەكىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ناھايىتى مۇھىم. بۇ ئىشتا شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىكى ئوقۇلىشىنى ئاساس قىلماي، يېزىقتىكى بىرلىكىنى ئاساس قىلىش كېرەك. چۈنكى كومپۇتېردا ئىسىم كىرگۈزمەكچى بولسا كۇنۇپكا تاختىسىنى بېسىپ يېزىقچە كىرگۈزىدۇ، ئېغزىدا ئوقۇپ توغرا تەلەپپۇز قىلىپ كىرگۈزمەيدۇ.
خوش ئەمدى بۇ قەدەم تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ۋەتەندىكى زۇلۇملار تەسۋىرلەنگەن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناماھىشلىرى كۆرسىتىلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل مەدەنىيەتلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان ۋىدېئو، سۈرەت ۋە ماقالىلەرنى تورلارغا چىقىرىپ 21 چى ئەسىردىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال ئىنتېرنېتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنى بىلىۋېلىشى كېرەك. يەنى بۇ ئەسەرلەرنى دۇنيادا ئىككى مىللىياردتىن ئارتۇق ئەزاسى بار Facebook تورىدا توردىكى ھەر مىللەت دوستلىرىغا كۆرسەتسە، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ناماھىش شەكلى بولامدا؟
مېنىڭ ئۆزەمنىڭ قىلغان يەنە بىر ئىشىمنى تۇنۇشتۇراي: ئەگەر چەتئەللەردىكى ھەربىر ئۇيغۇر ئۇيغۇرلارنى تۇنۇشتۇرىدىغان ئەسەرلەرنى(ۋىدېئو، سۈرەت، ماقالە ۋە باشقىلار) ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى بارلىق تېلېۋۇزۇر قاناللىرىنىڭ ۋە گېزىتلارنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ۋە دۇنيادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى ۋە ياردەم فوندى جەمىيەتلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئىلخەت (E-Mail) ئادېرىسلىرىغا توختىماي ئەۋەتسە، بەلىكىم ئالدىرماي بۇلارنىڭمۇ چوڭ پايدىسى بولىدۇ.
ناماھىشنى توغرا، باشقىلارغا زىيان-زەخمەت قىلمايدىغان ئاساستا ئېلىپ بارايلى!
ئىككى يىل بۇرۇنقى ۋەتەندىكى قىرغىنچىلقتىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ناماھىشقا چىقتى ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلىرىمىز ناماھىشنى ھېسىياتقا تايىنىپ قىلىپ، ئۆزىگىلا ئەمەس، شۇ شاراھىتنى يارىتىپ بەرگەن شۇ دۆلەتلەرگىمۇ ئاز بولمىغان زىيانلارنى سالدى. مەسلەن:  گېرمانيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئىككى يىل بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ناماھىشلاردا ئۇيغۇرلار بىر قولىدا فاشىستلارنىڭ گىربى چۈشۈرۈلگەن رەسىملەرنى يەنە بىر قولىدا خىتتاينىڭ رەئىسىنىڭ ۋە نۇر بەكرىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ناماھىش قىلغانلىقى ئۈچۈن گېرمانىيىدە بۇرمۇنچە قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلدى ۋە بۇرمۇنچە جەرىمانە تۆلەپ ئاران قۇتۇلدى. ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ مەقسىدى توغرا، ئەمما قىلغان ئىشى خاتا!  يەنى شۇنچە يىل گېرمانىيىدە ياشىغان ئۇيغۇرلىرىمىز گېرمانىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا فاشىستلارنىڭ بەلگىسىنىڭ قاتتىق چەكلەنگەنلىكىنى بىلمىگەن ئىدى، ئەگەر شۇلار شۇ بەلگىنى بىر چەمبەرنىڭ ئىچىگە ئېلىپ ئاندىن يانتۇ سىزىقتىن بىرنى تارتىپ كۆتۈرۈپ ماڭغان بولسا، كوچىدىكى گېرمان خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە دىمەكچى بولغانلىقىنى يۈزپىرسەت چۈشىنەلەيتى. ۋە دەل شۇ ناماھىشتا ھېسىياتچان، قېنى قىزىق ئۇيغۇرلىرىمىز بىر دېمۇكىراتىك دۆلەتتە تۇرۇپ، كوچىدا كېتىۋاتقان ئاسىيالىق ساياھەتچىلەرنى ئۇرغان ئىشلارمۇ بولدى. مەيلى ئۇلار خىتتاي بولغان تەقدىردىمۇ، ئادەم ئۇرۇش ياۋرۇپادىلا ئەمەس، دىنىمىز ئىسلامدا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدە بىردەك چەكلەنگەن. سىز خىتتاي مېنى ئانداق قىلدى، مانداق قىلدى، ئەسلى بىز مانداق ياخشى مىللەت ئىدۇق دەپ ناماھىش قىلىپ، كوچىدا كېتىۋاتقان خىتتاينى ياۋرۇپالىقنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇرۇپ يۈرسىڭىز، بالىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ ياۋرۇپالىق سىزنىڭ گېپىڭىزگە ئىشىنەرمۇ؟ ئەگەر مۇشۇ پېتى بولسا، يەنە ئەللىك يىلغا قالمايلا ياۋرۇپالىقلار ئۇيغۇرنىڭ داۋاسىنى ئاڭلاش ئەمەس، سىياسىي پانالىقنىمۇ بەرمەسلا بولىدۇ. ئۇيغۇر دېسە ھېلىقى قانخور مىللەت شۇمىدى دەيدىغان ھالغا كېلىدۇ.
دەل يۇقۇرىدىكى ناماھىشتىكى سەۋەنلىك تۈپەيلى ئەينى چاغدا خىتتاي ئاخباراتىدا بۇ ئىشنى ئاڭلىتىپ، پۇخرالىرىغا مىيۇنخېنغا بارماڭلار، ئۇ يەرگە بارساڭلار ئۆلىسىلەر دەپ ئاڭلىتىپ، مىيۇنخېنغا كېلىدىغان ختتايلارنىڭ سانى ئازلىدى. سىز بۇ ئىشقا خوش بولغىنىڭىز بىلەن، ئويلىنىپ بېقىڭ، باۋارىيە فىدىراتسىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋەبىدىن ساياھەتچىلىك ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كېلىدىغان قانچىلىك پايدىدىن قۇرۇق قالغاندۇ؟ ئەگەر مۇشۇ ئىشنى ئاددىيلا كاللسى بار بىر گېرمانلىق ئاڭلىسا، بۇ گېرمانلىق ئۇيغۇرلارغا ئۆچ بولماي تۇرالارما؟ جېنىم قېرىنداشلىرىم ناماھىش قىلىشنىڭ ئۇسۇلى پەقەتلا كاناي يىرتىلغىچە تولاشلا ئەمەس، خەقنىڭمۇ سىزنىڭكىدىن قېلىشمىغۇدەك ئىككى دانە كۆزى بار.
چەتئەللەردىكى ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇرلار سىلەرمۇ قاراپ تۇرماڭلار!
مەن گېرمانيىگە چىققاننىڭىزى بىلدىمكى، گەرچە بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇرلار جىق بولغىنى بىلەن ئوقۇشقا چىققانلارنىڭ سانى بەك ئاز، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر دىگەن ئىسىمنى ئاتاشتىنمۇ قورقۇپ ياشايدىغان، خىتتايغا قايتسا ئايرىدۇرۇمدا نەچچە سائەتكىچە ئۇيغۇركەن دەپ ئاۋارە قىلىشقا ئۇچۇرايدىغان بىچارە ئۇيغۇرچە ئىسمى بار ئوقۇغۇچىلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئاشۇنداقلارغا دەيدىغىنىم، سىلەر دۆلىتىم دەۋاغان دۆلەتنىڭ ئىسمى 中华人们共和国، بۇ دېگەن ختتاينىڭ دۆلىتى، ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس. مەيلى سىلەر ئوقۇپ ئالىم بولۇپ كېتىڭلار، ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ پېشىۋاسى بولۇپ كېتىڭلار بەرىبىر ئۇيغۇرنىڭ دۆلىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سىلەرنىڭ چوڭ-چوڭ شەرەپلەرگە ئېرىشەلىشىڭلار، پارلاق كەلگۈسۈڭلارنىڭ بولىشى ناتايىن. مەسلەن : ھازىر خىتتاينىڭ دۆلەتلىك ئولىنپىك پۇتبول كوماندىسىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بار، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر توپنى بۇ كوماندىدىكى ھەر قانداق بىر خىتتايدىن ياخشى ئوينايدۇ، بۇ ھەرگىز ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىم ئەمەس، خىتتايلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ پاراڭدا. ۋە دەل شۇ سەۋەپتىن 3 ئاي بۇرۇن بۇ كوماندىدىكى بارى ئىسىملىك ئۇيغۇر بالىنى ياپونىيەنىڭ بىر داڭلىق پۇتبول كۇلۇبى، مىرئەخمەتجان ئىسىملىك ئۇيغۇر بالىنى گوللاندىيەدىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبول كۇلۇبى Ajax Amsterdam تەكلىپ قىلغاندا بۇ بالىلارنى ختتاي ئەۋەتمىدى. ئەمما ختتاينىڭ بىر توپچىسى گېرمانىيىنىڭ 2 چى دەرىجىلىكلەر پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىدىغان بولۇپ، بۇ ختتايدىن ختتايلار بەك پەخىرلىنىدۇ. ئويلاپ بېقىڭلار بۇ نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق ئىش.
ئادىل ھۇشۇرنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر، شۇنچە ئاسمان پەلەك سىمنىڭ ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناپ بېرىپتى، دۇنيا تۇنىدىمۇ؟ ھېلىمۇ خۇدايىم بىلىپ ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمەپتىكەن، ئەگەر ئادىل ھۇشۇرنىڭ ئورنىدا بىرەر خىتتاي ماڭالىغان بولسا قانداق بولىدىغىنىنى دېمىسەممۇ بىلىسىز بەلىكىم.
دېمەك دۆلىتى يوق مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى يوق.
بىر ئەركىن دۆلەتتە ياشاۋېتىپمۇ يەنە ئۆز سايىسىدىن قورقۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، سىلەرگە مۇراجىتىم ئويغۇنۇڭلار! ھېچكىم سىلەرنى بايراق كۆتۈرۈپ كوچىغا چىق دىمىدى. سىلەر باشقا ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا تىلنى ياخشى بىلىسىلەر، كومپۇتېردىن ۋە توردىن پايدىلىنىشقا باشقا ئۇيغۇرلاردىن ئۇستا سىلەر. ھېچ بولمىغاندا شۇ ئارتۇقچىلىقىڭلارنى ئىشلىتىڭلار! ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن يىلدا بىرەر كۈن بولسىمۇ باش قاتتۇرۇپ قويۇڭلار! ھەر بىر نىممەتنىڭ بىر سورىقى بار. ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن مۇشۇ دېمۇكراتىك دۆلەتتە ياشاش پۇرسىتىنى قەدىرلەڭلار!  ھە دېگەندە مىللەت ئۈچۈن ھەددى-ھېسابسىز بەدەل تۆلىگەن رابىيە ئانىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىقتىدارىدىن، سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن يۇچۇق تېپىپلار يۇرمەڭلار! ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي ئاكتىپلىرى ئارىسىدا ھېچ بىر ئۇيغۇر بۇ داۋانى تا بۈگۈنگە قەدەر رابىيە قادىردەك قىلالمىغان ۋە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى 25 مىللىيۇن ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىمۇ بىرەرسىمىز خۇددى رابىيە قادىردەك خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە بىردەك قوللىشىغا ئېرىشىپ باقمىغان، ھېچ قايسىمىزنىڭ رابىيە قادىردەك سەزگۈرەشتىمىز يوق.
بىزگە نەتىنجە لازىم، جەريان ئەمەس.

بۇ داۋا پەقەتلا رابىيە قادىرنىڭ داۋاسى ئەمەس! ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، رابىيە ئانىمىزنى قوللاپ، داۋانى توغرا يولدا ئېلىپ بارايلى!