مۇراجىئەت

مۇراجىئەت


ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز.
خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك نۇرغۇن تەشكىلاتلىرىمىز بار. بەزى تەشكىلاتلار خەلقئارالىق ئىمتىيازغا ئېرىشتى. بەزى تەشكىلاتلار ئۆزىگە يارىشا تونۇلدى. شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت، شەھەر دائىرىسىدە، يەرلىك مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بېجىرىدىغان، يەرلىك ئاساسى قاتلامغا ئوخشاش ھالغا كېلىپ بولدى.
ۋەتەن- مىللەتنىڭ ئۈستىدىكى خىتاينىڭ زۇلمى ئېشىپ، ئىرقى قىرغىنچىلىق دەۋرىگە كىرگەنچە، چەتئەلدىكى ئون مىڭلىغان مۇساپىر ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى ئويغاندى. بىراق ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان تېپىلمىغاچقا، ھەر تەرەپتە ئۈمۈتسىزلىك، ئېچىنىش، ئاغرىنىش، دۈشمەنلىشىش قاتارلىق سەلبى كەيپىياتلار مەيدانغا چىققىلى تۇردى. چوڭ تەشكىلاتلار ۋە رەھبەرلەر ۋەتەن – مىللەتنىڭ ھال – ئەھۋالىنى دۇنيا ئەللىرىگە يەتكۈزۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئىنتايىن چەكلىك ئىمكانىيەتلەر تۈپەيلى، كۈتكەندەك ئۈنۈم يارىتىپ بولالمايۋاتىدۇ .
تەشكىلاتلارنىڭ، رەھبەرلەرنىڭ ئۈستىدىكى ۋەزىپىلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ھەم ئېغىر. شۇنداق بولىشىغا قارىماستىن، كۆپىنچە ئىجتىمائى خاراكتېرلىرىنى تولۇق ساقلاپ قالغان ھالدا، سىياسى دەۋاغا قاتنىشىۋاتقانلىقى سەۋەبلىكمىكىن، ئۆز- ئارا چىقىشالماسلىق، ھەمكارلىشالماسلىق، ھەتتا يولىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىشتەك، رەزىل ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرماقتا.《ھەممىنى بىز قىلىۋاتىمىز، ھەممىنىڭ ھۆددىسىدىن بىز چىقىمىز، بىزنىڭ ئاغزىمىزغا قاراڭلار، بىزنى قوللاپ، بىزگىلا ئەگىشىڭلار، بىز چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرىمىز!》- دېگەندەك، مەلۇم تەشكىلات، مەلۇم ساندىكى رەھبەرلەر بارلىق ئىشنى ئۈستىگە ئېلىۋالغاندەك، ھەممىنى بىر ياقىلىق قىلىپ مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش ئارقىلىق، خەلقنى غەپلەتتە قويىۋاتقان ئەھۋاللارمۇ ئەلۋەتتە ئاز ئەمەس.
ۋەتەننىڭ دەردى يەتمەيۋاتقاندەك، ۋەتەن سىرتىدا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرى، مەسىلىمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇپ مېڭىۋاتىدۇ. تۈركىيە ۋە ئەرەب- مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىشى، خىتايغا تاپشۇرۇلۇشى، نورمال ياشاش ھەققىنىڭ بوغۇلىشى، بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىك باناسىدا، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى قاتارلىق ساناقسىز قىيىنچىلىقلار ھەل قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
قايسى تەشكىلات، قايسى بۆلۈم، قايسى رەھبەر قانداق ئىشنى بېجىرىپ، قايسى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى؟ – بۇ سوئال بەك ئېغىر. بېرىلىدىغان جاۋابلارمۇ قار- يامغۇردەك يېغىپ تۇرىدۇ. بىراق ئۇيغۇرنىڭ مۈشۈكلىرى تېخى ئاپتاپقا چىققىنى يوق.
كېيىنكى بەش يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى ئەل، دۆلەتلەردە تەشكىلسىز بىر تۈركۈم يەككە پائالىيەتچىلەر مەيدانغا چىقىپ، بارغانچە ئۇلغىيىپ زور قوشۇن ھالىغا كەلدى. بىر قاراشقا يەككە پائالىيەتچىلەردەك كۆرۈنسىمۇ، يەنىلا ئاممىۋىلىقنى، خەلق ھەرىكىتىنى نامايەند قىلىپ تۇرماقتا. بۇنىڭدىن بىلىنىپ تۇرىدۇكى، چەتئەللەردە ئاللىبۇرۇن خەلق سىياسى ئاممىسى بارلىققا كەلدى. بىز غەرب ئەللىرىدە ئۆگەنگەن يەنە بىر بىلىم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا،《تەشكىلاتلار قىلىدىغان ئىش بار. ئۇنى پەقەت تەشكىلات قىلمىسا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك تەشكىلات قىلسا قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدىغان، تەشكىلات قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارمۇ بار.》بىراق بىز ئومۇمەن ھەممىنى تەشكىلات قىلىدۇ، تەشكىلات بىر تۇتاش قىلىشى كېرەك!- دېگەندەك، ئۆزىمىز ئويلىۋالغان بويىچە نۇرغۇن مەسىلىدە خاتالىشىپ كەلدۇق. خەلق نامىدىن قىلىدىغان ئىشلارنى تەشكىلاتقا يۈكلەپ قويۇپ، ياكى تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزىۋېلىپ، نۇرغۇن كۈچ خاتا يەرگە سەرپ قىلىندى ۋە نەتىجىسى بولماي كەلدى.
ئەمدى بولسىمۇ خەلق سىياسى ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنەيلى. خەلق دېگەندە مەلۇم تەشكىلاتنىڭ يېتەكلىشىدىن خالى، تەشكىلاتنىڭ نىزام پروگراممىلىرى بىلەن، چاقىرىقلىرى بىلەن ئالاقىسىز، خۇددى كېيىنكى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تەشكىلسىز نامايىش قىلىۋاتقان، تەشكىلسىز ئۇزۇن سەپەر يۈرۈشى ھەرىكىتى قىلىۋاتقان، تەشكىلسىز گۇۋاھلىق بېرىش ھەركىتى قىلىۋاتقان، ئىمزا توپلاش، شىكايەتنامە يوللاش، ئەرز قىلىش قاتارلىق كوللېكتىپ شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، نۇرغۇن ھەرىكەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدەك ئاممىۋىلىققا ئىگە تەشكىلسىز ھەرىكەتلەرنىڭ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەردىن ھەل قىلماقچى بولغان مەقسەت- مۇددىئالىرى، ئادەتتىكىچە بىر قانچە كىشىنىڭ، ياكى مەلۇم شەخسنىڭ نامىدىن بىرەر ھۆكۈمەت، پارلامېنت ئىدارىلەرگە يوللانغاندا، ئۇنىڭ خاراكتېرى تولۇق يەككە كىشىلەرنىڭ تەلەپ مۇددىئالىرىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ ۋە ئاممىۋىلىقىنى، خەلق ھەرىكىتى قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
بىز يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، يەنە ئۇيغۇر ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى قىممەتلىك، مۇھىم پىكىر- تەلەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلق ھەرىكىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان《ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى خەلق ۋەكىللەر ئۆمىكى》نامىدا بىر ھەيئەت بەرپا قىلىشنى زۆرۈر دەپ قارىدۇق. بۇ قۇرۇلما ئۆز ئالدىغا بىر تەشكىلات ئەمەس. چەتئەلدىكى ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا رىقابەت قىلمايدۇ. ھېچقانداق رەھبەر ۋە شەخسلەرگە قارشى ئىپادە، پوزىتسىيەدە بولمايدۇ. ھېچقايسى ئېقىمغا قارشى ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ. پەقەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلىپ، خەلق نامىدىن تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئېلىپ بارىدۇ. بۇ قۇرۇلمىغا مەۋجۇت تەشكىلاتلىرىمىزدىن ۋەكىل قاتنىشىدۇ. تەشكىلسىز خىزمەت قىلىۋاتقان پىداكارلاردىن ۋەكىل قاتنىشىدۇ. ئىسمى جىسمىغا ئۇيغۇن خەلق سىياسى كوللېكتىۋى خاراكتېرىدە خىزمەت قىلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ قۇرۇلما ئارقىلىق، خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى كوللېكتىپ شەكىلدە دادىخاھلارغا يەتكۈزىلىدۇ.
قۇرۇلمىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىۋىدىن مىسال قىلساق: نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە، ئاۋاز چىقارمىغان دۆلەت، ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋە پارتىيەلەرگە تەلەپ يوللاش، سۈيلەش، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرى، ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، خىتاي دۆلىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىش، ئىدرىس ھەسەنگە ئوخشاش گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنىڭ، تۈرمىلەردە ناھەق يېتىشىغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق ۋەتەن ئىچى- سىرتىدىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ۋە يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، خەلق ئاممىسىنىڭ تەلەپلىرىنى، ئاۋازلىرىنى غەرب ۋە شەرق ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەت، پارلامېنتلىرىغا، دۆلەتتىن ھالقىغان خەلقئارالىق تەشكىلات، جەمئىيەتلەرگە يەتكۈزىدۇ ۋە نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ.
مۇشۇنداق بىر خالىس خىزمەتكە قىزغىن قاتنىشىدىغان، ئوقۇغان بىلىملىرى ۋە ئۆگەنگەن تىل، كەسىپلىرى بىلەنلا ھېچقانداق ئىقتىسادى بەدەل تۆلىمەستىن، چوڭ ئەجىر سىڭدۈرىدىغان، خەلقىمىزنىڭ قان ياشلىرىنى سۈرتۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قېتىشنى خالىغان ھەربىرىڭلار بىلەن، بۇ قۇرۇلمىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى مۇھىم دەپ قارىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمى كومىتېتى
( مەزكۇر مۇراجىئەت ئورگان توربېتىمىزدە ئېلان قىلىنىدۇ ھەم ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايرىم شەسخلەرگىمۇ يوللىنىدۇ.)