ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن، قوشنا ئەللەرگە تەھدىت بولامدۇ؟

740ad3c8-4329-4518-94e8-2f892d96b061

ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن،

قوشنا ئەللەرگە تەھدىت بولامدۇ؟

قولىدىن ھېچ نەرسە كەلمەيدىغان، ھېچ نەرسە قىلمىغان ۋە قىلالمايدىغان كىشىدىن، ھېچ كىمگە خەۋپ – خەتەر، تەھدىت كەلمەيدۇ. ئۇ ھېچ نەرسە قىلمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق خاتالىقىمۇ ئۆتمەيدۇ. ئۇنىڭ ھېچ كىمگە پايدىسىمۇ بولمىغان  ھەم زىيىنىمۇ  بولمايدۇ.

ئۇيغۇرلارنى چەكلەشتە خىتاينىڭ باستۇرىشىغا ۋە  تۇتۇپ تۇرىشىغا، خورلىشىغا، ئاخىرىدا چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ، يەر يۈزىدىن يوقىتىشىغا تاشلاپ بېرىشنى قارار قىلغان كۈچلەر، شۇ مەقسەتتە خىتاي بىلەن بۈگۈنمۇ ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ قېلىشىنى خالىمايدىغان مىللەتلەرنىڭ قولىدا، ئاجىز بولسىمۇ دۆلەت بار. ئۇلار قوللىرىدىكى دۆلەت كوزۇرىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي  بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشتى. ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ قولى بىلەن جازالاش جىنايىتىگە 96. يىلى 24. ئىيۇن ماقۇللىغان « شاڭخەي شەرتنامىسى » گە ئىمزا قويغان ( رۇسىيە،)  قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەت خەلقى، ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش، ئورتاق تارىخقا، ئورتاق مەدەنىيەتكە ئىگە، بىر جۇغراپىيىدە ياشاپ كەلگەن مىللەتلەر بولۇپ، ئۇزاق تارىخى ئۆتمۈشلەردە دۈشمەنلەشكەن چاغلارمۇ بولغان . ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ قولى بىلەن جازالاش جىنايىتىگە پاكىستان دۆلىتىمۇ يېقىندىن ھەمكارلاشتى. ئەڭ يېقىن قېرىندىشىمىز بولغان ئۆزبېكلەرنىڭ دۆلىتىمۇ جىنايەتكە ئاكتىپ قاتناشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ئالداپ، مەزكۇر جىنايەتكە شىرىك قىلىۋالدىمۇ؟ – ئاپىسى، بالىسىغا تاماقنىڭ گۆشىنى ئىلغاپ  بېرىپ  ئالداپ، دادىسىغا ئۆچ قىلىۋېتىپتۇ؛ ئاچىسى، ئۇكىسىغا كەمپۈت بېرىپ   ئالداپ، ئاكىسىغا تەتۈر قارايدىغان قىلىۋېتىپتۇ؛ مېنىڭ ئوغلۇمنى سېنىڭ قىزىڭ ئالداپ، ئۆزىگە ئۆگىتىۋېلىپتۇ؛ مېنىڭ بالامنى سېنىڭ بالاڭ پۇل خەجلەپ بېرىپ ئالداپ، يولدىن چىقىرىۋەتتى – دېسە قاملاشقان بىلەن، بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتنىڭ باشلىقلىرىغا پۇل بېرىپ ئالداپ كەتتى، كاللىسىنى ئايلاندۇرۇۋالدى، پۇل بېرىپ سېتىۋالدى  – دېسە، مۇشۇ گەپنىڭ ئائىلىۋى  تۇرمۇشتىكى كۈندىلىك غەيۋەت – شىكايەتتىن باشقا ، كۈندىلىك ماجىرادىن باشقا، سىياسى ئېنىقلىمىسى بولامدۇ؟ ( شۇڭا دەيمىز : سىياسەتچىلىرىمىز سىياسەت بىلمەيدۇ – دەپ.) بۇرۇنقى زامانلاردا – ئىككى يۈز يىل، بەش يۈز يىل، مىڭ يىل، ئىككى مىڭ يىللار ئاۋۋالقى زامانلاردا بىر ئەلنى، بىر دۆلەتنى ھەتتا يوغان بىر ئىمپېرىيىنى بىرلا پادىشاھ باشقۇرىدىغان زامانلاردا، شۇ پادىشاھنى گۈزەل مەلىكىلەر بىلەن ئالدىۋېلىپ، ئاندىن زەھەر ئىچتۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، قارشى تەرەپنىڭ بارلىق سىياسى مەقسەتلىرى ئىشقا ئاشاتتىكەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ پرېزىدېنتى دۆلەتنى ئۆزى يالغۇز باشقۇرمايدۇ. سىياسەتنى ئۆزى يالغۇز بەلگىلىمەيدۇ. قانۇننى ئۆزى يالغۇز ماقۇللىيالمايدۇ. پارلامېنت بار. ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى بار. دۆلەت دەرىجىلىك ھەر بىر چوڭ ئىشقا، بىر مىنىستىرلىك مەسئۇل. ھەتتا پادىشاھلىق دۆلەتلەردىمۇ، ئىمپېرىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردىمۇ پادىشاھلار، ئىمپېراتورلار ئۆزى يالغۇز سىياسەت چىقىرالمايدۇ. ئۆز ئالدىغا قانۇن ماقۇللىيالمايدۇ. ئىجىرائاتلاردا پادىشاھ دەرىجىلىك ۋازارەتلەر، مىنىستىرلىكلەر بار. دۆلەتنىڭ ھەر قانداق ئىچكى، تاشقى ئىشلىرى مىڭ قېتىم كېڭىشىپ، پارلامېنتتىكى قانچە يۈزلىگەن مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋازىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاۋام پالاتا، يۇقىرى پالاتا، تۆۋەن پالاتا، سېناتورلارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن يولغا قويۇلىدۇ. نېمە ئۇ : « تۈركىيەنى خىتاي ئالداپ كېتىۋاتىدۇ؛ تۈركى جۇمھۇرىيەتلىرى ئەجداتلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئۇنتۇپ، خىتايغا ئالدىنىپ كېتىۋاتىدۇ » – دېگەن گەپلەرنىڭ مەناسى؟ ( شۇڭا دەيمىز – سىياسەتچىلىرىمىز سىياسەت بىلمەيدۇ – دەپ.) توغرا بىزنىڭ كۆپلىگەن رەھبەرلىرىمىز قولىدىكى ئەمەل، مەنسەپنى كىچىك كۆرۈپ، دۈشمەن بەرمەكچى بولغان چوڭراق مەنسەپكە ئالدانغان. تۆمۈر خەلىپە، غازى تۆمۈرئەلى، خوجانىيا ھاجىلار بۇنىڭ گۇۋاچىلىرى. ئۇلار سىياسەتتە ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەنمۇ تولۇق بىلىمسىز كىشىلەر ئىدى. ئەمما ئاجىز بولسىمۇ، نامرات بولسىمۇ بۈگۈنكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۇنچىلىك ئاخماق چاغلىسا، ئۆزىنىڭ ئاخماقلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەۋجۇلۇقىغا قارشى، خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرقانداق سىياسى مۇناسىۋەتلەر، ھەرگىزمۇ ئۇقۇشماسلىقتىن، ئالدىنىپ كەتكەنلىكتىن ۋە سېتىلىپ كەتكەنلىكتىن يۈز بېرىپ قالىدىغان، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھادىسىلىرىدىن ئەمەس. بەلكى بىلىپ تۇرۇپ، بىلگەندىمۇ چىڭ كۆڭلىدىن قوللاپ، قىلىۋاتقان ھەمكارلىقلاردۇر. ئۇيغۇرلارنى جازالاش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش، خىتاينىڭ  مۇستەملىكىچىلىك مىللى مەنپەئەتىنىڭ جان تومۇرى بولغاندەك، بۇ مەسىلىدە  خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ ھەم مىللى مەنپەئەتلىرىنىڭ ۋازكېچىلمەس بىر قىسمىدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرگە باغلىق، ئۆتكۈنچى ھادىسىلەر ئەمەس.

بىز سىياسەتكە ئارىلاشقان ئىكەنمىز، جەزمەنكى ئۇنى بىلىشىمىز شەرت. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق مۇناسىۋەتلەر، سىياسەتنىڭ جانلىق ئىپادىسى ۋە سۆزلەشمىلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەن جەريانى ھېسابلىنىدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي بىلەن سىياسى ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان، مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي بىلەن سىياسى، ئىقتىسادى مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئەركىنلىكىگە قارشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا قارشى توختاملارغا قول قويىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، خىتايدىن نۆۋەتتە ئالىدىغان ۋاقىتلىق مەنپەئەتىدىن باشقا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆزگەرمەس تۈپ سىياسەتلىرى بارمۇ، يوق؟ ياكى ئۇلارنى خىتايلار راستىنلا،( خۇددى ئاچىسى ئۇكىسىنى گۈللەپ كەتكەندەك، ) ئالداپ كېتىۋاتامدۇ؟ بۇ ئويۇنلاردا بىزنىڭ ئورنىمىز بارمۇ، يوق؟ بىز ھەل قىلالايدىغان ئىش، يېشەلەيدىغان تۈگۈن قايسى؟ – دېگەندەك، بىر قاتار سوئاللار ئۈستىدە تەھلىل قىلىشقا مەجبۇرمىز.

ھازىر، دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مىللەتلەر ئارىسىدا  شەكىللىنىش، كۆپىيىش، بىرىكىش جەريانىدا ھەتتا باشقا مىللەتكە ھېچقانداق زەرەر يەتكۈزمىگەن، تارىخى ئۆچمەنلىككە بوغۇلمىغان  يۇمشاقلىرى ناھايىتى كۆپ. شۇ تەرىقىدىكى « قانچە مىڭلىغان مىللەتلەر » نىڭ تارىختا نېمە قىلغانلىقى، ھازىر بار – يوقلىقى بىلەن ھېچكىمنىڭ خەۋىرىمۇ يوق. ئۇلار تارىختىمۇ ۋە ھازىرمۇ ھېچكىمگە پايدا – زىيان كەلتۈرمىگەن ۋە كەلتۈرمەيدۇ. ئۇنداق مىللەتلەرنىڭ  ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئورنى، خۇددى بىر ئائىلىدىكى ساننى ئىگەللەپ تۇرىدىغان مېيىپ بالىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭمۇ ئائىلىدىكى ھەممە نەرسىدىن ئوخشاش بەھرىمەن بولۇش ھەققى بار ئەلۋەتتە. ئەمما يەنە شۇنداق مىللەتلەرمۇ باركى، باشقا مىللەتلەرگە بەزىدە زىيان يەتكۈزىدىغان، بەزىدە پايدا يەتكۈزىدىغان. بۇنداق مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئورنى، ئائىلىدىكى مېھنەتكەش، ئەقىللىق، ئىجاتكار، ئىشچان، تۈرگۈن بالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ بالا ئائىلىنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئائىلىنى ئالغا يېتەكلەيدۇ ۋە ئائىلىنى باقىدۇ . مۇشۇ تەقلىد بويىچە مىللەتلەرنى يېتەكلىگۈچى ۋە يېتەكلەنگۈچى، ياكى باققۇچى ۋە بېقىلغۇچى – دەپ، ئىككى تۈرگىلا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. يېتەكلىگۈچى مىللەتلەر ئىجاتكار، بەرپا قىلغۇچى، قۇرغۇچى، كېڭەيتكۈچى، بېيىتقۇچى، ئاسانلاشتۇرغۇچى روھىغا ئىگە بولۇپ، ئۆز قوۋمىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، زورايتىش، كۈچلەندۈرۈش جەريانىدا، ماسلىشالىغان باشقا يات مىللەت ۋە يات خەلقلەرنىمۇ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە قىلىدۇ. لېكىن ماسلىشالمىغان، توسقۇنلۇق قىلغان، قارشىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى ئەدەپلەپ، جازالاپمۇ قويىدۇ. بۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى تەبىئى قانۇنىيەتتۇر. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا مېھنەتچى، ئەقىللىق، ئىجاتكار مىللەت بولۇپ، باشقىلارنى ماسلاشتۇرۇشقا ماھىر، ئۆزلىرىمۇ گېزى كەلگەندە ماسلىشالايدىغان كۈچلۈك خاراكتېرغا ئىگىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن ۋە يوقىتىۋېتىلگەن ئىزلىرى ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ مىللەت « ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى » – دەك، سىرلىق بىر تېپىشماقنى ئىشارەتلەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار دۆلەتچىلىكنى، مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشنى، تىنچلىقتا ياشاشنى، تەڭرىگە سېغىنىشنى، ئاڭلىق بولۇشنى، پاكىز بولۇشنى، مېھنەتچان ۋە مېھرىبان بولۇشنى تەرغىب قىلغان ۋە ئەتىراپقا يايغان. ئىنسانلارنىڭ جىسمىنى داۋالاشنى كەشىپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنسانلارنىڭ روھىنى، ئىچكى دۇنياسىنىمۇ داۋالايدىغان، گۈزەل روھى دۇنيا قۇرۇپ چىقىدىغان چارە – تەدبىرلەرنىمۇ ئىجات قىلغان. ئۇيغۇرلار تىل ئالاقىسىنى يىراققا يەتكۈزۈش، ماكانلاردىن ۋە  زامانلاردىن ھالقىتىش ھۈنەرلىرىنى ئىجات قىلغان. « شەكىل، بەلگە » ياساپ چىققان ۋە « خەت، يېزىق » ئىجات قىلغان. جامېس چۇرچۋاردنىڭ خىيالىغا ئېتىبار بېرىلسە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق قوللانغان چاغلىرى، يەر شارىنىڭ مۇز دەۋرىگە كىرىشىدىن ئىلگىرىكى دەۋرىگە تۇتۇشۇپ كېتىدۇ. دۇنيا يۈزىدە ئاياللارنى ئادەم قاتارىدا  كۆرمەيدىغان، ئالماشتۇرۇلىدىغان تاۋار ئورنىدا قوللىنىدىغان چاغلاردا، ئۇيغۇرلار : « ئاتا بىلەن ئانا تەڭ » تەسەۋۋۇرىنى ئەقىدىلەشتۈرگەن، سىياسىيلاشتۇرغان، قانۇنلاشتۇرغان ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇپ، جەمئىيەتكە ئومۇملاشتۇرغان. ئۇيغۇرلار تولىمۇ قەدىمكى چاغلاردىن باشلاپ، ئائىلە قۇرۇشنى، نەسەب بېكىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ،  ئۇرۇقداشلىق، جامائە ۋە قەبىلە باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، مىللەت شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەتكەن. ھازىرقى تەرەققىيات ئۆلچىمى بىلەن تەتقىقات يۈرگۈزگەنلەرمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قاچانقى زامانلاردىن ئېتىبارەن بۇنداق ئۇيۇلتاشقا ئوخشاش، ئىچىدە كاۋاك يوق بىر مىللەت بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ سىرىغا ھەيران. « ئىنسانىيەت  مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن. شۇ ئاچقۇچ تېپىلمىغۇچە، سىرلار يېشىلمەيدۇ » دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان ئەجنەبىي تەتقىقاتچىلار، تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان بىر جۈملىنى ئىچىگە يۈتۈۋېلىشىنىڭ سىرىمۇ : « ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمىگەن » دېگەن سۆز بىلەن يېشىلىدۇ. چۈنكى تەكلىماكاننىڭ ئاستىغا باشقا بىر نەرسە كۆمۈلۈپ كەتمىگەن. بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر- سەنئەتلىرى، نەقىشلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، نەپىس سەنئەت بىلەن ئىشلەنگەن ئالتۇن بېزەكلىرى، يىگىرمە مىڭ يىلدىن ھالقىپ كېتىدىغان نەپىس قۇيمىچىلىق، ئېرىتكۈچىلىك، تۇتاشتۇرغۇچۇلۇق ھۈنەرلىرى، مۇزىك ئەسۋاپلىرى، تىببى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، يەنە ئاللىقانداق قىممەتلىك مەدەنىيەت ۋە گۈزەللىكلىرى كۆمۈلگەندۇر. : بۇ قەدەر تىلسىماتلارنىڭ ئىگىسى  ئۇيغۇردۇر – دېگەن بىر جۈملىنى تىلغا ئېلىشتىن قانداق خورسىنسا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياشاپ قېلىشىنى، قايتا گۈللىنىشىنى، قەددىنى رۇسلاپ دۆلەت قۇرۇشىنى ھەم شۇنداق خالىمايدۇ.

ھېچ نەرسە قىلمىغان مىللەتنىڭ، قەلەمگە ئالغۇدەك نەرسىسى بولمايدۇ. دىققەتنى تارتقىدەك ئۆتمۈشى بولمىغاندەك، باشقىلارنى ئەندىشىگە سالغۇدەك كېلەچىكىمۇ بولالمايدۇ. دۇنيادا يوقتەك بار لىققا ئىگە نۇرغۇن قەبىلە، مىللەتلەر بار. ئۇلارنى كىشىلەر بىلمىگەچكە، ئۇلاردىن خوۋپ – خەتەر يېتىپ قېلىشىمۇ باشقىلارنىڭ خىيالىغا كىرىپ قالمايدۇ. ئەمما مەۋجۇتلۇقىنىڭ  باشلىنىشىدىنلا ئىجاتكار، كەشپىياتچان، مېھنەتكەش، ئەقىللىق، كۈچلۈك، غۇرۇرلۇق مىللەتلەرنىڭ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىزلىرىمۇ قەلەمگە ئېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە  ئەسىرلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قايتا تىكلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق مىللەتنىڭ ئۆرنەكلىك بىرىدۇر. ئۇيغۇرلار ئىشچان مىللەت بولغاچقا، ھۇرۇنلارنى ياقتۇرمايدۇ. ئەقىللىق مىللەت بولغاچقا، كالۋالىقنى ياقتۇرمايدۇ. گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، ئەتىراپقا گۈزەللىكنى يايىدىغان مىللەت بولغاچقا، چىركىنلىكنى يامان كۆرىدۇ. ئىناقلىقنى، دوستلۇقنى قانات يايدۇرىدىغان مىللەت بولغاچقا، ئۆچلۈشۈشنى، دۈشمەنلىكنى ياقتۇرمايدۇ. بىرلىكنى، ئۆملۈكنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مىللەت بولغاچقا، پارچىلىنىشنى، بۆلۈنۈشنى چەكلەيدۇ. بارلىق بۇلۇملۇق ۋە گۈزەل تاللاشلار ئۈچۈن بەزىدە ئاڭلىق ھەرىكەت قىلغان بولسا، بەزىدە كۈچ قوللانغان. شۇڭا تېز بىرىكىپ، تېز كۈچلىنىپ دۆلەت قۇرغان. نامى ئەمەلىيىتىگە قارىتا « ئۇيغۇر» – دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن قانچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى، ھەتتا ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ  ئىپتىدائى دەۋرلەردە بېسىپ  ئۆتكەن ئىزلار ئۈستىدىكى تەتقىقات ئىزدىنىشلىرىدىمۇ،  ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى  ئىلمى قاراشلىرى ئوڭايسىزلانماقتا. ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇنداق سىرلىق تېپىشماقلارمۇ، باشقىلارنىڭ ھەسەتلىرىنى قوزغاشقا ۋە باشقىلارنىڭ قورقۇنچىسىنى غىدىقلاپ، قارشى تەدبىر ئىزدەشكە مەجبۇرلىشى مۇمكىن.

تارىخىدا چەكسىز ئىجاتكارلىق بىلەن، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن، دۆلەت قۇرۇش ۋە تېررېتورىيە ئېچىش، كېڭەيتىش بىلەن، ئىنسانىيەتنى ياشاشقا يېتەكلەش بىلەن ئۆزلۈكىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن ئۇيغۇرلار، ھەرگىزمۇ بۇتخانىدا مۈگدەپ ئولتۇرىدىغان، بېشىغا قونغان چىۋىننىمۇ قورۇيالمايدىغان ھۇرۇن راھىبقا ئوخشىمايتتى. جەسۇر، باتۇر، تۈرگۈن، دانا، تەدبىرچان، ئەقىللىق بولۇپ، ئۆزىگە ماسلاشقانلارغا قوينى كەڭ ئېچىلغان، يولىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا زەربىدار، شەپقەتسىز ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمەنلىك بولۇپ قېلىشىغا، ئەتىراپىدىكى قالاق، قاششاق، ھۇرۇن، مەينەت، بىچارە يات خەلقلەرنى مەدەنىيەتكە، مېھنەتكەشلىككە، ئىلغارلىققا ياكى ئاڭلىق ھالدا، ياكى زورلۇق ۋە بېسىم بىلەن يېتەكلىگەنلىكى سەۋەب بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا يات قەبىلە، يات مىللەت، يات قوۋملەرنى يېتەكلەش سىياسى تەدبىرلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقىنى ، جامائە – ئۇرۇق باشلىقلىرىنى ۋە يۇرت، مىللەت يېتەكچىلىرىنى  تەسلىمنامە، قېتىلىشنامە، بىرلىك نامە قاتارلىق ۋەسىقىلەرگە قول قويۇشقا زورلايتتى. ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ياكى باشتا ماقۇل بولۇپ، كېيىن پۇرسەت تاپقاندا يۈز ئۆرىگەن، توختامنى بۇزغان، خىيانەت ۋە ئىسيان قىلغان قەبىلىلەر، ئۇرۇق – جامائە، قوۋملەرنىڭ باشلىق، يېتەكچى، رەھبەر، ئاقساقال ۋە ئاقسۆڭەكلىرى جازاغا تارتىلاتتى. ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى تاپشۇرغان بارلىق توختام، بەيئەتنامىلەرنى قوبۇل قىلغان ھەرقانداق قەبىلە، ئايماقلار ئامان قالاتتى. ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى، ئاقساقال ۋە ئاقسۆڭەكلىرى ئۆز ئورنىدا قالاتتى. ھەتتا يەر – جايلىرىغا ئۆزلىرى ئىگىدارچىلىق قىلغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ مىللى ۋە دىنى خاسلىقىغا، تىل، سەنئەت خاسلىقىغا دەخلى يەتكۈزۈلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئىچكى مەجبۇرىيەتلىرى ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىقىغا باج تاپشۇرۇش، شەھەر، يول قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىش ۋە تاشقى سىياسەتتە دۈشمەنلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساناقلىقلا قانۇن ۋەسىقىلىرىگە ئەمەل قىلىشى شەرت ئىدى. ئەمما يات قەبىلە، يات قوۋملەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ، ئۆزلىشىپ كېتىشىدە، ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھېچ بىر زورلاش ياكى چەكلەش سىياسەتلىرى، تەدبىرلىرى ئىجىرا قىلىنمىغان. ئەگەر ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇپ، ئىتتىپاقداشلىق ئىچىگە قېتىلغان، يات قوۋملەر ئۆزلۈكىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كەتكەن بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ سىياسى زوراۋانلىقىدىن، مەجبۇرلىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىدىكى ساناقسىز ئارتۇقچىلىقلار، كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك ئېسىل پەزىلەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، كۆيۈمچانلىقى، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ئەقىللىق، مەردلىك، باتۇرلۇق ۋە جەزبىدارلىقى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھۆسنى گۈزەل، ئەقلى گۈزەل، ئەخلاقى گۈزەل، پاراسەتلىك، ئىشچانلىق، ۋاپادارلىق، باتۇرلۇق ۋە سان ساناقسىز خىسلەتلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋە تەبىئى ئارتۇقچىلىقلىرى  ھەر قانداق يات ئەل، يات قوۋمنى « ئۇيغۇر بولۇپ، ئېرىپ ئېقىپ كەتسەم » دېگۈزىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى رول ئوينىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە ھەيۋەت بىلەن كەلگەن چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە زۇلۇم – سەتەم ۋە قۇللۇق تۈزۈمى بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن جۇڭغار قالماق قوشۇنلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە ۋەھشى جازالاش ئۈچۈن باستۇرۇپ كەلگەن مانجۇر قوشۇنلىرى ئۇيغۇر بولۇپ سىڭىپ كېتىشىدە، ھېچ بىرىنى ئۇيغۇرلار قىلىچتىن ئۆتكۈزمىگەن. ئۇلار ئۇيغۇرلىشىپ، مۇسۇلمان بولۇپ، ئۆزلىرى ئېرىپ، ئېقىپ كەتكەن.

ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ  مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرسا،  قايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىگە تەھدىت – دەپ قارايدۇ؟ ۋە  قايسى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قەد كۆتۈرۈپ، قايتا تىكلىنىشىنى خالىمايدۇ؟

1 . ئۇيغۇرلاردىن خەۋپسىرەيدىغان دۆلەتلەر

ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئازات بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرسا، ئۇنى ئۆزلىرىگە خەۋپ خەتەر، تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ – دەپ، قورقىدىغان دۆلەتلەر قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئەڭ يېقىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۆلىتى بولغان ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۆت دۆلەتتۇر. بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە تۇپراق پۈتۈنلىكى مەنپەئەتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇرۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇپ كېتىشى،  خۇددى شىرنىڭ  قەپەستىن چىقىپ كەتكىنىگە ئوخشاش خەتەرلىكتۇر. شىر قەپەستىن چىقىپ كەتسە، يايلاقتىكى قويلارغا خەتەر يەتكىنىدەك، ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولۇپ دۆلەت قۇرسا، مەزكۇر ئەللەر خەتەر ئاستىدا قالىدۇ . بۇنى  تۆۋەندىكىدەك بەش  نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن .

: بىرىنچى – ئۇيغۇرلار رايوندىكى يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە، مېھنەتچان، سودا ماھارىتى يۇقىرى مىللەت بولۇش ئالاھىدىلىكى   بىلەن، باشقا قېرىنداش، قوشنا مىللەتلەرنى مەنىۋى ھەم ماددى جەھەتتىن ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋېلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك.

ئىككىنچى – يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىن،  ھەقسىز كېسىپ بېرىۋېتىلگەن تۇپراقلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلىپ، ھەتتا ئۇرۇش قوزغىشى مۇمكىن. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار رايون تىنچلىقىنى بۇزىدۇ.

ئۈچىنچى – ئۇيغۇرلار ئىمپېرىئالىستىك سىياسى تەسەۋۋۇرغا ئىگە مىللەت. تېخىچە – بۈيۈك تۈركىستانچىلىق چۈشىدىن ۋاز كەچمىگەن. ئەگەر خىتايدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرسا، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مىللى تېرىتورىيىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، تۈركىستان ئىمپېرىيىسى قۇرۇش ئۇرۇشىنى قوزغايدۇ.

تۆتىنچى – ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىك چۈشەنچىسى يوق. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مىللى خاسلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئىمپېرىئالىست ھەم ئىرقچى دۆلەتچىلىكنى تەرغىب قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركى ئىرقىغا تەۋە بارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى خاسلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، ئىرقچىلىقنى ئالغا سۈرۈپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى دۆلەت بولالمايتۇرۇپ، مۇستەقىل تۈركى جۇمھۇرىيەتلەرنى ئىنكار قىلىپ، تۈركىستانچىلىق مەۋقەسىنى ئالغا سۈرۈپ كەلدى. ئەگەر خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرسا، قوشنا دۆلەتلەرنى پاراكەندە قىلىپ، رايون تىنچلىقىنى بۇزىدۇ.

بەشىنچى – ئۇيغۇرلار  رادىكال دىنچى، جىھاتچىلىقنى تەرغىب قىلىدۇ. ئۇلار خىتايدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرسا، چېگرىداش دۆلەتلەرگە رادىكال جىھاتچىلىق ئارقىلىق  خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.

پۈتۈن مۇشۇ تەھدىتلەرنى خىتاي دۆلىتىلا توسۇپ قالالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرالماسلىقى لازىم. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زۇلمى ئاستىدا تولۇق يوقىلىپ كەتسىمۇ بولۇدۇكى، ئەمما مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ قالسا، رايون خاراكتېرلىق تىنچلىق تەھدىت ئاستىدا قالىدۇ. ( 1996. يىلى 12. نويابىر بېشكەكتىكى ، « ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا باشقارمىسى» نىڭ دېرىكتورى بورىس ھېلمۇت ئەپەندى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى پوزىتسىيىسىگە  ۋاكالەتچىلىك قىلىپ، مەن بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنازىرىسىنىڭ بىر قىسمى.) ئوتتۇرا ئاسىيا ( قازاقىستانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) دۆلەتلىرىنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە خوۋپسىرەشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلمىغان دۆلىتىدىن ئۆلگۈدەك قورقۇشلىرىنىڭ نۇرغۇن تاشقى سەۋەبلىرى بولغىنىدەك، يېتىپ ئاشقىچە ئىچكى سەۋەبلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە. تاشقى سەۋەبلىرى بولسا، ئۇلارنى سىرتتىن غىدىقلايدىغان ئويۇنچىلارنىڭ، ئۇيغۇرلارغا قارشى تەييارلاپ چىقىدىغان ساناقسىز سىنارىيىلىرىدۇر. بۇنىڭدا خىتايغا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئوينايدىغان نومۇرلىرى كۆپ ھەم قايىل قىلارلىق . ھەتتا پاكىتلىرى بىلەن ئوينىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك تەشۋىقاتلىرىغا ھەم ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتچى، ئالىملىرىغا، تەشۋىقاتچى ۋە تەرغىباتچىلىرىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب : بىرىنچى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى چۈشىنەلمەسلىك ھەم ياقتۇرماسلىق. ئىككىنچى ئۆزلىرىدىن رۇسلارنى ئۈستۈن كۆرۈش چۈشكۈنلۈكى. ئوخشاش كەسىپتە، ئوخشاش دىپلومغا ئىگە ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ بىرى ئۆز مىللىتىدىن يەنە بىرى رۇس بولۇپ قالسا، ئەلۋەتتە رۇس ئالىمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنى ئىشەنچلىك، ئىناۋەتلىك – دەپ قارايدۇ. ( بۇنداق ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش قۇلچىلىقى،خىتاينىڭ مائارىپىدا يېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىمۇ خېلە ئېغىر ) چۈنكى ئۇلار رۇس تىللىق، رۇس مەدەنىيەتلىك بولۇپ كېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەممە نەرسىنى رۇسلاردىن ئۆگەنگەن. ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنىمۇ رۇسلاردىن نۇسخىلاپ قوبۇل قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى، رۇسلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەپەككۇر قىلىش تەسىرى ئاستىدا قالغىلى، ئەڭ ئاز ئىككى ئەسىردىن ئېشىپ كەتتى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنى رۇس ھۆكۈمرانلىرى ياقتۇرمايدۇ ۋە يامان كۆرىدۇ. رۇسلارغا ئائىت ئىجتىمائىي پەن ۋە ھەتتا تەبى پەن كەسپىمۇ، دۆلەت سىياسىتىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكلىشىگە بويسۇنىدۇ. شۇڭا رۇسىيىلىك ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسىسلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بايان قىلىدىغان ئىلمى ئەمگەكلىرى، ئاساسەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى يۆنۈلىشىدىن قېيىپ كەتمەيدۇ. پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىنى، رۇسىيە بىر تۇتاش باشقۇرۇپ ماڭغاندىن سىرت، ئىچكى سىياسەتلىرىنىمۇ ئاسترىتتىن بىر يۆنۈلۈشتە ئىدارە قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، خەلق مەپكۇرىسىگە ئەندىزە تەييارلاپ، رۇس مانىپوللىقىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ. « سۇنىڭ بېشى لاي » دېگەندەك، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي مەپكۇرىسىنى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى، تاشقى سىياسەتلىرىگىچە كونتروللىقىدا تۇتۇپ مېڭىۋاتقان رۇسىيەنىڭ، ئۇيغۇرلارغا قارشى بەلگىلەيدىغان، رايون سىياسىتىنىڭ قۇربانى پەقەتلا ئۇيغۇرلاردۇر. ئاتالمىش بىز بىلەن بىر تىللىق، بىر ئىرقىغا، بىر دىن، بىر مەدەنىيەتكە مەنسۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا بىز قانداق جاۋاب بېرىپ كېلىۋاتىمىز؟- مەسىلىنىڭ ئېچىنىشلىق يېرى مۇشۇ سوئالغا يىغىنچاقلىنىدۇ. مۇشۇ يەردە بىر قانچە ۋەقەنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمەن. 1996. يىلى ئاپرېل ئىستانبۇلدا « تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيى » چاقىرىلماقچى. بۇ يىغىنغا ئالمۇتىدىن « شەرقى تۈركىستان خەلقئارا مىللى كومىتېتى » نىڭ رەئىسى، (مەرھۇم ) يۈسۈپ بەگ مۇخلىسى تەكلىپ قىلىنىپتۇ. (بۇ تەكلىپ ئالمۇتىدىكى تۈرك ئەلچىخانىسى ئارىچىلىقى بىلەن بېجىرىلگەن بولسا كېرەك ) چاقىرىقنى تاپشۇرۇپ ئالغان يۈسۈپ بەگ مۇخلىسى ئەپەندىم، ئۆزىنىڭ « شرقى تركستان اۋازى گازتى » ناملىق تەشۋىقات ۋاراقچىسىدا : « بىز –  شەرقى تۈركىستان خەلقئارا مىللى كومىتېتى، تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىغا شۇنى ئىلتىماس قىلىمىزكى- ھازىرچە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى، ئارىلىرىدىكى دۆلەت چېگارالىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، بىر پۈتۈن تۈركىستان دۆلىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشلىرى كېرەك. شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۈيۈك تۇران دۆلىتىنىڭ چېگاراسىنى خىتاي سېپىلىدىن ئاق دېڭىزغىچە بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان، بىر دۆلەت قۇرۇلۇپ چىققۇسى!… » –  دېگەن مەزمۇندىكى باياناتىنى ئېلان قىلدى. ئەگەر مەزكۇر ئىلتىماسىنى تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىغىلا يوللىغان بولسا، ياكى ۋاكالىتەن تۈرك ئەلچىخانىسىغا يوللىغان بولسىمۇ، يېپىق قازان يېپىق پېتىم قېلىشى، ھەتتا ئۇ ئىلتىماسقا ھېچكىم پەرۋا قىلماسلىقى ئېنىق ئىدى. بىراق ئۇنى بايانات تەرىقىسىدە، تەشكىلاتىنىڭ ئورگان ماتېرىيالىدا ( ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق نەرسىلەر بېسىلسا، بىر تىيىنچىلىك قىممەت بېرىلمەيدىغان، بىر ۋاراق ئاتالمىش ئورگان گېزىتىدە) ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تۈركىستانچىلىق ئىمپېرىيە چۈشەنچىسى، ئاتالمىش  تۇرانچىلىق ئىرقچى، ناتسىست ئىدېئولوگىيىسى، موسكۋانى ئاست – ئۈستۈن قىلىۋەتتى. رۇس مەتبۇئاتلىرى تۇرانچىلىققا قارشى قەلەم كۈرىشىنى باشلىدى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، تۈرك ئەلچىخانىسىغا يۈسۈپ بەگ مۇخلىسى ئەپەندىنىڭ، قۇرۇلتايغا كېلىشى چەكلەنگەنلىكىنى، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۆزى يىغىنغا بارالمىغان يۈسۈپ بەگ مۇخلىسى ئەپەندى، ئۈچ نەپەر غەيرى رەسمى ۋەكىل ئەۋەتتى. ۋەكىللەر قۇرۇلتاي يىغىن زالىدا، شەرقى تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى چىقىرىپ « شەرقى تۈركىستاننى ئۇنۇتما! ياشىسۇن شەرقى تۈركىستان! » – دەپ، شوئار توۋلىدى. ( يىغىن تەرتىۋىنى بۇزغانلار ئارىسىدا، تۈركىيىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ باركەنمىش) ئۇلارنى تەرتىپ ساقلىغۇچىلار يىغىن زالىدىن مەجبۇرى چىقىرىۋەتتى. بۇ ۋەقەلەر رۇس تېلېۋىزور قاناللىرىنىڭ، خەلقئارا ئاخبارات  پروگراممىلىرىدا تەكرار كۆرسىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن  ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش تېمىسى ئېچىلىپ، مەخسۇس تارىخچىلار، سىياسى ئانالىزچىلار، ئۇيغۇرشۇناسلار، شەرق ۋە خىتاي شۇناسلار، تۈركولوگلار تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا مۇنازىرە باشلىدى. 91. يىلى فېۋرال كۇچا شەھىرىدە ، بىر خىتاينىڭ سىن فىلىم قويىدىغان كىچىك كىنوخانىسىنى پارتلاتقان، مارت ئېيىدا ئۈرۈمچى شەھىرى، 52. يول كوچا ئاپتوبۇسنى پارتلاتقان، بىر قانچە كۆرۈنۈشلەر شۇنچىلىك كۆپتۈرۈپ تەشۋىقات قىلىنغانكى، خىتاي دۆلىتى بۇ رادىكال، ئىسلامچى، تۈركىستانچى، تۇرانچى ئۇيغۇر تېررورىستلىرىغا كۈچى يەتمەي، دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرالمايۋاتقانلىقى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىش كېرەكلىكى، ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ خىتاينى بوزەك قىلغانلىقى يەتمىگەندەك، چېچەنىستانغا كېلىپ، كاۋكاز ئۇرۇشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقى، رۇسىيە بىلەن چېچەنىستاننىڭ نۆۋەتتىكى  تىنچلىق سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ( چېچەنىستاندا ئەسىرگە چۈشكەن خوتەن شىۋىسىدە سۆزلەيدىغان، بەش نەپەر ياشلارنىڭ سىنغا ئېلىنغان  ئىقرارنامىسىنى كۆرسىتىپ) پاكىتلىق دېلولارنى ئېلان  قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار 20. ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان، ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ ۋەھشى، بۇزغۇنچى بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تىنچلىقىغا قارشى ئەڭ قورقۇنچلۇق مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى خىتاي مۇستەھكەم قورغان ئىچىدە تۇتۇپ تۇرمىسا، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە  ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات، ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى. ئۇيغۇرلارغا قارشى تارقاتقان  شۇ قەدەر ئېغۋاگەرچىلىكى، سىياسى زىيانكەشلىكى ئاز كېلىپ قالغاندەك، ئارىدىن بىر يىل ئۆتە – ئۆتمەي، 97. يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر جىھاتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا، خىتايغا قارشى توپلىنىشىغا يوچۇق ئېچىپ بەردى. خىتايمۇ تۈرمىدىكى دىنچىلارنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشىنى « كۆرمەسكە سالدى» . رۇسىيە مۇتەخەسىسلىرى بايان قىلغاندەكلا، رۇس ئاخباراتلىرىدا تەپسىلى پاكىتلىرى بىلەن بايان قىلغاندەكلا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ « رادىكال دىنچى، ئىسلامچى تېررورىست، بۇزغۇنچى، قاتىل، تىنچلىقنى خالىمايدىغان مىللەت » ئىكەنلىكىنى يەنە پاكىتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ قويۇشتى. ئىككى يىل ئاۋۋال رۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتقانلىرى تولۇق ئىسپاتلاندى. ئاتالمىش « جىنايى دېلو بىلەن قولغا چۈشكەن ئۇيغۇر تېررورچىلىرى» دىن بىر قانچە يىگىتلىرىمىزگە، قىرغىزىستان ئالى سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، يىگىرمە يىلدىن بۇيان تۈرمىدە ساقلاۋاتىدۇ. ئۇلار قانۇن بويىچە قىرغىزىستان تۇپرىقىدا « جىنايەت ئىشلىگەن » بولسىمۇ، ئەسلىدىكى ئاتالمىش « زىيانلاندۇرۇلغۇسى ئوبيېكت » خىتاي بولغاچقا، ئۇلارنى خىتايغا بېرىۋېتىشى ئەڭ كۈچلۈك ئېھتىمال ئىدى. لېكىن قىرغىزىستان ئۇلارنى خىتايغا بەرمىدى. نېمىشقا؟ قېرىنداشلىق ھېس – تۇيغۇلىرى، ئىنسانى ۋىجدانلىرى، ياكى خەلقئارالىق ھوقۇق نورمىلىرى، ب د ت ، ۋاھا كازالار يول قويمىدىمۇ؟ – بۇنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى ئاخماق قىلىش ئۈچۈن دېسە بولىدىغان، قۇرۇق گەپلەر. ئەگەر ئۇلارنى خىتايغا بېرىۋەتسە، رۇسىيەنىڭ قولىدىكى پاكىت يوقالغان بولىدۇ. چۈنكى خىتاي ئۇلارغا  دەرھال ئۆلۈم جازاسى ئىجىرا قىلىپ، دېلونىڭ ئىزىنى ئۆچۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. يەنە بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى، ئۇلارنى خىتاي ھايات ساقلىغان تەقدىردىمۇ، خىتاي ھەم زىيانلانغۇچى، ھەم دەۋاگەر ھەم سوتچى بولۇپ قالسا، مەزكۇر دېلو قانۇنى قىممىتىنى يوقىتىدۇ. خەلقئارا دېلولاردا، زىيانلانغۇچى تەرەپ ( دەۋاگەر ) سوتچى ( جازا بېكىتكۈچى) ھەم دېلو ئىسپاتلىغۇچى بولماسلىقى كېرەك. ھەمدە خىتاي ئىشەنچسىز دۆلەت بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن تۇرغۇزغان دېلو ئېتىبارغا ئېلىنماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر « تېررورچى، رادىكال مەھبۇسلار» ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە سوتلانسا، تۇتۇپ تۇرۇلسا، ھېچقانداق شۈبھىگە ئېھتىمال قالمايدۇ. قانداق ۋاقىتتا، قايسى ئورۇننىڭ پاكىتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە دېلونىڭ ساغلاملىقىغا ئىشىنىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خىتايغا بېرىلمەي، قىرغىزىستاندا ساقلىنىشى لازىم.  رۇسىيە پىلانلىغان، خىتاي « تېررورچى، رادىكال  كۈچلەر » بىلەن تەمىنلىگەن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پۇرسەت بېرىپ، تولۇق ماسلاشقان مەزكۇر دېلودا، خىتاي چىگىرا ياقىسىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنى ( ئۇيغۇرلارنى)  خەتەرسىز ھالغا كەلتۈرۈشتە چوڭ نەتىجىگە ئېرىشتى. رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى. چۈنكى ئۇيغۇرلارغا قارشى توقۇپ چىققان بارلىق يالا – تۆھمەت ۋە « قۇھ  – قۇھ  » لىرىنىڭ پولاتتەك پاكىت بىلەن ئىسپاتلىنىشى ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ۋە خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھۇشيارلىقىنى، ھەر زامان مۇداپىئە ھالەتتە تۇرىشى لازىم ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلار ئۇلار بىلەن قېرىنداش بولالمايدىغانلىقىنى تونۇتۇپ قويدى. يەنىلا بۇ رايوندا رۇسلار بولمىسا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشىنى يۈرۈشتۈرەلمەيدىغانلىقىغا، خىتاي پۇت دەسسەپ تۇرمىسا، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى يوقىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ ھاسىل قىلدۇردى. مەزكۇر ئويۇن ئاخىرلاشقىلى 20 يىل بولغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلمەي، ئەكسىچە يەرلىك ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم قىلىپ كەلدى. قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار قويۇق ئولتۇراقلىشىپ ياشاۋاتقان يۇرت، مەھەللىلەرگە كۆزىتىش كامېرالىرىنى ئورنىتىشى، دەل ئىرقىچىلىق ۋە ئىرقى تازىلاش جىنايىتىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. قىسقىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركى دۆلەتلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك پوزىتسىيىلىرىگە باھا بېرىشتە، بالىلارچە : خىتاي ئالداپ كەتتى  ۋە خىتاي پۇل بېرىپ گۆللەپ كەتتى – دەپ، غەيۋەت قىلىپ يۈرسەك، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە سەت بولىدۇ. يەنى بىزنىڭ سىياسەت بىلمەيدىغانلىقىمىزنى، دۆلەت ۋە رايونلار مەسىلىسىنى زادىلا چۈشەنمەيدىغانلىقىمىزنى، ئۆز تىلىمىز بىلەن ئاشكارىلىۋەتكەن بولۇپ قالىمىز.

  2 . ئۇيغۇرلارنىڭ قەد كۆتۈرۈپ، قايتا تىكلىنىشىنى خالىمايدىغان دۆلەتلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلىنىپ، رايون تەۋەسىدە راۋاجلىنىشىنىلا ئەمەس، ھەتتا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ ، ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىنىمۇ راۋا كۆرمەيدىغان دۆلەتلەر: ئەنگىلىيە، رۇسىيە، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردۇر. ئەنگىلىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرۈشى، ياكى ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشىدىكى تۈپ سەۋب، ھىندىستان مەسىلىسى ئىدى. ئەگەر بابۇرىيە سۇلتانلىقى ( ئۇيغۇر – ئۆزبېك) ھىندىستاننى ئەنگىلىزلاردىن ۋە باشقا ياۋروپالىق ئەجنەبىي ئىشغالىيەتچىلەردىن ئۈچ يېرىم ئەسىر مۇداپىئە قىلمىغان بولسا، ھىندىستان ھىندى خەلقىنىڭ ئانا ۋەتىنى بولماي قالاتتى. بۈگۈنكى ھىندىستان ھەم مەۋجۇت بولالمايتتى. ( « سەھنە پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئىنقىلاب » ناملىق كىتاب، 12 . بابىغا قارالسۇن) ياۋروپالىقلارنىڭ ھىندىستاننى تالان – تاراج قىلىشىنى ئەسىرلەپ توسقان ۋە ھىندىستان خەلقىنىڭ توپلۇشۇپ، بىرىكىپ كۈچلۈك ھەم چوڭ مىللەتلەر بولۇپ شەكىللىنىشىدە، ئۇيغۇرلار ئەسىرلەپ ھەمكارلاشمىغان بولسا، مىڭلىغان قەبىلىلەر، مىڭلىغان ئېتىقاد ۋە ئەقىدىلەرگە بۆلۈنگەن، كىچىك، كىچىك مەھەللە پادىشاھلىقلىرى ھالىتىدە داۋاملاشقان تەقدىردە، 19. ئەسىرلەردە ئەنگىلىز ۋە پورتېگىزلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان ھىندىستان، مەڭگۈ قايتىدىن تىكلىنەلمەيتتى. گەرچە ئەجنەبىيلەر تۇپراقنى ئىشغال قىلالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن تىكلەنگەن ئىسلامنى يوقىتالمىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، خوجايىنلىق قەلئەسىنى ئىشغال قىلالمىدى. ئەنگىلىزلارنىڭ ئۇيغۇرنى ئۆچ كۆرۈشىگە ئۇنىڭدىن ئارتۇق سەۋەب بولماسلىقى مۇمكىن.

ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرۈشىگە كەلسەك، ھېچقانداق بىر مىللەت، ياكى قەبىلىلەر يات بىر قوۋمنىڭ  بېسىپ كېلىپ، ئىدارە قىلىشىنى خالىمايدۇ. گەرچە ئۇيغۇرلار ھىندىستانغا بىرلىك، ئىناقلىق، باتۇرلۇق، دۆلەتچىلىك ئېڭى، ئىسلام ۋە تىل بىرلىكى ئېلىپ كىرگەن بولسىمۇ، شۇنىڭدەك بۇتنىڭ ئالدىدا مۈگدەپ ئولتۇرۇپ، دۇنيالىقتىن مەھرۇم بىر خەلققە، مېھنەت قىلىشنى، ئەمگەك قىلىشنى، ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئۆزى جان تىكىپ قوغداشنى ئۆگەتكەن بولسىمۇ، تارىخنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق بىرەر كۆڭۈل يارىسى ساقلىنىپ قالىدۇ. قانچە ئەسىرلىك ھۆكۈمران سۇلالىنىڭ، مەلۇم دەۋرىدە قاتتىق قوللۇقتىن ساقلىنالماسلىقى  تامامەن مۇمكىن. ئەڭ يامان تەرىپى شۇ بولغانكى، ھىندىستاننى ئەنگىلىز ۋە ياۋروپالىقلار ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار تارىخلارنى تولۇق بۇرمىلاپ ئۇيغۇر، تاتار ۋە كېيىنكى بابۇرىيە سۇلالىسى ( ئۇيغۇر – ئۆزبېك ) ھۆكۈمرانلىقى بولۇپ، يەتتە ئەسىردىن ھالقىغان سىياسى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە، قويۇق مەدەنىيەت ئورتاقلىقىغا، ھۈنەر – سەنئەت، تىبابەت، سودا – تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئىنكار قىلغان، پۈتۈن سۈرۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئالتۇن بەتلىرىگە قارا سۈرتىگەن تارىخلارنى يېزىپ تارقاتتى. ھەر بىر كىچىك يۇرت، مەھەللىلەرگە قارىتا ئايرىم تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن ھىندىستان خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەن قىلىۋېتىش چارىسىنى ئىشقا سالغان ئىدى. ئەنگىلىزلار بابۇرىيە سۇلالىسىنى بىر ئۈلگۈچىلا، بىر قېتىملىق ئۇرۇش بىلەن ئاغدۇرغىنى يوق. ئۇرۇش بەزىدە قوراللىق، بەزىدە دىپلوماتىك ئۇسۇللاردا، ئەسىرلەپ داۋاملاشقان بولۇپ، مەركەزدىن يىراق، مۇداپىئە نۇقتىسى ئاجىز رايونلارنى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا  ئەنگىلىزلار ئىشغال قىلىپ، ئۇ رايوندىكى خەلقنى بابۇرىيە  مەركىزى ھۆكۈمرانلىقىغا  قارشى قوللانغان ۋەقەلەرمۇ تەكرارلىنىپ تۇرغان. 1858. يىلى ئەنگىلىزلار بابۇرىيە سۇلالىسىنى تولۇق ئاغدۇرۇپ، ھىندىستاننى پۈتۈنلەي بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى پارچىلاپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى قوللاندى. بۇرۇنقى يۇرت، مەھەللە پادىشاھلىقلىرىنىڭ نەسەبلىرىنى قايتا تىكلەپ، ھەر تۈرلۈك خۇراپات ئېتىقادلارنى پەيدا قىلىپ، ھىندى خەلقىنى مەڭگۈلۈك قۇل قىلىش ستراتېگىيىسىنى يولغا قويدى. ئەمما ھىندىستاندا بابۇرىيە سۇلالىسى يىقىلغىنى بىلەنلا، ئۇيەرگە تۆكۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى قۇرۇپ كەتكىنى يوق. ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تەنلىرى ئۇيغۇرنىڭ روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىدى. ھىندىستاندىكى يۈز مىليونلىغان مۇسۇلمانلار قايتا تىكلىنىش ئۈچۈن، ئەنگىلىزلارغا، ياۋروپالىق باسمىچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىدى. بىر ئەسىرلىك تىنىمسىز كۈرەش ئۇلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. ئەمما تارىخ تەتقىقاتلىرىدا، بىزدىمۇ شۇنداق بولۇپ كېلىۋاتقىنىدەك، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەنگىلىزلارنىڭ، ياۋروپالىقلارنىڭ يازغانلىرى، ئېيتقانلىرى « ھۆججەتلىك مەنبە» بولۇپ قارىلىدىغان بولغاچقا، ھىندىستان كۈتۈپخانىلىرىدىكى يەتتە ئەسىرلىك، بەش ئەسىرلىك، ئۈچ ئەسىرلىك قەدىمى ھۆججەت قىممىتىگە ئىگە مەنبەلەردە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يېزىلغان قانلىق، ۋەھشى خاتىرىلەر بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەرقانداق بىر ھىندى پەرزەنتىنىڭ يۈرىكىنى ئەزمەي قالمايدۇ. ئەنگىلىزلار ۋە ياۋروپالىق ئىشغالچىلار ئەرەب، ئافرىقا ئەللىرىنى ئوسمانلىغا قارشى قوزغاشتا، ھەم بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلارنى تۈركلەرگە ئۆچمەن قىلالىشىدا، ھىندىستاندا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەجرىبىدىن ئۆتكەن سىياسى ھىلە – مىكىرلىرىنى قوللانغان ئىدى. دېمەك، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلار، ھىندىستان ۋە پاكىستان دۆلەتلىرى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قايتا قۇرۇلۇپ، قەد كۆتۈرۈشىنى خالىماسلىقتىكى يوشۇرۇن سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ  مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، قەد كۆتۈرۈشىنى رۇسىيەنىڭ خالىماسلىقىدىكى سەۋەبلەرمۇ، ئاساسەن ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى  رايوننىڭ خوجايىنلىقىنى  قىزغىنىشقا ۋە تارىختىكى ئۆچ – ئاداۋەت، دۈشمەنلىككە بېرىپ تاقىلىدۇ. رۇسلار ياشاۋاتقان ھازىرقى بىپايان، گۈزەل، مۇنبەت، يەر ئاستى- يەر ئۈستى بايلىق بىلەن تولۇپ تاشقان تۇپراق، رۇسلار قارا دېڭىزنىڭ غەربى شىمال ساھىللىرىدىكى چاغلىرىدا، ئۇيغۇرلار قەلئە سېلىپ، شەھەر سوراپ ئۆتكەن جايلار ئىدى. گەرچە رۇسلار بۇ گۈزەل ماكاننى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن بىۋاسىتە تارتىۋالمىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسلار بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىشتە، ئۇيغۇرلاردىن قورقۇمسىراپ، ئەڭ ئاز بەش ئەسىر كېچىككەن ئىدى. كېيىن ئۇيغۇرلار بۇ تۇپراقلاردىن چېكىنىپ، باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن دەۋرلەردە، رۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن باستۇرۇپ كېلىپ،  ئەسىرلەپ قىرغىن قىلدى. ( ئۇ تۇپراقلارنى ئىشغال قىلىپ، كۈچلەنگەندىن كېيىن، 19. ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قۇرغان، پاراللېل ئىككى دۆلىتىمىزنى – قەشقەرىيە ۋە ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى يىقىتتى.)  رۇسلارنىڭ بۈگۈنكى رۇسىيىنى ۋە پۈتۈن سابىق سوۋېت ئىتىپاقى تېررىتورىيىسىنى  1922. يىلى تولۇق ئىشغال قىلغان دەۋرىگىچە، بۇ تۇپراقتا رۇسلارغا قارشى ئەسىرلەپ جەڭ قىلغان قوۋملەرنىڭ نامى ھەر خىل ئاتالسىمۇ، رۇسلارنىڭ ئېتىراپ قىلىدىغان دۈشمىنى ئۇيغۇرلار ئىدى. رۇسلارنىڭ يوقىتىش ئوبيېكتىمۇ ئۇيغۇرلار ئىدى. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمى قۇرۇپ، ھۆكۈمرانلىقنى تولۇق قولىغا ئالغاندىن كېيىنلا، بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە سىياسى تازىلاش ئېلىپ باردى. ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر دەريا، ئوش، ياركەنت  رايونلىرىدا قەستەن ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ، سان – ساناقسىز ئۇيغۇرلارنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشتا، گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇشتا، ئالدىنقى سەپكە ئېۋەتىپ، جەڭ مەيدانىدا قىرغىن قىلدى. ئۇيغۇرلار ھايات قېلىش ئۈچۈن تىلىدىن، مىللى كىملىكىدىن، دىنىدىن تېنىشقا مەجبۇرلاندى. چېگرانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە – ئۇيغۇرىستاندا  20. ئەسىردە ئۇيغۇرلار قۇرغان  مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى، ئارقىمۇ – ئارقىدىن ئىككى قېتىم  باستۇردى. كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەھلىلچىلەر : « ئۇ چاغدا خەلقئارالىق ۋەزىيەت رول ئوينىغان  ئىدى. » دەپ، رۇسلارنىڭ جىنايىتىنى ئاقلىماقچى بولىشىدۇ. ئۇنداق بولسا، 19. ئەسىردە قۇرۇلغان پاراللېل ئىككى ئۇيغۇر دۆلىتىنى، رۇسلارنىڭ باستۇرۇشىدا قانداق خەلقئارالىق ۋەزىيەت رول ئويناپ كەتكەنتى؟ كۈچلۈك، غالىب مىللەتلەر ۋە كۈچلۈك مىللەت ئىدارە قىلىدىغان، غالىب دۆلەتلەر ھەر قانچە تەرەققى تېپىپ، مەدەنىيلىشىپ كەتسىمۇ، مىللى زىددىيەت مەسىلىسىدە ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنى ئەندىزە قىلىدۇ. تارىختىكى مىللى ئۆچمەنلكلەرنى، مىللى زىيانكەشلىكلەرنى، مىللى توقۇنۇشلارنى پرىنسىپ قىلغان ھالدا، مىللى ستراتېگىيەلىرىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار كۈچلۈك، شۇڭا ئۇلار غالىب بولغان ۋە ئۆز غالىبىيەتلىرىنى شۇنداق داۋاملاشتۇرالايدۇ. مەغلۇب، ئاجىز، پالاكەت مىللەتلەردە مىللى ستراتېگىيە بولمايدۇ. تۈنۈگۈنكى قان دۈشمىنى بىلەن بۈگۈن ئېغىز – بۇرۇن يالىشىپ، دوست بولۇپ كېتىدۇ. دوست كىم؟ دۈشمەن كىم؟ ئۇلار ئۈچۈن بەرى بىر. ئۆزىمىزدىن چىقىدۇ قۇمدەك مىسال. تۆمۈر خەلىپە ياڭ زېڭ شىن بىلەن يارىشىپ بېشىنى يىدى. غازى ئەمىر، تۆمۈر ئەلى ما جەنساڭ بىلەن يارىشىپ بېشىنى يىدى. ئاتالىق غازى خوجا نىياز ھاجى شىڭ شى سەي بىلەن يارىشىپ بېشىنى يىدى. ئەمىرۇل مۇئمىنىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا گومىنداڭ – جاڭ كەيشى بىلەن يارىشىپ، سامساق يىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ماۇ زېدۇڭ بىلەن يارىشىپ بېشىنى يىدى. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز بېشىنىلا يەپ ئارام تاپقىنى يوق. بەلكى ئۆز بېشى بىلەن قوشۇپ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ، بىر ۋەتەننىڭ بېشىنى يېگەن ئىدى. شۇ قەدەر تەكرارلانغان پاجىئە 1914. يىلىدىن 1946. يىلىغىچە 32 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن. بۇنداق بىر مىللەتتىن يەنە بىرسى بار بولسا، جەزمەنكى ئۇلارمۇ پالاكەتتىن ئۆرە كەلمىگەي ئىلاھىم !

 

يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىن ئازات بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىنى چەكلەيدىغان، خالىمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك سىياسى، مىللى ستراتېگىيىلىرى، مىللى مەنپەئەت قىزىقىشلىرى، ھەتتا « ئىنسانى » ئارزۇلىرى بار. بىز ئۇلارغا جاۋاب بېرىشنىڭ، ئۆزىمىزنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى تېخىمۇ خەۋپسىرەشكە مەجبۇرلاپ كەلدۇق. 20 يىل ئاۋۋالقى قىلىقسىزلىقىمىز بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقنى قورقۇتۇپ، ئۆزۈمىزدىن تېخىمۇ بەتتەر يىراقلاشتۇرغان بولساق، كېيىنكى « سۈرىيە كۆچ – كۆچى » بىلەن، ئۆزىمىزنىڭ « نەقەدەر ۋەھشى، قالاق، قاششاق، كالۋا، مەدەنىيەتسىز، ئىمانسىز، ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن، ياشاش پۇرسىتىدىن ئايرىۋېتىشكە ھەقلىق بىر مىللەت ئىكەن » لىكىمىزنى، پاكىتلىرى بىلەن  كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشتۇق. ۋەتىنى ئىشغال قىلىنغان بىز. دەۋاگەر خىتاي بولۇپ قالدى. زۇلۇم تارتىۋاتقان بىز، دەۋاگەر خىتاي بولۇپ قالدى. جازالىنىۋاتقان بىز، ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلىۋاتقان خىتاي بولۇپ قالدى. يوقىتىلىۋاتقان بىز، دۇنياغا دەرد تۆكۈۋاتقان خىتاي بولۇپ قالدى. زادى نېمىشقا شۇنداق بولۇشى كېرەك؟ – يولىمىز تەتۈر؛ ئىشىمىز تەتۈر؛ سۆزىمىز تەتۈر بولغاچقا شۇنداق بولۇپ قالدى.

ئاخىرىدا، ئۆكۈنۈش ئىچىدە شۇنى ئېيتىمەنكى : بىز باشقىلارنى مەنسىتمەيتتۇق – قازاق دەپ، قىرغىز دەپ، تاتار دەپ، تاجىك دەپ، ئۆزبېك دەپ. ئەمما بۇنى بىزنىڭ ھاكاۋۇرلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى كالۋالىقىمىزدىن كۆرسەك بولغىدەك. قازاقلار، قىرغىزلار، تاتارلار، تاجىكلەر، ئۆزبېكلەر بىزنى ئۆزلىرىدىن تۆۋەن كۆرمەيدۇ. بىزگە ھۆرمەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھۇشياركەن. بىزدە : « سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ » دەيدىغان بىر تەمسىل بار. ئوتتۇرا ئاسىيالىق مىللى  قېرىنداشلىرىمىز، رۇسلار بىلەن يەتمىش يىل بىرگە ياشىدى. بىز خىتايلار بىلەن ياشاۋاتقىلىمۇ يەتمىش يىل بولدى. خىتايغا سېلىشتۇرغاندا رۇسلار ئىنسان ۋە ئەقىللىق. ئوتتۇرا ئاسىيالىق مىللى  قېرىنداشلىرىمىز ئىنسان بىلەن بىرگە ياشىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئەقلىنى يوقىتىپ قويماي، بەلكى ئۆزلىرىگە پايدىلىق نەرسىلەرنى رۇسلاردىن قوبۇل قىلدى. بىز خىتاي بىلەن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەممە نەرسىمىزنى يوقىتىپ، خىتاينىڭ كالۋالىقىنى، پەسەندىلىكىنى، قورقۇنچاقلىقىنى، قۇل مىجەزلىكىنى، ھەتتا مەينەتلىكىنى قوبۇل قىلىۋاپتىمىز. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار دۇنيانى چۈشەندى. ئۆزىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۆزىنى تونىدى ۋە ئۆزىنى قوبۇل قىلدى. بىز بولساق ئۆزىنى تونۇمايدىغان، دۇنيانى چۈشەنمەيدىغان ئەمما دۇنياغا خوجايىن بولۇش چۈشىنى كۆرۈدىغان، پەسكەش لېكىن ھاكاۋۇر خىتايدەك، ئۆزىمىزنى قوبۇل قىلماي، دۇنياغا بويۇن سوزۇشىمىز بىر قالتىسى تېخى. خىتايلار ئەڭ نامرات بولسىمۇ، پادىشاھ بولۇپ، دۇنيانى سوراپ  چۈشەيمىش. خىتاينىڭ تەسەۋۋۇرىدا پادىشاھ بولغان كىشى ئاچ قالماسمىش. شۇڭا « قورساقنىڭ بىر تويغىنى پادىشاھلىق » دەيدۇ خىتايلار. خىتايلار پادىشاھلىقنى بىر قېتىم تويغىچە تاماق يەۋالغانغا تەڭ كۆرۈدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ پادىشاھ بولالمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ رېئاللىقنى تونىمايدۇ، ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئەمما قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ گادايلىقىدا ياشايدۇ. بىزمۇ ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلماي، رېئاللىقنى قوبۇل قىلماي، ئۆزىمىزدىن تېنىپ، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقنىڭ رېئاللىقىنىمۇ ئىنكار قىلىمىز. دۇنيا ئەھلى قازاقلارغا: سىلەر قازاق – دېۋىدى، قازاقلار : بىز بەش يۈز يىل ئاۋۋال، مىڭ يىل ئاۋۋال  قازاق ئەمەستۇق؛ ئەمدى نېمىشقا قازاق بولغۇدەكمىز؟ دېمىدى. ئەكسىچە توغرا، بىز قازاق – دەپ، ئۆزىگە كەلگەن ئامەتنى، رېئاللىقنى قوبۇل قىلدى. قازاقىستاننى ۋەتەن – دەپ، قوبۇل قىلدى ھەتتا. قىرغىزلارغا : سىلەر قىرغىز – دېۋىدى، ياق، بىز ئىككى مىڭ يىل ئاۋۋال قىرغىز ئەمەستۇق؛ ئەمدى نېمىشقا قىرغىز بولغۇدەكمىز؟ دېمىدى. بەلكى قوبۇل قىلدى. مىڭ يىل ئاۋۋال ياشاپ باقمىغان جاينى ۋەتەن تۇتۇپ – قىرغىزىستان قىلىۋالدى ھەتتا . ئۆزبېكلەرگە : سىلەر ئۆزبېك – دېۋىدى، ياق، بىز بەش يۈز يىل ئاۋۋال، ئىككى يۈز يىل ئاۋۋال ئۆزبېك ئەمەستۇق. ئەمدى نېمىشقا ئۆزبېك بولۇپ قالغۇدەكمىز؟ دېمىدى. بۇ گۈزەل نامنى ھۆرمەتلەپ قوبۇل قىلدى. ياشىغان ۋە بۈگۈنمۇ ياشاۋاتقان تۇپراقلىرىنى مەڭگۈلۈك ۋەتەن تۇتۇپ – ئۆزبېكىستان – دەپ، ئاتىۋېلىشتى شۇنداق گۈزەل.  تاجىكلەر ئەزەلدىنلا، تاجىك بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خەلق. ئىزاھات بېرىش ھاجەتسىز. لېكىن ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە، ئەقىلنى ھەيران قالدۇرىدىغان رەددىيە چىقتى. : سىلەر ئەلمىساقتىن بېرى ئۇيغۇر؛ ئوتتۇز مىڭ يىللىق تاشقا ئايلانغان باش سۆڭەكلىرىڭلاردا، ئۇيغۇر- دېگەن نام  يېزىقلىق؛  يىگىرمە مىڭ يىللىق ئويما خەتلىرىڭلار بىلەن، ئۇيغۇر دېگەن نامىڭلار  يېزىلغان؛ سىلەر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاتا جەمەتى – دېسە، ئۇيغۇرلار ئېغىلدىن ئۈركۈپ قاچقان تەخەيدەك، چىچاڭشىپ رەت قىلىدۇ . ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ قارشىسىغا مۇسۇلمان دېگەن سۆزنى قويۇۋاپتۇ بەزەن ئالجوقىلار تېخى – بىز ئۇيغۇرمۇ، ياكى مۇسۇلمانمۇ؟ -دەپ. بەزى بىر ئاتالمىش « ئالىملار» ئۇيغۇر دېگەن نامنى ئاڭلىسا، قۇيقا چېچى تىك تۇرىدىكەن: « 56. يىلى كوممۇنىست خىتايلار پەيدا قىلغان نامتى » – دەپ. بەزى بىر ئاتالمىش « تەتقىقاتچى ئالىملار » : « ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 24. يىلى رۇس پەيدا قىلغان نام بۇ ئۇيغۇر دېگەن؛ ئەسلىدە ئۇنداق بىر مىللەت ئاللىبۇرۇن يوقىلىپ كەتكەنتى » – دەپ، قاغىشلىق قىلىدىكەن. ئۇلار : بىز تۈرك – دەيدىكەن . لېكىن بۇلارنىڭ « تۈرك» لىكىنى يا دۇنيا تونىمايدۇ. يا تۈركلەر ئېتىراپ قىلمايدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ رېئاللىقىنى تونۇمىغىچە، قوبۇل قىلمىغۇچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ رېئاللىقىنى ئېتىراپ قىلمىغۇچە، تۈركىستان ئىمپېرىيىسى قۇرۇش چۈشىدىن ئويغانمىغۇچە، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە تەھتىد بولىدىغان ئىپادىلەردىن ۋاز كەچمىگىچە، قېرىنداش ئەللەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىك قىلىشدىن، زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئامان قالالمايدۇ. چۈنكى  ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا ھەقلىق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاقتى كەلگەندە، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. بىز بۇ قانۇنىيەتنى چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلاشقان چېغىمىزدىلا، دوستىمىز كۆپىيىپ، دۈشمىنىمىز ئازىيىدۇ. بىزگىمۇ ئاللاھنىڭ يورۇق كۈنلىرى يۈزىنى ئاچىدۇ

ئابدۇرەھىمجان

10.10.2018