شەرقى تۇركىستان مەجلىسى پارىج خىتاپنامىسى

PHOTO-2018-10-04-00-06-31

شەرقى تۇركىستان مەجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى 30-سەنتەبىر كۇنى
فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىجدا رەسمى قۇرۇلدى.
20 دولەتتىن كەلگەن 200 نەپەر ۋەكىلنىڭ (شەرقى تۇركىستان جۇمھۇريىتى سۇرگۇندىكى ھوكۇمىتى ۋەكىللىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان بۇ ئىككى تەشكىلى ئورگان، شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ بىردىن بىر شەرتى ۋە
كاپالىتى بولغان مىللىي مۇستەقىللىق ئۇچۇن كۇرەش قىلىدۇ. بىزنىڭ كۇرەش نىشانىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى بولغان ئەركىنلىك، دەموكراتىيە ۋە ئىنسانى ھەق – ھوقوقلارنى قوغداشنى مەھسەت قىلغان قانۇنى باشقۇرۇش ئاساسىدىكى شەرقى تۇركىستان
جۇمھۇريىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشتۇر!
شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى شەرقى تۇركىستان مەجلىسىنىڭ سىياسىي يىتەكچىلىكىدە ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقىمىزنىڭ ھورلىكى ئۇچۇن
ئاكتىپ پا’ئالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئاۋانگارت ۋە جەڭگىۋار تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر.

شەرقى تۇركىستان مەجلىسى بولسا، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ مەجلىسى بولۇپ قۇرۇلدى. بۇ بارلىق شەرقى تۇركىستان خەلقى ۋە شەرقى تۇركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەركەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات، جەمىيەت ۋە گۇرۇپپىلارنى ئىدىيە ۋە پىكىر جەھەتتە ئورتاق تونۇش ۋە ئورتاق نوقتىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر بايراق، بىر مەقسەد، بىر دۈشمەن شۇ’ئارى ئاستىدا مۇستەھكەم بىرلىك سىپى ھاسىل قىلىشنى مەقسەد قىلغان سىياسى ئورگاندۇر. بۇگۇن مىللىتىمىزنىڭ، ۋەتىنىمىزنىڭ كىلەچىگى ئۇچۇن، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا تارىختىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق مۇھتاجمىز. شەرقى
تۇركىستان مەجلىسى بىرلىكىمىزنىڭ، ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ مەركىزى بولغۇسى.

يېقىنقى 20-30 يىل ئىچىدە مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرى دۇنيا جاما’ئەتچىلىكىگە پۇتۇن كۇچى ۋە ئىمكانىيەتلىرى بىلەن شەرقى تۇركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى، كۇندىن كۇنگە يامانلىشىپ كىتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىماي ئاڭلىتىپ كەلدى. لىكىن، دۇنيا جاما’ئىتى خىتتاينىڭ شۇنچە يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق شەرقى تۇركىستاننىڭ يەرلىك خەلىقلىرى ئۇستىدىن يۇرگۈزىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا يىتەرلىك ۋە كۇچلۇك ئىنكاس قايتۇرمىدى، ھەتتا كوپ قىسمى كور، گاس ۋە گاچا بولىۋالدى. نەتىجىدە، شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ ھال – ئەھۋالى تىخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنى توپ- توپ تۇتقۇن قىلىشلار، ئوچۇق – ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن ئولتۇرۇشلەر، ئىچكى ئەزا كوچۇرۇش ئۇچۇن ئىز – دەرەكسىز يوق قىلىۋەتىشلەر ئەۋجىگە چىقتى. شەرقى تۇركىستاننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلىقلەرنىڭ
مەۋجۇتلىقى ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالدى.

خىتتاي خەلق جۇمھۇريىتى شەرقى تۇركىستاننى بېسىۋالغان 69 يىلدىن بۇيان، بۇ زىمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرنى ئوز ۋەتىنىدىن، جۈملىدىن يەر شارىدىن مىللەت سۈپىتىدە بىر پۈتۈن يوقۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ رەزىل نىيىتىدىن ھىچقاچان ۋاز كەچمىدى. دەسلەپكى يىللاردا بۇ مەقسىتىنى يوشۇرۇن ۋە مەخپى ئىجرا قىلغان بولسا، يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ 2017 – يىلدىن بىرى، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان نەتچە مىليون يەرلىك خەلقنى لاگىرلارغا سولاش ئارقىلىق، بۇ نىيىتىنى يالىڭاچلىدى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئاشكارا ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. ۋەزىيەت شۇ قەدەر خەتەرلىك ۋە قورقۇنچلۇقكى، شەرقى تۇركىستان زىمىنى خەلقىمىزنىڭ ئالەمشۇمۇل نالە –
پەرياتلىرىگە تولغان بىر غايەتزور “قۇشخانا”غا ئايلىنىپ كەتتى.
بۇنداق بىر فاجىئەلىك ۋەزىيەت، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۇركىستانلىقلارنى، يېقىنقى 10-20 يىللىق، ھەتتا 40-50 يىللىق سىياسىي ھەركەتلەر ئۇستىدە قايتا ئويلىنىش، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۇنلەش، تەشكىلاتلارنى ئىسلاھ قىلىش، كۇرەش يوللىرىنى يېڭىلاش، قېتىپ قالغان شۇ’ئار ۋە تەسىرسىز چاقىرىقلاردىن ۋاز كەچىشتىن ئىبارەت بىر يۇرۇش ئوزگۇرۇشلەرگە مەجبۇر قىلدى. ۋەتەننىڭ ئەھۋالى، 35 مىليون شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ بېشىدىكى ئاپەتلەر، سىياسى يۈنىلىشىمىزدە سىياسى ھەرىكەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەدىمى بولغان تەشكىلاتچىلىقتىن بىر نەچچە بالداق يۇقۇرى ئورلەشنى تەلەپ قىلدى. مانا بۇ يېڭى ۋەزىيەت، ئۆزگۈرۈشلەر، ۋە ئىزدىنىشلەر، شەرقى تۇركىستان مەجلىسىنىڭ ۋە شەرقى تۇركىستان
مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇگۇنكىدەك ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولدى.

شەرقى تۇركىستان مەجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى ۋەتەن ئىچى – سىرتدىكى خەلقىمىزگە شۇنى جاكارلايدۇ:

1. خىتاي كومپارتىيسىنىڭ خەلق ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زوراۋانلىقلىرى، پارتىيە ئىچى ۋە خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى رىقابەت ۋە سۈركۈلۈشلەر، يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى بولغان ئىقتىسادى ۋەيرانچىلىقلاردىن ئىبارەت بىر قاتار ئەھۋاللار كۆز ئالدىمىزدا كۆرىلىۋاتىدۇ. خىتايغا قارشى تاشقى ئامىللار، يەنى ئامېرىكا ئېلىپ بەرىۋاتقان خىتتاينى جازالاش سىياسەتلىرى ناھايتى ئېنىق ۋە كەسكىن. خىتاينىڭ بىر فاشىستىك زوراۋان دوۋلەت بولۇپ شەكىللىنىپ، ئەتراپىدىكى ئەللەرگە قىلىۋاتقان خىرىسلىرى، “بىر بەلۋاغ بىر يول” ستراتىگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن دۇنياغا كەڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يۇرگۇزىۋاتقان رەزىللىكى، دۇنيا خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان ھوشيارلىقى ۋە ئوچمەنلىكىنى بارغانسەرى ئاشۇرۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق ئىچكى – تاشقى زوراۋانلىقلىرى ھامان ئۇنى يوقۇلۇشقا سورەپ بارىدۇ. بۇ تارىخى پۇرسەت ئۈچۈن خەلقىمىزنى شەرقى تۇركىستان مەجلىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە،
مۇستەقىللىق بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇل تاشتەك بىرلەشتۈرۈش كەرەك.

2. خىتاينىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىن ۋە قەتلى’ئام سىياسىتى خەلقىمىزنى ئويغاتتى. بۇ تارىخى ئويغۇنۇش بىزگە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىشنىڭ يېڭى پۇرسەتلىرىنى ئېلىپ كەلىدۇ. بۇنداق شارائىت ئاستىدا، شەرقى تۇركىستان مەجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى خەلقنى ھەممە جەھەتتىن يەتەكلەيدۇ ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق كۇرىشىگە تاشقى دۇنيادىن دوست ۋە ياردەم توپلايدۇ.

3. شەرقى تۇركىستان ماجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى شەرقى تۇركىستاننىڭ رى’ئال ۋە جىددىي مەسىلىلىرىنى خەلقارالاشقان بىر شەكىلدە كۇنتەرتىپكە ئېلىپ كىلىپ، كۇنسىرى يامانلىشىۋاتقان شەرقى تۇركىستان ۋەزىيىتىدە، يۇز بىرىش ئىھتىمالى بولغان، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پاجى’ئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن تىز ۋە ئاكتىپ ھەركەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ نوۋەتتە شەرقى تۇركىستان مىقياسىدا يۇز بەرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن كەڭ كولەملىك ئەلىپ بەرىلىۋاتقان ئەرقى تازىلاشنى مەقسەت قىلغان قىرغىچىلىقنى خەلقارا جەمىيەتكە ئەڭ جانلىق ئاڭلىتىشتا، باشقا مەۋجۇت بولغان ھەممە شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن يەقىندىن ھەمكارلىشىپ، بولۇپمۇ سىياسى نىشانى ئېنىق ھالدا مۇستەققىللىقتىن ئىبارەت بولغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسلاھات ھارەكتىرلىق ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ ئەڭ ئاكتىپ ئەمەلى
ھىزمەتلەرنى ئەلىپ بارىدۇ.
4.مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ پاناھلىنىش، يەرلىشىش ۋە مىللىي ئازادلىق
ئىشلىرىمىزدا بىرلىككە كىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.
5. نوۋەتتىكى كۆرەش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا، شەرقى تۇركىستان، خىتاي ۋە خەلقارا ۋەزىيەتنىڭ ئوزگۇرىشىگە ئاساسەن، مىللىي ئازادلىقىمىز ۋە مۇستەقىللىقىمىز ئۇچۇن زۆرۈر بولغان، تېخىمۇ ئۈنۈملۇك يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. بۇ يولدا مىللىي ئازادلىقىمىزغا مەنپە’ئەتلىك بولغان خەلقارادىكى ھەرقانداق كۈچ ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىدۇ.

6.شەرقى تۇركىستان مەجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۇركىستانلىقلار ئارىسىدا، دۇشمىنىمىزنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدىغان، غايە ۋە تۇپ نىشانى مۇستەقىللىق بولغان ھەرقانداق بىر تەشكىلات بىلەن قول تۇتىشىدۇ، ھەمكارلىشىدۇ. يۇقارقى ئىككى شەرتنى ھازىرلىغان ئەھۋالدا، ئوخشىمىغان تەشكىلات، ئوخشىمىغان گۇرۇھلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، مىللىي مۇستەقىللىق كۇرىشىمىز ئۇچۇن بىر بايلىق دەپ تونىيدۇ. بۇ ئىككى شەرتنى ھازىرلىغان ھەر قانداق شەرقىي تۇركىستانلىق ئۇچۇن، بىزنىڭ ئىشكىمىز ھەر ۋاقىت ئوچۇقتۇر.

7.شەرقى تۇركىستان مەجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى ئوزىنىڭ پا’ئالىيەتلىرى داۋامىدا، خەلقىمىز ئىچىدە، دۇنيا جاما’ئىتى ئالدىدا، ۋە ياكى بۈگۈن ھەمدە يېقىن كىلەچەكتىكى پا’ئالىيەتلىرىدە، شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە، ئاشكارا ۋە كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

8. شەرقى تۇركىستان مەجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى مىللىتىمىزنىڭ فاشىستىك يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا سولۇنۇپ جازالىنىۋاتقان ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۇ ئېغىر كۇنلەردە، ئىنسانپەرۋەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، بۇ مەسىلىگە قارىتا ھەققانىي پوزىتسىيەسىنى بىلدۇرگەن ئامېركا ھوكۇمىتى ۋە پارلامېنتىگە، ب د ت ئىرقى ئايرىمىچىلىقنى چەكلەش كومتېتىگە، ياۋرۇپا پارلامېنتىگە، لاگىرلار مەسىلىسىنى خەلقارا كۇنتەرتىپكە ئېلىپ كىلىۋاتقان غەرىپ ئاخبارات دۇنياسىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ۋە بۇ ھەققانىي مەيدانىنى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش ئەمەلىي چارىلىرى تېپىلغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ.

9. شەرقى تۇركىستان مەجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى قان – قەرىنداشىمىز بولغان تۇركىيە خەلقى ۋە تۇركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسىگە كوڭۇل بولۇپ كەلگىنىگە مىننەتدارلىق بىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، پۇتۇن تۇرك- ئىسلام دۇنياسىنى يىغىۋېلىش لاگىرلىرى مەسىلىسىدىكى سۇكۇتىنى بۇزۇشقا، مىللىي ۋە دىنىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىدۇ.

ئالىي ئىھتىرام بىلەن:
شەرقى تۇركىستان مەجلىسى
شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى
2018- يىلى 1- ئوكتەبىر، فرانسىيە پارىج

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …