ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تېپىلامدۇ؟

2018-03-22-PHOTO-00002156

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تېپىلامدۇ؟

ئىنسانلارنىڭ ئانىدىن تۇغما، تەبىئى خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى باشقىلارنى دوراشتۇر. تىببى ۋە پىسخېك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئېيتقاندا، ھامىلە ئۈچ ئايلىقتىن باشلاپ سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشى، خاپىچىلىقتىن يىراق تۇرۇشى، قاتتىق چوقان- سۈرەن بار يەرگە يولىماسلىقى، كۆڭۈلنى كۆتىرىدىغان مۇڭلۇق مۇزىكا ئاڭلاپ تۇرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. غەرب ئەللىرىدە ھامىلە ئېغىرلاشقان ( بەش ئايلىقتىن) باشلاپ، ئۆسمۈرلەرگە لايىق يېقىملىق بالىلار مۇزىكىسىنى كۈندە ئىككى قېتىم ئانىنىڭ قورسىقىغا يېقىن تۇتۇپ، ئون بەش مىنۇت ئەتىراپىدا قورساقتىكى ھامىلىگە ئاڭلىتىشنىمۇ تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ھامىلىنىڭ مېڭىسى ياخشى يېتىلىشىگە پايدىلىقمىش.

ئىنسان بالىسى تۇغۇلۇپلا ھاياتنىڭ تۇنجا كۈنلىرىنى ئانىنىڭ قۇچىقىدا باشلايدۇ. بىرىنچى تاۋۇشنى، بىرىنچى سۆزنى ئانىسىنى دوراپ، سان- ساناقسىز قېتىم تەكرارلايدۇ. ئاخىرى « تىلى چىقىدۇ». ئىنسانلار، مىللەتلەر ئانىسىنى دوراش ئارقىلىق تىل ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تىللار« ئانا تىلى» -دەپ، قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىنسانلار ئەقىلنىڭ ئاچقۇچى، تەپەككۇرنىڭ يېتەكچىسى بولغان تىلنى دوراپ ئۆگىنىشتىن تارتىپ، ساناپ تۈگەتكۈسىز نەرسىلەرنى تەكرار كۆرۈش، تەكرار ئاڭلاش ۋە تەكرار دوراش ئارقىلىق زېھنىگە ئۆزلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تەپەككۇر قىلىشقا، بىلگەنلىرىنى ئىلمى ئاساس بىلەن پۇختىلاشقا ۋە نەزەرىيىۋىلەشتۈرۈشكە قەدەم باسىدۇ. ئەمما شۇنى چەتتە قالدۇرۇشقا بولمايدۇكى، بىلىم تەپەككۇرى نەزەرىيە جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەنلىكنىڭ ئۆزىلا ئەمەلىيەتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولمايدۇ. مەلۇم بىر پىكىرنى نەزەرىيە جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئالاھىدە چىقىم، دەسمى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەمما پىكىرنى بىرەر ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ماددى كۈچ تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نەزەرىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قەدەم باسقاندا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشنىڭ ۋە كۆپ چىقىمغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، « بۇنىڭدىن بۇرۇن، ياكى مەۋجۇت شارائىتتا شۇنداق بىر ئىشنى قىلىپ نەتىجە قازانغانلار» دىن ئۆرنەك ئېلىشقا ئىنتىلىش نورمال ئەھۋالدۇر. بولۇپمۇ سىياسىي كۈرەشلەردە، قوراللىق ئۇرۇشلاردا ئىجىرا قىلماقچى بولغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەت ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغاندىن سىرت، باشقىلارنىڭ قانداق ئۇسۇل، قانداق تاكتىكا قوللانغانلىقى ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، ياكى نەتىجىلىرىدىن ئۆرنەك ئالىدۇ. ياكى مەغلۇبىيەتلىرىدىن ئىبرەت ئالىدۇ. قايسى شەكىلدە بولمىسۇن باشقا تەقدىرداش ياكى مەسلەكداش خەلقنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرىدىن بىر نەرسە ئارىيەت ئېلىنىدۇ.

مۇشۇ دائىرىنى چۆرىدەپ « ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك بارمۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەپ باقايلى.

1  .يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ئۆرنەك بولالامدۇ؟ – جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى يەھۇدىيلارنى قىسقىچە تونۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.

يەھۇدىيلارنىڭ باشقا ھېچقانداق قوۋملەرگە ئوخشىمايدىغان، تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكى بار.

بىرىنچى: مەيلى ناچار تەرەپتىن، مەيلى ئىلغار تەرەپتىن بولسۇن يەھۇدىيلار دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر قوۋمدۇر. بولۇپمۇ ساماۋى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ئەڭ ساۋاتسىزلىرىمۇ يەھۇدىي دېگەن بىر قوۋمنىڭ نامىنى، مەۋجۇتلىقىنى ۋە بەك ناچار كاپىر ئىكەنلىكىنى بولسىمۇ بىلىدۇ. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى تونۇتىشقا ھېچقانداق كۈچ، ئەمگەك، ۋاقىت ئىسراپ قىلمايدۇ.

ئىككىنچى: يەھۇدىيلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبىدىن بولۇپ، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامدىن ئەيسا ئەلەيھىسسالامغىچە ئارىلىقتا، ئۇلاردىن  نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر كەلگەن. يەھۇدىيلار مەيلى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلسۇن، مەيلى ئاسىيلىق قىلسۇن، قانچە مىڭ يىللاپ ئىلاھى ۋەھى بىلەن ئىزچىل يېتەكلەنگەن خەلقتۇر. بۇ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ تېز يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

ئۈچىنچى: يەھۇدىيلار دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرنىڭ زوۋۇلىسى تېخى ئۈزۈلمىگەن چاغلاردىن تارتىپ ، ئىقتىسادقا ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن خەلقتۇر. ھازىرمۇ دۇنيا ئىقتىسادىنى بىر تۇتاش كونترول قىلىپ كەلمەكتە.

تۆتىنچى: يەھۇدىيلار مىلادىدىن بۇرۇنقى مىڭىنچى يىلدا ئۆز ئۈزىگە خوجا بولۇپ، مۇستەقىل شەھەر سورىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى مىڭ يىلدىن باشلاپ 20 . ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئۈچ مىڭ يىل تۈرلۈك تۈمەن قىسمەتلەرگە ئۇچرىدى. يەھۇدىيلارنى بىر مەزگىل ( 5 ئەسىردىن ئارتۇق) قىبتىلار( مىسىرلىقلار) ئىدارە قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇريانىلار، ئۇنىڭدىن كېيىن پېرسىيىلىكلەر، رۇملۇقلار ئىدارە قىلغان. مۇشۇ ئىدارە قىلىنىش ۋە ياتلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇش جەريانىدا ، نېمىنى قۇربان بېرىپ، نېمىنى ساقلاپ قېلىشنى بىلگەن. ئۇلار تىلىنى، ئۆرپ- ئادەتلىرىنى  قۇربان بېرىپ، دىنى ( يەھۇدىي دىنى ئۇلارنىڭ شەخسى دىنى بولغاچقا، دىن مىللى كىملىكنىڭ مۇھىم قىسمى ) بىلەن ئىقتىسادىنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشقان. ئەڭ مۇھىمى « يەھۇدىي» دېگەن بىر كەلىمىنى مەيلى يوشۇرۇن، مەيلى ئاشكارا داۋاملاشتۇرغان. ئۇلارنى ياتلار ئىشغال قىلغان چاغلاردا، ياتلارنىڭ ھاكىمىيەت قاتلاملىرىدا خىزمەت قىلغان ۋە يۇقىرى مەنسەپلەرگىچە ئۆرلەپ، ئۇلارنى بېسىۋالغان دۈشمەنلەرنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ چوڭ رول ئوينىغان. لېكىن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك -دەپ قارالغان نەرسىلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى قەتئى داۋاملاشتۇرغان.

بەشىنچى: يەھۇدىيلار كۆچمەن بولۇپ بارغان يېرىدە، يەر ئىگىسىگە ئېغىرچىلىقىنى سالماي، ئۆز ئۈزىنى تىكلەش بىلەن بىرگە، پانالىق بەرگەن ئەللەرنىڭ ئىقتىسادى يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشىدۇ. يەھۇدىيلار ئىككى مىڭ يىل ئەتىراپىدا تولۇق كۆچمەن بولۇپ ياشىغان خەلق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئائىت دىنىدىن باشقا نە مىللى مەدەنىيىتى، نە بىر سەنئەت- مۇزىكىسى يوق. ئەمما ئۆزلىرى يەرلەشكەن ئەللەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت- سەنئەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاندىن كېيىن راۋاجلاندۇرىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ داڭلىق مىللى مۇزىكىسى يوق. ئەمما ئۆزلىرى يەرلەشكەن ئەللەرنىڭ مۇزىكىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالىدۇ ھەم تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ قۇلاققا ياققۇدەك ناخشا مېلودىيىسى يوق. لېكىن باشقىلارنىڭ ناخشىسىنى پەۋقۇلئاددە ماھارەت بىلەن ئېيتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئارتۇقچىلىقى بىلەن يەھۇدىيلار بارغان يەردە تېز ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن قىممەت يارىتىدۇ.

ئالتىنچى: غەربكە- ياۋروپاغا يەرلەشكەن يەھۇدىيلار 17. ئەسىرلەرگە كەلگەندە ياۋروپالىقلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېتەكلىگۈچى ئورۇنغا ئۆتكەن. بولۇپمۇ غەربى ياۋروپالىقلارنىڭ يىقىلىش ئالدىدا تۇرغان مەدەنىيەتلىرىنى قايتا گۈللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان. ياۋروپانىڭ ۋەيران بولىۋاتقان ئىقتىسادىنى قايتا راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنياۋى سودا مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈشكە ، سانائەتلىشىشكە يېتەكلىگەن. شۇنىڭدەك چۈشكۈنلۈككە يۈزلەنگەن ياۋروپا تەپەككۇرىنى ئىسلاھاتقا يۈزلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي تۈزۈملەرنى يېڭىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

يەتتىنچى: قەدىمقى زامانلاردا يەھۇدىيلاردىن كۆپلەپ پەيغەمبەر چىققان بولسا، 17. ئەسىردىن باشلاپ سانسىزلىغان مۇتەپەككۇر، جەمئىيەتشۇناس پەيلاسوپلار چىقتى. بولۇپمۇ ياۋروپانىڭ يېڭى ئويغۇنۇش ھەرىكەتلىرىدە يەھۇدىي مۇتەپەككۇر ۋە پەيلاسوپلىرىنىڭ ئوينىغان رولى بەك چوڭ.

19  . ئەسەرنىڭ دەسلەپكى چارەكلىرىدىن 20. ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە يەھۇدىي پەيلاسوپلىرىنىڭ قەلەم كۈرىشى ۋە كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات، تەرغىباتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بېلگىيە ئىمپېرىيىسى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى، رۇسىيە پادىشاھلىقى، ئېنگىلىس ئىمپېرىيىسى قاتارلىق، كۈچلۈك سەلتەنەتلەر يىمىرىلدى ۋە يىقىتىلدى. يەنە شۇ يەھۇدىي پەيلاسوپلىرىنىڭ پىكرى، تەشەببۇسلىرى ئارقىسىدا « كاپىتالىزم ۋە سوتسىئالىزم لاگىرى» بارلىققا كېلىپ، دۇنيا چوڭ ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلدى. ئاتوم كەشپىياتى، ئېلېكتېر كەشپىياتى، بۈگۈنكى يۇمشاق دېتال تەرەققىياتى، ئېلېكترونلۇق تۈرلۈك ئۇچۇر ۋاستىلىرى قاتارلىق ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلارنىڭ ھەربىرىنى، يەھۇدىيلارنىڭ مېھنەتلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەنلەر يەھۇدىيلارنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكى خالاس. بىزنىڭ ئازاتلىق كۈرىشىمىزگە، مۇستەقىللىق ۋە قۇتۇلۇش ھەرىكىتىمىزگە يەھۇدىيلارنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرى ھەرگىزمۇ ئۆرنەك بولالمايدۇ. يەھۇدىي ھەرىكىتىدىن ئۆرنەك ئېلىش ئۈچۈن، جەزمەنكى يەھۇدىينىڭ دەل ئۆزى بولۇپ يارىلىش كېرەك. دوراپ يەھۇدىي بولىۋالالمىغاندەكلا، ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى دوراپ كەلتۈرىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس. يەھۇدىيلارنىڭ ساناقسىز ناچار قىلمىشلىرىمۇ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.

بىز يەھۇدىيلاردىن ئۆرنەك ئېلىشنى ئويلىشىپ، قۇرۇق ئاۋارە بولۇشنىڭ ئورنىغا، بىزنىڭ تارىخىمىزنى، ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى، دۈشمىنىمىز بولغان خىتاينى ۋە بىزگە چېگرداش قوشنا دۆلەتلەرنى ئىلمى تەتقىقات دەرىجىسىدە بىلىدىغان يەھۇدىي سىياسى ئانالىزچىلىرى بولسا، شۇلاردىن مەسلىھەت ئېلىشنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ. ئەمما: خىتاي شۇناس، پالانى ئۇنىۋېرستېتنىڭ پروفېسسورى- دەپلا، ھەرقانداق بىر داڭلىق يەھۇدىيلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئىش قىلىش، بىزنى تېخىمۇ چىقماس يولغا سولاپ قويىشى مۇمكىن. ئەگەر بىر داڭلىق يەھۇدىي تەتقىقاتچىسى، قانچە سائەتلەپ ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپ كېلىپ، كۈنلەپ ۋاقىت چىقىرىپ، بىز ئۈچۈن بىكارغا سۆزلەپ، بىكارغا مەسلىھەت بەرگەن بولسا، شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى، سۆزلىگەن ھەربىر جۈملە نۇتۇقلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى خىتاي تۆلىۋەتكەن بولىدۇ. چۈنكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ تىپىك خاسلىقى ئۆزىگە پايدىسى يەتمەيدىغان، ياكى ئۆزىگە زىيانلىق ئىشنى قىلماسلىقتۇر. « باشقىلار زىيان تارتىپ كەتسىمۇ مەيلى، يەھۇدىيلار پايدا ئېلىشى كېرەك. باشقىلار زىيان تارتىپ كەتسە مەيلى، يەھۇدىيلار زىيان تارتماسلىقى كېرەك. باشقىلار پايدا ئېلىۋالسىمۇ مەيلى، يەھۇدىيلار جەزمەن پايدا ئېلىشى لازىم. » مانا بۇ فورمۇلا يەھۇدىيچە پايدا  چۈشەنچىسىدۇر. زىيان تارتىش بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ  ئارىسىدا، ياكى پايدا ئالالماسلىق بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ  ئارىسىدا ئېگىز ھەم قېلىن تام بولىدۇ.

ئەمدى يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىندە دۆلەت قۇرغان ھەرىكىتىگە كەلسەك، ئۇ نوقۇل ھالدىكى دۆلەت قۇرۇش ئېھتىياجىدىن بولغان ئىش ئەمەس. يەھۇدىيلار پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خەق ئەمەس. ئۇلارنىڭ كۈرەش ئۇسۇلىمۇ يوق. يەھۇدىيلار 1948. يىللىرى « يەھۇدىي دۆلىتى» قۇرۇشنى خالىغان بولسا، ياكى نوقۇل دۆلەت قۇرۇش ئېھتىياجىدىن دۆلەت قۇرماقچى بولغان بولسا، جەنۇبى ۋە شىمالى ئافرىقا، شەرقى ياۋروپا ئەللىرىدە  ئارتۇق ئاۋارىچىلىق تارتماستىن دۆلەت قۇرۇپ چىقالايتتى. لېكىن ئۇلار پىشانىسىگە بېسىلغان: ماكانسىز، پەسەندە كۆچمەن يەھۇدىيلار- دېگەن ھاقارەتلىك تامغىنى ئۆچۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ نەسەبلىك خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن « ئىبراھىم، ئىسھاق، مۇسا، داۋۇت، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامدىن مىراس قالغان، ئاللاھ ئۇلارغا تەقسىملەپ بەرگەن مۇقەددەس تۇپراق» تا ئىسرائىل دۆلىتى قۇردۇرۇشنى تاللىۋېلىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ « ئۆلمەس، يوقالماس مەڭگۈلۈك روھنىڭ بىر پارچىسى، تەڭرىنىڭ جەمەتى» دېگەن پەسكەش دەۋالىرىنى راستقا چىقىرىش ئۈچۈن، قۇددۇسنى ئىگىلەش پىلانىنى تۈزدى. ئۇلار بۇ تۇپراقتا خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ پەلەستىندە ھېچنېمىسى يوق، ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئۇ يەردە ياشاش ئىستەكلىرىمۇ يوق كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلار تۈزگەن پىلانلىرىنى يىراقتا تۇرۇپ ئىجرا قىلدۇرغان ئىدى. ئىسرائىلدا پاراكەندىچىلىك ۋە خەۋپ ئىچىدە ياشايدىغان  يەھۇدىيلار، ئومۇمى يەھۇدىيلار گۇرۇھى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان، قۇربان بولىدىغان كىشىلەردۇر.

دېمەك، يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە بىزنىڭ دۈشمىنىمىزنى سېلىشتۇرغىلى بولمىغاندەك، يەھۇدىيلارنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرىدىن بىزگە ئۆرنەك بولغىدەك بىر نەرسە يوق. شۇنىڭدەك يەھۇدىيلار دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خەق ئەمەس ھەم باشقىلار قۇرۇپ بەرگەن دۆلىتىنى، يەنە باشقىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قوغداپ كېلىۋاتىدۇ.

2  . كوسوۋو مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئۆرنەك بولالامدۇ؟

كوسوۋو – ئالبانلىرى 20. ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بالقان رايونلىرىنىڭ جۇغراپىيىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتتى. كوسوۋو – سېربىيە ئۇرىشى ئالدى بىلەن بالقان سىياسىتىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن، ياۋروپا خاراكتېرلىق ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش بولۇپ قالدى. ئەگەر بۇنىڭدىن 19 يىل ئاۋۋالقى كوسوۋو ئۇرىشى پارتىلىمىغان بولسا، كوسوۋو- سېربىيە مۇناسىۋىتى يۇمشاق كۈچ بىلەن، دىپلوماتىك ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىنغان بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۈگۈنگىچە پۇت تىرەپ تۇرالىشى مۇمكىم بولماي قالاتتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سابىق ۋارشاۋا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق نوپۇز ئىمتىيازلىرى رۇسىيىگە مىراس قالغاندەك، سابىق يوگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق نوپۇز ئىمتىيازلىرى، ئىقتىسادى، قورال ئەسلىھەلىرىنى مىراس ئالغان سېربىيە جۇمھۇرىيىتى، بالقان رايونلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ياۋروپادىكى رادىكال، مۇرەسسەسىز، باسمىچى، ھۇجۇمچى خاراكتېرىغا ئىگە بىر خەتەرلىك دۆلەت بولۇپ قالغان. كوسوۋو- سېربىيە ئۇرۇشى باشلانغان دەسلەپكى ھەپتىلەردە، كوسوۋو پىدائىي پارتىزانلىرىنى قوللاپ، ناتونىڭ ياۋروپا قىسمى ئۇرۇشقا كىردى. لېكىن ناتو قىسىملىرى يېڭىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتقان پەيتتە، (ئۇرۇشنى رەت قىلغان، ياكى ئۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلمىگەن) ئامېرىكا ناتونىڭ بارلىق ئەزالىرىنى باشلاپ، بالقان ئۇرۇشىغا كىردى. 71 كۈن داۋام قىلغان شىددەتلىك ئۇرۇشتا سېربىيە مەغلۇب بولدى. بۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، كوسوۋونى كوسوۋولىقلار ئۆزلىرى ئازات قىلمىغان. بەلكى كوسوۋولىقلار ئۇرۇشنىڭ پىلىكىگە ئوت ياققان. ئۇرۇشنى ئامېرىكا بىلەن ناتو ئاخىرىغا چىقارغان. ئامېرىكا ئۇرۇشقا كىرمىگەن بولسا، كوسوۋو ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ قالغان ياۋرو- ناتو دۆلەتلىرىنىڭ جۇغراپىيىسى بۇزۇلۇپ، ياۋروپا خەرىتىسى باشقىچە سىزىلىپ قېلىشى ئېھتىمالغا شۇنچىلىك يېقىن ئىدى.

كوسوۋو ئالبان خەلقى بوسنىيە مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاشلا، 15. ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيىسى بالقان ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، كوسوۋونى پەتىھ قىلغان مەزگىلدە ئىسلامنى قوبۇل قىلغان، بالقاندىكى قەدىمى تارىخقا ئىگە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بالقان خەلقى ئىچىدە سېرىبلاردىن باشقا مەيلى مۇسۇلمان، مەيلى خىرستىيان بولسۇن، ھەرقانداق  مىللەت خەلقى ئوسمانلىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ سېغىنىپ ھۆرمەتلەيدۇ. بۇ، ئوسمانلىدىن كېيىن بالقان رايونىغا بىر ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە كوممۇنىستىك يوگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان سېربلارنىڭ قانلىق زۇلمىدىن بىزار بولغان چاغلاردىكى ئۆتمۈشكە بولغان تەشنالىقنىڭ ئىسپاتىدۇر.

كوسوۋو خەلقى يەرلىك ياۋروپا مۇسۇلمانلىرىدۇر. ئۇلار ياۋروپادىكى باشقا ھەرقانداق يەرلىك مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، ئىنسانىيلىقنى بىرىنچى قاتارغا قويىدۇ. ھەم ۋەتىنىنى، ئۆز خەلقىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدۇ. كوسوۋولىق : ۋەتەن ئۈچۈن ئۇرۇشتا ئۆلسە جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارغا، ۋەتەن خەلقىگە، ئۆز ۋەتىنىگە مۇئامىلە قىلىشتا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئۈلگە كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە ئالىجاناب، ئاڭلىق، تەمكىن، ئېسىل  بىر خەلقتۇر. كوسوۋولىقنىڭ بەختىگە يارىشا، كوسوۋو ئۇرۇشىغا « ئاللاھ يولىدا كاپىرنى ئۆلتۈرۈپ، جەننەتكە كېتىدىغان مۇجاھىدلار» قاتناشماي، بەلكى « ۋەتەن ئۈچۈن دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ، غەلىبە قىلىدىغان ۋەتەن پىدائىيلىرى» قاتناشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇشۇ روھى، مۇشۇ ئالى پەزىلىتى، ئىنسانى ئەخلاقى ئۇرۇشقا ئاۋۋال ياۋروپالىق ناتونى، كېيىن ئامېرىكا باشچىلىق پۈتۈن ناتونى باشلاپ كىرگەن ئىدى. بۇ، چېچەن مۇجاھىتلىرى بىلەن كوسوۋو ۋەتەن پىدائىيلىرىنىڭ غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت ئۆلچىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەكتۇر.

كوسوۋو ۋەتەن پىدائىيلىرى « بەش يۈز جەڭچى» دەپ ئاتىلاتتى. پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرىدا ئۆلۈپ ئەللىك كىشى قالسىمۇ، يېڭى پىدائىيلار سەپكە قېتىلىپ، مىڭ كىشى بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇلارنى « بەش يۈز پىدائىيلار، ( دۈشمەن تەرەپ) بەش يۈز تېررورىست، بەش يۈز باندىت- دەپ ئاتايتتى. شەرەپلىك « بەش يۈز ۋەتەن پىدائىيلىرى» كوسوۋو دۆلىتىنىڭ ئۇلىنى قۇرۇپ چىقتى.

كوسوۋولىقلار ھەرقايسى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان ئىدى. مەيلى قانۇنلۇق يول بىلەن بولسۇن، زۆرۈر تېپىلغاندا جىنايى يوللار بىلەن بولسۇن، ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە بىر كىشىلىك تۆھپىلىرىنى قوتقان ئىدى. كوسوۋو مۇستەقىللىق ھەرىكىتى جەريانىدا، جىنايەت بىلەن شۇغۇللانغان كوسوۋولىقلار، ھازىرغىچە تۇتۇش بۇيرۇقى ئاستىدا. بەزىلىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تارتىلىپ، ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى بەدەل تۆلەپ، خەلقى ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن مۇستەقىل بىر دۆلەتنى تەقدىم قىلالىدى.

كوسوۋو پىدائىيلار ھەرىكىتى 1976. يىللىرىدىن ئېتىبارەن، يالغۇز كىشىلىك ھۇجۇم  شەكىلدە باشلانغان بولۇپ، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر قوماندانلار ئائىلىسى بويلاپ، جەمەتى بويلاپ ئاممىۋى ئۆلتۈرۈلگەن. كوسوۋو پارتىزانلىق ئۇرۇشىنىڭ  ئەڭ تەرەققىي قىلغان ۋاقتى، 1998. يىلى دېكابىردىن باشلاندى. بۇنىڭ سەۋەبى: كوسوۋو ئۆلكىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ( مەرھۇم) ئىبراھىم رۇگوۋا ئەپەندى، كوسوۋودا خەلق رايىنى سىناش ۋە ئالى ئاپتونومىيە چاقىرىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا قارشى تۇرغان بېلگراد ھۆكۈمىتى ئۇنى مەركەزگە چاقىرتىپ، ئايالى بىلەن ئۈچ بالىسىنى گۆرۆگە ئېلىۋېلىپ، بارلىق سىياسىي تەلەپلەردىن ۋاز كېچىشكە قىستىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم رۇگوۋا ئەپەندى 1998. يىلى دېكابىر بېلگرادتا : كوسوۋونىڭ سېربىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلمايدىغانلىقى، بېلگرادنىڭ كوسوۋودا يولغا قويىۋاتقان نۆۋەتتىكى تۈزۈم ۋە سىياسەتلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە تەلەپ قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. بۇ بايانات كوسوۋو خەلقىنى جىمىقتۇرىدىغان ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى تولۇق قوزغايدىغان چاقىرىق بولۇپ قالدى. كوسوۋو خەلقى سۆيۈملۈك مىللى رەھبىرى ۋە ئەركىنلىك يولباشچى لىدەرىنى « ۋەتەن خائىنى » ئېلان قىلدى. ( ئۇ، كوسوۋو ئازات بولغاندىن كېيىن  2002 . يىلىدىن 2006. يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر كوسوۋو جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەئىسى بولغان ) نەتىجىدە « ئۇ چې كا ھەرىكىتى  (  Ushtria Çlirimtare e Kosovës  كوسوۋو ۋەتەن قۇتقۇزۇش پىدائىيلىرى ھەرىكىتى 1994. يىلى قۇرۇلغان ) » يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى جانلىنىپ، 1999. مارت ئايلىرىغا كەلگەندە، ناتو ئارمىيىسىنى بالقان ئۇرۇشىغا باشلاپ كىرگىدەك ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. ( بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات « سەھنە پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئىنقىلاب» ناملىق كىتاپتا بايان قىلىنغان . )

يىغىپ ئېيتقاندا كوسوۋو مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىزنىڭ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىمىزگە ئۆرنەك بولالمىسىمۇ، ئەمما مۇنەۋۋەر كوسوۋو خەلقىنىڭ ۋەتەن سۆيۈش روھىدىن، ئاڭلىق ئىدىيىسىدىن ئۈلگە ئېلىشىمىزغا تېگىشلىك نۇرغۇن پەزىلەتلەر بار. ۋەتەن قۇتقۇزۇش ۋە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتىگە شەخسىيەتچىلىك ئارىلىشىپ قالسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى چېچەن ئۇرۇشىدەك مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. چېچەن ئۇرۇشى تازا غەلىبىگە يۈزلىنىۋاتقان پەيتلىرىدە، ئەرەب جىھاتچىلىرىنىڭ تولۇق كونتروللىقىغا چۈشۈپ كېتىپ، چېچەنىستاندا دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىنىڭ ئورنىغا: پۈتۈن كاۋكاز رايونىدا خلاپەت قۇرۇش ۋەسۋەسى بازار تاپتى. چېچەن جەڭچىلىرى ۋەتەننى، مىللەتنى ئۇنتۇپ، خلاپەت قۇرۇشقا يۈزلەندى. چۈنكى « دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلسا ساۋاب بولمايدىكەن. ئۇرۇشتا ئۆلسە جەننەتكە كىرەلمەيدىكەن. ئەمما خلاپەت قۇرۇش ئۇرۇشىغا بەك كۆپ ساۋاب بېرىلىدىكەن. ئۇرۇشتا ئۆلسە جەننەتكە كېتىدىكەن» . جەننەتكە كىرىش ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس، ئەڭ ئاخىرقى شەخسى ئارزۇسى. ئۇ بىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ كوللېكتىپ ئارزۇسى ئەمەس. ئەمما جەننەتكە كىمنى كىرگۈزۈش ئاللاھنىڭ خاس قارارى. ئاللاھنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ ۋە ئۇنى سۇيى ئىستېمال قىلىدىغانلار، ساددا كىشىلەرنى جەننەت بىلەن ئالداپ، خاتا يولغا باشلايدىغانلار بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە، دىنلارنىڭ ھەممىسىدە بەك ئاينىپ كەتتى. ئىسلام نىقابىغا ئورىنىۋالغانلار : باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ جەننەتكە كىر!- دەپ ئالدىسا، خىرستىيان نىقابىغا كىرىۋالغان ئىپلاسلار: شەيتاننىڭ ھەيكىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆزەڭنى ئۆلتۈرۈۋالساڭ، جەننەتكە كېتىسەن!- دەپ، ئازدۇرىدۇ. ئالدانغان قوۋملەرنىڭ ئاقىۋەتلىرى ئافغانىستاندا، چېچەنىستاندا، پاكىستاندا، سۈرىيىدە پۈتۈن دۇنياغا ئايدىڭ.

يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەنكى: كوسوۋو خەلقى ئاڭلىق، ۋەتەن ۋە دۆلەت تۇتۇشقا لاياقەتلىك، ئىلغار مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر. مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزدە، كوسوۋو خەلقىنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

3  . تىبەتلىكلەرنىڭ ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ئۆرنەك بولالامدۇ؟

ئەپسۇس، تىبەتلىكنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالىدىغان پاسسىپ ئادەتلىرىدىن باشقا، كىشىنى قايىل قىلغۇدەك بىرەر ھەرىكەت ئۇسلۇبى، ھەرىكەت مىزانى، ھەرىكەت شەكلى يوق.

مۇستەملىكە ئاستىدىكى ھەرقانداق مىللەتنىڭ نوپۇزىنى تىبەتلىكنىڭ نوپۇز- ئىمتىيازىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. غەرب ئەللىرىدە تىبەتلىكنىڭ يولى داغدام. بىراق نام- شۆھرىتىگە يارىشا نە ئۇلارنىڭ ئۆزىدە ئاكتىپ ھەرىكەت يوق. نە سىياسى تەلەپ، مۇددىئالىرى كەسكىن ئەمەس. تىبەت دەۋاسى دېيىلىدىغان بۇ ئېقىم، دېموكراتىك چوڭ خىتايچىلىقنىڭ بىر تارمىقى- دېگەندىن باشقا بىر سىياسى مەزمۇنغا ئىگە ئەمەس. خىتاي دېموكراتىيىگە ئۆتسە، تىبەت مەسىلىسى ھەل بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەل بولۇش ئۇسۇلىنى شۇ چاغدا خىتايغا ھۆكۈمران بولغان كۈچ ئۆزى بېكىتىدۇ. تىبەت مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى. دۆلەت ئىچىدىكى سىياسى تۈزۈم  مەسىلىسى. سىرتتىن ئارىلىشىش نۇقتىسى بولسا : دۆلەتنىڭ ئومۇمىي سىياسىتىنى دېموكراتىيىگە ئۆتكۈزۈش؛ پۇقرالارغا ئادىل، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش؛ دۆلەتنى سىياسى بۇيرۇق بىلەن ئەمەس، دېموكراتىك ئۆلچەمدە تۈزۈلگەن قانۇن بىلەن باشقۇرۇش؛ پۇقرالارغا، بارلىق مىللەتلەرگە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بېرىش؛ دۆلەتتىن ئايرىلىپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مىللەت ۋە ئالاھىدە رايونلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى بوغماسلىق  دېگەندەك، بىر يۈرۈش دېموكراتىك قائىدە پىرىنسىپلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش چارىسى» دۆلەت رەھبەرلىرىنى، ھاكىمىيەت قاتلام رەھبەرلىرىنى، مىللەت ۋەكىللىرىنى ئۆزلىرى ئەركىن ئاۋاز بېرىپ سايلاپ چىقىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ- دېگەنلىكتۇر. ئەمما مىللەتلەرنىڭ، ئالاھىدە رايونلارنىڭ « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» بولسا، دۆلەتتىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئايرىم دۆلەت قۇرۇش سىياسى پىلانلىرىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇش، ياكى دۆلەتتىن ئايرىلىپ چىقماي، تىنچ ئامان بىرگە ئۆتۈش ئارزۇ ، ئىستەكلىرىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش – دېمەكتۇر. خىتاي دېموكراتىيىگە ئۆتكەندىن كېيىن، تىبەتلىكنىڭ تەقدىرىنى پىشانىسىگە يازىدىغان كۈچ  دېموكراتىك خىتاي ھۆكۈمرانلىرى بولىدۇ. خىتايلار نېمىنى يازسا، تىبەتلىكنىڭ ئوقۇيدىغىنى شۇ بولىدۇ. ختاي يازغان تەقدىرگە ماقۇل بولمىغان تىبەتلىكلەر « دېموكراتىيىگە قارشى چىققان كوممۇنىست بۆلگۈنچى » بولۇپ جازاغا تارتىلىدۇ.

مەن تىبەتلىكنىڭ چەتئەلدىكى نوپۇزى توغرىلىق، 93. يىلى ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە مۇنداق ئۇچۇر ئاڭلىغان ئىدىم : « تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىر لاھىيە تەييارلاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يىغىنىغا سۇنۇپتۇ؛ ئۇ لاھىيەنى ئامېرىكا باشچىلىق غەربتىكى 8 دۆلەت قوللاپ ئاۋاز بېرىپتۇ. ئۇنىڭغا قارشى خىتاينى قوللاپ پاكىستان بىر لاھىيە تۈزۈپ يىغىنغا سۇنۇپتىكەن، پاكىستان باشچىلىق مۇسۇلمان ۋە خىتاي پەرەس 44 دۆلەت ئاۋاز بېرىپتۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە قويۇلالماپتۇ. » شۇنىڭدىن بىر يىل ئۆتمەي ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ قالدىم، بىر توپ يېقىنلار بىلەن. ۋەتىنىمىز ھەققىدە قۇلاققا ياققۇدەك گەپ يوقكەن. تىبەتلىك توغرىسىدا: دالاي لاما مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز- دەپتىمىش، دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىدىم. بىر قانچە ئاي كېيىن ( 94. يىلى 21. سىنتەبېر ) ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بىزنى يوقلاپ ئۆتۈش سەپىرىدە، تىبەت توغرىسىدىمۇ پىكىرلەشتۇق. ئۇ مۇنداق ئۇچۇر بەردى: بىز بۇ يىل دېكابىر ئېيىدا، ۋاشىڭگتون شەھىرىدە تىبەت، دېموكراتىك خىتاي گۇرۇھى، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋەكىلى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى بولۇپ، 4 تەرەپ بىرلەشمە يىغىن ئاچىمىز؛ مەقسىدىمىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى غەربكە ئاڭلىتىش بولىدۇ.  :ئەپەندىم، ئاڭلىشىمىزچە تىبەتلىك مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپتىمىش، ئۇلار بىلەن بىزنىڭ يولىمىز ئايرىممۇ قانداق؟ – دېدىم. : تىبەتلىك بىلەن بىزنىڭ ئىشىمىز يوق؛ بىراق غەرب دېگەن يەردە لوبىچىلىق دەيدىغان بىر قائىدە بار. شۇ قائىدىنى ئىشلەتمىگۈچە بىزنى غەربلىك تونۇپ بولالمايدۇ؛ تىبەتلىك قىرىق يىلدىن بېرى لوبىچىلىق يولىنى باستى؛ بىز بۇ قېتىم تىبەتلىك بىلەن بىرگە سەھنىگە چىقىپ، يولنى ئاچىمىز دېسىلە؛ تىبەتلىك قىرىق يىل باسقان يولنى بىز تۆت يىلدا بېسىپ، مەنزىلگە يېتىمىز؛ يەنە شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز زەرۈركى، تىبەتلىكتە دۈشمەننى بولسىمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەمما بىزدە جىھات روھى بار ئەمەسمۇ! – دېدى ئۇ ، تىزىمنى يىنىك نوقۇپ. ( بۇ ، شۇ چاغدىكى كەڭ سۆھبەتنىڭ، مۇشۇ بابقا مۇناسىپ قىسمى) ئارىدىن تۆت ئايچە ئۆتۈپ، 95. يىلى يانۋار ئايلىرىدا دالاي لامانىڭ باياناتىنى گېزىتتىن ئوقۇدۇم. : « تىبەتلىك 14. ئەسىرلەردىلا خىتاي خانىغا بەيئەت قىلغان؛ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھازىرغىچە خىتاي دۆلىتىگە تەۋە بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتىمىز؛ بىز خىتايدىن ئايرىلىپ باشقا يەرگە كەتمەيمىز؛ تىبەت مەدەنىيىتى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا قويۇق باغلىنىش بار؛ بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز بولسا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلىكنىڭ دىنى ئېتىقادىنى چەكلەپ، تىبەتلىكنى ئاسسمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشىنى توسۇپ قېلىشتۇر؛» يۇقىرىقى سۆز- ئىبارىلەرنىڭ ھېچقانداق قوشۇمچە مەزمۇنى يوق. ئۇنى دىپلوماتىك ئۇسۇل، يەنى خىتاينى ئالداپ تۇرۇپ، كېيىنچە مۇستەقىل بولىۋالغىلى بولىدۇ- دەپ، يالغان شەرھىلەشكە قىلچىلىك يوچۇق يوق- تىبەتكە مۇستەقىللىق كېرەك ئەمەس! دېگەندىن باشقا گەپ ئەمەس.

دەرۋەقە « تىبەت دەۋاسى» دېگەن  بۇ ئېقىمنى غەربلىك خىتايغا قارشى يۆلەپ، بىر يېنىغا غوجىتام سالسا، خىتايمۇ ئۆزىنى قوغداپ، يەنە  بىر يېنىغا غوجىتام سالىدۇ. نەتىجىدە تىبەت دەۋاسىنىڭ مەركىزى مىدىرلىيالمايدىغان، گەپ تۈگۈل، ئوقمۇ ئۆتمەيدىغان بىر قېلىن سېپىل ھالىغا كەلدى. چەتئەلدىكى تىبەت دەۋاسى قوش ئىنەكتىن سۈت ئېمىدىغان، تىلى يۇمشاق، تەلەيلىك يېتىم موزايغا ئوخشاپ قالدى. ئۇلارنىڭ « سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى » ، پارلامېنتى، ياشلار قۇرۇلتىيى، مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قاتارلىق چوڭ تەشكىلاتلىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىش- ھەرىكىتى چەتئەللىكتىن مىليونلاپ ياردەم قوبۇل قىلىش؛ چەتئەلدىكى مۇھاجىر تىبەتلىكلەردىن باج ۋە بېدەل پۇلى ئېلىش؛ تەشكىلى ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىپ مائاش ئېلىشقا يىغىنچاقلىنىپ قالغىلى ئۇزۇن يىللار بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ دەيدىغان داۋا تەلەپلىرىدىمۇ ھېچقانداق يېڭىلىق، ئۆزگۈرۈش يوق. پەقەت: خىتاي دېموكراتىيىگە ئۆتسە، تىبەتكە قايتىپ، تىبەت ئاپتونوم رېسپۇبلىكىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىدا خىزمەت قىلىشقا تەييار تۇرۇش.

 

بىزنىڭ بىر تۈركۈم ئەربابلىرىمىز 94. يىلى تىبەتلىكلەر بىلەن غەرب سەھنىسىگە چىقىپ، ئارىدىن ئون يىل كېيىن، 2004. يىلى، يۇمشاق سىياسى كۈچىمىزنىڭ غوللۇق مەركىزى بولغان ئەمما مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان مىللى قۇرۇلتاينى تارقىتىپ، ئۇنىڭ ئۇرنىغا تىبەتچە لوبى توپلىغان، تىبەتچە پاسسىپلاشقان « د ئۇ ق » نى دەسسەتكەندىن كېيىن، دەرۋەقە بىر قانچە « دەۋاگەر »نىڭ ئايلىق ئىش ھەققى، دۇكاننىڭ ئىجارىسى ھەل بولغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا تۇتقاقلىق كېسەلدەك، يىلدا بىر، ئىككى قېتىم « ب د ت ، ي پى » كىشىلىك ھوقۇق يىغىن زاللىرىدا ئون بەش مىنۇت ئەتىراپىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ئازاب، ئوقۇبەتلىرىنى شىپە كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۈستىدىن دەرت تۆكۈش، خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن قىزىرىشىش، خىرقىرىشىش بىلەن بەنت بولماقتا. بۇمۇ « بەك چوڭ غەلىبە». تېخى يىغىن زالىغا كىرگىلى قويمىسا، بىر پۇتىنى ئىشىككە تىرەپ، داجىپ تۇرىۋېلىپ ئاران كىرىدىغان گەپكەن. ب د ت دېسە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۆكىمىز ئاسمانغا ئۇچۇپ، بېشىمىز كۆككە تاقىشىدىغان بولغاچقا، ( ئۇ يەردىكى ئىشلارنى خىتاي بىلەن رۇسلارنىڭ جۆندەپ قويىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان بولغاچقا،) پۈتۈن بىر خەلق ھاڭۋېقىپ ساقلاۋاتىدۇ. نېمىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمەيدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا تىبەتلىكتىن ئۆرنەك ئالغان دەۋانىڭ ھالى ھەممىگە ئايان. تىبەتلىكمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ۋە زوراۋانلىق تۈزۈمى ئاستىدا ئازابلىنىۋاتقان بىر مىللەت. بىراق ئۇلار بىز بىلەن بىر پۈتۈن تەقدىرداش ئەمەس. تىبەتلىكنىڭ چەتئەلدىكى سىياسى مەۋقە، سىياسى ئىرادىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئۇلار كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا زۇلۇم تارتىۋاتقان ۋە ئەركىن تۈزۈمنى ئارزۇ قىلىۋاتقان خىتاي خەلقى بىلەن تەقدىرداشتۇر. بىزنىڭ دەردىمىز، كۈرەش يولىمىز، نىشانىمىز تامامەن باشقا. بىزنىڭ خىتايلار بىلەن مەدەنىيەت ئورتاقلىقىمىز يوق؛ دىن ئورتاقلىقىمىز يوق؛ تارىخ ئورتاقلىقىمىز يوق. جۇغراپىيە ئورتاقلىقىمىز يوق. سىياسى ئورتاقلىقىمىز يوق. خىتايلار ئازراق پىتلىنىپ قالسىلا، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزغا يامانلىق قىلاتتى- دە، ئۇنىڭ جازاسىنى كۆرەتتى. خىتايلار بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، تارىختا مىللى دۈشمەنلىك ئىزلىرى قالغاندەك، كۈنىمىزدىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلار بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدۇر خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي پەرەس ھەرقانداق مىللەت، ھەر قانداق ئېقىم بىزگە ئۆرنەك بولالمايدۇ. خۇسۇسەن چەتئەلدىكى تىبەت ھەرىكىتىدىن بىرەر ئۆرنەك ئىزدەشنىڭ ئۆزى، تىبەتلىكنىڭ يولىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىمىزنى ياخشى ئاڭقىرىپ كېتەلمىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.

دۇنيادا بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدەك  دۈشمىنى بار يەنە بىر مىللەت يوق. دۇنيادا كۈرەش قىلىۋاتقان ئەمما بىزدەك ئىمكانىيەتسىز يەنە بىر مىللەت يوق. بىراق دۈشمەننى ئۆزىمىز تاللىۋالمىغان بولساقمۇ، ئىمكانىيەتسىزلىكنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبچىسى يەنىلا ئۆزىمىز- يەنى بىزدىكى ئىرەنسىزلىك. چۈنكى يولغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىۋاتقان ۋە ئىمكانىيەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان كۈچ ھەرگىزمۇ يىراقتىكى خىتايلار ئەمەس. بەلكى قەلئە ئىچىدىكى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا مۇناپىقلاردۇر. يوشۇرۇن مۇناپىقلارنى خىتاي ۋەزىپە بىلەن كىرگۈزگەنلەر بولۇپ، ئۇلارنى خوجايىنلىرى يېتەكلەيدۇ. ئاشكارا  مۇناپىقلار بولسا مەنسەپ، ئاتاق ۋە كىشىلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن مىللەتنىڭ قېنىنى راۋا كۆرىدىغان، قارا نىيەت ئىپلاسلاردۇر. ئاشكارا مۇناپىقلار بولمىغان تەقدىردە، يوشۇرۇن مۇناپىقلارنىڭ قولىدىن زىيانكەشلىك كېلىشى ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمايتتى. ئاشكار مۇناپىقلار شۇنچىلىك رەزىلكى ، ھەتتا قۇرۇق نام ئۈچۈن مىللەتنى قۇربان قىلىۋېتەلەيدۇ. بىزنىڭ چەتئەلدىكى سىياسى، دىنى ۋە جىھاتچىلار ئېقىملىرىمىزدا يوشۇرۇن مۇناپىقلار بىلەن ئاشكارا مۇناپىقلار ئۆز- ئارا زىچ ماسلىشىپ ئىشلەپ كەلمەكتە. بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ئۆرنەك « ئىمپورت » قىلىشنى ئىزدەنمەي، ئەكسىچە سېپىمىزدىكى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن مۇناپىق، مەلئۇنلارنى « ئېكسپورت » قىلىپ، يولىمىزنى تازلىساق، توسقۇنلۇقلارنى يوقاتساق، ئىمكانىيەتلەر ئۆزلىكىدىن بارلىققا كېلىدۇ.

 

بىزنىڭ كۈرىشىمىز ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ۋەتەننى قۇتقۇزۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ۋە مۇستەملىكە ئاستىدا زۇلۇم تارتىۋاتقان مىللىتىمىزنى، خورلىنىۋاتقان ۋەتەن خەلقىنى ئازات قىلىپ، ھۆر، ئەركىن ئىرادىگە ئىگە قىلىش، ئۆز بەختىنى ئۆز قولىغا تۇتقۇزۇشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ھېچقانداق ئىدېئولوگىيە، ھېچقانداق كۈرەش مېتودى كېرەك ئەمەس. ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزىدىغان، خەلقىمىزنى ئازات قىلىدىغان ھەرقانداق تەدبىر، ھەرقانداق چارە بىزنىڭ قورالىمىز بولىشى كېرەك. بىزنىڭ  سىياسى نەزەرىيىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ : « ۋەتەننى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشتا كېرەكلىك بولىدىغان بارلىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىش، ئىتتىپاق تۈزۈشكە بولىدىغان ھەرقانداق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش، مىللى ئىرادىگە زىت كەلمەيدىغان ھەرقانداق كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش، مىللى ئىرادىگە قارشى بولمىغان ھەرقانداق ياردەمنى قوبۇل قىلىش » قاتارلىق پىرىنسىپلاردۇر. بىزنىڭ كۈرىشىمىز دىنى ئۇرۇش ئەمەس. بىزنىڭ كۈرىشىمىز مەزھەپ ئۇرىشى ئەمەس. شۇنىڭدەك ئىدېئولوگىيە ئۇرىشى، پارتىيە ئارىسىدىكى زىددىيەت ئەمەس. بىزنىڭ كۈرەش سېپىمىز، ھەقىقى مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن، دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىشنى خالايدىغان ھېچقانداق ئۇيغۇرنى چەتكە قاقمايدۇ. بىزنىڭ كۈرەش سېپىمىزدە كاپىرغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەقىقى مۇجاھىتلارغىمۇ يول بار؛ مۇستەملىكىچىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ ۋەتەننى قۇتقۇزىدىغان ۋە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇدىغانلارغىمۇ يول بار؛ شۇنىڭدەك زالىم دۈشمەننى يوقىتىپ مىللەتنى ئازات قىلىدىغانلارغىمۇ يول بار.

25.07.2018

ئابدۇرەھىمجان