ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىدىكى يوقسۇللۇقلار

unnamed

ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىدىكى يوقسۇللۇقلار

 

ئىنسانلار كىشىلىك ھاياتتا بىرەر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ياكى بىرەر ئېغىرچىلىقنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ھامان يەنە بىر نەرسىگە ئېرىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ. نامراتچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كۈندىلىك زۆرۈرى تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئارتۇقراق پۇلغا ئېرىشىش لازىم. كۆڭۈلسىزلىكتىن، پاراكەندىچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، خاتىرجەم مۇھىتقا ئېرىشىش كېرەك. نامراتچىلىقتىن جاق تويغان كىشى، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلمىسا، ياكى تاپاۋېتىدە ئۆزگىرىش قىلماي، ياكى خىراجىتىدە ئۆزگىرىش قىلماي، ھەجەپ تويدۇم شۇ كەمبەغەلچىلىكتىن- دەپ، بىر ئۆمۈر داتلىسىمۇ  بىرەر يېڭىلىق يۈز بېرىپ، تۇرمۇشىدا ئىلگىرىلەش بولۇپ قالمايدۇ. تۈنۈگۈن تاپقان بەش تەڭگىسىنى تۈنۈگۈن خەجلىۋېتىپ، بۈگۈن ئۈچۈن يەنە بەش تەڭگىگە مېھنەت قىلسا، تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇش تۈگۈل، ئەكسىچە كەپىنى تىزىدىن ئاشمايدۇ.

كۈنىمىزدىكى تېخنىكا تەرەققىياتلىرىنىڭ ئەسلىدىكى نۇسخىسى ئاددى، ئىپتىدائى ھەم يىرىك ئادەتتىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە ئائىت ئىدى. توقۇمىچىلىقنىڭ باشلىنىشى دەسلىۋىدە بارماقنىڭ ئۇچىغا ۋە بارماقنىڭ چېۋەرلىكىگە تايىنىلاتتى. كېيىنچە چىۋىقنى توقۇش ۋاستىسى قىلدى. كېيىنچە رەخت توقۇيدىغان كىچىك تىپتىكى قول دۇكىنى كەشىپ قىلىندى.  ھازىرقى بىر مىنۇتتا بەش يۈز مېتىر رەخت توقۇيدىغان زاۋۇتلار ئەنەشۇ بىر مېتىر رەختنى 15 كۈندە توقۇيدىغان، قول دۇكىنىغا ئاساسەن ئىختىرا قىلىنىپ بارلىققا كەلگەن. ئىنچىكە ئىگىرىلگەن يىپلاردا چىۋىق ( زىق)  بىلەن نەپىس كىيىم- كېچەك توقۇيدىغان ھۈنەرنىڭ باشلىنىشى 10 مىڭ يىلنىڭ نېرى تەرىپىگە تۇتۇشۇپ كەتسىمۇ، لېكىن كۈنىمىزدە ھەم تاشلىنىپ قالغىنى يوق. نۇرغۇنلىغان نامرات ئەللەردە تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن، بەزى مۇھىم كىيىملەرنى ئىپتىدائى ئۇسۇلدا قول بىلەن توقۇسا، باياشات غەرب ئەللىرىدە ھەۋەس ۋە كۆڭۈل خوشى ئورنىدا، نەپىس توقۇلمىلارنى ئېرىنمەي توقۇش ئادەتلىرى ھېلىھەم داۋام ئەتمەكتە.

ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە كىشىلەر پىشاڭنى پەيدا قىلغان. بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىشاڭدا ئىككى ئەرنىڭ كۇچىنى تېجىسە، ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىشاڭدا ئون ئەرنىڭ كۇچىنى تېجەيدۇ. كۈنىمىزدە ھەر تۈرلۈك كىران، دامف كرافت(دامكرات) لار كەشىپ قىلىنىپ، قانچە ئون توننا ئېغىرلىقنى خۇددى قۇشقاچنى كۆتۈرگەندەك، ھاۋا پەلەكتە لەيلىتىپ يۈرمەكتە. يۈك توشۇش ۋاستىلىرىمۇ دەسلىۋىدە ئادەم كۈچىگىلا تايىناتتى. بىر ئادەم 30 كىلو يۈكنى كۆتىرىپ، بىر كۈندە 30 چاقىرىم مۇساپىنى ئۆلۈم جاپادا باسقان بولسا، كېينچە ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ، بىر ئېشەك بىلەن ئۈچ ئەرنىڭ كۈچىنى تېجىدى. كېينچە ئىككى چاقلىق سۆرەتمە ( ھارۋا) ياساپ، ئېشەككە سۆرىتىش ئارقىلىق 10 ئەرنىڭ كۈچىنى تېجەيدىغان بولدى. شۇ ئاساستا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئىختىرا قىلىنىپ، چەكسىز ھېساپلار سىغدۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە، ئادەم كۈچىنى تېجەشكە ئېرىشتى. ھەرقايسى ساھەدىكى تەرەققىياتنىڭ دەسلىۋى ئادەم كۈچىنى تېجەش، جاپانى ئاز تارتىپ، كۆپ ئۈنۈم يارىتىش مەقسىتىدە باشلانغان بولۇپ، كېينچە ئېھتىياجدىن ھالقىغان تاپاۋەت، ئېھتىياجدىن ھالقىغان بايلىق ئۈچۈن ۋاسىتە ئورنىدا قوللىنىدىغان ھالغا يېتىپ كەلدى. يۇقىرقىدەك ۋاستىلەرنى قوللىنىشتا، مەيلى قىيىنچىلىقتىن، نامراتچىلىقتىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغان بولسۇن، مەيلى  ئېغىرچىلىقنى يەڭگىللىتىش مەقسەت قىلىنغان بولسۇن، شۇنداق ۋاسىتىلەرگە ئېرىشمىگۈچە مەقسەتكە يەتكىلى بولمايتتى. يەنى ئىنسانلار ئۆزلىرى بىزار بولغان نەرسىدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن، ھامان يەنە باشقا بىر نەرسىگە ئېرىشىشى، يەنى كۆزلىگەن نىشانغا، ئارزۇ قىلغان مەقسەتكە يەتكۈزىدىغان ئۆتكۈنچى ۋاستىنى قولغا كەلتۈرىشى لازىم. ئۇنىڭ ئەكسىچە باشقا بىر يول يوق. يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياكى تاپاۋەتنى كۆپەيتىش كېرەك. ياكى خىراجەتنى تېجەش لازىم. جاپا- مۇشەققەتتىن، ئېغىرچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پەم- پاراسەتلىك بولۇش، ياكى ئىختىراچى، كەشپىياتچى، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىجاتكار بولىشى كېرەك. بۇ ئىسپات، پاكىت، دەلىل ۋە ئىزاھات تەلەپ قىلمايدىغان، ئەقەللى ھايات مەنتىقىسىدۇر.

بىر نەرسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يەنە بىر نەرسىگە ئېرىشىش توغرىسىدىكى مۇقەددىمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، بىزنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتىمىزدە نېمىلەرگە ئېرىشىش لازىملىقىنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن. ئالدى بىلەن بىزنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكىتىمىزدىكى يوقسۇللۇقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقايلى.

  1. ئىقتىسادى يوقسۇللۇق

بىزنىڭ چەتئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىمىزدە، ئىقتىسادى مەسىلە ھەل بولمايدىغان دەرىجىدىكى يوقسۇللىقىمىزدۇر. ئىقتىسادنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ۋە ئىقتىساد بولمىسا ھېچ ئىشنى بېجىرگىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا، چۈشەنچە بېرىش تامامەن ئارتۇقچە. مۇشۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەممە كىشى ئىقتىسادنىڭ مۇھىملىقىنى يىپىدىن – يىڭنىسىگىچە بىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا پۇل بولمىسا مۇرىدىن تۈتۈن چىقمايدۇ. پۇل بولمىسا قازاندىن ھور چىقمايدۇ. پۇل بولمىسا ئاسقۇغا گۆش قونمايدۇ. پۇل بولمىسا بوش تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ. ئەجەبا ۋەتەننى ئازات قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇپ، ھۆرلۈككە، ئازاتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك پۇل بولمىسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟

بۇنىڭدىن قاق   24  . يىل ئىلگىرى : « ۋەتەن سىرتىدا بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇر ياشايدۇ؛ كىشى بېشىغا يىلدا بىر دوللاردىن ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلىنى ۋەتەن فوندىغا تاپشۇرسا، ئاشۇ پۇل بىلەن بەك كۆپ ئىشلارنى قىلغىلى بولاتتى» – دېگەن مەزمۇندىكى تەۋسىيە، چاقىرىقلارنى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمچە ئۈمىتلەنگەن ئىدىم. ئادەم بېشىغا يىلدا بىر دوللار ھېچنېمە ئەمەسقۇ. مۇشۇنچىلىك بەدەل بىلەن شۇ چاغدىكى شارائىتلاردا كۆپ ئىشلارنى بېجىرگىلى بولاتتى. 94. يىلى 9. ئاينىڭ 21. كۈنى ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادا « ۋەتەن قۇتقۇزۇش فوندى » قۇرغىلى كېلىپتىكەن ھەم ياركەنت تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، فوندنىڭ ئۇلىنى قۇرۇپ، قايتىشىدا بىزنى يوقلاپ ئۆتىشى ئىكەن. ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ « كىشى بېشىغا يىلدا بىر دوللار ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى» دېگەن لاھىيەنىڭ گېپىنى خېلە ئوبدانلا شەرھىلىدى:  ھازىرقى تارقاق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق بەدىلى يىغىش سالاھىيىتى بولمىغاچقا، ۋەتەن فوندى قۇرۇلىشى زۆرۈركەن. ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلىنى ۋەتەن قۇتقۇزۇش فوندى بىر تۇتاش يىغىپ، ئاندىن ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئېھتىياجلىرىغا قاراپ، ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىقسادنى  سىستېملىق باشقۇرۇش قاتارلىق چۈشەنچىلەرنى ئىزىپ ئىچكۈزگەن بولدى. دەرۋەقە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى سىياسى- ئىقتىساد مۇئەممالىرى سەۋىيىسىدىكى گەپلەر بولۇپ، ئىقتىسادى ئېلىم- بىرىم، كىرىم- چىقىم ئىشلىرى مالىيە سىستېمى تەرىپىدىن بىر تۇتاش باشقۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ: ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن « ۋەتەن قۇتقۇزۇش فوندى » قۇرۇلماقچى، ھازىر ئۇل تېشى قويۇلدى- دېگەندەك مەزمۇندىكى تەپسىلى خەۋەر  يېڭى ھايات گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما « ۋەتەن قۇتقۇزۇش فوندى » نىڭ ئورنىغا باشقا نەرسە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىلدان ئابباسوۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە « تىجارەتچىلەر بىرلەشمىسى» – نامىدا بىر تەشكىلات قۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ « ۋەتەن قۇتقۇزۇش فوندى » ،« كىشى بېشىغا يىلدا بىر دوللار ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى »- دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئالاقىسى يوق بولۇپ، بەلكى بېجىن مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئۇدۇل مەبلەغ قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى مۇئەممالىرىنى ھەل قىلىدىكەن. ( بۇھەقتە « خاتالىق كىمدىن ئۆتۈۋاتىدۇ؟ »، « سەھنە پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئىنقىلاب » ناملىق كىتابلاردا يېتەرلىك مەلۇماتلار بار) شۇنىڭ بىلەن ئاتالمىش «ۋەتەن قۇتقۇزۇش فوندى» ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى. ھەتتا قىرغىزىستان، قازاقىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر سىياسى تەشكىلاتلىرى چەتكە قېقىلىشقا، خەلقتىن يىراقلاشتۇرۇلۇشقا دۇچ كەلدى. 5. فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە، بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ بىر تۈركۈم يىگىت بېشى ۋە ئاقساقاللىرى : ئالىپتېكىن ئەپەندىدىن يەنە « ۋەتەن قۇتقۇزۇش فوندى» نى قۇرۇپ چىقىش يول – يۇرىقى تاپشۇرىۋالغانلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات يەتكۈزۈشتى. لېكىن كېيىنچە نە فوندى قۇرۇش، نە كىشى بېشىغا بىر دوللار ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى دېگەن گەپلەردىن خەت- خەۋەر يوق، ھېچكىم ھېچنېمە دېمىگەندەك، ھېچكىم ھېچنېمە ئاڭلىمىغاندەك، جىمىقىپ كەتتى. شۇئارىدا ئالمۇتىدىكى « ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى» نىڭ فوندى مۇدىرى ئەركىن ئېلىيېۋ ئەپەندى، تەشكىلات فوندىنى كېڭەيتىپ « ۋەتەن قۇتقۇزۇش فوندى» قۇرۇش ۋە فوندىغا يىغىلغان ئىقتىسادنى ئوبروتلاشتۇرۇپ تاپاۋەت قىلىدىغان، كىچىك تىپتىكى ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش شىركەت، فېرما قۇرۇش  پىلانىنى تۈزۈپ، ئەمدى بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتقۇچە، تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى قازاق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا، چەكلىمىگە ئۇچراپ، بارلىق ئۇرۇنۇشلار بىكارغا كەتتى. ئۇ چاغلاردا قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غوللۇق، كۆزگە كۆرۈنەرلىك، ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىدە ئالدىنقى سەپ ۋە چوڭ ئارقا تىرەكلىرى ئىدى. شۇڭا بۇ ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي فاشىستلىرى ئۈچۈن زور تەھدىت ھېسابلانغاچقا، خىتاي فاشىستلىرى قازاق، قىزغىز، ئۆزبېك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قولى بىلەن، بۇ تۇپراقلاردىكى ئۇيغۇرلارنى قىسماققا ئېلىشقا باشلىدى. 98. يىللىرى ئالمۇتا ۋە بىشكەك شەھىرىنى ئاساس قىلىپ، مەمتىمىن ھەزرەتلەر تەشكىللىگەن « ئازاتچىلار» ھەرىكىتى، ھەسەن مەخسۇملار تەشكىللىگەن « غازاتچىلار » ھەرىكىتىدىن كېيىن، بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مۈلۈكلىرىنى ئۆزلىرى خالىغانچە ۋە خالىغان جايدا ئىشلىتەلمەيدىغان، كىرىم- چىقىم ئەھۋالىدىن مالىيە ۋە باج ئىدارىسىغىلا ئەمەس، ھەتتا « ك گ ب » ئىدارىسىغا، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسى تارماقلىرىغا ھېسابات بېرىدىغان مەجبۇرىيەت ئاستىدا قالدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قازاقىستان ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە كېرەكلىك بولىدۇ- دەپ، پەرەز قىلىنغان بارلىق ئېھتىماللىقلار تولۇق يوقىتىلدى. بۇنىڭ سەلبى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار ئىمكانىيەت قوغلىشىپ، ۋەتەندىن يەنە بىر قىتئە يىراقلىشىشقا يۈزلەندى. شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللى قۇرۇلتىيىنى 99. يىلى  مىيونخىن شەھىرىگە يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، تۈركلەرنىڭ « مىللى گۈرۈش تەشكىلاتى» ئېتىراپ قىلىپ، قەرەللىك ئايدا ئۈچ مىڭ مارك ئەتىراپىدا ئىقتىسادى ياردەم بېرىپ، ھېچ بولمىسا ئىشخانا ئىجارىسىنى، ئايدا چىقىدىغان گېزىتنىڭ باسما خىراجىتىنى قامداپ ماڭغان ئىدى. بىراق مىللى گۈرۈشنىڭ ئىمام مەزىنلىرى بارلىق مەسچىتلەردە 11. سېنتەبىر تېررور ھەرىكىتىنى تەبرىكلەپ خۇتبە ئوقۇپ، ئامېرىكىغا، ئىسرائىلىيىگە قارشى خەلقنى نامايىشقا تەشكىللەپ، بەك ئاكتىپلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، گېرمانىيە ئىستىخباراتى مىللى گۈرۈش تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، مال- مۈلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان گەپ. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلتايمۇ قالپاق كىيىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۇلار بىكارغا بېرىدىغان ياردەم پۇلدىن ئۆزىنى تارتتى. شۇنىڭدىن كېيىن 2006. يىلى ئامېرىكىنىڭ « NED » ۋەقپىگە باغلانغىچە ئارىلىقتا ، بىرقانچە يىل ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن بولغاچقا، ئېغىر قىيىنچىلىق تارتىشقا توغرا كەلدى. ئارزۇ قىلغان ئازراق ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، سۆزدە، قەغەزدە بولسىمۇ « ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز، ۋە بۇ يولدا ئېلىپ بارغان بارلىق قانۇنلۇق ھەرىكەتلەرنى قوللايمىز» -دېگەنچىلىك گەپنىمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا « ئىنسان ھەقلىرى، كىشىلىك ھوقۇق، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئۈچۈن تىرىشىمىز » دەپ، مۇستەقىللىق تەلىپىدىن ۋاز كەچتى. پەقەت بىر ئاز ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇستەقىللىق تەلىپىدىن ۋاز كەچتى.

ئەسلىدىكى قانۇنىيەت بويىچە، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ( ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەت) پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغان، ئەمدى پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەسلىدە مەقسەت قىلىنغان مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ خۇددى نامراتچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جازانىخوردىن قەرز ئېلىپ، كېيىن جازانىخورنىڭ ئۆسۈمىگە بۇغۇلۇپ، تېخىمۇ ئېغىر ۋەيران بولغاندەك، بىر شورپېشانىلىك بولۇپ قالدى.

ئەمدى كېيىنكى 15 يىلدىن بۇيان ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىگە يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇلار ئىقتىسادى جەھەتتىن ئاساسەن تۆۋەن سەۋىيىدە بولۇپ، ئۇلاردىن يىغىلىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى بەدەل پۇلى بىلەن، ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈنكى ئېھتىياجىنى قامداش مۇمكىن ئەمەس.

بىر قانچە ئايدىن بېرى، يىنىك تىپتىكى تۈرلۈك ئىجىتمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا، ئوخشاشمىغان چاقىرىقلار ياڭراپ كېتىۋاتىدۇ. بەزىلەرنىڭ كونا كېسىلى قوزغىلىپ، يەنە « ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى » يىغىمىز- دېسە، بەزىلەر خالىسانە پىكىر قىلىپ، ( « بەشمىڭ كىشىلىك نامايىش» قاتناشچىلىرىنى سىمۋول قىلغانمىكىن) چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن 25 مىليون دوللار يىغىپ ۋەتەننى قۇتقۇزمىساق بولمايدۇ-دېگەندەك مەزمۇنلارنى تەقدىم قىلىۋاتىدۇ ھەم تەكىتلەپ، تەكرار، تەكرار قۇلاقنى گاس قىلىۋېتەي دېدى. بەزى ئەمەلدارلار قۇلىقى يۇمشاق، تىلى يىنىك ئۆلىما، قارىملارنى ئېكران ئالدىدا سۆزلىتىپ، چاقىرىق ئېلان قىلدۇرغان بولسا كېرەك. ئۇيغۇرلار نۇرغۇنلىغان ئىسسىق- سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە: ئاللاھ تائالا ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلىنى قۇرۇلتايغا بەرسەڭلار، جەننەتكە كىرگۈزىمەن- دەيدۇ، دېگەندەك چاقچاقلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقىلىۋاتقان بۇنداق چاقىرىق، تەكلىپ، تەشەببۇسلار ئاۋامنىڭ پىكرىنى چېچىپ، زېھنىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان كولدۇرلاتمىدىن باشقا ھېچقانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. ھەم ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان قۇرۇق پاراڭلاردۇر. 2007. يىلى رابىيە خانىم ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇشقا چاقىرىپتۇ. مۇقىم ھالدا ھەر بىر ئۇيغۇر ئەڭ تۆۋىنى بىر دوللارغىچە ئايلىق بەدەل تاپشۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بۇ كۈرەشتە بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى قوبۇل قىلىشى ۋە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپتۇ. مەن كىچىك بالامنى ھېسابلىماي، ئائىلىدىكى چوڭ تۆت جان ئۈچۈن كىشى بېشىغا ئۈچ ئويرودىن، قۇرۇلتاينىڭ بانكا ھېسابىغا بەدەل تاپشۇردۇم. 2007. يىلىدىن باشلاپ، 2015. يىلى ئاۋغۇستقىچە ئايدا 12 ئويرودىن تاپشۇرغان ئىدىم. بىراق 2015. يىلى ئىيۇنغىچە، قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقى مەركىزى تەشكىلات بولۇپ قېلىشىدىن كۈتكەن ئۈمىدىمنى ئۈزگەندىن كېيىنلا، ئاز بولسىمۇ تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلۇق بەدەلنى توختاتقان ئىدىم. چۈنكى رابىيە خانىمدىن كۈتىدىغىنىم، ئۇ ئۆزىنىڭ نوپۇزى بىلەن قۇرۇلتايغا بارلىق تەشكىلاتلارنى توپلاپ، پارلامېنت شەكلىگە ئېلىپ كېلىشى ئىدى. شۇنداق بولغاندا «ۋەتەن قۇتقۇزۇش فوندى» قۇرامدۇ، ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى يىغىشنى يولغا قويامدۇ، چىقارغان چاقىرىق ئەمەلگە ئاشاتتى. لېكىن رابىيە خانىم ئۆزى مىللەتنىڭ لىدەرى سۈپىتىدە چاقىرىق چىقارغىنى بىلەن بىرگە، ئوخشاشلا بىر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بولغاچقا، فوند، بېدەل پۇلى شۇ تەشكىلاتنىڭ خاس ھېسابىغا كىرىدىغان بولغاچقا،  قۇرۇلتايمۇ باشقا تەشكىلاتلاردەكلا، تەرەپلىك ھالدا تۇرىۋەرگەن بولغاچقا، پەقەت قۇرۇلتاينى قوللىغۇچى ئۇيغۇرلاردىن سىرت ئىدارە كۈچى بولمىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇلۇغۋار چاقىرىقنىڭ كۈچى بولمىدى. خانىم قۇرۇلتايغا نۇرغۇن ئادەملەرنى توپلىغان ۋە قۇرۇلتاينى دۇنياغا تونۇتقان بولسىمۇ ئەمما قۇرۇلتاينى تاشقى جەھەتتىن ھەممىگە سايىۋەن ھالىغا كەلتۈرەلمىدى. ئىچكى جەھەتتىن ئۆز پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغان ھەقىقى تەشكىلات دەرىجىسىگە يەتكۈزەلمىدى. ھەتتا ئۆزى باشچىلىق تەرتىپسىزلىككە يول قويۇلدى. خانىمنىڭ قۇرۇلتايدىكى ئورنى 2015. يىلى 26 . ئىيۇن رەسمى تۈگەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى، مىللەتنى ئاۋارىچىلىققا سالغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

چەتئەلدىكى ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ، ئىقتىسادى يوقسۇللۇقىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.

1.)  چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى بىر تۇتاش سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن « ۋەتەن قۇتقۇزۇش بەدىلى » گە قاتناشتۇرۇش كېرەك. چۈنكى بىز قۇتقۇزىدىغان نەرسە ئالدى بىلەن ۋەتەندۇر. ۋەتەن قۇتۇلغاندا، ئۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەر، ئىنسانلار ھەتتا جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر، تاغ، دەريالار، تەبىئەت ۋە تەبىئى بايلىقلار، قىسقىسى بىزگە مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسە قۇتۇلغان بولىدۇ. ئۇ ۋەتەندە ئەركىن ئازادە، ھۆر ئىرادىسى بىلەن ياشاشنى خالايدىغان ھەرقانداق مىللەت ئەزالىرى بەدەل تۆلەشكە سالاھىيەتلىك بولالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق بىر چوڭ ھەرىكەتنىڭ نامىنى يىغىنچاقلاپ: « ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» – دەپ ئاتىماسلىق لازىم. شۇنىڭدەك، بەدەل پۇلى يىغىدىغان ئورۇننىڭ نامى « ۋەتەن قۇتقۇزۇش فوندى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشى كېرەك. بۇخىل ۋەتەن قۇتقۇزۇش بەدەل پۇلى تۆلەشنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار سەپەرۋەرلىككە كېلىپ باشلاپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەندە ئاندىن باشقا قېرىنداش مىللەتنىمۇ قايىل قىلالىشىمىز مۇمكىن.

  1. ) « ۋەتەن قۇتقۇزۇش فوندى » نى ھېسسىياتقا تاينىپ، بىرەر كوللېكتىپ، بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇپ، مەشرەپچىلەر گۇرۇھى، شۇنىڭدەك بىرەر تەشكىلات سەكرەپ چىقىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن، ئۆز ئالدىغا قۇرۇپ چىقىشقا ۋە باشقا گۇرۇپ، باشقا تەشكىلاتلارنى چەتتە قالدۇرۇشقا ياكى زورلاشقا بولمايدۇ. بەلكى بۇنداق چوڭ ئىشنى ھۆددىگە ئالالىغۇدەك، مەسئۇلىيەتنى ئۈسىگە ئېلىپ، جاۋابكارلىقىدىن چىقالىغۇدەك، بىرلىككە كەلگەن چوڭ بىر ئېقىم ئۈستىگە ئالغاندىلا، مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالىمىزدىن ئېيتقاندا، مەۋجۇت ھېچقايسى تەشكىلات بۇنداق بىر چوڭ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاشمىغان سىياسى ئېقىملارنى، ئۆز- ئارا زىددىيەتلىك تەشكىلاتلارنى، تەشكىلسىز ئاكتىپ شەخسلەرنى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي جەمئىيەت، ئېقىملارنى بىر سايىۋەن ئاستىغا توپلىيالايدىغان، ھەربىرى ئۆز ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ئاۋازىنى ئاڭلىتالايدىغان پارلامېنت تۈسىدىكى بىر مەركىزى تەشكىلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم. مەسىلەن پارلامېنت تەشكىللىدۇق دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. پارلامېنتتا ھەممە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ. شۇنىڭدەك تەشكىلسىز ۋەكىللەرمۇ بولىدۇ. مەيلى ئۆكتىچىسى بولسۇن، مەيلى پائالىيەتچىسى بولسۇن بىر كىشىلىك ئاۋاز بېرىش، تەكلىپ سۇنۇش ۋە رەت قىلىش ھەققى، پۇرسىتى بولىدۇ. « ۋەتەن قۇتقۇزۇش بەدىلى» نى قانداق بەلگىلەش، قانداق توپلاش ۋە قايسى ئۇسۇلدا تەقسىملەش قائىدە، پرىنسىپلىرى ئاشۇ پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلۇپ قارار قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا توغرىغا يېقىن نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان پاسسىپ، تەرەپلىك ئۇسۇلنى بازارغا سېلىۋەرسەك، يۇقىرىدا مىساللار بىلەن ( 25 يىلدىن بۇيان دېيىلىپ، ئەمەلگە ئاشماي كېلىۋاتقاندەك،) دەپ ئۆتۈلگەندەك، سۆزدە بار، ئەمەلدە يوق رىياكارلىقتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ( يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئىجتىمائىي ئۇچۇرلاردا تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقاندەك) تەشكىلسىز ھالدا، ئاق كۆڭۈل، پىداكار كىشىلەر توپلىشىپ « ۋەتەن- مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن » ئىئانە توپلاش ھەرىكىتى ئويۇشتۇرسا، جەزمەنكى ئۇنداق بىر تەشكىلسىز كوللېكتىپ توپلىغان ئىئانە ئاز توپلانسا ئوغرىغا يەم بولىدۇ. ئەگەر بەزىلەر تەكىتلىشىۋاتقاندەك مىليونلاپ، ئون مىليونلاپ توپلانسا، پۇل توپلانغان جاي خىيانەتچى، قاراقچى، بۇلاڭچى ۋە ئىنساپسىز قاتىللارنىڭ ئۆڭكۈرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ساددا ھېسسىياتنىڭ ئوچىقىغا ساۋاب قازىنىنى ئېسىپ قويۇپ، قايناتسا بولۇۋېرىدىغان شورپا ئەمەس.

3.)  بىز بەدەل توپلاپ، ئىئانە، سادىقە، زاكات يىغىپ، چەتئەلدىكى يېتىملارنى، پېقىرلارنى باقىمىز دەۋاتمايمىز. شۇنىڭدەك، چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلات، جەمئىيەتلەرنىڭ راسخوتلىرىنى ھەل قىلىمىز دەۋاتمايمىز. بەلكى ۋەتەننى قۇتقۇزۇپ، مىللەتنى، خەلقنى ھۆر، ئازات قىلىمىز- دېگەن ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن ئىقتىسادى يوقسۇللۇقنى ھەل قىلىمىز- دەۋاتىمىز. لېكىن بىزنىڭ ھازىرغىچە قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق سىياسى ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلىرىمىز ئۆزىمىزنى، دەردىمىزنى خەققە تونۇشتۇرۇشتىن نېرىغا ئۆتكىنى يوق. بۇنچىلىك يىغلاپ قاقشايدىغان ئاتالمىش « ۋەتەن دەۋاسى» غا بەك چوڭ مەبلەغمۇ تەلەپ قىلىنماسلىقى مۇمكىن. يەنى بىر قانچە ئادەمنىڭ مائاشى، يول كىراسى، قونالغۇ ۋە تاماق پۇلسى قاتارلىق جىددى خىراجەتكە چۇشلۇق ئىقتىسادنى ئۆز كۈچىمىزگە تاينىپمۇ ھەل قىلىپ كېتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما سېلىۋاتقان داۋراڭلىرىمىزغا يارىشا راستىنلا « ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى» تەشكىللىسەك، بىرەر ھەرىكەتكە ئاتلانساق، ئۇ چاغدا ئۆز كۈچىمىز بىلەن مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ. جەزمەنكى بىزگە مەبلەغ سالىدىغان چوڭ كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا، توختام تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىرقىدەك تارقاق ئەھۋالىمىزدا، چاي پۇلى بېرىدىغان ۋەقپىلەردىن باشقا ھېچقانداق كۈچلەر بىزنى خالىمايدۇ بىز بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇق شوئارنى توۋلاپ يۈرمەي، نۆۋەتتىكى باسىدىغان قەدەمنى توغرىلاش كېرەك.

2 . رەھبەر يوقسۇللۇقى

ھەرقانداق بىر كوللېكتىپنى، بىرەر جامائەتچىلىكنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۇلارنىڭ چېچىلىپ، تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كىشىلەر بولىدۇ. ئۇلار، ئوبيېكتىپ ئەھۋالغا قارىتا: يىگىت بېشى، مەھەللە چوڭى، يۇرت ئاقساقىلى، جامائەت ئەربابى- دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇلار جامائەتچىلىكنىڭ، يۇرتنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار تۈرلۈك مۇئەممالىرىنى بېجىرىشتە، كۆپچىلىككە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. خۇددى ئۇرۇق- جامائە ئاقساقاللىرى، قەبىلە باشلىقلىرىمۇ ئۆز قوۋمىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغانغا ئوخشاش.

ئادەملەر كوللېكتىۋىنىڭ ئۆز ئارىسىدىن چىققان مەلۇم بىر كىشىگە ئەگىشىشى ۋە بارلىق ئىشلاردا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش جەريانىدىكى سىياسىيلاشقان ئالاھىدىلىكى- دەپ چۈشىنىش بولسا، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىئى نەزەرگە ئاساسلىنىدۇ. بىراق بۇ خىل ھادىسە ئىنسانلارغا خاس ئالاھىدىلىك بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ھايۋاناتلار دۇنياسىدىمۇ، ھەرە ، چۈمۈلىگە ئوخشاش ھاشارەتلەردىمۇ، خۇددى ئىنسانلارغا ئوخشاشلا يېتەكلەش، باشقۇرۇش ھەم  بويسۇنۇش پرىنسىپلىرى مەۋجۇت. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ئالاھىدىلىكنى: ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجتىمائىيلىشىشنىڭ مەھسۇلى- دەپ، بېكىتىش بىلەن بىرۋاقىتتا، ئەقىللىق ۋە ئەقىلسىز، چوڭ- كىچىك بارلىق جانلىقلاردا  ئورتاق تېپىلىدىغان، تەبىئى قانۇنىيەت دېسىمۇ بەك مۇبالىغە بولۇپ كەتمىسە كېرەك. بويسۇنۇش، ئەگىشىش، يېتەكلەش، باشقۇرۇش ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن بىر قانۇنىيەت بولغانكەن، ئاڭلىق، تەرەققى تاپقان بۈگۈنكى دۇنيادىمۇ بۇ قانۇنىيەت كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان ئىكەن، ھەتتا كۈچلۈكلەر، كۈچلۈك ئەللەر رەھبەرلەرنىڭ يېتەكلىشىگە، باشقۇرۇشىغا تېخىمۇ زىچ ئويۇشقان، غالىبلار ھەم چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقانلار رەھبەرلەرنى تېخىمۇ بەك قەدىرلەۋاتقان ئىكەن، ئەلۋەتتە بۇ قانۇنىيەتنىڭ كۈچىدىن قالمايدىغانلىقى، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر روشەن ھەقىقەتتۇر. بۇ قانۇنىيەتكە تېخىمۇ بەك ئېھتىياجلىق بولىدىغانلار، بىزدەك مۇستەملىكە ئاستىدىكى، ئەسىر ئېلىنغان، قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان مىللەتلەردۇر.  بىز ئۆزىمىزنى باشقا كۈرەشچان مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەپسۇسلىنىمىز. باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان دەردىمىز بارلىقىنى بىلىمىز ھەم زارلىنىمىز. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى، دېموكراتىك غەرب ئەللىرىدىكى قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىمىزدە، ئورنىنى زادىلا تولدۇرغۇسىز بوشلۇق ۋە يوقسۇللۇقلار بارغانچە سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققان جەسەتتەك، يوشۇرغۇسىز بىر شەكىلدە كۆزگە چېلىقماقتا. بىزدە مىللەتنى يېتەكلەپ ماڭالىغۇدەك رەھبەرلەرنىڭ يوقسۇللۇقى بەك ئېغىر ئىكەن. ئورۇن تالىشىدىغانلار، مەنسەپ تالىشىدىغانلار، جاپالىق بولسىمۇ نام- ئاتاق تالىشىدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇنداقلارنى ساناپ چىقىشقا ئۈچ خانىلىق سان يېتىشمەي قالىدۇ. ئەمما قىلىقلىرى كىچىك بالىدىن پەرقسىز. –  ئۆزى دۆڭگە چىقىۋېلىپلا، باشقىلارنى پەسكە ئىتتىرىدىغان « بۇ مېنىڭ شەھىرىم » ئويۇنىدىن زادىلا پەرقلىق يېرى يوق دۆڭگە چىققانلىرىمىزنىڭ.

مىللەتتە، ئاۋاملاردا، كوللېكتىپ، جامائەتلىرىمىزدە گۇناھ يوق. ئۇلارنىڭ گۇناھى پەقەت ساپاسىزلىقىدا. ساپاسىز بولغاچقا، دۆڭگە چىقىۋېلىپلا ئۆزى خالىغاننى قىلىمەن دېگەن رەھبەرگە، يەنىلا ئۆكۈزدەك بويسۇنىدۇ ۋە قارشى بېسىم قىلغۇدەك نە ئەقلى، نە ئىلمى جەھەتتىن دەسمى يوق. سىياسى دەۋا- تەلەپلىرىمىز تەشكىللىك ھالدا غەربكە يۈزلەنگەن ( مىللى قۇرۇلتاينىڭ 99. يىلى ياۋروپاغا يۆتكەلگەن ۋاقتىنى ئاساس قىلغاندا ) 19 يىلدىن بۇيان، بىزدىكى رەھبەر يوقسۇللىقىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكى تەكرار ئىسپاتلاندى. ئەمما مۇشۇ 19 يىلدەك ئۇزۇن مۇساپىدىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بارالمىدۇق. رەھبەر لىك ئورنى « رەھبەر بولۇش ئۈچۈن چىقىرىلغانلار» نىڭ قولىدا ئوينىتىلىۋاتقانلىقىنى، بىزدىكى ساپاسىزلىق تېخىچە ئاڭقىرالمىغان ئىكەن، ۋاقتىمىز، ئىقتىسادىمىز، ئۈمىت- ئىشەنچىمىز، ئەقىدە- ئىخلاسىمىز پەقەتلا ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. قۇتۇلۇش ھەرىكىتىمىزنىڭ سۈپىتى، ماھىيىتى، ساپاسى كىشىنى ئۆكۈندۈرىدۇ- ئەمما تەسەۋۋۇر قىلالىسا…

 

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇلارنى باشقۇرىۋاتقان ۋە شۇ ۋاسىتە بىلەن ئۆزىچە « دەۋانىڭ، ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى» بولۇپ قېلىۋاتقانلار، گوياكى بىرلىرى خىتاينىڭ غالچىلىرىدەك، بىرلىرى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسى قاتلام كومىتېتلىرىدا ئىشلەيدىغان، يەرلىك غالچىلاردەك كۆرۈنىدۇ. ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پاكىز، پىداكار سەمىمى رەھبەرلەرنى تېپىش، دېڭىزگە چۈشۈپ كەتكەن يىڭنىنى ئىزدىگەندەك، شۇنچىلىك ئىشەنچىسىز بىر ئىش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ….

 3 . ساپا يوقسۇللۇقى

بىز ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنەتتۇق. ئاقسۆڭەك مىللەت، خان ئۆتكەن، جاھان سورىغان، ئىمپېرىيە قۇرغان، دۇنياۋى مەدەنىيەت ياراتقان، تىل ئىجاد قىلغان، ئەخلاق شەكىللەندۈرگەن، دىن ئىختىرا قىلغان، ( بىرەر پەيغەمبەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىغا ئىسپات يوق. ئەمما) دۇنيانى ياراتقان، ئەڭ يۇقىرىدا تۇرىدىغان بىر تەڭرىنى تونىغان ۋە بىر تەڭرىگە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنى ئاشۇ قۇدرەتلىك بىر تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئىجراچىلىرى، بىز: كۆكتىكى بىر غالىب تەڭرىنىڭ مېھرى- شەپقىتىنى يەر يۈزىگە يايىدىغان، ئىنسانلار ئارىسىدا ئادالەت بەرپا قىلىدىغان، جانلىقلارغا، تەبىئەتكە تەڭرىنىڭ ئەمىنلىكىنى يەتكۈزىدىغان، ئېسىل، ئاق سۆڭەك مىللەت! – دەپ، ئۇلۇغ، مۇقەددەس ئىلاھى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە بۇ ئۇلۇغ، تەڭداشسىز گۈزەللىكنى مىڭ يىللاپ ئومۇملاشتۇرغان بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدۇق. بىراق كېيىنكى ئۈچ ئەسىردىن ئارتۇق ئىچكى زۇلۇم، تەپرىقىچىلىك، ئىچكى ئۇرۇش، تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، يات مىللەت، يات دۈشمەنلەرنىڭ مۇستەملىكە قىلىشىغا قارشى تۇرۇش، ئاخىرىدا تولۇق مەغلۇب بولۇپ خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە ئايلىنىش قاتارلىق مۇقىمسىزلىق، ئەركسىزلىك تۈپەيلى بىر مىللەت ئاھالىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە نەرسىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئەڭ ئاخىرقى 70 يىل پەسەندە، پەسكەش، ئاچكۆز، نامەرد، خۇمسى، ھەسەتخور، يۇندا پۇرۇچ، قۇل، قالاق خىتايلارنىڭ مۇستەبىت دۆلەت تېررورى ئاستىدا، تەۋرىنىپ قالغان ئۇلىمىز بەرداشلىق بېرەلمىدى. ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل خىسلەتلەرنى يوقىتىپ، خىتايدىكى بارلىق ئىللەتلەرنى، مەينەتچىلىكنى، ئادىمىسىزلىكنى بىر ئۈلگۈچە يۇقتۇرۇۋالدۇق. ساپاسىزلىقنىڭ، ئادىمىسىزلىكنىڭ ھەرقانداق ئېلمېنتلىرى بىزدە يېتىپ ئاشقىچە تېپىلىدىغان ھالغا كەلدۇق. « ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولۇر» – دېگەندەك، چەتئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىرىمىزدىمۇ، ئاتا- ئانىلىرىدىن يۇقتۇرۇۋالغان ساپاسىزلىق ھەم كېيىنكى چارەك ئەسىردىن بېرى، يېڭى ياچە چىقىپ كېلىۋاتقان خىتايپەرەس ساپاسىزلاردىن يۇقۇملىنىپ، يارامسىزلىق، ساپاسىزلىق خۇددى ۋابا كېسىلىدەك، ھەر يەردە باش كۆتۈرمەكتە. ئادەم بەدىنى ئاجىزلىشىپ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۇچىنى يوقاتقاندا، سىرتتىن كېلىدىغان ھەرقانداق كېسەللىك مىكروبلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. خۇددى شۇنىڭدەك، ئەقلى ئىقتىدارى، تەپەككۇر قابىلىيىتى تولۇق يېتىلمىگەن، ياكى زېھنى قۇۋۋىتى ئاجىزراق كىشىلەرگە باشقىلاردىكى ناچار كەيپىيات، ئەخلاقسىزلىق تېز يۇقۇملىنىدىكەن. مىللەتنىڭ گەۋدىسىمۇ يەككە ئادەملەردىن تەركىب تاپىدىغان بولغاچقا، ئادەملەردە نېمە بار بولسا مىللەتتىمۇ شۇ نەرسىنىڭ ئۆزى بولىدىغان گەپكەن.

بىر مىللەتنىڭ ساپالىق-  بولىشى ئۈچۈن، شۇ مىللەت ئاھالىسىنىڭ كۆپچىلىكى ساپالىق بولىشى لازىم. كىشىلەرنىڭ ساپالىق بولىشى ساپالىق ئائىلە تەربىيىسى، ساپالىق مىللى مائارىپ تەربىيىسى، ساپالىق مائارىپتا ئوقۇغان بولىشى، ساپالىق جەمئىيەت- مۇھىت تەربىيىسى ۋە ئۆزىنى ساپالىقلاشتۇرۇش ئىزدىنىشى قاتارلىق، كام قالسا بولمايدىغان بىر تۇتاش ئوبيېكتىپ شەرتلەر تولۇقلىنىشى كېرەك. بىزنىڭ ساپالىق ئائىلە تەربىيىسىدىن ( گەرچە تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولسىمۇ) باشقا، ھېچ نەرسىمىز يوق. يەنى مىللىتىمىزگە ئائىت، مىللەت ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى يېتىلدۈرىدىغان ھېچنەرسىمىز يوق. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قۇتۇلۇش ھەرىكىتىمىزنىڭ ساپاسىزلىقىغا ۋە ئۇنى يېتەكلىگۈچىلەرنىڭ ساپاسىزلىقىغا ئىنكار قىلالمايمىز. ئەمما چەتئەللەردە ئۆزلىكىدىن تولۇقلاش، ئىلغارلاردىن ئۈلگە ئېلىش، باشقىلاردىكى ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىقمۇ، ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتى ئەلۋەتتە بار. بولۇپمۇ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئارزۇسى بار، ۋەتەن- مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشتىن ئىبارەت، ئالى خىسلەتنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەملەر: ئەمدى بولغاندا قانداق قىلىمەن- دەپ، ئۆزىنى بولغىنىغا تاشلاپ بەرمەي، ناچارلىقى بىلەن، خۇمسىلىقى بىلەن، ساپاسىزلىقى بىلەن مىللەتنىڭ ئالدىدا چېپىپ يۈرۈشكە يۈزى قىزارسا، ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، يامان ئىللەتنى بىر پارچىدىن، بىر پارچىدىن تۈزىتىشكە تىرىشسا، دېمەك ساپالىق بولۇشنىڭ يولىنى ئاچقان بولىدۇ.

 4 . تەشكىلى ئاڭ، تەجرىبە يوقسۇللۇقى

يۇقىرىدا قىسمەن دەپ ئۆتۈلگىنىدەك، رەھبەرگە ئىتائەت قىلىش ۋە يېتەكچىگە ئەگىشىش- تەشكىللىنىش دېمەكتۇر. تەشكىللىنىش توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ: ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەھسۇلى- دەپ بايان قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە نەزەرىيىۋى جەھەتتىن ئۇقۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلىدىغان تەبىردۇر. لېكىن تەشكىللىك ھەرىكەتلىنىش ۋە تەشكىللىنىش ئۈستىدە چۈشەنچە بەرگەندە، نوقۇل ئىجتىمائىيلىشىشقا ۋە سىياسى چۈشەنچىنىڭ راۋاجلىنىشىغا باغلاپ ھۆكۈم قىلىۋېتىشكە بولمايدىغان تەرەپلەرمۇ بار. رەت- رېتى بىلەن ئاسماندا ئۇچىدىغان قۇشلارنىڭ، يەردىكى تۈرلۈك جانلىقلارنىڭ، سۇدىكى ئۈزگۈچى جانلىقلارنىڭ سىياسى ئاڭ بىلەن، ئىجتىمائىيلىشىش نەزەرىيىسى بىلەن قىلچە باغلىنىشى يوق تۇرۇپمۇ، ئۇلارنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرى مانچە مىڭ يىللىق ئىجتىمائىيلىشىش باسقۇچىنى، سىياسىلىشىش ئاڭ، تەپەككۇرنى بېسىپ ئۆتكەن ئىنسانىيەتنىڭ تەشكىللىك ھەرىكەتلىرىدىن ئۆتەر مۇكەممەللىكىگە كۆز يۇمالمايمىز. دېمەك تەشكىللىنىش ۋە تەشكىللىك پائالىيەت قىلىشمۇ ئىنسانلار بىلەن ئەقىلسىز جانلىقلارغا ئورتاق بولغان تەبىئى قانۇنىيەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئۆزلىرىنى مىللەت باسقۇچىغا يەتكۈزەلىگەن ھەر قانداق بىر قوۋم، ئۆزلىرى ياشايدىغان تۇپراقلاردا ھاكىمىيەت تەشكىللەپ، دۆلەت قۇرالىغان ھەرقانداق بىر مىللەت، تەشكىلاتچىلىقتا ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكەن بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارمۇ قانچە مىڭ يىللاپ دۆلەت باشقۇرغان، دۆلەت ۋە ئىمپېرىيىلەرنى قۇرغان سالاھىيەتلىرىمىز بىلەن، دۇنيادىكى تەشكىلاتچان مىللەتلەرنىڭ ئۈلگىسى بولغانلىقىمىز شۈبھىسىزدۇر. بىراق، ئىپلاس خىتايلار ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىپ توختاپ قالماي، بىزنىڭ مېڭىمىزنىمۇ ئىشغال قىلىپ، بىزنى ئادىمىيلىكتىن يىراقلاشتۇرۇۋەتتى. ئىككى ئۇيغۇر بىر يەرگە كېلىپ، ئۆز- ئارا يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىشالمايدىغان دەرىجىدە ئىشەنچىسىزلەشتۈرۈۋەتتى. تەشكىللىنىش ئېڭىمىزنى ۋەيران قىلىپ، ئۆملىشىشتىن ئىبارەت تەبىئى قانۇنىيەتتىن يىراقلاشتۇردى. بىزنى ھايۋاندىن بەتتەر ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىگە ھېچقانداق زەرەر يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدىكى، ئىجتىمائىي  تەشكىللىنىشتىنمۇ چەكلىدى. ئېغىر جازالاش، قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق، پۈتۈن بىر مىللەت خەلقىنى تەشكىللىنىشتىن قورقىدىغان، تەشكىلاتتىن ئۈركۈيدىغان، غەيرى تەبىئەتلىك قىلىپ قويدى. چەتئەلدە، ئەركىن دۇنيادا، ئىپلاس خىتاي يوق يەردە نېمىشقا تەشكىللىنەلمىدۇق؟ بۇنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىنىشى مۇمكىن.

1 . ) بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا تولۇق ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىدۇق. ئىپلاس خىتاي دۆلىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامان- ئېسەن تەشكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ئالدى بىلەن قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قولى بىلەن، ئۇيغۇر تەشكىلاتچىلىرىنى چەكلەتتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىنىشىنى چەكلەتتى. شۇنىڭدەك بەزى قېرىنداش ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلى راۋاجىنى تىزگىنلىتىپ، ھەرخىل چارىلەر بىلەن ئالغا باستۇرمىدى.

2  . ) دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىدە بولسا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلىشىدىن باشلاپلا، خىتاي ئۆز غالچىلىرىنى كىرگۈزۈپ، تەشكىلى مەخپىيەتلىكنى، كىشىلەرنىڭ تەشكىلاتتىكى ئەمەلى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاجىزلىق تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق تەشكىلاتتىن چېكىنىشكە قىستىدى ياكى تەشكىلات ئىچىدە تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلەپ بېرىشكە مەجبۇرلىدى. رەزىل خىتاي، كىشىلەرنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا- ئانىسىنى، خوتۇن- بالىلىرىنى، تۇققانلىرىنى گۆرۆگە ئېلىۋېلىپ، تەشكىلاتتىن يىراق تۇرۇشقا، ياكى تەشكىلات ئىشىغا ئارىلىشىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، مەخپىيەتلىكنى خىتايغا يەتكۈزۈشكە قىستىدى. خىتاي بۇ خىل رەزىللىكى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللىنىشتىن يىراقلاشتۇردى.

3 .  ) غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار قۇرۇلىشىدىن باشلاپ، بۈگۈنگىچە ئىنتايىن ئاز ساندىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ مونوپوللۇقىدىن قۇتۇلالمىدى. ئاكتىپچانلىقى كۈچلۈك ئەزالار تەشكىلاتتىن كۈتكەنلىرىنى تاپالمىغاچقا، تەشكىلاتقا بولغان قىزغىنلىق يوقىلىپ، كىشىلەرنىڭ تەشكىلاتتىن قېچىشى نورمال ئەھۋال بولۇپ قالدى.

4  . ) تەشكىلاتنى قۇرغان كىشىلەرنىڭ، ياكى تەشكىلاتتىن مۇھىم ۋەزىپە ئالغان رەھبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەشكىلات بىلەن ئۆزىنى « ئىككى ئايرىلالماسلىق» تەرىقىسىدە قوبۇل قىلىۋېلىپ، تەشكىلى ئىشلارنى شەخسى ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدەك ھېس قىلىۋالىدۇ. باشقىلار تەكلىپ بەرسە، ياكى ۋەزىپە ئېلىش مەقسىتىنى ئىزھار قىلسا، ماڭا قارشى ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، مېنى يوقىتىپ تەشكىلاتىمنى ئېلىۋالماقچى. توغرىسى ئايالىمنى، بالىلىرىمنى ئېلىۋالماقچى، مېنى ئۆيۈمدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ھەممە نەرسەمنى تارتىۋالماقچى- دېگەندەك، ئاجايىپ ئېغىر ۋەھىمىگە پېتىپ قالىدۇ. ئۇيقۇسى قېچىپ، چۈشى بۇزۇلىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، كېسەلچان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، تەشكىلاتىنى قوغداپ قېلىش، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش، نومۇسىنى ئاقلاش، غۇرۇرىنى پاكلاش ئۇ رەھبەرنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىرگە، قولىدىن قانداق شۇملۇق كەلسىمۇ، ئىككىلەنمەي قىلىدۇ. بۇ خىل رېئاللىقمۇ كىشىلەرنىڭ تەشكىلاتتىن بىزار بولىشىغا، تەشكىلاتتىن يىراق تۇرىشىغا سەۋەب بولماقتا.

يىغىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سەۋەبلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، تەشكىلى ئىشلىرىمىزنى روناق تاپقۇزۇشقا بولاتتى. بىراق بىزدە تېخىچە تەشكىلى تەجرىبە ھاسىل بولمىدى. تەشكىلاتتىكى كىچىك بىر يوچۇقتىن تاغدەك پاسسىپ ئامىللار ئۈسۈپ كىرەلەيدۇ. بەزىدە كۆزگە ئىلمىغۇدەك كىچىككىنە مەرەزلەر  تەشكىلاتلىرىمىزنى ئۇلىدىن بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ. بۇنىڭ جاۋاپكارلىقى ئەلۋەتتە بىزگىمۇ چۈشىدۇ. ھەممىنى خىتايغا ئارتىپ قويۇپ، ئۆزىمىز يېتەرلىك تەدبىر ئالمىساق، ئۇنداق بىر بوشلۇقنى، يوچۇقنى تاپقان خىتاي ئەلۋەتتە بىزنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ تەشكىلى ئېڭىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز، بېشىمىزدىن ئۆتكەن ھەربىر مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىپ، تەجرىبە ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

 . كەسپى خادىملار يوقسۇللۇقى

چەتئەلدىكى تەشكىلاتلىرىمىز ئاساسەن بىر توپ ۋەتەن سۆيەر، پىداكار ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى قىزغىنلىقى بىلەن قۇرۇلىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، تەشكىلاتنى قۇرۇشتىكى مەقسەتلەرگە رېئال ۋەزىيەت ماس كەلمەي قالىدۇ. مەقسەت دېگەندە- كۆڭۈلدىكى پىلان كۆزدە تۇتۇلۇپ، تەشكىلاتنى قۇرۇشتا: مانداراق دەپ تۇرۇپ، ئالدىدا تەشكىلاتنى قۇرۇۋالايلى، ئاندىن قىلىدىغان ئىشنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز- دېگەندەك ئاددى- ساددا «تاكتىكا» بىلەن بىر بەتنىڭ يېرىمى تولغۇدەك خەتنى يېزىپ، دادىخاھتىن ئۆتكۈزىۋالىدۇ. ئەمما تەشكىلات قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ ئىش قىلسا نامايىش تەشكىللەش، نورۇز، ھېيت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، شەھىدلەر كۈنىنى، جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا ئۆلۈم- يېتىم پەتىسى، دۇئا تىلاۋەت، مەكتەپ ئېچىپ، دىنى ساۋات چىقىرىش، باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ۋەكىل قاتناشتۇرۇش قاتارلىق مەڭگۈ ئۈزۈلمەس، ئۆزگەرمەس، ئاخىرى چىقماس ئىشلار بىلەن بەند بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەشكىلات قۇرۇشتىن بۇرۇنقى مەقسەت، غايىلىرى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. ھەم يۇقىرقىدەك مەشغۇلاتلار ئۇلارنىڭ كۈنتەرتىپىدە « ۋەتەن دەۋاسى» بولۇپ قالىدۇ. ۋەتەندىن كېيىن چىقىپ قېتىلىۋاتقانلار، مەۋجۇت ئەھۋاللاردىن نارازى بولۇشۇپ، بەزىدە كۈچ توپلاپ بۇرۇنقىلاردىن ئورۇننى، مەنسەپنى تارتىۋالىدۇ. بىراق ئۇلارمۇ چوڭ بىر ئۆزگۈرۈش قىلالمايدۇ. ۋەتەن – مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىرەر يېڭى نەتىجە يارىتالمايدۇ. بەلكى بۇرۇنقى بىر جەمئىيەتنى ئىككىگە، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەككە بۆلۈپ قويغان بولىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرىگە شايكا توپلاش ئۈچۈن جەمئىيەتنى، جامائەتچىلىكنى زىتلاشتۇرۇپ، ئېغىر دەرىجىدە سەلبى ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپچى بولىشىدۇ. مۇشۇنچىۋالا نۇقسانلارنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا: كەسىپ ئەھلىنىڭ يوقلىقىدۇر.

تەشكىلاتچىلىرىمىز- ئېنىق ئېيتقاندا دەۋاگەرلىرىمىز چەتئەلگە چىققان چاغلىرىدا، تەشكىلاتلارنى قۇرغان چاغلىرىدا قانداق ھېسسىياتتا، قايسى سەۋىيىدە بولغان بولسا، تەشكىلاتنى قۇرۇپ، بايراقدار بولغاندىن كېيىنمۇ، ھەتتا « ئۇزۇن يىللىق دەۋاگەر» بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرگەن بىر نەرسە كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر ئۆزگۈرۈش قىلدى- دېيىلسە، ئون يىللار ئاۋۋالقى رەسىملىرىدە، رەسىمگە چۈشىدىغان سەھنىلەردە، رەسىمدە يانمۇ- يان تۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ يەڭگۈشلەنگەنلىكىدە، شۇنىڭدەك مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىپ، يالغان يېپىنداقچىلارغا ئالدىنىپ، كۈندىلىك ھەق، ھوقۇق پارىڭىنى قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىدا يېڭىلىق بولدى- دېسەك، ئۇلارنى دەل توغرا تونىغان بولىمىز.

تەشكىلاتلىرىمىزدا، دەۋاگەرلەر قوشۇنىدا كەسپى خادىملار يوق- دېگەن گەپنىڭ يەشمىسى مۇنداق بولىشى مۇمكىن:  مەلۇم بىر دۆلەتتىكى دەۋاگەرلىرىمىز مەسىلەن: شەھەر باشلىقى قوبۇل قىلغاندا دېگەن گەپنىڭ ئۆز ئەينىسىنى مائارىپ مىنىستىرى قوبۇل قىلغاندىمۇ دېسە، ھۆكۈمەت باشلىقى ( باش مىنىستىر) قوبۇل قىلغاندىمۇ شۇنى دېسە، مالىيە مىنىستىرىگىمۇ، مۇھاجىرلار مىنىستىرىگىمۇ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىگىمۇ شۇ گەپنى دېسە، دادخاھلار ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ، كۆڭۈل بۆلۈش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ خاتا يەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. يەنى «كىمگە ۋە قايسى دادخاھقا نېمىنى دەيدىغانلىقى » سىياسى كەسىپكە، دىپلوماتىيە كەسپىگە ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كەسپىگە ئائىت ئىلمى سەۋىيە، كەسپى قابىلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدەك ئەڭ كىچىك، ئادەتتىكى مېھنەتكەشلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىدىن تارتىپ، ئېلىم- سېتىم، باردى- كەلدى ھەممە نەرسە نەزەرىيىۋى ئوقۇش، ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت بىلەن نەزەرىيەنى سىستېمىلاشتۇرۇش ۋايىغا يەتكەن، باشقىلاردىنمۇ شۇنداق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەللەردە، بىزنىڭ « تەبىئەت» كە يېقىن، تەبىئى شەكىلدە قۇرۇلىدىغان تەشكىلاتلىرىمىزدا، تەلەپكە لايىق كەسىپ ئەھلىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭدەك، ھازىرغىچە ياشاپ كېلىۋاتقان ئەمەلىيەتلىرىمىزدىن ئېيتقاندا، ھەم ھاياتلىق ئۈچۈن مېھنەت قىلىپ ھەم ئۆز كۈچىمىزگە تاينىپ كەسىپ ئۆگىنىشكە ئۇرۇنۇش خۇددى يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئاغامچىنى ئۆتكۈزىمەن- دېگەندەك، خام خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس. قوشۇمچە ماتېريال كۆرۈپ، ئاز- تولا مەلۇمات ئىگىلەپ، سەۋىيە ئۆستۈرگىلى، ئاممىباپ چۈشەنچىسىنى بېيىتقىلى، مەدەنى ساپاسىنى ئۆستۈرگىلى بولسىمۇ، لېكىن كەسىپ ئىگىلەش، كەسپى خاراكتېرلىق بىلىم ئىگىلەش ئىمكانىيىتىمىزدىن تاشقىرى ئىشلاردۇر. بۇ توغرۇلۇق غەرب ئەللىرىدە ھېچكىم ھېچكىمنى ئەيىپلىيەلمەيدۇ.

گەرچە 2006. يىلىدىن ئېتىبارەن « NED »  ۋەقپىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىلمى خادىملار ياردىمىدە، يىلدا بىر قېتىم، ئۈچ كۈنلۈك ئاتالمىش « كادىر تەربىيەلەش كۇرسىسى» غا ئەللىك، ئاتمىش ئۇيغۇرلار قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاتالمىش كۇرسىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، خىتاي ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتى ئۈستىدە دوكلاتلار ئاڭلىتىلىپ، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرى دوكتور، پروفېسسورلارنىڭ، كەسپى مۇتەخەسىسلەرنىڭ لېكسىيىلىرى تەقدىم قىلىنىپ، ئۇ تىلدىن بۇ تىلغا تەرجىمە قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىككى كۈن سۆزلىگەن لېكسىيىلىرى،  كۇرسانتلارغا نىسبەتەن تۆت يېرىم سائەتلىك ۋەز- نەسىھەتكە يىغىنچاقلىنىدۇ. ھەم لېكسىيە بېرىۋاتقان دوكتور، مۇتەخەسىسلەر بىلەن كۇرسانتلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان زېمىندەك چۈشەنچە بوشلۇقى، تەپەككۇر پەرقى بولغاچقا، يىلدا بىر قېتىم توپلۇشۇپ چۈشىۋالغان رەسىمدىن باشقا ئەسلىمە، خاتىرە قالمايدۇ. شۇنىڭدەك ئىستانبۇلدىكى مائارىپ جەمئىيىتى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، قېرىنداشلىق يىللىق ئۇچرىشىشتىمۇ، گەرچە كۇرسانتلار بىلىدىغان تۈرك ۋە ئەرەب تىللىرىدا  بىر ھەپتە تولۇق سۆزلەنگەن ئالماستەك ئۆتكۈر، ئالتۇندىن قىممەتلىك لېكسيەلەردىن ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ، بىر ھەپتە توپلىشىپ ئىبادەت قىلىۋالغانلىقىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىۋاتقان، ھەر يىلدا شۇ كۈنلەرگە مۇيەسسەر بولۇشقا مۇشتاق بولىۋاتقان، تەقۋادارلىرىمىزنىڭ تەسىراتلىرىدىن مەلۇم بولغىنى شۇكى، كەسپى كۇرسلاردا سىستېملىق ئوقۇمىغۇچە، يۇقىرقىدەك جامائەت سورىنى ئويۇشتۇرۇپ، ھەشەمەتلىك سەھنىلەردە بىر قانچە سائەتلىك، ھەپتە- ئون كۈنلۈك سۆزلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن لېكىسيەلەرنىڭ، كىشىلەرنى بىر ئاز « قۇلاق زىيالىيسى» قىلىشتىن باشقا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ تۇرماقتا.

تەشكىلاتلىرىمىزدىكى كەسپى خادىم يوقسۇللۇقى قىيىنچىلىقىنى  يىللىق، مەۋسۇملۇق پۈتۈن كۈنلۈك كەسپى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش بىلەن ھەل قىلالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئۇسۇل- چارىلەر رىياكارلىق، مىللەتنى قايمۇقتۇرۇش، خەلقنى، ئۆزىنى ئالدىغانلىقتىن باشقا مەناسى يوق ئىشتۇر. كەسپى خادىملارنى ئوقۇتۇش كۇرسلىرىنى ئېچىشقا غەرب ئەللىرىدە پەقەتلا ئىمكانىيەت تېپىلمايدۇ. بىز ئۈچۈن بىردىن بىر باب كېلىدىغان دۆلەت تۈركىيە بولۇپ، 2000. يىلى نويابىر ئايلىرىدا شۇ چاغدىكى « شەرقى تۈركىستان( ئۇيغۇرىستان) مىللى قۇرۇلتىيى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى، كۆپچىلىكنىڭ تەلەپ پىكرى بويىچە، قۇرۇلتاينىڭ سىياسى باش مەسلىھەتچىسى ( مەرھۇم) ھاجى ياقۇپ ئانات ئەپەندىم بىلەن ئەنقەرەدە مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن ئىدى. ھاجى ياقۇپ ئەپەندى ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن، مىللى قۇتۇلۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن كەسپى خادىم يېتىشتۈرۈش ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدە « ئۇيغۇر كەسپى خادىملار تەربىيەلەش ئىنىستىتوتى» قۇرۇپ چىقىش ئىلتىماسىنى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىگە، مالىيە مىنىستىرلىكىگە يوللىدى. مىنىستىرلىكلەردىن كەلگەن جاۋابقا ئاساسەن، ھاجى ياقۇپ ئەپەندى قۇرۇلغۇسى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتۇش كەسپى، ئوقۇتۇش پىلانى، دەسلەپكى قەدەمدە ئوقۇشقا 12 نەپەر ئۇيغۇر كۇرسانتلارنى قوبۇل قىلىپ، سىناق ئوقۇتۇش پىلانى قاتارلىق بىر يۈرۈش پىلانلارنى  تاپشۇردى. بۇ يىللاردا تۈركىيە سىياسى مۇقىمسىزلىق، ھۆكۈمەت مۇقىمسىزلىقى، يىلدا سايلام غەۋغاسى، ئىقتىسادى كىرىزىس ۋە سان- ساناقسىز كىرسىزلەرگە پېتىپ كېتىۋاتقان بولىشىغا قارىماي، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن ئېغىر بېسىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقىنىغا قارىماي « شەرقى تۈركىستان ( ئۇيغۇرىستان) مىللى قۇرۇلتىيى» نامىدىن تاپشۇرۇلغان تەلەپلەر قوبۇل قىلىنىپ، ئىلتىماسلار تەستىقتىن ئۆتۈۋاتاتتى. مائارىپ مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەرنىڭ ئاخىرقى تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ھاجى ياقۇپ ئەپەندى يېقىن خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە، بىر ياقتىن دەرسلىك تەييارلاپ، بىر ياقتىن مائارىپ ئىدارىسىغا تاپشۇرىدىغان ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈپ پۈتتۈردى. بىراق، دېيىشكەن كۈنى يېتىپ كەلگەندە، بارلىق ماتېرياللارنى پوپكىغا قاچىلاپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە، ھاجى ياقۇپ ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرىكى مەنزىلگە يەتكۈزمىدى. ئەگەر ئۇ، يەنە بىر يىل ئارتۇق ياشاپ قالغان بولسا، تۈركىيە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكىگە ئائىت بولغان ئەمما مىللى مائارىپ قۇرۇلمىمىز قەددىنى تىكلىۋالاتتى. ھەم كۈنىمىزگىچە ئالتە قەرەل كۇرس پۈتتۈرۈپ، يۈزلىگەن كەسپى خادىملىرىمىز يېتىشىپ چىققان بولاتتى. ھاجى ياقۇپ ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى بىلەن مەزكۇر پىلان كۆمۈكتە قالدى.

2005   . يىلى قاھىرەدە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ، پىلانلارنىمۇ تۈزگەن ئىدۇق. ( بۇ توغرىسىدا ئايرىم يازىمەن) مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسىمۇ ئەسلىدە، قۇتۇلۇش ھەرىكىتىگە كېرەكلىك بولغان كەسپى  خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ئىدى. ئەمما شۇنىڭغىمۇ يەنە ئىلمى، كەسپى سەۋىيە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشكەن….

يىغىپ ئېيتقاندا، چەتئەللەردىكى ئىمكانىيەت، ئىقتىدار ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن كېرەكلىك بولىدىغان كەسىپلەردە ئادەم يېتىشتۈرۈشكە يار بەرمەي كەلمەكتە.

6  . مىللى ئىرادە يوقسۇللۇقى

ئىرادە – تىلىمىزغا ئەرەبچىدىن ئۆز مەنىسى بىلەن كۆچۈپ كىرگەن سۆز بولۇپ، ئىستەك، تاللاش، خاھىش دېگەندەك مەنالاردا قوللىنىلىدۇ.

ئوبرازلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىر نەرسىگە ئېرىشىشتىن ۋاز كەچمەيدىغان، نىشانغا يېتىشتىن چېكىنمەيدىغان، مەلۇم بىر كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن جان- جەھلى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان، « جان كەتسىمۇ كەتسۇنكى، جانان قولدىن كەتمىسۇن! » دېگەندەك، قولىدىكى نەرسىسىنى قولدا چىڭ تۇتۇپ، ياكى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان نەرسە ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىغىچە بەدەل تۆلەشتىن ئىبارەت كەسكىن قارارغا ئىگە كىشنى- ئىرادىسى مۇستەھكەم ئادەم -دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇنىڭ قارشىسىدا، مېڭىۋاتقان يولىدىن تېز يالتىيىدىغان، ئازراق كۆڭۈلسىزلىكنىڭ شەپىسىنى ئالغان ھامان، دەرھال ئۆزگىرىش ياسايدىغان، كۆمسەم پىشارمۇ، ياقسام پىشارمۇ- پەدىسىگە، ئىككىلىنىپ تۇرىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئاغزىغا، قاش- قاپىقىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان كىشىلەرنى – ئۈجمە كۆڭۈل، ئالا تاغىل، دىتسىز، يانغاق، ئىرادىسىز ئادەم – دەپ تەرىپلەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئىزاھاتلار ھەربىر ئادەمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىغا ئائىت، شەخسى ئىشلاردىكى مەۋقەسى، مەيدانى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. يەنى بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىدا قەتئى ئىرادىلىك، شەخسى خاھىشى كۈچلۈك بولىدۇ. لېكىن مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە قىلچە كۆيۈنمەيدۇ. شۇنىڭدەك ئۆز ئىشىغا ئانچە ئىرەن قىلمايدىغان، ئەمما مىللەتنىڭ ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىرىغا بارلىقىنى ئاتاپ قويىدىغان كىشىلەرمۇ بولىدۇ. « قەھرىمانلار» نىڭ خاراكتېرى ئۆزىنى مىللەت ئىشلىرىغا ۋە كۆپچىلىككە بېغىشلىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.

كىشىلىك ئىرادە بىلەن مىللى ئىرادە ئوتتۇرىسىدىكى پاسىلنى مەنپەئەت، قىزىقىش ۋە خاھىش بەلگىلەيدۇ. قايەردە مىللەتنىڭ ۋە كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى بىرىنچى قاتاردا، ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرالىسا، شۇ يەردە مىللى ئىرادە تېلىپغان بولىدۇ. يەنى قايسى ئىرادىنىڭ كاپالەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۆلچەم- مەنپەئەتتۇر. كىشىلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرقانداق جاپا- مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، كىشىلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرقانداق رەزىللىكتىن يانمايدىغان كىشىلەر، بەزىدە ئىرادىسى مۇستەھكەم قىياپىتىدە تەسۋىرلىنىپمۇ قالىدۇ. لېكىن ئۆز مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش – شەخسىيەتچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شەخسىيەتچى ئادەملەرنىڭ قولىدىن ھەر بالا- قازا، شۇملۇقلارنىڭ كېلىدىغانلىقى مىسال، ئىسپات، پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان، ئاشكارا ھەقىقەتتۇر.

بىرەر قوشۇننى يېتەكلەيدىغان قوماندان، ياكى بىرەر مىللەتنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان رەھبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك خاھىشى بىلەن ئىش كۆرسە، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق، ياكى پايدىسىز ئىشلار ئۈستىدە ئۆزى خالىغاننى قىلسا، ئۆزىنىڭ ئىستەك ، خاھىشىنى، كىشىلىك مەنپەئەتىنى كۆپچىلىكنىڭ، مىللەتنىڭ پايدىسىدىن ئەلا بىلسە، پۈتۈن بىر مىللەت ئاشۇ  يېتەكچىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ. مەيلى ئۇ يېتەكچى رەھبەرلەرنى مۇتلەق  كۆپچىلىك قوللىغان بولسۇن، ئۇنىڭغا مىللەتنىڭ پۈتۈن ئاھالىسى ئەگەشكەن بولسۇن، ئۇ رەھبەر مىللى ئىرادىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ۋە مىللى ئىرادىنىڭ قارشىسىدا ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ زىيانلىق ئاقىۋىتىگە ھامان مىللەت قالىدۇ. ئۇۋالىنى مىللەت كۆرىدۇ.

مىللى ئىرادە- دېگەندە : كۆپچىلىكنىڭ كۆز- قاراش، پىكىر ۋە ئاۋاز بىرلىكى- دەپ چۈشىنىۋالىدىغان ئەھۋالمۇ بار. بۇنداق پىكىر، كۆز- قاراش ئورتاقلىقى مىللى ئىرادە ھېسابلانمايدۇ. ئەكسىچە ئۇ، كۆپچىلىكنىڭ قارارىدۇر. كۆپچىلىك ئالغان قارارلارنىڭ ھەممىسى مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولىۋېرىشى ناتايىن. بەزىدە، ياكى بەزى كۆپچىلىك مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كېلىدىغان، زىيانلىق ئىشلار ئۈستىدىمۇ پىكىر ئورتاقلىقىغا كېلىپ قېلىشى تامامەن مۇمكىن. شۇڭا : ئىرادە- دېيىلگەندە، يۇقىرىدا دەپ ئۆتىلگىنىدەك- مەنپەئەت ئۆلچەم قىلىنىشى كېرەك. مەلۇم رەھبەرلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىش- ھەرىكەتلىرى، دەۋا- تەلەپلىرى قايسى خىلدىكى مەنپەئەتنى كۆزلەيدۇ؟ كىشىلىك مەنپەئەتنى كۆزلەۋاتامدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ خاھىشى بويىچە قىلىۋاتامدۇ؟ ياكى مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلدىمۇ؟ كۆپچىلىك ئالغان قارار قايسى مەنپەئەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى؟ – يەنە تەكىتلەيمەنكى، كۆپچىلىك ئالغان قارارنىڭ ھەممىسى مىللى ئىرادىگە ئۇيغۇن بولۇپ كېتىشى ناتايىن.

بىزنىڭ چەتئەلدىكى ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىمىزدە، مىللى ئىرادىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بىر گەپ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن تەشكىلاتلىرىمىز بار. مەركىزى تەشكىلاتلارمۇ بار. «دەۋاگەر» دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەرمۇ خېلە كۆپ. «لىدىر» دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلىرىمىزمۇ يېتىپ ئېشىپ قېلىغلىق. بەزىدە ئۇلار چوڭلۇق تالىشىپ، ئورۇن تالىشىپ ئېغىر ماجىرالىشىپمۇ تۇرىدۇ. لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، تارماق تەشكىلاتلاردىن تارتىپ، مەركىزى تەشكىلاتلارغىچە، رەئىس ۋە دەۋاگەرلەردىن- لىدىر بولۇپ كەتكەنلەرگىچە مىللى ئىرادە تۇرماق، ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنى، ئۆزىگە قول بەرگەنلەرنى ۋە ئۆز تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ ئاۋاز كۆپلۈكى بىلەن ئالغان قارارنىمۇ كۆزگە ئىلماي، پەقەت ئۆز ئارزۇسىنى، ئۆز خاھىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ نىجىس مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ. بىر باشلىق ئۆزى ياقتۇرمايدىغان يەنە بىر باشلىقنى رەت قىلىپ: ئەگەر ئۇنىڭ قولى بىلەن « شەرقى تۈركىستان» مۇستەقىل بولۇپ كەتسە، ئۇ ۋەتەنگە مەن بارمايمەن! – دېگەن يەرگىچە جاكارلىيالايدۇ. مۇشۇنداق شەخسىيەتچىلەر رەھبەرلىك قىلىدىغان تەشكىلاتلاردا ئېلىنغان قارار قايسى ئىرادىگە، قايسى مەنپەئەتكە ۋەكىللىك قىلماقچى؟

بىزنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى، ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەركىزى تەشكىلاتىمىز، « شەرقى تۈركىستان ( ئۇيغۇرىستان) مىللى قۇرۇلتىيى»  مىللى ئىرادىگە ئۇيغۇن مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى بىلەن قۇرۇلغان تەشكىلات ئىدى. 92. يىلىدىن 2004. يىلى 12. ئاپرېل تارقىتىۋېتىلگىچە، مىللى ئىرادىگە ۋەكىللىك قىلغان. چۈنكى ۋەتەننىڭ ئىچىدە « مۇستەقىللىق » دېگەن بىر كەلىمىنى يېزىپ، ئۆز ئۆيىدە ساقلىغانلارغا 3 يىللىق، باشقا بىر كىشىگە سۆزلىگەنلەرگە 7 يىللىق، ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمگە سۆزلىگەنلەرگە 10 يىللىقتىن يۇقىرى قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىناتتى. شۇڭا مۇستەقىللىق دېگەن بۇ  شوئارنى پەقەت چەتئەللەردىلا ئەركىن- ئازادە، تەشكىللىك ھالدا دۇنياغا جاكارلىيالايتتۇق. چەتئەلدىكى مۇستەقىللىق- دېگەن بۇ شوئار، تەلەپ مىللى ئىرادىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. ئەپسۇس « بىز مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىمىز دەپ، تەتۈرلۈك قىلىۋەرسەك، بىزنى غەرب دۇنياسى تونىمايدۇ؛ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تونۇتۇپ بولۇپ، ئاندىن دەۋارىمىزنى قىلساق، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش ئوڭدىن كېلىدۇ» دېگەندەك، ئېتى يوق، سېپى يوق يالغان سىياسەت بىلەن 12. ئاپرېل 2004 . يىلى 12 يىللىق تارىخقا ئىگە « شەرقى تۈركىستان ( ئۇيغۇرىستان) مىللى قۇرۇلتىيى»نى تارقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا (16. ئاپرېلدىن 19. ئاپرېلغىچە تەنتەنىلىك يىغىن ئېچىپ)  : ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىمىز، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان، بارلىق قانۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللايمىز….دېگەندەك خىتاپنامە، نىزامنامىگە ئىگە « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» چىقتى. يەنى « دۇنيا ئۇيغۇر ( ياشلىرى) قۇرۇلتىيى» تىرناق ئىچىدىكى « ياشلىرى» دېگەن بىر سۆزنى قىسقارتىپ،  « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» دەپ ئاتالغان بۇ تەشكىلات، 96. يىلى مىيونخىن شەھىرىدە قۇرۇلغان،  « دۇنيا ئۇيغۇر  ياشلىرى قۇرۇلتىيى» نىڭ دەل ئۆزىدۇر. ياشلار قۇرۇلتىيى كىشىلىك ھوقۇق، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش- دېگەن شوئارنى نىزامنامىسىگە ۋە خىتاپنامىسىگە ئوچۇق يېزىپ، ئوتتۇرىغا چىققان ئىككىنچى « ئۇيغۇر تەشكىلاتى » ( بىرىنچىسى ئالىپتېكىن ئەپەندىگە مەنسۇپ « شەرقى تۈركىستان ياۋروپا بىرلىكى » جەمئىيىتى ) بولۇپ، دەسلىۋىدە ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى بازار تاپالمىغان. 2006. يىلى رابىيە خانىمنى « خۇدايىم بەرگەن لىدىر » دەپ، ( قۇرۇلتايدىكىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىنى يېڭىپ) پۈتۈن ئىمكانىيىتىمىزنى ئىشلىتىپ، قۇرۇلتايغا رەئىس قىلىۋاپتۇق. خانىمنىڭ ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى نوپۇزى ۋە خىتايدىكى داڭقى بىلەن تېز ئارىدا : « ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇقچى، دېموكراتىيىچى، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلماي، خىتاي بىلەن تىنچ، ئىتتىپاق، ئەركىن، تەڭ- باراۋەر ياشاپ كېتەلەيدىغان مىللەت » دېگەن سالاھىيىتىمىز دۇنياغا تونۇلۇپ كەتتى. 2007. يىلى ئىيۇل ئايلىرىدىن باشلاپلا خانىمنىڭ قۇرۇلتايغا لازىمى قالمىغان بولسىمۇ، بىزلەر ئۇنىڭ ئورنىنى قوغداپ، ماجىرالىشىپتۇق. ئۇلار خانىمنى پۈتۈنلەي سېسىتىپ چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن بىر تور بەت ئېچىپ، ئامېرىكىدىن ئالمۇتىغىچە، ئوسلودىن سېدنىيغىچە، بېجىدىن قەشقەرگىچە مەخسۇس خانىمنى تەنقىدلەيدىغان، خانىمنى تىللايدىغان، ھاقارەتلەيدىغان قەلەم كۈرىشى قوزغىسا، بىز ئىككى تور بەت ئېچىپ ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، خانىمنى قوغداپتۇق. بىچارە خانىم قۇرۇلتاي ئىچىدە 10 يىلدىن ئارتۇق ئاھانەت، ئازارغا قاپتۇ. ياشلار قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ چوڭايمىسى بولغان « د ئۇ ق » بازارغا سېلىپ، بەش تەڭگىگە يارىمىغان كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىنى خانىم بازارغا چىقىرىۋىدى، تۇغۇلما سودىگەر بولغاچقىمىكىن، « NED » شۇنچىلىك تېزلا خېرىدار بولۇپ سېتىۋالدى. خانىم بۇ تىجارەتتە مال ئىشلەپ چىقارغۇچىمۇ ئەمەس، مال ساتقۇچىمۇ ئەمەس، پەقەت ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدا بازارچىلىق رولىنى ئوينىدى. ساتقۇچىلار، ئالغۇچىلار بىلەن تىل تېپىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئارىدىكى خانىمنى ئىككى پۇتلاپ تىپىپ چىقىرىۋېتىشكە ئۇزۇن يىل كۈچىدى. خانىمنى پۈتۈن بىر مىللەت قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، ئون يىل چىدام كۆرسەتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ  ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بەزى سىرلىق مۇناسىۋەتلەر- ئېنىق ئېيتقاندا مىللەتنىڭ تەقدىرىگە چېتىشلىق ئەمما ئۇلار يەڭ ئىچىدە خىيانەت قىلغان ئىشلار يېپىق پېتىم قالدى.

ياشلار قۇرۇلتىيى : « مۇستەقىللىق دېمەيتۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى غەرب ئەللىرىگە، دۇنيا ئەھلىگە تونىتىۋېلىپ، ئاندىن  دەۋارىمىزنى قىلايلى» دېگەن تاكتىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ( 96 . يىللىرىدىكى) چاغدا، ۋەتىنىمىزدە خىتاي ئىجىرا قىلىۋاتقان تۈپ سىياسەت: مىللى بۆلگۈنچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش؛ چېگرا سىرتىدىكى مىللى بۆلگۈنچىلەرنى ئۆز ئىچىدىن تارمار قىلىش؛ تۇغۇت چەكلەش؛ يەر ئاستى بايلىقلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش؛ ئىچكىرىدىن ۋەتىنىمىزگە خىتاي يۆتكەش؛ ئاتوم- يادرو سىناق قىلىش… قاتارلىقلار ئىدى. مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىگە ئىگە «شەرقى تۈركىستان( ئۇيغۇرىستان) مىللى قۇرۇلتىيى» نى تارقىتىۋېتىپ، «چەتئەللىكنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن» كىشىلىك ھوقۇق، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى خىتاپنامىسىنى قىبلىنامە قىلىپ، « د ئۇ ق » قۇرۇلغاندا بولسا، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئىجىرا قىلىۋاتقان تۈپ سىياسىتى: ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش، يەرنى يۇقىرى مەھسۇلات ئالالايدىغان ئاگرا تېخنىك ئۆلچىمى بىلەن، سۈپەتلىك باشقۇرىدىغان خىتايلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، سېتىپ بېرىش؛ دۆلەتنىڭ يەرلىك سىياسىتىگە قارشى چىققان ۋە چەتئەلدىكى بۆلگۈنچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تۇپراق پۈتۈنلىكىگە قەست قىلغان تېررورىستلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، رادىكال دىنى ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىش قاتارلىق جازالار ئىدى. بىراق 96. يىلىدىن 2006 يىلىغىچە « دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئون يىل، مۇستەقىللىقنى تىلغا ئالمايتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىڭراشلىرىغا قۇلاق سالىدىغان كىشى چىقمىغان ئىدى. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، رابىيە خانىم ئىش بېشىغا چىقىپلا، ئىشىكلەرنى ئاچقان بولدى. بىراق ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىنى ئامېرىكىدا ئاقسارايغا، ياۋروپادا كۆك سارايغا ( ياۋروپا پارلامېنتىغا) ئېلىپ كىرگەن بولسىمۇ، « بىزنىڭ چوڭ تەلىپىمىز يوق، خەلقىمىزگە ئىنسانى ئەركىنلىك بەرسە، بىزنىمۇ خىتايلارغا ئوخشاش كۆرسە ئارتۇق دەۋارىمىز يوقتى. بىزگە مۇستەقىللىق ئەمەس، ئادەمچە ياشاش كېرەك بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى بەك بوزەك قىلىۋاتىدۇ. 56. يىلى ئۆزى بەرگەن ئاپتونومىيەنىمۇ ئىجىرا قىلمىدى» – دەپ، شۇنچىلىك تۆۋەنچىلىك بىلەن قاقشىغانسىرى، خىتاي قانداق جاۋاب بەردى؟ – خىتاي ئۆلكىسىگە قىزلارنى يۆتكىدى. خانىم ئۇنىڭ دەۋاسىنى قىلدى. خىتاي روزا تۇتۇشنى، تەراۋىھ ئوقۇشنى چەكلىدى. خانىم ئۇنىڭ دەۋاسى قىلدى. خىتاي ناماز ئوقۇشنى چەكلىدى. خانىم ئۇنىڭ دەۋاسىنى قىلدى. « مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايتۇرۇپ، غەربنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋېلىپ، ئاندىن كېيىن دەۋارىمىزنى قىلىمىز» – دەپ، مىللى ئىرادىدىن ۋاز كېچىپ تۇرۇپ قىلغان 22 يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىنىڭ نەتىجىسى، چەتئەلدە بىر قانچە نەپەر دەۋاگەرنىڭ ئايلىق مائاشىغا يارىغان بولسا، ۋەتەن ئىچىدە پۈتۈن بىر مىللەت يىغىۋېلىشقا سولانغان ھالغا كەلدى. خىتاي بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەۋاچىلىرىمىزنى ئارقىسىغا ئەگەشتۈرىۋالدى. ناماز، روزا، ساقال، رومال، مانا ئەمدىلىكتە يىغىۋېلىش لاگىرى. قايسى بىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلار؟ ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد دەۋا قىلىپ تۈگىتەلمىگۈدەك دەسمىنى خىتاي تەييارلاپ بېرىۋاتىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەر ئۆيگە بىر خىتاينى ئەكىرىپ قويۇپ مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ. 22 يىل قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى شۇ يەرگە كەلدىكى، بۈگۈن « ب د ت » يىغىن زالىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا، ياۋروپا پارلامېنتىدا ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسى مۇنبەرلىرىدە: « خىتاي ھۆكۈمىتى ئازسانلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئىتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ ئادەتلىرىنى چەكلىشىدىن، بىز بىئارام  بولىۋاتىمىز. خىتاينىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل سىياسەت، قوش ئۆلچەملىك قانۇن يولغا قويىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ھەممىدىن يامىنى : مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قايتا تەربىيەلەش لاگىرىغا يىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ نورمال پۇقرالار قاتارىدا كۈن كۆرىشىگە دەخلى- تەرۈز قىلىۋاتقىنىدۇر. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەربيەلەش لاگىرىنى تاقاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال ھايات كەچۈرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنى، بېجىن ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىمىز»-دېگەندىن ئىبارەت بولىۋاتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ 22 يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلغاننىڭ ئورنىدا، ئەسلىدىكى مۇستەقىللىق دەۋاسىدىن يانماي، مىللى ئىرادىدە مۇستەھكەم ماڭغان بولسا، ئەھۋال قانداق بولاتتى؟ – ۋەتەن ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى خالىغىنىنى قىلىشى مۇمكىن ئىدى.      مۇستەقىللىق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ دەۋا قىلغان تەقدىردە، يەنە شۇ زۇلۇمنى سالغان بولاتتى. ئەمما ۋەتەن سىرتىدىكى كۈرىشىمىزنىڭ سۈپىتى، تەسىرى، يۈز ئابرويى تامامەن باشقىچە سەۋىيىگە يەتكەن بولاتتى. ب د ت، ئاقساراي ۋە كۆك سارايلارنىڭ مۇنبەرلىرىدىكى سۆزلەرمۇ باشقىچە، سىياسى شەكىلدە بولىشى مۇمكىن ئىدى.

كىم دېدى سىلەرگە؟ : مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ دەۋاسىنى دۇنيا ئەھلى ئاڭلىمايدۇ- دەپ.

قىسقىسى، چەتئەلدىكى سىياسى كۈرەش ئېقىمىنى بىر گۇرۇپ كىشىلەر كونترول ئاستىدا تۇتۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نە مىللى ئىرادىگە ئۇيغۇن، نە ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلاتى ئىچىدىكى كۆپچىلىكنىڭ قارارىغا سادىق ئەمەس. ئۇلارغا قانچىلىك يېقىندىن قارىغانسېرى بىرخىل قاراڭغۇلۇق ئىچىگە چۆمۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىۋېلىش قىيىن ئەمەس.

يىغىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ چەتئەلدىكى ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىمىز- ئۇ « ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى» ئەمەسلىكىنى ھەتتا شۇ ئىشنىڭ بېشىدا چېپىپ يۈرگەن نۇرغۇن جاپاكەشلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان ۋەزىيەتتە. بىلىدىغانلىرى كۆپچىلىكتىن يوشۇرۇن سىر ساقلايدۇ. ئەسلىدە كۆپچىلىك بىلىپ كەتسىمۇ چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولۇپ كەتمەيدىغاندەك….. چۈنكى بۇ باپتا ئايرىم، ئايرىم توختالغاندەك، بىزدىكى يوقسۇللۇقلار قاتارىدا يەنە بىر مۇھىم يوقسۇللۇقىمىز بار- قىزىقىش يوقسۇللۇقى. كىشىلىرىمىز بىلىشكە قىزىقمايدۇ. بىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بىلىپ قالسىمۇ، بىلگىنىنىڭ لايىقىدا ئانچە بەك ئىرەن قىلىپ كەتمەيدۇ. بىلگەنلەر باشقىلارنىمۇ بىلىشكە ئۈندىسە: پىتنە- ئېغۋاچى- دەپ، قاتتىق تەستەكلەپ قويىدۇ. سەپنىڭ ئالدىدا پايپاسلاپ يۈرگەنلەرنىڭ تەرەتسىزلىكىدىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوق.

يۇقىرىدا « ئقتىسادىي يوقسۇللۇق، لىدىر يوقسۇللۇقى، ساپا يوقسۇللۇقى، تەشكىلى ئاڭ، تەجرىبە يوقسۇللۇقى، كەسپى خادىملار يوقسۇللۇقى ۋە مىللى ئىرادە يوقسۇللۇقى » قاتارلىق، قۇتۇلۇش ھەرىكىتىمىزدە كام بولسا بولمايدىغان ئەمما بىزدە تېپىلمايۋاتقان بىر قاتار مۇھىم ئېلمېنتلار ئۈستىدە توختالدىم ۋە مىسال، پاكىتلىرىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئىشىنىمەنكى، بۇ تېمىنى ئوقىغان نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا تاپا- تەنە قىلىدۇ. مەن بىلگەنلىرىمنىڭ ئاز بىر قىسمىنىلا ئوتتۇرىغا تاشلىدىم. كېيىنكى بابلاردا، ئاللاھ نېسىپ قىلسا كېيىنكى كىتابلاردا يەنە داۋاملىق ئايدىڭلىتىشقا تىرىشىمەن.

05.07.2018

ئابدۇرەھىمجان