ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتەمدۇ؟

PHOTO-2018-06-28-21-11-24

ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتەمدۇ؟

 

« ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان… سەندە مال يوق،

ئەمدى كەتسە جان كېتەر، ھالىڭ خەتەر..»

 

ئىنقىلاۋى شائىر، پىداكار زىيالىي ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينىۋاقىتتا ئۇيغۇر مىللىتىنى كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان شېئىرىدا، يۇقىرىقىدەك مىسرالارنى يازغان. ئۇ،  ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەرنى ئىشلەتكەن. ھەم : ئەي ئۇيغۇرلار، بۇ قېتىم يەنە غەپلەتتە قالساڭ، خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلمىساڭ، دۈشمىنىڭنىڭ بېشىنى كېسىپ، قېنىنى چېچىپ، ۋەتەننى ئازات قىلمىساڭ، سەن يوقىلىسەن! – دەپ، خەۋپلىك، قورقۇنچلۇق سىگنال بېرىش ئارقىلىق مىللەتنى ئازاتلىق ئۇرۇشىغا يېتەكلىگەن . بۇ ھەرگىزمۇ ئاخىرقى چاقىرىق، ئاخىرقى سىگنال ۋە ئاخىرقى ھۆكۈم ئەمەس ئىدى. بۇ پەقەت دۈشمەندىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، مىللەتنى كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلدۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان كۈرەش چاقىرىقى ئىدى. مۇشۇ چاقىرىقتىن كېيىن ئۇيغۇرلار خوتەندە، قەشقەردە ئايرىم، ئايرىم ئىككى مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇردى. بۇ چاقىرىقتىن ئون نەچچە يىل كېين يەنە بىر قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى قۇردى. بۇ چاقىرىقتىن كېيىن 86 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلار يوقالمىدى.

ئۇيغۇر مىللىتى نېمە ئۈچۈن  يوقىلىدۇ؟

 

مەلۇم بىر  مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مەۋجۇتلۇق جەريانى،  مىڭ يىللاپ مۇساپىنى ئارقىدا قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ، بەئەينى توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كارۋان قوشۇنىنى ئەسلىتىدۇ. كارۋاننىڭ  دەم ئالىدىغان  قونالغۇلىرى، يۈك- تاقلارنى  يەتكۈزىدىغان  نىشانى بولىدۇ. بىراق ئاخىرقى مەنزىلى بولمايدۇ. « كارۋاننىڭ ئاخىرقى مەنزىلى »- دېگەنلىك، ئەسلى مەنەسىدىن ئېيتقاندا –  بىر قېتىم يۈك تاشلايدىغان جايدىن ئىبارەت، نىسبىي مەنزىلدۇر. شۇڭا دېيىلىدۇكى: كارۋاننىڭ  يولى توختاۋسىزدۇر. كارۋانلارنىڭ سەپىرىدە ، يولدا خېيىم – خەتەرگە يولۇقۇش، ئاپەتكە ئۇچراش، ئۆلۈم- يېتىم   دېگەنلەر يۈز بېرىپ  تۇرىدۇ. بىخەستەلىك قىلغانلار تاغ يوللىرىدا ھاڭغا چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ. ئېتى ئۇرۇقلىرى يولدا چۈشۈپ قېلىپ، ئادىشىپ  يوقىلىدۇ.  لېكىن كارۋان يوقالمايدۇ.  بەلكى كارۋان قوشۇنى  يەنىلا سېپىنى تولۇقلاپ يۈرۈشنى داۋام ئەتتۈرىدۇ. مىللەتمۇ دەل  ئاشۇ كارۋاندەك  توختاۋسىز  ئىلگىرلەيدىغان بىر قوشۇندۇر. مىللەت تەركىبىدىمۇ ھاڭغا چۈشۈپ ھالاك بولىدىغان، يولدا ئادىشىپ ، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدىغان ئاھالىلەر  بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن – مىللەت يوقالغان بولمايدۇ. بۇ خىل ئوخشىتىش  ھەرگىزمۇ مىللەتتىن ئىبارەت ئابستراكت ئۇقۇمنى، كارۋاندىن ئىبارەت كونكرېتنى ئوبېيكتىپقا سېلىشتۇرما قىلىپ، بىمەنە گەپ ئويناتقانلىق ئەمەس. بەلكى بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقىنى دەل كارۋان قوشۇنىغا ئوخشاشلا ، مىللەت تەركىبىمۇ كونكرېت ئادەملەرنىڭ بىرىكمىسىدۇر.

 

« مىللەت يوقىلىدۇ! » -دېگەندىن ئىبارەت بۇ ۋەھىمىلىك مۇنازىرە  بىزدىلا ، ياكى بىزدەك  « زوۋۇلىسى كىچىك ئۈزۈلگەن » مىللەتلەردىلا كۆرۈلۈپ  تۇرىدىغان  چۈشكۈنلۈك ئەمەس. بەلكى دۇنيادىكى خېلە كۈچلۈك مىللەتلەردىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلىپ تۇرىدىغان يوشۇرۇن بىر  قورقۇنچتۇر. مۇشۇ يەردە  كىچىك بىر مىسال  كەلتۈرمەكچىمەن : ياپونىيىدە  يېزىلىپ، چوڭ مىللەتلەر ئارىسىدا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغان ، 1985 – يىلى  ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان « يېڭى پەن تېخنىكا ئىنقىلابىنى كۈتۈۋالايلى! » ماۋزۇلۇق كىتاب ، ۋەتىنىمىزدە   ھېچقانداق غۇل- غۇلا قوزغىمىغان ئىدى . كىتابتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، غەربىي گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى سېلىشتۇرما قىلىنغان نۇرغۇن  يېڭىلىقلار بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە ، ئالاھىدە تەكىتلىنىپ : «  كۈنىمىزدىكى تەرەققىيات – ئېنېرگىيە، ئېلېكتېر، يۇمشاق دېتال قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە بولۇش ۋە كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىش تۈرلىرى  بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇچۇر دۇنياسىغا ماسلىشىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن بولىدۇ. بۇ بىزنى كۈتۈۋاتقان يېڭى بىر ئىنقىلابتۇر. بۇ ئىنقىلابقا ماسلىشالمىغان ھەر قانداق مىللەت يەر شارىدىن ئەخلەتتەك سۈپۈرۈلۈپ كېتىدۇ! » -دېيىلگەن  ھۆكۈملەر، ئۆزىچە  دەھشەت بىر قورقۇنچ بولسىمۇ، لېكىن  ئۇيغۇرلار ئۇ چاغلاردا « پالانچى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىسىدىن رەڭلىك تېلېۋىزور ئەكەلتۈرۈپتۇ »- دەپ، تېلېۋىزورنى رەڭلىك، رەڭسىزدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىشنى ئاران بىلىۋاتقان بولغاچقا، ئېنېرگىيە -دېسە، بېنزىن، سەنەركە- دەپ، بىلەتتۇق. ئېلېكتېر- دېسە، ئاخشاملىرى گۈگۈم چۈشكەندە يېنىپ، قاراڭغۇ چۈشكىچە ئۆچۈپ قالىدىغان  لامپۇچكىنىڭ ئىچىدىكى توك ئېقىمى- دەپ، بىلەتتۇق. ( بۇمۇ شەھەرلەردىكى گەپ) يۇمشاق دېتال- دېسە، شەكسىزكى ئاليومىن، قوغۇشۇن – دەيتتۇق. ئەمما « ئۇچۇر » نىڭ « تېلېگرام ئارقىلىق يوللىنىدىغان جىددى پوچتا ئالاقىسى » ئىكەنلىكىدە گۇمانىمىز يوق ئىدى . يەنى ئۇچۇر- دېگەن گەپنى ئاڭلىغان  ھامان، چۈشىنىدىغىنىمىز جىددى يوللىنىدىغان ئالاقىنىڭ نامى ئىدى. شۇڭا بىز « ئەخلەتتەك سۈپۈرۈلۈپ كېتىش » تىن قورقمىغان. شۇ كىتابتىكى ھۆكۈمنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگىنىگىمۇ 30 يىلدىن ئاشتى. ئۇ كىتابتا بايان قىلىنغان « يېڭى پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى » نىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ يېقىنلاردىن بىلىشكە باشلاۋاتىمىز. لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، دۇنيادا  بېنزىن، سەنەركە، ئاليومىن، لامپۇچكا- دېگەندەك نەرسىلەردىن  ھازىرمۇ خەۋىرى يوق ئەمما يەر شارىدىن ئەخلەتتەك سۈپۈرۈلۈپ كەتمەي، ياشاۋاتقان نۇرغۇن مىللەتلەر بار.

 

رېئالىستىك  تارىخ قارىشى، رېئالىستىك  مىللەت قارىشى بىلەن نەزەر سالغىنىمىزدا، يوقاپ كېتىدىغان نەرسە مىللەت بولماستىن، بەلكى دۆلەتتۇر. كېيىنكى 25  يىل مابەينىدە سوۋېت ئىتتىپاقى، يوگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقى قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر يوقالدى. ۋارشاۋا ئىتتىپاقى يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى دەسسەۋاتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يوگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر، خۇددى كونا تاغارنىڭ يىرتىقىدىن زەدەك تۆكۈلگەندەك تۆكۈلۈپ چۈشتى .

 

بىز ئۇيغۇرلار  شائىرچە ھېسسىياتقا بەكراق كۆڭۈل بېرىمىز. بىر داڭلىق كىشىمىزنى ماختىماقچى بولغىنىمىزدا، ئۇنىڭ نۇرغۇن خسلەتلىرىنىڭ ئەڭ بېشىدا « ئوت يۈرەك شائىر » دېگەن سۈپەتنى تىلغا ئالمىساق، بەلكى شۇ مەشھۇر جاناب خاپا بولۇپ قېلىشى تۇرغان گەپ. مىللەت يوقىلىدۇ- دېگەن ، بۇ ۋەھىمىنى كۈنىمىزدىكىلەرلا ئەمەس، بەلكى ئىنقىلابى شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ  ئېيتقانغۇ: سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر!- دەپ. بۇ، خەلقنى زۇلۇمغا قارشى جەڭگە چاقىرىش ئۈچۈن ئېيتىلغان شائىرانە چاقىرىق. بۇ ئەقلىي ھۆكۈم ئەمەس. چۈنكى ياپونىيىلىكلەر « يېڭى پەن- تېخنىكا ئىنقىلابىدىن ئىبارەت  ئۇچۇرغا ماسلىشالمىغان مىللەت، يەر شارىدىن ئەخلەتتەك سۈپۈرۈلۈپ كېتىدۇ!»- دەپ، قورقۇتسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇچۇرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى يوق نۇرغۇن مىللەتلەر سۈپۈرۈلۈپ كەتمەي ياشاۋاتقىنىدەك، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر : مال- مۈلكۈڭ يوق، ئەمدى كەمبەغەللىكتە  يوقىلىسەن !- دەپ، 86  يىلدىن كېيىنمۇ، بىز شۇنداق نامرات تۇرۇقلۇق يەنە ياشاۋاتىمىز، يوقالمىدۇق.

 

پالانى مىللەت مۇنداق قىلمىسا يوقىلىدۇ! ياكى پالانى مىللەت مۇنداق قىلسا يوقىلىدۇ!- دېگەن گەپلەر ، بىر بولسا  تەخمىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەرەز . يا بولمىسا شائىرانە ھېسسىياتقا ماسلاشقان ھېسسىي خۇلاسەدۇر. شۇنىڭدەك يوقالماسلىق ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش، ( مەسىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ چاقىرىقىدەك) ياكى رەقىبىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ۋەھىمە پەيدا قىلىش، ( مەسىلەن ياپونلۇقلارنىڭ ھېلىقى كىتابىدا بايان قىلىنغىنىدەك) قاتارلىق  تاكتېكىلاردىمۇ  « يوقىلىدۇ، يوقالمايدۇ» -دېگەن شۇئارلار ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن.

 

كۈنىمىزدە قايسى زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن: « ئۇيغۇر مىللىتى يوقىلىپ كېتىدۇ! » دەپ، مىللەتنىڭ پىشانىسىگە ئۆلۈم خېتىنى چاپلايدىغان بولۇپ  قالدۇق؟ ئۇيغۇر مىللىتى قاچان، قانداق شەكىلدە يوقىلىدۇ؟ ئۇيغۇر مىللىتى كىملەر تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ؟ ناخشا ئۇسسۇلچىلار يوقىتامدۇ؟  رادىكال دىنچىلار يوقىتامدۇ؟ قارا پۈركەنچۈكلۈك رادىكال ئاياللار يوقىتامدۇ؟ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ھۇرۇن موللىلار يوقىتامدۇ؟ مۇناپىقلار سېتىپ يوقىتامدۇ؟ خىتايغا قارشى ئازاتلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، دەرھال مۇستەقىل دۆلەت قۇرىۋالمىسا يوقىلامدۇ؟ خىتاي چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمنى ئىجرا قىلىپ يوقىتامدۇ؟  ئۇيغۇر مىللىتى زادى نېمىشقا يوقىلىدۇ؟

 

مىللەتنىڭ يوقىلىشىنى ئالغا سۈرىدىغان ئامىل  تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلۈك مەنىۋى، ماددى ھادىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن :

 

1    . ئۆز ۋەتىنىدىكى تۈرلۈك  قېيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بىر  مىللەت كىشىلىرىنىڭ يات ئەللەرگە تۈركۈملەپ تارقىلىپ كېتىشى،  شۇ مىللەتنىڭ بۆلۈم، بۆلۈم بويىچە يوقىلىشىنى ئالغا سۈرۈشى مۇمكىن . مەسىلەن ياۋروپا ھۇنلىرىغا ئوخشاش.  ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرى ھازىرقى ھۇنگىرىيەدە  پۈتۈنلەي يوقىلىش گىرداۋىدا ئىڭراۋاتىدۇ.

 

2      .يات مىللەت ئاھالىسى بىلەن ئىچ قۇيۇن، تاش قۇيۇن بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن، دىنى ئەقىدىلىرىدىن، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىدىن چېكىنىپ، يات مىللەت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە، مەدەنىيەتلىرىگە، دىنىغا كىرىپ كېتىش قاتارلىق مەنىۋى، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرمۇ، شۇ مىللەتنىڭ يوقىلىشىنى تېزلىتىشى مۇمكىن . مەسىلەن: ۋەتىنىمىزگە، شۇ جۈملىدىن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىرگەن چىڭگىزخان قالماقلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئوتتۇر ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ ئېرىتمىسىگە تاقابىل تۇرالماي، دەسلىۋىدە مۇسۇلمانلىشىپ، كېيىنچە پۈتۈنلەي سىڭىپ يوقىلىشى، شۇنىڭدەك ئەڭ ئاخىرقى جۇڭغار قالماقلىرىنىڭمۇ سىڭىپ كېتىشلىرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

 

3   . مەلۇم بىر دۈشمەننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يەنە بىر كۈچلۈك ئىتتىپاقداش مىللەتنىڭ پاناھلىقىغا كىرىشمۇ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سېتراتېگىيىگە دۇچ كەلسە، مىللەتنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن . مەسىلەن : مىسىر قىبتىلىرىنىڭ، تۇنىس، ئالجىرىيە، لىۋىيە بەربەرلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاش.  مىسىردىكى قىبتىلار رۇملۇقلارنىڭ زۇلمىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەرەپلەرنىڭ  تولۇق پاناھلىقىغا ئۆتتى  ۋە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ئۆزلىرىمۇ ئەرەبلىشىپ كەتتى. شۇنىڭدەك، تۇنىس، ئالجىرىيە، لىۋىيە قاتارلىق ئەللەردىكى بەربەرلەر ئىتالىيانلاردىن، فرانسۇزلاردىن، گېرمانلاردىن  مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، ئەرەپلەرنىڭ پاناھلىقىغا كىردى ۋە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە تولۇق ئەرەبلىشىپ كەتتى. بۇ ئەللەرگە كەلگەن ئەرەبلەر  پەقەت مەمۇرى ئەمەلدارلار ۋە دىن تەلىم بەرگۈچى ئۆلىمالار، ئاز ساندىكى مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر ئىدى.

 

4  . زور كۆلەمدە دۈشمەن قوشۇنلىرى باستۇرۇپ كېلىپ، پۇقرالارنى ئاممىۋى قىرغىن قىلىپ، دىنىدىن، مىللىي مەدەنىيەتلىرىدىن، ئۆرپ- ئادەتلىرىدىن، ئانا تىلىدىن مەجبۇرى چېكىندۈرۈشمۇ، ئەسىر ۋە جازاغا مەھكۇم بولغان مىللەتنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن …

 

يۇقىرىقىدەك  ھادىسىلەرگە دۇچ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ  مەۋجۇتلۇقى ھەقىقەتەن خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ. لېكىن شۇنىمۇ ئەستىن چىقىرىۋەتمەسلىك لازىمكى، مەلۇم بىر مىللەتنىڭ يوقىلىشى- دېگەنلىك، شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان ئادەملەرنىڭ يوقىلىشى دېگەنلىك بولمايدۇ. بەلكى مىللەتنى ئىسپاتلايدىغان كىملىك، بەلگە، خاسلىق يوقىلىدۇ- دېگەن گەپ . بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدا، نوپۇسنىڭ ئاز كۆپلۈكى بىرىنچى، ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس. بەلكى نوپۇسىنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئۆزلىرنىڭ خاسلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغان  ئىچكى يېقىلغۇ ( ئىچكى يادرو، ئېنېرگىيە)  ھەل قىلغۇچ ئامىلدۇر. مىللەتنىڭ ئىچكى يېقىلغۇسى شۇ مىللەت تولۇق شەكىللىنىپ، تولىمۇ ئۇزۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ، سان – ساناقسىز مۈشكۈلاتلارنىڭ  سىنىقىدىن ئۆتكەندىن  كېيىن ھاسىل بولىدىغان جەۋھەردۇر.  مەسىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنى مىسالغا ئالساق، ھازىرقى ئىسلامى مەۋجۇتلۇقىمىز ئىلگىر- ئاخىر بولۇپ مىڭ يىلدىن ئاشقان بىر تارىخنى ئارقىدا قالدۇرغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتىمىز. يەنى « مۇسۇلمانلىق، ئۆزىمىزگە خاس مەدەنىيەت، ئايرىم مۇكەممەل تىل- يېزىق، خاس ئۆرپ-ئادەت، خاس جۇغراپىيىلىك ئورۇن » ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن قۇرۇلمىدۇر. بۇ قۇرۇلمىغا قاتنىشىۋاتقان بۆلەكلەرنىڭ ھېچ بىرى ئايرىم ھالدا مىللىتىمىزنىڭ ئىچكى يېقىلغۇسى بولالمايدۇ. چۈنكى مىللەت شۇ بۆلەكلەرنىڭ بىرىكمىسىدىن خاسلىققا ئىگە بولغان. ھەم شۇ خاسلىق بىلەن مىللەت بولۇپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەمدى بۇ ئىچكى يېقىلغۇنى بەزىدە مىللى ئىرادە، بەزىدە مىللى روھ، بەزىدە مىللى غۇرۇر- دەپ، بايان قىلىپ كېلىۋاتىمىز. شۇنداق بولىشىمۇ مۇمكىن. مېنىڭچە ئۇ يېقىلغۇ، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشتىن  ئىبارەت ئاقسۆڭەكلىك ئېڭىدۇر. بۇ ئاڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئاكتىپلىشىپ، باشقىلارنى، يەنى ياتلارنى ئېرىتىپ، ئۆز قوينىغا ئالىدۇ. بەزىدە- زۆرۈر تېپىلغاندا پاسسىپلىشىپ، باشقىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مانا بۇ : « بىز ئاقسۆڭەك  » دېمەكتۇر.

 

« مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ» – دېگەن سۆز، كىم تەرىپىدىن، قايسى مىللەتتىن ئېيتىلغانلىقى ئېنىقسىز. ئەمما ئېنىق بولغىنى شۇكى، بۇ سۆزنى ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىرەر خەلقنىڭ رەھبىرى، كۈرەش يولباشچىسى ئېيتقان. ئەگەر مۇشۇ سۆز تارىخى رېئاللىققا ئۇيغۇن بولسا، ئەقلى تەپەككۇرغا، مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولسا، شۇنىڭدەك سىياسى تەپەككۇرغا ئۇيغۇن بولسا، ئۇنداقتا ئۇيغۇر مىللىتى نېمىشقا يوقىلىدۇ؟ ئۇيغۇرلار قاچان سۈكۈت قىلغان؟

 

سۈكۈت نېمە دېمەك؟ سۈكۈت – بىر ئىشقا ئوچۇق ئىپادىسىنى بىلدۈرمەي، ئاۋاز چىقارماي جىم تۇرۇش- دېگەن بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بولسا ھەق- ناھەقنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىپادە بىلدۈرۈشتىن باش تارتىپ، بىر تەرەپ تۇرۇش – دېگەن بولىدۇ. سىياسى، تەشكىلى مەسىلىلەردە پوزىتسىيە بىلدۈرمەي بىر چەتتە تۇرۇش دېگەن بولىدۇ. ئىنقىلاب مەزگىلىدە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتىن باش تارتىپ، ئۆز ئىشىنى قىلىش دېگەن بولىدۇ. ئەمما ۋەتىنى ئىشغال قىلىنغان، مىللىتى ئەسىر ئېلىنغان خەلققە نىسبەتەن سۈكۈتنىڭ مەناسى – دۈشمەنگە ئەقلى ۋە ھېسسىياتى بىلەن تەسلىم بولۇش. ماددى، جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن بىر پۈتۈن قۇل بولۇپ كېتىش-دېگەن بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تولۇق ئەسىرلىككە چۈشكەن 70 يىلدىن بېرى، كۆرمىگەن كۈنى قالمىدى. خىتاينىڭ تۇراقسىز دۆلەت سىياسىتىدە ھەر قېتىم بىرەر ئۆزگۈرۈش يۈز بەرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا تۈگىمەس بالا- قازا يېغىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان نۆۋەتتىكى زۇلۇم، 70 يىلدىن بېرى تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ بىر تۈرى. ئۇيغۇرلار تولۇق تەسلىم بولۇپ سۈكۈت قىلغان بولسا ئىدى، بەلكى بۈگۈنكىدەك ئازاپقا قالمىغان، بۈگۈنكىدەك جازاغا مەھكۇم بولماس ئىدى. خىتاينىڭ ھازىرغىچە ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرنى باش ئەگدۈرۈش، ئەقلى، ھېسسى ۋە روھى جەھەتتىن تولۇق سۈكۈت قىلدۇرش بولۇپ، لېكىن ئۇيغۇرلار ھەر قانداق جازانى تارتىشقا تەيياركى، باش ئېگىشنى رەت قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن بۇرۇن باش ئېگىپ، تەسلىم بولۇپ، سۈكۈتكە كۆنگەن بولسا، بۇ كەمگىچە خىتايلىشىپ بولاتتى. ئۇيغۇرنى زۇلۇم بىلەن، جازالاش بىلەن، ئۆز مەيلىچە خىتاي بولۇشنى قوبۇل قىلدۇرالمىغان خىتاي دۆلىتى، بۈگۈنكىدەك ئاخىرقى جازانى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى. ئەگەر تارىخنىڭ بىزگە چىقارغان ھۆكۈمى، ئۈستىمىزدىن ئېلان قىلغان جازانامىسى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر  مىللىتى بۇ تۇپراقتا ياشىمايدۇ- دېگەندىن ئىبارەت بولسا، دەرۋەقە ئۇ تۇپراق ئۇيغۇرسىز قېلىشى مۇمكىن. ئەمما يەنىلا ئۇيغۇرلار يوقالمايدۇ…. چۈنكى ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى. ئاللاھ ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلغان، ئەجدادلىرىمىز ئات چاپتۇرغان تۇپراقلار بىپايان يېيىلىپ يېتىپتۇ….

 

ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتىدۇ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ھالى بەك خەتەرلىك؛ پات يېقىندا ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتىدۇ- دېگەندەك ، ۋەھىمىلىك سۆز- ئىبارىلەرنى تۇنجا بولۇپ چەتئەلدە، ئەركىن دۇنيادا ئاڭلىغان بولدۇم. بولۇپمۇ 70 يىللىق مىللى ئاسسىمىلاتسىيە يۈرگۈزگەن سوۋېت ئىتتىپاقى رايونىدىكى، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ماقالىلىرىدا كۆرگەن ئىدىم. بىراق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يوقىتىش سىياسىتىگە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل نىشان قىلىنغان ئۇيغۇرلار بىلەن چېچەنلەر يوقىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئۇيغۇرچە سۆلەپ، ئۇيغۇرچە يېزىپ تۇرۇپ: يەنە ئۇيغۇرلار پات يېقىندا يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ- دېگەن ئىبارىلەردىن ۋاز كەچمىگەن ئىكەن.

تۇغۇلۇپ شۇ كۈنلەرگىچە ۋەتەندە ھېچكىمدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇ يات ئىبارە بىلەن تۇنجا قېتىم ئۇچراشقىنىمدا، شۇنچىلىك شۈركەنگەن ئىدىم. بۇ گەپنى مىللەتنىڭ كونكرېت ئاھالىسىگە قارىتا يەككىلەشتۈرۈپ ئېيتقاندا: ھەي توختاخۇن سېنىڭ قۇيرۇقۇڭنى قۇم بېسىپ، ئىزىڭ ئۆچىدۇ؛ كۈلۈڭ كۆككە سورۇلۇپ، جەددى جەمەتىڭ يەر يۈزىدىن يوقىلىدۇ! – دېگەن بولاتتى. مەن شۇنداق ماقالىلارنى ۋەتەن- مىللەت توغرىسىدا ھېچقانداق نەزەرىيىۋى چۈشەنچىسى بولمىغان تەقدىرداشلىرىمنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدىم. بىرلىرى: خۇدا بىلىدۇ- ئۇيغۇرنىڭ يوقىلىش- يوقالماسلىقىنى- دەپ، توڭلۇق قىلىپ، بۇ ھۆكۈمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قۇتۇلدى. بەزىلىرى بولسا، ئېغىر ئۆكۈنۈش ئىچىدە ۋەھىمىلەندى. ئاشۇنىڭدەك مەزمۇنغا ئىگە ماقالا ۋە تۈرلۈك يازمىلار ئۈستىدە ئۇزۇن يىللاپ سىناق قىلىپ كۆردۈم. « ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتىدۇ» دېگەن بۇ ھۆكۈمنامە پەقەت ئالدىن  قىلىنغان پەرەزگە ئائىت پىكىرلەر بولۇپ، نە  مىللەتشۇناسلىق، نە  ئىنسانشۇناسلىق، نە جۇغرا – سىياسى شۇناسلىق كەسپىگە ئائىت ئىلمى تەھلىل، ئىلمى كۆز- قاراش ئەمەس. ھەم تولۇق سىناقتىن ئۆتكەن نەزەرىيى ئاساسىغا ئىگە  ئۇقۇم ئەمەس. بەلكى ھېسسىياتقا بېرىلىپ كەتكەن، ئادەتتىكى، كۈندىلىك سىياسى پىكىر بولغاچقا، ئاۋام پۇقرالارغا نىسبەتەن پايدىلىنىش قىممىتى زادىلا يوق نەرسە ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ روھىنى سۇندۇرىدىغان، زېھنىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، ناچار كەيپىيات شەكىللەندۈرىدىغان رولغا ئىگە، ئەپسۇندىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن.

 

بىز ئالدى بىلەن مۇشۇ « ئۇيغۇرلار پات يېقىندا يەر يۈزىدىن يوقىلىدۇ! » – دېگەن ھۆكۈمنى فورمۇلا شەكلىگە كىرگۈزەيلى. ئاندىن مىللەت ئاھالىسىنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلۈك گۇرۇپپىغا يىغىنچاقلاپ، شۇ گۇرۇپپىدا سىناق قىلىپ، قانداق تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرەيلى.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى- دەپ  پەرەز قىلساق،  ئوقۇتقۇچى: ساۋاقداشلار، سىلەر ياخشى ئوقۇپ نەتىجە ياراتمىساڭلار، ھەممەڭلار يوقىلىسىلەر! ئۆزەڭلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقىرى نومۇر بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتمىسەڭلار، سىلەر جەزمەن يوقىلىشقا مەھكۇم! بىلدىڭلارمۇ؟ – ئوقۇتقۇچىدىن، ئۆزلىرىنىڭ ھايات- ماماتلىقى توغرىسىدا بۇنداق ۋەھىمىلىك ئۇچۇرنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلاردا قايسى خىلدىكى روھى كەيپىيات شەكىللىنىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشى ياخشى ئوقۇشىغا باغلىق بولۇپ قالغاندا، جەزمەنكى ئۈچ تۈرلۈك چوڭ بېسىمنىڭ ئاستىدا قالىدۇ. بىرىنچىسى يوقۇلۇش خەۋپى، ئىككىنچىسى ياخشى ئوقۇش بېسىمى، ئۈچىنچىسى ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش بېسىمى.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشى، ناچار بولىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان نەرسە مۇھىتتۇر. ئوقۇغۇچىلارغا قارشى پەقەت ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت بىرلا بېسىم بولىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن ئارتۇق بېسىمنى ئوقۇغۇچىلار كۆتۈرەلمەيدۇ. نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىلەن نەتىجىسى ناچار ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدىكى بارلىق تەتقىقات ۋە سىناقلار شۇنى ئىسپاتلىغانكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن باشقا ھېچقانداق دەردى بولماسلىقى كېرەك. مەكتەپتە مۇئەللىمدىن تارتىپ ساۋاقداشلارغىچە ھېچكىم دەخلى- تەرۈز قىلماسلىقى، ئائىلىدە ئاتا- ئانىسى، قېرىنداشلىرى بوزەك قىلماسلىقى، ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچنەرسىدىن تەڭلىك تارتماسلىقى، لازىملىق خىراجەتتىن قىسىلماسلىقى، ئىشقىلىپ ئوقۇغۇچى ئۆز كۆڭلىدە قولىنى نەگە ئۇزارتسا شۇ يەرگە يەتكەن بولىشى لازىم. ئەكسىچە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ، غۇرۇرى زېدىلەنسە، ئائىلىدە ئاتا- ئانىسى، قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ئىززىتى يەرگە ئۇرۇلسا، شۇنىڭدەك ئاتا- ئانا ماجىراسى، ئوقۇش ماتېرىيالىنىڭ غېمى، خەجلىك قىيىنچىلىقى قاتارلىق ناچار مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، ئۇنداق ئوقۇغۇچى ياخشى ئوقۇش نەتىجىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ناۋادا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇشتا نەتىجىلىك بولۇپ قالغاندىمۇ، ئادىمىيلىكى كەمتۈك بولۇپ چىقىدۇ. كېيىن ئۇ كادىر بولۇپ قالسا، پارىخور، بانكىچى بولۇپ قالسا خىيانەتچى، سودىگەر بولسا ئالدامچى بولۇپ، قىسقىسى بەدبەختنىڭ ئۆزى بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك، ئوقۇغۇچىغا ئوقۇشتىن باشقا بېسىمنى يۈكلەش نەتىجىسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبنىڭ بىرىدۇر. يەنى يوقىلىشقا مەھكۈم قىلىنغان ۋە ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش بولسا، ياخشى ئوقۇشىغا باغلىق بولۇپ قالغان بۇ ئوقۇغۇچى گۇرۇپپىدىكى ئۇيغۇرلار نەتىجە قازىنالمايدۇ.

 

يوقىلىشقا مەھكۇم بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنى، بىر گۇرۇپ ئەسكەر- دەپ، پەرەز قىلايلى. ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق چۈشتى. بۇيرۇقنىڭ مەزمۇنى:  دۈشمەن قوشۇنى بەك كۈچلۈك، ۋەھشى، سانى بەك كۆپ. ئەسكەرلەر ئۆزىدىن چەكسىز ئارتۇق كۈچكە ئىگە دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۆز ھاياتلىرىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. جەڭدە يېڭىلىپ قالسا، ھايات قالمايدۇ. جەڭگە قاتناشماي گازارمىدا ياتسىمۇ ھايات قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشى جەڭدە غەلىبە قىلىشقا باغلىق. ئەسكەرلەرگە چۈشكەن مەزكۇر بۇيرۇق ھەربى قائىدىسىگە تامامەن خىلاپ بولغان بۇيرۇقتۇر. چۈنكى ئەسكەرلەرگە ھېچقاچان،  ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جەڭ قىلىش بۇيرۇقى چۈشمەيدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى دۈشمەن قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن بۇيرۇقنى ئادا قىلىشتۇر. ئالدىنقى سەپتە جەڭگە قاتنىشىدىغان ئەسكەرلەر قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدۇ. قوماندان: ئالغا- دەپ بۇيرۇق چۈشۈرسە، ئالغا باسىدۇ. چېكىنىشكە بۇيرۇق بەرسە چېكىنىدۇ. ئات- دېسە، ئاتىدۇ. يات- دېسە ياتىدۇ. قارشى تەرەپتىكى گازارمىدا خىل قوراللانغان مىڭ كىشىلىك دۈشمەن قوشۇنى بار. بۇ گازارمىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ، ئون كىشىلىك ئەسكەرگە ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. ھەر بىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتى بار. ئون كىشىلىك ئەسكەر قوشۇنى ئۆزىدىن يۈز ھەسسە كۆپ ھەم كۈچلۈك دۈشمەن قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلماقچى. بۇ يەردە ئەسكەرنىڭ بىرلا ۋەزىپىسى بار. ئۇ بولسىمۇ پىلان بويىچە دۈشمەننىڭ گازارمىسىغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت. ئەمما بۇ ئەسكەرلەرگە: ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنى يوقىتىش بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ ھايات قالىدىغانلىق ۋەزىپىسى يۈكلەنسە، دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلمايتۇرۇپ ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئۆلۈپ بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق بىر گازارمىغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى چۈشكەن ئەسكەرلەر ئۆلۈم كوماندىسى-  دەپ، ئاتىلىدۇ. ئۇلار ھەربى بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىپ،  ئۆلۈمگە تەييارلىنىپ بولغان ۋەزىيەتتە. لېكىن دۈشمەننى يوقۇتۇش بەدىلىگە ھايات قېلىشتىن ئىبارەت غەيرى ھەربى بۇيرۇقى ئۇلارنى روھى جەھەتتىن سۇندۇرغان بولىدۇ. روھى ئۆلگەن بۇ ئۆلۈم كوماندىلىرى ياكى دۈشمەننىڭ گازارمىسىغا ھۇجۇم قىلىشتىن باش تارتىدۇ، ياكى بولمىسا گازارمىغا ئەجەللىك ھۇجۇم قىلماي، تەسلىم بولىدۇ. دېمەك، ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆزلىرىنى يوقىلىشتىن قۇتقۇزالمىدى.

 

شۇنىڭدەك يوقىلىشقا مەھكۇم بولغان ئۇيغۇرلارنى بىر گۇرۇپ دىپلوماتىك خادىم- شەكلىدە پەرەز قىلىپ باقايلى. دىپلوماتىك خادىملار دوست- دۈشمەن ۋەزىيەتتىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ۋەزىپىلىرى ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشتۇر. ناۋادا خاتالىق سادىر قىلمىغان ھالەتتە دىپلوماتىيىدە يېڭىلىپ قالسا، تامامەن نورمال ئەھۋال. لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر دىپلوماتلارنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن قارشى تەرەپنى يېڭىشى لازىم. بىراق قارشى تەرەپتىكى دىپلوماتىك خادىملار كۈچلۈك ھەم مۇتىھەم بولغاچقا، ئۇلارنى يېڭىش ئېھتىماللىقى يوق. ئۇيغۇر دىپلوماتىك خادىملىرى ھەم ۋەزىپە ئۆتەش، ھەم ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشلىرى ئۈچۈن،  ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك دىپلوماتلارنى يېڭىشلىرى شەرت. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا جەزمەنكى ئۇلار ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلمايتۇرۇپ تارقىلىپ، قېچىپ كېتىشلىرى كېرەك. دېمەك، ئۇلار ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ يوقىلىشقا مەھكۇم. تارقىلىپ كەتسىمۇ يوقىلىشقا مەھكۇم.

 

ئۇيغۇرلارغا قارىتا يوقىلىدۇ- دەپ، ھۆكۈم قىلىنغانىكەن، ئۇنىڭ يوقالماسلىققا ئامالى ھەم يوق. ئۇيغۇرلار كېيىنكى 30 يىلدا يوقىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھالى بەك خەتەر. كېيىنكى 50 يىلدا يوقىلىپ كېتىدۇ- دەپ، ھۆكۈم قىلىنغانىكەن، ئۇنداقتا يوقالماسلىق ئۈچۈن، كۈرەش قىلىشقا چاقىرىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ياكى يېتىپ ئۆلگىچە ئېتىپ ئۆلسۇن- دەپ، قوزغاپ چىقىپ، يوقىلىشىنى تېزلىتىش مەقسەت قىلىنامدۇ؟

پۈتۈن بەدەن ھۈجەيرىلىرىنى راك كېسىلى قاپلاپ كەتكەن،  بىر بىمارغا قارىتا دوختۇر: بۇ ئادەمنىڭ ئالتە ئايلىق ئۆمرى قاپتۇ- دەپ، دېئاگنوز قويسا، يەنە ئۇنىڭغا قىممەت باھالىق دورىلارنى يېزىپ بەرسە، بۇ يەردە چوقۇم بىر ئۇقۇشماسلىق، ياكى ئالدامچىلىقنىڭ شەپىسى بولىدۇ. ياكى دېئاگنوز يالغان، ياكى ئۆلىدىغان كېسەلنى ئالداپ دورا ساتماقچى.

 

ئۇيغۇرلار پات يېقىندا يوقىلىدۇ- دېگەن ھۆكۈم ئاساسەن ۋەتەن سىرتىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە ھەم كۆپ تەكىتلىنىدۇ. دەرۋەقە تۈرلۈك سەۋەب بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ، ئاتام كۆرمىگەن، ئانام كۆرمىگەن يات تۇپراقلاردا، يەردە يىلتىزى، ئاسماندا يۇلتۇزى يوق، چۆللۈكتە ئۇچۇپ يۈرگەن قامقاقتەك، غېرىب بىر ھالەتكە كىرىپ قالغان مۇھاجىرلارنىڭ، تەپەككۇر چۈشكۈنلۈكىگە ئۇچرىشى تەبى ئەھۋال. شۇنىڭدەك بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇرلارنىمۇ يوقۇلۇش خەۋپىدە قالغان مىللەتلەرنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۋالغانلىقى ھەم، پات يېقىندا ئۇيغۇرلار يوقۇلۇپ كېتىدۇ! دەپ، قايغۇرىدىغان، ۋەھىمە يەيدىغان، تېخىمۇ ئېغىر پاراكەندە بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان بولىشى مۇمكىن.

 

تارىخ پەنلىرى دوكتورى پروفېسسور قاخار بارات ئەپەندى، 2006. يىللىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى 50 يىل پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟ دېگەن تېمىدا ئىلمى، نەزەرىيە ئاساسقا ئىگە بىر ماقالا ئېلان قىلغان ئىدى. دوكتور قاخار بارات ئەپەندى ئۇ ماقالىسىدا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەب، نەتىجىلىك تەسەۋۇرىنى بايان قىلغان. ھەتتا نېمە ئۈچۈن يوقىلىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوبرازلىق مىسالنىمۇ كەلتۈرۈپ ئۆتكەن ئىدى. ئەمما ماكان ۋە شارائىت جەھەتتە پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان چەتئەلدىكى تارقاق، مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەرەزنى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەتلەر قاينىمىدا چۆكۈپ، يوقۇلۇپ كېتىش خەۋپىدە قالغان ۋە ئېرىپ كېتىۋاتقان باشقا كۆچمەن، تارقاق مىللەتلەرنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىدىن قىلچە ئىلمى ئاساسقا ئىگە بولمىغان ھالدىكى، ئەجنەبىيلەرنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئاساسلىنىپ: ھە، مانا ئۇيغۇرلار 50 يىلغا قالماي يوقىلىپ كېتىدىكەن- دەپ،  ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، خەۋپسىرىتىپ، ئالدىن تەسلىمىيەت بىلدۈرۈش بولسا، كۈرەش قىلىۋاتقان ۋە مەۋجۇتلۇق تارىخى كۈرەش بىلەن يېزىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتىگە باب كەلمەيدىغان قورقۇنچاقلىقتۇر. بىز ھېلىمۇ كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ كۈرىشىمىز پەقەت مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ غېمى بولماستىن بەلكى، ئىشغال قىلىنغان ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت، ئۇلۇغۋار نىشان يولىدىكى ھەرىكەتتۇر. چوڭ نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەت ئۈچۈن، يوقۇلۇپ كېتىشنىڭ غېمىگە چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئۆزىلا تەسلىمچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 

«جەڭ مەيدانىدا تەسلىم بولۇش- ئەسكەرى قۇۋۋەتنىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىن، سۆھبەت ئۈستىلىدە يېڭىلىش- ئەقىل ۋە سىياسى قۇۋۋەتنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن ئەمما ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تەسلىم بولغانلىق – غۇرۇر، ۋىجدان، ئۈمىت، ئىشەنچ ۋە ئىنسانى روھنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.» ئۇيغۇرلار يوقۇلۇپ كېتىدۇ- دېگەن بۇ ھۆكۈم ھەرگىزمۇ مىللەت ئەزالىرىنى قۇتۇلۇشقا چاقىرغانلىق بولالمايدۇ. ئەكسىچە تەسلىمىيەتنى ئالدىن قوبۇل قىلىشقا، كىشىلەرنىڭ زېھنىدە زېمىن تەييارلاپ تۇرغانلىق بولىدۇ، خالاس.

ئەمدى گەپنىڭ بىر ئاز بېشىغا قايتىپ كەلسەك، ئۇيغۇرلار قاچانكى ئۆزىنىڭ ئاقسۆڭەكلىك خىسلىتىنى يوقىتىپ، ئۆزىدىن نومۇس قىلىدىغان بولغاندا، ئۆزىنى قوراشتۇرغان قۇرۇلمىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا بىر يولغا قەدەم باسقاندا، ئۆز ئىچىدىن كاۋاك ئېچىلىپ، ئىچكى يېقىلغۇسى ئۆچۈشكە يۈزلىنىدۇ. مانا شۇ چاغدىلا  ئۇيغۇر مىللىتى ھەقىقى يوقىلىشنى كۈتۈۋالغان بولىدۇ. دۈشمەن ھەرقانچە كۈچلۈك، ھەرقانچە ۋەھشى، زۇلۇم ھەرقانچە دەھشەتلىك بولغاندىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئېسىل بىر مىللەت ئىكەنلىكىدىن تانمايدىكەن، ئۆزلىكىدە مۇستەھكەم تۇرىدىكەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈش، چېپىش، ئېتىش ئارقىلىق تۈگىتەلمەيدۇ.

26.06.2018

ئابدۇرەھىمجان