ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ 3- نومۇرلۇق باياناتى

ec71b31cc07c019b15c4ffbbdbdc447a

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتى

( 3- نومۇرلۇق بايانات )

25112017

مۇھاجىرەتتىكى ئەزىز ۋە مۆھتەرەم ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار. ھەر بىرىڭلار بىلەن جىددى ئورتاقلاشماقچى بولغان  قارارىمىزنى، تەشكىلاتىمىزنىڭ 3 .نومۇرلۇق باياناتى ئارقىلىق، دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمىز.

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تارىخىدا، دۈشمەنگە يېڭىلگەن ھەر قانداق بىر دەۋرىنى كۆزدىن كەچۈرسەك، دۆلەت تەختىدە ئولتۇرغان ھۆكۈمراننىڭ لاياقەتسىزلىكى،تەخت تالىشىش ماجىراسى، شۇنىڭدەك قەلئە ئىچىدە تۇرۇپ، تاشقى دۈشمەنگە ماسلىشىدىغان مۇناپىقلار مەغلۇبىيەتنىڭ، زاۋاللىقنىڭ سەۋەبى بولۇپ كەنلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

كېيىنكى بىر ئەسىرلىك ئىنقىلاپلىرىمىزدىمۇ يول باشچى، قۇماندان، رەھبەرلىرىمىزدىكى يېتەرسىزلىك، مەنسەپ پەرەستلىك، ئابرويپەرەستلىك ۋە ئىنقىلاپ سېپىدىكى تەپرىقىچىلىك، ئىتتىپاقسىزلىق، ساتقۇن مۇناپىقلىق بىر پۈتۈن مەغلۇپ بولۇپ، مىللىتىمىز ئەسىر، ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلىنىشىغا سەۋەپ بولغان.

كېيىنكى زامانلاردا، ئىنقىلاۋىمىزنى ئىدىيى جەھەتتىن، سىياسى جەھەتتىن يېتەكلەيدىغان تەشكىلى ئورگاننىڭ خەتەرسىز جايدا بولمىسا، غەلىبىلىك نەتىجىگە ئېرىشكىلى  بولمايدىغانلىقى تەكرار سىناقتىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، ۋەتەن ئىچىدىكى بارلىق  پىدائىي ئەزىمەتلەر چەتئەلنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق، بىخەتەر بولىدىغانلىقىغا قانائەت ھاسىل قىلىپ، ئەركىن، بىخەتەر ئەللەردە تەشكىللىنىشنى ۋە ئازاتلىق ھەرىكىتىنى يېتەكلەشنى مۇھىم دەپ قارىدى. شۇ مەقسەتتە كېيىنكى 25 يىلدىن بېرى، چەتئەلگە ئېقىش، چەتئەلگە ئىنتىلىش، ئۆزلىرىنى چەتئەلگە تاپشۇرۇش داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ  97. يىلى غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىشى بىر قەدەر ئارتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناچار، كېرەكسىز كىشىلەرنىڭ بولغىنىدەك، يۈكسەك غايە، ئۇلۇغۋار ئارزۇ- ئارمانغا ئىگە كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە.

دېموكراتىك غەرپ ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھەرقايسى دۆلەتلەردە تەشكىللىنىشى، ھەم تارقاق تەشكىلاتلارنىڭ، مەركىزى بىرلىككە ئىنتىلىشى، چەتئەللەردىكى ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇنى قۇرۇشتىن ئىبارەت، مۇھىم باسقۇچنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. لېكىن چەتئەللەردىكى ئومۇمى خەلقىمىزنى، تەشكىلاتلارنى بىر بايراق ئاستىغا توپلايدىغان نوپۇزنىڭ يوقلىقى چوڭ  بىر بوشلۇق بولۇپ تۇرىۋاتقان چاغدا، ئۇيغۇرلار ئىچىدە تونۇلغان مەشھۇر شەخسلەر قاتارىدىكى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئەركىن دۇنياغا چىقىشى، چەتئەلدىكى نوپۇز بوشلىقىنى تولدۇردى. بولۇپمۇ ئۇ، دۇق نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن ئېتىبارەن، تارقاق تەشكىلاتلار دۇق نىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا توپلاندى. سىرتتىن قاراشتا كۈچلۈك تەشكىللىنىۋاتقاندەك بىر تەسىرگە ئىگە ھالەت شەكىللەندى.

بىراق، ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك، 25 يىللىق ئۇزۇن بىر زامان مۇساپىسىدە بارلىققا كەلگەن دۇق نىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا، چەتئەلدىكى تەشكىللىنىش، مەركەزلىشىش بولسا تۆلەنگەن بەدەلگە لايىق راۋاجلانمىدى ھەم مۇكەممەل تەشكىلى ئاپپارات ۋۇجۇتقا چىقمىدى.  بۇنىڭدىكى سەۋەپنى تارىختىكىگە ئوخشاش مەغلۇبىيەت ئەندىزىسى بىلەن بايقاشقا مەجبۇرمىز. يەنى رەھبەرلەردىكى لاياقەتسىزلىك، تەشكىلات ئىچىدە ئورۇن، ئابروي تالىشىش ۋە بايراق ئاستىغا يوشۇرۇنغان، قەلئە ئىچىدىكى《كۆك رەڭلىك》 مۇناپىقلار،  چەتئەلدىكى تەشكىللىنىشنىڭ مەغلۇپ بولىشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. ئۇيغۇرلار چوڭ ئۈمىت بىلەن ئەقىدە باغلاپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش 《ۋەتەن دەۋاسىنىڭ بىردىن بىر، قانۇنلۇق ئالى ئورگانى》دەۋالغان قۇرۇلتاي ئىچىدە، 11 يىل داۋاملاشقان ھوقۇق، مەنسەپ ماجىراسى ئاخىرى ئېغىز ئالغان يارىدەك، مىللەتنى سەسكەندۈرگىدەك شەكىلدە قەبىھ مەنزىرىنى كۆرسەتتى.

قۇرۇلتاي ئىچىدە يۈز بەرگەن 12. نويابىر پاجىئەسىنى، پەقەت مەنسەپ تالىشىش كۈرىشى- دېسەك، ئۇنىڭ ئارقىسىدا مەينەت بارماقلارنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرساق، ھوقۇق تارتىۋېلىش ئۈچۈن قوللانغان رەزىل ۋاستە ۋە نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، ئاتالمىش دۇق نىڭ دەۋانى يېتەكلەش سالاھىيىتىنىڭ يوقلىقى ئىسپاتلاندى. ئۆزىنىڭ رەئىسىگە بويسۇنمىغان، ۋەكىللەرنىڭ ئاۋازىنى كۆزگە ئىلمىغان، نىزامنامىسىنى ئاياق ئاستى قىلغان  بىر كوللېكتىپنى:تەشكىلات- دەپ، قوبۇل قىلىشمۇ، تەشكىلى چۈشەنچىنىڭ ناقىسلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بىز ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ۋەتەننىڭ ئۆزۈل- كىسىل مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان نىزامنامىگە، خىتاپنامىگە ئىگە بىر تەشكىلات بولىشىمىز بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونومىيەچى، كىشىلىك ھوقۇقچى قۇرۇلتاينى قوللىشىمىزدىكى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە ۋەكىل كىرگۈزۈشىمىزدىكى مۇھىم سەۋەپلەر: قۇرۇلتاي، رابىيە خانىمنىڭ  خەلقئارادىكى نوپۇزى ئارقىلىق، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئۈستىدىن، خىتاي ئىجىرا قىلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىشكە تۆھپە قوشۇپ قالسا، ۋەتەن ئازات بولغىچە ئارىلىقتا خەلقىمىز خىتاينىڭ زۇلمىدىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس- دېگەن ئۈمىتتە بولغان ئىدۇق. بىراق ئىش تامامەن ئەكسىچە بولدى.

رابىيە خانىمنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزى، 11 يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاپتونومىيە دەۋاسى پەقەت دۇق ئىچىدىكى بىر قانچە ئىشچىنىڭ ئايلىق مائاشى ۋە دۇكاننىڭ ئايلىق ئىجارىسىدىن باشقا ھېچنېمىگە يارىمىدى.

ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتتى- دەپ، سەكرەپ كېتىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئۇيغۇرلارنى دۇنيا ئەھلى مۇنداق ئىككى نۇقتىدا تونۇپ يەتتى: بىرىنچى- ئۇيغۇرلار قولىغا قورال چىقسا، دۇنيا كاپىرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، غازات ئۇرىشى قىلىدىغان ئىسلامچى تېررورىستلار، ئىككىنچىسى قولىدا  ئاپتونومىيە بار تۇرۇپ، خىتايدىن ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇقچىلار- دەپ تونىدى. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ۋەتەن ئىچى، سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ئىدى. 2004. يىلى دۇق قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 13 يىللىق ئاپتونومىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى  ئارقىلىق، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزگە قايسى ھوقۇقنى ئېلىپ كەلدى؟ ئەكسىچە خەلقىمىز ئۈستىدىكى زۇلۇم يىلدىن – يىلغا ئېغىرلىشىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ھوقۇق مەسىلىسىدىن سۆز ئېچىش ئەمەس، ھاياتلىق مەسىلىسىمۇ ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قېلىۋاتىدۇ. بارلىق تاشقى مۇناسىۋەت، تاشقى نەتىجىنى بىر تەرەپكە قويۇپتۇرۇپ، دۇق تىكى ئىچكى مەسىلىگە، ھەل بولماس ماجىراغا نەزەرنى ئاغدۇرغىنىمىزدا، بۇ تەشكىلاتنى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىق ئورگان سالاھىيىتىدە كۆرۈشمۇ ئارتۇق بولۇپ قالدى.

يۇقىرىدىكى بىر قاتار مەسىلىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇق غا قارىتا تۇتىدىغان پوزىتسىيىسىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچالىدۇق.

1. ) ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ  1-نومۇرلۇق باياناتىنىڭ 3-ماددىسىدىكى : 《 ئۈچىنچى: تەشكىلاتىمىز « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى » نى دەۋانىڭ تاشقى سىياسەتتىكى قانۇنلۇق ۋەكىلى دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سىياسى پىرىنسىپى ۋە نىزامنامىسى ئاساسىدا قوللايدۇ ۋە يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ. 》 دېگەن ماددا تولۇق بىكار قىلىندى.

2.) ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ 1-نومۇرلۇق باياناتىنىڭ 4-ماددىسىدىكى:《 تۆتىنچى: تەشكىلاتىمىز مەنىۋى ئانىمىز رابىيە قادىر خانىمنى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ لىدېرى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەر تۈرلۈك چاقىرىقلىرىغا قىزغىن ئاۋاز قوشىدۇ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.》دېگەن ماددا بىكار قىلىندى.

3.) ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى
دۇق نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى خەلقئارادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك مەنىۋى ئانىسى، 21. ئەسىردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەمۇنىلىك قەھرىمانى- دەپ قوبۇل قىلىدۇ.

4 .) ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ: دۇق تىكى زەربىدار ئەتىرەت، ئۇيغۇر خەلقى بىردەك ئېتىراپ قىلغان رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا قارشى كۆپ قېتىم ئىسيان قىلىپ، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرى ئېلىپ تاشلىدى. لېكىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان سابىق رەئىسنى 《د ۇ ق نىڭ ئالى رەھبىرى》-دېگەن قورچاق ئورۇنغا چىقىرىپ قويدى. بۇنداق سىرلىق ئويۇنغا، ئۇيغۇر خەلقى  ئالدانماسلىقى لازىم. شۇنىڭدەك، سابىق رەئىس رابىيە قادىر خانىمممۇ راستچىل بولۇپ، ئۆزىنىڭ نوپۇزى ئارقىلىق ۋە نۆۋەتتىكى قورچاق، ساختا مەنسىپىنى دەسمى قىلىپ، مىللەتنى ئاپتونومىيەچى د ۇ ق غا باغلاپ بەرمەسلىكى كېرەك.

5. ) دۇق نىڭ  ئىچىدىكى ئۇزۇن يىللىق ئىچكى ماجىرا ئاخىرلىشىپ، 2017. يىلى 12. نويابىر جىددى سايلام يىغىنى چاقىرىلدى. ئۇلار قانۇنلۇق رەئىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى توڭلىتىپ قويۇپ، رەئىسنى قاتناشتۇرماي، غەيرى رەسمى سايلام ئۆتكۈزدى ۋە سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى  مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن ئىزاھات بېرىدۇ: بىرىنچى، ئەگەر دۇق تىكىلەر رەئىسىنى قەستەن ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۆز ئالدىغا جىددى سايلام يىغىنى چاقىرغانلىقى ئېنىق بولسا، بۇ تەشكىلاتنىڭ سايلىمى قانۇنسىزدۇر. ئىككىنچى، ناۋادا رەئىس بىلەن يەڭ ئىچىدە پۈتۈشۈپ، سايلام نەتىجىسىنى ئالدىن بەلگىلەپ بولۇپ، ئاندىن سىرتقا كۆرۈنۈش يىغىنى چاقىرغان بولسا، بۇ خەلقنىڭ ئەركىن تاللاش ھەق- ھوقۇقىغا خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتىكى دۇق نىڭ شەرقى تۈركىستان دەۋاسىغا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى يوق.

6. ) ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دۇق ئۈستىدىكى ھەرقانداق باھا، قاراش ۋە پەرەزلەرنى بىر چەتتە قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن چەتئەللەردە پائالىيەت قىلىدىغان، ئومۇمى دەۋانىڭ بىر تارماق ئورگىنى – دەپ، قوبۇل قىلىدۇ.

7. ) ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى،17. نويابىر ئېلان قىلىنغان 《مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق باياناتى》نى قىزغىن قوللايدۇ. مەزكۇر باياناتنى ئىچكى ماجىرا چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغان، ئاقىلانە تەدبىر- دەپ، قارايدۇ.

8.) ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان بىر مەركىزى تەشكىلاتنىڭ بارلىققا چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە شۇنداق بىر مەركىزى تەشكىلاتقا قېتىلىپ، بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى خالايدۇ.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمى كومىتېتى

25 . 11.  2017  مىيونخىن- گېرمانىيە

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …