ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە باغلانغان 83 يىللىق كۈرىشى

fullsizerender
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە باغلانغان 83 يىللىق كۈرىشى

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ، ۋەتەن سىرتىغا باغلىنىش جەريانى، تەشكىلى شەكىلدە ھەم سىياسى مەقسەتتە ئاساسەن، ( شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ) 1934. يىلى 7 . ئايدا تولۇق باستۇرۇلغان «خوتەن ئىسلام ئەمىرلىكى» ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى مۇھاممەت ئەمىن بۇغرا بىلەن باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ.
شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى خوجا نىياز ھاجى، سىتالىننىڭ پىلانىغا ماسلىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى ۋە قۇرغۇچىسى سابىت داموللام قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم شەخسلەرنى، شىڭ شى سەيگە تۇتۇپ بېرىشتىن بىر قانچە ئاي ئاۋال، ھۆكۈمەت ئىدارىسىنى تۇڭگانلار تارمار قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە بىر ئاز چۈشەنچە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. 1933. يىلى 12. نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى، مادوتەينىڭ ئۆز ئالدىغا يېرىم مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان مۇستەقىل ئۇيغۇر ھۆكۈمىتى ئىدى. بۇ مەزگىللەردە، بىر قىسىم غوللۇق تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرى يېڭى شەھەرنى ئىشغال قىلىپ، قورغان ئىچىگە بېكىنىۋالغانلىقىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھەل قىلىشىغا تېگىشلىك سىياسى مەسىلىلەردىن ئىدى.
خوتەن ئەمىرلىكى قوشۇنى بولسا يېڭىساردا تۇڭگانلار بىلەن تىكىرىشىپ، ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيۋاتقان شۇنداق مۇرەككەپ مەزگىلدە، شەرقتىكى خوجانىياز ھاجى قوشۇنلىرى ماجۇڭ يىڭنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئاقسۇغىچە چېكىنگەن بولۇپ، ئومۇمى كۇچ خوتەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك بويىچە مەركەزلىك ھالغا كەلگەن بولسىمۇ، شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيە قىسمى، دۆلەت ئارمىيەسىگە لاياقەتلىك، ھەربى ئىنتىزام شەكلىدە مەركەزلەشكەن بولماستىن، ئەكسىچە قۇماندانلارنىڭ شەخسى يېتەكچىلىكىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، خوتەن ئەمىرلىكى ۋە خوجانىياز ھاجى رەھبەرلىكى بىلەن بولغان ئەسكەرى ئىتتىپاقلىق تەسەۋۋۇردىن يىراق ئىدى. بۇ مەزگىلدىكى ئورتاق دۈشمەن ئاساسەن تۇڭگانلار بولسىمۇ، لېكىن ۋەتەننىڭ ئومۇمى سىياسى ۋەزىيىتى بەك مۇرەككەپ ئىدى. مانجۇر ئىمپېرىيەسىدىن قالغان پارچە- پارچە يۇرت ھۆكۈمرانلىقلىرى ۋە شىڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچى ( ئاتالمىش شىنجاڭ ئۆلكىلىك) ھۆكۈمرانلىقى، قۇمۇل ئاپتونوم پادىشاھلىقى قاتارلىق ئوخشاشمىغان، ئۆز- ئارا بىرلىكى يوق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ئۇيغۇر ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرىدىغان سىياسى ۋە ھەربى كۇچلىرى « خوتەن ئىسلام ئەمىرلىكى، ( قەشقەر) شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە خوجانىياز ھاجى قۇماندانلىقىدىكى ئىنقىلاۋى قوشۇن» لاردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۈچ ئىدى. بۇ كۈچلەرنىڭ يېتەكچىلىرىدىن مۇھاممەت ئەمىن بۇغرا، سابىت داموللام ۋە خوجا نىياز ھاجى قاتارلىق ئۈچ نەپەر يېتەكچىلەر شۇ دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان شەخسلەر بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە مۇنداق پەرقلىق مەسىلىمۇ مەۋجۇت ئىدى: خوجا نىياز ھاجى ماجۇڭ يىڭ ۋە تۇڭگان قوشۇنلىرىغا ھەم ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈپ، تۇڭگانلار سېپىگە قېتىلىپ كەتكەن زور كۈلەمدىكى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، سوۋت ئىتتىپاقىغا بېقىنغان ھەم ۋاستىلىك ھالدا شىڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشۈپ بولغان ئىدى. جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىدىكى سابىت داموللامنىڭ ئەھۋالى بولسا، (يەنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالى) يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، ئەسكىرى كۈچلىرى تارقاق، سىياسى كۈچلىرى مەركەزلەشمىگەن، سابىت داموللامنىڭ ھەربى تەجرىبىسى يېتەرلىك ئەمەس، سىياسى جەھەتتىنمۇ ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلغۇدەك، خەلقئارالىق كۈچلەر بىلەن دىپلوماتىيە ئورناتقۇدەك ۋەزىيەتنى تەشكىل قىلالمىغانلىقى، ھەمدە ھۆكۈمەت ئىچىدە قورچاق ئەمەلدار بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىمۇ بىر ئېغىر مەسىلە ئىدى. مۇھاممەت ئەمىن بۇغرا بولسا شۇ دەۋرىدىكى سەۋىيە بىلەن ئېيتقاندا ھەم ئەسكىرى ھەمدە سىياسى جەھەتتىن ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە، دۆلەت باشقۇرۇشقا تولۇق لاياقەتلىك، ھەقىقى مۇستەقىلچى، ساغلام بىرلا كۈچ بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن مۇھاممەت ئەمىن بۇغرا قوشۇنلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشىگە يېڭىساردىكى تۇڭگان قوشۇنلىرى ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەشقەردىكى مۇستەقىل ھۆكۈمەت ئىچىدىمۇ قارشى ئالماسلىق خاراكتېرى كۈچلۈك ئىدى. چۈنكى بۇ ھۆكۈمەتكە مۇھاممەت ئەمىن بۇغرانىڭ رەئىس بولغىنىدىن، خوجانىياز ھاجىنىڭ رەئىس بولىشى بەكرەك ماقۇل كۆرۈلەتتى. ( بۇنىڭدا، ھۆكۈمەت تەركىۋىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ رول ئوينىغانلىقى كۈچلۈك بىر ئېھتىمال) شۇڭا ئاقسۇغىچە ئارقىسىدىن قىستاپ كېلىۋاتقان ماجۇڭ يىڭ قوشۇنىغا تاقابىل تۇرالمىغانمۇ، ياكى سوۋېت – رۇس كونسۇلى بىلەن تۈزگەن توختام بويىچە بولىۋاتقان ھەرىكەتمۇ( بۇ تەرەپلىرى تارىخ تەتقىقاتىغا ئائىت) خوجانىياز ھاجى قەشقەرگە كېلىپ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ، دۆلەت رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. بىراق ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي،( 2. ئاينىڭ 5. كۈنلىرى) ئاقسۇ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان تۇڭگان قوشۇنىغا يېڭىلىپ،《ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئەرباپلىرى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى قەشقەردىن ۋاقىتلىق چېكىنىپ، ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىپ تۇرۇشلىرى زۆرۈردۇر!» – دېگەندەك، تەشۋىشلىك تەكلىپ ۋە پىلان بويىچە، ئۈچ كۈن ئىچىدە قەشقەردىكى ھۆكۈمەت ئەرباپلىرى تارقىلىپ كەتتى. يەنى سابىت داموللام قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۈركۈم رەھبەرلىرى ياركەن تەرەپكە چېكىندى. « ئەنجان قوشۇنى، مەرغۇلان قوشۇنى، پەرغانە قوشۇنى» – دەپ، ئاتىلىدىغان قوراللىق قوشۇنلار ئۆز قۇماندان، سەركەردىلىرى بىلەن ھىندىستان، ئافغانىستان تەرەپكە، تاغلىق رايونلارغا چېكىنىدى. خوجانىياز ھاجى بولسا ئۆزىنىڭ ئەمرى ئاستىدىكى ئەسكەر، قوشۇنلىرىنى ئېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە چېكىنىدى. ( ئۇنىڭ بۇ تەرەپكە چېكىنىشى، رۇس كونسۇلخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بولغانلىقىغا ئىسپات يوق. بىراق تارىخى ئەمەلىيەت، نەتىجە رۇس كونسۇلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ) شۇنىڭ بىلەن « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى » ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ئىگە- جاقىسىز تاشلىنىپ قالدى. شەھەر دەرۋازىسى ھاللاڭ ئېچىۋېتىلدى. شەھەر قەلئەسى قاراۋۇلسىز تاشلىۋېتىلدى. تۇڭگانلار قەشقەر شەھىرىگە ھەر تەرەپتىن مەغرۇرلارچە يۈرۈش قىلدى. يېڭى شەھەردىكى قالدۇق تۇڭگانلارمۇ مۇھاسىرىدىن چىقىپ، ھۇجۇمغا قاتناشتى. قەشقەر شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى دەريا بولۇپ ئاقتى. تۇڭگانلار بىر ھەپتە ئىچىدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قەتلىئام قىلدى. دارغا ئېسىۋېتىلگەن جەسەتلەر چىرىپ، تۆكۈلۈپ چۈشكىچە، كوچىلاردا، ئۆيلەردە ياتقان جەسەتلەر تونىغۇسىز ھالغا كەلگىچە ھېچكىم مىدىرلىتالمىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېكىنگەن خوجانىياز ھاجى، سىتالىننىڭ بۇيرىقى بىلەن سابىت داموللام قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم شەخسلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئاقسۇغا ئاپىرىپ رۇس كونسۇلىغا تاپشۇردى ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، شىڭ شى سەي بىلەن « شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى» نى تەشكىللىدى. شىڭ شى سەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، خوجانىيازھاجى مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە تەقسىملەشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكىرى ياردىمى بىلەن، قەشقەردىكى تۇڭگانلارنى تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى. قەشقەردە تولۇق مەغلۇپ بولغان تۇڭگانلار خوتەنگە چېكىندى. خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرى بىلەن تۇڭگانلار ئارىسىدىكى جەڭدە، خوتەن ئارمىيەسى يېڭىلدى. ھەمدە ھۆكۈمەت ئەمىرى مۇھاممەت ئەمىن بۇغرانىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسى، شىڭ شى سەينىڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە كىرىشنى رەت قىلىشى، سىتالىننىڭ ئەمرىنى قوبۇل قىلماسلىقى نەتىجىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتالمىش « تۇڭگان تازىلاش ھاۋا ھەرىكىتى» ھۇجۇمىغا ئۇچىرىدى. خوتەننىڭ ۋەزىيىتى بىر تەرەپتىن تۇڭگانلارنىڭ ھۇجۇمى، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسلار ئېلىپ بېرىۋاتقان « تۇڭگان تازىلاش » – ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق ( گەرچە تەكلىماكان قىرغاقلىرىدا قورالسىز ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ، قاتىللىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۇڭگانلارنى قوغلاپ، تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ،) كۆپىنچە تۇڭگانلار يوق، ئۇيغۇر ئاھالىلىرى قويۇق ئولتۇراقلاشقان يۇرتلارغىمۇ خېمىيەلىك بومبىلارنى تاشلاپ، ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋى قىرغىن قىلىشى، مۇھاممەت ئەمىن بۇغرانى تاللاشقا قىستىماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق تىركىشىپ يۈرۈپ، « يۇرت خەلىقى» نىڭ رۇسلارنىڭ باكتېرىيەلىك ئۇرىشىدا ۋە تۇڭگانلارنىڭ ۋەھشى قاتىللىقى ئاستىدا ھالاك بولىشىغا سەۋەپچى بولۇش؛ ياكى سىتالىننىڭ پەرمانىغا بويسۇنۇپ، شىڭ شى سەينىڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە كىرىش. بىراق ئۇ ئۈچىنچى يولنى تاللىدى. يەنى 1934. يىلى 7. ئاينىڭ 27. كۈنى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ھىندىستانغا چېكىندى. ئۇ، توققۇز يىلدىن كېيىن ( 1943. يىلى، 4 . ئاينىڭ 4. كۈنى) ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن، (گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭگىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىيەسىنىڭ نەتىجىسىدە، ھىندىستاندىكى ئەڭگىلىيە تۈرمىسىگە يىللاپ قاماپ قويغاندىن كېيىن، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ) چۇڭ چىڭغا قايتتى.
ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن 6 يىل گومىنداڭ مەركىزى پارلامېنتىدا، « شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت» تە، « شەرقى تۈركىستانغا ئالى ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئېلىش كۈرىشى» قىلىدۇ. 49. يىلى سىنتەبىر گومىنداڭ مەغلۇپ بولۇپ تەيۋەنگە قاچقاندا، ئۇ ئۆكتەبىردە ھىندىستانغا چېكىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى – ھالىنى، ۋەتەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن، دۇنيا ئەھلىگە ئاڭلىتىش ۋە تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1952. يىلى ۋەتەن چېگراسىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەزكۇر دەۋانى داۋاملاشتۇرىدۇ. (ئۇنىڭ 33. يىلىدىن 52. يىلىغىچە 19 يىل قىلغان كۈرىشى، تاللىغان سىياسى مەسلەكلىرى تارىخ ماتېريالىغا ئائىت بولغاچقا، بۇ تېمىدا تەپسىلاتىغا كىرمىدىم )
يۇقىرىقى بايانلار، ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىمىزنىڭ چەتئەلگە باغلىنىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن باسقۇچلۇق مۇساپىلەرنىڭ، دەسلەپكى بىر قىسمىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىق ھەرىكىتى، ۋەتەن قۇتقۇزۇش كۈرىشى تۇنجا بولۇپ 1934. يىلى مۇھاممەت ئەمىن بۇغرانىڭ ھىندىستانغا چېكىنىشى بىلەن باشلانغان بولسا، ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە مۇھاممەت ئەمىن بۇغرانىڭ چەتئەلگە كۆچۈشى بىلەن داۋاملاشتى. ئۇ بىرىنچى قېتىم چەتئەلگە چېكىنگەندە، ئۆز كۇچىغا تاينىپ، تولۇق مىللى ئىرادىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەرىكەت قىلغان بولسا، كېيىنكى قېتىم چېكىنگەندە ، گومىنداڭ رەھبەرلىكىنىڭ يول يورۇقلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان ئىدى.
يۇقىرىدا قىسمەن دەپ ئۆتۈلگىنىدەك، 49. يىلى ۋەتەندىن ئايرىلغانلار ئافغانىستان، سەئۇدى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ تۈركىيە ۋە سەئۇدىغا ئورۇنلاشقانلىرىنىڭ چوڭلىرى سىياسەت بىلەن ھەپىلەشتى. ئۇلار ئۆزلىرى بىرلىككە كەلگەن مۇكەممەل سىياسى تەشكىلاتنى ئوتتۇرىغا چىقىرالمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەيلى بىر دۆلەتتە چېچىلىپ ھەرىكەت قىلسۇن، ياكى دۆلەتلەردە تارقاق، يەككە ھالەتتە كۆرۈنگەن بولسۇن، ھەممىسىنى تەيۋەندىكى مەركىزى گومىنداڭ پارتىيەسى يېتەكلەپ، بىر پىروگرامما ئاستىدا، خۇددى ئۇلار ئۆزلىرى مۇكەممەل سىياسى تەشكىلات ۋە پارتىيەنىڭ نىزامى بىلەن ئىش قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. يەنى مەغرىپتىن مەشرىققىچە ئۇلارنىڭ مۇجادىلىسى، ۋەتەن دەۋاسى « چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتى قانۇنسىز، زوراۋان ھۆكۈمەت، ئۇلار ھاكىمىيەتتىن چېكىنىشى، بىرلىككە كەلگەن، تۇپراق پۈتۈنلىكىنى ساقلىيالايدىغان، دېموكراتىك گومىنداڭ پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ، پۈتۈن خىتايدا ئاز سانلىق قەبىلە، مىللەتلەرگە ئاپتونومىيە ۋە ئالى ئاپتونومىيەلىك تۈزۈم يولغا قويۇلىشى لازىم…» دېگەندەك، بىر تۇتاش پروگراممىلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلاتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ۋەتەن داۋاسىدا، 1992. يىلى دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينىدى. ئۇنىڭدىن ئاۋالقى دەۋالار نامى شەرقى تۈركىستان دەۋاسى- دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاساسەن ئىدىئولوگىيەلىك دەۋا بولۇپ كەلگەن. يەنى كومۇنىزىمغا قارشى كۈرەشنىڭ بىر پارچىسى شەكلىدە داۋاملاشقان. 92. يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان تۇنجا نۆۋەتلىك « خەلقئارا شەرقى تۈركىستان ( ئۇيغۇرىستان ) مىللى قۇرۇلتېيى » نىڭ قۇرۇلىشىدىن باشلاپ، بۇ ھەرىكەت شەخسىلەرنىڭ نامىدىن چىقىرىلىپ، دۇنياۋىلاشقان، ئاممىۋىلاشقان تەشكىلات شەكلىگە قاراپ ماڭدى.
ئەگەر 34. يىلى باشلانغان « چەتئەلگە چېكىنىش» ھەرىكىتىمىزنىڭ 92. يىلىغىچە بولغان 58 يىللىق مۇساپىسىدىكى مىۋىسى تەرىقىسىدە – ئاشۇ قۇرۇلتاي تەشكىللەندى – دەپ، ئېتىراپ قىلساق، ياكى شۇنداق دەۋالساق، ئۇ چاغدا 2017. يىلىدىكى مۇشۇ قۇرۇلتاي، ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بارغان 83 يىللىق دەۋانىڭ تەرەققىياتى ۋە تەشكىلى ئاپاراتى- دەپ، قوبۇل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئالدىنقى 58 يىللىق جەريانىنى تەشكىلسىزلىك بىلەن، ياكى 49 يىلىدىن باشلاپ 92. يىلىغىچە 43 يىل تەيۋەننىڭ پارچىلاپ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا، ئاساسەن ئىدىئولوگىيەلىك كۈرەش قىلغان، يەنى كومۇنىست خىتايلارنىڭ مىللىتىمىز ئۈستىدىن ئىجىرا قىلغان دىنى زۇلۇملىرى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئىقتىسادى نامراتچىلىق زۇلمى توغرىسىدا، ئىنسانى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلار ھەققىدە دەۋا قىلغان- دەپ، قارىغاندىمۇ ( ئەمەلى دەۋا جەريانى ھەم شۇنداق بولغان) لېكىن 92. يىلى قۇرۇلتاي تەشكىللەنگەندىن بۇيانقى 25 يىللىق تەشكىلى ئىدارچىلىق، سىياسى تەرەققىيات تەرەپلىرىگە نەزەر سالغاندا، ئىشىنىش مۇمكىن بولمايدىغان رېئاللىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
بىز چەتئەلدىكى تەشكىللىنىش ۋە سىياسى تەرەققىيات، ئىدارىچىلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىمىزغا قاراپ چىقىشتىن ئاۋال،( 49 .يىلىدىن 92 . يىلىغىچە 43 يىللىق جەرياندىكى) ۋەتەن ئىچىدىكى ۋەزىيىتىمىزنى قىسقىچە كۆزدىن كەچۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ۋەتىنىمىز – ئۇيغۇرىستان 49. يىلى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە چۈشكەندىن باشلاپ، پۈتۈن بىر مىللەت ھەممە جەھەتتىن يوقسۇللاشتۇرۇلدى- بىلىمسىزلەشتۈرۈلدى. تەپەككۇرسىزلاشتۇرۇلدى. ئىشەنچسىزلەشتۈرۈلدى. ئۆمىتسىزلەشتۈرۈلدى. ئەخلاقسىزلاشتۇرۇلدى. دىنسىزلاشتۇرۇلدى. مەدەنىيەتسىز، قالاقلاشتۇرۈلدى. نامرات گادايلاشتۇرۇلدى. قىسقىسى مىللەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مەنىۋى، ماددى قىممەتلەردىن ئايرىۋېتىلدى. لېكىن ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە، دەھشەتلىك زۇلۇمىغا ئۇچىراۋاتقان بولغاچقا، خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىك كۈنسىرى رادىكال بىر شەكىلدە ئېشىپ باردى. خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئۇلغۇيۇپ بېرىۋاتقان خىتايغا ئۆچلۈك قىلىش، خىتايدىن نەپرەتلىنىش تۇيغۇسىنى يوقىتالمىدى. ئۇيغۇرلار ئاچ قالسىمۇ، ئۇسۇسز قالسىمۇ خىتاينىڭ شۇملىقىدىن كۆرەتتى. خىتاي بولغانلىقى ئۈچۈن جۇتلۇق، قەھتچىلىك، تەبى ئاپەت يۈز بېرىدۇ. خىتاي بولغانلىقى ئۈچۈن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. خىتاي نەسچىلىكنىڭ، پەسچىلىكنىڭ دەل ئۆزىدۇر. خىتاي يەجۇجى – مەجۇجى. خىتاي دەججالنىڭ پۇشتى- دېگەندەك ھېسسىيات ۋە كۈچلۈك تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەر بىر ئۇيغۇر، ھەتتا خىتاينى ھاياتىدا كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، خىتايدىن نەپرەتلىنەتتى. خىتايدىن قۇتۇلۇشنى، ۋەتەننىڭ خىتايدىن ئازات بولىشىنى، خىتاي يوق پاكىز بىر ۋەتەن بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
خىتاينىڭ 80. يىلى ئېلىپ بارغان سىياسى ۋە ئىقتىسادى ئىسلاھاتى بىلەن، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندىمۇ ئۆزگىرىش باشلاندى. دىنى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردە يېڭىچە « مىللى تېررېتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى» نى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەسلىگە كەلدى. تار ئۆلچەمدە بولسىمۇ قىسمەن پىكىر ئەركىنلىكى بېرىلدى. 40 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى يېڭى ئەۋلاتلار مىللى كىملىكىنى قايتا تونۇشقا، تارىخىنى بىلىشكە، كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. تەكرارلانغان تارىخلاردىن شۇ ھەقىقەت مەلۇم بولغانكى خىتاي – ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىدە تىنچلىق بولۇپ باقمىغان. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشكەن دەۋرىدە بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ئاۋالقى مانجۇر مۇستەملىكىسى دەۋرىدە، ياللانما خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ باشقۇرىشى دەۋرىدە بولسۇن، ئۇيغۇرلارغا خىتاي مىللىتىدىن ياخشىلىق كېلىپ باقمىغان. ئەگەر خىتاي ئەمەلدارلىرى، ياكى بىۋاستە خىتاي مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇرلارغا مەلۇم مەزگىل كەڭچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھەسسىلەپ جازا ئىجرا قىلىپ كەلگەن. بۇ بىر ئىنكار قىلغۇسىز تارىخى پاكىت ئىدى. خىتاي يولغا قويغان « ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ باشقۇرۇش» سىياسىتى مۇقىم ۋە دائىملىق ئەمەس. بەلكى مەلۇم بىر نىشانغا خەتەرسىز يېتىۋېلىش ئۈچۈن قوللانغان سۈلھى ۋە تاكتىكا ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تارىخى ئەمەلىيەتلەردىن تەكرار ئىسپاتلانغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي يولغا قويغان يېڭى سىياسەت ۋە كەڭچىلىك تۈزۈمنىڭ ئارقىسىدا، يەنە بىر چوڭ شۇملۇقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىغا تولۇق ئىنىشىدىغان تەجرىبىلىك ، پېشقەدەم زىيالىلار، دىنى ئۆلىمالار، جەمئىيەت ئەرباپلىرى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، خىتاي يولغا قويغان ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپ، مىللەتنىڭ ئېڭىنى يورۇتۇپ، ئەسلىگە قايتىش ۋە كەلگۈسىگە تەييار تۇرۇشقا تەشەببۇس قىلدى. ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەممە جايلىرىدا « ئۇيغۇر بىز » روھى، « شەھەر سورىغان خان ۋە خاقان مىللەت بىز» غۇرۇرى تىكلەندى.
ئالدىن جەزىم قىلىنغىنىدەك، خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىسلاھات سىياسىتى ئاستىدا يولغا قويۇلغان « مىللى تېررېتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى» بىرىنچى بەش يىلىنى ئاران تاماملاپ، ئىككىنچى بەش يىلىغا كىرگەندە ( 85. يىلىدىن باشلاپ) ئۆزگەردى. ئاۋال ئىقتىساد باشقۇرۇشتا ئۇيغۇرلارغا چەك قويۇلدى. كان ئېچىش، ئېغىر سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش، نىفىت ئېچىش ۋە ئېلىپ سېتىش، چېگرا ھالقىغان سودا مۇناسىۋەتلىرى.. قاتارلىق ساھەلەردە، ئۇيغۇرلارغا قانۇنى رۇخسەت بېرىلمەي، ئىچكىرىدىن « غەرپنى ئېچىش» نامىدا كەلگەن خىتاي كانچىلىرى، خىتاي مەبلەغچىلىرى ۋە خىتاي سودىگەرلىرى دۆلەتنىڭ ئۆسۈمسىز قەز، ياردەملىرى بىلەن ھىمايە قىلىندى ۋە قانۇنى جەھەتتىن تولۇق قوغدالدى. ئۇيغۇرلار يەككە تىجارەت، يايمىچىلىق، قويمىچىلىق، يەككە دېخقانچىلىق، ئەن- ئەنىۋى شەكىلدىكى ھۈنەرۋەنچىلىك دائىرىسىگە يىغىنچاقلاندى. ئىچكىرىدىن چىقىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى، دۆلەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش يۇقىرى كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى. ھەتتا « چېگرا رايونىغا، خەتەرلىك ئۇرۇش رايونىغا يەرلەشكەن مېھمانلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى» نى، 80. يىللاردىن ئاۋالقىغا ھەسسىلەپ قوشۇپ بەردى. يۇقىرى مائاشلىق ئىش ئورنى كۆچمەن خىتايلارغا بېرىلدى. خىتايلار تۈركۈملەپ ئېقىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىش ئورنى تەگمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. « چېگرا رايونىنى ئېچىش، ئەمگەك كۇچىنى تولۇقلاش» ئىجرائاتى ئاستىدا، ئىچكىرىدىن 24 سائەتلەپ كېلىۋاتقان پويىز ئارقىلىق خىتايلارنى تۆكمە- تۆكمە قىلىۋەتتى. بارغانچە كوچىدىكى يايمىچىلىقمۇ خىتايدىن ئاشمايدىغان بولۇپ كەتتى. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشى قاتتىق چەكلىنىۋاتقان مەركىزى شەھەرلىرىمىزدە، ئاققۇن خىتايلارنىڭ دەستىدىن بىر قەدەم بوش يەرمۇ قالمايۋاتاتتى. پۈتۈن مۇشۇ ئادالەتسىزلىك، ئىرقى زۇلۇم، ئىرقى خورلاش، خىتاينىڭ « تېررېتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى» نى يولغاقويىۋاتقان، « ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى» ئىجرا قىلىنىۋاتقان دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشۇرغان جازاسى ئىدى.
خىتاينى سېپىل ئىچىگە چېكىندۈرمىگىچە، تىنچلىق يار بولمايدىغانلىقى، ھەر بىر ئۇيغۇرغا ئايان بولماقتا. قانلار قىزىق. ھېسسىياتلار قايناپ تاشقان. ئەقىدە ساغلام. ئىرادە مۇستەھكەم. خىتاي بىلەن سۈلھى قىلغىلى بولمايدۇ. يەنە نېمىنى كۈتىمىز؟ كۆتۈرۈلۈش كېرەك! تەشكىللىك، ئىنتىزاملىق ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. قورالنى دۈشمەننىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ، ئۆزىگە قارىتىپ ئاتىمىز! ۋەتەن ئازات، خەلقىمىز ئامان ھۆر، مۇستەقىل دەۋر سۈرىمىز! ھەر بىر ياشلار، ھەر بىر دەرت تارتقان پېشقەدەملەر، ئاتىلار، ئانىلار خىتايدىن قۇتۇلۇشقا تەشنا ئىدى. ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يوشۇرۇن تەشكىللىنىش ۋە پاش بولۇپ ئېغىر جازالىنىشلار باشلىنىپ كەتتى. « پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ! تاۋلىنىۋاتىدۇ!» – دېيىشەتتى، چوڭ بىر كۆتۈرۈلۈشتىن ئۈمىت كۈتىۋاتقان كىشىلەر. دېگەندەك، ۋەتەننى قوراللىق ئۇرۇش بىلەن ئازات قىلىش پروگراممىسىغا ئىگە ھالدا، 89. يىلى. 10. ئاينىڭ 10. كۈنى « شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى » قۇرۇلدى. سىياسى، ئىدىيىۋى يېتەكچى بولۇپ، « شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» ماقۇللاندى. 90. يىلى 4. ئاينىڭ 21. كۈنى قوراللىق ئۇرۇش باشلاش قارار قىلىندى. «بىخەستەلىك تۈپەيلى» پىلان پاش بولۇپ قالغاچقا، 4. ئاينىڭ 5. كۈنى تەشكىلات مەركىزى شىتابى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش پىلاندىن بۇرۇن باشلىنىپ، مەقسەتكە يېتەلمەي ئاخىرلاشتى. پۈتۈن ۋەتەن مىقياسىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرمىگە قامالدى. مىليونلىغان ئۇيغۇر ئاھالىسى نەزەر بەنت قىلىندى. خىتاي دۆلەت باشلىقى جاڭ « گۇناسىز مىڭ ئادەم خاتا جازالىنىپ كەتسە بولۇدۇكى، بىر نەپەر گۇمانلىق ئۇنسۇر توردىن چۈشۈپ قېلىشقا بولمايدۇ!»- دەپ، قاتتىق جازالاش پەرمانىنى ئېلان قىلدى. پۈتۈن بىر مىللەت جازالاش ئوبيېكتىغا ئېلىندى.
ئەسلىدە دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى سىناپ، كۆرۈپ باقىدىغان، تەجرىبىنى يەكۈنلەپ، كېيىنكى قېتىم نەتىجە قازىنىۋالسا بولىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلار كېچىكىپ چۈشەندى. ساغلام ئەقىدە، قايناق ھېسسىيات، كۈچلۈك ئىرادە، تىز پۆكمەس جاسارەت بىلەن خىتايغا قارشى ئۇرۇش قوزغاشنىڭ ئۆزىلا، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشقا يەتمەيدىغانلىقى ھەممە كىشىنى قايىل قىلدى. ۋەتەننى ئازات قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك كۇچ بولىشى لازىم. ياردەم قىلىدىغان كۈچلەر بولىشى كېرەك.
مانا شۇنداق پەيتتە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى. « مۇستەملىكىنىڭ دەردىنى 70 يىل تارتقان تۈركى قېرىنداشلاردىن بىزگە ياردەم كېلىدۇ»- دېگەندەك، بىر ئۈمىت شامى يورۇق چۈشۈردى. « قازاقىستاندا شەرقى تۈركىستان مىللى فرونتى قۇرۇلۇپتۇ» ، « تۈركىيەدە خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مىللى قۇرۇلتىيى قۇرۇلۇپتۇ»- دېگەن خەۋەرلەر ۋەتەندىكى ئاڭلىغان، بىلگەن ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئۈمىتكە يېتەكلىدى. (« شەرقى تۈركىستان مىللى فرونتىنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيەسى باركەن» دېگەن خەۋەرنى، سىز شۇ زامانلاردا ئاڭلىغان بولسىڭىز، قانداق ھېسسىياتقا كەلگەن بولاتتىڭىز؟ ) شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇرلار چەتئەلگە تولۇق باغلىنىپ كەتتى. ئۇلارنى كۈتۈپ، ئۇلارنىڭ يولىغا قاراپ كۆزلىرى تېلىشقا باشلىدى. تەشكىللىنىپ، تەييار تۇرىشىمىز كېرەك! دەپ، يەنە تەشكىللىنىش، پاش بولۇپ، 10 مىڭلاپ تۇتقۇن قىلىنىش، ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش، بىز بىر ھەرىكەت قىلىپ تۇرمىساق چەتئەلدىكىلەر كەلمەيدىكەن- دەپ، سەبى خىيال بىلەن، ئۇياق، بۇياقلاردا پارتىلىتىپ تۇرۇشلارمۇ بولۇپ تۇردى. چەتئەلدىكىلەردىن چوڭراق سادا يوق. پەقەت ۋەتەندە جازالىنىۋاتقانلار توغرىسىدىكى قىسمەن راست، قىسمەن يالغان خەۋەرلەر ۋە خەلقئارا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا، خىتاينىڭ ئۈستىدىن شىكايەت ئېلان قىلدى- دېگەندەك، كۈندىلىك ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدىن باشقا بىر يېڭىلىق، ئىلگىرىلەش يوق ئىدى. چەتئەلدىكىلەرنى ساقلاپ تۇرغىچە، چەتكە چىقىپ، ئۇلارنىڭ سېپىگە قېتىلىپ، قورال ئېتىشنى ۋە سىياسى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قاتايلى- دەپ، قارار قىلغانلار، خۇددى « يىڭلىنىڭ كۆزىدىن تۆگىنى ئۆتكۈزۈپتۇ» – دېگەندەك، مۇشەققەت ۋە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، چەتئەلگە چىقىشقا باشلىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە كۆڭۈل باغلىشى، ۋە چەتئەلگە چىقىش قەدەملىرى يۇقىرقىدەك جەريانلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.
قازاقىستاندىكى « شەرقى تۈركىستان مىللى فرونتى» ئەسلىدە بىز ئاڭلىۋالغاندەك، قوراللىق قىسىم باش شىتابى بولماستىن، ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى بىلەن «خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مىللى كومىتېتى» تەشكىلاتى، ۋاقىتلىق قۇرغان بىرلەشمە تەشكىلات نامىدىكى فرونت ئىكەن. بۇ فرونتنىڭ قۇرۇلىشىدا مۇنداق ۋەقە سەۋەپ بولۇپ قاپتۇ. 92. يىلى ئىيۇن ئايلىرىدا،(قۇرۇلماقچى بولغان خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مىللى قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى) ھامىتخان كۆك تۈرك ئەپەندى ئالمۇتىغا كېلىپ، ھەر قايسى تەشكىلات رەھبەرلىرى، زىيالىلار، جامائەت ئەرباپلىرى، پېشقەدەم ئىنقىلاپچى زاتلار قاتارلىق، مۇھىم كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، يىل ئاخىرى ئىستانبۇلدا چاقىرىلماچقى بولغان، تۇنجا نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى تۈركىيەگە دەۋەت قىلىپتۇ. بۇ مۇھىم ئىش ئۈچۈن كەلگەن شەرەپلىك مېھمانغا جامائەت سورۇنى ھازىرلىنىپتۇ. كۆپلىگەن نوپۇزلۇق كىشىلەر توپلاشقان بىر چوڭ سورۇندا «خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مىللى كومىتېتى» نىڭ باشلىقى يۈسۈپ بەك مۇخلىسى ئەپەندى: چاقىرىلماقچى بولغان قۇرۇلتاينى مۇھاممەت رىزا پاشا ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، بۇ ئىش تۈركىيەنىڭ مىللى مەنپەئەتىگە كوزۇر بولۇشتىن باشقا نەرسىگە يارىمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەم تۈرك دۆلىتىنىڭ ئارمىيەسىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن. ھازىرمۇ مىللى ئىستىخبارات تەشكىلاتىدا يوشۇرۇن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ- دەپ، ئۆزىنىڭ نارازىلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. سورۇندا بىر ئاز غۇل- غۇلا قوزغىلىپ، تۈگىگەن پاراڭ، ئىستانبۇلدىكى مۇھاممەت رىزا پاشا ئەپەندىگە ئاڭلىنىپتۇ. ئۇكىشى قاتتىق رەنجىپ، يۈسۈپ بەك مۇخلىسى ئەپەندىنىڭ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشىنى بىكار قىلىپتۇ. لېكىن يۈسۈپ بەك مۇخلىسىنىڭ تەسىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاندا ئالاھىدە كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ قاتناشتۇرۇلمىغان قۇرۇلتاينىڭ بۇ جايلاردا ئېتىراپ قىلىنماسلىقى ئېنىق ئىدى. شۇڭا جىددى تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى بىلەن شەرقى تۈركىستان مىللى كومىتېتى بىرلەشمە تەشكىلات قۇرۇپتۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك « شەرقى تۈركىستان مىللى فرونتى»- دەپ ئاتىلىپتۇ. فرونت ئىككى تەشكىلاتتىن قۇرۇلغان بىرلەشمە بولغاچقا، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھاشىر ۋاھىدى ئەپەندى بىلەن، يۈسۈپ بەك مۇخلىسى ئەپەندى تەڭ دەرىجلىك، قوشماق رەئىس بولۇپ سايلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلتايغا مىللى فرونتتىن ئىككى رەئىس قاتناشمىسا بولمايدىغانلىقىنى، مۇھاممەت رىزا پاشا ئەپەندىمگە بىلدۈرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ بەك مۇخلىسى ئەپەندىمۇ قۇرۇلتايغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ئىكەن. بىراق ئۇلار فرونتنى تەشكىللەشتىن ئاۋال، بۇ ئىشنىڭ ئۆتكۈنچى تاكتىكا ئىكەنلىكى، مەقسەتكە يېتىپ بولغاندىن كېيىن، فرونتنى تارقىتىۋېتىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى توختامنى، يۈسۈپ بەك مۇخلىسىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئېتىراپ قىلماي، فرونتنىڭ نامىدا پائالىيەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. بولۇپمۇ يۈسۈپ بەك مۇخلىسىنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە مۇھىم ئادىمى بولغان، ئابدۇرازاق ئىمام ئۆز ئالدىغا ئادەم توپلاپ، فرونت نامىدىن ھەرىكەت قىلغان ئىدى. ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئالمۇتىدىكى قازاق « ئاتتان پارتىيەسى » ( ئاتلان پارتىيەسى)نىڭ قۇرغۇچى باشلىقى ئامانتاي ئاسىل بېك بىلەن بىرلىكتە، فرونت نامىدىن خىتايغا قارشى نامايىش ئويۇشتۇرۇپ، «شەرقى تۈركىستانغا قاراپ ئالغا!» مارشىنى توۋلاپ، مىڭلىغان كىشىلەر بىلەن قورغاس چېگراسى ئەتىراپىدا، كۈنلەپ پائالىيەت قىلغان ھەم مۇشۇ فرونت نامىدا، ئۆز ئالدىغا رۇس ھۆكۈمىتى، موسكۋا «ك گ ب » ئىدارىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىپ، چوڭ ھەرىكەتلەرنى تەۋرەتمەكچى بولغان. ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى شۇ چاغدىكى رۇسىيە « ك گ ب » ئىدارىسىگە تولىمۇ باپ كەلگەن ئىدى.
دېمەك، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا ئاڭلانغان « 20 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيەگە ئىگە، شەرقى تۈركىستان مىللى فرونتى» نىڭ ئەھۋالى يۇقىرقىدەك ئىدى.
ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە باغلىنىپ كېتىشىدە، يەنى چەتئەلدە كۈچلىنىپ، چەتئەلدە كۇچ توپلاپ كىرىپ، ۋەتەننى ئازات قىلىمىز. چەتئەلدىكىلەر بىر كۈنى بېسىپ كىرىپ، ۋەتەننى ئازات قىلىدۇ- دېگەندەك، چۈشەنچىگە باغلىنىپ قېلىشىدا، راست گەپنى، ھەقىقى ئەھۋالنى ئەينەن بىلەلمەيدىغان ئاجىزلىقى مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەلدىكىلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەۋقەلىرىمۇ چوڭ سەۋەپ بولۇپ قالماقتا: بىرىنچى- چەتئەلدىكى ئەمەلى ئەھۋالىمىزنى ئەينەن ئاشكارىلاپ، خەلقىمىزنى ئۈمىتسىزلەندۈرسەك بولمايدۇ؛ ئىككىنچى- چەتئەلدىكى ئەھۋالدىن قەتئى مەلۇماتى يوق خەلقىمىز ئاڭلىسا، تۈگمىنى تۆگىدەك كۆرسىتىپ قويىدىغان، ئەمما چەتئەلدە ھېچقانداق قىممەت ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس، پاق- پاق خەۋەر، ئۇچۇرلارنى، ۋاستىلىك ھالدا ۋەتەنگە ئاڭلىتىش؛ ئۈچىنچى- چەتئەلدە ئۆز- ئارا مەنسەپ، ئاتاق تالىشىپ، يالغان- ياۋىداق خەۋەرلەرنى تارقىتىش.
ۋەتەندىكى خەلقىمىز، پۈتۈن بىر مىللەت تەرىقىسىدە، ئەگەر ئامال بولسا چەتئەلگە كۆچۈپ كەتكىدەك ھېسسىيات ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولدى.
بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئاۋال، سىياسى مەھبۇسلارنىڭ چەتئەلگە تۈركۈملەپ – يۈزلەپ ، مىڭلاپ ئاممىۋى شەكىلدە ئېقىپ چىقىشى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياش دىنى زاتلارنىڭ، قارى- قۇرئان، ئەھلى ئىلىملەرنىڭ چەتئەللەردە « جىھات قوشۇنى » تەشكىللىشىمۇ، كېيىنكى زامانلاردا چەتئەلگە ئېقىشنى تەسەۋۋۇردىن ھالقىتىپ تېزلەشتۈرىۋەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە كۆڭۈل باغلىشى- ئالدانغانلىقى- بولسا، چەتئەلگە ئېقىشى – يوقالغانلىقى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. 34 . يىلى مۇھاممەت ئەمىن بۇغرا، 37. يىلى ماھمۇت مۇھىتى، 49. يىلى يەنە مۇھاممەت ئەمىن بۇغرالارنىڭ چەتئەلگە باغلانغان ئۈمىتلىرى قايسى نەتىجىنى ياراتتى؟ ئۇلاردىن قايسى تەشكىلات، قايسى سىياسى يول مىراس قالدى؟ – ئالدىنقىلارنىڭ ئىزى ئۆچۈپ ماڭدى. كېيىنكىلەر تەجرىبىسىز، يولنى يېڭىدىن باشلاشقا مەجبۇر. ئەگەر 92. يىلى قۇرۇلغان تۇنجا قۇرۇلتاينى، چەتئەللەردىكى تارقاق، يەرلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى يېتەكلەيدىغان، مەركىزى تەشكىلات بولماقچىتى، لېكىن ئۇنداق بولالماي قالغان- دېسەك، دەل: ئالدىنقىلاردىن بىر نەرسىنىڭ مىراس قالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولىمىز.
بۇنىڭدىن 20 يىل ئاۋالقى، چەتئەلگە ئېقىپ چىققان ياشلارنى ئىدارە ئاستىغا ئالالىغۇدەك، تەشكىلى ئېقىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قانچە مىڭلىغان ياشلىرىمىز قايمۇقۇپ، بىر قانچە موللا، قارىم، مەخسۇملارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، ئەنجان، سەمەرقەنت، ئافغان، ھىندى تۇپراقلىرىدا قەبرىسىز غايىپ بولغان ئىدى. ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىمۇ يەنە شۇ ئوخشاش تەقدىرگە يولۇقتى. ۋەتەندىن ئېقىپ چىققان قانچە 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى، يەنە شۇ بىر قىسىم قارى- قۇرئان، موللا- مەخسۇملارنىڭ دەۋەت- تەبلىغى بىلەن، كەربالا چۆللىكىدە قەبرىسىز غايىپ بولماقتا.
كۈرەش قىلىۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن، 83 يىل دېگەن يامان بەك ئۇزۇن ۋاقىت. چەتئەلدىكى مۇشۇ 83 يىل ئىچىدە، ئىككى قېتىم نەسىل ئالمىشىپ، ھازىر ئۈچىنچى نەسىلنىڭ دەۋرىمۇ ئاخىرلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. بىراق نە ئاۋالقىلاردىن ساۋاق ئالغۇدەك، بىرەر يەكۈنلىگەن تەجرىبە يوق. نە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆرسەتكۈچ يوق. دەۋا سېپىدە، تەشكىلى رەھبەرلىك قاتلىمىدا كەسپى خادىم يوق. 34. يىلى مۇھاممەت ئەمىن بۇغرا چەتكە چىقىپ نېمە دېگەن بولسا، ھازىرمۇ چەتكە چىققانلار ئەينەن شۇنداق گەپنى قىلىدۇ. 83 يىلدىن بېرى، چەتئەلدە بىرەر تەشكىلاتنى ئىدارە قىلغۇدەك كەسپىلەشكەن سىياسەتچىلەر ئېقىمى بارلىققا كەلمىدى. ھېچكىم ئۆز ئەۋلاتلىرىنى بۇ مىللەتنىڭ دەۋاسىنى يېتەكلەيدىغان كەسپى ساھەدە ئوقۇتمىدى. نېمىشقا ئوقۇتۇشى كېرەك؟ ئۇنداق خالىس بىر ئىش نەدە باركەن؟ مىللەت ئۈچۈن، دەۋا ئۈچۈن ئادەم يېتىشتۈرۈش ئاتا- ئانىلارغا ھاۋالە قىلىدىغان، ئاتا- ئانىلاردىن كۈتىدىغان نەرسە ئەمەس. بەلكى شۇ دەۋاغا ئىگە بولغان، دەۋانىڭ ئالدىنقى سېپىدە مېڭىۋاتقان كىشىلەر تەشكىللىك، پروگراممىلىق ئېلىپ بارىدىغان، سىياسى دەۋانىڭ ۋاز كېچىلمەس بىر مۇھىم قىسمىدۇر.
ئەگەر 34. يىلىدىن 92. يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەھۋالىمىزنى، شۇ چاغدىكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە، تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتلىرىگە باغلاپ، چوڭ بىر ئىش قىلىشقا ئىمكانىيەت، پۇرسەت بولمىغانتى- دەپ، ئۇ دەۋرىنى تارىخقا ئۆتكۈزىۋەتكەن تەقدىردە، مىللى قۇرۇلتاي تەشكىللەنگەندىن بۇيانقى 25 يىلنى، قايسى بانا بىلەن ئاقلاپ ئۆتۈپ كېتەلەيمىز؟ 92. يىلى تەشكىللەنگەن قۇرۇلتاينى، مەنسەپ پەرەس، ئاتاق پەرەسلەر 2004. يىلى يەڭگۈشلىدى. شۇنىڭ بىلەن دەۋاغا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان، مىللى قۇرۇلتاينى مەركىزى ئورگانىمىز- دەپ، ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن پېشقەدەملەر تولۇق تاسقىلىپ، سىرىتقا چىقتى ۋە چوڭ سەپ بىر قېتىم پارچىلانغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دئۇق نى دەۋانىڭ سىياسى مەركىزى-دەپ، قوبۇل قىلىپ، سەپكە قېتىلىپ، دەۋا ئېقىمىنى قوللاۋاتقانلارغا نىسبەتەن، ( 2017. يىلى 7. ئايدىكى) قۇرۇلتاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ مەنسەپ تالىشىشى، تۇتامسىزلىقى، بېجىرەكسىزلىكى، يەنە بىر قېتىم تاسقىلىپ، سەپتىن چېكىنىشگە، پارچىلىنىشىغا سەۋەپ بولماقتا. ئەگەر دەۋا سېپىنىڭ ئىچكى ۋە يۇقىرى قاتلىمىدا، خىتاينىڭ پىلانى رول ئويناۋاتقانلىقىغا ئىنكار قىلغىنىمىزدا، ( 92 . يىلىدىن بۇرۇنقىلارنى تەيۋەن ۋاستىلىك ئىدارە قىلىپ، بىزگە پايدىسىز شارائىتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان- دەپ قاراپ، 92. يىلىدىن بۇيانقى قۇرۇلتاي مەركەزلىك دەۋا ئېقىمىدا تەيۋەننىڭ، ياكى بېجىننىڭ قولى يوق- دەپ، چۈشەنسەك، ئۇ ۋاقىتتا ھازىرقى ) دەۋا سېپىدىكىلەرنىڭ قابىلىيەتلسىزلىكى، ئاچ كۆز، ھەسەتخور، كۆرەلمەس، پەسكەش، خۇمسى، نامەرتلىكىدىن بۇ پايدىسىز ۋەزىيەتلەر كۆرۈلىۋاتىدۇ- دېيىشكە مەجبۇرلىنىمىز.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار چەتئەلدىن ئۈمىت كۈتكەنگە يارىشا، بىرەر غەلبىلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. چەتئەل ئارقىلىق ۋەتەن- مىللەتنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز- دېسەك، ئالدى بىلەن چەتئەلگە لايىق سەۋىيە تەييارلاشقا توغرا كېلىدۇ. 60 يىل ئاۋال تۈركىيە پارلامېنتى قوبۇل قىلىپ: ئەپەندىم، دەردىڭىزنى ئاڭلىدۇق. بىز نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز، سۆزلەڭ- دېسە، : ھەجگە باراي دېسەم، ئىقتىساتتىن قىسىلىپ قالدىم. شۇڭا بىر ئاز مالىيە تەستىقلەپ بەرگەن بولسىڭىز- دەپتىكەنمىش- شۇچاغدىكى دەۋاگەرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەندە، ياۋرۇپا پارلامېنتى قوبۇل قىلىپ: دەردىڭلارنى ئاڭلىدۇق. بىز نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز، سۆزلەڭ- دەپتىكەن، : خىتاي ھۆكۈمىتى قىزلىرىمىزنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ كەتمىسۇن. ئۇلارغا بېسىم قىلغان بولساڭلار- دەپتىمىش، نۆۋەتتىكى دەۋاگەرلىرىمىز. ئىككى دەۋاگەرنىڭ ئارىسىدا بەك چوڭ زامان پەرقى بولسىمۇ، دەۋادا چوڭ پەرق يوق. بۇرۇنقىسى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، شەخسى مەسىلىسىنى ئىزھار قىلىۋالغان بولسا، ھازىرقىسى تارماق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يەردە يېتىشمەيۋاتقان نەرسە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى بېجىرىش ئۈچۈن، لازىم بولىدىغان كەسپى بىلىمدۇر. شۇنىڭدەك، ئۇيغۇرلار توپلاشقان سورۇندا سۆزلەپ، كىشىلەرنىڭ قېنىنى قىزىتىدىغان گەپنى، خەلقئارا دىپلوماتىك سورۇندا دېسە قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتە. يەنە مۇشۇ پېتىم « ئەن- ئەنىۋى ھۈنەرۋەن – دەۋاگەرلىرىمىز» نىڭ ئۇسۇلى بىلەن ماڭساق، زامانغا لايىق، چەتئەلگە لايىق كەسپى بىلىمگە ئەھمىيەت بەرمەي، ئوقۇتۇپ ئادەم يېتىشتۈرمەي، ئەتىراپىغا شايكا توپلاپ، چوپقەتلىرىنى مېھمان قىلىش 《يىغىنى》 چاقىرىپ، مۇشۇ تەرىقىدە كېتىۋەرسە، دەۋانىڭ مەركىزى قويمىچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا، دەۋارىمىز جان باقتىلارنىڭ دۇكىنىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. مىللەتنىڭ قېنى پەقەت ئۆلۈش ئۈچۈنلا ئېقىپ كەتكەن بولىدۇ.
ئابدۇرەھىمجان
2017. 09 . 30