ئۇيغۇرلار سىياسەت بىلەمدۇ؟

IMG_5107

ئۇيغۇرلار سىياسەت بىلەمدۇ؟

تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، سىياسەت ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەيلى. سىياسەت – كوللېكتىپىنى ئىدارە قىلىدىغان باشقۇرۇش قائىدىسى دېمەكتۇر. سىياسەت ئەۋرىشىملىككە ئىگە يۇمشاق كۇچ بولۇش بىلەن بىرگە، باشقىلارنى بويسۇندۇرۇش يادروسىنى ئۆزىگە جەملەشتۈرگەن، كۆپ قىرلىق ماھارەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

ئىنسانلار توپى كۈچلىنىپ، تەرەققى تېپىپ، ئۆزلىرىگە تەۋە تۇپراقتا دۆلەت شەكىللەندۈرگەن بولسۇن، ياكى دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان بولسۇن، شۇنىڭدەك مۇستەملىكىچى دۈشمەندىن قۇتۇلۇپ، ئازات بولۇش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان بولسۇن، ھەتتا دۆلەتلەر ئىچىدە ھاكىمىيەتنىڭ زوراۋان، زۇلۇملىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلسۇن، شۇنىڭدەك تىنچ- ئامان ياشاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولسۇن، ئۇلار بىر قائىدىگە بويسۇنۇپ، ئەندىزە ئىچىدە مېڭىش- تۇرۇش، ئىش-  ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇردۇر. ئەنە شۇ ئەندىزە، قائىدە سىياسەت – دەپ ئاتىلىدۇ.

سىياسەت ئىنسانلار ئاپېرىدە بولغان زاماندىن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆمرىمۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىلەن تەڭدۇر. يەنى ئادەملەر توپلىشىپ ياشايدىكەن، توپلىشىپ بىر ھەرىكەت قىلىدىكەن، سىياسەت شۇ يەردە پەيدا بولغان بولىدۇ.

سىياسەت كىچىك كوللېكتىپلىق جەمئىيەتتىن باشلاپ، دۆلەتكىچە ئىچكى ۋە تاشقى( دىپلوماتىيە) بۆلەكتىن ئىبارەت، دەسلىۋىدە ئىككى قاناتقا ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچكى بۆلىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا ماسلىشىپ نۇرغۇنلىغان چوڭ، كىچىك ۋە تەڭداش تۈرلەرگە ئايرىلغىنىدەك، تاشقى بۆلىكى (دىپلوماتىيە )مۇ ۋەزىيەتنىڭ  ئېھتىياجىغا قاراپ نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلىنىشى مۇمكىن. مۇشۇ بۆلىنىشلەر سىياسەتنىڭ كۆپ قىرلىق ئىكەنلىكىنى، ئەۋرىشىملىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرغان بولسا، يەنى سىياسەتنىڭ يۇمشاق كۇچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسە، ئۇنىڭ پۇقرالارغا يۈكلىگەن مەجبۇرى تۈزۈملىرى، جىنىياەتچىلەرگە ئىجىرا قىلىدىغان قانۇنى جازالىرى، ئىچكى ۋەتاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۇرۇش ۋە قاتتىق قوللىقى يېڭىلمەس قاتتىق كۇچ ۋە تىز پۈكمەس ئىرادە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر. سىياسەت يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئىچكى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيەدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە  ئايرىلىدۇ. بۇ ئىككى تۈرنى بىر گەۋدە شەكلىدە تەسەۋۋۇر قىلساق، ئادەم بەدىنىدىكى ئىككى قول، ئىككى پۇت، ئىككى كۆزدەك تەڭ دەرىجىدە، بىرىنى تاللاپ، يەنە بىرىدىن ۋاز كەچسە بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇچارلىق قۇشلارمۇ ئىككى قاناتنىڭ بىردەك ھەرىكىتىگە تايىنىدۇ. بىر قانىتى بولمىغاندا، ياكى زەخمىگە ئۇچرىغاندا، ئۇچىشى ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

ئەمدى ئەسلى مەزمۇنغا كەلسەك، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسەتتىن خەۋىرىمىز بارمۇ؟ مىللى سىياسەت بىلەن تونۇشلىقىمىز قانچىلىك؟ بۇ ھەقتە
بىزنىڭ ئالدىمىزدا سېلىشتۇرما قىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئۆرنەك تۇرۇپتۇ. بىرىنچىسى دۈشمىنىمىز خىتاي. ئىككىنچىسى ئۆزىمىز. تەپسىلى ئېيتقاندا بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىلەن ئۆتمۈشىمىزنى سېلىشتۇرۇش، خىتاينىڭ ئۆتمىشى بىلەن ھازىرقى ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش، ھەم ئىككى مىللەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ھازىرقى ئۆزىمىزنى تونۇپ چىقالىشىمىز مۇمكىن.

ئاخىرقى بىر قانچە ئەسىردە بىزگە ئوخشاشلا، خىتايلارمۇ مانجۇرلارنىڭ زۇلمىنى تارتتى. بىزگە ئوخشاش ئۇلارمۇ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. 1911 . يىلى مانجۇرلار ئاغدۇرۇلۇپ، خىتايلار ئازات بولدى ۋە ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشتى. بۇ چاغدا خىتايلارنىڭ بىزنى ئىدارە قىلغىدەك ماددى ۋە سىياسى ئىقتىدارى يوق ئىدى. يەنى بىز ئۆز ۋەتىنىمىزدە ئىچكىرىدىكى خىتايلاردىن كۈچلۈك ئىدۇق. بۇ چاغدا بىزنى ئىدارە قىلىۋاتقان سىياسى كۈچلەر ۋە ھۆكۈمرانلار قانداقتۇر بېجىندىكى ھۆكۈمران خىتايلار بولماستىن، بەلكى مانجۇرلاردىن ئېشىپ قالغان قالدۇق سىياسى كۈچلەر، ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل، يەرلىك پارچە ھۆكۈمەتلىرىمىز، مانجۇرلاردىن ئېشىپ قالغان قورچاق ئاپتونوم پادىشاھلار قاتارلىق، بۆلۈنمە ھالەتتىكى، سىياسى كۈچلەر ئىدى.

ئاخىرقى قېتىم 1880. يىللىرى ۋەتىنىمىزنى قايتا، تولۇق ئىشغال قىلغان مانجۇر مۇستەملىكىسىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن  ئۇرىشىنىڭ، يېرىم ئەسىرلىك داۋامىدىن كېيىن، 1933. يىلى قەشقەردە « شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » ، خوتەندە « خوتەن ئىسلام ئەمىرلىكى» دىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى، ۋەتىنىمىزنىڭ تۆتتىن بىر پارچىسىنى ئىدارە قىلغان ئىدى .ئۇلارنىڭ ئەسكىرى كۇچىمۇ بېجىندىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كۇچىدىن تۆۋەن ئەمەس ئىدى. بىراق ۋەتىنىمىزنى تولۇق ئازات قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن بىر ھاكىمىيەت تەشكىللەپ، مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنى بارلىققا كەلتۈرەلمەي، يېرىم ئەسىرلىك ئۇرۇش ۋە ئىنقىلاپلارنىڭ نەتىجىسى توزغاقتەك توزۇپ كەتتى.

شۇ چاغدىكى ئومۇمى ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتلەر ئۈستىدە تەھلىل قىلساق،  رەھبەرلىك قاتلىمىدا سىياسى ئاڭ، سىياسى تەپەككۇرنىڭ يېتىشمىگەنلىكىنى، ئاۋام پۇقرالاردا بولسا، ئىچكىرىدىكى خىتايلارغا سېلىشتۇرغاندا قانچە ھەسسە جىسمانى كۇچقا ئىگە، جەڭگىۋارلىقتىمۇ خىتايلاردىن قانچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەقىل، ئىدراك، مىللى تەپەككۇر، ۋەتەن- مىللەت، دۆلەت چۈشەنچىسىنىڭ يوقسۇللىقى قاتارلىق ئەمەلىيەتلىرىمىز مىللى مەغلۇبىيىتىمىزدە ئىچكى سەۋەپ بولۇپ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئىدى. مۇشۇ يەردە ئەسكە سېلىشنى مۇھىم – دەپ قارىغان بىر مىسال بار. بۇ يىل ئاپىرىل شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 83. يىللىقىنى خاتىرلەش سۆھبىتىمىزدە، ئۇكام ئالىمجان بىلەن قىزىق بىر نۇقتىدا توختىلىپ ئۆتتۇق. يەنى 83 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار بىلەن، ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بىر پەرقنىڭ بولمىغانلىقى ئۈستىدە مۇنداق بايان قىلدۇق. شۇ چاغدىكى ئۇرۇش قۇماندانى، يول باشچى خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئارقىسىدا ئۇزۇن يىللاپ جەڭگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان پىداكارلاردىن، غوللۇق بىر تۈركۈمى: بىز بۇنداق مىللەتچى، پاسىقلارنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، ۋەتەن، دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن جەڭدە ھارام ئۆلۈپ، دوزاققا كىرىشنى خالىمايمىز! ئەكسىچە خەلىپىمىز ماجۇڭيىڭ ھەزىرەتلىرىگە بەيئەت قىلىپ، ئۇنىڭ سېپىدە جىھات قىلىپ، دۇنياغا ئىسلام خەلىپىلىكىنى تىكلەش يولىدا جېنىمىز پىدا. ئۆلسەك شەھىت، قالساق غازى! – دەپ، ئۆز قۇماندانىدىن يۈز ئۆرىگەن، ئۆز- ئارا، قارمۇ- قارشى ئىككى سەپتە جەڭ قىلىپ، قانچە مىڭلىغان جەڭچىلىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. خۇددى رەھبەرلەرنىڭ سىياسى ئىقتىدارى دۆلەت قۇرۇشقا يېتىشمىگەنلىكى مۇنقەرز بولۇشنىڭ بىر سەۋەبى بولغىنىدەك، ئاۋام پۇقرالارنىڭ ساپاسىمۇ بۇ تۇپراقتا بىر دۆلەت قۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىگە ماسلىشىپ بېرەلمىگەن. ھەتتا مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتكە چۈشۈپ، تولۇق مەغلۇپ بولىشىغا بىۋاستە سەۋەپچى بولۇشقان ئىدى. ئارىدىن 83 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاۋام خەلقتە ئىلگىرىلەش، ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. بەلكى بۇرۇنقىلارغا تولۇق سېلىشتۇررۇلسا، تېخىمۇ بەتتەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

نۆۋەتتە ۋەتىنىمىزنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن تارتىپ، يىراق سەھرا، قىشلاقلىرىغىچە : سۈرىيەدىكى خەلىپىگە بەيئەت قىلىپ، دۇنياغا ئىسلامنى ھۆكۈمران قىلىش ئۈچۈن جىھاتقا قېتىلىمىز- دەپ، كۆتۈرۈلگەن بوران – چاپقۇندا، خۇددى قوتاندىن ئۈركىگەن پادىلاردەك، تاغ ئېشىپ، دەريا كېچىپ، دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىدىن ئاتلاپ، خىتاي قاچاقچىلىرىغا، خىتاي ئەسكەرلىرىگە پارا بېرىپ، ئۆلە – تىرىلىشىگە قارىماستىن، ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈپ بېرىدىغان قاسساپ، قاتىللارنىڭ ئالدىغا – قۇشخانىلارغا، بەس – بەستە ئېقىپ كېتىشتى. خەلقىمىزنىڭ بۇ ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۇيۇلىمىز. ئەمما بۇ بىر رېئاللىق. نېمە ئۈچۈن 83 يىلدىمۇ، قانچە ئەۋلات نەسىل ئالماشقاندىن كېيىنمۇ، مىللىتىمىزنىڭ ساپاسىدا يۈكسىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەش بولمىدى؟ – بۇ يەردىكى جاۋاپكارلىق ئەلۋەتتە مىللىتىمىزنى شۇنداق قالاق ھالدا تۇتۇپ تۇرغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدە. ئىنسانى ئادالەتتىن قىلچىمۇ نەسىۋىسى بولمىغان، ئىنسانچە ئويلاشتىن مەھرۇم خىتاي مىللىتى ۋە ھۆكۈمرانلىرى، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم يۈرگۈزۈپ، مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاڭ، تەپەككۇرىنى، ساپاسىنى تۇرمۇزلاپ بىر ئىزىدا توختىتىپ، ئۆزلىرى تەرەققى قىلىپ، ئىلگىرىلەپ، دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى پىلان قىلغان بولسا، دۆلەت ئىچىدە  ئاق سۈڭەك، ھۆكۈمران مىللەت تەبىقىسىنى سۈنئى ھالدا شەكىللەندۈرمەكچى ھەم بۇ رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بولدى. خىتاي زوراۋانلىرى، ۋەتەندىكى چارىسىز خەلقىمىزنى زورلۇق ۋە زۇلۇم ئارقىلىق ئەقىل- تەپەككۇر جەھەتتىن  يوقسۇللاشتۇرۇپ، سىياسى ئاڭ، چۈشەنچىدىن مەھرۇم ھالغا چۈشۈرۈپ، 83 يىل ئاۋالقىدىن پەرقسىز بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇمدۇر. ئەمما 83 يىل ئاۋالقى ئەبگاھ، قالاق، قىتغۇر، قۇل مىجەز، كالۋا، قورقۇنچاق، ئۈمىتسىز، ئاڭسىز، ساۋاتسىز، دۆلىتىنى، ۋەتىنىنى، مىللىتىنى تونىمايدىغان، ساتقۇن، مۇناپىق خىتاينى ئاممىۋى شەكىلدە ئۇچرىتىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. 83 يىل بۇرۇنقى خىتايلارغا ھازىرقى خىتايلارنى سېلىشتۇرسا، خۇددى تاغ بىلەن چۈمۈلىنى سېلىشتۇرغاندەك پەرق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنى ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى پەرق قانچىلىك چوڭ  بولغىنىدەك، كونا خىتايلار بىلەن يېڭى خىتايلار ئارىسىدىمۇ شۇنچىلىك چوڭ پەرق بارلىققا كەلدى . ئەمما كونا ئۇيغۇرلار بىلەن يېڭى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆرسەتكىدەك پەرقنىڭ بولمىغانلىقى، بۇ تېمىدىكى نېگىزلىك مەسىلىدۇر.

ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈستىدە شۇنچىلىك توختالساق يېتەر. لېكىن تېخىمۇ بەتتەر بولىۋاتقىنى ئەركىن دۇنيادىكى، سەپنىڭ ئالدىدا، دەۋا بايرىقىنى ئىگىز كۆتىرىپ: خوجا ئاكاڭغا يېقىن كەلمە! – دەپ، نوچىلىق قىلىشىۋاتقانلار، ئۆزلىرىنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىنى، خىتايلار تەرىپىدىن قاچان تۇرمۇزلىنىپ قالغانلىقلىرىنىمۇ بىلگىدەك ۋەزىيەتتە ئەمەسلىكى، مەنسەپ، ئورۇن تالىشىشتىن باشقىنى ئەقلىگە يېقىن يولاتمايدىغان ئاتالمىش سىياسى دەۋاگەرلەرنىڭ، سىياسەتتىن ساۋاتسىزلىقى بەك ئېچىنىشلىق بولىۋاتىدۇ. غەرپتە ۋەتەن دەۋاسى قىلىۋاتقان رەھبەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپنچىسى دېگىدەك سىياسى ئاڭ، سىياسى تەپەككۇردىن خالى، ئەمما يامان يېرى « سىياسى دەۋا » قىلىۋاتقانلىقىدۇر.

سوۋېت ئىتتىپاقى تولۇق پارچىلانغاندىن كېيىنلا باشلانغان « ۋەتەن دەۋاسىنى دۇنياغا- غەرپكە ئاڭلىتىمىز!» دېگەن شوئارغىمۇ چارەك ئەسىر بولۇپ كەتتى. ئادەم ئۆزى بىلمىگەن، ئۆزى چۈشەنمىگەن ئۇقۇمنى ۋە ياكى نەرسىنى باشقا بىرىگە قانداق ۋە قايسى شەكىلدە، قايسى ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ ئۇلار مۇشۇ 25 يىللىق « دەۋا » جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى دۇنيا ئەھلىگە قانداق چۈشەندۈرگەندۇر؟

بىزنىڭ ئوبرازىمىز قانداق ئىكەنلىكى، مەقسەت، نىشانىمىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ تەسۋىرلەپ بەرگىنى بويىچە، دۇنيا ئەھلىنىڭ نەزىرىدە يەرلىشىپ بولدى. رەئىس، يېرىم لىدەر ۋە « خۇدايىم بەرگەن»، « بىزنى دۇنياغا تونۇتقان» لىدەرلەرنىڭ ئۈستىمىزدە نېمىلەرنى دەپ بولغانلىقى توغرىسىدا ئىككى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمەن.

بىرىنچى مىسال، 1998. يىلى 19 . ئاپىرىل مىيونخىندىكى دەرنەك ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى چاقىرىق قىلىپ، « مەشھۇر خىتاي دېموكراتىك زاتلىرىنىڭ پېشىۋاسى » نىڭ  ئۇيغۇرلارنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقى، ئىمكان بار بىرمۇ ئۇيغۇر قالماي، ھەممەيلەننىڭ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. دېيىلگەن كۈنى دەرنەكنىڭ زالىغا بېرى – يوقى ئەللىك، ئاتمىشچە ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك تەق بولىدۇ. داڭلىق مېھمانمۇ «قەدەم تەشرىپ » قىلىدۇ. ساھىپخان باشلىقلاردىن بىرى ئەدەپ، ئېھتىرام بىلەن « مەشھۇر دېموكراتىك زات» نى تونۇشتۇرغاچ : جانابىڭىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى ئۇزۇندىن بېرى كۈتتۇق. بىزنى شەرەپلەندۈردىڭىز. سىز خىتايدىكى كومۇنىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى ئىدارىڭىز ئاستىغا ئالغاندا، دېموكراتىك پرىنسىپ بويىچە، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىڭىزدىن، مۇشۇ سورۇندىكى قېرىنداشلارغا خۇش بىشارەت بېرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن- دەپ، تەكەللۇپ ئىچىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىدۇ. مېھمان سۆزنى ئەگىتىپ ئولتۇرماستىن، ئۇدۇل نەق گەپتىن باشلايدۇ:
جۇڭگودا كومۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ زۇلمىنى چېكىۋاتقانلار يالغۇز « شىنجاڭلىق » ئەمەس. بەلكى بىر مىلىيارتتىن ئارتۇق پۈتۈن جۇڭگو خەلقى ئازاپلىنىۋاتىدۇ. ئويلايمەنكى بىز ئورتاق دۈشمىنىمىز بولغان كومىنىستىك ھاكىمىيەتكە ئورتاق قارشى تۇرساق، بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق دۆلىتىمىز دېموكراتىيەگە ئۆتسە، پۈتۈن جۇڭگولۇقنىڭ دەردى تۈگەيدۇ. « شىنجاڭلىق» نىڭمۇ ئايرىم بىر دەردى قالمايدۇ. يەنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش- دەيدىغان بىر گەپمۇ قالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز، دېموكراتىك پرىنسىپقا ئۆزىمىز بويسۇنىشىمىز شەرت. شۇنداق بولغان ئىكەن، مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسىدىن ئۆتمىگەن نەرسە ئۈستىدە دىكتاتورلارچە بېسىم ئىشلىتەلمەيمەن. يەنى « شىنجاڭلىق» نىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار- دەپ قويسام، بۇ مېنىڭ جۇڭگوخەلقىگە خىيانەت قىلغانلىقىم بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق بىر كۈن كېلىپ قالسا، بۇنى جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللى ئىرادىسى بەلگىلەيدۇ. ھەرگىزمۇ بۇ يەردە ئولتۇرغان سىلەر بىلەن مەن بەلگىلەيدىغان ئىش ئەمەس. مېنىڭ بىلىشىمچە « شىنجاڭلىق » نىڭمۇ چوڭ ئائىلىدىن ئۆي ئايرىپ چىقىپ كېتىدىغان نىيتى يوق. مېنىڭ ئاكام، يەنى سىلەرنىڭ لىدەرىڭلار… ئەپەندىنىڭ ماڭا چۈشەندۈرۈشلىرىمۇ شۇنداق ئىدى. سىلەر بىلىسىلەر، جۇڭگولۇقنىڭ مۇنداق بىر ئادىتىمىز بار: چىڭ كۆڭلىدىن ئەقىدە، ئىشەنچ باغلىغان دوستلار ئەھدىلىشىپ، بىر بىرىنى ئاكا- ئۇكا تۇتىشىدۇ. مەن چەتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي لىدەرىڭلار مېنى يوقلاپ كەلگەن ئىدى . بىز شۇنچىلىك تېزلا سىردىشىپ قالدۇق- دە، ئادەت بويىچە ئاكا- ئۇكا تۇتۇشتۇق. شۇ چاغدا ئاكام « شىنجاڭلىق» توغرىسىدا كۆپ مەلۇمات بەرگەن ئىدى. ئۇ يەردىكى كومۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ زۇلمى ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەن. ھەتتا كومۇنىستلار 1956. يىلى ئۆزلىرى بەرگەن ئاپتونومىيەلىك قانۇن، تۈزۈمنىمۇ ئىجىرا قىلماي، ئېغىر بوزەك قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن دەۋارىمىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا، بولۇپمۇ غەرپ ئەللىرىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن، خەق چۈشەنمەيدىغان گەپلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى كومۇنىستلار ئۆزى بېرىپ، يەنە ئۆزلىرى تارتىۋالغان ھەققىمىز توغرىسىدا گەپ قىلساق، تېخىمۇ تېز ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز. مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانساڭلار، كومۇنىست خىتايلارمۇ خەلقئارا سەھنىلەردە سىلەرنى بۆلگۈنچى- دەپ، ئەيىپلىيەلمەيدۇ. دەۋارىڭلارنى دۇنيا سەھنىسىگە تېزراق چىقىرايلى دېسەڭلار، سىياسى مەنتىقە بويىچە ئىش قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن….

شۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇيغۇرچە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا « كومۇنىست خىتايلار ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ، 56. يىلى ئۆزى بەرگەن ئاپتونومىيە قانۇن ۋە تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلمىدى…» – دېگەندەك مەزمۇنلار يېزىلىشقا باشلىدى. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندە،( 2002. يىلى ئاۋغۇست) شۇ چاغدىكى خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مىللى قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارى گېرمانىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ، « ۋەتەن دەۋاسى قىلغاچ» ئويناپ كېلىش سەپىرىدە، رۇس جورنالىست بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، مۇنداق سۆھبەتتە بولىدۇ.

جورنالىست: خىتايلار سىلەرنى سېپاراتىست – دەپ، ئەيىپلەۋاتىدۇ. سىز نېمە دېگەن بولارئىدىڭىز؟
مۇئاۋىن باشلىق : بىز، خىتايلار تۆھمەت قىلغاندەك، سېپاراتىست ئەمەس. ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانى ھەقلىرىمىزنى قوغداۋاتىمىز.
ج : ئۇياقتىكى ئۇيغۇر تېررورىستلىرى توغرىسىدا نېمە دېگەن بولاتتىڭىز؟
م. ب : ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا مەدەنىيەتلىك بىر خەلق. ئۇلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئادىتى يوق. زۇلۇم چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، بەزى بىر قوپال ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلانسا كېرەك.
ج : ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ياخشى سىياسەت يۈرگۈزسە، ئۇيغۇرلار تېررورچىلىق، ياكى سېپاراتىست ھەرىكەتلەرنى قىلمايتتى دېمەكچىمۇ سىز؟
م .  ب : ئەلۋەتتە شۇنداق. تىنچ- ئامان ياشاشنى خالىمايدىغان كىم بار.
ج: سۆزىڭىزدىن قارىغاندا، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتسا كېرەك. ئەگەر ئۇلار سىياسەتنى بىر ئاز ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارغىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بەرسە، ئۇياقتىكىلەر تىنچ ياشايتتى دېمەكچىغۇ سىز.
م . ب: بىز كومۇنىست خىتايلارغا ئىشەنچ قىلالمايمىز. ئۇلار ھېچقاچان ۋەدىسىدە تۇرۇپ باققان ئەمەس. مەسىلەن، 1956 . يىلى كومۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە ئاپتونومىيە بەرگەن. لېكىن ۋەدىسىدە تۇرماي، ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنىغا ئەمەل قىلماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ.
ج: سۆزىڭىزدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارغا 56. يىلىدىكىدەك بىر ئاپتونومىيەلىك تۈزۈمنى قايتا بەرسە، سېپاراتىست ، ياكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ئىدىيىسى ئاخىرلىشامدۇ؟
م . ب : مەن كېسىپلا ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس. ھەر ئىشنىڭ بىر ۋاقتى بولىدۇ.
جورنالىست: خىتايلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار باشقا ياقتىن كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن.  شۇڭا ئۇيەرنى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە قىلىپ بەرسە بولمايدىكەن. سىز نېمە دېگەن بولاتتىڭىز؟
مۇئاۋىن  باشلىق : خىتاي نېمە دېسە، شۇ توغرا بولىۋەرمەيدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا بىرلا مىللەت ياشايدىغان دۆلەت، ياكى تۇپراق يوق. ئىنسانلار ئۆز- ئارا سىڭىشىپ، ئاسسمىلاتسىيە بولۇپ مىللەت شەكىللىنىدۇ. مەنمۇ قانچە مىڭ يىلدىن بۇيان تەڭرى تاغ ئېتەكلىرىدە ياشاپ كەلگەن، قەدىمى بىر قەبىلىدىن بولىمەن. لېكىن مەن ئۆزەمنى ئۇيغۇر- دەپ ھېس قىلىمەن…..

سۆھبەت شۇنداق داۋاملاشقان ئىكەن. بىراق جورنالىست، مۇخبىر دېگەن خەق شەيتاننى ئازدۇرىدىغان، قۇۋ، ھىلىگەر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىستىخباراتقا، ھۆكۈمەتكە ئىشلەيدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس. مەزكۇر سۆبەتنى ئېلىپ بارغان رۇس جورنالىست رۇسچە گېزىت، جورناللاردا : « ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدۇ » – دېگەندەك ئىبارىلەرنى يازىدۇ. مەيلى رۇسىيە، مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تېررورىست – دېگەندىن باشقا نەرسە يېزىلمايتتى. بۇ قېتىم : « ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدۇ » – دېگەندەك تېمىلاردا، بەس- بەستە سايرىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىلچى ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلار مىللى قۇرۇلتايغا سوغاق قارايدىغان، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنى مۇناپىقلار- دەپ، ئاتايدىغان ئەھۋاللارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. تورلاردا تەنقىت، ھاقارەتلەر يېغىپ كەتتى. بۇغۇ ئىچكى ئىشلار. يامان يېرى، رۇس مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل قىلىنغان، ئۇيغۇرلارغا تېڭىلغان خاتا ئىرادە ئۆزلۈكسىز ئومۇملاشقىلى تۇردى .  رەھبەرلەرمۇ، يېرىم داھىلارمۇ، كېيىنچە « خۇدايىم يەتكۈزۈپ بەرگەن پۈتۈن داھى » مۇ، گۆھەر تېپىۋېلىشقاندەك، خىتاي 56 . يىلى  بەرگەن ئاپتونومىيەنى تارتىۋالدى. كومۇنىست خىتايلار ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ. خەلقىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلدى- دەپ، ھەرقانداق يەردە شۇنداق شىكايەت قىلىشنى سىياسى دەۋاغا ئايلاندۇرىۋېلىشتى. بىرەر مۇخبىر مىكروفوننى تەڭلەپ گەپ سورىغان ھامان، دەيدىغان گەپلىرىنىڭ نۇقتىلىق مەركىزى « كومۇنىست خىتاي 56. يىلى ئۆزى بەرگەن ئاپتونومىيەلىك ھەقلىرىمىزنى ئۆزى تارتىۋېلىپ، خەلقىمىزنى ئازاپلاۋاتىدۇ» – دېگەن بىرلا مەزمۇن بولۇپ قالدى. ئامېرىكا سۆزلەڭ-دەپ، ئاق ساراينى ئېچىپ بەرسىمۇ، كوڭگرېسسنى ئېچىپ بەرسىمۇ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى پارلامېنت مۇنبىرىنى بەرسىمۇ، « ب د ت » خەلقئارا مۇنبەرنى بەرسىمۇ، سۆزلەيدىغانلىرىنىڭ مەركىزىدە، دېموكراتچى خىتاي دىپلوماتلىرى ئۆگىتىپ قويغان شۇگەپ. ئۇزۇن يىل ھەم رەسمى شەكىلدە داۋاملاشقان مەزكۇر دەۋا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداقتۇر مۇستەقىللىق مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى « خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى» شەكلىدە دۇنياغا تونۇتتى.    ھېچبىر ئۇيغۇر بۇنداق تونۇلۇپ كېتىشنى خالىمايتتى. ھەتتا قارشى ئىدى.

ئەمدى 56. يىلى  خىتاي بەرگەن ئاپتونومىيەنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. 56 . يىلى خىتاي ئاپتونومىيەنى بېرىپ، قولىمىزدىكى بايلىقنى تارتىۋالغان. شەرقى تۈركىستان مىللى ئارمىيەسىدىن قالغان قوراللارنى تارتىۋالغان، يەر – مۈلكىمىزنى مۇسادىرە قىلغان. ئەرلەردىن ساقال، بۇرۇتنى، ئاياللاردىن ئۇزۇن چاچنى تارتىۋالغان. ئەر- ئايال، قېرى- ياش ھەممە ئۇيغۇر ئوخشاش پاسوندا، كۈلرەڭ، خىتايچە كىيىم كىيەتتى. ھەممە ئۇيغۇر بېشىغا ماۋزىدوڭچە نېشىرەڭ شەپكە كىيەتتى. مەسچىتلەر چېقىۋېتىلگەن، تۇڭگۇز قوتىنى قىلىۋېتىلگەن، مەدىرىسلەر ھاراقخانا، قارى قۇرئانلار ھاراق ساتىدىغان، ئۆلىمالار، زىيالىلار ئاممىۋى ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن، زىندانغا تاشلانغان، ناماز، روزا چەكلەنگەن، چەتئەلدە تۇققانلىرى بارلار، چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر- دەپ قالپاق كەيگەن، خوتۇنى ئېرىگە، بالىسى دادىسىغا قارشى پايلاقچى، چېقىمچى قىلىۋېتىلگەن، كىشىلەر ئاممىۋى شەكىلدە دىندىن چىقىرىلغان، تىل- يېزىق چەكلەنگەن، قۇرئان كىتاپلار  ئەخلەتكە تاشلانغان، كۆيدۈرۈلگەن، بىر دانە قۇرئاننى يوشۇرۇن ساقلىغان كىشى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغان، پۈتۈن بىر مىللەت تولۇق دەپسەندە قىلىنغان، شۇنداق بىر ۋەھشى ئاپتونومىيەنى بەرگەن ئىدى. بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى، مىيونخىندىكى دەرنەكتە، دېموكراتىك خىتاي ئاكىسى 56. يىلىدىكى ئاپتونومىيەنى تەلەپ قىلىشنى ئۆگىتىپ قويغان چاغدا، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ئىدى؟ سىياسەتتىن قىلچە ساۋادى بولمىغان ئەمما ئاتالمىش « سىياسى دەۋاگەر» لىرىمىز، خەلقئارا سورۇن ۋە مۇنبەرلەردە 20 يىل شۇ ئاپتونومىيەنىڭ دەۋاسىنى قىلغاندىن كېيىنكى، يەنى بۈگۈنكى ۋەتەننىڭ ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟

ۋەتىنىمىزدە 56. يىللىرى ئاپتونومىيە سىياسىتى ئاستىدا، قانداق جازا ئىجىرا قىلىنغانلىقىدىن مەلۇماتلىق ھەر بىر ئۇيغۇر، شۇنى ھېس قىلىدۇكى، خىتاي پاشىستلىرى ۋەتىنىمىزدە ، 56. يىللىرىدىكى قانلىق باستۇرۇش، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئىرقى تازىلاش قاتارلىق زورلۇق تۈزۈملىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. ھازىر زىيالىلار، ئۆلىمالار، دىنى ئەقىدىسى ساغلام بارلىق پۇقرالار، مىللى ھېسسىياتى، غۇرورى بارلار ئاممىۋى تۈردە جازالىنىۋاتىدۇ. قورال تۇرماق ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان پالتا پىچاقلارمۇ مۇسادىرە قىلىنىۋاتىدۇ. خىتايلار 56. يىلىدىكى ۋەھشى تۈزۈمنى تولۇق قايتۇرۇپ بەردى. ئەمدى ئاقنانچى دەۋاگەرلىرىمىزنىڭ شىكايەت قىلىشىغىمۇ، تۈگىمەس يېڭىلىق قېتىلدى.

بۇلارغا قايسى تەرەپتىن قارىسىمۇ يېتىشمەيۋاتقان نەرسە، ئەقىل- تەپەككۇر، سىياسى ئاڭ ئىكەنلىكى تەكرار ئىسپاتنىلىپ تۇرۇپتۇ. ھەتتا قوپال ۋە ئەمەلىيەتنى ئېيتقاندا، سىياسى ساۋاتتىنمۇ يوقسۇل ئىكەنلىكىگە گۇۋاچى بولۇپ كەلدۇق. ئەگەر داھىلارنىڭ ئۈستىدىن باشقىچە گۇمان قىلمايلى- دېسەك، ئۇچاغدا ئۇلارنىڭ سىياسى جەھەتتىن تولۇق ساۋاتسىز، ئەقىل جەھەتتىن يېرىم مەجروھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئىككىنچى مىسال : « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز!» – دېگەن، ئېنىقلىمىسى يوق بىر شوئار بولۇپ، بۇ شوئارمۇ دەسلەپتە يەنە شۇ دېموكراتىك خىتايلار تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان ئىدى. يەنى 1999. يىلى ئىيۇن ئايلىرىدا، گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە « تىبەت ئەركىنلىك كونفرانسى » نامىدا بىر ئۈستى ئوچۇق يىغىن چاقىرىلىدۇ. بۇ يىغىنغا مىيونخىندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىق ۋە ئاكتىپلىرى، بەزى ئۇلۇقلار، ئاتالمىش خىتاي دېموكرات ۋەكىللىرى، ئۇنىڭدىن باشقا ياۋرۇپادىكى نوپۇزلۇق تەشكىلات  ۋەكىللىرى، مۇخبىر، جورنالىست، داڭلىق سىياسى ئانالىزچىلار، مېھمانلار، تىبەتلىكنى ھىمايە قىلغۇچى غەرپ تەشكىلات پائالىيەتچىلىرى بولۇپ، قانچە يۈزلىگەن مۇھىم كىشىلەرمۇ قاتناشقان ئىكەن. مۇشۇ يىغىن جەريانىدىكى ئايرىم سۆھبەتلەردە، ئاتالمىش بەزى بىر  خىتاي دېموكراتلىرى بىزنىڭ « سىياسى دەۋاگەر» لىرىمىزگە مۇنداق دەرس بېرىپ قويۇپتۇ: سىلەر « شىنجاڭلىقلار، شەرقى تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىمىز »- دەپ، سۆزلەپ يۈرىدىكەنسىلەر. بۇ خەلقئارادا ئاقمايدىغان تەلەپ. چۈنكى بىر يەرنى بىر دۆلەتتىن بۆلۈپ چىقىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرىمىز- دېگەن گەپ، شۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىمىز، تۇپرىقىنى پارچىلايمىز دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئاقمايدىغان دەۋا. بىراق سىلەرنىڭ دەۋارىڭلار ھەقلىق تۇرۇپ، ھەقسىز كۆرۈنۈپ قېلىۋاتقىنىڭلارغا بىز سۈكۈت قىلالمايمىز. شۇڭا ئۆز- ئارا ھەمكارلىشايلى – دېدۇق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 1949. يىلى سىلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىڭلارنى ئاغدۇرۇپ، جۇڭگو كومۇنىست پارتىيىسى بېسىۋاپتۇ. يەنى سىلەرنىڭ ئەسلىدىنلا مۇستەقىل دۆلىتىڭلار بولغان. ئەمدىكى قىلىدىغان دەۋارىڭلار قانداقتۇر بىر يەرنى مۇستەقىل قىلىش ئەمەس، بەلكى ئاشۇ كومۇنىستلار ئاغدۇرۇپ يوقىتىۋەتكەن دۆلىتىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولىشى كېرەك. بۇنى چەتئەلدىكى ھەربىر «شىنجاڭلىق» ياخشى بىلىۋېلىشى لازىم ….

بۇ دەرس ئۆتۈلۈپ، ئارىدىن بىر يىلچە ئۆتكەندە، 2000. يىلى ئۆكتەبىر، ئىستونىيەدە شۇ چاغدىكى ياشلار قۇرۇلتېيىنىڭ ئومۇمى سايلام يىغىنى چاقىرىلىدۇ. بۇ يىغىنغا ئاتالمىش دېموكراتىك خىتايلار بىرقانچە ۋەكىل قاتناشتۇرغان بولۇپ، ھېلىقى دەرسنى قايتىلاپ سۆزلەپ، (ئۆزى چوڭ بولۇپ قالغانلار بولسىمۇ، نامى، بەلكى ئەقلى ياش پېتى قالغان) « دەۋاگەرلەر» گە ئىزىپ، ئىچۈرۈپ قويىدۇ ۋە تولۇق ھەمكارلىشىدىغان بولۇپ ئەھدىلىشىدۇ.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ساپاسىز دەۋاگەرلەر كۆتىرىپ يۈرۈشى ئۈچۈن « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز!» دەيدىغان، يەنە بىر  سىياسى شوئار قېتىلدى.

ئۆزى ماغدۇرسىز بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزىدىغان تەشۋىقاتى، ئېنىق ئېيتقاندا ئاخبارات سەھىپىلىرى كۆركەم، رەڭلىك بولغاچقا، بۇ سەھىپىلەردە يۇقىرىقىدەك (خىتاي كومۇنىستلىرى 56 . يىلى ئۆزلىرى بەرگەن ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقىمىزنىمۇ تارتىۋالدى، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز! دېگەندەك ) خىتاي دىپلومات خادىملىرى ئۆگىتىپ قويغان شوئارلار ئايىقى ئۈزۈلمەي تەكرارلىنىپ تۇرغاچقا، چەتئەللەردىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئۈلگە ئېلىپ، سىياسەتتىن ساۋات چىقىرىشسا، ۋەتەندىن يېڭى چىقىپ، تەشكىلى سەپكە قېتىلىۋاتقان ۋە ئۆزلىرى تەشكىللىنىپ، رەئىس، باشلىق بولىۋاتقانلارمۇ، ئۆزلىرىنىڭ دەۋا- دەستۇرىغا ئايلاندۇرىۋېلىشتى. خىتايلار ئاغزىغا نېمىنى سېلىپ قويسا، ئۇ زەھەرمۇ، ياكى نىجاسەتمۇ ئەسلا ئىلغا قىلماي ھەم ئاغزىدىن چۈشۈرمەي شۈمۈپ يۈرىدىغان « دەۋاگەر» لەر: بۇرۇن مۇستەقىل بولۇپ باقمىغانلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇستەقىل بولۇش ھەققى بولمايدۇ- دېگەن شۇنداق بىر مۇتىھەم سىياسەت، دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە باردۇر – دەپ، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئويلاپ باقمىغانمىدۇر؟ خىتايلار مۇشۇ دەرسنى ئۇلارغا ئۆگىتىپ قويىۋاتقان كۈنلەردە، كوسوۋا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىۋاتاتتىغۇ. شەرقى تېمور مۇستەقىللىق ئېلان قىلىۋاتاتتىغۇ. بۇرۇن مۇستەقىل بولۇپ باقمىغانلارنىڭ، ئەمدى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ھەققى يوق- دېگەندەك، خىتاي تۇتقۇزۇپ قويغان دەستۇرنىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى، خەلقئارا مىللى سىياسەتتىن، خەلقئارا مىللى مۇناسىۋەتلەردىن، ھەتتا ئادەتتىكى سىياسى ساۋاتتىن قىلچە مەلۇماتى بولمىغان بىزنىڭ سىياسى دەۋاگەرلىرىمىزنىڭ، خىتاي ئۆگىتىپ قويغان ھېلىقى گەپ، پايدىلىقمۇ ياكى  زىيانلىقمۇ؟ بۇنى ئويلىغىدەك ئەقىل، مەنتىقىدىن ھەم نەسىۋىسى بولمىسا كېرەك.

ماقۇل، ئۇلارنىڭ خىتاي ئۇستىلىرى ئېيتقاندەك، دۇنيادا شۇنداق بىر مۇتىھەم قائىدە بار- دەپمۇ تۇرايلى. شۇ قائىدىگە ئۇيغۇنلاشتۇقمۇ دەيلى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە  شۇ قائىدە بويىچە دەۋارىمىز ئېقىپ « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىختىكى مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدىغانلار » قازى بولۇپ دەۋا سوراپ قالسا، قايسى جۇمھۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ 33. يىلى قۇرۇلغان قەشقەر جۇمھۇرىيىتىنىمۇ؟ ياكى 44. يىلى قۇرۇلغان ئىلى جۇمھۇرىيىتىنىمۇ؟ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان پۈتۈن تېررېتورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۇپراق پۈتۈنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان « شەرقى تۈركىستان جقۇمھۇرىيىتى» نامىدا بىر دۆلەت قۇرۇلۇپ باققانمۇ؟ شۇ نامدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى، خەلقئارادا قايسى دۆلەت قوبۇل قىلغان؟ – شۇ چاغدا ئون يىل ئىچىدە ئارقا ئارقىدىن قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق ھۆكۈمەتنىڭ، شۇ چاغدىكى قانۇنى رەئىسى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەنلىكى خىتاي دۆلەت ئارخىپىدىمۇ، ھەم شۇ چاغدا ئارىچى بولغان سوۋېت ھۆكۈمىتى ئارخىپىدىمۇ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇ دېموكراتچى خىتايلار ھەم ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا تېخىمۇ ئاقمايدىغان ساختا دەۋادىن بىرنى، بىزنىڭ ساۋاتسىز سىياسەتچىلىرىمىزگە ئەپلىك ئۇسۇل بىلەن تەلىم بېرىپ قويغان ئىدى. بۇ ساختا دەۋانىڭ زىيانلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ خېلە ئېغىر بولىشى مۇمكىن. « شەرقى تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىمىز» – دېگەن سىياسى ئاتالغۇنىڭ مەنىسى- بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېررېتورىيەسىنى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن تولۇق،
پۈتۈن ئازات قىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرىمىز- دېگەن، كەسكىن، ئېنىق، مۇرەسسەسىز، سىياسى ئۇقۇمدۇر. بۇنى ھەرقانداق چەتئەللىكلەر، سىياسەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار، سىياسى مۇتەخەسسىسلەر ھەم شۇنداق چۈشىنىدۇ.   ئەگەر « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز» – دېگەندە، بۇ سۆزنىڭ ئېنىقلىمىسى ئەلۋەتتە تارىخقا قايتىدۇ. ئۇنى ھازىرقى مەۋجۇت تۇپراقتىن ئەمەس، بەلكى ئارخىپتىن ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ. تارىخى ئارخىپلاردىن چىقىدۇ- دېگەندىمۇ « تېررېتورىيەسى بىرلىككە كەلمىگەن، مەلۇم تەۋەلىكتە ۋاقىتلىق قۇرۇلۇپ، ئۆتكۈنچى شەكىلدە ئىش بېجىرىپ، قانۇنلۇق ھالدا تارقىلىپ كەتكەن ھۆكۈمەتلەر » – دېگەن ھۆججەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى بىرىنچى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى توغرىسىدا، شۇ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق رەئىسى بولغان خوجانىياز ھاجى، 1934. يىلى 12. ئاپىرىلدا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدەك ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى توغرىسىدىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ چاغدىكى قانۇنلۇق رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى 1946. يىلى 12. ئىيۇل، ھۆكۈمەت تارقىلىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىۋىگە قېتىلغانلىقىنى – ئېلان قىلغان ئىدى.

ھەر ئىككىلا ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق رەئىسى، شۇ چاغدىكى « شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت» كە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، مۇستەقىل ھۆكۈمەتنىڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكىگە قول قويۇشقان ئىكەن. بۇ تارىخى ئارخىپنى بىلگەچكە، خىتاي دېموكراتلىرى بىزنىڭ سىياسەتتىن قىلچىمۇ نەسىۋىسى بولمىغان، ئاتالمىش « سىياسى دەۋاگەرلىرىمىز» نى يىتىلەپ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەش ئىدىيىسىنى كونترول قىلماقتا.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتايلار ۋەتەن ئىچىدە ئەقلىمىزنى، تەپەككۇرىمىزنى، سىياسى ئاڭ، سىياسى چۈشەنچىمىزنى كونترول قىلىشى تەبى ئەھۋال. ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىدەك باشقا تاللاش يولىمىز، ئىمكانىمىز يوق. ئەمما چەتئەلدە خىتاينىڭ كونتروللىقىغا چۈشۈپ قېلىشنى قايسى يوشۇرۇن كۈچ بەلگىلەپ مېڭىۋاتىدۇ؟ ئەركىن دۇنيادا، خالىغانچە ئۆگىنىش، سەۋىيەنى تولۇقلاش، يېڭىلاش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپمۇ، نېمىشقا 83 يىل بۇرۇنقى قالاق، تەپەككۇرسىز ھالەتتە تۇرمۇزلىنىپ قالدى؟ چەتئەلدە ئەركىن ياشاپ تۇرۇپمۇ، خىتاينىڭ ئەقلى ۋە سىياسى جەھەتتىن كونترول قىلىشىدىن، خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ مېڭىشىدىن قۇتۇلۇش نېمىشقا مۇمكىن بولماي قالدى؟

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار چارەك ئەسىر مېھنەت سىڭدۈرۈپ، بۈگۈنكى ھالغا ئېلىپ كەلگەن، پۈتۈن دۇنياغا « ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق، ئەڭ ئالى ۋەكىللىك تەشكىلاتى» – دەپ، تونۇلغان ۋە شۇنداق ئېتىراپ قىلىنغان قۇرۇلتاينىمۇ، خىتايلار ئىچىدىن قول تىقىپ، كونترول ئاستىغا ئېلىۋالغانلىقىنى ۋە ئىچىدىن قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھە دېسىلا كىرزىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى 14. ئاۋغۇست، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە ئوچۇق بايان قىلدى. دېمەك، چەتئەللەردىكى سىياسي دەۋاگەرلىرىمىزنى، خىتايلار ياكى يوشۇرۇن ھالدا، ياكى ئاشكارا ھالدا كونترول قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ، خىتاي مىللىتىنىڭ مىللى مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن يېتەكلەۋاتقانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغاب بىر ئەمەلىيەتتۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئۆزىنىڭ دەردى- دەپ بىلىدىغان، مىللەتنىڭ دەردىگە خالىس دەرمان بولۇشنى خالايدىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ پاك، كىرسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالايدىغان، ھارام بىلەن ھالالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگراغا رىئايە قىلىپ، ھالالغا قانائەت قىلىپ، ھارامدىن يىراق قاچىدىغان، دىيانەتلىك، سىياسى تەپەككۇرى، سىياسى ئاڭ، سىياسى چۈشەنچىسى يېتەرلىك، پىداكار ئەزىمەتلەرنىڭ ئالدىنقى سەپكە ئۆتىشى ۋە چەتئەللەردىمۇ خىتاينىڭ ئاسارىتىگە چۈشۈپ قالغان « ۋەتەن دەۋاسى» نى بىر توپ ئاقنانچى، پارازىتلارنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ، ئالدى بىلەن ھەقىقى لاياقەتلىك سىياسى ئېقىمنى تەشكىل قىلىشى لازىم. بۇ دەۋانى سىياسەتتىن ساۋادى يوق، دىن- دىيانەتتىن نەسىۋىسىنى تاپالمىغان، ھىلىگەر، كاززاپ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان، قەسىمىدە تۇرالمايدىغان، ئاچكۆز، نامەرت، خۇسۇمەتچى، كۈندىلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللى مەنپەئەتنى سېتىۋاتىدىغان بىر توپ نائەھلىلەردىن قۇتقۇزۇپ، ھەقىقى ۋەتەن دەۋاسى ھالىغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ۋاقىت ئۆتۈپ كەتمىدى. توغرا يولغا قەدەم باسقان دەقىقىنىڭ ئۆزى ۋە خاتالىقتىن يانغان پەيتنىڭ ئۆزى غەلبىنىڭ تۇنجا قەدىمىدۇر. بۇ قەدەمنى بىرلىكتە باسىدىغان ھەقىقى دوستلارنى كۈتىمىز!

ئابدۇرەھىمجان ئابدۇرەشىد
14.08.2017

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …