ئىلھام توختىغا 《ۋايىمار ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى》بېرىلىدۇ

IMG_4899

ئالىم، تەتقىقاتچى، سىياسى مەھبۇس ئىلھام توختى ئەپەندىگە، مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى، گېرمانىيەنىڭ ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، 《ۋايمار ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى》 بېرىشنى  قارار قىلدى.

《ۋايمار ئىنساب ھەقلىرى مۇكاپاتى》

1995. يىلى تەسىس قىلىنغان ۋە شۇنىڭدىن بېرى ھەر يىلى تەقدىم قىلىنىپ كېلىۋاتقان مۇكاپات بولۇپ، بۇ مۇكاپات ئاساسەن ئۇرۇش زەخمىدارلىرىغا، ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە مىللى ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، جازاغا مەھكۇم بولغان پىداكارلارغا، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىيەت تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان نەتىجىلىك كىشىلەرگە بېرىلىدىغان، گېرمانىيەدىلا ئەمەس، پۈتۈن ياۋرۇپا مىقياسىدا ئىناۋتلىك مۇكاپاتلارنىڭ بىرىدۇر.

《ۋەايمار ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى》ئۇيغۇر ئالىمى، پروفېسسور ئىلھام توختى ئەپەندىگە لايىق كۆرۈلۈشى، ئۇنىڭ ئۆزىنى پىدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن، ھېچ بولمىغاندا  خىتاي پۇقرالىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدە ياشاش ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى ھەم شۇ ۋەجىدىن، تۈرمە ئازابى تارتىۋاتقانلىقى ئۈچۈندۇر.

مەزكۇر مۇكاپات ئىلھام توختى ئەپەندىگە، بۇ يىلقى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 10. دېكابىر تەقدىم قىلىنىدۇ.

https://thib24.de/50459/ilham-tohti-aus-china-erhaelt-weimarer-menschenrechtspreis-2017/

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …