دەۋا ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم

FullSizeRender
دەۋا ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم
ۋەتەن – مىللەتنىڭ دەۋاسىنى قىلىمىز- دەيدىكەنمىز، يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ پارچىلىنىشى ياكى ئۆزگۈرىشىگە تولۇق ئىشنىشىمىز لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمىزگە ۋە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ،
تاشقى ۋەزىيەتكە ئالاقىدار زۆرۈرىيەتلەرنى ئەتىراپلىق كۆزىتىپ، نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ زىيانلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بايقىشىمىز، دەۋارىمىز نۇقتىسىدىن ۋاز كېچىلمەس مەسىلىنىڭ بىرىدۇر. مەن بۇ تېمىدا مۇھىم – دەپ، قارىغان بىر قانچە نۇقتىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىشقا تىرىشتىم.

1- «خىتاينىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ۋە ئۆزىمىز توغرىسىدا »

ھازىرقى شى جىن فېڭ ھۆكۈمىتىمۇ ئۇزۇن تۇرالىسا 10 يىل تۇرالايدۇ- دەپ، تەخمىن قىلساق، خىتاينىڭ ئىقتىسادى كىرزىسى، ئىچكى جەھەتتىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى، پۇقرالار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى زىديەت، تەيۋەن ،ھوڭكوڭ ،تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ مۇستەقىل بۇلۇش ئارزۇلىرىنىڭ كۈچىيىشى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھىندىستان ، ياپونىيە، ئامېركا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشى قاتارلىق ئامىللار ۋتىنىمىزنى خىتايدىن قۇتقۇزۇپ،  مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىمىزغا پۇرسەت كېلىۋاتقانلىقنىڭ بىشارىتىدۇر. مۇستەقىل بولىمىز دەيدىكەنمىز، كەلگۈسىدە كېلىپ چىقىدىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. مەسلەن ئۇيغۇرلارنىڭ  ئوز-ئارا ئچكى زىدىيەتكە كىرىپ قېلىشى ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتلەر. ئەگەر مۇشۇنداق كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار بولغان زىدىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالمىساق، ياكى مەسىلە زورىيىپ، ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالساق، ھالىمىز سۈرىيە ،ئافغانىستان ۋە باشقا ئىچكى ئۇرۇش چىقىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھالىدىنمۇ يامان بولىشى مۇقەررەر . ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق، چېچىلىپ كەتكەن  روھى كۈچىمىزدىن باشقا نە دۆلەت باشقۇرالىغىدەك سىياسى ئىقتىدار نە قورال ياكى ئەسكىرى كۇچىمىز يوق .

ئاجىز ھالەتتە كۈچلۈك دۈشمىنىمىزگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ۋەتىنىمىزدە يىلتىز تارتىپ بولغان، باشقا يەرگە كېتىشنى خالىمايدىغان  قانداق مىللەت بولىشىدىن قەتئىنەزەر  شۇلاردىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن« ئوخشاش ياشاش ھەققى ۋە  ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرۈشتە ئورتاق كۈچ چىقىرىش مەجبۇرىيىتى»- دەيدىغان شۇئارىمىز بۇلىشى كېرەك.    شۇنداق بولغاندا خەلقئارادىمۇ قوللاشقا ئېرىشىشىمىز ۋە ئىقتىسادى ياردەم ئالالىشىمىز مۇمكىن . خۇددى تىبەتلەر ئېلىۋاتقان تۈرلۈك ياردەملەردەك.  مۇستەقىل بولۇش پۇرسەتلىرى كەلگىچە،  دەۋا سېپىمىزنى كېڭەيتىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادقا ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ.  دەۋانى يېتەكلەپ مېڭىۋاتقان ئالدىنقى سەپتىكى قوشۇنلىرىمىز ئائىلە ، شەخسى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە قالماسلىقى، ھېچ بولمىسا ئارقامدا خەلقىم بار- دەپ خەلقىدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىغا كېلىشگە ئاساس يارتىپ بېرىشىمىز كېرەك.  خەلقىمىزنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋەتىنىمىزدە ۋە چەئەتلدە ياشاۋاتقان ، زىمىنمىزدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەممە مىللەتكە ۋەتەن سۆيگۈسى، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن بەدەل تۆلەيدىغان بىر پىلان، لايھەرىمىز بولىشى لازىم. ئىقتىسادى مەسىلىمىزنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھېچ بولمىسا ئېيىغا 2- 3 يۈزمىڭ دوللەرلىك مەنبەرىمىز بولىشى كېرەك.  ۋەتىنىمىزدە ھازىرقى تېخنىك،كارخانا ئىگىلىرى ، ۋە ئىقتىساد ئىگىلىرى ئاساسى جەھەتتىن باشقا مىللەتتىن. ۋەتەن ئازات بولغاندىمۇ، زىمىنىمىزدا بايلىقىمىز بولغان بىلەن، قازىدىغانغا پىششىقلايدىغانغا ئېھتىياجىمىز تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ رېئاللىق ئاساسىدا، ھازىردىن باشلاپلا ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

2. « خەلقئارا مەسىلە ۋە ئىچكى مەسىلىمىز»

دۇنيا بويىچە قانداق دۆلەتتە بولسۇن ، سىياسى ياكى ئىجتىمائىي  تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ  شۇئارى، ئورتاق بىرلىككە كېلىشى ئىنتايىن مۇھىم. مەسلەن ۋەتەن ئازات بولماي تۇرۇپلا ، قۇرئاننى قانۇن قىلمىز- دەيدىغان دىنى ئېقىم ياكى جەمئىيەت بولسۇن، شۇنىڭدەك دىننى سىياسەتتىن ئايرىم تۇتىمىز- دەيدىغان تەشكىلاتلار بولسۇن، ئورتاق بىر پىلانىمىز بولمايتۇرۇپ، مۇستەقىللىق پۇرسەتلىرى كەلگەن تەقدىردىمۇ، مۇنتىزىم بىر ھۆكۈمەتنى تەشكىللەپ چىقالىشىمىز بەسى مۈشكۈل.  ھازىرقى رېئاللىقىمىزدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ . مەسىلەن قۇرئاننى قانۇن قىلىمىز- دەپ، جار سالساق، خەلقئارادا قايسى دۆلەت بىزنى ئېتراپ قىلىدۇ؟ دىننى سىياسەتتىن ئايرىغان دۆلەت قىلىمىز- دېسەك، دىنى ئۆلىمالىرىمىز بىلەن ۋە خەلقىمىز بىلەن توقۇنۇشقا دۇچ كېلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن  بىردىن بىر ھەل قىلىشنىڭ چارىسى، قۇرئاننى قانۇن قىلىمىز – دەپ، جار سالماي قۇرئان، ھەدىسنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ، قۇرئان ،ھەدىسكە زىت كەلمىگەن ھەرقانداق  تەشكىلات  ۋە ئورگانلارنىڭ لايىھەسىنى قوبۇل قىلىپ، ئورتاق پىلان تۈزۈپ چىقساق، ئارىدا زىدىيەت قالمايدۇ. ھەم ئىچكى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.

كۈنىمىزدە ، بەزى بىر ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقىلىۋاتقان    تەرغىباتلار، ھەقىقەتەن بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى ئەمەسكى، مەسىلەن: « مۇستەقىللىقى 30 يىلغىمۇ يەتمىگەن ئۆزبىكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان جۇمھۇريەتلىرى، قۇرئاننى قانۇن قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىدىنمۇ ئېغىر زۇلۇم كۆرىۋاتىدۇ» … دېگەندەك  تەرغىباتنىڭ «قۇرئان قانۇن بولمىغان ھەر قانداق دۆلەتتە، خەلقى زۇلۇم كۆرىدۇ» – دېگەندىن باشقا مەناسى يوق. بۇخىل سەپسەتىلەرنىڭ خەلقىمىزنى  قايمۇقتۇرۇشتىن ۋە خىتايدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشتىن ئۈركىتىشتن باشقا قانداق رولى بار؟ دۇنيادا باشقا بىر كاپىر، دىنسىز مىللەتنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا خورلۇق تارتىشتىنمۇ ئارتۇق زۇلۇم بولامدۇ؟ سوۋېتنىڭ مۇستەملىكە زۇلمىدىن قۇتۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مەلۇم نىسبەتتە دىنى ئۆلىمالارغا زۇلۇم قىلۋاتىدۇ- دېگەندىمۇ، سوۋېت ئىتتيىپاقىنىڭ مۇستەملىكىسى ۋاقتىدىكىدەك، توڭگۇز يېيىشكە مەجبۇرلانمىدى. دۆلەتكە قارشى چىقمىغان، ھاكىمىيەتكە خىرىس قىلمىغان، ھوقۇق تارتىۋېلىش سۈيقەستى پىلانلىمىغان مۇسۇلمانلار، دىنى ئۆلىمالار ئەركىن، ئازادە ياشاۋاتىدىغۇ!  دۆلىتى مۇستەقىل، خەلقى باياشات، خاتىرجەم ياشاۋاتدىغۇ. ھەر ھالدا سانائەت تېخنىك، تەرەپلىرىمۇ خېلىلا ئىلگىرلەپ قالدى. دىنى ساھەدە بولسۇن ۋە باشقا مائارىپ ساھەسىدە بولسۇن نۇرغۇنلىغان ئىلگىرىلەش ئۆز خەلقىنىڭ قولىدا ئەمەسمۇ؟

3. « ئىچكى ئەھۋالىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار»

ئۇيغۇرلار زادى قاچان خىتاينىڭ  مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ، ئۆز ھاكىميىتىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق؟ بۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپلىرى نېمە؟ بۇ ھەقتە پاكىتلىق مەنبەلەرنى، بولۇپمۇ چەتئەلدە ساقلىنىپ قالغان تارىخى مەنبەلەرنى، تۇتقا قىلىشىمىز زۆرۈر. مۇشۇ ساھە ئۈچۈنلا بىرقانچە كەسىپ ئەھلىدىن تەركىپ تاپقان، بىر تەتقىقات گورۇپپىسى قۇرۇپ،   ھەقىقى تارىخىمىزنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە دوكلات تەييارلاپ، بارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارغا تارقىتىش كېرەك. چەتئەلدىكى دەۋاگەرلىرىمىز شۇنداق بىرلىككە كەلگەن ئىلمى ئاساسقا ئىگە  دوكلاتنى تۇتقا قىلىشى ئارقىلىق خەلقئارادا  ئىناۋەتكە، نوپۇزغا ئېرىشىشنى قوغا كەلتۈرەلەيدۇ.

4. « تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خىزمەت تەقسىماتى»

ئەرەپ تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ئولىمالىرىمىز، پۈتۈن ئەرەپ دۇنياسىغا دەۋايىمىزنى ئاڭلىتىشقا مەسۇل بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق تەشكىلاتلار بىلەن يۇقىىردا دېيىلگەن ئورتاق پىكىرگە كېلىشى زۆرۈر.

ياۋروپا ۋە باشقا ئەللەردىكى  تەشكىلاتلارمۇ، ئۆز- ئارا بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىپ، ئورتاق قوللىنىلىدىغان پىلانىمىزدىن  چەتنەپ كەتمەي،  ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، خەلقىمىزگە زىيان سېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى مۇھىمدۇر . چۈنكى دەۋا ھېچقايسىمىزنىڭ شەخسى ئىشى ياكى مۈلكى ئەمەس . دەۋا شەخسى ئىشىمىزدىن يۇقۇرى ئورۇندا تۇرىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا يەنىلا ئىلگىرلەش ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ.

5. « خەلقئارا كۈچلەرنىڭ پوزىسيەسى توغرىسىدا تەھلىل»

ئامېركا قاتارلىق خىتايغا قارشى مەۋقەدىكى دۆلەتلەرنىڭ، خىتايغا تۇتقان سىياسىتى تىنج يول بىلەن خىتاينى پارچىلاش، ياكى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، خىتايغا قارشى ئىچكى ياكى تاشقى ئۇرۇش چىقىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. چۇنكى 1 مىليارت 3 يۈز مىليون نوپۇسقا ئىگە خىتايلار كۆچمەن بولۇپ، دۇنياغا تارقىلىپ كەتسە، ئورۇنلاشتۇرۇشتىن پۈتۈن دۇنيا ئەنسىرەيدۇ. ئامېركا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قوراللىق ئۇرۇش چىقىشى يوق دىئېيەرلىك . ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىسى كۈنتەرتىپكە كەلمىدى.  يەنىلا پۇرسەت كۈتىشىمىز، ۋەزىيەتتىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن ھۇشيار تۇرىشىمىز ۋە بىرلىك سېپىمىز بولىشى ئىنتايىن مۇھىم.

6. « ئاددى ئەمما رولى ئىنتايىن چوڭ ئىشلار»

ھەر بىر شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نەپىس مىمارچىلىقى، ياكى نەقىشچىلىكى بىلەن بېزەلگەن بىر ئاشخانا، ياكى رەستۇرانىمىز بولىشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا، چەتەللىك سىياسى ساھەگە مەنسۇپ كىشىلەرنى، ژورنالىست، مۇخبىرلارنى شۇ ئورۇندا كۈتىۋېلىش   ئارقىلىق ، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ بىر مەدەنيەت ساھىبى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى ھەرتەرەپتىن تونىتىشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. شۇنداق بىر يەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىقتىسادىمىز يار بەرمىسە، ئۆز-ئارا پاي قوشۇپ، ھەسسىدارلىق شىركەت تەرىقىسىدە، ئىقتىسادى مەسىلىنى ھەل قىلىشقىمۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىش ھېچ بولمىغاندا، سىرىتقا ئېسىپ قويۇلغان ماركىدىكى ئۇيغۇر- دېگەن نام بىلەن بولسىمۇ، مىللىتىمىزنى تونۇتۇشقا بىر ئۈلۈش تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايمىز.

7.« ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن  پايدىسىز تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلماسلىق توغرىسىدا تەكلىپ»

ئۆزىمىزنى قايرىپ قويۇپ ئوتتۇرا شەرىق ۋە باشقا بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمايدىغان ئەللەرنىڭ سىياسىتىگە، ھەدىدىن زىيادە زېھنىمىزنى ئۇپرىتىش خاھىشى، بىزنىڭ دەۋا يولىمىز ئەمەس. شۇنىڭ ئورنىغا : « قانداق قىلغاندا ۋەتىنمىزنى ئازات قىلىمىز » دېگەن تېمىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ۋە شۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىش كېرەك .  مەسلەن مەن ئۆزەم قاتناشقان نۇرغۇن ئىجتىمائى سورۇنلار بولسۇن، شۇنى ھېس قىلدىمكى قېرىنداشلىرىمىزدا، جۈملىدىن مېنىڭدىمۇ شۇ خاھىش خېلە ئېغىر ئىكەن. ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، بىھۇدە ياكى بىزگە پايدىسىز ئىشلارنى تالاش – تارتىش قىلغىچە، ئۆز ئىشىمىز ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلساق، بىرەر تەدبىر ياكى ئۇسۇل تېپىپ چىقىشىمىزغا پايدىلىق ھەم   ۋاقتىمىز زايە كەتمەيدۇ.

8 . « مىللەت ۋەتەن دەۋاسىدا، ئەقىل، پىكىر بىلەن ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا»

ھېسسىياتقا تاينىپلا قارغۇلارچە ئىش قىلماي،ئۆزىمىزنى ئەمەلىيەتچان بولۇشقا ئۆزلەشتۈرىشىمىز لازىم.  ھېسسىياتقا تاينىپ ئىش قىلغاندا، قىلغان ئىشىمىزنىڭ نەتىجىسى خاتا  ۋە ياكى زىيانلىق ئاقىبەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بىردەملىك ھېسسىيات بىلەن قىلغان ئىش، پۈتۈن بىر مىلەتتنىڭ تەقدىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇقەررەر. خەلقىمىزنى ئازاتلىققا ئېرشتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ھەرگىز ئالدىراق سانلىق قىلماسلىقىمىز، سوغاق قانلىق بىلەن، تەشكىلاتلار ئارا كېڭىشىپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك. «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» – دېگەن ھېكمەتنى مۇشۇنداق، مىللەتنىڭ، ئومۇمنىڭ خىزمىتىدە مىزان قىلىشنى ئەستىن چىقىرىپ قويمايلى.

9 . « ئىدىيە بىرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ»

ئۇيغۇرلاردىمۇ بىرلىككە كەلگەن بىر ئىدىيەگە يۇزلىنىش پەيتى يېتىپ كەلدى.   شىۋېتلەرنىڭ بىر تەمسىلى بار: « ئوخشىمىغان ئىدىيەلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ ئوخشىمايدۇ »-دەپ. بۇ تەمسىل بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئەسلىتىپ بېرىدىكەن. ئەمما  شىۋېتلەرنىڭ مۇستەھكەم دۆلەت سىستېمىسى ۋە تاغنى تالقان قىلالىغىدەك دۆلەت كۇچى بار. ئۇلاردىكى ئوخشىمىغان ئىدىيەلەر دۆلەت تۈزۈمىگە يامان تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.  ئوخشىمىغان ئىدىيەدىكى پارتىيەلەر ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسىمۇ، ئەمما دۆلەت  سىستېمىسىدا، تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ . بولۇپمۇ بىزدەك مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالالمىغان بىر مىللەت ئۈچۈن، ئىدىيە بىرلىكى ئىنتايىن مۇھىم.  ئىدىيەدە بىرلىك بولغاندا ئىشلىرىمىز سىستېملىشىدۇ . ئالتۇننى زەرگا، تۆمۈرنى تۆمۈرچى سوقسا، ھەر كىشى ئۆزى قىلالايدىغان ئىش چىقىدۇ.  ھەددىن زىيادە بىلەرمەنلىكتىن قاتتىق ساقلىنىشىمىز، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە يۈز خاتىرە قىلماسلىقىمىز، خاتا قىلغاندا خاتالىقىمىزنى بوينىمىزغا ئېلىپ، باشقىلارغا دۆڭگەپ قويماسلىق، مەسئۇليەتتىن قاچماسلىق كېرەك . بىر خاتانى تۈزەتسەك بەدىلىگە بىر توغرىنى ئۆگىنىمىز.

ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم، ئىچكى ۋەزىيەتلىرىمىزنى ياخشىلاش، تەرتىپكە سېلىش بىلەن بىرگە، بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دەۋرىدە
يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان،   كوسوۋاغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ، مۇستەقىل بولىشىنىڭ ئالدى كەينىدە قايسى يولنى ياكى قايسى ئىدىيەنى تۇتقا قىلىپ  ماڭغانلىقى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرشىمىز، ئۇلاردىن تەجرىبە ئىگەللىشىمىز لازىم. چۈنكى تەقدىرىمىزدە  ئوخشاشلىق بار .
2016- 12- 11

ئابدۇشۈكۈر سامساق