« راينا قاتىللىق دېلوسى» ئۈستىدە تەھلىل

fullsizerender

« راينا قاتىللىق دېلوسى» ئۈستىدە تەھلىل

     رەھىمسىز، ۋەھشى قەتلىئام پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنى مۇسىبەتكە چۆمدۈردى. تۈرك خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان تۈرلۈك بالا- قازالار يەتمىگەندەك، «راينا قەتلىئامى» پاجىئەلىك بىر شەكىلدە 2017- يىلىنىڭ 1- سەھىپىسىنى قانغا بويىدى. ئۇنىڭسىزمۇ ئىچكى مۇقىمسىزلىق تۈپەيلى، ھەر كۈنى ئونلىغان جان قازاسى، پارتىلاشلاردا ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدىغان ئەزان قۇربانلىقلار، كۈتۈلمىگەن تەقدىرىنىڭ شامىلىدا « دۆلەت خائىنى، فېتوچى» ناملىق قالپاقنىڭ ئۆز بېشىغا كېيىلىپ، ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشلار، مەنسەپ ئورنى چوڭراق، ئىقتىسادى ئىمكانلىرى كەڭرى بولۇپ قالغانلىرى سوئال – سوراقسىز تۈرمىدە ئۆزىنى كۆرۈشلىرى، ھۆكۈمەتتىنمۇ، ئۆز  دۆلىتىدىنمۇ قورقۇشلار…. قاتارلىق ئىجتىمائى بېسىم ۋە كىشىلىك ئەندىشە ئاستىدا، ھۇدۇقىشتا ياشاۋاتقان بىر خەلقنىڭ قايغۇسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ « راينا قەتلىئامى» نىڭ يۈز بېرىشى، بولۇپمۇ كىشىلەر ئەڭ دىققەت قىلىدىغان بەلگىلىك كۈندە مەيدانغا كېلىشى، شۇنىڭدەك ھەرىكەتنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى كەسپى تېخنىكىلىق سەۋىيەدە ئىجرا قىلىنىشى، قاتىلنىڭ قولغا چۈشمەسلىكى قاتارلىق بىر يۈرۈش ۋەزىيەت، تۈرك خەلقىنى چەكسىز غەزەپ ۋە ئازاپقا دۇچار قىلدى
.
     شۇنداق پاجىئەلىك، بىر مۇسىبەت ئازابىدا دەرتلىنىۋاتقان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا يۈرىكىمىزدىن چىقىرىپ، ئازاپقا تولغان  ھېسسىداشلىقىمىزنى تەلىپپۇز قىلىشقىمۇ ئۈلگىرەلمىگەن بىر پەيتتە، تۈرك ئاخبارەتلىرىدا « راينا ھۇجۇمچىسى كىم؟ راينا قاتىلى كىم؟- ئۇ خائىن، شەرەپسىز قاتىل شەرقى تۈركىستانلىق!  ئۇ ئۇيغۇر!» – دېگەن سەرلەھۋىلىك خەۋەرلەر  دەرتلىك يۈرەكلىرىمىزگە نەشتەر سانچىدى.
      نەپەسلىرىمىز بوغۇلدى. دۇنيا تار كەلدى.  ئاسمان ئۈستىمىزگە گۈمۈرلۈپ چۈشتى. بىزنى يۆلەپ تۇرغان تاغ ئۈستىمىزگە يىقىلىپ، بىزنى يانچىپ تاشلىدى. بۇ خەۋەردە بىرەر ئۇقۇشماسلىق بارلىقىنى كۈتتۇق. ساختا خەۋەر بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلدۇق. مىنۇت ۋە دەقىقىلەپ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قاراپ ئولتۇردۇق. خوشخەۋەرگە تەلمۈردۇق. بىراق « راينا قاتىلى مانا بۇ! شەرقى تۈركىستانلىق – ئۇيغۇر! ئاتا تۈرك ھاۋالېمانىدا، تۈركىيەگە كىرىۋاتقاندا، كامېراغا چۈشۈرۈلگەن ۋاقتى»- دەپ، تۇتۇش بۇيرىقى ئېلان قىلىنغان ، تىپىك ئۇيغۇر چىراي بىر پارچە رەسىم پۈتۈن تۈرك ئاخاراتلىرىدا، تۈرك ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا  بىر دەھشەتلىك مەنزىرە ياراتتى. ئۇيغۇرلارغا دۇنيا يەنە بىر قېتىم تار كەلدى. ئىمكانسىز، ئەركىن دۇنيادا تىللىرى كېسىك، بوينى پۈكۈك، يوللىرىغا تۇزاق قويىۋېتىلگەن چارىسىز ئۇيغۇر خەلقى « ياق بۇ ئۇيغۇر ئەمەس! ئۆزبەك. بەلكى ئافغان. ياق بۇ تاجۈك، ئۇيغۇر ئەمەس!»- دەپ، ئۆزلىرىنى ۋىجدان ئازابىدىن، ئىنسانى ۋە قېرىنداشلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن قۇتقۇزۇشقا تىرىشتى. ئۇيغۇر- ئۆزبەك، تاجۈك، قىرغىز، ھەتتا ئافغان قېرىنداش ئەمەسمىدى! ھەممىسىدىن بەكرەك چارىسىز بولغىنى ئۇيغۇر بولغاچقا، مەسئۇلىيەتنى باشقا قېرىنداشلىرىغا ئارتىپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت ( پەشكەشلىك) بىر تۇيغۇ قوينىدا ئىڭرىدى. نېمىشقا؟ – چۈنكى ئۇيغۇر بۇنداق ۋاپاسىزلىقنى، بۇنداق قارا يۈزلىكنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرك قېرىنداشلىرىغا ئۆزۈر ئېىتقۇدەك ماغدۇرغا ئىگە ئەمەس. تۈرك ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىتىردا ئۇيغۇرغا تۈكۈردى. لەنەتلىدى. خىتاينىڭ زۇلمى ساڭا ھەقلىقكەن، بىلمەپتۇق. سەن ئۈچۈن يۈرىكىمىزدىن قان ئېقىتىپ يىغلاپتۇق. ھەي شەرەپسىزلەر! لەنەت – دېيىشتى- تۈركلەر
.
      ئاللاھقا يۈزمىڭ ۋە چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن. تۇتۇش بۇيرىقى بىلەن – مانا بۇ ئۇيغۇر قاتىل- دەپ، ئېلان قىلىنغان رەسىمنىڭ ئىگىسى، قازاقىستانلىق رامىزان ئىشان  ئادۇكاتنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، زەيتىن بۇرنۇ ساقچى باشقارمىسىغا بېرىپ، ئۆزىنى ئىسپاتلىدى. بارلىق ئۇيغۇرلار ئاللاھقا سانا ئوقۇشتى. شەرمەندىچىلىكتىن قۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن يۈزى يورۇپ، مۇسىبەتلىك كۆڭۈللىرى ئېچىلدى. بىراق بۇ  خوشاللىقمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. تۈرك ئاخباراتى يەنە بىر پارچە رەسىمنى تېپىپ چىقىپ « ھەقىقى قاتىل، خائىن، تېرورىست مانا. شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر! ئاتا تۈرك ھاۋالېمانىدا، تۈركىيەگە كىرىۋاتقاندا كامېرىغا چۈشۈرۈلگەن ۋاقتى»- دەپ، ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار بەك ئاھ  ئۇرۇپ كەتمىدى. چۈنكى رەسىمدىكى ئادەم تىپىك ئۇيغۇر سىماسىنى كۆرسەتمەيتتى. ئۇيغۇرلار تۈرك ئاخباراتىدا، تۈرك ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا جاۋاپ بەردى. رەددىيە بەردى. ئەمما تۈرك ئاخباراتى ئۇيغۇرنىڭ ياقىسىنى قويۇپ بەرمىدى.        
 
     « راينا قاتىلى، جىنايەتتىن كېيىن قېچىپ ماڭغاندا، تاكسى پۇلىنى ئۇيغۇرلار تۆلەپ بەردى. قاتىلغا ياردەم قىلدى!»- ناملىق يەنە بىر تۆھمەت ئوتتۇرىغا چىقتى.
    « 120  پاي ئوقنى 7 يەتتە مىنۇتتا 109 نىشانغا تەككۈزۈپ، 70 ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ، 39 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ،  قېچىپ ماڭغان  بىر قاتىل » دەرۋازاڭنى قېقىپ، ماڭا پۇل كېرەك- دېسە، سەن نېمە قىلغان بولاتتىڭ. سەن ئۇنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىنى بىلمەيسەن. ئەمما ئۇنىڭ شۇئاندىكى تۇرقى، روھى ھالىتىنى كۆرسەڭ، قانداق ئىنكاس قىلغان بولاتتىڭ. بىراق رېستۇراندا يېتىپ، قوپۇپ ئىشلەپ، جان بېقىۋاتقان 7 ئۇيغۇر « قاتىلغا ياردەم قىلغان» جىنايىتى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى. تۈرك ئاخباراتى رەسىمدىكى قاتىلنىڭ قىرغىستاندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ شەرەپسىز، خائىن، قاتىل قىرغىستان پۇقراسى- يەنە ئۇيغۇر ! بېشىمىزدىن تۆكۈلگەن  مۇزدەك سوغاق سۇ پۈتۈن بەدىنىمىزنى مۇزلىتىپ، يۈرەكلەر ھەرىكەتتىن توختىتاي دېگەندە -مەن يەھيا ماشوروو، قاتىللىق بىلەن ئالاقەم يوق! بۇ كۈن، بۇ سائەتلەردە ئىستانبۇلدا ئەمەس، قىرغىزستاندا ئىدىم – دەپ، ئىسپاتنى كۆرسەتتى. ئەمما تۈرك ئاخباراتى نېمە دېدى؟- ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ. رەسىم ئوخشاشلىقى تۈپەيلى خاتالىشىپتۇق. ھەقىقى قاتىل تاجۈك ئىكەن. ئۇ رۇسچە، ئۆزبەكچە، تاجۈكچە سۆزلەيدىكەن. ئۇ جىنايەت قىلىشتىن 48 سائەت  ئىلگىرى زەيتىن بۇرنۇدىكى يېقىنلىرىنىڭ ئۆيىدە بولغان ئىكەن- پالان،  پەشمەت- دەپلا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن « كونيادىن ئىزمىرغا  قاچقان ئۈچ ئۇيغۇر ئائىلىسى، كىچىك بالىلار جەمى قىرىق ئادەم تۇتقۇن قىلىندى. ئۇلار قاتىل بىلەن بىر سەپتىكىلەر ئىكەن! ئۆيىدىن يىراقنى چەللەيدىغان تۈپەك چىقتى. يىراقنى كۆرسىتىدىغان دىربۇن چىقتى. قىرغىزستان پاسپورتلىرى چىقتى. ئۇلار ساختا قىرغىز كىملىكى ئىشلەتكەن، شەرقى تۈرقىستانلىق ئۇيغۇرلار. !»- دەپ، بۇ جىنايەتنىڭ بىر ئۇچىغا ئۇيغۇرنى چېتىشتىن بىر سائەتمۇ ئال قالمىدى.
    بۇ جىنايەتنى ئۇيغۇرغا يۈكلەشتە، تۈرك ئاخباراتلىرىغا بۇيرۇق چۈشكەنمۇ؟ بۇيرۇق كىمدىن چۈشىدۇ؟
-قولۇمدا گۇماندىن باشقا ئىسپاتلىق ماتېريال يوق. تۈرك ئاخبارات ۋاستىلىرىدا « ئىستىخبارات بۆلىمى» – ناملىق بىر بۆلۈم بار. بۇ بۆلۈم تۈرك مىللى ئىستىخباراتىنىڭ قارمىقىدا خىزمەت قىلىدۇ. يەنى مىللى ئىستىخباراتنىڭ ئاخبارات ساھەسىنى كونترول قىلىدىغان، سىياسى باشقارمىسى. « راينا قەتلىئامى»- دەك،  پەۋقۇلئاددە چوڭ جىنايى دېلو توغرىسىدىكى ئىگەللەنگەن ۋە تارقىتىدىغان ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئاشۇ بۆلۈم تەكشۈرۈپ، كۆزدىن كەچۈرۈپ تەستىقلايدۇ.
   « راينا قاتىلى شەرقى تۈركىستانلىق- ئۇيغۇر!»- دېگەن بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىشتا، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاشۇ ئۆزلىرىنى سىياسى جەھەتتىن كونترول ئاستىدا تۇتۇپ باشقۇرىدىغان، ئىستىخبارات بۆلۈمىدىن ئالمىغىچە، ئۆزلىرى ھېچنېمىنى توقۇپ چىقالمايدۇ. ئاتالمىش «قاتىلنىڭ رەسىمى» نىمۇ، ئايروپورتتىكى كامېرادىن، شۇ ئورۇندىكى مەسئۇل ئىستىخبارات باشقارمىسىدىن، ئاخبارات ساھەسىدىكى ئىستىخبارات بۆلۈمى ئارقىلىق، ئاخباراتقا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا 1- قېتىم ئېلان قىلىنغان رامىزان ئىشاننىڭ رەسىمى، 2- قېتىم ئېلان قىلىنغان يەھيا ماشىروو نىڭ رەسىمى دېلودىكى قايسى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئىستىخباراتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ئاخباراتتا ئېلان قىلىندى؟ تۈرك ئىستىخباراتى شۇ قەدەر دۆۋەڭمۇ؟
    بۇ يەردە تەھلىل قىلىنىدىغان دېلو شۇكى، چاپان پىچىلىپ بولغان. ئەمدىكى ئىش ئاشۇ چاپانغا قارىتا ئادەم بېكىتىش كېرەك. يەنى «راينا قاتىلى»نىڭ  ئۇيغۇر بولىشى، جىنايەت سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى، شەرتسىز ئالدىن بېكىتىلىپ بولغان. شۇڭا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدىغان رەسىملەر تاللانغان. بۇنىڭغا لايىق « شەرقى تۈركىستانلىق كىملىكى» گە ئىگە، ئۇيغۇرلار ئايروپورت كامېرالىرىدىن تېپىلمىغاچقا، قۇربانلىققا تازا باپ كېلىدىغان قىرغىستانلىق ئەمما ئۇيغۇرنىڭ رەسىمى كاندىداتلىققا تاللىنىپ، ئاخباراتقا تاپشۇرۇلغان. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىستان ۋە قازاقىستاننىڭ ساختا پاسپورتىنى ئىشلىتىپ، چېگرا ھالقىپ ئالەم كېزىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئىستىخباراتلار قالمىدى. مەيلى رامىزان ئىشاننىڭمۇ، يەھيا ماشىروو نىڭمۇ ئۇيغۇر بولۇپ، ساختا كىملىك ئىشلەتكەن كىشى بولغىنىدا، قاتىل ئىسپاتلىنىپ بولاتتى.
 
    بۇ دېلودا ئىستىخبارات يېڭىلدى. ئەمما چاپان پىچىلىپ بولغاچقا، ئۇ چاپاننىڭ ھېچ بولمىسا بىر تال يېڭىنى بولسىمۇ ئۇيغۇرغا كىيدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىلىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، « قېچىپ ماڭغان قاتىلنىڭ تاكسى پۇلىنى تۆلەپ بەرگەن 7 ئۇيغۇر» . « كونيادا قاتىل بىلەن بىرگە ياشاپ، ئىزمىرغا قېچىپ تۇتۇلغان، ئۆيلىرىدىن قورال، بىرمۇنچە ساختا پاسپورت چىققان 40 ئۇيغۇر » . بۇ ھادىسىلەر بېشىدىن باشلاپ تۈرك ئىستىخباراتىغا ئالاقىدار ئىشلاردۇر. ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ دالىيەن شەھىرىدىن تۈرك پاسپورتى بىلەن، تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى قوشۇنىغىچە سالامەت ئۇلاشتۇرغانلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدىن شۇنداق قورال چىقىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. جىھات مەيدانىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدىن قورال چىقماي، دۇتتار، غىجەك چىقامتى؟ تۈرك ئاخباراتلىرىدا : سۈرىيەدىن قاچاق يوللار بىلەن كېلىپ، كونياغا ئورۇنلاشقان شەرقى تۈركىستانلىق، گۇمانلىق ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇندىن بېرى ئىستىخباراتىمىز كۈزۈتۈپ كېلىۋاتقان….- دېگەن گەپلەر تەكرار ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ، چاپاننى پىچىپ قويۇپ، ئادەمنى ساقلاپ تۇرغاندىن باشقا بىر مەناسى بارمۇ؟
   « راينا قەتلىئامى » نى ئىجرا قىلغان قاتىل توغرىسىدا، ئەقىلغا سىغمىغىدەك تەسۋىرلەر بايان قىلىنماقتا : بىر نەپەر قاتىل تاكسى بىلەن كېلىپ،  2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1 ـ كۈنى سەھەر سائەت 1 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، «راينا دىسكوخانىسى» غا بېسىپ كىرىدۇ. ئۇ ئاۋال ئىشىك ئالدىدىكى بىر نەپەر قاراۋۇل ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، دىسكوخانىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. كىرىش ئىشىكلىرى ئادەتتىكى سودا دۇكانلىرىدەك، يىغىن زاللىرىدەك ئاددى بولماستىن، قانچە ئونلىغان ئۆتكەللەردىن، مۇرەككەپ قۇرۇلمىغا ئىگە ئىشىكلەردىن ئۆتۈپ، تاماشا زالىغا كىرىشى لازىم . ئەقىلغا سىغمايدىغان بىر نەرسە شۇكى، تاكسى بىلەن يېتىپ كەلگەن بىر نەپەر ئاتالمىش « ئۇيغۇر قاتىل» 120 پاي ئوقنى دەل نىشانغا تەككۈزۈپ، 39 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 70 ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ، ئارىدا ئوق تېگىپ يەرگە يىقىلغانلارنىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قايتا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە شىرەلەردىكى ئىچىملىك شىشىلىرىنى ئاتىدۇ. مىدىرلىغانلارنىڭ بېشىغا چەللەپ قايتا ئوق ئاتىدۇ. بەزىدە ئۆلۈكلەرنى ئۈست ئۈستىگە دۆۋىلەپ، ئۆزى ماڭىدىغان بوشلۇق ئاچىدۇ. قورالىدا ئوق تۈگىگەندىن كېيىن، كىيىم ئالماشتۇرۇپ، دىسكوخانىدىن قېچىپ چىقىدۇ. پۈتۈن مۇشۇ جەريانغا پەقەت 7 مىنۇت ۋاقىت كەتتى. بۇ رولنى قايسى رامبو ئوينىيالايدۇ؟
    نەق مەيداندا ئوق تەگمەي، يارىلانماي ساق سالامەت ئۆز دۆلىتىگە قايتقان بىر ئەرەب ئائىلە تاماشىبىن، قاتىلنىڭ بىرسى ئايال، جەمى ئۈچ كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشى. بەزى بىر يارىلانغانلارنىڭ قاتىل ئىككى كىشى ئىدى، تۈركچە سۆزلىدى- دېيىشلىرى. بەزىلەرنىڭ قاتىلنىڭ قانچە ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمەن، ئەمما زال ئىچى بەك ۋەھشى، سېسىق پۇراق، ھەر تەرەپتىن ئوق يېغىپ تۇردى- دېيىشلىرى. «راينا» نىڭ تاپاۋەت شىرىكىنىڭ: مەنمۇ نەق مەيداندا بار ئىدىم. قاتىل مېنى ئاتتى، مەن ئۆلدۈم دەپ تەخمىن قىلغان، لېكىن ئوق 10 سانتا ئۈستۈمدىن ئۈتۈپ كېتىپتۇ، دەرھال ئۆزەمنى يەرگە تاشلاپ، ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋالدىم. قاتىل مېنى ئۆلدى- دەپ ئويلاپ قالدىمىكىن، قايتا ئاتمىدى، ھايات قالدىم- دېيىشى…. قاتارلىق مۇجمەل ئىپادىلەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا لايىق دېلو بولالمامدۇ؟ يەنە نېمىشقا بۇ دېلو شەرقى تۈركستانلىق- ئۇيغۇر قاتىلنىڭ ئۈستىدە مۇقىملىشىپ تۇرىدۇ؟
    ۋەقە يۈز بېرىپ، بىر قانچە سائەتتىن كېيىن « راينا دىسكوخانىسى» نىڭ ساھىبى مەھمەت كوچ ئارسلان دەسلەپكى  باياناتىدا: « مېنى ئامېرىكا ئىستىخباراتى بىر ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئاگاھلاندۇرغان. بىز ھەپتە، ئون كۈنلەپ بىخەتەرلىك تەدبىرى ئالغان، ھەتتا دېڭىز ئىچىگىمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرى ئالغان، كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرغان ھالدا، بۇ خائىن قەتلىئام يۈز بەردى»- دەيدۇ. بۇ ھەقتە تەھلىلچىلەر بەزى بىر سوئاللارنى ياغدۇرغاندىن كېيىن ئۇ، بىر كۈن كېيىن  ئىپادىسىنى ئۆزگەرتىپ: « مەن خاتا چۈشۈنۈلۈپ قاپتىمەن. ماڭا بىرەر ئامېرىكا ئىستىخباراتى بۇ ھەقتە بىرنەرسە دېگىنى يوق. مەن 29- ئۆكتەبىرنى ئەسكەرتمەكچى ئىدىم»- دەپ، شۇ قەدەر گۇمان ئىچىدە قالىدۇ. ھەتتا بەزى بىر بايانلارغا قارىغاندا، قاتىل ھەرىكەت جەريانىدا « Flashbang » ناملىق كۆز چاقناتقۇچى گىراناتنى ئاتقان. بۇ گىرانات ئەتىراپقا دەھشەت يورۇق تارقىتىپ، بىر قانچە مىنۇتقىچە كۆزلەرنى كۆرمەس قىلىدىكەن. بۇ خىل گىراناتنى ئەسكەرلەر بىرەر جايغا بېسىپ كىرگەندە قوللىنىدىكەن. بەزىدە ئالاھىدە ۋەزىپىلىك ساقچى قىسىملارمۇ، گۆرۆگە ئېلىنغان پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن. بۇ خىل گىراناتنى ياۋرۇپا ئەللىرىدە شىۋىتساتىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئالاھىدە ۋەزىپىلىك ساقچى قىسىملىرى ھازىرمۇ قوللىنىۋاتقان بولۇپ، چەكلىنىشى تەپلەپ قىلىنماقتا ئىكەن . بۇ گىراناتنى باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە خېلە ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئىكەن. بىراق «راينا قاتىلى» ئىشلەتكەن مەزكۇر گىرانات ئامېرىكا  ھەربى قۇرۇلمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى تەكشۈرۈشتە ئىسپاتلانغانلىقى مەلۇم.
 
    يۇقىرىقىدەك گۇمانلىق يىپ ئۇچى ۋە ئېنىق پاكىتلارنى دەلىل قىلىپ، « راينا دېلوسى» نى تەكشۈرگەندە، بۇ جىنايەتنى كىم ئىجرا قىلغان بولىشىدىن قەتئىنەزەر، جىنايەتنى پىلانلىغۇچى، ماسلاشقۇچى چوڭ يەرلەرگە چېتىلىپ كېتىدۇ.
    قاتىل ئىزدەش جەريانىنىڭ ئاخىرقى ئۇچۇرلىرىدا، تۈرك ئىستىخباراتى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى قاتىلنى يۇنانىستانغا قېچىپ كەتتى- قىلدى. ئۇنى ئېلىپ قېچىشقا ياردەملىشىۋاتقان « ئىستىخبارات ئورگانلىرى» بارلىقىمۇ تەخمىن قىلىنىدىكەن.
    ئۇنداقتا تۈرك ئاخباراتلىرى نېمىشقا بۇ جىنايەتكە شەرقى تۈركىستانلىقنى- ئۇيغۇرنى چېتىپ خەۋەر تارقىتىشتىن يالتايمىدى؟
    يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، ئۇيغۇرغا قارىتا چاپان پىچىلىپ بولغان. بۇ چاپاننى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كىلشىمى ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى « ئەگەر ئۇرۇش توختىسا بۇ يۈكنى قانداق قىلىمىز؟ »- دېگەن مۇزاكىرىدە، بىر سىرلىق دېلوغا چېتىپ يۇغۇشتۇرۇش- تاكتىكىسى بەلگىلىنىپ بولغان. ھەتتا تۈرك مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئۆز كەسپى دائىرىسىدە بولمىغان، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن تاشقىرى، دېلو ئىشىغا بۇربىنى تىقىپ: قاتىلنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى بار- دېيىشىمۇ، سىرىنى يېشىپ بولالمىغىدەك مۇرەككەپ ئىش ئەمەسلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.
     بۇنداق بىر ۋەھشى قاتىللىق ھادىسىسىنىڭ « راينا دىسكوخانىسى» دا بولۇشى شەرت ئەمەس. نەدىلا بولسا بىر ۋەھشى ھادىسە يۈز بېرىشى ھامان، شەرقى تۈركىستانلىق – ئۇيغۇر قىلدى- دېگەن بۇ خەۋەر ئالدىن يېزىلىپ بولغان ھۆكۈم ئىكەنلىكى، تۈرك ئاخباراتلىرىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.
    مەيلى بۇ دېلونىڭ قاتىلى باشقا يەردىن چىقسۇن، باشقا مىلللەتتىن، باشقا قىتئەدىن چىقسۇن، ئۇيغۇرلار بۇ جىنايەتنىڭ بىر ئۇچىغا چېتىقلىق. بۇ يەردە ئۇيغۇر دېيىلىۋاتقىنى، تۈرلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخباراتىغا قۇربان بولۇپ، جىھاتچىلىق سېپىگە قېتىلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئىستىخباراتنىڭ تىزىملىگە چۈشمىگەن، ئۆز ئىشىنى قىلىپ، ئۆز ئۆيىدە جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقان، بىخەتەر ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
     ئۇيغۇرلار ئاممىۋى شەكىلدە، سىياسەتنى ياخشى چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغان بولغاچقا، مىللى ۋە كىشىلىك ھاياتىدا سىياسەتكە بىۋاستە قاتنىشىپ باقمىغان، سىياسەتكە قاتنىشىش ھوقۇقلىرى بولۇب باقمىغان، سىياسەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان  شۇنچىلىك ساددا، ئاق كۆڭۈل بىر مىللەت بولغاچقا، دۇنيا سىياسەتچىلىرى ھەر قەدەمدە بىر ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خالىغان جايدا، خالىغان ۋاقىتتا قوللىنىپ  كەلمەكتە.
 21 -  ئەسىردە، ئەركىن دۇنيادا ئۇيغۇرلارنى باشقىلار قوللىنىپ كەتسە، بۇنىڭ ئۇۋالى ئۆزىمىزدە. باشقىلاردىن ئاغىرنىش ئورۇنسىز. ئەگەر « راينا قەتلىئامى» دا، ئۇيغۇرنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسىسى بولۇپ قالسا، بۇنىمۇ  ئادىمىيلىكىمىزنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن كۆرىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇنداق بىر قەتلىئامنى ئىجرا قىلىدىغانلار، پىلانلايدىغانلار، ھەسسە قوشۇپ، ھەمكارلىشىدىغانلار ئادىمىلىكتىن ئەسلا نەسىۋىسى بولمىغان، ھايۋان تەلەت كىشىلەردۇر.
05-01-2017
ئابدۇرەھىمجان