ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلاب نىشانى نېمە؟ ھەرىكەت مىزانى ۋە پىلانلىرى قانداق؟

fullsizerender

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلاب نىشانى نېمە؟ ھەرىكەت مىزانى ۋە پىلانلىرى قانداق؟

ئادەتتىكى، كىشىلىك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىن تارتىپ، كوللېكتىپلىق، ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگىچە ھەرقانداق ئىش- ھەرىكەتتە ئالدى بىلەن ئېنىق نىشان بەلگىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەتمەكچى بولغان نىشانغا ۋە قوللىنىدىغان ھەرىكەت ۋاستىلىرىگە ئاساسەن پىلان تۈزىلىدۇ. نىشانى ئېنىق بولمىغان، پىلانى ئۇيغۇن تۈزۈلمىگەن ھەرقانداق ئىش- ھەرىكەتتىن ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس.
 مەقسەتنى ئۇدۇل ئېيتقاندا،  1882- يىلى ۋەتىنىمىز مانجۇرىيە تەرىپىدىن قايتا ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيانقى 130 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش تارىخىمىزدا، سان – ساناقسىز ئىسيانلارنىڭ، نىشانسىز ياكى پىلانسىز ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا كۆز يۇمالمايمىز. ئاخىرقى مانجۇرىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى تولۇق 30 يىل قان تۆكۈپ كۈرەش قىلىۋىدۇق، ئۇنىڭ ئورنىنى خىتاي جۇمھۇرىيەتچى ھۆكۈمرانلىرى ئىگىلىدى. ئۇنىڭغا قارشى يېرىم ئەسىردەك كۈرەش قىلىۋىدۇق، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كومۇنىستلىرى كەلدى. ئاخىرقى مانجۇرىيە ئىشغالىيىتىدىن كوممۇنىست خىتايلار دەۋرىگىچە 70 يىللىق ئىنقىلاۋى ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ، چوڭ- كىچىك قارشىلىق ئىسيانلىرىمىزنىڭ تارىخى جەريانلىرىغا قارايدىغان بولساق، ياكى نىشاننىڭ ئېنىق بولمىغانلىقىنى، ياكى ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ پىلانسىز ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ ئوخشاشمىغان جايلىرىدا، پەرقلىق شەكىلدە تۆت قېتىم مۇستەقىل ھۆكۈمەت تەشكىللەندى.
قۇمۇلدا « خەلىپىلىك » ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىندى. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خاراكتېرى، شەكلى، ھەجمى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ تېررېتورىيەدىن ھالقىغان،  دۆلەتتىن، رايوندىن، مىللەتتىن ھالقىغان، دۇنياۋىلىق تەسىرنى شەكىللەندۈرىدىغان، ئېمپېرىئالىست ئۇقۇمىغا ھامىلە بىر ھۆكۈمەت ئىدى.
مەزكۇر ئىنقىلاۋى ھەرىكەتنىڭ ۋە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى نېمە ئىدى؟ ئىنقىلاپچىلارنىڭ مەقسەت ۋە نىشانلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت ئىدى؟  ئۇلار قورچاق پادىشاھ شاھ مەخسۇتنىڭ تەختى- پەختىنى گۇمران قىلىپ، خەلىپىلىك قۇرماقچىمىدى؟ ياكى ئىنقىلاپنىڭ تەرەققىياتىنى مەلۇم بىر پەللىدە توختىتىپ، قولىدىكى ھۆكۈمەتنى كوزۇر ئورنىدا قوللىنىپ، بىرەر يۇقىرى مەنسەپكە شىرىك بولماقچىمىدى؟
-تارىخى نەتىجە ئېتىبارىدىن قارىغاندا، ( ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىشتىكى ئىچكى سەۋەپنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر) ئۇلاردا مۇقىم بىر نىشاننىڭ بولغانلىقى ناتايىن. چۈنكى ئەمەلى نەتىجە شۇنى ئىسپاتلىغانكى، ئۇلار قورچاق پادىشاھ شاھ مەخسۇتقا قارشى ئىنقىلاپ قوزغىغان بولسىمۇ، ئۇنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن ئىشنىڭ داۋامىنى قانداق ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئۈستىدە ئالاھىدە پىلان يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، بىر نەپەر تۇڭگان دىپلۇماتىك خادىمنىڭ ئادەتتىكى سالاسىغا قايىل بولۇپ، شاھ مەخسۇتتىنمۇ  ۋەھشى، قانخور زالىم ياڭ زېڭ شىن نىڭ يېنىغا بېرىپ، مەنسەپكە ئولتۇرغان ۋە شۇنداقلا سىرىتماققا بوغۇلغان ئىدى. بۇ پەقەت پاجىئەلىك تارىختىن كەلگەن خۇلاسىدۇر. ( تۆۋەندىكى ئىسپاتقا قارالسۇن )
« … ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ، قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن . سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلارغا نىسبەتەن مېنىڭ باشتىن-ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق ….» ( ياڭ زېڭ شىن نىڭ تۆمۈر خەلىپىگە يازغان خېتى ٣ ) ….
….« 2- ماددا:  قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ ….» ( ياڭ زېڭ شىن نىڭ تۆمۈر خەلىپىگە ئەۋەتكەن توختامى ٣)
 ( ٣ : ياڭ زېڭ شىن : « ئىستىغپار ھوجرىسىدا يىزىلغان خاتىرىلەر » 2- توم)
ئۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل كېيىن، خوتەن ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان « خوتەن ئەمىرلىكى» ( بەزى بىر مەنبەلەردە « خوتەن ئىسلام ئەمىرلىكى» -دەپمۇ ئۇچىرايدۇ) نامىدا بىر مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. بۇ ھۆكۈمەت ۋەتىنىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك بىر پارچىسىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نىشانى پەقەت ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان رايون چېگراسى ئىچىدە چەكلىنەمدۇ؟ ياكى بارغانچە تېررېتورىيەسىنى كېڭەيتىپ،  پۈتۈن ۋەتەن ھۇدۇتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالالىغان، ئەمما نام جەھەتتە يەنىلا « خوتەن ئەمىرلىكى »- دەپ، ئاتىلىدىغان بىر مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش پىلانى بارمۇ؟ بۇ تەرەپلىرىگە نىسبەتەن ئېنىق بىر جاۋاپ تېپىش قىيىن ئىدى. قوراللىق  ئىنقىلاپ قوزغىلىپ يېرىم يىلغا يەتمىگەن، شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خوتەن ئەمىرلىكىنىڭ تېررېتورىيەسى – يېڭىساردىن چەرچەنگىچە بولغان جايلارغا كېڭىيىدۇ.
«خوتەن ئەمىرلىكى» ھۆكۈمىتىگە يانداش ھالدا، قەشقەر شەھرىدە « شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ھۆكۈمىتى قۇرىلىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت ئېتنىك جۇغراپىيەلىك ئۇقۇمدىن ھالقىغان، ( 19- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن ئېتىبارەن ئوسمانلى خىلاپىتىنىڭ مەركىزىدە، ھەتتا مەدەنى- مائارىپ ۋازارەتلىرىگىچە قانات يايغان، شۇنداقلا تۈرك مىللەتچىلىكىنى ئوچۇق – ئاشكارە تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق، ئوسمانلى خىلاپىتىنى ئۇلىدىن تەۋرىتىپ، زاۋاللىققا يول ئاچقان ) « پان تۈركىزىم مىللەتچىلىكى » دىن ئۈلگە ئالغان، ئېمپېرىئالىست ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان، ئوڭ ۋە سول يېنىدا رۇس ۋە ئەڭگىلىز جاھانگىرلىرىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى تۈركى ۋە ئىسلامى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق چۈشىنى سەگەكلەشتۈرۈش خەۋپىگە ئىگە، قۇتراتقۇلۇق رول ئوينايدىغان، بىر خەتەرلىك ھادىسە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇڭا ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنى، كېڭىيىشىنى شۇ دەۋرىدىكى ئىككى چوڭ، كۈچ قۇدرەتكە ئىگە رۇس ۋە ئەڭگىلىز ئىمپېرىيەلىرى خالىمايتتى. بۇ ھۆكۈمەتنى قۇرغۇچىلارنىڭ ئىرادىسى گەرچە مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بولغان بولسىمۇ، لېكىن تۇڭگاندىن ئىبارەت ئاجىز دۈشمەندىن قۇتۇلۇپ ( بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى تۇڭگانلار ئىدى) ئەڭگىلىز ۋە رۇسلاردىن ئىبارەت كۈچلۈك قوشنىلارغا خىرس قىلىدىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشى، ئەسلىدىكى نىشانغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن «خەتەرلىك جارائەتنى ۋاتقىدا ئوپراتىسيە قىلىش» چارىسى بويىچە، « بېشىدىن قالپىقى يوغان » بۇ ھۆكۈمەت بىلەن بىرگە، خوتەن ئەمىرلىكىمۇ باستۇرۇلدى. ھۆكۈمەتنىڭ(« بۇ ئورۇن ئۆزلىرىگە لايىق»- دەپ، سايلامسىز سىرىتتىن تەكلىپ قىلىنغان) رەئىسى خوجانىياز ھاجى، خىتاي ئەمەلدارى شىڭ شىسەيگە مۇئاۋىن باشلىق بولۇش بەدىلىگە، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قالدى – قاتتى كۈچلىرىنى بىر ياقتىن «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» – دېيىلىدىغان تۇڭگانلار، يەنە بىر ياقتىن ئۇرۇسلار تازىلاپ تۈگەتتى. خوتەن ئەمىرلىكىمۇ تۇڭگانغا قارشى ئۇرۇشتا پۈتۈنلەي يېڭىلىپ، تارقىلىپ كەتتى.
ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ، يەنە بىر قېتىم مۇستەقىل « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ھۆكۈمىتى غۇلجىدا قۇرۇلدى. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلىشىغا ياردەمچى بولغان تاشقى كۈچ – سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نىشانى، پىلان ۋە مەقسەتلىرى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ نىشانى ئېنىق ئەمەس ئىدى , ياكى تۈزگەن پىلان ۋە ئېلىپ بارغان ھەرىكەت، تاكتىكىلىرى نىشانغا پايدىلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرەلمىدى. بۇ ھۆكۈمەتكە سىرىتتىن كىرگۈزۈلگەن ( ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق سىتالىن پەرەس ) رەھبەرلەر، 1946- يىلى 6- ئايلاردا، گومىنداڭنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى « شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى» گە مۇئاۋىن مەنسەپدار بولۇپ قېتىلىپ، ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، « شەرقى تۈركىستان جۇھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى» نىڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى، ياكى ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتى. ئۇنىڭ ئورنىغا « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ۋاقىتلىق ئىش باشقۇرۇش كومىتېتى» -دەپ، ئۆزگەرتىلدى.
يېرىم ئەسىر ئىچىدە قۇرۇلغان تۆت قېتىملىق مۇستەقىل ھۆكۈمەت، ۋەتىنىمىز ئاخىرقى قېتىم مانجۇرىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ 70 يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق  ھەرىكەت ۋە ئۈزۈلمەس ئىسيانلارنىڭ مىۋىلىرى، نەتىجىلىرى ئىدى. ئەپسۇسكى، سان- ساناقسىز قانلىق بەدەل تۆلەپ، ھەر قىېتىملىق قۇرۇلغان ھۆكۈمەت، مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىدى. ئەكسىچە مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا ساناپ تۈگەتكۈسىز بالايى – ئاپەتنىڭ كېلىشىگە سەۋەپ يارىتىپ بەرگەن بولدى. ھەر قېتىم قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ نەتىجىسىدە، دۈشمىنىمىز كۈچلىنىپ، قۇدرەت تېپىپ، تەجرىبە ئىگەللەپ زورايدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە بىز قۇمدەك چېچىلىپ، خانە – ۋەيران بولۇپ، ماغدۇرىمىزدىن تولۇق ئايرىلىپ، پۈتۈن بەربات ھالغا كەلتۈرۈلدۇق. ئىنقىلاب قىلغانلارنىڭ، ئىسيان كۆتۈرگەنلەرنىڭ ۋە ئاخىرىدا كۈچلىنىپ ھۆكۈمەت قۇرغانلارنىڭ، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت، ئېنىق بىر نىشانى بارمىتى؟- دېگەن سوئالغا، ئۇلارنىڭ تارىخى نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا توغرا بىر جاۋاپ تېپىش، خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك قىيىنغا توختايدۇ. ئەلۋەتتە ساناپ، ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەرگىدەك بىر قانچە كىشىلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش غايىسى، نىشانى بولىشى تەبى ئەھۋال. ئەمما مەيلى رەھبەرىيەت قاتلىمىدا بولسۇن، مەيلى قورال تۇتۇپ جەڭگاھتا قانلىق بەدەل تۆلەۋاتقانلار قاتلىمىدا بولسۇن، شۇنىڭدەك ئىسيان كۆتۈرۈپ مەدەت بېرىۋاتقان ئاۋام خەلق قاتلىمىدا بولسۇن، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش غايىسىگە ئىگە، دۆلەت قۇرۇش نىشانى ئېنىق، ئىرادىسى مۇستەھكەم كىشىلەر مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەللىمىگىچە، ھامان ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق بىر بانا- سەۋەپلەر بىلەن، تۆكۈلگەن قاننىڭ، تۆلىگەن بەدەلنىڭ نەتىجىسى دۈشمەننىڭ مەنپەئەتىگە رول ئويناپ كېتىدۇ. تارىخى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندىمۇ، سىياسى نەزەرىيە نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندىمۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى شۇنداق بولۇپ خۇلاسىلاندى.
ۋەتىنىمىزدىكى، ئىشغالىيەت ھۆكۈمرانلىقىنى خىتاي كومۇنىستلىرى قولىغا ئالغاندىن بۇيان، مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرۇپ، مەلۇم بىر تېررېتورىيەنى تۇتۇپ تۇرغىدەك ماغدۇرغا ئېرىشەلمىدۇق. بەلكى كەڭ كۆلەملىك ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئۈستىمىزدىكى زۇلۇمنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتكىدەك ئىمكانىيەتتىنمۇ ئايرىلىپ قالدۇق. خەلقىمىز ئاممىۋى شەكىلدە مەنىۋى، ئەقلى، روھى، جىسمانى، ماددى جەھەتتىن ساپاسىزلاشتۇرىۋېتىلدى.
 ئاخىرقى بىر قانچە يىل ئىچىدىكى، خەلقىمىزنىڭ ئىنكاسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى،  خەلقىمىز پۈتۈن بىر مىللەت شەكلىدە تولۇق تۈگەشكەن بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تېمىدا ئاساسەن ۋەتەن سىرىتىدىكى ئەھۋالىمىز ئۈستىدە قىسقىچە پىكىر قىلىشنى مۇۋاپىق ھەم زۆرۈر- دەپ، قارايمەن.
ۋەتەن سىرىتىدىكى ھەرىكەتلىرىمىزنى، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن 1992- يىلىنى پاسىل قىلىپ، «تارىخى دەۋر ۋە يېڭى زامان»- دەپ، ئىككى پەسلىگە ئايرىپ، 1992- يىلىدىن بۇيانقى ئومۇمى ئەھۋالىمىزنى بىر قانچە كاتېگورىيە بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

1- باپ

ئىچكى ۋەزىيىتىمىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن سىياسى ئېقىم

ۋەتەن سىرىتىدا « ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن» سىياسى ئۇسۇل بىلەن كۈرەش قىلىش يولىنى تاللىۋالغان ۋە « سىياسى ئېقىم »- دېگەن نام بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلار، ئاساسەن 1992- يىللىرىدىن ئېتىبارەن، ھەرتۈرلۈك يول ۋە ھەرتۈرلۈك بانا – سەۋەپلەر بىلەن، تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن چەتئەلگە چىقىپ تەشكىللىنىۋاتقان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ئېقىم بولۇپ، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى غەرب ئەللىرىگە مەركەزلەشكەن. « سىياسى ئېقىم» ئۆز ئىچىدىن « ۋەتەننىڭ ئۆزۈل – كېسىل مۇستەقىللىقى »نى تەلەپ قىلىدىغانلار ۋە « خەلقىمىزنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش» ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلار… قاتارلىق ئىككى تارماق ئېقىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش» ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئېقىمنىڭ ئىچكى قايناملىرىدا يەنە ئاپتونومىيەچىلەرمۇ گاھىدا لەيلەپ، گاھىدا چۆكۈپ، مەلۇم نىسبەتتە تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكە سېلىپ تۇرىدۇ.لېكىن ئۇلار ئالاھىدە تەشكىللىك ھالدا مەيدانغا چىقمىسىمۇ، چېچىلاڭغۇ ھالەتتە خېلە كەڭ تەسىرگە ئىگە. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش….» ئېقىمى، ئۆزىنىڭ يېتىم ھەمراسى ( ئاپتونومىيەچىلەر) بىلەن بىر سەپتە ماڭالايدىغانلىقى، بىر ھاۋادىن نەپەس ئالالايدىغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. ئوچىقىنى ئېيتقاندا « ئاپتونومىيە» دېگەن سۆز بىلەن « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ….. پالان» دېگەن بۇ گەپ، ئايرىم ئاتالغۇدەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە بىر كانايدىن چىققان ئىككى ئاۋازدۇر.
بۇيەردە ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغىنى شۇكى، سىياسى ئېقىمنىڭ بىرىنچى تارمىقى – يەنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئۆزۈل- كېسىل تەلەپ قىلىدىغان تارماق بارغانچە كىچىكلەپ، چۆكۈپ، ئۆزى كۆرۈنمەس، ئاۋازى ئاڭلانماس بىر ھالغا كېلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تارمىقى بولسا زورىيىپ، كېڭىيىپ، يوللىرى داغداملىشىپ، ھەتتا سىياسى ئېقىمنىڭ دەل ئۆزى ھالىغا كېلىپ قالدى. يەنى: ۋەتەن مەسىلىسىنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىمىز- دېگەن ھامان، كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» دېگەندەك ئاڭلىنىدىغان بولدى. چۈنكى «سىياسى يول، سىياسى ئۇسۇل» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئېنىقلىمىسى « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» دېگەندىن باشقا بىر مەناغا ئىگە ئەمەسلىكى شۇنچىلىك ئايدىڭكى، ئۇنى باشقا بىر مەزمۇنلار بىلەن شەرھىلەشنىڭ زادىلا ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى « مەسىلىمىزنى قورال كۇچى ئىشلەتمەستىن تىنچ، سىياسى، دىپلۇماتىك يول بىلەن ھەل قىلىمىز» – دېگەن گەپ، دەل « خىتاي دۆلىتى بىلەن سۆزلىشىپ، مۇستەقىللىق ئارزۇيىمىزنى خىتايغا چىرايلىقچە قوبۇل قىلدۇرپ، ئاندىن خەلق ئاۋازىغا قويۇش ئارقىلىق، ئاۋاز كۆپلىكى پرىنسىپى بويىچە، تىنچ ئامان مۇستەقىل دۆلەت قۇرىۋالىمىز» – دېگەنلىكتۇر. بۇنى شەرھىلەپ ئېيتقاندا : ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىز قوبۇل قىلىمىز. ئاندىن خىتاي دۆلىتى بىزنىڭ ئارزۇ- تەلەپلىرىمىزنى قوبۇل قىلىدۇ- دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ھازىرغىچە « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش»-دەپ، بىر مەمۇرى تۈزۈم يوق. بەلكى ئۇ ئاپتونومىيەلىك تۈزۈم ئىچىدىكى تارماق ھوقۇق تۈرىنىڭ بىرىدۇر. مەسىلەن: « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىمىز..» دېگەندە، ئالدى بىلەن خىتاي دۆلەت تۈزۈمى تولۇق دېمۇكراتىيەگە ئۆتۈشى كېرەك. ئاندىن ئۇيغۇرلارغا تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىشى لازىم. شۇ چاغدىلا  ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيىلىك ئەركىن تاللاش تۈزۈمى ئاستىدا «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ- دېگەن گەپ.  شۇنىڭ ئۈچۈن « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش…» تىن ئىبارەت بۇ ئېقىمنىڭ يولى ھەر تەرەپتىن كەڭرى ئېچىلىپ، خىتاي بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋەت قىلىدىغان دۆلەتلەردىن تارتىپ، ئارىدىن پايدا تېپىپ خەجلەيدىغان تۈرلۈك ۋەقپىلەرگىچە بۇلار بىلەن قىسمەن ئالغا- بەگىدە بولغاچقا، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىمىز- دەيدىغانلار كۆلگىدەپ، يىگلىشىپ، كۆرۈنمەس بىر ھالغا كەلدى. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش …..» ئېقىمى ئومۇمى سىياسى ئېقىمنىڭ ئورنىنى ئىگەللىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ساناقسىز چوڭ بوشلۇقلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

2- باپ

ئىچكى مەسىلىمىزدىن ھالقىغان دىنى ئېقىم

ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان مىللەت بولغاچقا، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر كوللېكتىپ، جامائەتچىلىك ۋە تەشكىلاتلار مۇسۇلمانلىقتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكى ئاددى بىر مەنتىقە ئىدى. بىراق « سىياسى ئېقىم » – دېگىنىمىز پۈتۈن قۇرۇلما بويىچە مۇسۇلماندارچىلىقتىن مۇناسىۋەتنى ئۆزىۋەتكەندەك بىر شەكىلدە نامايەند بولىۋاتقان بولغاچقا، ئەلۋەتتە دىنغا ئەقىدىسى مۇستەھكەم باغلانغان كىشىلەرنىڭ، ئايرىم بىر گۇرۇپ تەشكىللىشى، مىللىتىمىزنىڭ يىغىسىنى دەردىنى، ئىھتىياجلىرىنى دىنى مەۋقەدە تۇرۇپ قوبۇل قىلىش ۋە باشقىلارغا ئاڭلىتىش ھەققىگە ئىگە ھەم مەجبۇرىيەتلىكتۇر. بۇنداق بىر تەبى ھەق ۋە مەجبۇرىيەت ئارقىسىدا پەقەت مىللىتىمىزنىڭ دىنى مۇئەممالىرىغا مۇناسىۋەتلىك دىنى تەلىم – تەربىيە، دەۋەت، تەشۋىقات دائىرىسىدە ئىچكى مەسىلە نۇقتىسىدىن ئېلىپ بېرىلىشى، دىنى ئېقىمنىڭ نىشانى، غايىسى ۋە ھەرىكەت شەكلى بولىشى كېرەك ئىدى. بىراق مەلۇم دۆلەت، مەلۇم رايونلاردا دىنى ئېقىمغا مەنسۇپ كوللېكتىپلار، جامائەتچىلىكلەر، بەزى بىر دىنى ئۆلىمالار بۇ ئېقىمنى ئىچكى مۇئەمما دائىرىسىدىن ھالقىتىپ، گەۋدىسىدىن بېشى يوغان بىر ھالەتكە ئېلىپ كېلىشتى. مۇناسىۋەتلىك بەزى بىر مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتچىلىرى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخباراتى قەستەن ئويۇن ئويناپ: « سىلەر ۋەتىنىڭلارنى ئازات قىلىسىلەر! بىز سىلەر بىلەن بىرگە » – دېگەندەك ياغلىما كۆرۈك بېسىپ، ئۇلارنى پۈسكەيتىپ قويۇشتى. شۇنىڭدەك تۈرلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخباراتىغا چەمبەر – چاس باغلىنىپ كەتكەن ئېتى ئۇلۇق ئەرەب ئۆلىمالىرىمۇ، ئاللاھ نامىدىن مەدەت بېرىپ، يەل بىلەن كۆپتۈرۈپ يوغانتىپ قويدى. دىنى ئېقىم مەنسۇپلىرى دۇنيا سىياسىتىدىن تەجىربەسىز، ئىچكى سىياسەتتە تېخىمۇ يېتەرسىز بولىشىغا قارىماستىن، ئوقۇرى ئىگىزلەپ قالدى. ئۇلار مەيلى ئۆزلىرى خالىسۇن، ياكى خالىمىسۇن (تار بىر دائىرىگە قاپسىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىدىن قەتئىنەزەر)  بۇ چوڭ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر جاسارەتكە كېلىپ قالدى. ھەتتا بۇ ئېقىم دۇنيا سىياسىتىنى بەلگىلەۋاتقان غەرب ئەللىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ دۈشمىنى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزىۋېلىپ، خىتايدىن ئىبارەت ھەقىقى دۈشمەننى بەزىدە ئۇنۇتقاندەك بىر قىياپەتكىمۇ كىرىپ قېلىشتى. ئۇلار 3- دۇنيا ئەللىرىگە مەنسۇپ(  ۋە شۇنداقلا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئىدارىسى ئاستىدىكى) ئاجىز ئەللەر بىلەن ئىچ قويۇن- تاش قويۇن بولۇشقا باشلىدى. ھالبۇكى ئۇلارنى ئوينىتىپ يۈرگەن 3 – دۇنيا ئەللىرىنىڭ قۇيرىقى غەربلىكلەرنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭكىلەردىن توپلىغان ئۇچۇر، تۈرلۈك ئاخباراتلارنى غەرپ ئىستىخباراتىغا ئۇدۇل يوللاپ بېرىپ، تېگىشلىك مەنپەئەتكە ئېرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقلىرىنى قامدايدىغانىقى، بىزنىڭ ئاق كۆڭۈل دىندارلىرىمىزنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى.
 كۈندىن كۈنگە باش يوغىناپ، گەۋدە ماغدۇرسىلىشىۋاتقان، ئاۋاز تېخىمۇ يوغىناپ كېتىۋاتقانچە، كۈتمىگەن يەنە بىر بوشلۇق، يەنە بىر تەكتى يوق چۇڭقۇرلۇق ئېچىلدى.

3- باپ

ئىچكى مەسىلىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز جىھاتچىلار ئېقىمى

«جىھاد» ئەرەبچە « كۈرەش قىلماق »- دگەن سۆز بولۇش بىلەن بىرگە « مۇقەددەس ئۇرۇش» – دېگەن مەناغىمۇ ئىگە بولۇپ، بۇ جىھات ۋە مۇجاھىت سۆزىنىڭ ھازىرقى زاماندا قانات يېيىشىدا،  سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاننى تىنچلىق بىلەن ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ماددى، ئىقتىسادى ۋە ئادەم كۇچى ياردىمى بىلەن، شۇنىڭدەك ئامېرىكا باشچىلىق پۈتۈن غەرب، ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە قورال كۇچى ياردىمى بىلەن تولۇق قوراللىق تەشكىللىنىپ، رۇس ئىشغالىيىتىگە قارشى ئازاتلىق ئۇرۇشى قوزغىغان « ئافغانىستان مۇجاھىتلىرى»  ئارقىلىق : « مۇسۇلمان خەلقنىڭ ۋەتەن ئازات قىلىش ھەرىكىتى»- دېگەندەك،  يېڭى بىر مەزمۇنغا ئېرىشكەن ئىدى  ئاتالغۇ. ئافغانىستان مۇجاھىتلىرىنىڭ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى غەرب ئەللىرىدىمۇ، شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسىدىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۈلگىلىك ھەرىكەت بولۇپ، 1978- يىللىرىدىن باشلاپ، مۇسۇلمانلار ئوغۇللىرىغا « جىھات، مۇجاھىت» – دەپ ئىسىم قويۇشنىمۇ شەرەپ بىلىدىغان بىر ھالغا كەلگەن ئىدى. يەنى ئۇرۇشنىڭ شەكلى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ۋەتەن قۇتقۇزۇش، مىللەت ۋە خەلقنى مۇستەملىكىدىن ئازات قىلىش بولىدىكەن، ئۇ قوللاشقا، ياردەم بېرىشكە ئەرزىيدىغان، ئىنسانى قىممەتكە ئىگە ئۇرۇش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى چاغلاردىكى ئافغانىستان مۇجاھىتلىرى مىسلىسىز شەرەپ قازانغان ئىدى. 1995- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئېتىبارەن، بىنلادەن يېتەكچىلىكىدىكى « تالىبانلار» ھەرىكىتى قوزغۇلۇپ، ئافغانىستاندا « ئىسلام ئىمارىتى» دۆلىتى قۇرۇش شۇئارى ئاستىدا، ۋەتەننى، مىللەتنى، قىسقىسى ئىنسانلىقنى تونىمايدىغان، ئەكسىچە « بىز جىھاتنى ئاللاھ يولىدا كاپىرلارنى ئۆلتۈرۈپ، كاپىرلارنىڭ قولىدا ئۆلۈش ئۈچۈن قىلىمىز. ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن جىھات قىلىدىغانلارنىڭ، دۇنيالىقتا ھېچقانداق غەرىزى بولمايدۇ. ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، مىللەتنى، خەلقنى ئازات قىلىش ئۈچۈن جىھات قىلىش ئازغۇنلۇقتۇر»-دەپ، جىھات خىتابنامىسى جاكارلىدى. بىنلادەن جىھاتچىلىق ھەرىكىتى ئافغانىستاندا قۇرغان « تالىبان دۆلىتى» نى، جىھاتچىلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش ۋە ئارقا سەپ تەمىنات بازىسى، شۇنىڭدەك پىدائى جىھاتچىلارنى تەربىيلەش بازىسى ئورنىدا قوللاندى. بۇ مەزگىل ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە كۆپلەپ ئېقىۋاتقان، تەشكىللىنىش يولىنى ئىزدىنىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەچكە، چەتكە ئاقىدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قانچە يىللاپ مەدىرىس كۆرگەن، ھەتتا دىنى ۋەز- تەبلىغ سۆزلەپ، ئاز- تولا تونۇلغان، تۇتامغا چىقمايدىغان بانا بىلەن بىر قانچە يىللاپ تۈرمىدە ياتقان…. قاتارلىقلارمۇ غەيرى رەسمى يوللار بىلەن، ئاتالمىش « ساختا پاسپورت» بىلەن چېگرا سىرىتىغا ئېقىشقا باشلىدى.  چەتئەلگە ئاقىدىغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا  دۆلەتلىرىگە كېلىپ توختايدىغان بولغاچقا، «سۇ كەلگىچە تۇغان سال»-دېگەندەك، خىتاي دۆلىتى تەشەببۇسكارلىقىدا « شاڭخەي بەشلىكى ئىتيىپاقى » ئوتتۇرا ئاسىيانى قورشىغان ھالدا قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشكەن ئىدى. نەتىجىدە خىتايغا ئۆچى بار، ۋەتەن – مىللەتكە سۆيگۈسى بار، دىنى ئىسلامغا ئەقىدىسى بار ئۇيغۇرلار  ئۈركىتىلىپ ئاپىرىپ، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ بارىگاھلىرىغا قېتىۋېتىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى بىر گەپدانلىرىنى ئەرەب جىھاتچىلىرى كەلتۈرىۋالدى. يەنى « جىھات پەقەت ئاللاھ يولىدا كاپىرلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە كاپىرلارنىڭ قولىدا ئۆلۈش دېمەكتۇر. مۇجاھىتنىڭ ۋەتىنى، مىللىتى بولمايدۇ، مۇجاھىتنىڭ دۆلىتى بولمايدۇ..» -دېگەن مەزمۇندىكى ئەرەبچە ئەپسۇنلار، شۇنىڭدەك ئۇلار تەقدىم قىلغان « ئەمىر» ناملىق مەنسەپلەر، ئىستەك سورىقى بولمايدىغان قەرەلسىز مائاشلار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى، تىللىرىنى، قۇلاقلىرىنى، يۈرەكلىرىنى بەنت قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىكىدى ئەرەب جىھاتچىلىرى ئاتاپ قويغان بەزى « ئەمىر» لەر، بىنلادەن بىلەن كۆرۈشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ ئېغىر سىھرلەندى. شۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئاتالمىش « ئەمىر»لىرى ۋەتەننى، مىللەتنى تولۇق ئۇنۇتقان ھالدا، بەلكى تولۇق ئىنكار قىلغان ھالدا « ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ ئۆلگەن كىشى بىر زەمبىل گوش بولىدۇ!» – دەپ، ئاللاھتىن قوقماي، مىللىتىدىن ئۇيالماي، سېتىلمىلارچە پەتىۋا ئېلان قىلىشتى. دىنى بىلىمدىن ساۋادى يوق، ياكى چالا ساۋات، ئەمما ئۆزلىرىنى ۋەتەن مىللەتنىڭ يولىدا ئاتاپ قويغان، دۈشمىنىمىز خىتايغا قارشى جەڭگە ئۆزىنى پىدا قىلغان مىڭلىغان ياشلارنى، مەزكۇر سېتىلما، خائىن پەتىۋا تولۇق ئازدۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، ئىچكى مەسىلىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، «خەلقئارا جىھاتچىلار ئېقىمى» غا قوشىۋەتتى.
1998- يلى ئۇيغۇر پىدائىلىرى ئارىسىدا تولۇق ئەمەلىلەشكەن « ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش ئىسلامدا يوق! بىز ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن جىھات قىلىمىز. ۋەتەن- مىللەت – دەپ ئۆلگەنلەر مۇرتەت ئۆلۈمىدە ئۆلىدۇ» – دېگەن ئاتالمىش «دىنى چاقىرىق» نەتىجىسىدە، خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇستەقىللىق، ئازاتلىق ئىنقىلاۋى قوشۇنىمىزنىڭ بىر قىسمى بولغان «ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى تارمىقى» سېپىمىزدىن تولۇق ئايرىۋېتىلدى. بۇ قوشۇن بارغانچە زورىيىپ، نوپۇزى كۆتۈرىلىپ، « خەلقئارا تېرور شايكىسىنىڭ بىر پارچىسى» ھالىغا كەلدى. قايەردە ئاممىۋى ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئىش بولسا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى»  شۇ يەرگە يەتكۈزۈلىدىغان، چېگرا ھالقىغان، رايون ھالقىغان، دىن ۋە ئادىمىلىكتىن ھالقىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلدى. 2011- يىلىدىن باشلاپ سۈرىيەگە سۈرگۈن قىلىنىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئىچىدە تەڭدىن تولىسى قايمۇقتۇرۇلغان، خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ تۇزاقلىرىغا دەسسىۋالغان كىشىلەر ( بۇ ماۋزۇدا بۇ توغۇرلۇق توختالمايمەن) بولىشىغا قارىماستىن ، ئۇلارنىڭ شۇئارى « خىتاينى دۈشمەن تۇتۇش مىللەتچىلىك، ۋەتەننى ئازات قىلىش مۇرتەت- دېمۇكراتچىلىق، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە يەھۇدى كاپىرلىرىنىڭ غالچىلىقىنى قىلغانلىق»- دەپ، ئوچۇق ئاشكارە بايانات ئېلان قىلىشتن بىر كۈنمۇ ئال قالغىنى يوق.
يىغىپ ئېيتقاندا « ئۇيغۇر جىھاتچىلار ئېقىمى» نىشان، مەقسەت جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق، ئازاتلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالغا كەلتۈرۈلگەن، خەلقئارادىمۇ ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى ئەمەس، بىر تېرورچىلىق قوشۇنى ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان، مىللەت، ۋەتەن تەۋەلىكى يوق، قايسى دۆلەتنىڭ ئىستىخباراتى ئىشلەتمەكچى بولسا، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان جايدا، خالىغان نىشان ئۈچۈن بىمالال قوللىنالايدىغان، ئۈستى ئوچۇق بىر ئېقىم بولۇپ قالدى. «ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى ئېقىمى» نىڭ يىگىرمە يىل ئىچىدە بۇنداق تاپتىن چىقىپ كېتىشىدە مۇنداق ئىككى سەۋەپ بار.
بىرىنچى سەۋەپ: ۋەتەن سىرىتىدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ دىيانەتسىزلىكى، مۇستەقىللىق مەۋقەسىدىن تولۇق چېكىنىپ، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە بارلىققا كېلىپ قېلىشى، خىيالى تەسەۋۋۇردىكى بىر دېمۇكراتىك تۈزۈمىگە ھازىردىن باشلاپ باغلىنىپ كەتكەنلىكى، شۇ سەۋەپلىك جەڭگىۋار ياش پىدائىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىتىمادى بولمىغانلىقى.
ئىككىنچى سەۋەپ: خىتاي ئىستىخباراتى بوشلۇقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، يوچۇقلارغا ئۆزىنىڭ غالچىلىرىنى كىرگۈزدى. سىياسى ئېقىمدىكى، دىنى ئېقىمدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، «ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى» قوشۇنىنى سىياسى ئېقىممۇ، دىنى ئېقىممۇ يېتەكلىپ ماڭالمايدىغانلىقتىن ئىبارەت، چوڭ بىر بوشلۇقتىن بۈسۈپ كىرىپ، ھەر دوقمۇشقا، ھەر ئۆتەڭگە خىتاي ئۈچۈن ئىشلەيدىغان سادىق غالچىلارنى بېكىتتى. خىتاينىڭ بۇ سۈيقەستى شۇ يەردە ئېنىق كۆرۈلۈپ قالدىكى، ۋەتىنىمىزنىڭ يىراق سەھرالىرىدىن ئېچىلغان داغدام ھىجرەت يولىنىڭ شامغىچە تۇتىشىپ كېتىشىدۇر. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا « ئۇيغۇر جىھاتچىلىرى » ئېقىمىنى كىم تاپقان بولسا، شۇ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتكە ئىنكار قىلالمايمىز.
ئاخىرقى سۆز
دېمەك ئۇيغۇرلار بىلىپ تۇرۇپ، رېئاللىقتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، بىلمەس بولىۋالغان، چەتئەلدىكى ئومۇمى ۋەزىيەتلىرىمىز ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۈم.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا « ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلاپ نىشانى» 20- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ يېرىم ئەسىر  مۇجمەل، ئېنىقسىز بولۇپ ئۆتكەن بولسا،  ۋەتە سىرىتىدىكى ئەھۋالىمىزدا قاتماللىق، نىشانسىزلىق، پىلانسىزلىق، رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بىر ھالغا كەلدى.
 ئەگەر پىشانىمىزگە پۈتۈلۈپ كەتكەن نەسچىلىكتىن، رەزىل- رىزالەتتىن، پەسەندە- پەسكەشلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئىنسانچە شەرەپكە، ئادىمىلىك مەرتىبىگە، ھەقىقى مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىگە يېتىشنى ئارزۇ قىلساق، مىللىتىمىزنىڭ ئەركىن دۇنيادىكى زىيالىلىرىدىن تارتىپ ئۆلىمالىرىغىچە، تەشكىلاتچى دەۋاگەرلىرىدىن تارتىپ يەككە پۇقرالىرىغىچە، مۇجاھىتلىرىدىن تارتىپ ئوقۇغۇچى تالىبلىرىغىچە ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ، لاياقەتسىز، يارامسىز تەرەپلىرىمىزنى تۈزىتىپ، يامان ئادەت، قارانىيەتلىك، پەسكەش- غالچا ئادەت ۋە ھۈنەرلىرىمىزدىن قول ئۈزۈپ، خىيانەتكار، ئادەم ساتقۇچى قانخۇمار رەزىل جىنايەتلەرگە تۆۋە قىلىپ، ھەسەتخور، سۇخەنچى، دەللال خىسلەتلەرگە خاتىمە بېرىپ، ئاللاھقا باش ئىگەيلى ۋە يېڭى بىر چىقىش يولىغا ئىنتىلەيلى. ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىستىل، سىستېم ۋە يولىمىزدا ئۆزگۈرۈش ئېلىپ بارمىساق، تۈزەتمىسەك، تۈزەلمىسەك، ۋەتەن- مىللەتنى قۇتقۇزۇش، ئاللاھ رىزالىقىغا ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆز- ئارا لەنەتلىشىپ، يات ئەللەردە ياتلارنىڭ نەپرىتىگە كۆمۈلۈپ، « شەرمەندە، ئاسى مىللەت!»- دېگەن بەتنامغا قالىمىز.
ئابدۇرەھىمجان
2016- 12-30