تەزىيەنامە

10266

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى ئىدارە ھەيىتى ۋە مۆھتەرەم ھىدەيتۇللاھ ھاجىم.
مىللىتىمىزنىڭ دىنى يولباشچىسى، دىنى مائارىپنىڭ يېتەكچىسى، مۇستەققىللىق دەۋاسىنىڭ سادىق پىداكارى ھۆرمەتلىك ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى چەكسىز قايغۇغا سالدى.
جۈملىدىن ئۇنىڭ يېتەكچىلىگىدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىدىكى بارلىق خىزمەتداش ۋە مەسلەكداشلىرىنى تاشلاپ ئورنىنى تولدۇرغۇسىز بوشلۇقتا قالدۇرۇپ، ئامانەتنى ھەققە تاپشۇردى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ، ھەربىرلىرىگە، پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقىگە
ئاللاھتىن سەبىر، مەدەت، ماغدۇر تىلەيمىز.
مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە، دوست يارەنلىرىگە، سەپداشلىرىغا تەسەللى ئېيتىمىز.
تەشكىلاتىمىزدىن بىر ھەيئەت مەرھۇم ئۇستازنىڭ نامىزىغا بېرىشا تەرەددۇت قىلغان ئىدۇق. ۋاقىتنىڭ قىس بولىشى بىلەن بىر كىشىلىك ئورۇن
ھەل قىلالىغاچقا، مەخسۇمنىڭ ساۋاقدىشى، دوستى، پىكىردىشى ۋە تەشكىلاتىمىزنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەھىمجان بۈگۈن سەھەر يولغا چىقتى.
مەرھۇمنىڭ قىلىپ تۈگىتەلمىگەن ئارزۇ ئارمانلىرىغا بىز ھەممىمىز ئورتاق ۋارىسلىق قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ زىممىمىزدىكى مەجبۇرىيەتتۇر.
ھەر بىرلىرىگە يەنە بىر قېتىم سەبىر، تاقەت تىلەيمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى

ئوسمانجان تۇرسۇن

2016-يىلى 23-دېكابىر

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، 12. نويابىر ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق …

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …