ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرالامدۇ ؟

fullsizerender

ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرالامدۇ ؟

بۇ تېمىنى سەمىمى ئۇقۇپ چقىپ رىيالىقنى چىقىش قىلىپ ئويلاپ بېقىشىنى دوستلارنىڭ سەمىگە تەۋسىيە قىلىمە.

1. ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرىشى ئۇچۇن دۇشمىنىنى پىشىق بىلىشى ،تەتقىق قىلىشى ،ھازىرقى تاشقى -ئىچكى سىياسىتى ،ئىقتىسادى كۇچى، قۇرال كۇچى ،مۇدا’ئىپە كۇچى ، مېدى’ئا كۇچى ، ئىستىخپارات كۇچى قاتارلىق مۇھىم بولغان نوختىلارنى ئەستايىدىل كۇزۇتۇپ، ھەربىر كۇچىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىگىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپمۇ ۋەتىنىمىزدە ؟ سياسىتىنى ، ئىختىسادىنى، قۇرال ياراق مۇداپى’ئە ۋە مېدىئا كۇچىنى ئايرىم -ئايرىم تەتقىق قىلىپ تۇردىغان بىر كۇچكە ئىھتىياجىمىز بار بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
2.يېقىنقى تارىخىمىزدا ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىز دۇنياغا ئىلان قىلىنىپ مەۋجۇتلىغىنى تاشقى ۋە ئىككى دۇشمەنلەرنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بىرەلمەي مەغلۇپ بولدى ، ھازىرقى ئەھۋالىمىز ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ، 1910-يىلدىن 1950 – بولغان ئارلىقتا دۇشمىنىمىز ئاجىز ئىدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقىمىزنىڭ قۇلىدا قۇرال ۋە شۇ زامانغا لايىق ھەربى تەلىم كورگەن ئەسكىرى بار ئىدى، شۇنداق تۇرۇغلۇق مەغلۇپ بولدۇق، بەزىدە مەغلۇپ بولغان سەۋەنلىكلەرنى ئوتتۇرغا ئېلىپ چىقتۇق ساۋاق ئالغانمۇ بولدۇق، ئەمما ھازىرقى رىيالىققا قارايدىغان بولساق خىتاي زامانىۋى قورال كۈچىگە ئىگە ھەم دۇنيا خىتايدىن تەپ تارتىدىغان بىر ھالغا كەلدى،ئەمدى بىزنىڭ كۈچىمىزنى ئويلاپ باقايلى روھىمىزدىن باشقا ماددى كۈچىمىز يوق، چەتەلدىكى كۈچىمىزچۈ ؟ ھىچ بىر دەۋلەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنىنى خىتايلار بەسىۋاپتىكەن دىگەننى دىگىزەلمىدۇق، ۋەتەن ئىچىدە 100 يىلدىن بىرى نۇرغۇنلىغان قەھىرمانلىرىمىز ، ئەزىمەتلىرىمىز ئاق كۇڭۇل قەرىنداشلىرىمىز ئىسسىق قانلىرىنى تەقدىم قىلدى ياكى شەھىد قەلىندى، يەنە چىقساق يەنە تۇگەيمىز، بىر گۇرۇپ ئۇمەتچى قەرىداشلىرىمىز دۇشمەن ئىزدەپ سۈرىيەدە يەنە بىر گۇرۇپ دۇشمەن ئىزدەپ خۇراسانغا كېتىۋاتىدۇ. ئۇلاردىنغۇ يەقىن كەلگۇسىدە ھىچ ئۇمۇت يوق، ھازىرقى ئۇچۇر دۇنياسىدا تەلفون تەبلىغى ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان جىھات تەشۋىقاتى، خۇراسانغا ھىجرەت ،رىيالىقتىكى بىزنىڭ كۇچىمىز بۇمۇ؟ يەقىندا ۋەتەندىن كەلگەن بىرەيلەنىڭ نۇپۇس توغرىسىدا ئاڭلىگانلىرىنى دەپ بەرىشچە ئۇيغۇرلار ستاتىسكا بۇيۇنچە 12008000 خىتاي نۇپىسى 8000000 ئاخما نۇپۇسى 1000000 ئەتراپىدا ئىكەن ، ئاز دىگەندىمۇ 500 مىڭدىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئەسكىرى بار ئىكەن، بۇنداق ئەخۋالدا بىردىن ئىككىدىن چىقىپ ئۇلۇپ تۇگەپ كىتىشتىن قانداق ساقلىنىمىز ؟ چۇنكى بىر ئىنسانىڭ جەنىنى دورغا تەكىدەك ھالغا كەلىشىگە ئاز دىگەندىمۇ 15 -20 يىل ۋاقىت كەتىدۇ ، چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى تەخمىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزىنى ئۇيغۇر دەيدىغانلار 500 مىڭ بىلەن بىر مىليۇن ئەتراپىدا ياۋروپادا 15000 مىڭ ئەتراپىدا تۇركىيە 50000 ئەتراپىدا ئامەركا 10000 ئەتراپىدا يەنە نەلەردىدۇ 10000 دەپ تۇرايلى ھەممىنى قوشقاندا 1 مىليۇن 100 مىڭ دەپ تەخمىن قىلدىم ، بۇلاردىن سياسى ئاڭ سەۋىيەگە ئىگە ئۇيغۇرنىڭ سانى 1000 غىمۇ يەتمەيدۇ ، پارلامەنت ئەزاسى بولالىغىدەك زىيالىلار قانچىلىك ؟ بىلمەك قېيىن، بىزنى بىر ئارىغا ئەكىلەلمىگەن مۇرەكەپ مەسلە زادى قايەردە ؟
داۋا قىلغۇچىلارنىڭ ئۇمۇمى ساپاسى زادى قانچىلىك ؟
3. خىتايلارنىڭ ئاجىزلىق تەرەپلىرى ۋە ۋەتىنمىزدە ئىجرا قىلۋاتقان سىياسى تاكتىكىلىرىنى تۇپىدىن بىلىپ شۇنىڭا قارىتا تاقابىل تۇرالىغىدەك ، سىياسى پىلانىمىز بارمۇ؟ مەسىلەن خىتايلار تارىختىن بىرى پايدىلىنىپ كېلىلۋاتقان ھىلە نەيرەڭلىرىنى ئازدۇر كوپتۇر بىلىمىز يۇ، تاقابىل تۇرالىغىدەك پىلان ،نىشان ۋە چارە – تەدبىرلىرىمىز بارمۇ ؟ خىتاي دۇنياغا جار سەلىۋاتقان ھازىرقى بىر بەلۋاغ سىياسىتىنىڭ كەينىدە زادى قانداق ھىلى-نەيرەڭلىرى بار ؟ ئۇندىن باشقا دۇنياغا كۆرستىۋاتقان ھەيۋىسىنىڭ ئەمىلى كۇچى قانچىلىك؟ يالغىنى قانچىلىك؟ ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىۋاتقان ھىلىسىچۇ مەسلەن ئۆز گۈشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش، ئىشىتنى ئۆيگە سولىۋەلىپ ئۇرۇش قاۋىسا تېخىمۇ قاتىق ئۇرۇش دىگەندەك تەخىمۇ كۆپ ………….
4، خىتاي ئۇزۇندىن بىرى خەلىق- ئارادا ۋەتىنىمىزنى ئەزەلدىن تارتىپلا خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ جار سەلىۋاتىدۇ ، خىتاينىڭ بۇ سەپسەتىسىنىڭ تامامەن يالغان ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدىغان باشقا دەۋلەتلەردە ساقلىنىۋاتقان پاكىتلىق تارىخنى مەنبە قىلىپ تەييارلىغان مۇكەمەل دوكلاتىمىز بارمۇ؟ شۇنداق بىر دوكلاتىمىز بولغان بولسا ئىدى، بىرقانچە تىلغا تەرجىم قىلىنىپ ، كەلگۇسىدىكى داۋارىمىز ئۇچۇن مۇستەھكەم تۇتقى قىلىشقا بولاتتى .
5. ئالىم ،ئۆلمالىرىمىز قۇر’ئان سۇننەتنى ئاساس قەلىپ ۋەتىمىزنىڭ ۋە ھەلقىمىزنىڭ ھازىرقى شارا’ئىتىگە ماس كەلگىدەك دەۋاگەرلەر قوللانغۇدەك مۇكەممەل سىياسى قوللانمىمىز بارمۇ ؟ قانۇن ئوقۇغان زىيالىلار بىلەن بىر ئارىغا كىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ جۇملىدىن بارلىق مۇسۇلمان دەۋلەتلىرىگە ئۈلگە بولالىغىدەك بىر دەۋلەت ئاساسى قانۇنى لايىھەسى تۇزۇپ چىقالىدۇقمۇ ؟ مانا مۇشۇ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنمىسەك كەلگۈسىدە دەۋلەت قۇردۇقمۇ دەيلى دەۋلەتنى نىمىگە تاينىپ ئىدارە قىلمىز؟
6، ۋەتەن ئىچىدىكى مىلىتىمىز ئىنتايىن بىر قورقۇنۇش ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ بۇنى قانداق قىلىمىز ؟ خىتاينىڭ ھازىرقى جىددى سىياسىتى خەلقىمىزنى سۇكۇت يولىنى تالاشقا مەجبۇر قىلماقتا؟ دىننى ئالىملىرىمىز بولسۇن زىيالىلىرىمىز بولسۇن .ئىختىساد ئىگىلىرى ۋە دىخقانلار بولسۇن ئاساسى جەھەتتىن بېشىنى ئىچىگە تىقىۋەلىپ خىتاي ھۇكۇمىتى ۋە خىتايلار بىلەن ئەپ ئۇتۇپ ئوز ئا’ئىلىسىنى ساقلاپ قەلىشنى 1- ئۇرۇنغا قۇيۇپ ياشاشقا مەجبۇر ھازىرچە بىر چەقىش يولىمۇ يوق ،ساقچى ۋە باشقا ئىدارە جەمىيەتتە ئىشلەۋاتقان بىر تۇركۇم ساپاسى ئىنتايىن توۋەن نادان لۇكچەكلەر خىتاي ھۇكۇمىتىگە سادىقلىق بىلەن ئەمەل مەنسەپنى دەپ مىللىتىمىزنى قاتتىق باستۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئويناۋاتىدۇ بۇلاردىن قانداق قىلىپ قۇتۇلىمىز؟
7. ھازىر دۇنيادا مەۋجۇت ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ، ما’ئارىپ جەميىتى ، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى ، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشىكىلاتى، ۋە سۇرگۇندىكى ھۇكۇمەت، مانا مۇشۇ تەشكىلاتلار ھازىرقى سەھنىمىزدە مەۋجۇت، ھەممە تەشكىلات ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزىمىز دەيدۇ ھەمىسىنىڭ ئوزىگە توغرا مۇشۇ تەشكىلاتلار ئارا بىرلىك سەپ قۇرۇشنىڭ يولىرى بارمۇ ؟
8. چە’ئەتەلگە چىققىنىغا نەچچە يىللار بولسىمۇ ئاڭ سەۋىيەسى ئىنتايىن توۋەن ئۇيغۇرچە قانچە چۇشەندۇرسىڭىزمۇ چۇشەنمەيدىغان ۋە باشقا تىل بىلمەيدىغان ، ئالىم ئۆلىما ۋە باشقا قەرىنداشلىرىمىز تۇزەيمەن دەپ ئوزى چارچاپ ھالىدىن كېتىپ بارغان ، نادانلار بار بۇلارنى قانداق قىلىمىز ؟
9. بىھۇدە گۇمان سەزگۇرلىگىمىزنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى بىلەن گۇمانخورلۇق قىلىپ باشقىلارنى خاتا ئەيىپلەش ۋە ھەسەتخورلۇقنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز ؟
10. قانداق قىلىپ ئىچىمىزدىكى داۋا سەرھىلىرىنى تاللاپ چەقىپ چە’ئەتەلەردىكى خەلقىمىزنى يىتەكلەپ ،ۋەتەن ئىچىدىكى بىر تۇركۇم سەرخىلىرىمىزنىڭ ۋەتەن ئىچىدە تۇرۇپ چەتەلدىكى داۋا سەپىمىزدىن زوقلۇنىدىغان ۋە قۇرۇلماقچى بولغان دەۋلىتىمىزگە ئاساس يارتالايمىز؟
11. ۋەتىمىزگە ئى شى’ئە مەزھەپىنىڭ ئەقىدىلىرى نەدىن كىرىۋاتىدۇ كىرگەن بولسا كىملەر تەرپىدىن قانداق ئۇسۇلدا كىرىۋاتىدۇ؟ كەلگۇسىدە ۋەتىنىمىزدە ئىچكى ئۇرۇشقا سەۋەپ بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بۇنى قانداق قىلىمىز؟
يۇقۇرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەنلىرىم مەن ھىس قىلغان رىياللىق. مەن بىلەلمەي ياكى قەلەمگە ئېلىنماي قالغان تەرەپلىرى بار بۇلىشى تەبى …دەۋلەت قۇرۇشىمىز ئۇچۇن مۇشۇ بىرقاتار مەسلىلەر ھەل قىلىنماي تۇرۇپ ۋە خەلقىمىز ۋەكىل خاراكتىرلىك ئېتىراپ قىلغان ئىش پىلانىمىز ۋە مۇنتىزىم بىرلىك سېپىمىز بولماي تۇرۇپ دەۋلەت قۇرۇش ئەممەس ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنىنى خىتايلار بەسىۋاپتىكەن دىگەن ئۇقۇمنىمۇ يارىتالمايمىز،قالدىسىنى سىياسى ئاڭ سەۋىيەگە ئىگە سەرخىلىرىمىزنىڭ ئويلۇنۇپ بەقىشىغا سۇندۇم. ،داۋامى بار

شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومېتېتى رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق
ستوكھولم

2016-يىلى 12-دېكابىر

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …

جاۋاب يېزىش