سۈرىيە ئۇرىشىدىن بىز نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟

2016-12-11-photo-00000097

سۈرىيە ئۇرىشىدىن بىز نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟

سۈرىيە خەلقى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى- ئېنىق ئېيتقاندا زالىم، دىكتاتور ئەسەد ھاكىمىيىتىگە  قارشى نارازىلىق ئىسيانى كۆتەردى. قوراللىق ھەرىكەت قىلدى. ماجىرانىڭ تەرەققىياتى ھەممە تەرەپنىڭ زىيىنىغا ۋايىغا يەتتى. سۈرىيەدە « مۇستەملىكە قىلغۇچى ۋە مۇستەملىكەقىلىنغۇچى»  مەسىلىسى يوق. يەنى سۈرىيەدە مىللى مەسىلە توقۇنىشى يوق. ئەكسىچە دىكتاتور، زالىم بىر ھاكىمىيەتنى خالىمىغان سۈرىيە خەلقىنىڭ ھەقلىق، نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، ھەر تۈرلۈك تاشقى كۈچلەرنىڭ قول تىقىشى نەتىجىسىدە، ئاخىرى چىقماس بىر بالايى- قازاغا ئايلاندى.

ئاتالمىش « ئەرەب باھارى» خەلق ھەرىكەتلىرىدە تۇنىس، لىۋىيە، مىسىر، يەمەن قاتارلىق، دىكتاتور تۈزۈمى ئاستىدىكى بىر قانچە دۆلەتلەردە ( نەتىجىسى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر)  ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ۋە ياكى ھۆكۈمران ئائىلىلەر ئورۇن بوشىتىپ، بىر قىسىم ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. بىراق سۈرىيەدە بولسا، ئىش تامامەن باشقىچە.

سۈرىيەدىكى ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلمەسلىكىدە، سىرتقى كۈچلەر مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئەسەد ھاكىمىيتىنى كۇچ بىلەن ئىزچىل قوللاۋاتقان رۇسىيە بولمىغاندا، ئىش بۇنچىلىك يامان يەرگە يېتىپ كەتمەيتتى. ھەتتا سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسى يول بىلەن، دىپلۇماتىك چارە- تەدبىر ئارقىلىق ھەل قىلىش تەكلىپ- لاھىيەسىنى رۇسيىە بىلەن خىتاي ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.

نەمرۇت، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئوتقا تاشلىغاندا، ئۇچار قۇشلار چېغىدا كىچىككىنە تۇمشۇقلىرىدا سۇ تۇشۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئىكەن. ئەمما سۈرىيەدە مۇسۇلمانلار، ئىنسانلار تىرىك پېتى ئوتتا كۆيىۋاتسا، زالىم، دىكتاتور دۆلەتلەر ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك تۈرلۈك ئىدىئولوگىيە ۋە ئەقىدە مۇخلىسلىرى بوران چىقىرىپ، ئوتنى يالقۇنلاتماقتا.

سۈرىيە خەلق ھەرىكىتىدە « كۈردىستان قۇرغۇچى» كۈچلەر، «ئىسلام خىلاپىتى قۇرغۇچى» كۈچلەر، « شىئە مەزھەپچى» كۈچلىرى…. قاتارلىق ئېقىملار  مەيداننى قالايمىقانلاشتۇرمىغان بولسا، ياكى بىرلىك سەپ تۈزۈپ، ئالدى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنى يىقىتىپ، ئاندىن ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ھەل قىلىش يولىنى تۇتقان بولسا، ئېھتىمال بۇ قەدەر قىيامەت بولۇپ كەتمەستىن، ئۇلار ئۆز مەنزىللىرىگە يېقىنلاشقان بولاتتى.

بىز 1945- يىللىرى بېسىپ ئۆتكەن تارىخىمىزدا، بۈگۈنكى سۈرىيە مەسىلىسىگە بەزى تەرەپتىن ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەزىيەت بولغان ئىكەن. يەنى باشلىقلىرىمىز ئىدىئولوگىيە پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، مۇستەقىللىق نىشانىدىن يىراقلاپ كېتىپتىكەن. بولۇپمۇ گومىنداڭچى ئۇيغۇر رەھبەرلىرى، گومىنداڭچى قازاق كۈچلىرى مۇستەقىللىق كۈرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، بەش يىللىق ئۇرۇش ۋە تىرىكىشلەرنىڭ پۈتۈنلەي بەربات بولىشىغا سەۋەپچى بولغان ئىكەن. بۈگۈنكى سۈرىيەدە تۈرلۈك ئېقىملار گەرچە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى بولسىمۇ، لېكىن  بىرلىك سەپ ئورناتمىغاچقا، غەلىبىنىڭ ئىچكى ئامىلىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىدى.

سۈرىيە خەلق ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر سىياسى دەرسلىك بولۇشتا، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر.

ۋەتىنىمىزنى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتقۇزۇپ، مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرىشىمىز، پەقەت قوراللىق جەڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەنى خىتاي قانسىراپ، جان تالاشمىغۇچە چىرايلىق گەپ بىلەن ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت. لېكىن بىز ھېسسىياتنى قاتلاپ قويۇپ تۇرۇپ، ھەممىدىن ئاۋال ئەقىل بىلەن، سىياسى مەنتىقە بىلەن تەھلىل ۋە مۇزاكىرە قىلىدىغان مۇھىم نەرسە شۇدۇركى، قوراللىق ئۇرۇشنى باشلىدۇق- دېسەك، بارلىق مۇجاھىتلىرىمىز ئىنساپقا كېلىپ، خىتايغا قارشى سەپكە قېتىلدى – دېسەك، بۇ پەقەت ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەمما ئۇرۇشنىڭ تەرەقىىياتىغا ياردەمنى قايسى ئەلدىن ئالىمىز؟ خىتاينى قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ياردىمىنى قايسى دۆلەتتىن، قايسى ئىدىئولوگىيەلىك ئېقىمدىن ئالىمىز؟

ئۆتكەن ئەسىردىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يوقىتىلىشى جەريانىغا سىياسى نەزەر بىلەن قارىغىنىمىزدا، ئىچكى ئامىلغا ئوخشاشلا تاشقى ئامىلمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى كۆرىۋېلىش قىيىن ئەمەس. يەنى بىز خىتايغا قارشى ئۇرۇشنى ئۆز كۈچىمىزگە تاينىپ قوزغاپ چىقالايمىز. ئەمما خىتايغا قارشى بىزنى قوللاپ، ئىزچىل ياردەم قىلالايدىغان كۈچلەر ئاخىرقى نەتىجىنى بەلگىلەشتە بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ياردەمچى تاشقى كۈچلەرنى تاللاشنى بىلىشكە ۋە قولغا كەلتۈرۈشنى بىلىشكە مەجبۇرمىز. شۇنىڭدەك چوڭ دۈشمەننى يوقىتىش ئۈچۈن كىچىك دۈشمەنلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش، ياكى تاشقى دۈشمەننى يوقىتىش ئۈچۈن ئىچكى مۇخالىپەتچىلەر بىلەن بىرلىك سەپ قۇرۇشنى بىلىش كېرەك. ھەمدە دۈشمەننى تولۇق تونۇپ، يوقىتىش نىشانىمىزنى ئېنىق بېكىتىپ چىقىشىمىز لازىم.

بىزنىڭ چەتئەلدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتلىرىمىزدىن ئېيتقاندا، « تېنچ يول بىلەن تەقدىرىمىزنى ھەل قىلىمىز »، « قوراللىق ئۇرۇش قىلىپ، تەقدىرىمىزنى ھەل قىلىمىز »، « قوراللىق جىھات قىلىپ ئىسلام دۆلىتى قۇرىمىز»- قاتارلىق پىكىر، ئېقىم ۋە تەشكىلاتلار، ھەرىكەتچىلەر مەۋجۇت. بۇ ئېقىملارنىڭ ھەممىسلا ئۆزلىرىگە ياراپ قالغان مەۋقىئەلىرىدە شۇنچىلىك رادىكال، شۇنچىلىك قاتمالكى، ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھېچقانداق نەزەرىيەلىرى ۋە باشقا بىر رايون ۋە مىللەتتە نەتىجە قازانغان ئۆرنەكلىرى يوق. پەقەت ئۆزىنىڭكىنى توغرا- دەپ، قارشىسىدىكىنى رەت قىلىشتىن باشقا بىر نېمىسى يوق. شۇڭا ھازىرغىچە ھېچقايسى ئېقىمغا بىرەر دۆلەت تۇرماق، بىرەر چوڭراق تەشكىلاتمۇ ياردەم بېرىشكە ئىنتىلمەكلىك. چۈنكى ئوتتۇرىغا قويىدىغان نەرسىسى، خەققە دەيدىغان گەپلىرى سەۋىيەسىز، تۇتامسىز، ئۇرۇش ئەمەلىيىتىدىن يىراق، تىنچلىق پرىنسىپلىرىغا ھەم ماس كەلمەيدۇ.  ھەتتا ئۆزى بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى رېئاللىقنى تونۇپ يەتمىگەن. بۇنداق چۈشكۈن ۋەزىيەت ئاستىدا ( چەتئەلدە ) يەنە يىگىرمە يىلدىن كېيىنمۇ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشمەك خىيالى بىرگەپ.

شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ دەۋا- ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىپ، قايسى نۇقتىدا نەتىجە قازاندى؟ قايسى نۇقتىدا خاتالاشتى؟ قانداق قىلىشى كېرەك ئىدى؟ – دېگەندەك مەسىلە ئۈستىدە ئەتىراپلىق، پاكىتلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا ئوخشاشلىق تەرەپلىرىمىزنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن بىزنىڭ دۈشمىنىمىزنىڭ ئوخشاشلىق نۇقتىلىرىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، باشقىلارنى قايىل قىلالىغۇدەك، ئۆزىمىزنى يېتەكلەپ ماڭالىغۇدەك بىر قوللانما تۈزۈپ چىقىشىمىز ھەممىدىن ئاۋالقى ۋەزىپىمىزدۇر.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى

ئابدۇرەھىمجان