كۈنىمىزدە ئىسلامغا كىملەردىن دۈشمەنلىك يېتىۋاتىدۇ؟

2016-09-17-PHOTO-00000039.jpg wird angezeigt.

ئىسلام دىنى ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جانلىق كۆرسەتمىسى، تەلىم بېرىشى بىلەن مۇكەممەل، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە دىن ئىكەنلىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئايدىڭ . بىراق، ئىسلام دىنى پەۋقۇلئاددە مۇكەممەل دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا كىشىلىك تەسەۋۋۇرغا سىغمىغۇدك دەرىجىدە ماسلىشىشچانلىقنىڭمۇ بارلىقىنى چۈشىنىش، قوبۇل قىلىش ئىنتايىن قىيىن ھەم ئېغىر مەسىلە بولۇپ، ھەرقايسى مۇسۇلمان ئەللەردە ۋە تۈرلۈك دەۋرىلەردە، سان ساناقسىز مۈشكۈللۈكلەر كېلىپ چىققان ۋە دەۋرىمىزدىمۇ يېڭى مۈشكۈلاتلار كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ.

ئەسلىدە ساھىب شەرئى – ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى مەرھەمەت قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن بۇ داغدام يولنى، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تار كۆڭلىگە سىغدۇرماقچى بولىدۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈنلا تەر ئاققۇزىدۇ. ۋاقتى كەلسە ھەتتا قانمۇ ئاققۇزۇپ، ئاجايىپ ئېغىر بەدەللەرنىمۇ تۆلەيدۇ.

قۇرئاندا شۇنداق ئېنىق بايانلار باركى، مۇسۇلمانلارنىڭ، ئىلگىركى قوۋملەردەك، ئۆز ئۆزىگە ئەھكام يۈكلەيدىغانلاردىن بولماي، ئاللاھنىڭ ئەمىر، پەرمانلىرىنى ئۆز خاھىشلىرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشماي، ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى ھەۋەسلىرىگە، شەيتانى كۆڭۈللىرىگە بېقىندۇرماي، ئەكسىچە، ساھىب شەرئىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇنلىشىشنى تەكىتلەيدۇ.

ئىلگىركى قوۋملەردىن يەھۇدىلار ئۆزلىرىچە قوينىڭ گوشىنى ھالال، مېيى ھارام-دەپ، ھۆكۈم قىلىۋېلىشىپ، كېيىن ئۇنىڭغا ماسلىشالماي، بىر قىسىم تائىپىلىرى: ھە، بۇ توغرا بولماپتۇ. ئەسلىدە قوينىڭ ئىچ مېيى ھارامكەن، قۇيرۇق ۋە بېقىندىكى مايلىرى ھالال – دېيىشىپ، قىسمەن ئۆزگەرتىش قىلسا، يەنە بەزى بىر تائىپىلىرى: ياق، ئەسلىدە قۇيرۇق ۋە ياكى بېقىن مايلىرى ھارام، ئىچ مېيى ھالال – دەپ، شەرئىدىن ھېچقانداق دەلىل بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆزلىرى نېمىنى ياقتۇرمىسا، شۇنى شەرىئەت نامىدىن ھالال، ھارام دېيىشىپ، ئىختىلاپ قىلىشقان. ناسارالارمۇ ئۆزلىرى خالىغاننى ھالال، ياقتۇرمىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن- ھارام قىلىپ، ئىلاھى ۋەھى كىتاپلىرىغىمۇ يېزىۋېلىشقان ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يۈزلىگەن ئىنجىللىرى باركى، بىر بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە بىر بىرىگە زىت. ئاخىرى بېرىپ، ئاۋاملار ئۇ كىتاپلارغا ئىشەنمەيدىغان، دىنلىرىغا ئىشەنمەيدىغان، ھەتتا ياراتقۇچى ئىلاھقىمۇ شۈبھە بىلەن قاراپ، بەزىدە بىراقلا ئىنكار قىلىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئېغىر.

ناسارالار يىلدا قىرىق كۈن روزا تۇتۇشنى پەرىز قىلىپ، بۇ مەزگىلدە پەقەت كېچە- كۈندۈز گوش يىمەسلىكنى روزىنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىرىق كۈنلۈك گوش يىمەسلىك بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇخىنىڭ ئۆلۈك تىرىكىنى تۇخا- دەپ، ئاتايدىغانلىرى: تۇخا گوش قاتارىغا كىرمەيدۇ، رامىزاندا تۇخا يېسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسى ھارام – دەپ، پەتىۋا چىقارسا، بېلىقنىڭ ئۆلۈك تىرىكىنى بېلىق- دەپ ئاتايدىغان يەنە بىر تائىپىلىرى: ياق، تۇخىمۇ گۈش قاتارىغا كىرىدۇ. شۇڭا ھارام. پەقەت بېلىقنى يېسە بولىدۇ، چۈنكى بېلىق گوش ئەمەس- دەپ، پەتىۋا چىقىرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى ھەۋەسلىرىنى شەرئى ھۆكمى قىلىپ بېكىتىشكەن. شۇنداق ئازغۇنلۇق تۈپەيلى، ئۇ قوۋملەر تېرىقتەك چېچىلىپ، مەزھەپلەرگە ئايرىلىپ، دۈشمەنلەشكەن ۋە پەتىۋا ئىختىلاپىنى ئاساس قىلىشىپ، ئۆز- ئارا قانلىرىنى، ماللىرىنى ھالال سانىغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مىڭ يىللاپ داۋاملاشقان ئالەمشۇمۇل ئۇرۇش، قان تۆكۈشلەر ئاشۇنداق مەزھەپ بالاسىدىن كېلىپ چىققان ئىدى. بۇنداق ماجىرالاردىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى، دىندىن بىراقلا چىقىپ كەتسە ھەل بولىدىغانلىقىنى تەتقىقات قىلىپ، ئاخىرى قانچە يۈز مىليون دىندار، ئەھلى كىتاپلار دىنغا ئىنكار قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا : ئالەمنى ياراتقۇچى، ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى بىر ئىلاھ بار. ئەمما ئىنجىل ۋە دىن كىشىلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان – دېگەن تونۇشقا كەلگەنلىرىمۇ خېلە كۆپ . ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنى ئىسلام شەرىئىتىمۇ قارشى ئالمايتتى ئەسلىدە. قۇرئان نازىل بولىۋاتقان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلىم بېرىۋاتقان دەۋرىلەردە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار، دۈشمەنلىشىشلەر بۈگۈنكى كۈندە يوقىتىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە ئۆچ- ئاداۋەتلەر يوقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگىنى دىن، ياكى مەزھەپ بولماستىن بەلكى، پۇل، دۇنيا مەنپەئەتى، سىياسى مەنپەئەتلەر بولۇپ قالدى. زامانىمىزدا بولسا، ئىسلام ئۇممەتلىرى ئىچىدە، ئەينى چاغلاردىكى ئەھلى كىتاپلارنىڭ جاھالىتىگە ئوخشاش جاھالەتلەر بۇرنىنى ھەر تۈشۈككە تىقىپ يۈرمەكتە.

بىر ئاز باشقا قايتىپ، ئەسلى مەقسەتكە يېقىنلىشايلى. ئىسلام دىنى مىللەتكە تەۋە دىن ئەمەس. يەنى ئىسلامدا مەلۇم بىر مىللەت دىننىڭ ئۆلچىمى قىلىنمايدۇ. پەقەت نامازدا ئوقۇلىدىغان قۇرئان ئايەتلىرى، تەسبىھ، دۇرۇتلار، ئەزان، تەكبىرلەر ۋە قۇرئاننىڭ تىلاۋەت قىلىنىشى ئەرەبچە ئەسلى لەپزە بىلەن ئوقۇش شەرت قىلىنغاندىن باشقا، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا، ئەرەب تىلىنىڭمۇ باشقا تىللاردىن دىنى جەھەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان يېرى يوق.

مۇسۇلمان قوۋملەر مەدەنىيەت، تىل، ئۆرپى – ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق دىن بىلەن باغلىنىشى بولمىغان ھەرقانداق ئىش – پائالىيەتلەردە مۇستەقىل، ئۆز كىملىلىرىنى ساخلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ھەرقانداق بىر مىللەت، قوۋم ۋە يەككە ئادەملەر، بۇرۇنقى دىنىنى تاشلاپ ئىسلامغا كىرسە، غەيرى مۇسلىم ۋاقتىدىكى تىلىنى، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى، شەرئى ھارام قىلمىغان ھەرقانداق يېمەك، ئىچمەكلىرىنى، شەرئى ھارام قىلمىغان كىيىم – كېچەكلىرىنى، ئۆي تۇرالغۇسىنى، مەھەللىسىنى، يۇرتىنى، ۋەتىنىنى تاشلاشقا مەجبۇرلانمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا قارشى تۇرمايدىغان، دۈشمەنلەشمەيدىغان، توسقۇنلۇق قىلمايدىغان ئاتا- ئانىسىدىن، خوتۇن بالىلىرىدىن، ئۇرۇق تۇققان ۋە بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلانمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا، كىشىلىك ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلاردا ئىسلام دىنى ۋە ئەھكامى شەرئى ماسلىشىشچانلىققا، ئەۋرىشىملىككە ئىگىدۇر.

ئىسلام دىنى نازىل قىلىنغان دەسلەپكى دەۋرلەردە، يۇقىرىقىدەك ئەۋزەللىكى بىلەن، قىسقا ۋاقىتتا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ چىقىپ، يەمەندىن يەسەرگىچە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئىسلامنىڭ خەلىپىلىك ئىمتىيازى ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن تۈرك – ئوسمانلىنىڭ قولىغا ئۆتكەندە بولسا ئىنسانىيەتنى ئۆز- ئارا تۇتاشتۇرىدىغان، ھەقىقى قەلب رىشتىسىگە ئايلانغان ۋە ئىسلامنى دىن شەكلىدە قوبۇل قىلمىسىمۇ، بەلكى ئوخشاشمىغان دىن مەنسۇپلىرى ئارىلىرىدىكى ھەل قىلىنماس ماجىرالارغا ئىسلامنى ۋاستە قىلىپ، ئىسلام خەلىپىسىنى كېپىل قىلىشىپ ئەھدىنامە، توختام تۈزىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. ئۇ زامانلاردا ئاجىز قوۋملەرنى كۈچلۈكلەر بوزەك قىلالمايتتى. ئىسلامنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان قوۋملەرنى دىن، مەزھەپ، ئىرق ئايرىماستىن ئۆز پاناھلىقى ئاستىغا ئالاتتى.

ئىسلام دىنى مەيلى ئەقىدە جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئىبادەت جەھەتتىن بولسۇن زورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق بىر كەڭچىلىك دىنىدۇر. ئىسلام دىنىدىكى نۇرغۇنلىغان غوللۇق پەرىز ئەمەل ۋە ئىبادەتلەر ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئىمكانىيىتىدىن ھالقىپ، مۇشەققەت، زورلۇق شەكىللەندۈرسە، ئۇنىڭ ئادا قىلىنىشى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىدۇ، ياكى باشقا بىر مۇۋاپىق پەيتكە كېچىكتۈرىلىدۇ. ئىسلام دىننىڭ ئەۋزەلىكلىرىنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئادەم ھاياتىغا ماسلىشىشچانلىقى شۇيەردە ئىپادىسىنى تاپىدۇركى، چوشقىنىڭ نەقەدەر ئېغىر چەكلەنگەن نېجىس ھايۋان بولىشىغا قارىماستىن، ئاچ قالغان مۇسۇلمان ھاياتىنى ساخلاپ قېلىش ئۈچۈن چوشقا گۆشىنى يېيىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئىسلامدا ئىمان ۋە ئەقىدىگە رىئايە قىلىش قاتتىق تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جاننى ساخلاپ قېلىشقا توغرا كەلگەندە، كۇپرى سۆزنى تىلغا ئېلىشقىمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ.

تەكىتلەپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنى ئۆز قوينىدىن ھېچكىمنى ھەيدەپ چىقارمايدۇ. ھەتتا ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان كىشىلەرنىمۇ ، ئىسلامغا قارشى چىقمىغان مۇددەت ئىچىدە ئۆز قوينىغا ئېلىپ، ئىنسانلىق نورمىسىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ. ئەمما ئىسلام شۇنداق ساناپ تۈگەتكۈسىز ئارتۇقچىلىقى بىلەن تۇرۇپ، كۈنىمىزدە كىشىلەر ئىسلامدىن، مۇسۇلمانلىقتىن نېمىشقا يىراقلىشىۋاتىدۇ؟ – بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىسلام بىلەن دىنلانغان تۈرلۈك ئىقلىمدىكى قوۋملەرنىڭ، دىن بىلەن ئالاقىدار ھاياتىغا نەزەرنى ئاغدۇرۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.

باشتا دەپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئىسلام دىنى تۈرلۈك مىللەت، قوۋم، قەبىلىلەرنىڭ ئىسلامى ئىتىقاد ۋە ئىبادەتكە زىت كەلمەيدىغان ئۆرپى – ئادەتلىرىنى، يەرلىك ئەن ئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى چەكلىمىگەن ھەم چەتكە قاقمىغان. شۇ تەرىقىدە ئىسلام كېڭىيىپ، مۇسۇلمانلار كۆپىيىپ، يەر يۈزىدىكى يەتتە ئىقلىمنىڭ ھەممىسىدە ئىسلام دىنى ئىنسانلار ئىتىقاد قىلىدىغان دىنلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئەينىۋاقىتتا ساخلاپ قېلىنىشى رۇخسەت قىلىنغان بەزىبىر يەرلىك ئادەتلەر، گۇياكى ئىسلامنىڭ ۋاز كېچىلمەس بىر پارچىسى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ئەھۋاللارمۇ مەيدانغا چىقىشقا، ئاۋاملارنى گاڭگىرىتىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك بەزىدە پەرقلىق قەبىلە، قوۋملەر ئارىسىدا دىنى جەھەتتىن كەمسىتىش، سېنىڭ قىلغىنىڭ باتىل، بىزنىڭ توغرا – دېگەندەك، ئىختىلاپ چىقىپ، ئۆز – ئارا دۈشمەنلىشىشكىچە بېرىپ يەتتى. بۇنداق دىندا ئىختىلاپ قىلىشىش، ئۆچمەنلىشىش، دۈشمەنلىشىش بولسا دەل ئىسلامنىڭ قارشىسىدىكى خاتا ئىشلاردىن ئىدى. بۇنداق ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى يېشىپ، دىننىڭ مەقسىدىنى، ماھىيىتىنى يورۇتمىسا، جەزمەنكى ئىسلام ئەللىرى ئېغىر ئىچكى كىرزىسكە پېتىپ قالاتتى. ھېلىمۇ يۈز بېرىۋاتقان زىدىيەتلەرنى يېنىك سانىغىلى بولمايتتى. ئەنەشۇنداق مۇرەككەپ ۋە كىرزس شەكىللىنىۋاتقان دەۋردە، مەسىلىنى يېشىدىغان كەسپى ئۆلىمالار يېتىشىپ چىقتى. مەخسۇس تەپسىر ئۆلىمالىرى قوشۇنى، ھەدىس ئۆلىمالىرى قوشۇنى بارلىققا كەلدى. فىقھى ئۆلىمالىرى قوشۇنى بارلىققا كەلدى. سەھى ھەدىسلەرنى ساختا، توقۇلما ھەدىسلەردىن ئايرىپ چىقىدىغان، ھەدىسشۇناس ئۆلىمالار قوشۇنى بارلىققا كەلدى. قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى يىغىنچاقلىنىپ، سىستېملىق شەكىلدە فىقھى ئېقىملىرى بارلىققا كەلدى. مەزكۇر ساھەلەر بويىچە يېتىشىپ چىققان ئۆلىما ۋە تەتقىقاتچى مۇجتەھىدلەر، ئىسلامنىڭ تەلەپ، ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن يەككىلىكتىن كوللېكتىپلىققا، كىچىك گوروھۋازلىقتىن چوڭ مەزھەب ئېقىمىغا يۈزلىنىپ، بىرلىك « جۇمھۇر» شەكىللەندى.

سىرىتتىن قارىماققا، ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىسلامى بىلىم، مەلۇماتى بولمىغان نەزەر بىلەن قارىماققا، ئىسلامدىمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىختىلاپلار، مەزھەبلەر باردەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. ئەمما ئىسلامى بىلىملەردىن ئازراقلا ئاساسى بولغان كىشى ئىسلامدا ھېچقانداق ئىختىلاپنى بايقىمايدۇ. ئىختىلاپ دېگەن بىر مەسىلە ئۈستىدە قارمۇ قارشى ئىككى خىل، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك پەتىۋا، ياكى ھۆكم ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇنىڭدىن پەقەت بىرسىلا توغرا، باشقىسى خاتا بولىشى تەقەززا قىلىنسا، شۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدىكى مەسىلە ئىختىلاپ دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ئىسلامدىكى مەزھەب مەسىلىلىرى، مەزھەبلەر ئارىسىدىكى بەزى پەرقلىق مەسىلىلەر ئىختىلاپ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. يەنى ئوخشاشمىغان، پەرقلىق ئىككى مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ھەر ئىككىسىلا ساھىب شەرئى يولغا قويۇپ بەرگەن، ۋەزىيەتكە، پەۋقۇلئاددە ئەھۋالغا، زامانغا، ماكانغا قارىتا تەدبىقلىنىدىغان، ئىسلامغا تۈپتىن ئۇيغۇن مەسىلىدۇر.
ئىسلامى بىلىم مەلۇماتى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەر، ئۆزى ئۆگەنگىنىنى، كۆرگىنىنى توغرا، باشقا بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ تاللىغىنىنى خاتا- دەپ، رەسمى ئىختىلاپ، نىزا پەيدا قىلىشقا سەۋەپچى بولىدۇ. شۇنۇقتىدىن ئېيتقاندا بىرەر مۇسۇلمان قېرىنداشنىڭ قۇرئاندىكى ئوچۇق ھۆكۈمگە زىت كەلمىگەن، فىقھى مەزھەبلەرنىڭ پەتىۋالىرىغا زىت كەلمىگەن تەرىقىدىكى تاللىشنى باشقا بىر مۇسۇلماننىڭ ئىنكار قىلىشى، كەمسىتىشى، شۇ سەۋەپلىك چەتكە قېقىشى سېپى ئۆزىدىن ئىسلامغا زىت قىلمىشتۇر. قىسقىچە مىسال ئالساق، ئۇيغۇرلار ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن ئاۋال، ئىلگىركى بىر ئىلاھقا سېغىنىدىغان، ئاسمان ئىلاھىغا سېغىنىدىغان، شۇنىڭدەك تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چوقۇنىدىغان ئەقىدىلىرىدىن بىر پۈتۈن چېكىنىپ، بۇت پەرەس بولۇپ كەتكەن ئىكەن. بۇت پەرەسلىكتە ئەرلەرنىڭ بېشىنى چۈشۈرۈش ئىبادەت ھېساپلىنامدۇ، ياكى ئەقىدە قىلىدىغان مۇھىم ئەركاننىڭ بىرىمۇ، قانداقلا بولمىسۇن پۈتۈن بىر مىللەت ئەرلىرى باش – كۆزىنى سويمىدەك پارقىرىتىش ئادەتكە ئايلانغان ئىكەن. كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتى، پۇقرالار تولۇق مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەندە بولسا، ئەرلەرنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ، سويمىدەك پارقىرىتىپ يۈرۈشلىرى ئىسلام دىنىغا خىلاپ ئىش بولمىغاچقا، ياكى چاچنى چۈشۈرمەسلىك، چاچنى ئۆستۈرۈش ئىسلامدىكى بىرەر ئىبادەت تۈرىگە ئائىت بولمىغاچقا، ئىسلامغا تولۇق كىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ،كونا ئادەت بويىچە مىللىتىمىزنىڭ ئەرلىرى چاچنى چۈشۈرۈپ داۋاملاشتۇرغان. چاچ چۈشۈرۈشنىڭ كونا دىن بىلەن ئالاقىسى بولغان بولسىمۇ، چاچنى چۈشۈرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كونا دىن بىلەن ئالاقىسى تامامەن ئۈزۈلگەن بولغاچقا، چاچ چۈشۈرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ داۋاملاشقان ئىدى. بىر مىللىەتنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى قوغداپ، داۋاملاشتۇرىدىغان « ھۆددىگەر»لەر، ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ بىلىم ئەھلىلىرى، ھۈنەرۋەن – كاسىپلىرى، جەمئىيەت مۆتىبەرلىرى، باي ھاللىقلىرى، تىجارەتچى- سودىگەرلىرى، ئومۇمى يۈزلۈك چوڭ ياشلىقلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئەرلەرنىڭ چاچسىز بولىشىغا گۇاھچى بولۇپ كەلگەن ئىدى. كېينچە ھەتتا بۇ ئادەت ئىسلام دىننىڭ بىر قىسمى ھالىغا كەلگەن بولۇپ، مۇسۇلمان ئەركىشى بېشىنى چۈشۈرۈپ تۇرىشى كېرەك، ھەر جۈمە كۈنى غۇسلى تاھارەت ئېلىش سۈننەت بولغىنىدەك، بولسا ھەر جۈمە كۈنى ئەرلەر بېشىنى پاكىز چۈشۈرتۈشمۇ سۈننەتتىن ئۆتە مۇھىم بىر ئىبادەت تۈسىگە كەلتۈرۈلگەن ئىكەن.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇسا جارۇللاھ قەشقەرگە كېلىشتىن خېلە بۇرۇن ئۇنىڭ داڭقى يېتىپ كېلىپ، كىشىلەر تەققەززالىق بىلەن يول قاراپتۇ. كېيىن ئۆزى يېتىپ كەلگەندە بولسا، ئالدى بىلەن قەشقەرنىڭ ئۆلىمالىرى ئۆكتە قوپۇپ: تەقسىر سىز ناسارا ئۆلىماسى ئىكەنسىز ئۈزى! بۇرۇتنى شاپتەك قويۇپسىز، ساقالنى ئېلىپ بېشىڭىزغا قويۇپسىز. كىيگەن كىيىملىرىڭىز، تەقى – تۇرقىڭىز ناسارادىن پەرقسىزكەن – دەپ، ئۇ كىشىنى سورۇن، بەزمىلەرگە يېقىن يۇلاتمىغاندىن كېيىن، باش كۆزىنى پاكىز چۈشۈرتۈپ، ساقىلىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇچىسىغا بەقەسەم تون، چەكمەن مەللە چاپان، بېشىغا كىر سەللانى يوغان ئوراپ، ئاندىن سورۇن، بەزمىلەردە تۆردىن ئورۇن ئېلىپ، قەشقەر ئۆلىمالىرىنىڭ ئىسلامدىن يىراقلاپ كەتلەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان ئىكەن.

تېخى يېقىنقى زامانلارغىچە چوڭلىرىمىز، چېچىنى ئۆستۈرىۋالغان ياشلارنى « ئىمانسىزلىق» بىلەن ئەيىبلەيدىغان ئادەتلىرى بار ئىدى. كاستۈم بۇرۇلكا كىيگەن، گالاستۇق تاقىغان كىشىلەرنى « ئىمانسىز ناسارالىق » بىلەن ئەيىبلەپ، يامان كۆرىدىغانلار ھازىرمۇ كۈرمىڭ.
شۇنىڭدەك يەنە بىر مىسال: بەزى ئەرەب قەبىلىلىرىدە، شىمالى ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى بەزى قەبىلىلەردە، نارسىدە قىزلارنى خەتنە قىلىدىغان ئادەت بولۇپ، بۇ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىركى دىنى ئىبادەت، ياكى دىنى ئەقىدىلىرىدىن كەلگەن ئادەتمۇ، ياكى تىببى داۋالاشقا ئائىت ئادەتمۇ، ئىش قىلىپ، قانچە مىڭ يىللىق، تەرك ئېتىلمەس ئادەتلىرىدىن بىرى ئىكەن. ئىسلامىيەتتىن باشلاپ ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش تەرك ئېتىلمەيدىغان مۇھىم سۈننەتلەردىن بولۇپ بەلگىلىنىش بىلەن بىرگە، قىزلارنى خەتنە قىلىش توغرىسىدا ياكى بۇيرۇق، ياكى چەكلىمە بولمىغان بولسا كېرەك. لېكىن كېيىنچە خەتنە قىلىنمىغان قىزلار- « ناپاكلىق » بىلەن ئەيىبلىنىپ، رەسمى دىنى مەجبۇرىيەت، مۇسۇلمانلىقنىڭ مۇھىم شەرتلىرى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن. بۇ ئىش ئۆتمۈشتە ھەقىقەتەن قەبىھ ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتىكەن. ئۇ زامانلاردا كېسىلگەن يارا ئىزىنى تىكىدىغان، تىببىى تەجرىبە بولمىغاچقا، شوخا سانچىپ قويىدىكەن – دە، ئەت ئۈرىگىچە كىچىك نارسىدە قىزلار قانسىراپ، تەڭدىن تولاراقى ئۆلۈپ كېتەتتىكەن. ھازىرقى زاماندىمۇ يەرلىك، كونا ئۇسۇل بىلەن بېجىرىدىپ، تىببى مۇلازىمەت ئىشلەتمەيدىغان ئەھۋال داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى كۆپ قېتىم دۇنياۋى رافور ئېلان قىلغان بولسىمۇ، دىنى تۈسكە ئايلىنىپ كەتكەن بۇ ئادەت ئۆز كۇچىنى يوقاتمىغان. بۇ ئادەتنىڭ يەنە بىر قەبىھ يېرى شۇكى، قىز ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى خەتنە قىلىنىپ، كېسىلگەن جاي مەيلى شوخا سانچىپ قويۇپ ئەت ئۈرۈتسۇن، ياكى يېڭى تىببى ئۇسۇل بىلەن تىكىپ ئەت ئۈرۈتسۇن ، قىز چوڭ بولۇپ توي قىلغاندىلا، نىكاھىغا ئالغان ئەر ئۆزى تىغ بىلەن تىلىپ ئېچىشى كېرەك ئىكەن. مۇشۇنداق بىر شۈركىنىشلىك ئادەت دىن نامىدىن، مۇسۇلمان بولۇشنىڭ، پاك ئايال بولۇشنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن ھېساپلانغىنى ئەلۋەتتە ئىسلامدىكى كەڭچىلىكنى، ئىسلامدىكى ماسلىشىشچانلىقنى سۈيئىستىمال قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئىسلام ھەرقايسى قوۋم، قەبىلە، مىللەتلەرگە ئىنتايىن كەڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى، ئۆرپى – ئادەت، ئەن ئەنە ھوقۇقى بەرگەنلىكتىن، بەزى قوۋملەرنىڭ قالاق ئادەتلىرىمۇ مىللى مەدەنىيەت ھوقۇقى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بولغاچقا، كېيىنچە دىننىڭ بىر پارچىسىگە ئايلىنىپ، دىننى تار بۇلۇڭ كوچىغا قىستاپ قويدى.

ئىسلام دىنى مەيلى ئەقىدە – ئىتىقاد جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئىبادەت جەھەتتىن بولسۇن ئادەم بالىسى قوبۇل قىلالمىغۇدەك، ھۆددىسىدىن چىقالمىغۇدەك بىرەر قىيىنچىلىققا، بىرەر تەتۈرلۈككە ئىگە دىن ئەمەس. ئۇنىڭ قوينى مۇشۇ چەكسىز ئالەمدەك كەڭرى. بىراق كىشىلەر ئىسلامنى كىچىكلىتىپ، تارايتىپ ئۆزلىرىنىڭ كۆزىچىلىك ھالغا كەلتۈرەلىدى. ئالەمچە قەدەر كەڭلىككە ئىگە بۇ گۈزەل ئىسلامنى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالقانچىلىك كۆڭۈللىرىگە بۈكلەپ سىغدۇرۇشتىكى، ئۆزلىرىنىڭ كۆزىگە ناتونۇش كۆرۈنگەن، كۆڭۈللىرى يات كۆرگەن ھەرقانداق نەرسىنى، ئاللاھ نامىدىن، شەرىئەت نامىدىن، دىن نامىدىن چەتكە قېقىشتى. نەتىجىدە ئىسلام ئىگەللىۋالغانلارنىڭ خاس مۈلكىدەك، ئەتىراپى تىكەن بىلەن قورشالغان، قۇرۇق تاملار بىلەن توسۇلغان كىچىك، كىچىك شەخسى باغچىلارغا ئوخشاپ قالدى. ئىسلامنى ھەر قايسى قوۋم، قەبىلە، گوروھ، گۇرۇپ، جامائەتلەر ئۆزلىرى ياقتۇرغان رەڭ بىلەن بوياپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازىغا ئوخشىتىۋېلىشتى.

نۆۋىتىدە شۇنىمۇ ئوچۇقلاش كېرەككى، ئىسلامنى ھۆكۈمران كۈچلەر پۇقرالارنى باشقۇرىدىغان، دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان قورال ئورنىدا ئىشلەتسە، ھاكىمىيەت تالىشىدىغان گوروھلار سىياسى ۋاستە قىلىپ قوللىنىدۇ. قوراللىق توقۇنۇش قىلىۋاتقانلارمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نازۇك ھېسسىياتلىرىنى كوزۇر قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمانلارغا قارشى سەپكە تۇرغۇزالايدۇ.

ئىسلام تارىخىدا، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىلىرىدىن كېيىنكى ھەرقانداق زاماندا، دىننى مەقسەت قىلغان ئۇرۇشلارنى بايقاش مۇمكىنچىلىكى بەك تۆۋەن. كېيىنكى 30 يىلدىن بۇيان، دۇنيانىڭ ئوخشاشمىغان رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « جىھات» ناملىق ئۇرۇشلارنىڭ ھېچ بىرىدە ئىسلامى جىھات پىرىنسىپىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. كۈنىمىزدە ئىسلام ئۇرۇشقا، جىھاتقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. ئەكسىچە تېنچ مۇھىتقا ئېھتىياجلىق. ئەگەر مۇشۇ دەۋرىدىمۇ ئىسلامغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان دۈشمەنلەر مەۋجۇت دېيىلسە، ئۇنى « زىرىەك دۈشمەن بىلەن، نادان مۇسۇلمان » – دەپ، چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئىسلامغا زىيانكەشلىك قىلىدىغانلار پەقەت تاشقى دۈشمەنلا ئەمەس. ئەينىۋاقىتتا نادان مۇسۇلمانمۇ تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان زىيانكەشلىكلەرگە بىۋاستە قاتنىشىپ قالىدۇ. ھەتتا ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ زىيانكەشلىك بولىۋاتقانلىقىنى سەزمەيدۇ ھەم قىلمىشلىرىدا چىڭ تۇرىدۇ.

ئاددى بىر مىسال: سوۋېت ئىتتاقى پارچىلىنىپ، جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىسلام نۇرى قايتا جۇلالىشقا باشلىدى. دىنسىزلاشتۇرۇلغان پۇقرالار ئۆزلىرىگە دىن ئىزدەش، ياكى ئەجداتلىرىنىڭ دىنىغا قايتىش ئىلغارلىق بولۇپ قالدى. شۇنداق بىر پۇرسەتتە يەتمىش ياشلاردىكى بىر دىنسىز ئۇرۇس، تاتار دوستىنىڭ دەۋىتى ئارقىلىق ئىسلامغا كىرىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئوچۇق ئېلان قىلىش ۋە مەسجىت جامائەتلىرى بىلەن تونۇشۇش مەقسىتىدە، جامائەتلەرنى چاقىرىپ، ئىسلامى يوسۇندا زىياپەت بېرىپتۇ. ئاخىرىدا جامائەتچىلىك غۇلغۇلا قىلىشىپ، ئىسمىنى يۆتكەشنى ئېيتىپتۇ. چۈنكى ئۆزى مۇسۇلمان بولغىنى بىلەن ئىسمى « كاپىرچە» ئىكەن. ئۇ مۇسۇلمان بولۇش بىلەن تەڭ يەتمىش يىللىق ئىسمىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىپ، ئىسمى يۆتكىلىپتۇ. ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەپتۇ. جامائەتچىلىك يەنە غۇلغۇلا قىلىشىپ، ئۇ سۈننەتسىز، ئەمدى مۇسۇلمان بولغانكىن، خەتنە قىلدۇرمىسا كاپىردىن پەرقى بولمايدۇ- دېيىشىپ، مەسىلىنى چىڭغا چىقىرىپتۇ. ھېچنېمىدىن خەۋىرى بولمىغان قېرى ئۇرۇس ئۇنىڭغىمۇ ماقۇل بولۇپتۇ.جامائەتنىڭ ئارىسىدا سۈننەتچى ئۇستاممۇ باركەن. شۇنىڭ بىلەن قېرى ئۇرۇسنى ياتقۇزۇپ، سۈننىتىنى بېجىرىپتۇ. بىراق بۇ تالەيسىز ئادەمنىڭ شېكەر كېسىلى باركەن – دە، تىغ تەككەن يەر ساقايماي، دوختۇرخانىدا بىر قانچە ئاي داۋالىنىپ، ئۈلۈپ كېتىپتۇ. بولۇپ ئۆتكەن ھادىسە يىپىدىن يىڭنىسىگىچە ئەتىراپقا پۇر كېتىپتۇ. بۇ ۋەقە ئىسلامغا قىزىقىۋاتقان غەيرى مۇسلىملار، ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىلىپ چوڭ بولۇپ قالغان مۇسۇلمان ئەۋلادلىرى قاتارلىق سۈننەتسىز كىشىلەرگە نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر سېگنال بولۇپ قاپتۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە، پۈتۈن بىر جامائەتچىلىك ئىچىدە ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈدەك بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.

كېيىنكى يىگىرمە يىلدىن بېرى ئىسلامغا زىيانكەشلىك، ئاساسەن دېگۈدەك ئىسلامدىن مەلۇماتى بولمىغان نادان، جاھىل مۇسۇلمانلاردىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار پالتىغا ساپ بولۇپ بېرىۋاتىدۇ. ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلاردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ.

تارىخى ئوتتۇز يىلدىن ئاشمايدىغان، كېلىپ چىقىشى مۇجمەل بىر ئېقىم ئوتتۇرىغا چىقىپ، « ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىمىز» – ناملىق شۇئارنى ئىگىز كۆتىرىۋېلىپ، ئىجرا قىلىۋاتقان قوراللىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىر ياقتىن ئىسلام ئەللىرىنى ۋەيران قىلىشقا سەۋەپ بولسا، يەنە بىر ياقتىن غەيرى مۇسلىم ئەللىرىدە ئىسلامنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا، غەيرى مۇسلىم پۇقرالارنىڭ ئىسلامغا كىرىشىگە ئېغىر توسقۇنلۇق ئېلىپ كەلمەكتە.

غەربنىڭ دېمۇكراتىك دۆلەت سىستېمى، ئەركىن جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە ئىنسانى ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش، قوغداش پىرىنسىپلىرى ئارقىسىدا، پۇقرالارنىڭ ئىديىۋى، ئەقىدىۋى ئەركىنلىكى دۆلەت قانۇنى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولغاچقا، كىمنىڭ قايسى دىنغا ئىتىقاد قىلىشىمۇ ئوخشاشلا قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. بىراۋنىڭ ئىتىقاد، ئەقىدە تاللىشىغا ئائىلە ئەزالىرىنىڭمۇ توسقۇنلۇق قىلىش ھەققى يوق. شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۆز دىنلىرى پۈتۈنلەي ساختىلىشىپ كەتكەن، دىنى مۇئەممالار دۆلەتنىڭ پۇقرالارنى باشقۇرۇش ئالىتى بولۇپ قالغان، دىن بىلەن خۇدانىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق بولۇپ كەتكەن غەرپ ئەللىرىدە، كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن بېرى ئىسلامغا قىزىقىش يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا ئىدى . غەرپ ئەللىرىگە يەرلىشىۋاتقان كۆچمەن مۇسۇلمانلارنىڭمۇ يەرلىك پۇقرالار بىلەن ئوخشاش ھەق- ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت ئەۋزەل شارائىتتا، ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى تەشۋىقات قىلىش، مەزھەپلىرىنى ھىمايە قىلىش، ئەۋلادلىرىنى دىن بىلەن تەربىيلەپ يېتىلدۈرۈش، ئۆز مىللى مەدەنىيەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىمكانىيەتلىرى ئاستىدا، كۆچمەنلەر ئۆزلىرى يەرلىشىۋاتقان دۆلەتلەردە مىللى مەۋجۇتلۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەتەنلىرىنىڭ كىچىك بىر پارچىسىنى بەرپا قىلىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. بىراق « ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش» – دېگەن ساختا شۇئار ئاستىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەر، غەرپ ئەللىرىنىڭ دېمۇكراتىك تۈزۈملىرىنى غۇلىدىن تەۋرىتىپ قويماقتا. ھەتتا خىرستىئان كۆچمەنلەر بىلەن مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش تەلىپ قىلىنماقتا.

غەرب تەشۋىقاتلىرىدا ئون يىل ئىلگىرى: « ئىسلام تېرورچىلىرى » – دەپ، ئاتىغان بولسا، يېقىندىن بېرى: « ئىسلامچىلار » – دەپ، ئەيىبلەيدىغان ھالغا كەلدى. ئەسلىدە « ئىسلام تېرورچىلىرى » – دېگەندە، ئىسلامنىڭ نامىدىن، ئاللاھنىڭ نامىدىن بىرەر تېرور ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلارنى كۆزدە تۇتاتتى ۋە شۇلارنىلا ئۇدۇل چەكلەش ئوبيېكتىغا كىرگۈزەتتى. ئەمما ھازىرقىدەك « ئىسلامچىلار » – دەپ ئاتىشىدا، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇپ، دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ئاكىتىپ پوزىتسيەدە بولغانلارغا قارىتا چەكلەش ۋە ئىدىيىسىنى تۈزۈتۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئالغا سۈرمەكتە. جەمئىيەتلەردە بولسا ئاممىۋى جامائەت سورۇنى تەشكىللەپ، تەشكىللكىك، پروگراممىلىق ھالدا مۇسۇلمانلارغا قارشى، ئىسلامنىڭ غەرپكە يېيىلىشىغا قارشى جانلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ ئون يىل ئاۋالقى ئابرويىدىن، ئەمىنلىكىدىن ئەسەر قالمىدى.
مەيلى غەرپ ھاكىمىيەت قاتلاملىرىدا بولسۇن، مەيلى يەرلىك پۇقرالارنىڭ دىققەت ئېتىبارىدا بولسۇن ئىسلامنى، مۇسۇلمانلىقنى يەكلەش كۈنتەرتىپتە يىلتىز تارتماقتا. ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك، ئوڭچى پارتىيەلەر سايلام پروگراممىلىرىغا ئىسلامنى چەكلەش، مۇسۇلمانلارنى يەتكلەش پىرىنسىپلىرىنى كىزگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشمەكتە. ئامېرىكىدەك دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن بىر دۆلەتتە Donald Trump تەك بىر ۋەھشى ئادەمنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى بولۇپ، رىقابەتتە يۇقىرى پەللىگە يېتىشىمۇ، دەل نادان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامنى « ئادەم ئۆلتۈرىدىغان، تېرورچىلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان » قەبىھ ھەرىكەتلەرنىڭ سىمۋولى ھالىغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بۇيان ، كۆپلىگەن غەربى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئوڭچى، ناتسىس خاراكتېرلىق پارتىيەلەر ئاۋاز كۆپلىكىگە ئېرىشمەكتە. ئامېرىكا پرېزىدېنت كاندىداتى دونالد ترۇمپمۇ سايلام رىقابىتىدە، ياۋرۇپادا غەلىبە قىلىۋاتقان ئوڭچى ۋە ناتسىسلاردىن ئۈلگە، مەدەت ئالغانلىقى ئېنىق. ئەگەر ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا دونالد يېڭىپ چىقسا، ئالدى بىلەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار بېدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدىن مەدەتلىنىدىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا غەم چۈشىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن نۆۋەتتە ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئاۋاز كۆپەيمەكتە.

خۇلاسە قىلىپ ئيتقاندا، ئۇچۇر- ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى قولاي شارائىت، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىكى تەرەققىيات ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا، تارىختىكى ھەرقانداق شارائىتلاردىكىىن مىسلىسىز ئەۋزەللىككە ئىگىدۇر. ئىسلام ئۈچۈن ، ئاللاھنىڭ دىنىنى ھەقىقى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن قورال كۈچى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىلمى، ئەخلاقى، ئادىمىگەرچىلىك يولى ئارقىلىق، كىشىلەردە ياخشى تەسىر قالدۇرۇش، تېنچ مۇھىت قۇرۇپ چىقىپ، گۈزەل كېلەچەكتىن خۇش بىشارەت بېرىپ، ئىسلامغا كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىش ئارقىلىق خىزمەت كۆرسىتىش ئەسلىدە ئىسلامغا ئەڭ ئۇيغۇن ھەرىكەتتۇر. ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش باشقىلارنى قورقۇتۇش بىلەن، زورلۇق ئىشلىتىش بىلەن ۋە ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ھازىرقى ئۇرۇشلار مىللەتلەر ئارىسىدا، دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىقتىسادى مەنپەئەت تالىشىپ، سىياسى مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشلاردۇر. شۇنىڭدەك ئەسىر مىللەتلەر بىلەن مۇستەملىكىچىلەر ئارىسىدا، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر بىلەن، ئەركىنلىك ئىزدىگۈچى پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ۋە كۈرەش بولىۋاتىدۇ. يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارغا كىملەر قانداق ئات قويىۋېلىشىدىن قەتئىنەزەر، بۇ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنى دىنى ئۇرۇش، دىنلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش ۋە ئەقىدە، ئىتىقات كىرزىسى- دەپ قاراش تۈپتىن خاتا قاراشتۇر. چۈنكى كۈنىمىزدە: « مۇنداق، مۇنداق كىشىلەر دىنسىز، كاپىر. ئۇنى ئۆلتۈرۈپ خۇدانىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش لازىم! » – دەيدىغان تەشەببۇسقا مۇسۇلمانلاردىن باشقا دىندىكىلەر ئەگەشمەيدۇ. يەنى باشقا دىندا « كاپىرنى ئۆلتۈرۈپ خۇدانىڭ رازىلىقىنى ئالىمىز » – دەيدىغان ئەقىدە ھازىر يوق. شۇنىڭدەك باشقا دىن مۇخلىسلىرى ئىچىدە « دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۇرۇشى » مۇ يوق. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، دىنلار ئارىسىدا ئۇرۇش بولىشى مۇمكىن ئەمەس. كۈنىمىزدىكى « جىھات» ئۇرۇشىرىغا دىققەت بىلەن قارىساقمۇ، ئىسلامدىكى ھەقىقى جىھات پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن ئەمەس بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇسۇلمانلار ئۆز – ئارا ئۆلتۈرىشىۋاتىدۇ. ياكى ئۇرۇشقا قاتناشمىغان، ئۇرۇشتىن بىخەۋەر پۇقرالار جىھاتچىلار تەرىپىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ھېچبىرى ئىمانغا دەۋەت قىلىنماستىن ئۆلتۈرىلىۋاتىدۇ. بۇ بەئەينى« ئېشەككە كۇچۇڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى » – دېگەندەك، ئامېرىكىغا قارشى مەيداندىكى ئەرەب مىللەتچىلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۈرىشى بولۇپ، ئىسلام بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ھەرىكەتلەردۇر.

شۇنى ئېنىق ئايرىۋېلىش زۆرۈركى، ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت، ھەرگىزمۇ دىنى زىدىيەت ئەمەس. خىتاي – ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇرۇش ھەرگىزمۇ دىنى ئۇرۇش ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن ئىلگىرىكى زامانلاردىمۇ، ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن دىنى ئورتاقلىققا ئىگە دەۋرىلەردىمۇ خىتاي قوۋملىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش مەۋجۇت بولغان. ۋەتىنىمىزنى خىتايلار تولۇق ئىشغال قىلغان ئاتمىش ئالتە يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇرۇش، زىدىيەتلەر ھەرگىزمۇ ئىدىئولوگىيىلىك، ياكى ئىتىقات ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە بولماستىن، بەلكى بىر تەرەپتە مۇستەملىكىچى، يەنە بىر تەرەپتە مۇستەقىللىق كۈرەشچىلىرى قارمۇ قارشى ئىككى سەپتىكى مۇرەسسەسىز، مىللەت ئۇرىشى، ۋەتەن ئۇرىشىدىن ئىبارەت پۈتۈن بىر مىللەت ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەققانى كۈرەشتۇر. بۇ كۈرەش سېپىدە دىندارلىرىمىزمۇ، تەقۋادار مۇجاھىتلارمۇ، ئەھلى ئىلمى ئۆلىمالىرىمىزمۇ، زىيالىيلارمۇ، دىندىن يىراق لېكىن خىتايغا قارشى يۈرىكىدە نەپرىتى بار كىشىلەرمۇ، ھاراقكەشلەرمۇ، ئاتىستلارمۇ، پاسىقلارمۇ، دەھرىيلەرمۇ ئورۇن ئالىدىغان، قوينى كەڭ ھەقىقى ۋەتەن ئۇرىشىدۇر. بىراق 1998- يىلىدىن بۇيان قىسقىلا بىر قانچە يىل ئىچىدە، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بىر تۈركۈم سېتىلما، چالا موللىلارنى ئىشقا سېلىپ، كۈرەش سېپىمىزنى پارچىلاپ تارايتىپ، « ئۇيغۇر تالىبانلار ھەرىكىتى» شەكلىگە ئېلىپ كىردى. كېيىنكى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، خىتايچى چالا موللىلار تۈرلۈك ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى تېز تارقىتىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ئىستىخباراتى تۈزۈپ ، تەييارلاپ بەرگەن بويىچە ئىنتايىن ئاكتىپ ۋە غالجىرانە پوزىسيەدە :
بىرىنچى – توغرا ھىدايەت ئۈستىدىكى ئۆلىمالىرىمىزغا بۆھتان چاپلاپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئېغۋا تارقىتىپ، كەڭ خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆز سەپلىرىگە قوشۇش؛ ئىككىنچى – « بىز ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن » ، دۇنيا غەرىزىدىن خالى جىھات قىلىمىز، جىھات سۈرىيەدە، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن جىھات قىلىڭلار دېمىگەن، بەلكى شامدىكى جىھاتقا بېرىش توغرىسىدا ھەدىس بار، شۇڭا شەرئىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، جىھاتنى شامدا قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچى – خىلاپەتكە بەيئەت قىلماي ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزۈش مۇرتەتلىكتۇر، بۇ ھەقتە سەھى ھەدىس بار. ھازىر شامدا خىلاپەت دۆلىتى قۇرۇلدى، خىلاپەتكە بەيئەت قىلىش ئۈچۈن يولدا كېتىۋېتىپ ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ياخشى نىيىتى ئۈچۈن جەننەتكە كىرىدۇ؛ تۆتىنچى – شەرقى تۈركىستاننى ئازات قىلىمىز، ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىمىز، خىتاينى ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىمىز- دېگەنلىك دېمۇكراتچىلىقتۇر، مىللەتچىلىكتۇر، ئۇ يولدا ئۆلسە مۇرتەد ئۆلىدۇ، قىسقا ھاياتىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلماي، مەڭگۈلۈك جەھەننەمگە لايىق بولۇپ قېلىشتىن ساخلىنىش كېرەك – دەپ، دەل خىتايچىلىقنىڭ تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرماقتا. خىتايچى چالا موللىلارنىڭ يۇقىرقىدەك ئېغۋالىرىغا ئەگىشىپ، ياشلىق باھارىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىپ بارغان، ساددا ياشلىرىمىزنى توغرا چۈشەنچىگە يېتەكلەپ، ئاللاھ ھەقىقى رازى بولىدىغان توغرا، شەرەپلىك يولغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىش، ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.

يەنە شۇنىمۇ ئوچۇق ئېيتىش لازىمكى، شەرقى تۈركىستاندىكى ھەر بىر كۆچمەن خىتاي بىگۇناھ پۇقرا ھېساپلانمايدۇ. ئۇلار قوراللىق باسمىچى خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن سەپنى ئايرىمىغىچە، باسمىچى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقانش زۇلۇملىرىغا ئوچۇق ئاشكارە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، زالىم مىللەتچى ھۆكۈمەتتىن سەپ ئايرىمىغىچە بىگۇناھ ھېساپلانمايدۇ. ۋەتىنىنى، يۇرتىنى، ئۆي- ماكانلىرىنى تارتىۋېلىپ، غۇرۇرىنى، ئىززەت نومۇسىنى، ۋىجدانىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتايلارنى دۈشمەن كۆرمەي، ئافغانىستاندىن، پاكىستاندىن، ئىراق ۋە سۈرىيەدىن كاپىر ئىزدەپ يولغا چىقىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىدىن باشلاپ، ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرى بىلىشى كېرەك.

خىتاي ئىستىخباراتى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى 90- يىللاردا « مۇجاھىت بولۇشنى ئۆگۈنۈش » يولىدا ئافغانىستانغا يولغا سالغان بولسا، 2000 ـ يىللاردا « چىگرا سىرىتىغا چىقىپ رادىكال ئىسلامچى بولغان تېرورىستلار» – دېگەن جىنايەت بىلەن، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئىسپات كۆرسىتىپ تۇرۇپ جازا ئېلان قىلدى. 2010 يىللىرىدا « ھىجرەت قىلىش پەرىز، شامدىكى خىلاپەت دۆلىتىگە بەيئەت قىلمىغان كىشى مۇرتەد» دېگەن چاقىرىق بىلەن، ئاممىۋى ھالدا سۈرىيەگە سۈرگۈن قىلماقتا. ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ بىر جايلىرىدىن « مەھدى چىقتى، مەھدىگە بەيئەت قىلمىسا، دەججالنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كېتىدۇ» – دەپ، يېڭى بىر چاقىرىقنى چىقىرىشى، خىتايچى چالا موللىلارنى يەنە ئالدىغا چىقىرىپ، نادان كىشىلىرىمىزنى يەنە ئازدۇرىشى مۇمكىن. ھازىر خىتاي ئىستىخباراتى بىلەن ئۆزبەكىستان ك گ ب گۇرۇپلىرى بىرلىكتە چالا موللا ياساپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى بەس بەستە قايمۇقتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، ئۇلارغا ئەرەب مىللەتچىلىرى ماسلىشىپ، قۇرئان، ھەدىسلەرنى بۇرمىلاپ تەپسىر قىلىش ئارقىلىق، جاھاندا ئىزدەك – سورىقى يوق، ئۇيغۇر ناملىق بۇ خەلقنى ئۆزلىرى خالىغان شەكىلدە كانارىغا ئاسماقتا. بىز ئېشەكنى بەك دۆت كۆرىمىز. لېكىن بىر ئېشەك قېچىۋاتقان يەرگە يەنە بىر ئېشەك قەدەم باسمايدۇ. سۈرىيەدە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان سەككىز مىليون ئەتراپىدا ئەرەبلەر قېچىپ چىقىپ، ئەمىنلىك ئىزدەۋاتسا، ئۇلار تاشلاپ قېچىۋاتقان يەرگە، يەنى قۇشخانىغا ئۆز ئايىقى بىلەن بېرىپ، كانارىغا ئېسىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، ئاللاھىم ئېشەكچىلىك سەزگۈ بەرسۇن!

ئىسلامنى سۇيئىستىمال قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە يامان، قەبىھ كۆرسىتىۋاتقانلار، مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىگە داغ سۈرتىۋاتقانلار، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۇلىدىن تەۋرىنىپ غۇللىشىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقانلار، يىغىپ ئېيتقاندا ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىلارمۇ ئەمەس، ناسارا – خىرستىيانلارمۇ ئەمەس، دىنسىز ئاتىستلارمۇ ئەمەس، بەلكى ئىسلامنى مانىپول قىلىۋالغان ئەرەب مىللەتچىلىرىدۇر.ئۇلار ئۆز- ئارا قەبىلىۋازلىق ماجرالىرىغىمۇ ئىسلامنى ئارلاشتۇرىدۇ. ئۆز- ئارا ھاكىمىيەت تالىشىدىغان جېدەللىرىگىمۇ ئىسلامنى قالقان ۋە ئوق ياي قىلىشىدۇ. تاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى ئۇرۇشتىمۇ ئىسلامنى دەسمى قىلىشىدۇ. ئەرەب مىللەتچىلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن سۆكۈلۈپ چىققاندىمۇ ئىسلامنى شۇئار قىلغان. ئەڭگىلىز، فىرانسۇز، ئىتالىيان مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئۇرۇشتىمۇ ئىسلامنى بايراق قىلغان. نۆۋەتتىكى غەرب بىلەن پۇل تالىشىۋاتقان ئۇرۇشلىرىدىمۇ يەنە ئىسلامنى ئەڭ چوڭ كوزۇر قىلماقتا. ئىنچىكلەپ قارىسا، ئەرەب مىللەتچىلىرى ئىسلامنى ئىدىئولوگىيىلىك قورالىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەرەبلەرنىڭ مىللى مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاستە قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

 

 

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى

ئابدۇرېھىمجان

گېرمانيە مىيونخېن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …