مىللى ۋە دىنى مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئۈممەتچىلىك ئۇرۇشىغا نەزەر

http://img.youtube.com/vi/qOGFOP5_aRg/0.jpg

مىللى ۋە دىنى مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئۈممەتچىلىك ئۇرۇشىغا نەزەر
ئىنسانلارنىڭ ئاڭ- تەپەككۇرى تەرەققى قىلىپ، پايدا بىلەن زىياننى پەرق ئەتكەندىن بېرى، ئۆز- ئارا مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى ئەسلا توختاپ قالغىنى يوق. يەككە ئادەملەردىن تارتىپ كوللېكتىپلىق جەمئىيەتكىچە ئۆز- ئارا ھەمكارلىق ۋە ئۆز- ئارا توقۇنۇش ئاساسەن مەلۇم بىر مەنپەئەتنى چىقىش قىلىدۇ.
تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ياكى زىددىيەت، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ياكى زىددىيەت مەنپەئەتدارلىق توقۇنۇشلىرىدىن گەۋدىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مىللەتلەر ئارا، دۆلەتلەر ئارا مەنپەئەتنى مەقسەت قىلمىغان ھېچقانداق بىر زىدىيەت، ئۇرۇش، قىرغىنچىلىق مەۋجۇت بولمىغان ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق داۋاملىشىدۇ.
ئۆزىنىڭ كىشىلىك مەنپەئەتىنى باشقا بىرىنىڭ كىشىلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن خالىس قۇربان قىلىۋېتىدىغان ئادەمنىڭ بولىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمىغىنىدەك، ئۆز قوۋمىنىڭ مەنپەئەتىنى باشقا بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىدىغان مىللەتمۇ تەسەۋۋۇردىن يىراقتۇر. شۇنىڭدەك بۇنداق مەنپەئەت مەسىلىسى دۆلەتلەر ئارا تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ سەزگۈر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ.
ئىدېئولوگىيە ۋە دىن ھەر بىر يەككە ئىنسانلارنىڭ روھىغا، ئېڭىغا چۇڭقۇر يىلتىز تارتىپ، يەككە تۇرمۇشتىن كوللېكتىپ ھاياتقىچە تەسىرگە، نوپۇزغا ئىگە بولغان جەمئىيەتتە، كىشىلىك مەنپەئەت جەمئىيەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خالىس قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ مىللەتچىلىك ئېڭى، پىكىر تەپەككۇرى تولۇق يېتىلمىگەن خەلق كىشىلىرى ئىدېئولوگىيىلىك بوران چاپقۇننىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغۇزۇلۇپ، ئىدېئولوگىيەنى قۇرۇپ چىققانلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىنىدۇ.
دىنى جەمئىيەتلەردە، دىنغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ مەنپەئەتى ھەرزامان، شەرتسىز كاپالەتلىك بولىدۇ. دىننى ئېكىسپورت قىلىدىغان تاۋار قاتارىدا، ئىشلەپ چىقىرىشنى كەسىپ قىلىۋالغان تەرەپ، دىننى ئىمپورت قىلغۇچى تەرەپنى تولۇق مونىپول قىلالايدۇ.
ئەگەر دىننىڭ مۇخلىسلىرىدا دىننى ئېكىسپورت قىلغۇچى تەرەپنى ئولۇقلاش كەيپىياتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ۋەزىيەت شەكىللەنسە، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ «مەنپەئەتى »-دېگۈدەك ھېچنېمىسى بولمايدۇ. شەخسى ھاياتى، ئائىلىسى، ھەممە نەرسىسى قۇربانلىق ئۈچۈن ئاتاپ قويۇلغان بولىدۇ.
ئىدېئولوگىيە بىلەن دىن ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇن ئوخشاشماسلىق پەرىقلەر ئىچىدە شۇ گەۋدىلىككى، ئىدېئولوگىيىنى ھۆكۈمران كۈچلەر ۋە ئېكىسپورت قىلغۇچى سىنىپ ئوچۇق ئاشكارە ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قورال ئورنىدا قوللىنىدۇ. ئەمما دىندا ھۆكۈمران كۈچلەر بىلەن دىنغا سادىق خىزمەت قىلىدىغان مۇخلىسلاردىن ئىبارەت ئىككى ئېقىم بولۇپ، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئۇلار ئارىسىدا زىدىيەت چىقىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھۆكۈمران تەبىقە ۋە ھۆكۈمران سىنىپ كۈچلىرى، دىننى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەت ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ۋاستە ئورنىدا قوللىنىشنى، دىن ئارقىلىق پۇقرالارنى بويسۇندۇرۇپ ئىدارە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما دىن ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىدىغان مۇخلىس ئېقىم كۆپۈنچە ھاللاردا ھۆكۈمرانلارنىڭ قارشىسىدا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.
دىندىن پايدىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نۇرغۇن ھۆكۈمرانلارمۇ باركى، خالىس دىن تارقىتىدىغان، دىننىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئېقىمغا توسقۇنلۇق قىلىش ئەمەس، بەلكى كەڭ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى دىن ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىدىغان ئېقىم ھېچقاچان ھاكىمىيەت تۇتۇشقا ھەۋەس قىلمايدۇ. ھەم ھاكىمىيەتنى قانداق تۇتۇشنىمۇ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلاردىن ئەندىشە قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بەلكى ئۇلار پۇقرالارنى دىنغا مايىل قىلىپ، مۇنبەت زېمىن ھازىرلىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھاكىمىيەت تۇتىدىغانلار ئىز بېسىپ كېلىپ، ھۆكۈمرانلىق تەختىنى بىمالال قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇنداق ھادىسە يالغۇز ئىسلام دىنىدىلا بولغان ئەمەس. بەلكى ھەر قايسى دىنلاردا بولۇپ كەلگەن تەبى ئەھۋالدۇر. بولۇپمۇ ساماۋى دىنلارنىڭ ھەممىسىدىلا دىن ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىدىغانلارنى ھۆكۈمرانلار باشقۇرۇپ، بويسۇندۇرۇپ ئادەتلەنگەن. مەسىلەن خىرستىيانلىقنىڭ ياۋرۇپاغا كېڭىيىشىنى دەسلىۋىدە ياۋرۇپا ھۆكۈمرانلىرى قاتتىق چەكلىگەن. لېكىن بەزى رايونلاردا ھەر بىر پۇقراغىچە خىرىستىيانلىققا مايىل بولۇپ كېتىشى سەۋەپلىك، ھۆكۈمرانلارمۇ دىننى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن. كېيىنچە بۇ خىل يېڭى دىنغا كىرىش پۈتۈن ياۋرۇپا ئىقلىملىرىدا ئىلغارلىق بولۇپ قالغان. بىرەر كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىق دىننى ئاۋال قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ بولغان بولسا، باشقا دىنسىز، ياكى غەيرى دىندىكى ئاجىزراق قوۋملەرنىڭ ئۈستىدىن بېسىپ بارماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلماقچى بولسا، جەزمەنكى دىندىن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
ياۋرۇپادىكى رىملىقلار ئىمپېرىيىسى، ئاۋستىريە ئىمپېراتورلىقى مەزھەپچىلىكنى تەرغىب قىلىپ باشلانغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، شۇنىڭدەك مەزھەپچىلىك ئۇرۇشى قوزغاپ غەلىبە قازانغان ( ھىتلېر) گېرمان ياۋرۇپا ئۇرۇشى قاتارلىق ياۋرۇپادىكى كۆپلىگەن سىياسى كۈچلەر، داڭلىق ئىمپېراتورلۇقلار، قىرغۇنچى ئۇرۇشلار، خىرىستىئان دىن ۋە مەزھەپ پەرىقلىقلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
كۈنىمىزدىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى (شەكىللىنىۋاتقان ياۋرۇپا ئىمپېرىيىسى) ئومۇمى پۇقرالارنى قانائەتلەندۈرۈشتە: ئىقتىساد، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە دىن قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئامىلنى بىردەك گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق، ياۋرۇپادىكى بەش يۈز مىليون پۇقرالارنى بەختىيارلىق تۇرمۇش بىلەن تەمىن ئېتىپ، تېنچ ئامان ئىدارە قىلىپ كېتىۋاتىدۇ. ياۋرۇپا ئىمپېرىيىسىگە رەسمى ئەزا 28 دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ھاكىمىيەت دىندار پارتىيەلەرنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا بولىشىمۇ، دېمۇكراتىك ئەركىن سايلاملاردا، تۆۋەندىن يۇقىرى قاتلامغىچە دىندار پارتىيەلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ، ھاكىمىيەتنى قوللىرىدا تۇتۇپ تۇرالىشىدا، دىن ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئىقتىساد بىلەن تەڭ دەرىجىدە رول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مەيلى دىن مۇخلىسلىرى ھاكىمىيەتلەر بىلەن ئىچكى مۇناسىۋەتلەردە بىردەكلىنى ساقلىسۇن، مەيلى ھاكىمىيەتكە نارازىلىق كەيپىياتىدا مۇئامىلە قىلسۇن، ھۆكۈمران كۈچلەر ھامىنى دىن مۇخلىسلىرىنى ئىدارە قىلىش فونكىسىيىسىگە ئىگە ھەم ئۇلاردىن مۇھىم ئۆتكەللەردە پايدىلىنىدۇ.
ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن كۆپلىگەن ھەم داڭلىق خەلىپىلىكلەر (ئىمپېرىيىلەر)، شۇنىڭدەك ئىسلامى دۆلەتلەر ئىسلام دىن ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىدىغان دىنى ئۆلىمالاردىن قانچىلىك پايدىلانسا، دىن ئۈچۈن ماللىرىنى، جانلىرىنى پىدا قىلىدىغان، تەقۋادار، خالىس مۇسۇلمانلارنىڭ كۇچىدىنمۇ شۇنداق پايدىلىنىپ كەلگەن ھەم پايدىلىنىۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە دۆلەت ئارمىيىسى بېجىرەلمەيدىغان مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنى، ئاللاھ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىۋەتكەن مۇجاھىت يەنى خالىس ئەسكەرنىڭ قوللىرى بىلەن ھەل قىلىدۇ. 1968- يىلىدىكى ئىران سىياسى ئۆزگۈرىشىدىمۇ، پۇقرالارنىڭ ئىسلامى ئەقىدىلىرىدىن تولۇق پايدىلانغان. ئافغان- سوۋېت ئۇرۇشلىرىدىمۇ مۇجاھىتلار نامىدىكى خالىس ئەسكەرلەر ئادەم كۇچى بىلەن تەمىنلىگەن. كېيىنكى ئافغانىستان- تالىبان ئۇرۇشلىرىدىمۇ ئوخشاشلا تالىبانلار سېپىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، مۇجاھىت – خالىس ئەسكەرلەر مۇھىم رول ئوينىماقتا.
يېقىنقى يىللار ئەرەب باھارى ھەرىكەتلىرىنىڭ سىرىتقى كۆرۈنۈشلىرى دىكتاتور ھاكىمىيەتكە قارشى، دېمۇكراتىك خەلق ھەرىكىتى شەكلىدە بولغىنى بىلەن، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، يېتەكلىگۈچى كۈچلەر« ئامېرىكا پەرەس، دىنسىز ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىمىز، ئۇممەتنىڭ بىرلىكى، ئۇممەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن جېنىمىز پىدا » دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە پۈتۈن خەلق شۇ مۇددىئادا جان پىدالىق كۆرسەتتى. ھاكىمىيەتلەر ئالماشقاندىن كېيىنكى نەتىجىنىڭ قانداق شەكىلدە بولۇپ قېلىشى باشقا گەپ، ئەمما ئاشۇ ھەرىكەتلەردە دىنى ئەقىدىنىڭ، دىن مۇخلىسلىرىنىڭ ۋە دىن ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ قوشقان تۆھپىلىرى ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلدى.
1998 – يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلاردىنمۇ دىن ئۈچۈن جىھات قىلىدىغان خالىس ئەسكەرلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى ئافغانىستان، پاكىستان، سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق مۇسۇلمانلار ھاكىمىيەت تالىشىپ، ئۆز- ئارا ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا « ئۇممەت ئۈچۈن» جەڭگە قاتنىشىپ، قانلىق بېدەل تۆلىدى ۋە ھېلىھەم قۇربانلىق بولىۋاتىدۇ. يىگىرمە يىل ئىلگىرى رۇس- چېچەن ئۇرۇشى تازا ئەۋجىگە چىققان چاغلاردىمۇ، چېچەن مۇستەقىلچىلىرى سېپىدە شېھىت بولغان، رۇس ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق خەۋەرلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كېيىنچە چېچەن ئۇرۇشى ئەرەبلەرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ قالغاندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئاخباراتلار توختاپ قالغان ئىدى.
2000 – يىللىرىدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى يەنى «ئۇممەت ئۈچۈن خالىس ئۇرۇش قىلىدىغان ئۇيغۇر ئەسكەرلەر» پاكىستانغا توپلىنىپ، زاپاس قوشۇن تەرىقىسىدە قوللىنىشقا باشلاندى. ئۇلارنىڭ نامىنى بەزىدە « ئىسلام جامائېتى» دېسە، بەزىدە « تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» دېگەندەك- ئاتاپ، بەزىدە يۈزلىرىگە نىقاب كىيگەن ھالدا « دۇنيا كاپىرلىرىنى يوقىتىمىز» ، « خىتاي كاپىرلىنى يوقىتىمىز» دېگەندەك مەزمۇنلاردا نۇتۇق سۆزلىتىپ، ئىنتېرنېت تورلىرىدا ئېلان قىلدۇراتتى.
ئۇلار 2001- يىلى سىنتەبىر ۋەقەسىدىن 2013- يىلى سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتىلىغانغا قەدەر ساق 12 يىل، خىتايغا قارىتىپ بىر پاي ئوقمۇ ئاتماي، « بىزنىڭ ئەمىرىمىزنىڭ ئىمانى سېنىڭ ئەمىرىڭنىڭ ئىمانىدىن كۈچلۈك، سەن بىزگە بەيئەت قىلىسەن»-دەپ، ئۆز- ئارا جېدەللىشىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا خىتاي ئۆز ئادەملىرىنى كىرگۈزۈپ، پىلانلىق قايمۇقتۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللى مەنپەئەتىگە قارشى، ئىسلامى ئىتىقاد ۋە ئەھكاملارغا خىلاپ قوللانغان بولسىمۇ، يەنىلا ۋەتەن چىگراسى ئەتىراپىدا قوراللىق ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى، ۋاقتى كەلگەندە ۋەتەن مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىشچان كۈچ ئىدى. 2013- يىلىدىن باشلاپ ئۇلار پىلانلىق ھالدا سۈرىيەگە يۆتكىۋېتىلدى. ئىشنىڭ ئەڭ ئاشكارە قەبىھ يېرى شۇكى، ۋەتەن چىگراسى ئەتىراپىدىكى ئىككى لاگىردا ئۆز – ئارا قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىككى ئېقىم ( بۇ ئىككى ئېقىمنىڭ بىرى ئۆزلىرىنى موللا ئومەرگە مەنسۇپ قىلىۋالغان ئۇيغۇر تالىبانلىرى، يەنە بىرى ئۆزلىرىنى غايىبانە ئەلقائىدەگە مەنسۇپ قىلىۋالغان ئۇيغۇر تالىبانلىرى) ئوخشاش ۋاقىتتا لاگىلىرىنى سۈرىيەگە يۆتكىشى كىشىنى ئەجەبلەندۈرەتتى. لېكىن ئاتالمىش «ئەلقائىدەچى» لىرى يۆتكىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، موللا ئومەرچىلىرى ئۆز ئورنىدا قېلىشلىرى كېرەك ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار خەلىپىسىگە لازىم ئەمەسمىدى؟- بۇ يەردە شۇنداق بىر ئېھتىماللىق نەزەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇكي، ئامېرىكا باشچىلىق پۈتۈن غەرب ئەللىرى، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ قانداق دۈشمىنى بولسا، موللا ئومەر(تالىبانلار)نىڭمۇ شۇنداق دۈشمىنىدۇر. شۇنىڭدەك خىتاينىڭمۇ دۈشمىنىدۇر. ئەلقائىدە، تالىبان ۋە خىتاي ئۆز- ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىپ، غەربكە قارشى ئىش بىرلىكىدە بولىۋاتقىنى ئانچە بەك مەخپىيەتلىكمۇ ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبانلارنى قورال، ئىقتىساد ۋە ئادەم كۇچى ( ئۇيغۇر مۇجاھىت- خالىس ئەسكەرلەر) بىلەن تەمىنلىگىنىدەك، ئەلقائىدە تەشكىلاتىغىمۇ خېلە يېتەرلىك ئادەم يوللاپ بەردى. خىتاي ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ خىتاينىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشى كېرەكتە. يەنى ئۇيغۇر تالىبانلىرىنى ئون نەچچە يىل خىتاينىڭ چىگرا ئەتىراپلىرىدا، خىتايغا قارشى بىر پاي ئوق ئاتقۇزماي، تۇتۇپ تۇرۇش قانداق قولىدىن كەلگەن بولسا، يەنە بىر ئۈلگۈچە چىگرادىن يىراقلاشتۇرۇپ، كەربالاغا يۆتكىۋېتىشمۇ شۇنداق قولىدىن كېلىدۇ. چۈنكى ئاتىدىغان مىلتىقنى، ئۇچىسىغا كىيىمنى، قورسىقىغا ناننى بىكارغا بەرگەن « ئۇلۇق كىشىلەر» ۋاقتى كەلگەندە بۇيرۇقنىمۇ ئىجرا قىلدۇرالايدۇ.
ئارقىسىدا قوغداپ، ئىگە بولىدىغان دۆلىتى يوق، يوقاپ كەتسە سۈرۈشتىسىنى قىلىدىغان ئىگە- جاقىسى يوق، ئاللاھتىن باشقا يۆلىنىدىغان ھېچ نېمىسى يوق، ھەتتا ئۆزلىرى ئىتىقات قىلىدىغان ئاللاھنىمۇ تۈزۈك تونىيالمىغان ئۇيغۇر تالىبانلىرىدەك تەييار مالنى تاپقاندا، ئۇ يېقى خىتاي، ئوتتۇرىسى تالىبان، ئاخىرى ئەلقائىدە قاتارلىق ئورتاقلار، ئەلۋەتتە ئۆزلىرى خالىغىنىچە قوللىنالايدۇ.
ئەسلىدە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، ئۇيغۇرلاردىن « خەلقئارا تېرورلۇق تەشكىلاتى» غا قاتنىشىدىغان كىشىلەرنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن كۆپ مېھنەت سۈڭدۈرگەن ئىدى. دەسلىۋىدە دىنى ساھەدە ئوقۇغان ياشلارنى ئىزچىل تۇتقۇن قىلىپ، ئاممىۋى ھالدا تۈرمىلەرگە قاماپ، ۋەتەندىن چىقىپ كېتىشكە تەبىئى قىستىغان . خىتاي بۇ خىل تاكتىكىدىن ئۈنۈملۈك ھۇسۇلغا ۋە تەجرىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، چىگرا سىرىتىغا چىقىپ قالغان، بارىدىغان يېرى يوق بىر تۈركۈم ياشلارنى، ئۆزلىرى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرغان بىر تۈركۈم يېتەكچى (تېشى مۇجاھىت، ئىچى ساتقۇن)لەرنىڭ ئەگەشتۈرمىسى ئارقىلىق، ئىنتايىن ئەپلىك ئۇسۇل بىلەن تالىبانلارغا، ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا ئۇلاپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئىستىخباراتى يېتەرلىك دەرىجىدە نەق پاكىت توپلاپ، ئامېرىكا، فرانسييە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە، ب د ت ، ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە خەلقئارا ئىسلام تتەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئورگانزاسيونلارغا « شەرقى تۈركىستانچىلارنىڭ ھەرىكىتى تېرورىست ھەرىكەت»- دەپ، چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە شەخسلىرى ئۈستىدىن دەۋا ئاچتى. بۇنىڭغا ئاساسەن 2003- يىلى 12- ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى « شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېرورلۇق قىلغۇچى ئورگاندۇر»- دەپ، قوبۇل قىلدى ۋە دۇنياغا جاكارلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋەتەندە خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرقانداق بىر قارشىلىق ياكى قىساس ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى، بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتى تېرورلۇق ھەرىكەت- دەپ تۆھمەت قىلسا، ئۇنىڭغا ماسلاشقان ھالدا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدا : بۇ ھەرىكەتنى بىزنىڭ مۇجاھىتلىرىمىز قىلدى-دەپ ئۈستىگە ئېلىشىنى داۋاملاشتۇرىشى نەتىجىسىدە، ب د ت مۇ تېرورلۇق ھەرىكىتى- دەپ، بېكىتتى. مەيلى خىتاي ئىچىدە يۈز بەرگەن قىساس ئېلىش ھەرىكەتلىرى بولسۇن، مەيلى ۋەتىنىمىزدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بولسۇن، قېتىپ قامىلاپ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەرىكەتلەرنى ئىسلامى تېرورچىلىق ھەرىكىتى- دەپ باھا بېرىدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى. ئىسلامنىڭ نامىدىن، ئاللاھنىڭ نامىدىن بىگۇنا ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ۋەھشى قىلمىشلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە يۈز بېرىۋاتقان بولغاچقا، دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن 1- نومۇرلۇق ئاپەت ئىسلام تېرورچىلىقى بولۇپ قېلىۋاتقان بولغاچقا، دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شىرىك بولۇپ مەيدانغا چىقىشىنى ئۇزۇن يىللاپ پىلانلىغان خىتايلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەتىنىمىزدە تولۇق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش شارائىتىنى قولغا كەلتۈردى. كىچىككىنە بىر ۋەقە يۈز بەرسە، ئۇنىڭغا قارا بايراقنى كىرىشتۈرۈپ دەرھال پاكىت ياساپ چىقىدۇ خىتايلار. ئۇنى ئىسپاتلاپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تالىبانلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى دەھشەتلىك باشتۇرۇش، تازىلاش ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتايلارنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن ئىجرا قىلىۋاتقان ئوچۇق ئاشكارە پاشىست تۈزۈمىگە پۈتۈن غەرب ۋە ئىسلام ئەللىرى ئىنكاس قىلمايدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلتۈرۈلدى.
ۋەتەندە قانداقلا بىر ھەرىكەت ئېلىپ بارسىڭىز، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تالىبانلىرى، ئۇيغۇر ئەلقائىدەچىلىرى ئۇنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاندىن خىتاي ئۇ ھەرىكەتكە قارا بايراقنى چاپلاپ، نەق مەيدان پاكىت ياساپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەرىكەتمۇ ئۇيغۇرلارنى ۋەھشى جازالاشقا سەۋەپ بولۇپ قالىدىغان بولغاچقا، يەنە قانلىق باستۇرۇشقا بانا بولۇپ قالغاچقا، يۈرىكىدە خىتايغا قارشى قىساس ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بار ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر، ۋەتەن سىرىتىغا چىقىپ، ئۈنۈملۈك بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ يولىنى تېپىش ئىستىكىدە، كېيىنكى يىللاردا ۋەتەن سىرىتىغا قىزىقىش باشلىنىپ كەتتى. بۇنىمۇ خىتاي بىر قوللۇق پىلانلاپ، خوتەن- كېرىيەدىن، باغدات- شامغىچە ئۆز ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. جەنۇپتىكى قىشلاق، سەھرالاردا، ئۆمۈر بويى شەھەر كۆرۈپ باقمىغان دېھقانلارنى « ھىجرەت ۋەسۋېسى»گە سېلىپ، مال ۋاران، يەر تۇپراقلىرىنى خىتايغا ئەرزان ساتقۇزۇپ، پۈتۈن بالا- جاقىسىنى تېرەكتۇرغا بېسىپ، جەنۇبى ئاسىيا ئىسىق بەلۋاغدىكى ئورمانلارغا ئاپىرىپ تاشلاپ، قىيامەتنىڭ ئازابىنى چەكتۈرۈپ، ئاخىرى شامغا ئۇلاشتۇرماقتا. بۇ ئىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ساختا موللىلاردىن، قاچاقچىلاردىن، ساقچى خادىملاردىن بولۇپ مىليونىر بولۇپ تىقىلىپ كەتكەنلەرمۇ خېلە كۆپ ئىكەن. بەزى بىر بەكراق ئاشكارىلىنىپ قالغان قاچاقچى، خىرايغا ئىشلەيدىغان ساختا موللىلارنىڭ ئاتا ئانىسىنى، ئۇرۇق تۇققان، يەتمىش پۇشتىغىچە، خالىغان كىشىلىرىنى خىتاي ئىستىخباراتى كېپىل بولۇپ، شامنى خالىسا شامغا، مەككىنى خالىسا مەككىگە، ئىش قىلىپ نەگە كېتىشنى خالىسا ئۆزلىرى خالىغان مەنزىلگە بىخەتەر ئۇلاشتۇرۇلۇپ، تۇرمۇشلىرى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.
مەيلى شامدا بولسۇن، مەيلى باغداتتا بولسۇن، ئۇيغۇر تالىبانلىرى خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ ئىچكى جەھەتتە بىر تۇتاش باشقۇرىشى، سىرىتقى جەھەتتە ئۇلار بەيئەت قىلغان ئاتالمىش « خەلىپىلەر» نىڭ ئىدارەچىلىق ۋاستىلىرى بىلەن يەنىلا خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان بولغۇچىلاردۇر.
خىتاينىڭ «تېز قىلغان ئىشى گۇماندا قالىدۇ، ئاستا قىلغان ئىشى تۇماندا» دېيىلگىنىدەك، ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشى تۇرماق، بىر كەنتتىن يەنە بىر كەنتكە بېرىشمۇ قاتمۇ- قات تۇساق، چەكلىمە، تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ، كەنت ساقچىلىرىنىڭ رۇخسەت گۇۋاھنامىسى، كەنت باشلىقىنىڭ ئىسپاتلىرى بىلەن بولىۋاتقان شارائىت ئاستىدا، ئۈچ يىل ئىچىدە قانچە ئون مىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇۋىسىدىن چۇگۇلۇپ چىقىپ، بىر ئۇچى ۋېيتنام، كامبۇدىجا، تايلاند ئورمانلىرىدا، تۈرمىلەردە، مالايسىياھ، ھۇندۇنېزىيالاردا سەرسان، سەرگەردانلىقتا، ھەتتا جىنايەت شايكىلىرىغا قېتىلىپ، جىنايى جازالارغا تارتىلىشلىرى، يەنە بىر ئۇچى شام، باغداتتا، قېرى ئاتا ئانىلىرى، كىچىك نارسىدە بالىلىرى، قاتبوي ئاياللىرى بىلەن ئۆلۈم مەيدانىدا پەيدا بولۇشلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش نورمالسىز ھادىسىلەر « شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېرورلۇق ھەرىكەتتۇر»- دەپ، ھۆكۈم قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنى قايتا ۋە جىددى ئويلىنىشقا سېلىپ قويدى. كېيىنكى ئىككى يىلدىن بېرى غەرب ئىستىخباراتلىرى سۈرىيە، ئىراق ۋە تۈركىيەگە توپلۇشۇپ قالغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر تالىبانلىرى، ئۇيغۇر ئەلقائىدەچىلىرى» گۇرۇپلىرىغا قايتىدىن قىزىقىپ، تەكشۈرۈش نىشانى قىلدى. تەھلىل مۇنداق: « 1949- يىلى خىتايلار شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلا مۇددىئاسى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۆز ۋەتىنىدىن خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئازات مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشتۇر. مۇشۇ يولدا يېرىم ئەسىر كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن، تۇيۇقسىز رادىكال گۇرۇپلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى، ھەقىقەتەن ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە ئىدى. شۇنىڭدەك ئافغانىستاندىن شامغىچە بولغان جىھات رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر تالىبانلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەلقائىدەچىلىرى ئارىسىدا، ئۆز ئىچىدىن دىنى رەھبەر بولالىغۇدەك سالاھىيەتلىك كىشىلەرنىڭ يوق بولىشى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى دىنى جەھەتتىن پەقەتلا ساۋاتسىز بولىشى، ئاز تولا دىنى مەلۇماتى بارلىرىمۇ ئاساسەن خىتايچە تەرجىمە ماتېرياللاردىن پايدىلىنىپ، يېرىم ياتە مەلۇماتلىق ئىكەنلىكى، ئەرەبچىنى يامىداپ بىلگۈدەك سەۋىيەدىكى چالا موللىلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئىش پائالىيەتلىرى گۇمانلىق، خىتاي ياساپ چىققان ساختا موللا، ساختا مۇجاھىت ئىكەنلىكى قاتارلىق ئىچكى ئەھۋاللارمۇ، بۇ ئىشنڭ ئىچىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ قولى بارلىقىنى، خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن خالى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ….»
يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئېنىقلاش ۋە تېڭىرقاشلاردىن كېيىن، غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر تالىبان ۋە ئەلقائىدەچىلىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرى ئايدىڭلىشىپ قېلىغلىق. يەنى ئۇلار سۈرىيەدە بولامدۇ، ئىراق، ئافغانىستاندا بولامدۇ ئىسلام نامىدىكى « خەلقئارا تېرور گۇرۇپى » بىلەن ئىچكى باغلىنىشى يوق. ھەتتا ئۇيغۇر جىھاتچىلىرى: ھەي ئامېرىكا تاغۇت! ھەي ياۋرۇپا تاغۇتلىرى! بىز ئۇيغۇر ئەلقائىدەچىلىرى سەنلەرنى يوقىتىپ، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىمىز- دەپ ۋارقىرىسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ قولى بارلىقىنى گۇمان قىلىشتىن چېكىنمەيدىغان ھالغا كەلدى.
بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا شامدىكى ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى نامىدىن تۈركلەرنىڭ، تۈركمەنلەرنىڭ كاللىسىنى كېسىپ: ھەي تاغۇت ئەردوغان! مانا بىز ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى، سەن ئىمانسىز تۈركلەرنى مۇشۇنداق ئۆلتۈرىمىز!- دەپ، فىلىم تارقانقان چاغدىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەسىلىنىڭ ئارقا تەرىپىنى كۈزەتتى ھەم ئىنتايىن سەزگۈر پوزتىسيىدە بولدى. شۇنىڭدەك، يەتتىنچى ئىيۇن ھەلەپ ئەتىراپىدا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان « پې كا كا » چى كۈرتلەرنىڭ كاللىسىنى كېسىپ، كۈرتلەرگە قارىتا قىلغان خىتابلىرىغا جاۋبەن، « پې كا كا» چىلار، ئىستانبۇلدىكى شەرقى تۈركىستان ۋەقپىنىڭ يېنىدا، يىنىك تىپتا پارتىلىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئاگاھلاندۇردى. تۈرك، كۈرت ئىستىخباراتلىرى ئەلۋەتتە ئىشنىڭ نەدىن يېتەكلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن يەردە ئەمەس. يەنى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى جىھات رايونىغا سۈرگۈن قىلغان ۋەھشى قىلمىشىنىڭ يۈزىدىكى نىقابى ئاللىبۇرۇن يىرتىلىپ كەتتى. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن خىتاي توختاپ قالمايدۇ.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا، خىتاي ئىستىخباراتى ۋەتەن سىرىتىدىكى ئۇيغۇرلارنى تورلاشتۇرۇش ئويۇنلىرىنى باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى:
1- چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى تىزىمغا ئېلىش؛
2- چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن كونا- يېڭى ئۇيغۇرلارنى كولدۇرلىتىپ، كىملەرنىڭ تومۇرى قانداق سوقىۋاتىدۇ؟ كىملەرنىڭ پوزتىسيىسى نەدىن نەگىچە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش؛
3- جىھات رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تېنچ رايون ۋە ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى تورلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى، ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخباراتىنىڭ ئىزچىل تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاشكارە ھەم يوشۇرۇن تەقىپ ئاستىغا چۈشۈرۈپ، بىئارام قىلىش.
4- خىتاي ئۆزىنىڭ سادىق غالچىلىرىنى بىخلاندۇرۇش، كۆكلىتىش، ئەتىراپىغا شايكا ئولاشتۇرۇپ، نوپۇزغا ئىگە قىلىش…. قاتارلىق تەرەپلەردە كۆزگە چېلىقىۋاتىدۇ.
يىغىپ ئېىتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنغا بەك ھېرىسمەنلىك، ساداقەتمەنلىك خاراكتېرى بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىمىزنىڭ تىلىنىڭ ئەرەبچە بولىشى، ئۇيغۇرلار ئىچىدە يېڭى بىر بوشلۇق پەيدا قىلماقتا. قۇرئاندىن ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئۆزلىرى خالىغانچە سۆزلەپ بەرسىمۇ ئەلھەمدۇلىللاھ دەيدىغان گەپ. ھەدىستىن بىر قانچىنى كەلتۈرۈپ، نېمىلا دەپ پەتىۋا چىقارسا بەرھەق دەيدىغان گەپ. ھەتتا ئەرەبچە گەپنى قىلىپ ئۇيغۇرچە ھۆكۈم ئېلان قىلسىمۇ ئامەننا دەيدىغان گەپ. ئەرەبچە ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ، ئۇيغۇرچە مۇڭلۇق مەزمۇنغا تەرجىمە قىلىپ بەرسىمۇ، مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرۇپ ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدىغان گەپ. ئافغان- تالىبانلارمۇ، ئەرەب ئەلقائىدە جىھاتچىلىرىمۇ دۆلەت سەۋىيىسىدىن قېلىشمايدىغان جاسۇسلۇق ۋە ئىستىخبارات كۈچىگە ئىگە ئەلۋەتتە. ئۇلار ئۇيغۇرلاردىكى بۇنداق بىر بوشلۇقنى بايقىغاندا، كانارىغا ئېسىپ قويغان نەق قۇربانلىق گوشنىڭ ئورنىدا ئىستىمال قىلالايدۇ. بۇنداق ۋەزىيەت شەكىللىنىپ بولغىلىمۇ ئون بەش يىلدىن ئېشىپ قالدى.
ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرگەن مىڭ ئاتمىش يىلدىن ئارتۇق تارىختا دىننى، ۋەتەننى مىللەتنى ۋە دۆلەتنى بىر بىرىدىن ئايرىۋەتمەي كېلىۋاتقان، ئاڭلىق، مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت بولىشىغا قارىماي، بۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىن بىر توپ رادىكال گۇرۇپنىڭ شەكىللىنىشى، بېشىمىزغا كەلگەن چوڭ بىر قىيامەتنىڭ ئالامىتىدۇر. « دىن ئۈچۈن، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، ئۇممەت ئۈچۈن» ئادەم ئۆلتۈرۈشنى راۋا كۆرۈش، بۇ ۋەھشى بىر خەلقنىڭ ئادىتىدۇر. ئۇلار ئەينىۋاقىتتا « ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن» ساھابىلەرنى قىرىپ تاشلىيالىغان، « ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن » پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلاد، نەسەپلىرىنى قىرىپ تاشلىيالىغان بىر قوۋم ئىدى. كېيىنكى يىگىرمە يىلدىن بېرى ئافغانىستاننى، چېچەنىستاننى، ئىراقنى، سۈرىيەنى قان دېڭىزىغا ئايلاندۇردى. ئۇلار « ئۇممەت بىرلىكى ئۈچۈن» – دېگەن ساختا شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، دىنى جەھەتتىكى تىل بوشلىقىدىن يوچۇق ئېچىپ، ئۆزبېكىستان، تاجۈكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىستان ئەللىرىگە « ئۇممەتچىلىك» بالاسىنى سۆرەپ كىرىشنى پىلانلاپ بولغىلى خېلە يىللار بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ بەششار ئاساد ھاكىمىيىتىنى ئىزچىل قوللىشى، ئەرەب جىھاتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا جىھات ئوتىنى يېقىشىنى تېزلىتىشى مۇمكىن. كېچىكتى دېگەندىمۇ، سۈرىيە ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا، جىھات ئۇرۇشىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكىشى ئېنىق. ئەگەر ئىش شۇنداق يۈرۈشۈپ قالسا، خىتاي سۈرىيەگە سۈرگۈن قىلغان ئۇيغۇر تالىبان ۋە ئەلقائىدەلىرى، ئالدىنقى سەپتە خىزمەت كۆرسىتىدىغانلاردىن بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر تالىبانلىرى جىھات ئۇرۇشىنى قوزغاپ چىقسا، ئۇنى باستۇرۇشقا خىتاي ئەسكەر چىقىرىدۇ. بۇ قوشنا دۆلەتلەر ئارا رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش شەرتنامە، كىلشىملىرىدىكى ئەقەللى مەجبۇرىيەت ۋە ھوقۇق ھېساپلىنىدىغان قائىدىلەردىندۇر. شۇنداق بولغاندا، خىتاينىڭ ئومۇمى قان تۆكۈش ئوبيېكتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئارتۇق كۆرىۋاتقان، ئۇيغۇرلانى يوقىتىشقا زادىلا پۇرسەت تاپالمايۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا يەرلىك مىللەتچى كۈچلىرى ۋە مىللەتچى دۆلەت رەھبەرلىكىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۇپراقلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنى تازا خالاپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق بىر تەتۈر ۋەزىيەت ئاستىدا، ئۇيغۇر جىھاتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قانلىق جىھات قوزغىشى، شۈبھەسىزكى، ئۇ تۇپراقلاردا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى شەكىلدە قىرغىن قىلىنىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ.
ئەرەب جىھاتچىلىرى ئۇممەتچىلىكنى قالقان قىلىپ، ئاخىرى چىقمايدىغان ئۇرۇشقا دەسلىۋىدە چېچەنىستاننى سۆرەپ كىرگەن ئىدى. چېچەنىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە پۈتۈن دۇنيا خەلقى ھېسسىداشلىق بىلدۈرىۋاتقان، رۇس ھۆكۈمرانلىرىنى ئۇرۇش توختىتىپ، چېچەن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگۈلەش ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا قىستاۋاتقان، ھەتتا تېنچلىق شەرتنامىسى ماقۇللىنىپ، مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان پەيتتە، چېچەنىستان ھەرىكىتىنى ئەرەب جىھاتچىلىرى كونتروللىقىغا ئېلىۋېلىپ، ئۆزلىرى يېتەكلىدى. ئەرەب جىھاتچىلىرىنىڭ بىردىن بىر جىھات پىرىنسىپى مۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: « جىھات پەقەت ئاللاھ رىزاسى يولىدا ئۆلۈش ۋە ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئىسلامى جىھات يولىدا مىللەتچىلىك يوق. ئۇممەتچىلىك بار. ئىسلامى جىھات يولىدا دۆلەتچىلىك يوق. دۆلەت قۇرۇش يوق. ھەر قانداق يەردە دۆلەت قۇرۇلىدىكەن، ئۇنى ئالدى بىلەن ئامېرىكا، پۈتۈن ناسارا كاپىر دۆلەتلىرى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. كاپىرلار قۇرۇلماقچى بولغان دۆلەتنى ئىسلامى شەرىئەت بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ تاغۇت قانۇنلىرىغا ماسلاشتۇرۇشنى شەرت قىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ يولىدا جىھات قىلىپ، غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، تاغۇتلار ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇپ بېرىش دۇرۇس ئەمەس. جىھاتچىلىقتا دۆلەت قۇرۇش نىشان قىلىنمايدۇ. بەلكى كاپىرلارنى ئۆلتۈرۈپ، كاپىرلارنىڭ قولىدا ئۆلۈپ شەھىت بولۇشتىن باشقا ھەرقانداق نىشان تاغۇتتۇر…» مانا مۇشۇنداق مەڭگۈلۈك جەننەت چاقىرىقى بىلەن، چېچەنىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى بەربات قىلدى. كېيىن ئافغانىستاننى تۈگىمەس ئۇرۇش رايونىغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىراق، ئۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيە قان دېڭىزىغا ئايلاندۇرلدى.
تەكرار ئېيتىشقا ھەقلىقمىزكى، ئەرەب جىھاتچىلرىنىڭ مەڭگۈلۈك جىھات چاقىرىقلىرى: بىرىنچى قورال ئىشلەپ چىقىرىدىغان كاپىتالىستلارغا؛ ئىككىنچى قورال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەرگە؛ ئۈچىنچى قورال ئەتكەسچىلىرىگە؛ تۆتىنچى نىپىت ئەتكەسچىلىرىگە؛ بەشىنچى ئاسارە- ئەتىقە ۋە تارىخى بۇيۇم ئەتكەسچىلىرىگە؛ ئالتىنچى ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىگە؛ يەتتىنچى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلغۇچى مۇستەملىكىچىلەرگە… پايدىلىقتۇر.
ئۇلارنىڭ زىيىنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچى ئىسلامنىڭ غەيرى مۇسلىم دىيارىدا تېنچ دەۋەت بىلەن قانات يېيىشىغا توسقۇنلۇق كەلتۈرىدۇ؛ ئىككىنچى غەيرى مۇسلىم ئەللىرىگە ئورۇنلىشىۋاتقان مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنىڭ دىنى كىشىلىكلىرىنى، دىنى كىملىكلىرىنى ساقلىشىغا، دىنى ھاياتىنى ياشىشىغا توسقۇنلۇق، قىيىنچىلىق ۋە يەرلىكلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ؛ ئۈچىنچى غەيرى مۇسلىم ئەللەردىكى ئىسلامغا ئىنتىلگۈچى خەلقنى ئىسلامدىن يىرگەندۈرۈش، ئىسلامدىن ۋە مۇسۇلمانلاردىن تەپرەنلەندۈرۈشكە يۈزلەندۈرىدۇ؛ تۆتىنچى غەيرى مۇسلىم ئىشغالچىلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى، ئەركىنلىك ئۈچۈن، مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى تېرورلۇق قالپىقىنى كىيدۈرۈپ باستۇرۇلىشىغا سەۋەپ يارىتىدۇ؛ بەشىنچى مۇسۇلمان ئاھالىسى بىلەن، غەيرى مۇسلىم ئاھالىسى تېنچ، بىرگە ياشاپ كېلىۋاتقان ئەللەردە رادىكال ئىدىيى پەيدا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت، ئۆز – ئارا ئۇرۇش، جېدەل چىقىرىشقا، مۇسۇلمان ئاھالىلەرنىڭ مۇنقەرز بولىشىغا سەۋەپ ھازىرلايدۇ؛ ئالتىنچى دېمۇكراتىك ئەللەردىكى « پارالېل مەدەنىيەت، پارالېل ئىتىقاد » تەشەببۇسلىرىغا توسقۇنلۇق كەلتۈرۈپ، ئىسلامى ئىتىقاد، مۇسۇلمانلار مەدەنىيىتىنىڭ چەتكە قېقىلىشىغا، توسقۇنلۇققا، چەكلىمىگە ئۇچرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛
ئىشقىلىپ ئەرەب جىھاتچىلىقى، ئەرەب ئۇممەتچىلىكى ئىسلامغا، غەيرى مۇسلىم ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا، شۇنىڭدەك ئۇرۇش، ماجىرا بولىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەت ۋە يۇرتلىرىغا، ئەركىنلىك، ئازاتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مۇستەملىكىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرگە ساناپ تۈگەتكۈسىز زىيانلارنى كەلتۈرمەكتە.
ھەربىر ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى، ھەربىر ئۇيغۇر ئىنقىلاپچى ئەزىمەتلىرى شۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشلىرى كېرەككى، چېچەنىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تىزگىنى ئەرەب جىھاتچىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالغاندىن باشلاپ، چېچەنىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن كاپكاز رايونىنى جىھات ئۇرىشىغا سۆرەپ كىرىش ئارقىلىق، چېچەنىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى بەربات قىلدى. شۇنىڭدەك، ئافغانىستاننى سوۋېت- رۇس ئىشغالىدىن ئازات قىلىپ، ھەرقايسى قوراللىق گۇرۇپ ۋە جامائەت، پارتىيىلەر ئۆز- ئارا دۆلەت قۇرۇش، ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرۈشى قىلىۋاتقان پەيتتە، ئەرەب جىھاتچىلىرى قول تىقىپ، ئۇرۇشنىڭ تىزگىنىنى ئۆزلىرى خالىغان تەرەپكە بۇرىدى. بولۇپمۇ كېيىنكى 20 يىلدىن بېرى، ئافغانىستاننى بەربات قىلدى. خەلقئارالىق ئۇرۇش رايونىغا، خەلقئارالىق قورال، ئەپيۇن سودا بازىرىغا، ئەتكەسچىلىك، ئادەم قاچاقچىلىق بازىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ئويلاپ باقايلى، بوسنىيە ئۇرۇشىغا، كوسوۋا ئۇرۇشىغا ئەرەب جىھاتچىلىرى يېقىن يولىمىغان ئىدى، ( ئاللاھنىڭ رەھمىتى ) ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ، ئۇرۇش جەريانىدىكى يارا، جارائەتلىرىنى داۋالىغۇدەك پۇرسەتكە ئىگە بولدى. ئىراقچۇ؟ ئافغانىستانچۇ؟ بۈگۈنكى قان دېڭىزىغا ئايلانغان سۈرىيەچۇ؟ شۇنى قەتئى ئەستىن چىقارماسلىق لازىمكى، ئەگەر ئەرەب جىھاتچىلىرى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قول تىقسا، ئۇلار بىزنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۇرۇشىمىزنى ئۆز قىنىدىن چىقىرىپ، ئۇممەت ئۇرىشىغا ئايلاندۇرىدۇ. خۇددى چېچەن ئۇرۇشىنى پۈتۈن كاپكازغا كېڭەيتىپ ۋەيران قىلغاندەك، بىزنىڭ ئۇرىشىمىزنىمۇ پۈتۈن تۈركىستان رايونىغا كېڭەيتىدۇ. شۇڭا خېلە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەرەب جىھاتچىلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى قەستەن بۇرمىلاپ « تۈركىستان» – دەپ، ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ. شەرقى تۈركىستان بولسا، بۈيۈك تۈركىستان زېمىنىنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ كېلىدىغان بىر تۇپراق. بۇنى بىلمەيدىغان كىشى يوق. ئەرەب جىھاتچىلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەقلىق نامىنى تىلغا ئالماسلىقتا: بىرىنچى خىتايغا ئۇدۇل كەلمەي، يانداپ ئۆتۈش؛ ئىككىنچى تۈركىستاندا ئىسلام ئاچىمىز- دېگەن ھەيۋە ئارقىلىق، بۇ يوغان بايرراقنى ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرىغا كۆتەرتىپ قويۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى جۇمھۇرىيەتلىرىنى، تۈركى قېرىنداشلارنى بىزگە قارشى ئالدىن دۈشمەنلەشتۈرۈپ، بولغۇسى رايون ئىچكى ئۇرىشىغا زېمىن ھازىرلاش… قاتارلىق سىتراتېگىيىلىك پىلان يوشۇرۇنغان بولىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەربىر ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى ئۆزلىرى چۈشۈنۈپ يېتەلمىگەن ئەرەب جىھاتچىلىرىنىڭ « ئۇممەتچىلىك» ماجىراسىدىن يىراق تۇرۇشلىرى، « ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى، ئىسلامنىڭ دۈشمىنى، دىننىڭ دۈشمىنى، مەدەنىيەتنىڭ، تەبىئەتنىڭ، ھايۋاناتنىڭ دۈشمىنى، بىزنىڭ بىۋاستە دۈشمىنىمىز» بولغان خىتاينى ئۇنتۇپ، باشقا يەردە دۈشمەن ئىزدەپ يۈرمەسلىكى لازىم . بىزنىڭ دەۋارىمىز شەرقى تۈركىستاننى ئازات قىلىپ، ئۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان 20 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇشتۇر. ئازاتلىققا تەلمۈرۈپ يىغلاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ غېرىب، بىچارىلىرى شۇيەردە!

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى

ئابدۇرېھىمجان

گېرمانيە مىيونخېن