ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە كىملەر قارشى تۇرىدۇ؟

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە كىملەر قارشى تۇرىدۇ؟

abdurehimjan-abdureshit

مۇقەددىمە
دۈشمىنىمىز خىتايلار توغرىسىدا قىسقىچە بايان
بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيىرىمىزگە، ۋەتىنىمىزنى، مىللىتىمىزنى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئالىيجاناپ پەزىلىتىمىزگە كىملەرنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتىن ئاۋال، بىزنىڭ نۇقتىلىق ۋە بىردىن بىر دۈشنىمىز بولغان خىتاينى ۋە خىتاي دۆلىتىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولماس.
مۇستەبىت خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، يات مىللەتلەرنىڭ تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلىشتا، شۇنىڭدەك مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنى باشقۇرۇشتا كلاسسىك- قۇللۇق ۋە قۇلدارلىق ئېڭىنى ئاساس قىلغان سىستېم بويىچە تۈزۈم، تەدبىر قوللىنىدۇ. باش ئېگىپ، تولۇق بويسۇنغان ئەسىر مىللەت خەلقىنى تۈپتىن ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ، ماھىيىتىنى، سۈپىتىنى ئۆزگەرتىپ، تامامەن يوق قىلىۋېتىدۇ. باش ئەگمىگەن، قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مىللەتلەرگە قارىتا، يوقۇتۇش ستراتېگىيىسىنى باسقۇچلۇق پىلان بويىچە ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
خىتايلار مانجۇر ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ، 1911- يىلى جۇمھۇرىيەت شەكلىدىكى دۆلەت سىستېمىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. بىراق 1368-يىلىدىن 1911- يىلىغىچە موڭغۇل ۋە مانجۇرلارنىڭ قۇللۇق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، ئىنسانىي چۈشەنچىدىن، ئادىمى ئەخلاقتىن، مىللىي زېھنىيەتتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان خىتايلار، ئەركىن سايلام قائىدىسى بويىچە باشقۇرىدىغان جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى خالىمىدى. خىتايلارنىڭ ئىچىدىكى دىندارلىرىمۇ، قۇلدارلىرىمۇ، پۇلدارلىرىمۇ، مەنسەپدارلىرىمۇ، ھەتتا ھېچ نەرسىسى يوق گادايلارمۇ، دىنسىز، مۈلۈكسىز مالايلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇللۇقتىن، يوقسۇللۇقتىن، رەزىل، ئىپلاس ئاھانەتتىن قۇتقۇزغان يېڭى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوللىمىدى ۋە خالىمىدى. پۇل- مۈلۈكدارلىرى ، ئەمەلدار، مەنسەپدارلىرى ئەجنەبىيلەرنىڭ ئىدارە قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلسا، دىندار،راھىب، دانىشمەنلىرى، يوقسۇل گاداي، مالايلىرى 《ئەجداتلىرىدىن قالغان ئەن ئەنىۋى قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى》 نى تەلەپ قىلىشتى.
خىتايلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن قالغان ئەن ئەنىۋى تارىخلىرى قۇللۇق، زۇلۇم، زومبىلىقتىن، خار ئاسالەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. خىتايلارنى موڭغۇللار (1368- يىلى) تولۇق ئىشغال قىلىشتىن ئىلگىرىكى چاغلاردىمۇ، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى، كۆك تۈرك دۆلىتى، ھون ئىتتىپاقى ئىمپېرىيىسى قاتارلىق يات مىللەتلەرنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا، قۇللۇق كۆرسىتىپ، ئاسالەت ئىچىدە، مالاي بولۇپ ياشىغان بىر خەلق ئىدى. خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ (ياتلارغا) بېقىندىغان، ناھىيە، ۋىلايەت دەرىجىسىدىكى، ئۇششاق پۇرات قورچاق پادىشاھ، بەگلىكلىرىدىمۇ، ئومۇمى خەلق سۈپىتىدە قۇللۇق تۈزۈمى ئاستىدا ئىزىلىپ،خورلىنىپ ياشايتتى.
خىتايلارنى موڭغۇللار ئىشغال قىلغاندىن كېيىنمۇ، ئوخشاشلا قۇللۇق تۈزۈمىنى يولغا قويدى. موڭغۇللار 1644- يىلى تولۇق ئاغدۇرۇلغىچە بولغان 276- يىل خىتايلارنى ھايۋاندىن بەتتەر خورلاپ ئىدارە قىلغان ئىدى. 1644- يىلى مانجۇرلار موڭغۇللارنى ئاغدۇرۇپ، پۈتۈن خىتايلارنى ئىشغال قىلىپ، دۆلەت تۈزۈمىدە ھېچقانداق يېڭىلىق، ئىسلاھات ئېلىپ بارمىدى. بەلكى موڭغۇللاردىن قانچە ھەسسە ئېغىر زۇلۇم يۈرگۈزدى. ھەتتا ھەر 10 ئۆيلۈك خىتايغا بىر خىتاينى مەسئۇل قىلىپ، خىتايلارنى كىچىك، كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورناتتى. ئىجتىمائىي جەمئىيەت دېگۈدەك بىر كوللېكتىپلىق ۋەزىيەت قالمىدى. ئەكسىچە ھەر بىر ئائىلىگىچە تولۇق كونترول قىلىنىپ، تۇرمۇش، ئۆرپ ئادەتلىرىگىچە ئۆزگەرتىلىپ، ئۇچىسىغا مانجۇرچە ئىككى ياندىن چەك ئېچىلغان، پالاقلىما ئۇزۇن چاپان، بېشغا مانجۇرچە ئۆرۈمە قالپاق، بىر ئۆرۈم ئۇزۇن چاچ، ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق بۇرۇت قويۇش سىياسى بەلگىلىمە قىلىندى. خىتاي خەلقىنىڭ تەقى- تۇرقى، ئولتۇرۇپ- قوپۇشى، مېڭىش- تۇرۇشلىرى پۈتۈنلەي مانجۇرچە تۈسكە كىرگۈزۈلدى. ھەتتا خىتايلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقنىڭ ئوڭ قول باش بارمىقىنى بوغۇۋېتىش، قىز بوۋاقنىڭ ھەر ئىككىلا پۇتىنى ماتا بىلەن مەھكەم تېڭىپ، گەۋدىسى چوڭ بولسىمۇ، ئىككى پۇتى بوۋاق چېغىدىكىدەك كىچىك پېتى قالىدىغان ۋەھشى ئۇسۇلنى ئىجرا قىلدى. بۇنداق قىلغاندا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى بولمىسا قىلىچ، نەيزە ، ئوقيا قاتارلىق ئۇرۇش قوراللىرىنى تۇتالمايدىغان، پەقەت ھايۋاننىڭ ئورنىدا ئىشلەشتىن باشقىغا يارىماس ئادەم بولاتتى. پۇتىنى بوغۇۋەتكەن قىزلار چوڭ بولغاندا، پۇتى بەك كىچىك بولغاچقا، ئۆز گەۋدىسىنىمۇ كۆتۈرۈپ ماڭالمايدىغان، ھامىلدارلىقتىن باشلاپلا ئورنىدىن تۇرالماي، شۇ ئولتۇرغان پېتى قېرىپ ئۆلگىچە كېرەكسىز، ئائىلىگە يۈك بولۇپ ئۆتىدىكەن.
خىتايلار شۇ تەرىقىدە مانجۇرلاردىن، ساناپ تۈگەتكۈسىز خورلۇق، زۇلۇم، ئاھانەت كۆرگەن خەلق ئىدى. خىتايلار ئۆز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان زىيالىيلارنىڭ، مۇتەپەككۇرلارنىڭ، شىجائەتلىك ئەربابلارنىڭ ھايات- ماماتلىق ئىنقىلاۋى كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە 1911- يىلى ئازات بولۇپ، خىتاي خەلق ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەركىن سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدى.
يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، ئەلمىساقتىن بېرى قېن قېنىغا، تومۇرلىرىغا، زېھىن- تەپەككۇرلىرىغا پەقەت قۇللۇقنىڭ، خورلۇقنىڭ تامغىسى بېسىلىپ كەتكەن بىر ئەبگا خەلق بولغاچقا، ئۇلارغا قۇرۇپ بېرىلگەن ئەركىن تۈزۈمنى، ھۆر ئازات دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشمىغان ئىدى. ئاجايىپ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئاسارەتتىكى قۇللۇق دەۋرلەردە بېقىندى، قورچاق مەنسەپدارلارنىڭ، ياللانما مۈلۈكدارلارنىڭ، ئىككى يۈزلىمىچى راھىب موللىلارنىڭ مەنپەئەتى ئەركىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە مەلۇم جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىشى مۇقەررەر ئىدى. بىراق ھېچ نەرسىسى يوق، دىنىمۇ يوق، مال مۈلكى، ئەمەل- مەنسىپى يوق، قىزىل گاداي، مالايلارنىڭ قايسى مەنپەئەتلىرىگە ئەركىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئۇيغۇن كەلمەي قالدى؟ مانا بۇ چۈشىنىش قىيىن بولغان نۇقتا، جاۋابى تېپىلمايدىغان سوئال ئىدى.
بەلكىم خىتاي خەلقى: بىرىنچىدىن يارىتىلىشىدىنلا قۇل قىلىۋېتىلگەن، خوجايىنغا بويسۇنۇپ ئادەتلەنگەن، يەتمىش پۇشتىدىن قۇل بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان مالاي خەلق بولغاچقا، ئىككىنچىدىن خىتاي خەلقى ئومۇميۈزلۈك ئوقۇشنى، يېزىشنى بىلمەيدىغان ساۋاتسىز، نادان، قالاق، قاششاق، قىتىغۇر، كۆتۈرمىكەش خەلق بولغاچقا، ئۈچىنچىدىن ئەزەلدىنلا پېشانىسىگە پۈتۈلگەن خورلۇققا، دەپسەندىچىلىككە، ئاجىز- بىچارىلىككە كۆندۈرىۋېلتىلگەن، مېڭىسى يۇيىۋېتىلگەن، 《خۇدا سېنى مۇشۇنداق ياراتتى، سەن مۇشۇنداق ياشاشنى قوبۇل قىلىپ، تەقدىرگە بويسۇنۇشۇڭ ۋاجىپ، ئىسيان قىلساڭ، مۇرتەت بولىسەن》- دېگەندەك، موللا- راھىبلىرىنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا كۆنۈپكەتكەن، ئاڭسىز خەلق بولغاچقا، ئېھتىمال ئۆزلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، ئۆزخان، ئۆز بەگ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە قارشى چىققان بولىشى مۇمكىن.
يەنە بىر مۇھىم ئېھتىماللىق شۇكى، خىتاي خەلقى توپلىشىپ مىللەت شەكىللەندۈرگەن خەلق ئەمەس ئىدى. خىتايلار جامائە، جەمەت، ئۇرۇقداشلىق ئالاقە مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ، كۈچلۈكرەك قەبىلە باسقۇچىغىمۇ كىرىپ بولالمىغان، ئاساسەن يەككىچىلىك، ئائىلىچىىكتىن ئىبارەت خۇسۇسىي مەنپەئەتچىلىك ئېڭىدىن نېرى كېتەلمىگەن، ئىپتىدائىيلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر چېچىلما خەلق ئىدى. ئۇلار بىرەر بەگ، تۆرە، ئەمەلدار، مەنسەپدارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرسە، ئاساسلىق يېقىن جەمەت ۋە ئۇرۇقلار توپلىشىپ ھەرىكەت قىلاتتى. ئىسيان مەزكۇر جەمەت، ئۇرۇققىلا ئائىت بولغاچقا، مەغلۇب بولسىمۇ شۇلار جازالىناتتى. ئەگەر غەلىبە قىلىپ، مەنسەپ، ئەمەلنى تارتىۋالالىسا، باشقا يات جەمەت، يات ئۇرۇقلارغا ئاۋالقى زالىملارغا ئوخشاش زۇلۇمنى داۋام ئەتكۈزەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن 《قۇم يىغىلىپ تاش بولماس، قۇل يىغىلىپ باش بولماس 》دېگەن ھۆكۈمنى ئۇلار قوبۇل قىلىپ، ياتلارغا قۇللۇق بىلدۈرۈشكە رازى ئىدىكى، ئۆز ئىچىدىن چىققان ئىسيانچىلارنى قوللىمايتتى، مەدەت بەرمەيتتى. بەلكى زوراۋان، يات ھۆكۈمرانلارغا ھەمكارلىشىپ، ئۆز خەلقىدىن چىققان ئىسيانچىلارنىڭ زاۋال تېپىشىنى تىلەيتتى. شۇنىڭدەك، خىتاي خەلقىدە ۋەتەن چۈشەنچىسىمۇ يوق بولۇپ، پەقەت ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئۆزلىرى تىرىكچىلىك قىلىپ، قۇللۇق بەجا كەلتۈرۈپ ياشايدىغان مەھەللىلەرنىلا بىلەتتى.
ئۇلار شۇنچىلىك شەخسىيەتچى ئىدىكى، ئۆزلىرى قۇللۇق بىلدۈرۈپ چاكارلىق قىلىدىغان خوجايىن، قۇلدارلىرىغا بىرەر زىيان، زەخمەت يېتىپلا قالمىسا، شۇ مەھەللىگە بىرەر ئاپەت يېتىپ قالمىسا، باشقا مەھەللىگە، ھەتتا باشقا قۇلۇم- قوشنىلارنىڭ بېشىغا قانداق بالا- قازا، قانداق ئاپەتلەرنىڭ كېلىشى ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس ئىدى. 《ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي. كۆتۈڭنى قىسىپ يولۇڭغا ماڭ》-دېگەندەك، شەخسىيەتچىلىك ھايات تەلىماتى خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزەمچىلىك خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي خەلقىنى نوپۇس جەھەتتە ئۆزلىرىدىن مىڭ ھەسسىلەپ ئاز نوپۇسقا ئىگە ھون، تۈرك، ئۇيغۇر، تاتار، موڭغۇل، مانجۇرلارغا ئوخشاش يات مىللەتلەر باشقۇرۇپ، ئەسىر قىلىپ، قۇل قىلىپ ئىشلىتەتتى.
خىتايلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان، ئەمما قىسقا ۋاقىت دەۋر سۈرۈپ قالىدىغان ئۇششاق، چۈششەك ئاتالمىش 《پالان سۇلالىسى》- دەپ، كۆپتۈرۈپ، كۆككە كۆتۈرۈۋالىدىغان، سۇلالە پادىشاھلىقلىرىمۇ، ئۆز خەلقى ئۈستىدىن زورلۇق، زوراۋانلىق، قۇللۇق تۈزۈمى يۈرگۈزۈپ، قېنىنى شوراپ، يات ئەل خاقانلىرىغا قۇللۇق بىلدۈرىشەتتى. 《 يېقىندىكىلەرنى ئېزىپ، گەجگىسىدىن دەسسەپ، مال- مۈلكىنى ئال، يىراقتىكىلەرگە ھەدىيە قىلىپ كۆڭلىنى ئال، شۇنداق قىلساڭ، تەختىڭ ئامان، يولۇڭ راۋان بولغاي》-دېگەندەك، شاھلىق، سەلتەنەت تەلىماتى، خىتاي پادىشاھ، ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ماھىيەتلىرىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى.
مانا شۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ،خىتاي خەلقىنىڭ ۋەتەن – مىللەت ئېڭىنىڭ يوقلىقى، ۋەتەن- مىللەت سۆيگۈسىنىڭ بولمىغانلىقى تۈپەيلى، ئۆزلىرىنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان، ئىنسانىي قىممىتىنى، تەقدىرىنى ئۆز قوللىرىغا تاپشۇرغان ئەركىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى خالىمىغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ، ئارىدىن 10 يىل ئۆتمەي ئۆز جۇمھۇرىيىتىگە قارشى ئاممىۋى ئىسيان كۆتۈرۈلدى. بۇنداق ئاممىۋى نارازىلىق، ئاممىۋى ئىسيان خىتاي تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ھادىسە ئىدى. ئۇلار ئەسىرلەپ، ھەتتا قانچە مىڭ يىللاپ ياتلارنىڭ ئاسارىتىگە، قۇل قىلىشىغا رازىمەنلىك بىلدۈرگەن ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم ئۆز جۇمھۇرىيەتىگە بويسۇنۇشنى 10 يىلمۇ راۋا كۆرەلمىدى. سەۋەبى ئۇلار ئىنسانچە ياشاشنى بىلمەيتتى. قۇللۇق تۈزۈمىگە كۆنۈك، خورلۇققا كۆنۈك، ئىپلاس بىر خەلق بولغاچقا ئۆزلۈك تىكلەشنى خالىمايتتى.
خىتاي ئىسيانلىرى يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملىشىپ، (شۇ چاغدىكى) زامانىۋى ئۇرۇش قوراللىرىنى ئىشلىتىشكىچە جۈرئەت قىلدىكى. ئاخىرى قۇللۇق تۈزۈمىنى دۆلەتلەشتۈرگەن 《خىتاي كوممۇنىزىمى》ئىسياندا، ئۇرۇشتا، غەلىبە قىلىپ، 1949- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى 《خىتاي كوممۇنىست گۇرۇھلىرى》 ھۆكۈمرانلىق تەختىگە ئولتۇردى. خىتايلارنىڭ ئاشۇ يېرىم ئەسىرگە يېقىن ئېلىپ بارغان ئاممىۋى ئىسيانلىرى ۋە قوراللىق ئۇرۇشلىرىدا 15 مىليوندىن ئارتۇق خىتايلارنىڭ ئۆلۈشىگە قەدەر كۆرسەتكەن جاسارەتلىرى، بۈگۈنكى خىتايلار دەۋا قىلىۋېلىشقانلىرىدەك، ۋەتەن- مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى، ئازاتلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە تۈزۈم ئۈچۈن تۆلىگەن قانلىق بەدەللەر ئىدى. يەنى يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، خىتاي خەلقىنىڭ ئىنتايىن غوللۇق بىر قىسمى، مۇتلەق كۆپچىلىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى خالىماي، قۇللۇققا يېقىن بولغان كوممۇنىزم تۈزۈمىنى تاللىۋېلىشقان ۋە شۇ تۈزۈم ئۈچۈن ئىسيان قىلغان، ئۇرۇش قىلغان ئىدى. ھازىرغىچە بولغان 67 يىلدىن بېرى، ھۆكۈمران خىتايلار خىتاي خەلقىگە ئىنسانىيەتكە تەدبىقلىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان زۇلۇملارنى سېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي خەلقى سۈكۈت قىلىپ، چىداپ كەلدىكى. ئۆز ۋاقتىدا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە قارشى كۆتۈرگەن ئىسيانلىرىنىڭ مىڭدىن بىرىنىمۇ قىلمىدى. چۈنكى كوممۇنىزىمدىن ئىبارەت بۇ زوراۋان، ئاممىۋى قۇللۇق تۈزۈم خىتاي خەلقىگە ئىنتايىن باپ كەلگەن تۈزۈم ئىدى.
ئەمدى مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئەسلى ماۋزۇغا كىرەيلى.
بىرىنچى بۆلۈم

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە خىتاي ھۆكۈمرانلىرى قارشى تۇرىدۇ.

خىتاي خەلقى تولۇق مىللەت بولۇپ شەكىللەنمىگەن، جەمەتچىلىك، ئۇرۇق، جامائە ۋە قەبىلىلەردىن تەشكىل تاپقان، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن تارتىپ، ھاكىمىيەت قاتلاملىرىغىچە ئەن ئەنىۋى كۆز- قاراش، تار قەبىلىچىلىك چۈشەنچىسىنى ئەندىزە قىلىپ مېڭىۋاتقان كونىچى بىر خەلق توپى بولغاچقا، ئۇلاردىن چىققان ھۆكۈمرانلىرىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل، ئوخشاش ئەندىزە بىلەن دۆلەت باشقۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ قانچىلىك سۆيۈملۈك ۋە سۆيۈشكە ھەقلىق ئوبيېكتىپ ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغاچقا، ئۆزلىرى ۋەتەننى سۆيۈپ، مىللىتىنى سۆيۈپ، بىرەر قىممەت يارىتىپ باقمىغان بولغاچقا، شۇ يولدا قەدىرلىنىپ، شۇ سۆيگۈ بىلەن شەرەپلىنىپ باقمىغان بولغاچقا، باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھېس- تۇيغۇلىرىنى، مىللىي قەدەرىيەتلىرىنى چۈشەنمەيدۇ ۋە چۈشىنىشنى، ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ. خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى بىرەر مىللەت خەلقى ئۆزلىرىنى قەدىرلەيدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ئەن ئەنىلىرىنى، ئۆرپ- ئادەتلىرىنى، مىللىي كىملىك، مىللىي ئۆزلۈكلىرىنى تەرغىپ قىلسا، گەرچە بۇ خىل چۈشەنچە، پائالىيەتلەر خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا، خىتايچە مەنپەئەتلەرگە ھېچ قانداق دەخلى- تەرۇز قىلمىسىمۇ، خىتايلار ۋە خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئۇنىڭغا قارشى، يوقىتىش چارىسىنى ئىزدەيدۇ ۋە چەكلىمە قويۇپ، جىنايەت دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئۆزىدە بولمىغان ھەرقانداق نەرسىگە قارشى، دۈشمەنلىك پوزىتسىيىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى باشقا ئەسىر مىللەتلەرنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى يوقىتىپ، خىتايچىلاشتۇرۇشنى پىلانغا قويىدۇ. شەھەر قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق ئۇسلۇبى، يول، كۆۋرۈك، ھەتتا دەل- دەرەخلەرگىچە خىتايچە شەكىل، خىتايچە ئۇسلۇبتا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. يەر ناملىرىنى، مىللەتلەرنىڭ ناملىرىنى، ھەتتا ئادەملەرنىڭ خاس نامىنىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىدۇ. بۇ خىل خىتايچە سىياسى مەپكۇرە، خىتايلارنىڭ مىللىي ئاڭ، مىللىي تەپەككۇرنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
خىتاي خەلقىنىڭ ئاڭ، مەپكۇرىسى تولۇق ئۆزگەرمىگىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسى مەپكۇرىسىدە، ئومۇمى سىياسىتىدە ۋە تۈزۈمىدە ئۆزگىرىش، ئىسلاھات، يېڭىلىق، ئىلغارلىق بولىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمرانلىرى، خىتاي دۆلەت ئاپاراتلىرى ئۇيغۇرلاردىكى ئىلغارلىقنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى، مىللىي خاسلىقلىرىنى، دىنى ئېتىقادىنى، تىلىنى، كىيىم- كېچەك، مېڭىش- تۇرۇشقىچە ھەممە نەرسىسىنى ئىنكار قىلدى. ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە، ئۆز تۇپراقلىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ: ۋەتىنىم- دېيىشتىن چەكلەندى. قانداق بىر ئۇيغۇر ۋەتەن دەيدىكەن، ئۇ سۆزنىڭ ئارقىسىغا 《جۇڭگو، جۇڭخۇا ئېلىم》 -دېگەندەك، خىتاي دۆلىتىنى، خىتاي تۇپرىقىنى قوشۇپ، ئىزاھلاشقا مەجبۇر. بولمىسا، ئۇنىڭ نامى بۆلگۈنچى، تېرورىست بولۇپ ئەيىبلىنىدۇ ھەم ئېغىر جازاغا مەھكۇم بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئارىسىدا ياشاپ تۇرۇپ، مىللىتىم، مىللىتىم ئۈچۈن- دېگەن سۆزنى يۈرەكلىك ھالدا ئاغزىدىن چىقىرالمايدۇ. ئەگەر مىللىتىم دېمەكچى بولسا، ئۇ سۆزنىڭ ئارقىسىغىمۇ، جۇڭخۇا قېرىنداشلىرىم- دېگەننى قوشۇشقا مەھكۇم. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇنىڭ نامى مىللەتچى، مىللىي بۆلگۈنچى، تېرورىست بولۇپ، ئېغىر بەدەل تۆلەشكە، ئېغىر جازاغا مەھكۇم بولىدۇ. بۇ پەقەت خىتايلارنىڭ 《 سېنىڭدە يوق بولغان نەرسە، باشقىلاردا بولىشىنى راۋا كۆرمە 》-دېگەن ، ئەجداد تەلىماتىنىڭ ئىجراسىدۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، خىتايلار ۋە خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىكىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى ئىچىگە سىڭدۈرەلمەيدۇ. ھەزىم قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق بىر ئالىيجاناپ خىسلەت، ئىنسانىي پەزىلەت خىتايلاردا بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچيۈز يىل ئىچىدىمۇ بولالمايدۇ….

ئىككىنچى بۆلۈم
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە، خىتايلار تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن كادىر،خىزمەتچى كوممۇنىستلار قارشى تۇرىدۇ.
مۇستەملىكىچى، ئىشغالىيەتچى كۈچلەر، ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان مىللەت ئىچىدىن ھەممىدىن ئاۋال ئالدىنقى سەپتە ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغان، بىر تۈركۈم سادىق غالچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. ئاشۇ غالچىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، ئىشغالى ئاستىدىكى تۇپراقنى، مىللەتنى ئارتۇق كۇچ سەرپ قىلماي، ماددى چىقىم تارتماي، ئەزان ۋە بىمالال ئىدارە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
ۋەتىنىمىزنى خىتايلار 1949- يىلى تولۇق ئىشغال قىلىشتىن خېلە بۇرۇنلا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن، بىر تۈركۈم سادىق كوممۇنىست غالچىلارنى تەربىيلەپ چىققان ئىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ سانى بەك ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرغاچقا، خىتايلارنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىشى شۇنچىلىك ئەزان، چىقىمسىز ھەل بولغان ئىدى. خىتايلار ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرىنى كەسپى جەھەتتىن ياراملىق تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن بولغاچقا، مەيلى ئىنقىلابنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بولسۇن، ياكى ئارقا سەپ تەشۋىقات، تەرغىبات ئىشلىرىدا بولسۇن، شۇنىڭدەك سىياسى، دىپلوماتىك جەھەتلەردە بولسۇن، كېرەكلىك، مۇھىم ئورۇنلارنى شۇلار ئىگىلەپ تۇرغاچقا، ئىنقىلابلىرىمىزنىڭ مېۋىسىنى خىتايلار يېگەن بولدى ئاخىرقى نەتىجىدە.
خىتايلار ۋەتىنىمىزنى تولۇق ئىشغال قىلغان 67 يىلدىن بېرى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كادىر، خىزمەتچى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشكە ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە خىتاي دۆلىتى يالغۇز بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەت بولسىمۇ، باشقا ھېچقانداق مۇخالىپەتچى، ئۆكتىچى پارتىيە، گۇرۇپپىلار مەۋجۇت بولمىسىمۇ، كوممۇنىستىك پارتىيەنى كۆككە كۆتۈرۈپ، داۋراڭ قىلىپ، خۇددى باشقا رىقابەتچى پارتىيە، گۇرۇھلار كۇچ توپلاپ ئاغدۇرۇۋېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندەك، كوممۇنىستلار بولمىسا، يامان كۈچلەر پۈتۈن دۆلەتنى ئاستى ئۈستىن قىلىپ، خانە ۋەيران قىلىۋېتىدىغاندەك، بىر ياندىن تەشۋىشكە سېلىپ، بىر ياندىن كوممۇنىستلارنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ئاشۇرۇپ، ئىدىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرى ئاشۇ بىر ئوچۇم كوممۇنىست غالچىلارنىڭ قولىغا قېلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئەزا بولغانلارغا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، سىياسى جەھەتلەردىن ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىپ، ئادەتتىكى پۇقرالار ئېرىشەلمەيدىغان ئىمكانىيەت، نوپۇزلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. خىتايلار تەرىپىدىن ماددى، مەنىۋى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇپ، باشقىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلاپ، مەغرۇر ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرى، ئۆزلىرىنى مەنپەئەتدار قىلىۋاتقان خوجايىنلىرىنىڭ خاتىرجەملىكى، دۆلىتىنىڭ تېخىمۇ زىيادە بولىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كەتمەن چېپىشقا پىداكارلىق كۆرسىتىدۇ. قىسقىسى خىتايلار تەختتىن چۈشمىگەن مۇددەت ئىچىدە، ئۇيغۇر كادىر، خىزمەتچى، كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتلىك بولغاچقا، خىتاي خوجايىنلىرىنى بىئارام قىلىدىغان، پاراكەندە قىلىدىغان، خەۋپ – خەتەر يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق بىر ئىدىيە، مەپكۇرە، ھەرىكەتلەر ۋاسىتىلىك ھالدا غالچىلارنىڭ قارشى تۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپ بېكىتىلىدۇ. شۇڭا خىتاي خوجايىنلىرى بىرنى ھۆتۈلۈپ بولغىچە، ئۇيغۇر كوممۇنىست كادىر غالچىلارنىڭ ئۆپكىسى پالاقلاپ قالىدۇ. يەنى بىزنىڭ مىللەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت ئالىيجاناپ پەزىلىتىمىزدىن ھەزەر ئەيلەپ ئۈركۈيدىغانلار، ھەر قەدەمدە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلار ئاشۇ بىر ئوچۇم كوممۇنىست، كادىر، خىزمەتچى، سادىق غالچىلاردۇر.

ئۈچىنچى بۆلۈم
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە، بىر قىسىم تىجارەتچىلەر قارشى تۇرىدۇ.

ئوق- دورا، قورال ۋە ئەتكەسچىلىك سودىسىدىن باشقا ئومۇمى سودا، تىجارەت تېنچ ۋەزىيەتكە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، تېنچ مۇھىتنى تەۋرىتىدىغان ئامىللارنى تىجارەتچىلەرنىڭ خالىماسلىقى تەبىئىى ئەھۋالدۇر. بولۇپمۇ خىتاي دۆلىتىدەك، سىياسى ۋەزىيىتى تۇراقسىز، سىياسەت قانۇننىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان، مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتتە، ئۇيغۇردەك ئەسىر مىللەتكە مەنسۇپ تىجارەتچىلەر، مۇقىم ۋەزىيەتكە ھەممىدىن بەك تەشنا بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمرانلىرى مۇستەملىكە رايونلارنىڭ تېنچ، مۇقىملىقىغا قانچىلىك ئېھتىياجلىق بولسا، مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتتىن چىققان تىجارەتچىلەرمۇ، ئۆز مەنپەئەتلىرى نۇقتىسىدىن مۇقىم ۋەزىيەتكە شۇ قەدەر ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنى، ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىرىنى 《مۇقىملىقنى بۇزىدىغان بىرىنچى نومۇرلۇق ئاپەت! 》-دەپ، بېكىتكەن بولغاچقا، ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزىلا، خىتايلارنىڭ بۇ تۇپراقنى دائىملىق ئىشغال ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت شىرىن چۈشلىرىنى بۇزىدۇ. ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىش- ئوقەتلىرىنىڭ دەخلىسىز، راۋان بولىشى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ خاتىرجەم، ئەمىنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇنىڭدەك، سودا، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش يولىغا كىرگەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىسى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دەخلىسىز ئىمتىياز بېرىشىگە باغلىق ھەم بارلىق چوڭ سودا ئىشلىرى خىتايلار بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كېتىدىغان بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنى، جۈملىدىن خىتايلارنى بىئارام قىلىدىغان، پاراكەندە قىلىدىغان ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ئىدىيىسى، ھەرىكەتلىرى ۋاستىلىك ھالدا، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىت، زىيانداش ئامىل بولۇپ قالىدۇ.
بۇ يەردە ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا بىر تاياقتا ھەيدىگەنلىك ئالغا سۈرۈلمەيدۇ. ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى ئارىسىدىمۇ، ئاجايىپ پىداكار، پۈتۈن مال- مۈلكىنى ۋەتەن- مىللەت يولىدا بىر ئۈلگۈجە بەدەل تۆلىۋەتكەن شەخسلىرىمىز، ئۆز مۈلكىنى خىراجەت قىلىپ، ۋەتەن- مىللەتنىڭ تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىگە قول تىققان، ئالىيجاناپ شەخسلىرىمىزمۇ بار. لېكىن ئۇلارنىڭ، يىگىرمە نەچچە مىليون نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەتتىن، بارماق بىلەن ساناپ كۆرسىتىپ بەرگۈدەك ساننى تەشكىل قىلىشى، ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتچى كىشىلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى، ئىقتىسادى شارائىتى قىيىن قاتلامدىن چىقىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت بولغاچقا، بىر قانچە نەپەر پىداكار تىجارەتچى زاتلىرىمىز، ئومۇمى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئېقىمىدىكى خىتاي پەرەسلىكنىڭ يۈزىنى يۇيالمايدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى، ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېقىمى، پۇلدار تىجارەتچىلەر ياقتۇرمايدىغان، چەتكە قاقىدىغان ۋە ھەتتا قارشى تۇرىدىغان ئوبيېكتىنىڭ بىرىدۇر.

تۆتىنچى بۆلۈم
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە مۈلۈكدارلار، كاپىتال ئىگىلىرى قارشى تۇرىدۇ.

بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مەدەنىي ۋە ئەقلى ساپاسىدىن، ئىجتىمائىي ئورنىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمىغىنىدەك، ماددى كۈچتىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ، رېئاللىقتىن، مەنتىقىدىن يىراقتۇر. مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا، ماددى كۇچ بىلەن مەنىۋى كۇچ بىر ئادەمنىڭ ھەر ئىككىلا كۆزىدەك قىممەتلىك، بىرىنى تاللىۋېلىپ، بىرىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان دەرىجىدە مۇھىمدۇر.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ۋەتىنىمىزنى تولۇق ئىشغال قىلغاندىن كېيىنلا مىللىتىمىز ئۈستىدىن ئاممىۋى تۈردە ئىجرا قىلغان دەسلەپكى جازاسى مۈلۈكسىزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋەتەن مىقياسىدا ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئوخشاش شەكىلدە نامراتلىققا مەھكۇم قىلدى. مۈلۈكدارلارنى، كاپىتال ئىگىلىرىنى ئاممىۋى ھالدا جازالىدى. شۇنىڭدەك ئىقتىسادى جازاغا پاراللېل ھالدا، مەدەنىيىتىمىزنى، ئەقلى تەپەككۇرىمىزنى، ئېتىقادىمىزنى، پۈتۈن مەنىۋى مەۋجۇتلىقىمىزنى ئاممىۋى تۈردە جازالىدى. پۈتۈن بىر مىللەت تەندە ماغدۇر يوق، كاللىدا تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر يوق، تىرىك مۇردا ھالىغا كەلتۈرۈلدى. ئوتتۇز يىل ئىجرا قىلىنغان ماددى ۋە مەنىۋى جازادىن كېيىن، 1980 – يىلىدىن باشلاپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەركىن ئىقتىساد، ئەركىن مۈلۈك تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلمىدى.
چوڭ- كىچىك مۈلۈكدارلار، يەر ئىگىلىرى، چوڭ- كىچىك ئىشلەپ چىقىرىش- كاپىتال ئىگىلىرى ئۆز مۈلكى، ئۆز كاپىتالى ئۈستىدىكى ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى پەقەت خىتاي ھۆكۈمرانلىرى بەلگىلەپ بەرگەن تار چەمبەر ئىچىدىلا يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغاندىن سىرت، ئۆز مۈلۈك ۋە كاپىتالىنىڭ ھەر ۋاقىت مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر جازاغا مەھكۇم بولىدىغانلىقى خەۋپىدىن بىر نەپەسمۇ خالى، ئازادە ياشىيالمايدۇ. مۈلۈكدارللار، كاپىتال ئىگىلىرى، خىتاي دائىرلىرى بەلگىلەپ تۇرىدىغان قەرەلسىز، تۇراقسىز باج، رەسمىيەتلەرنى، قەرەلسىز مەجبۇرى ئالىدىغان ساناقسىز ئالۋان- سېلىقلارنى ئۈن چىقماستىن، ئىتائەتچانلىق بىلەن تۆلەپ تۇرۇپمۇ، كىچىككىنە بىر مۈلكى مۇقىملىققا، ئىقتىسادى ئەمىنلىككە ئېرىشەلمەيدۇ. بولۇپمۇ كۆڭلىنىڭ يوشۇرۇن قېتىدا ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىگە، ۋەتىنىگە تېرىقچىلىك ھېسداشلىق تۇيغۇسى بولۇپ قالغانلار، خىتاينىڭ جازاسىدىن، روھى، ۋىجدانى ئازابلاردىن بىر نەپەسمۇ خالى ياشىيالمايدۇ.
شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇر مۈلۈكدارى، كاپىتال ئىگىسى بولۇش ئۈچۈن كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان، زىقمۇ كۆيمەيدىغان، ئۈچىنچى بىر يول يوق. ياكى يۈرىكىدىكىنى يوشۇرالماي، مۈلۈكتىن ئايرىلىپ، خىتاينىڭ قوشلاپ بېرىدىغان جازاسىغا مەھكۇم بولۇش لازىم. ياكى بولمىسا، مۈلۈك ئۈچۈن، مال دۇنيا، سەرۋەت ئۈچۈن، ۋەتەن – مىللەت سۆيگۈسىدىن ۋاز كېچىپ، خىتايغا باش ئېگىپ تولۇق تەسلىم بولۇش كېرەك. خىتايغا باش ئېگىش 《باش ئەگدىم》 -دېگەنلىك بىلەن، بېشىنى تۆۋەن تۇتۇپ، تەزىم بەجا كەلتۈرگەنلىك بىلەن مەقبۇل بولمايدۇ. بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىرىگە، مىللەتچىلىرىگە قارشى، زەربىدارلىق بىلەن، خىتايغا بولغان ساداقەتلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشلىرى شەرتتۇر.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ 1980- يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويغان ئاتالمىش 《ئىقتىسادى ئىسلاھات، ئىقتىسادى سىياسەت 》لىرى، ئۇيغۇر مۈلۈكدارلىرىغا، ئۇيغۇر كاپىتال ئىگىلىرىگە 《ئۆزلۈك》ىدىن يىراقلىشىش، مىللى كىملىكىدىن ياتلىشىش، ۋەتەنپەرۋەرلىرىگە، مىللەتچىلىرىگە قارشى زەربىدار بولۇشتەك، روھى، ۋىجدانى ئازاب ۋە ئېغىر بەخىتسىزلىك ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرى خالىسۇن، خالىمىسۇن، ھامان بىر دوقمۇشتا دوقۇرۇشۇپ قالغاندا، جەزمەنكى مىللەتچىلەرگە قارشى تۇرۇشنى تاللىماي، باشقا چىقىش يولى يوق.

بەشىنجى بۆلۈم
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە خىتاي ياساپ چىققان دىنى زاتلار، ئەرەب پەرەس چالا موللىلار قارشى تۇرىدۇ.

مەيلى قانداق دىن مەنسۇپلىرى بولمىسۇن، قانداق مىللەت بولمىسۇن، دىن شۇ مىللەتنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئېنېرگىيەسىدۇر. دىننى تەسەۋۋۇر قىلمايتۇرۇپ، كۈچلۈك مەنىۋى روھقا ئىگە مىللەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. ھەرقانداق بىر دۆلەت پۇقرالارنى ئىدارە قىلىشتا ، مۇھىم پەيتتە دىننى ۋاستە قىلىدۇ. دىنى ئىتىقاد، دىنى ئەقىدە ئاۋام خەلق ئۈچۈن ھامان ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
پۇقرالارنىڭ دىنى ئېتىقات، دىنى ئەقىدە سۆيگۈلىرىنى كۆپۈنچە ھاللاردا، دۆلەت دائىرلىرى، ھۆكۈمران سىنىپ، ھۆكۈمران كۈچلەر سۇيىئىستېمال قىلىپ، دىنى مۇقەددەسلىكنى ئۆز مەقسەت، مۇددىئالىرىغا بىمالال يېتىشتە قورال ئورنىدا ۋاستە، ئالەت قىلىپ قوللىنىدۇ ۋە دىندىن پايدىلىنىدۇ.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى مۇقەددەس دىنىمىزنى 30 يىل ۋەھشىيانە چەكلەپ، دىنى ئۆلىمالىرىمىزنى، دىنى زىيالىيلىرىمىزنى قاتتىق باستۇردى. يۈز مىڭلىغان ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر دىنى ئۆلىمالىرىمىزنى 《مىللى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر، مىللى بۇرژۇئازىيىنى تەرغىپ قىلغۇچى بۇزۇق ئۇنسۇر، ئوڭچى مىللەتچى، مەدەنىيەتكە قارشى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئىتتىپاق، بىر ئائىلە بولىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ئەكسىل ئىنقىلابى بۇزۇق ئۇنسۇر! 》قاتارلىق، سان ساناقسىز جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، قاتتىق جازالىدى. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئۆلتۈردى. جازا مەيدانىدا قىيناپ ئۆلتۈردى. ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بىلەن جازالاندۇرۇپ، مىللىتىمىزنىڭ روھىيەتلىرىنىڭ كاپالىتى بولغان دىنى ئۆلىمالىرىمىزدىن مىللىتىمىزنى ئايرىپ، سويغان پىيازدەك يالىڭاچلاپ قويدى.
1980- يىلى مىللى سىياسەتتە قىسمەن ئۆزگىرىش قىلغان خىتاي دائىرلىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئېغىر جازالاردىن ئېشىپ ھايات قالغان، ئىنتايىن ئاز ساندىكى قالدى- قاتتى ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئاغزىغا يۈگەن، بوينىغا بويۇنتۇرۇق سېلىپ، خۇددى سۆرەمگە قوشقان ئۆكۈزنىڭ ئورنىدا، خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتتى. يۈرەكلىرى ئىزىلىپ، خورلىنىپ كەتكەن پېشقەدەم ئۆلىمالىرىمىز، جامائەتلەرگە، ئۆزلىرى ئوقۇتۇپ تەربىيىلەۋاتقان 《تالىبانلار》غا ھېچقاچان ۋەتەن، مىللەتنى سۆيۈش ھەققىدە بىرەر ئېغىز سۆز قىلالمايتتى. ئەكسىچە ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشنى، ماجرا چىقارماسلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. مانا شۇنداق ئاجىزلىق كەيپىياتىدا ئوقۇپ، ئىككى ئايەتنى يامىداپ، تۆت ھەدىسنى چالا چالپاق تەرجىمە قىلالىغۇدەك ئوقۇۋالغان، ئون مىڭلىغان چالا ساۋات قارىچاقلار، ئۆزلىرىچە مىللەتنىڭ ئۈستىدىن قازىلىق قىلىشىدىغان ۋەزىيەتمۇ بارلىققا كەلدى. مەدرىستىكى 《تالىبانلار》 ئارىسىدا، بۇنىڭدىن قاق 30 يىللار ئىلگىرىدىن باشلاپلا : 《مىللەتچىنىڭ ئىمانىدا شۈبھە بار. ۋەتەن دېگەنلىك، ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن بىلەن ئوخشاش كۇپرىلىقتۇر. ئىسلامدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەچىلىك ھارامدۇر》- دېگەندەك، قارا ھۆكۈم، پەتىۋا سۆزلىشىپ، ئاللاھ نامىدىن، پەيغەمبەر نامىدىن، ئىسلام نامىدىن ئۆز ۋەتەنپەرۋەرلىرىگە، مىللەتچىلىرىگە قارشى باش كۆتۈرۈشكەن ئىدى. بۇنداق سېپى ئۆزىدىن پالتىلارنى بايقىغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، دىنى ساھەدىكى بەزەن ياش چالا موللىلارنى خىزمەتكە ياللاپ، مائاشلىق خادىملار قاتارىغا قوشىۋالغاندىن سىرت، ئۆزلىرى مائاش بىلەن ئوقۇتۇپ، بىر قوللۇق تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن ئون مىڭلارچە مائاشلىق چالا موللىلار، كېيىنكى يىگىرمە يىلدىن بېرى دىنى سەپتە مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىدى. خەلق ئىچىدە ئالاھىدە مۆتىۋەرلىك ئىمتىيازلىرىغا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار يەرلىشىۋاتقان دۆلەت، شەھەرلەردە كۆچمەن ، سىياسى قاچقۇن شەكلىدە يىلتىز تارتىشقا باشلىدى.
ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ئىدىيىسىگە قارشى بايراقدار ھۇجۇمچى چالا موللىلارنىڭ، ئوندىن توققۇزى خىتايغا يوشۇرۇن تەسلىم بولۇپ، تولۇق باش ئەگكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمرانلىرى دىنى كەسىپتە ئوقۇتۇپ، بىر قوللۇق يېتىشتۈرگەن خىزمەتچى خادىملار بولسا، ئوندىن بىر نەپىرى، ئەگرى- توقايلىقتا قايمۇقتۇرۇلغان، شۇنىڭدەك، چەتئەللەردە، ئەرەب موللىلىرى تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇلۇپ، مېڭىسى يۇيىۋېتىلگەن، شۇنداقلا خىتايغا خالىسانە تۆھپە قوشىدىغان، خالىس خىزمەتچىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىزگە، مىللەتچىلىرىمىزگە قارشى ھەرىكەتلىرى ۋە گەپ- سۆز ئېغۋالىرى بىلەن، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېغۋالىرى مەزمۇن ۋە ماھىيەت جەھەتتىن، ئۈنۈم جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە. ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىزگە قارشى خىتاي ئەكسىيەتچىلىرى : جۇڭگونىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېرورىست- دەپ جازالىسا، ماۋۇ گۇڭسەنداڭچى قىزىل موللىلار: ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇشرىكلىكتۇر-دەپ، دىنى شەكىلدە تۆھمەت چاپلايدۇ. خىتاي ئىشغالچىلىرى مىللەتچىلىرىمىزگە: مىللى بۆلگۈنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قارشى بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تېررورچى ئۇنسۇرلار- دېگەندەك جىنايەت بىلەن جازالىسا، دىن تونىغا ئورىنىۋالغان خىتايچى قىزىل موللىلار: مىللەتچى كاپىر، مىللەتچىلىك ئازغۇنلۇق، تاغۇت، مىللەتچى دېموكراتچى-دەپ، ھەم دىن ئارىلاشما،ھەم سىياسەت ئارىلاشما تۆھمەتلىك ئېغۋالار بىلەن ئەيىبلەپ، كىشىلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك روھتىن تەزدۈرۈشكە كەتمەن چاپىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق شۇكى: خىتايلار سىياسى مەقسەت مۇددىئالىرىنى ئوچۇق ئاشكارە جاكارلاپ تۇرۇپ، جىسمانى، ماددى جەھەتتىن جازالىسا، مۇنۇ خىزمەتچى خادىملار دىنى تونغا ئورىنىۋېلىپ، دىن نامى بىلەن روھى، ئېتىقادى، مەنىۋى جەھەتتىن ئازابلاندۇرىدۇ. يەنى ۋەتەن- مىللەتكە قارشى تۇرىدىغان چالا موللىلار ۋە خىتايچى قىزىل موللىلار بىلەن خىتايلار ئوخشاش ھاۋادىن نەپەسلىنىدىغان مەسلەكداشلاردۇر. ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيىمىزگە قارشى دەلىل كەلتۈرۈپ سۆزلەيدىغان ئايەت، ھەدىس ۋە شۇنىڭدەك دىنى شەكىلدىكى تېكىستلەر ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سىياسى پەرمان ۋە تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەرەبچە تەرجىمىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىلىنىڭ تېگى تەكتىنى ياخشى بىلىدىغان، ھەق- ناھەقنى تونۇپ يەتكەن توغرا يولدىكى ئۆلىمالار ۋە پىكىر ئەھلىلىرى خىتايچى قىزل موللىلارنىڭ دەككىسىنى دەل ۋاقتىدا بېرىپ، ئېغۋا تارقىتىشلىرىغا پۇرسەت قالدۇرماسلىقى لازىم. ئۇلارنىڭ ئاۋام خەلقىمىزنى دىنى شەكىلدە قايمۇقتۇرىشىغا، ئازدۇرۇشىغا سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ.
ئاخىرقى سۆز

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە تامامەن قارشى تۇرىدىغانلار, يۇقىرىدا قىسقىچە بايان قىلىندى. ۋەتەن – مىللەت توغرىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېقىمدىكى ئۆلىما، قارى قۇرئان، سۇفى- ئىشانلىرىدىن باشقا بارلىق ئىلىم ساھەسىدىكى كىشىلىرىمىزدە ھېچقانداق مۇنازىرە، ئىختىلاپ، تۆھمەت، ئېغۋاگەرچىلىك مەۋجۇت ئەمەس. ھەممە ئىش- ھەرىكەت ۋە گەپ- سۆزلەرنى ساۋاب بىلەن گۇناھقا باغلاپ، شۇنداق تارازىنى ئۆلچەم قىلىپ، تەقۋادارلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، گۇناھ بولمىسىمۇ، ساۋابى يوق ئىشلاردىن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۆزلىرىگە كەسىپ قىلىپ تاللىۋېلىشقان، دىنى ساھەنىڭ ئۆزىدە نېمىشقا ئەقەللى ئىنسانىيلىق چەتكە قېقىلىپ، ئاللاھ نامىدىن، شەرىئەت نامىدىن زەربە بېرىلىدۇ؟ – مېنى كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى 《ياخشى تەرىپ 》(ئوقۇتقۇچى، تەتقىقاتچى، ئالىم، ئېنژىنېر بولۇشنى تاللىماي، دىندا ئوقۇشنى تاللىغانلىق) ىمنى كىشىلەردىن ئاڭلاپ، يىراقتىن ھۆرمەت قىلىپ يۈرگەن بىر مۇخلىس كىشى، بەش يىل ئىلگىرى مېنىڭ ھەقىقى يۈزۈمنى يەنە بىر كىشىدىن ئاڭلاپ، ئۇزۇن يىللاپ ماڭا بەرگەن كۆڭلىنىڭ زايە كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەنلىكىنى، يېقىن بىر تونۇشۇمغا ئېيتىپ: ئىسىت، ئاللاھ ھىدايەت بەرمىسە، ئوقۇغان، بىلگەننىڭ ھەممىسى نۆلگە تەڭ! ئۇ كىشى 《مىللەتچىكەن ئەمەسما! 》- دېگىدەك.
: ئۇيغۇر مىللەتچىسى كىم ئۈچۈن، كىمگە قارشى مىللەتچىلىك قىلىدۇ؟
– ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئۈچۈن، ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنىگە قارشى مىللەتچىلىك قىلىدۇ.
: ئۇيغۇرنىڭ مىللەتچىسىدىن كىم بىئارام بولىدۇ؟
– ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى بىئارام بولىدۇ.
: ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى كىم؟
– ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى خىتاي ۋە ئۇنىڭ غالچىلىرى، مەسلەكداشلىرى.

ئۇيغۇرلار ئۆزىنى سۆيگەن، ئوتىدا پۇچىلانغان كىشىلەردىن نېمىشقا بۇنچىۋالا نەپرەتلىنىدۇ؟ – ئۇيغۇرلار 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى، دۆلەتچىلىكنى سۆيمەيدىغان، بىلىمدىن، ئەقىلدىن يىرگىنىدىغان، قالاق، قاششاق، تەركى دۇنيا، تەييار تاپ، گالۋاڭ، ھورۇن، ئاڭسىز، تەپەككۇرسىز، پاسسىپ قىلىۋېتىلگەن. جەمئىيەت شەكلى بويىچە ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن ئاڭسىزلاشتۇرۇش، ئاڭسىزلىق تېخىچە ئورۇن بوشاتقىنى يوق. ئەگەر ئاڭسىزلىق بىرەر جەمئىيەتتە ئومۇمى يۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدىكەن، ئۇنى تازىلاش ئەخلەت سۈپۈرگەنچىلىك ئاددى ئىش ئەمەس.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق مىللەتلەر جەمئىيەتلىرىدىمۇ بىلىمسىزلىك، ئاڭسىزلىق، تەپەككۇرسىزلىق يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتىدىكەن، جەزمەنكى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىن، يەككە ئادەملەرگىچە، دىنى ئېتىقادتىن كۈندىلىك تۇرمۇشقىچە نۇرغۇن مۇھىم نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ئەھمىيەتسىز، ئېتىبارسىز نەرسىلەر ئىگەللەپ، ئورۇن ئالمىشىپ كېتىدۇ. بەزىدە قىممەتسىز نەرسىلەر ئۈچۈن زېھىن، تەپەككۈرلەر، ئۆمۈرلەر خەجلىنىپ، بىھۇدە ئىسراپ قىلىنىدۇ.
ئىنسانلار ئوخشاشمىغان قىتئە، رايونلاردا، ئوخشاشمىغان خەلقلەر جەمئىيەتلىرىدە، ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردە، ئىككىمىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇزۇن زامان، دەۋرىمۇ دەۋر ئىز بېسىپ يېتىشىپ چىققان پەيلاسوپلار، تەبىئەت مۇنەججىملىرى، پەلەكىيات (ئاسترونوم) مۇنەججىملىرى، دىندار راھىب ۋە ئۆلىمالار 《ئالەمنىڭ مەركىزى يەر كۇررەسىدۇر. يەر ھەرىكەتسىز، بارلىق ئاسمان جىسىملىرى يەرنى چۆرىدەپ ھەرىكەتلىنىدۇ》- دېگەن ھۆكۈمنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇتلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ ماڭغان ئىدى. ئەسلىدە بۇنداق بىر ئاسترو- فىزىك ئىلمى بىلەن دىندارلارنىڭ، راھىبلارنىڭ، ئۆلىمالارنىڭ، قىسقىسى ھېچقانداق بىر دىننىڭ ئالاقىسى بولمىسىمۇ، لېكىن دىندارلار خۇدانىڭ نامىدىن بۇ ئىشقا ئارىلىشىۋالغان ئىدى. بەزى دىن مەنسۇپلىرى ئىلاھى كىتاپلىرىغا 《 يەر ئالەمنىڭ مەركىزى》 -دەپ، خۇدا نامىدىن يېزىۋېلىشقان ئىدى. ئىسلام ئۆلىمالىرى گەرچە قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئاللاھ نامىدىن بىرەر دەلىل، ئىسپات كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قۇرئاندىكى روشەن ئايەتلەرنى ئىنجىل، تەۋراتلاردىكى ئويدۇرۇپ يېزىلغان مەزمۇنلارغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تەپسىر قىلىشتى ۋە ئاسترونوم مۇنەججىملىرىنىڭ، پەيلاسوپلارنىڭ يەر كۇررەسى ھەققىدىكى ھۆكۈملىرىنى ئاللاھنىڭ نامىدىن: توغرا دەپ ئىسپاتلىدى. بۇ ھال ئىسلام ئىلمى تەتقىقاتلىرىدا 1250 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭغا قايىل بولمىغانلارنى قۇرئانغا شەك كەلتۈرگەن ئىمانسىز، كاپىر-دەپ، جازالاندۇرۇلدى. ئاسترو فىزىك ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە، ئەمەلىيەت تامامەن باشقىچە ئىسپاتلىنىۋىدى، ئەينىۋاقىتتا خۇدانىڭ سۆزى- دەپ، مۇقەددەس كىتابلىرىغا يېزىۋالغانلار، ئىلمىي پاكىت ئالدىدا تىلى قىسىلىپ رەسۋالاشتى. ئۇلارنىڭ مۇخلىسلىرى يۈز ئۆرۈپ، ھەتتا خۇداغىمۇ ئىشەنمەس بولۇپ كەتتى. لېكىن بىزنىڭ ئىسلام ئۆلىمالىرىمىز قۇرئاننىڭ لەپزىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمىگەن بولغاچقا، خاتا تەپسىردىن دەرھال چېكىنىپ، قۇرئاندىكى ئەسلى مەتنە بويىچە ئىلغار مەزمۇننى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بىراق ھازىرمۇ ئاشۇ مىڭ يىللاپ داۋاملىشىپ كەلگەن، كونا مۇقامغا دەسسەيدىغان قانچە يۈز مىليون مۇسۇلمانلار مەۋجۇت.
ئاللاھ دېمىگەن نەرسىنى، ئاللاھنىڭ نامىدىن توقۇيدىغانلار ھازىرمۇ دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە، دىنلارنىڭ ھەممىسىدە ئەخلەتتەك پۇتلىشىپ يۈرىدۇ.
تۆگىنى، كالا، ئات، ئېشەكلەرنى مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتىم. ئېغىر يۈك – تاقلىرىڭلارنى ئۇلارغا ئارتىپ، ئۇ ياقتىن بۇياققا مۇشەققەتسىز يۆتكىيەلەيسىلەر- دېگەن ئاللاھ، ئايروپىلاندىن، پويىزدىن، ماشىنا، كومبايىنلاردىن مەنپەئەتلەنسەڭلا بولمايدۇ، يۈك- تاقلىرىڭلارنى ئايروپىلاندا، پويىز، ماشىنىلاردا يۆتكىسەڭلار بولمايدۇ- دېمىگەندەك، مۇسۇلمانلارغا ھەج تاۋاپ قىلىشنى پەرز قىلغان ئاللاھ، ھەجگە پىيادە مېڭىپ كەلمىسەڭ مەقبۇل ئەمەس- دېمىدى. ئىشەككە مىنىپ، ئۆلگۈدەك مۇشەققەت تارتىپ، ئالتە ئاي يول يۈرۈپ بېرىپ ھەجنى ئادا قىلامدۇ، ياكى ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ، ھۇزۇرلىنىپ، ئالتە سائەت ئۇچۇپ بېرىپ ئادا قىلامدۇ، بۇ ، سەپەر جەريانى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا، كىشىلىك ھاياتىغا ئائىت شەخسى ئىشى. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋالمىدى.
قارنىڭ ئاچقاندا نان يەيسەن، ئۇسسىغاندا سۇ ئىچىسەن- دەپ، پەرمان قىلمىغاندەكلا، نان يېيىشتىن، سۇ ئىچىشتىن چەكلىمىدى. ئەتىراپىڭغا تۆت تام سېلىپ، ئۈستىنى يېپىپ، ئىشىك، تۈڭلۈك قويۇپ ئۆي ياساپ، شۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ياشايسەن- دەپ پەرىز قىلمىغاندەكلا، ئۆي ياساشتىن، ئۆينى قانداق ياساشتىنمۇ چەكلىمىدى. جامائە، قەبىلەڭنى، مىللىتىڭنى سۆيمىسەڭ، مىللەتچىلىك قىلمىساڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىسەن، ۋەتىنىڭنى مۇستەقىل قىلىپ، دۆلەت قۇرۇپ، ئەركىن ئازادە ياشىمىساڭ، دوزاختا مەڭگۈ قالىسەن- دەپ، پەرمان قىلمىغان ئاللاھ، ھەم ئۇنىڭدىن چەكلىمىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىي ۋە ئادىمى ئېھتىياجلاردىن ئىدى. شەھەر قۇرۇپ، ئەتىراپىغا قەلئە سېلىپ ياشامدۇ، ياكى ئافرىقىلىقلاردەك چېدىر، كەپە، ساتما ياساپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد غېرىبلىقتا ياشامدۇ، مېھنەت قىلىپ، تىرىشىپ باي بولۇپ كېتەمدۇ، ياكى ئۇدۇل ئوقەت، كۈندىلىكىنى كۈندە تېپىپ يەپ، مىسكىنلىكتە ئۆتەمدۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆز خاھىشلىرىدىكى ئىشلاردۇر.
شۇنىڭدەك، بىر مىللەت تۇغى ئاستىغا ئويۇشۇپ، كۈچنى توپلاپ، ماغدۇرلىنىپ، غالىب، ئەزىزلەر قاتارىدا ياشامدۇ، ياكى تېرىقتەك چېچىلىپ، ئۇنىڭ قوينىدا، بۇنىڭ قوينىدا پاناھلىق تىلەپ، ياردەمگە مۇھتاجلىق بىلدۈرۈپ، كۈچلۈكلەرگە بېقىنىپ ئۆتەمدۇ، بۇمۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز خاھىشلىرىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزى ياراتقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەبىئىتىنى، خاھىشلىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ تۇرغۇزغان بولغاچقا، ئىنسانلار قىلالايدىغان مىليونلارچە ئىش ھەرىكەتلەرنى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە تاشلاپ بەرگەن. قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ ھېساب، جازاسى يوق سان ساناقسىز ئىش- ھەرىكەتلەر باركى، ئۇنى قىلىش، قىلماسلىق بىلەن گۇناھ، ساۋابقا لايىق بولۇپ كەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى نەگە بېرىپ، نەدە توختايدىغانلىقى گۇناھ، ساۋابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
خىتاي ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرگەن خىتايچى قىزىل موللىلار، ياكى ئەرەبلەرگە بېقىنىپ كەتكەن، ئەقلى، تەپەككۇرى، قەلبى، زېھنىيىتى ئەرەبلىشىپ كەتكەن چالا موللىلار چوقان كۆتۈرۈپ: 《 ھەي، سەن شۇنچە كۆپ ئوقۇغان، چوڭ ئۆلىما تۇرۇقلۇق، ۋەتەننى ئازات قىلىمىز دەۋاتىسەن، مۇشرىك بولۇپ كەتمەمسەن؟ دىققەت قىل! مىللىتىمىزنى خىتاينىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزىمىز دەۋاتىسەن، مىللەتچىلىك قىلىدىغانغا شەرىئەتتىن دەلىلىڭ بارمۇ؟ دېمەك، سەن مىللەتچى. سەن دېموكراتچىكەنسەن. ئىمانىڭدا شەك بار! 》- دەپ، ئېغۋاگەرلىك قىلسا، ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەي، قۇرئاننى، تەپسىرلەرنى، ھەدىس كىتابلىرىنى ۋاراقلاپ، قايسى ئايەتتىن ئىشارەت چىقىپ قالاركىن، ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قانداق ھەدىس رىۋايەت قىلغان بولغىيتى، ھەزرىتى ئۆمەر ۋەتەن توغرىسىدا بىرەر تەدبىر ئېىتقان بولغىيمىدى- دەپ، ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن، شەرىئەتتىن دەلىل، پاكىت، ئىشارەت، بىشارەت ئىزدەشنىڭ ئۆزىلا، ئۆلىمالىرىمىزدىكى ئىسلامى تەپەككۇرنىڭ تېيىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. خىتاي ۋە خىتايچىلار ئاشۇنداق ئاجىز تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، مەركىزى نىشاندىن ئاداشتۇرۇشقا، پاراكەندە قىلىپ، ئادەتتىكى ئېغۋاگەرلەردىنمۇ ئۈركۈيدىغان، ئۆز سايىسىدىنمۇ ئېھتىيات قىلىدىغان، تېخىمۇ ئاجىز، ھەتتا كېرەكسىز ھالغا چۈشۈرۈپ، ئاخىرقى ھېسابتا غەلبىگە ئۇلار ئېرىشىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتىدەك، ئاممىۋى جازالىنىۋاتقان، دىندىن ئاممىۋى چېكىندۈرۈلۈۋاتقان، ئىنسانلىق قەدرى يەر بلەن يەكسان بولىۋاتقان، ئىپپەت نومۇسلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، قۇتۇلدۇرۇشقا پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالىمىدە بىردىن بىر مۇھتاج بولىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ غېمىنى يېيىش ئەسلىدە ئادىمىيلىكتىن، ھەقىقى ئىنسانىيلىقتىن دېرەك بېرەتتى. ئەپسۇس، ئۆلىمالىرىمىز، بىر تۈركۈم قىزىل ۋە چالا موللىلارنىڭ ئېغۋاسىدىن ئۈركۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللەتچى، ۋەتەنچى- دېگەن 《بەتنام 》غا قېلىشلىرىدىن ئېھتىيات قىلىشماقتا. ئەگەر ئۈركۈيدىغان، ھۇدۇقۇپ تەمتىرەيدىغان ئىش بولسا، خىتايچىلار ئۈركۈشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ، مىللەتچى- دەپ ئاتىلىپ قالىدىغان ئىش بولسا، بۇنداق شەرەپلىك، ئابرويلۇق نامىدىن پەخىرلىنىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئىنسانىيلىقتۇر ، ئادىمىيلىكتۇر ۋە ھەقىقى مەنىسىدىن كامىل مۇسۇلمانلىقتۇر بىلگەن كىشىگە. ئەمما ئادىمىيلىكتىن، ئىنسانىيلىقتىن نېسىۋىسى بولمىغانلار، دەل ئاشۇ ئۇيغۇرلارنى – مىللىتىم دېيىشتىن يۈز ئۆرۈگەنلەردۇر ۋە ئۆز ۋەتىنىدىن تانغانلاردۇر.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى

ئابدۇرېھىمجان

گېرمانيە مىيونخېن

05.07.2016