قەبىلىلەر ئىتتىپاقى، مىللەت ۋە دۆلەتچىلىك توغرىسىدا قىسقىچە ئىزاھات

 

 قەبىلىلەر ئىتتىپاقى، مىللەت ۋە دۆلەتچىلىك توغرىسىدا قىسقىچە ئىزاھات

abdurehimjan
ئوخشاش تىل، ئوخشاش ئىرققا تەۋە ئىنسانلار توپلىمىدىن دەسلەپتە جامائە- ئۇرۇق شەكىللىنىپ، ئاندىن ئىجتىمائىي ئېھتىياج ۋە ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قەبىلە باسقۇچىغا كۆتۈرىلىدۇ. ئىنسانلار توپلىمى قەبىلە باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەندە ئىچكى ۋە تاشقى مۇناسىۋەت جەھەتتىن بىر قەدەر مۇكەممەل قائىدە، تۈزۈمگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئاڭدىن ھالقىپ، سىياسى چۈشەنچىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلايدۇ. ئىنسانلار توپلىمى ئۇرۇق- جامائە باسقۇچىدىكى مەزگىلىدە يېقىن تۇغقانلار، جەمەتلەر بىرلىشىپ مەھەللە، كەنت، قىشلاق تەشكىل قىلسا، قەبىلە باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەندە، بىر قانچە ۋە ھەتتا كۆپلىگەن يانداش قەبىلىلەر توپلىشىپ مەھەللىلەرنى، كەنتلەرنى، قىشلاقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، يۇرت شەكىللەندۈرىدۇ. كۆپلىگەن ئۇرۇقداش، يانداش ۋە ھەتتا يات قەبىلىلەرنىڭ مەلۇم بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ، ئەھدىنامە تۈزىشىپ بىر تېررىتورىيىگە جەم بۇلۇش نەتىجىسىدە مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش باسقۇچىغا كۆتۈرىلىدۇ. ئىنسانلار توپلىمى مىللەت باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەندە ياشايدىغان تۇپراقلىرى يۇرت شەكلى دەرىجىسىدىن ھالقىپ دۆلەت شەكلىگە كىرىدۇ. بەزىدە قەبىلىلەر توپلىشىپمۇ دۆلەت شەكىللەندۈرەلىشى مۇمكىن. بىراق ئۇنداق دۆلەتنىڭ ئۇلى تازا مۇستەھكەم ، ساغلام بولالمايدۇ. قەبىلىلەرنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن دۆلەت تاشقى ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەي تارقىلىپ كەتكىنىدەك، بەزىدە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەھدىنامىلىرى بۇزۇلۇشىغا ئەگىشىپ، دۆلەتمۇ ئۆز ئىچىدىن يىمىرىلىپ ئاسانلا يوقىلىدۇ. ( بۇنىڭغا كۈنىمىزدىكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى بەزەن دۆلەتلەر مىسال بولالايدۇ ) بۇ ھەقتە ئۆز تارىخلىرىمىزدىنمۇ جانلىق ئۆرنەكلەرنى تاپالىشىمىز مۇمكىن.
بىرىنچى بۆلۈم
ھون، تۈرك قەبىلىلەر ئىتتىپاقى، ئۇيغۇرلار ۋە دۆلەتچىلىك سىتېمى
ھونلار ۋە تۈركى قوۋملەر مىلادىيىدىن خېلە ئاۋالقى دەۋرلەردىن باشلاپ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى شەكلىدە بىرلىشىپ دۆلەت قۇرۇشقا باشلىغان.ئۇلاردىكى جەڭگىۋارلىق، قەيسەرلىك، تەرەققىياتچانلىقتىن ئىبارەت روھى تۈرتكە ئۇلارنىڭ توپلىشىپ دۆلەت قۇرۇش ئىرادە، ئىستەكلىرىنى تېزلەشتۈرگەن.
ھون دۆلىتى گەرچە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ھەربىرى بىرەر مىللەتكە تەڭ قەبىلە بولغاچقا دۆلەت ئىمپېرىيە شەكلىدە قەد كۆتۈرگەن ئىدى. ھون ئىمپېرىيىسىدىن كېيىنكى كۆك تۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلەتلىرىمۇ ئاساسەن ئىمپېرىيە شەكلىدە دەۋر سۈرگەن ئىدى. ھونلار غەرپكە كۆچكەندىمۇ، تۈركلەر غەرپكە كۆچكەندىمۇ قۇرغان دۆلەتلىرى ئىمپېرىيە شەكلىدە ئىدى. كۆك تۈركتىن كېيىن ئورخۇندا قەد كۆتۈرگەن ئۇيغۇر دۆلىتى ئىمپېرىيە تۈزۈمىدە بولۇپ، ئۇلار غەرپكە كۆچكەندە قۇجۇ، گەنجۇ (گەنسۇ) رايونلىرىدا مىللى دۆلەت تەسىس قىلغان. شۇنىڭدەك شىمالدا بالقاش ، جەنۇبتا ئالتۇن تاغ، شەرقتە گەنجۇ، غەربتە پامىرغىچە يېيىلغان تۇپراقلاردا قۇرۇلغان بارلىق ئۇيغۇر دۆلەتلىرى مىللى دۆلەت شەكلىدە ئىدى. چۈنكى بۇ رايونلاردىكى قوۋملەر ئاساسەن بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ بولغان. بەزى بىر قەبىلىلەر بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئۇرۇق- جامائەلەرنىڭ ئاھالىسى سان جەھەتتىن ئاز، سۈپەت ۋە ساپا جەھەتتىنمۇ تۆۋەن بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بىرەر توسقۇنلۇق كەلتۈرەلمەيتتى. شۇڭا ئۇنداق قەبىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى دۆلەت تۈزۈمى ئاستىدا يىمىرىلىپ سىڭىپ كېتەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇندا قۇرغان ئىمپېرىيەلىك دۆلىتىدىن باشقا بارلىق دۆلەتلىرى ئاساسەن بىر مىللەت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مىللى، ئىرقى دۆلەت ئىدى. بۇھال ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىك، دۆلەتچىلىك ئېڭىنىڭ ياۋرۇپالىقلاردىنمۇ خېلە بەكلا ئىلگىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى. سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، پۈتۈن ئافرىقا ۋە ئەرەب قوۋملىرى قەدىمكى ھونلارنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقى ( مىلادىيىدىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرى) دەۋرىدىكى سەۋىيىدىن ھالقىغىنى يوق.

ئىككىنچى بۆلۈم
مىللەتلەر توغرىسىدا

مىللەتلەرنى يىغىنچاقلىغاندا : ياۋروپادا گېرمان، سلاۋىيان، فرانسۇز، ئىنگىلىز، ئىتالىيان، لاتىن، گىرىخ قاتارلىق بىر قانچىلا مىللەت بولۇپ، قالغان يۈزلەرچە 《 مىللەتلەر》ئاشۇ مىللەتنىڭ تەركىبىدىكى قەبىلە، ئۇرۇق- جامائەلەردىن ئىبارەتتۇر. پۈتۈن ئافرىقىدىكى ئىنسانلارنى ئەگەر مىللەت شەكىللەندى دېيىلسە، ئۈچ مىللەتتىن ھالقىپ كەتمەيدۇ.
شۇنىڭدەك غەربى ئاسىيادا ھىندى، فارس، جەنۇبى ئاسىيادا ھىندى چىنى، ۋېيتنام، شەرقى ئاسىيادا ياپون، كۇرىيان، موڭغۇللار، مەركىزى ئاسىيادا ئۇيغۇر، قىرغىز، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىلاردا مىسىرلىق( ئەرەبلەشكەن قىبتى)، بەربەر قاتارلىق ئومۇمى مىللەتلەرنىڭ سانى يىگىرمىدىن ئېشپ كەتمەيدۇ. چۈنكى بەزى بىر سىياسى ئېھتىياجلار ۋە سىياسى مەنپەئەتلەر تۈپەيلىدىن قەبىلىلەر توپلىشىپ، بىر مىللەتنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئەگەر ئۇ مىللەتنى شەكىللەندۈرگەن قەبىلىلەر ئۆز- ئارا سىڭىشىپ كەتمەي، چوڭ بايراق ئاستىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇ چاغدا بۇ يەردە مىللەت دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت بولماي، ئەكسىچە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. بىرەر ھادىسە يۈز بېرىپ، چوڭ بايراق يوقىتىلسا، مىللەتمۇ تەڭلا يوقىلىپ، ئەسلىدىكى قەبىلىلەرگە تارقىلىپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ئەرەب دېگەن نام گەرچە ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولغان بولسىمۇ، تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بىرەر مىللەتنىڭ خاس نامىغا ئايلىنالمىدى. بۇ نام ئاستىدا ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق چوڭ كىچىك قەبىلىلەر، تۆت مىڭدىن ئارتۇق چوڭ كىچىك ئۇرۇق- جامائە ياشىماقتا. ئەرەب نامىغا مەنسۇپ قەبىلىلەر توپلىشىپ بىرەر دۆلەت قۇرسا، دۆلەتنىڭ نامىنى ئەرەب – دېگەن سۆزنى قوشۇپ ئاتىشىدۇ. مۇقەددەس ئىسلام دىنى ئەرەب قەبىلىلىرىنى، ئۇرۇق- جامائەلىرىنى بىر ئەقىدە، بىر بايراق ئاستىغا توپلاپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەت قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھەيۋەتلىك ئىمپېرىيەلەر ( خەلىپىلىكلەر)قۇرۇلۇپ، ئەسىرلەپ شەھەر سورىغان بولسىمۇ، 1400يىلدىن بېرى، يەنىلا 《 ئەرەب مىللىتى 》 شەكىللىنەلمىدى. بىرەر ئەرەب دۆلىتى يىقىلسا، ئۇنىڭ ئاستىدىن يۈزلىگەن قەبىلە، ئۇرۇق- جامائەلەر پارتلاپ چىقىپ، ھۆكۈمرانلىق تالىشىپ، قىزىل قىيامەت شەكىللىنىدۇ.قانلار دەريا بولۇپ ئاقىدۇ. ئەرەبلەر ئىمپېرىيە قۇرۇپ جاھان سوراۋاتقان زامانلاردا، سەكسەندىن ئارتۇق قەبىلە، ئۇرۇق- جامائەگە بۆلۈنۈپ، يەر يۈزىدە خار زەبۇنلۇقتا ياشىغان يەھۇدىلار، ئۆز ئارا يىمىرىلىپ، بىرىكىپ بىر مىللەت ھالىغا كېلىۋىدى، بارى يوقى يىگىرمە مىليوندىن ئاشمايدىغان بىر مىللەتكە، ئۈچ يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئەرەبلەر تەڭ كېلەلمىدى. ئەرەبلەرنىڭ بايلىرىمۇ، پادىشاھ سۇلتانلىرىمۇ، مۇجاھىت غازىلىرىمۇ ئاشۇ بىر ئوچۇم يەھۇدىلارنىڭ ئالقىنىدا قورچاق بولۇپ ئوينايدۇ. چۈنكى مىللەتنىڭ ئىچكى يادروسى ھامان قەبىلىدىن كۈچلۈك بولىدۇ.
تارىخىمىزدىكى ھون ۋە كۆك تۈرك ئىمپېرىيەلىرىدىن مىسال ئالساقمۇ، بەش يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن ھون ئىمپېرىيىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان قوۋم ھون مىللىتى بولماستىن، بەلكى ھون قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىدىن تەركىپ تاپقان بولغاچقا، ھۆكۈمرانلىقتىن ئايرىلىپ، غەرپكە كۆچكەندىمۇ ئۆز- ئارا يىمىرىلىپ، بىر مىللەت شەكىللىنەلمىگەچكە، ھون قەبىلىلىرى تۇرپاندىن باشلاپ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ يوقىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاقساقال، قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز قوۋملىرىنىڭ يات ئەلدە ساقلىنىپ قېلىشىنى كۆزلەپ، يىراق ياۋرۇپاغىچە سەپەر قىلىپ كۆچۈپ كەتتى. ئۇلار ياۋروپادا بىر قانچە قېتىم قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەلەرنى قۇرۇپ، جاھان سورىغان بولسىمۇ، يوقىلىشتىن ساقلىنالمىدى. ئورخۇندا تەخىتتىن چۈشكەن 1800 يىلدىن بېرى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ھون ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ قەبىلىسى، ھازىرقى ھونگىرىيەدە ئاخىرقى مەۋجۇتلۇقىنى ياشاتماقتا.ئۇلار تاشقى كۆرۈنۈشتە ھون مىللىتى – دەپ ئېتىراپ قىلىنسىمۇ، ئىچكى جەھەتتە ئۈچ قەبىلە ئىتتىپاقلىشىپ ھاياتىنى ساقلاۋاتىدۇ.( قانداقلا بولمىسۇن ھازىرغىچە باش ئەگمىدى.)
يەنە شۇنىڭدەك، ئۆزلىرىنى 《 5000 يىللىق قەدىمى مەدەنىيەتكە ئىگە، قەدىمى مىللەت 》 دەۋالغان خەنسو- خىتايلارمۇ ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق چوڭ كىچىك قەبىلە ۋە بەش مىڭدىن ئارتۇق ئۇرۇق- جامائەدىن تەركىپ تاپقان قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئۇلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرىمۇ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئاساسىدا قۇرۇلغان. خىتايلار ئۆزلىرىنى خەنسو مىللىتى – دەپ ئاتىۋالغىلى تېخى يۈز يىلمۇ بولمىدى. جۇڭخۇا مىللىتى – دەپ ئاتىۋالغىلى ئاران 105 يىل بولدى. خىتايلار ھۆكۈمرانلىقنى قولىغا ئېلىپلا،( 1911- يىلى) ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 1928- يىلىدىن 1949— يىلىغىچە 15 مىليون خىتاي ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلدى. 1956- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە 72 مىليون خىتاي ئىچكى ھۆكۈمەت زوراۋانلىقى ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرۈلدى.ئاشۇ 100 مىليونغا يېقىن خىتايلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە ئۆلتۈرۈلۈشى، خىتاي خەلقىنى ئۇرۇقداشلىق، جامائە ۋە قەبىلىچىلىك ئەنئەنىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، كۈچلۈك بىر خەنسو مىللىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان، پىلانلىق، ستراتېگىيىلىك ھەرىكەتلەر ئىدى. بىراق خىتاي خەلقىنى مەجبۇرى ھالدا قەبىلە ۋە ئۇرۇقداشلىق ئەنئەنىسىدىن ئايرىپ چىققان بىلەن، تېخىمۇ بەتتەر ھالدا، ئائىلىۋى مەنپەئەتچىلىك، يەككە مەنپەئەتچىلىك بالاسىغا گىرىپتار قىلىپ قويدى.

ئۈچىنچى بۆلۈم
ئۇيغۇر – خىتاي مىللەتچىلىك رىقابىتى توغرىسىدا

زوراۋان، زالىم ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمى ئاستىدا، سىياسى غەرەز بىلەن سۈنئى ھالدا، مەجبۇرى 《 مىللەت》 قىلىپ شەكىللەندۈرۈلگەن ھازىرقى زامان خىتاي خەلقى دۆلەتنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ ۋە دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان شەخسى مەنپەئەتنى كۆزلەپ دۆلەتنى، ۋەتىنىنى سۆيىدۇ. ئەگەر خىتايدا ھازىرقى تۈزۈم يوقىلىپ، دېموكراتىك سىستېم يولغا قويۇلسا، خىتاي خەلقى ئائىلىۋى شەكىلدە پارچىلىنىپ كېتىدۇ. 《 بىز خەنسو مىللىتى 》 دېگۈدەك بىرەر گۇرۇپپىنىڭ مەيدانغا چىقىشى قىيىن گەپ بولۇپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا خىتاي ئىگىلەپ تۇرغان ھازىرقى تېررېتورىيىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ غوللۇق، كۈچلۈك مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە، ئېرىتكۈچى يادرولۇق مىللەت بولۇپ قەد كۆتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق، ستراتېگىيىلىك ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى چېقىپ، يىلىكىنى چىرىتىشنى باشلىۋەتتى. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان مەزكۇر پىلان، پروگراممىنى تۆۋەندىكىدەك ئىجرا قىلماقتا:
ۋەتەن ئىچىدە
1- كادىر، خىزمەتچىلەر،
2- سېتىلما موللا ,قارىلار،
3- خىتاي بىر قوللۇق ئوقۇتۇپ، دىنى سەپكە كىرگۈزۈۋەتكەن تېشى موللا، ئىچى ساقچى يالغان دىنى زاتلار ،
4- پايلاقچى، ئايغاقچى، چېقىمچى ئۇنسۇرلار.

ۋەتەن سىرتىدا بولسا ،
1- ئاشكارە كۆرۈنۈشتە ۋەتەن مىللەتنىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان، ئىچكى جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى پىلانلىق ئادا قىلىۋاتقان ساختا ئىنقىلابچى، ساختا دەۋاگەرلەر.
2- خىتاي ھۆكۈمرانلىرى مەخسۇس ۋەزىپە بىلەن مۇھاجىر قىياپىتىدە، تىجارەتچى ۋە دىنى زات نىقابى ئاستىدا چەتئەلگە چىقىرىۋەتكەن كەسپى خادىملار ،
3- ئاۋال خىتايغا قارشى سەپتە پىداكارلىق كۆرسىتىپ ، تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق تۈرمە ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، خىتاي ھۆكۈمىتىگە روھى ۋە جىسمانى تەسلىم بولۇپ باش ئەگكەن، تۈرمىدىن قۇتۇلۇش نىيىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ماددى مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوشۇرۇن خىزمەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن سابىق سىياسى مەھبۇسلار،….قاتارلىق بىر تۈركۈم قوش نىقابلىق مەلئۇنلار، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار بارالايدىغان ھەممە جايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى بېجىرمەكتە.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى سۈنئى ھالدا قەبىلىلەرگە، ئۇرۇقلارغا بۆلۈپ پارچىلاش ئۈچۈن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئاجرىتىپ، ياسالما 《 ئىلمى تەتقىقاتچىلار 》گۇرۇھىنى تەشكىللەپ، سان – ساناقسىز ئىقتىسادى مەبلەغ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، 《ئۇيغۇرلارنىڭ 30 چوڭ قەبىلىگە، 129 ئۇرۇق- جامائەلەرگە بۆلۈنىدىغانلىقى 》غا ھېچقانداق يازما ئىسپات، ئارخېئولوگىيىلىك ماددى پاكىت كۆرسىتىپ بېرەلمەي، ئۇيغۇرلارنى ئەپلىك ئۇسۇل بىلەن پارچىلاپ يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتەلمىدى. ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى دەۋا قىلغاندەك، شۇنداق مۇرەككەپ قەبىلە ۋە ئۇرۇق- جامائەلەردىن تەركىپ تاپقان ئىتتىپاقنىڭ بىرىكمىسى بولغان بولسا، خىتايلار 《ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى》 نى بىر پەشۋا بىلەن تىرە- پىرەن قىلىپ پارچىلايتتى. ئاندىن ھەر قايسى قەبىلە، ئۇرۇقلارنى ئۆز – ئارا جېدەلگە سېلىپ دۈشمەنلەشتۈرەتتى. خۇددى ھازىرقى زامان ئەرەب ئەللىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىچكى- قەبىلە ئۇرۇشلىرىغا ئوخشاش، مەڭگۈ تۈگىمەس ۋە ھەل بولماس جەڭگى- جېدەلنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقاتتى. لېكىن ئۇيغۇر مىللىتى مىلادىيىدىن خېلە بۇرۇنقى زامانلاردىن باشلاپلا قېرىنداش ئۇرۇق- جامائە ۋە قەبىلىلەرنى ( ئىتتىپاقلىشىش ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى) يىمىرىپ، سىڭدۈرۈش، بويسۇندۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ تېز خاراكتېرلىق ئېرىتىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىسمى جىسمىغا لايىق مۇكەممەل ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان ئىدى. شۇڭا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇر مىللىتىگە رىقابەتتە تەڭ كېلەلمەي، مىللىتىمىز ئىچىدىن ئىرادىسى ئاجىز، قورقۇنچاق، نەپسانىيەتچى، شۆھرەتپەرەس، شەخسىيەتچى، قېنى بۇزۇق، گېنى بۇزۇق لالمىلارنى ياللاپ ئىشلىتىشكە مەجبۇرلانماقتا. ۋەتەن ئىچىدە خىتايغا ئىشلەۋاتقان غالچىلار قانچىلىك شەرمەندە ھالەتتە بولغان بولسا، ۋەتەن سىرتىدىكى ساتقۇن غالچىلار ئۆزلىرىنى قانداق رەڭ بىلەن بوياپ، نىقابلىۋېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، شەرمەندە، رەزىل ئەپتى – بەشىرىسى ئاشكارىلانماقتا. خىتاي بۇ رىقابەتتە ھامان يېڭىلىدۇ.

تۆتىنچى بۆلۈم
رۇس بىلەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇنۇشلىرى

ئەينى چاغلاردىكى رۇس باسمىچىلىرى ئۇيغۇرلارنى بۆلۈش ئۈچۈن ئىچىدىن كاۋاك ئىزدەپ، كۆپ مېھنەت سىڭدۈرگەن بولسىمۇ، مەقسەتلىرىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، ئىنتايىن چوڭ بىر تارىخى سۈيىقەست پىلانلىغان ئىدى. 1882- يىلىدىن 1884- يىلىغىچە بىر گۇرۇپ رۇس جاسۇسلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ تەكلىماكان، تۇرپان ئويمانلىقلىرىدا، ئىلى ۋادىسى ئەتراپلىرىدا ئاتالمىش 《 ئېتنىك تەكشۈرۈش ئەترىتى》 نامىدا تىمىسقىلاپ، 1884- يىلى 《تەكشۈرۈش نەتىجىسى》 نى ئېلان قىلدى. يەنى ئۇيغۇرلارنى جۇغراپىيىلىك شەكىلدە مۇنداق بۆلدى: تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى، پامىرنىڭ شەرقى ئېتەكلىرى، ئايغىر بۇلاق تاغلىرىنىڭ غەربى ئېتەكلىرى قاتارلىق جايلارنى (ھازىرقى قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن، ئاقسۇ ۋە كورلا ۋىلايەتلىرىنى) 《شەرقى تۈركىستان》، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتەكلىرى، پۈتۈن ئىلى ۋادىسى قاتارلىق جايلارنى (ھازىرقى ئىلى ، ئالتاي، تارباغاتاي، بورتالا قاتارلىق ۋىلايەتلەرنى) 《جۇڭغارىيە》 ، ئايغىر بۇلاق تاغلىرىنىڭ شەرقىدىن شىڭشىشاغىچە بولغان جايلارنى (ھازىرقى قارا شەھەردىن باشلاپ تۇرپان، قۇمۇل ۋىلايەتلىرى، پۈتۈن ئۈرۈمچى رايونى، جىمىسار، سانجى، شىخەنزە قاتارلىق جايلار) 《ئۇيغۇرىيە》- دەپ، جۇغراپىيىلىك شەكىلدە ئۈچ پارچىغا ئايرىغان ئىدى. رۇسلارنىڭ بۇنداق ئايرىشىدىكى يوشۇرۇن غايىلىرى – ۋەتىنىمىزنىڭ 《شەرقى تۈركىستان 》- دەپ ئاتىغان پارچىسىنى ھازىرقى قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق رۇسلار « غەربى تۈركىستان »- دەپ ئاتىۋالغان جايلارغا قوشۇپ، بىر پۈتۈن تۈركىستان شەكلىدە ئىدارىسى ئاستىغا ئالسا، « جۇڭغارىيە » – دەپ ئات قويغان پارچىسىنى ھازىرقى موڭغۇلىيەگە قوشۇپ،《 جۇڭغار- مۇڭغۇل قەبىلىلەر ئىتتىپاقى 》شەكلىدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئىدارىسى ئاستىغا ئېلىپ، ۋەتىنىمىز تۇپرىقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئوغۇرلىماچقى بولغان ئىدى. قالغان بىر پارچىسىنى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان مانجۇر ئىمپېرىيىسىگە تاشلاپ بېرىپ، گېزى كەلسە، ئۇنىمۇ يېرىم مۇستەملىكە ھالىدا ئىدارە قىلىشنى پىلانلىغان. بىراق ھازىرغىچە خىتايلارنىڭ رەزىل سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايۋاتقىنىدەك، شۇ چاغلاردىكى رۇسلارنىڭ سۈيقەستلىرىمۇ ئۈنۈم بەرمىگەن ۋە رۇسلار مەقسەتلىرىگە يېتەلمىگەن ئىدى.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئەينى چاغلاردىكى رۇس ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ نەيرەڭلىك تاكتېكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، 1992- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە ئىلمى ساھەدە ساختا تەتقىقات ئېلىپ باردى. 《ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئېتنىك كېلىپ چىقىشى 》تېمىسى ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك ئويدۇرما تەتقىقات تەشكىللەپ، نۇرغۇنلىغان كەسپى خادىم، مۇتەخەسسىس، ئاكادېمىك، دوكتورلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ھەتتا خەلقئارا تەتقىقات ساھەسىدىمۇ مەنبە سۈپىتىدە قوللانغۇدەك ساختا كەشپىياتلارنى ئىجات قىلىپ، 《 ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا بىر مىللەت ئەمەس، بەلكى قەبىلىلەرنىڭ ئىتتىپاقى》 -دېگەندەك ئويدۇرمىلارنى بازارغا سالدى. ئۇيغۇرلارنى قەبىلىگە بۆلۈپ، پارچىلاپ يوقىتىشنىڭ 《ئىلمى ئاساسى》نى تىكلەپ بولغاندىن كېيىن، 2008- يىلى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى غەيرى رەسمى شەكىلدە ( ئۇيغۇرلارغا قارىتا) بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق جاكارلىدى: 《 ئىلمى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتۇق. ئۇيغۇرلار 8 – ئەسىرلەردە موڭغۇلىيە تەرەپتىن ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا باستۇرۇپ كەلگەن، باسمىچى ھەم كۆچمەن قەبىلىلەر بولۇپ، يەرلىك – تۈرك، سۇغدى، تاجىك، ساك، ھىندى، يەھۇدى مىللەتلىرىنى مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، زوراۋانلارچە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. ئىلمى تەكشۈرۈش ۋە د ن ئا- گېن تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنداق نەتىجىگە ئېرىشتۇقكى، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر- دەپ ئاتىۋالغان بۇ خەلق ئۇيغۇر ئەمەس. ئۆز ۋاقتىدا بېسىپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى يەرلىك خەلقلەر بىلەن بىرىكىپ، ئاللى بۇرۇن يوقالغان. شۇڭا بۇ تۇپراقنى تالىشىدىغانغا ئۇيغۇرنىڭ ھېچقانداق ھەققى يوق! بۇ يەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئىگىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىدۇر!》 خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يۇقىرىقى باياناتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىنكار قىلماقچى بولدى. ھازىرغىچە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە تورلاردا ئوقۇرمەن ، ھەۋەسكارلارنىڭ نامىدا تۈرلۈك تۈمەن ماقالە ئېلان قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىگە ئىنكار قىلىشنى بىر كۈنمۇ توختاتقىنى يوق.
خۇلاسە
تەكرار ئېيتىشقا ئەرزىيدۇكى، ئۇيغۇر مىللىتى ئىچى كاۋاك قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئەمەس. ئۇيغۇر مىللىتىنى يەتمىش يەردىن چاناپ پارچىلىسا، ھەر بىر پارچىسى يەنىلا ئۇيغۇر مىللىتى بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ پارچىلىنىپ قايتىدىغان قىبىلە، ئۇرۇق- جامائە دېيىلىدىغان ئۆتەڭ، ئايماقلىرى يوق. ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن پەقەت ئۆلۈملا رىقابەتلىشەلەيدۇكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئۇسۇل، نەيرەڭ ۋاسىتىلەر ئۇيغۇر مىللىتىنى تارقىتىۋېتەلمەيدۇ ھەم يوقىتالمايدۇ.
ئابدۇرەھىمجان