2
" ogg="" m4a=""]

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى ئاسىيا تەتقىقات ئورنى رەئىسى, دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيە ۋە شەرقى ئاسىياغا مەسئۇل ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھاممەت ھاشىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسى بېسىلدى.
يۇكان فۇجى گېزىتى مەخسۇس دوكتۇر تۇرمۇھاممەت ھاشىمغا “ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى” دىگەن بىر مەخسۇس مۇلاھىزە بېتى ھازىرلاپ، ئۇنى داۋاملىق ئۇيغۇرىستان توغرىلىق ماقالە يېزىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان. دوكتۇر تۇرمۇھاممەت ھاشىمنىڭ بۇ قېتىمقى ماقالىسى ئەنە شۇ مەخسۇس مۇلاھىزە بېتىدە ئېلان قىلغان تۇنجى ماقالىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
يۇكان فۇجى گېزىتى بۇ ماقالىنى ئىككى قىسىمغا بولۇپ، 8- ماي ۋە 9- ماي سانلىرىدا ئېلان قىلدى.
ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ “ئۇيغۇرلار ھازىر مىللەت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىنى يوقاتماقتا” دىگەن سوزى مىسال قىلىنىپ، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلارنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش ئۇچۇن بارلىق سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئىزچىل قوللۇنۇپ كەلىۋاتقانلىقى يېزىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدىنىيىتى ئاددى تونۇشتۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى، قەدىمقى تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاھالىلەر بىلەن مىلادىدىن نەچچە ئەسىرلەردىن ئىلگىرىلا ئالتاي تاغلىرى ۋە تەڭرى تاغلىرى ئەتىراپىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ جەنوپتىكى بوستانلىقلارغا تەدرىجى كۆچۈشى سەۋەبىدىن ئوز – ئارا ئارىلىشىپ كېتىش نەتىجىسىدە شەكىللەڭەن بىر قەدىمىي مىللەت ئىكەنلىكى، مىلادى 1- ئەسىردىلا بۇددا دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىچىگە تارقىلىپ، ئۇلارنىڭ قولى بىلەن تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلاردا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇددىزىم مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللەن گەنلىكى، مۇشۇنداق بۇ شانلىق مەدەنىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا، مىلادى 4- ئەسىردىن كېيىن بۇددا دىنى شەرقتىكى خىتاي، كورىيەلەرگە تارقىلىپ، ۋە شۇ ئارقىلىق ياپونىيەگىمۇ تارقالغانلىقى بايان قىلىنغان. دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا، جۈملىدىن ياپونىيەدىكى بۇددا دىنىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئاجايىپ تۆھپە قوشقان بىر مىللەت ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى مىلادى 5- ئەسىرلىدىلا يېزىق قوللانغانلىقى، 7- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى دەپ ئاتىلىدىغان يېزىق شۇ زامانلاردىن باشلاپلا ياۋراسىيە رايونىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق بىر مەدەنىيەت تارىخىقا ئىگە ئىلغار بىر مىللەت ئىكەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار ئوزلىرى قۇرغان دولەت ۋە ھاكىمىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىزچىل قوغداپ كەلگەنلىكى، تارىختا بىرنەچچە قېتىم يات مىللەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بولسىمۇ، ھىچ تىز پۇكمەي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋە ياكى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى، 20- ئەسىرنىڭ 30- ۋە 40- يىللىرى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى قوزغاپ، “شەرقى تۇركىستان جۇمھۇريىتى”نى قۇرۇپ چىققان قەيسەر بىر مىللەت ئىكەنلىكى يېزىلغان.
مۇشۇنداق بىر مىللەت 1949 –يىلى خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئورنىغا ئاتالمىش “شىنجىئاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى” دىگەن ساختا “ئاپتونومىيە” بەرىلگەنلىكى، خىتاي مۇشۇ ساختىلىقى بىلەن سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، مائارىپ، ھەربى، دىپلوماتتىيەدىن ئىبارەت بارلىق سىياسەت ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ۋە ياكى يۇمشاق قىرغىن قىلىپ، ئۇيغۇر زىمىنىنى بۇ دۇنيادىكى بىر دوۋزاققا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى پاش قىلىنغان.

ماقالامنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، ئالدى بىلەن بۇ يىل ئاپرىلدا خەلقارا كەچۇرۇم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسى دوكلاتىدا، خىتاينى ھەر يىلى نەچچە مىڭ كىشىنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۋاتقانلىق سەۋەبىدىن ئەيىپلىگەنلىكى مىسال قىلىنىپ، ئۇيغۇرىستاندا يىلدا مىڭلىغان كىشى دۆلەت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. خىتاي “تېرورلۇققا زەربە بەرىش” نامى ئاستىدا، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقى تازلاش، ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنداق قىرغىنچىلىق ناھايىتى يۇشۇرۇن ۋە ھىلىگەرلىك بىلەن يولغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ئەڭ ئەشەددى زەربىگە ئۇچۇراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۇچۇن بىر ئىنسان بولۇپ ياشاشنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن ئوچۇق ياكى مەخپى ھالدا مەنئى قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

3
خىتاينىڭ بۇنداق بىر مىللى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئېلىپ بېرىشىدىكى سەۋەبى، دەل خىتاي دۆلىتىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان كەڭەيمىچىلىك سىتراتىگىيىسىنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەسلىكى، خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن زور توسالغۇ ئىكەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ چۈشەندۈرۈلگەن. خىتاينىڭ بۇنداق بىر كەڭەيمىچىلىكى ياپونىيەگىمۇ قارىتىلىپ، ئوكىناۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ليۇكيۇ تاقىم ئاراللىرى خىتاينىڭ بىۋاستە بېسىۋېلىش نىشانى ئىكەنلىكى، ياپونلۇقلارنىڭ ۋە ئوكىناۋالىقلارنىڭ، خىتاينىڭ بۇنداق بىر خەتەرلىك نىيىتىنى تونۇپ يىتىپ، ئوكىناۋانىڭ خىتاي ئىشغالىدىكى “ليۇكيۇ ئاپتونۇم رايونى”غا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. ئاخىرىدا ماقالا “ئوكىناۋانىڭ ئۈمىدى ياپونىيەدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدى مۇستەقىللىقتا” دىگەن بىر جۈملە سۆز بىلەن تاماملانغان.

image1(1)مەركىزى ئاسىيا تەتقىقات ئورنى تەشۋىقات بۆلىمى