ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا (1)

index

دوكتور مەمتىمىن ئەلا

مۇقەددىمە

 

دۈشمەننىڭ كاللىسى بىلەن ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىرادىسى ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ بەدىنىدىنمۇ مۇھىم بولغان قاراقتۇر.

- ب.س.گرىفىس

 

ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ داڭلىق كلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتى. مەيلى «سۇ بويىدا» ، مەيلى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» ، مەيلى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»،  مەيلى «غەربكە ساياھەت» بولسۇن، خىتايلارنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۈكسەك بەدىئىي پاساھەتتە ئۇيغۇر تىلىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇلار خىتايلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە كۇلتۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدىكى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققدە قىسسە» نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈردۇر. چۈنكى، ئۇشبۇ ئەسەردە نامايان بولىدىغىنى نوقۇل ھالدا يەرلىك مىلىتارىستلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن مالىمانچىلىققا پاتقان  خىتاينىڭ قەدىمكى جەمئىيىتىلا ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ دىققىتىنى ناھايىتى كۈچلۈك تەرىزدە چېكىدىغان خىتاينىڭ ئۆزگىچە ۋە پىشىپ يېتىلگەن سىياسىي تەپەككۈرىدۇر.

بىر بىرى بىلەن تىركىشىپ تۇرىۋاتقان ئۈچ پادىشاھلىق مۇكەممەل بىر سىياسىي تەكشىلىكنى—كۆپ قاتلاملىق سىياسىي ۋەزىيەتنى ۋە ماكاننى، تېخىمۇ توغرىراقى، سىياسىي رېئاللىقنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئۈچ كۈچ بىر- بىرىگە ھەم قارىمۇ قارشى ھەم بىر بىرىگە بېقىنىدۇ، تاكى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى تەڭپۇڭلۇقى كۈچلۈك ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە بۇزۇلمىغۇچە. بۇ رېئاللىق ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر ئۇرۇش ئۆزىدە ھازىرلايدىغان تۆۋەندىكى قارىمۇ قارشى تەركىبلەردىن تۈزۈلگەن: ئۇرۇش (ھۇجۇم) ۋە تىنچلىق(مۇداپىئە)، قارشىلىشىش (دۈشمەنلىك) ۋە دىپلوماتىيە (ئىتتىپاقداشلىق)، ئۇچۇق-ئاشكارىلىق (ئۇچرىشىش) ۋە  يوشۇرۇنلۇق (جاسۇسلۇق)، ئىشەندۈرۈش (تەشۋىقات) ۋە  ئالدامچىلىق (ئاسىيلىق)  ھەمدە ئەقىل (ستراتېگىيە) ۋە ھېسسىيات (پىسخىك كۈچلەر ۋە تەسىرلەر)، قاتارلىقلاردۇر. بۇ يەردىكى قارىمۇ قارشىلىق ماھىيەتتە دېئالېكتىكىلىق باغلىنىشقا ئىگە. بۇ قارىمۇ قارشىلىقنىڭ دېئالېكتىكىلىق بىرلىكى مۇناسىۋىتىدۇر. بۇ مۇناسىۋەتكە كۆرە، ئۇلار ھەم بىر بىرى بىلەن توقۇنۇشىدۇ ھەم بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ: قارىمۇ قارشىلىق بىرلىك ئىچىدە مەۋجۇت بولىدۇ ۋە بىرلىك ئىچىدە قارىمۇ قارشىلىق بولىدۇ. بۇ قارىمۇ قارشىلىق ئاخىرىدا كېلىشىپ، يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشىدۇ. يېڭى بىر سىياسىي تەرتىپ مانا مۇشۇ يۈكسىلىش—مەيلى ئۇ تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىجابىي ياكى سەلبىي خاراكتېرلىق يۈكسىلىش بولسۇن—ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.

«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» خىتاينىڭ خېلىلا مۇكەممەللەشكەن ئۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنىڭدىن يەكۈنلىنىپ مېڭىلغان نەزەرىيىسىنىڭمۇ بارلىقىنى  بىلدۈرىدۇ. دىققەتنى ئەڭ تارتارلىق نۇقتا شۇكى، ئۇشبۇ ئەسەردىكى ئۇرۇش نەزەرىيىسى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىرادىسى يېتەكچىلىك قىلىدىغان فىزىكىلىق (ماددىي) كۈچ توقۇنۇشىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە باغلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىككى خىل ستراتېگىيە، ئىككى خىل ئىدىيە، ئىككى خىل پىسخىك تەسىرلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا باغلىق دەپ قارايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەرقانداق ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى فىزىكىلىق كۈچ ۋە ماددىي قۇدرەتتىنمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك بولغان پىسخىك كۈچلەر ۋە تەسىرلەرگە باغلىقتۇر.

ھالبۇكى، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، مەزكۈر ئەسەر يەنىلا بىر ئەدەبىي ئەسەردۇر. ئۇنىڭدا رېئاللىققا باي ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن ھالقىغان ۋەقەلىكلەر سۆزلىنىدۇ. بۇ ھېكايىلەر ھەم ئاجايىپ غارايىپ—بىر باقسا راستتەك، يەنە بىر باقسا توقۇلمىدەك؛ بىر باقسا ئادەمنىڭ ئوڭىدەك، يەنە بىر باقسا ئادەمنىڭ چۈشىدەك. ئەسەرنىڭ سېھرىي كۈچى ئۇنىڭ رومانتىكلاشتۇرۇلغان تارىخ بىلەن رېئاللىقىنىڭ مەڭگۈ روماتىكلاشتۇرغىلى بولمايدىغان قىسمىنى بىرلەشتۈرگەنلىكىدىدۇر. بۇنىڭدا، رېئاللىقتىكى تۈپكى قوزغىتىش كۈچى بولغان ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق ئوتتۇرىسىدىكى دنامىك توقۇنۇش رومانتىكلاشتۇرۇلىدۇ—ئدېئاللاشتۇرىلىدۇ، يۈكسەلدۈرىلىدۇ. يەنى، بۇ بىر سىستېمىلىق نەزەرىيە شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي شەكىلدە تاماملىنىدۇ.

تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى سۇنزىنىڭ «سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» دىن ئىزدەش مۇمكىن. ئۇنىڭدا ئۇرۇشتا يېڭىش-يېڭىلىشنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل ھەربىي ياراق، ئەسكىرىي كۈچ، ئەسكىرىي ئورۇنلاشتۇرۇش، يەر تۈزۈلۈشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھۇجۇم پەيتىنى ۋە ئۇسۇلىنى توغرا بەلگىلەش جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكلا ئەمەس، بەلكى يەنە  پىسخىك تەسىرلەرنىڭ رولىدىنمۇ جانلىق پايدىلىنىشتۇر. يەنى يۈزمۇ يۈز توقۇنۇشقا قارىغاندا يىراقتىن—خۇددى سۇنزى دېگەندەك—رەڭۋازلىقنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق دۈشمىنىنى مەغلۇب قىلىشتۇر. ئۇرۇش، سۇنزىنىڭ قارىشىچە، ماھىيىتىدىن رەڭۋازلىقتۇر. «دۈشمىنىنى ھېچقانداق ئۇرۇشسىز بوي سۇندۇرۇش ئەڭ ئۈستۈن تاكامۇللۇقتۇر» دەيدۇ سۇنزى. بىزنىڭ «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دىن كۆرىدىغىنىمىز خىتاي تارىخىدىكى داڭلىق ھەربىي ستراتېگىيىچىلەردىن بولغان ساۋ ساۋ بىلەن جۇ گېلياڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ ئېلىشىشلا ئەمەس بەلكى يەنە رەڭۋازلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپ، ئۇرۇش غەلىبىسىگە ئېرىشىشكە بېغىشلانغان ئېلىشىشتۇر. قىسقارتىپ ئېيتقاندا، ئۇ دۈشمىنىنى روھىدىن، قەلبىدىن، ئەخلاقىدىن ۋە ھېسسىياتىدىن مەغلۇب قىلىشنى كۆزلىگەن رەڭۋازلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى (پىسخىك) ئېلىشىشتۇر.

بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» نى ئوقۇشى ۋە شەرھلىشى دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ. بۇ ئەسەر بىر قىسىم ئۇيغۇرلار  ئۈچۈن خىتايلارنىڭ ئەدەبىي جەھەتتىكى بۈيۈك ئۇتۇقلىرىنىڭ بىرى بولسا، يەنە بىر قىسىملىرى ئۈچۈن خىتاي تارىخىنىڭ بەدىئىي سىزمىسىدۇر؛ يەنە بىر قىسىملىرى ئۈچۈن بۇ خىتايلار تەرىپىدىن يېزىلغان باھادىر شىرمەتلەر ھەققىدىكى قىسسىدۇر؛ يەنە بىر قىسىملىرى ئۈچۈن بۇ ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايەتلەرنىڭ سۆزلىنىشىدۇر. لېكىن، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ ئەسەر خىتاينىڭ ئۇرۇش نەزەرىيىسى ۋە بۇ نەزەرىيىنىڭ يادروسى بولغان رەڭۋازلىق ستراتېگىيىسىنىڭ  بەدىئىي يازمىسىدۇر. ئادەمنى ئىزتىراپقا سالىدىغان نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تېخى ھېچكىم ئۇشبۇ ئەسەرنى خىتاينىڭ خېلىلا پىشىپ يېتىلگەن ھەربىي ستراتېگىيە ھەققىدىكى مۇپەسسەل دەستۇرى دەپ قارىغىنى يوق. تېخىمۇ يامىنى، بۇ ھەقتە تېخى تىلغا ئالغۇدەك ھېچقانداق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. بۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ بىر يىل بولدى—ئۇيغۇرلار شۇنىڭدىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇرلاندى. شەرقىي تۈركىستان 2-جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە ئۇرۇشسىز ئاخىرلاشتى.  ئۇيغۇرلار ئۇرۇشتا ئۇرۇش قىلماي مەغلۇب بولسا، خىتايلار ئۇرۇشسىز غەلىبە قىلدى. خىتايلار سۇنزىنىڭ ھېچقانداق ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپ غەلىبە قىلىش ستراتېگىيىسىنى غەلىبىلىك ھالدا ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، خىتايلار سۇنزىنىمۇ تاڭ قالدۇرىدىغان ئۇرۇش غەلىبىسىگە ئېرىشتى: ئۇيغۇرلار خىتايلار ۋە باشقا دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇش قىلمايلا ئەمەس بەلكى يەنە مۇنتىزم مىللىي ئارمىيىسى تۇرۇقلۇق، ئۇرۇش قىلغۇزۇلماستىن مەغلۇب قىلىندى. سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرىدىكى ئۇرۇشسىز غەلىبە ستراتېگىيىسى ئۇنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن ۋە گومىنداڭغا قارشى ئۇرۇشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەدبىقلىغان ماۋ زېدوڭ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى ئارقىلىق بېيىتىلدى.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇرۇشسىز ئۇرۇش ئاخىرقى ئۇرۇش بولمىدى. ئۇيغۇرلار ئۇرۇشتا ئۇرۇشسىز—تېخىمۇ توغراقى ئۇرۇش قىلغۇزۇلماستىن—مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشمىدى. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا 1949-يىلىدىن بۇيان، ھەقىقىي مەنىدىكى ۋە كۆلەملىك ئەسكىرىي ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۆزگىچە شەكىلدىكى ئۇرۇش گاھى ئاشكارا، گاھى يوشۇرۇن تەرىزدە توختاۋسىز داۋام قىلدى. ئەمدىكى ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتى خىتاينىڭ سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار ستراتېگىيىسى، 36 پەنتى، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» سىدە سۆزلەنگەن ستراتېگىيىلەردە ۋە ھازىرقى زامان خىتاي ئۇرۇش نەزەرىيىسىدە بېسىۋېلىغان ئەلنى قانداق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ ۋايىغا يەتكەن شەكلىنى كۆردى: نەيرەڭۋازلىق ستراتېگىيىسى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئارمىيىسىز ئۇيغۇرلار زامانىۋى ئارمىيىسى بار خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ھېلىھەم تىغمۇ تىغ ئېلىشىۋاتىدۇ ۋە قان تۆكۈۋاتىدۇ—بۇ ئۇرۇش ئىس-تۈتەكسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

بۇ «ئۇرۇشسىز» ئۇرۇشتا خىتاينىڭ ئارمىيىسى كۆزگە ئاسان چېلىقىپ كەتمەيدۇ. ھەقىقىي ئۇرۇش ئارمىيىدىنمۇ قۇدرەتلىك بولغان، ۋەيران قىلىش كۈچى ئۇنىڭدىمۇ ئېشىپ كەتكەن ۋە تەسىرى ئۇزاققا سوزۇلغان نەيرەڭۋازلىق ستراتېگىيىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىپ كەلدى. ئەڭ مۇھىمى، ئەمدىكى ئۇرۇش ئەسكىرىي ئۇرۇشتىن كۆرە سىياسىي تۈس ئالغان پىسخىكىلىق ئۇرۇش بولدى. ئۇنىڭ يادروسى خىتاينىڭ قەدىمكى خەربىي ستراتېگىيىسىدە بىخلىنىپ، تارىخنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا مۇكەممەللىشىپ ماڭغان نەيرەڭۋازلىق ستراتېگىيىسى بولدى.

بۇ ستراتېگىيىنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرى (تارىخنى ۋە رېئاللىقنى) بۇرمىلاش، ئالدامچىلىق، مېڭىنى يۇيۇش، سۇيىقەست قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپتى.  ئۇشبۇ ماقالىمىز خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن 1949-يىلىدىن بېرى ئېلىپ بېرىپ كېلىۋاتقان پىسخىكىلىق ئۇرۇشىنىڭ ماھىيىتىنى نەيرەڭۋازلىق ستراتېگىيىسى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ  تەھلىل قىلىدۇ.

(داۋامى بار)

http://oylar.blogspot.de/2014/12/blog-post_28.html