مۇنتىزىم سىياسى تەلىم – تەربىيە سەستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكى

بۈگۈن، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىياسى يېتەكچى   ئىدىيە، دۇنيا قاراش، تەشكىلاتچانلىق، داۋايىمىزنى ئاڭلىتىش تەلەپبۇزى ۋە ئۇسولى، ئىستىراتىگىيە ۋە پىلان – پۇروگرامما تۈزۈپ چىقىش، داۋايىمىزغا زۆرۈرۈ كېرەكلىك بولغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى ۋە رەھبەرلەرنى تاللاش، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى تەددىرلەش، گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش، رەھبەر بىلەن تەشكىلاتنىڭ، تەشكىلات بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تەڭشەش … قاتارلىق خېلى كۆپ جەھەتلەردە بەلگىلىك دەرىجىدە تەرتىپسىزلىك، تەشكىلسىزلىك، باش – باشتاقلىق ۋە ھەتتا داۋايىمىزنىڭ ئاساسى لېنىيەسىدىن چەتنەپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە باسقۇچى ھىساپلانغان سۆزدە، پىكىردە ۋە ھەرىكەتتە بىردەكلىكنى ساقلاشنى بىر تۈرلۈك ئەمەلگە ئاشۇرالمىدۇق، ئارىمىزدا ئۆزلىرىنى داۋايىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماس ھالدا ئىسلاھ قىلالمىغان، داۋايىمىزغا ۋە خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە گۇمان ۋە ئىشەنچىسىزلىك بىلەن قارايدىغان، روھى – دۇنياسى ۋەتىنىمىزدىن ۋە خەلقىمىزدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن بىلەرمەنلەر كۆپ بولغاچقا، ھەر كىم ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەش ۋە ئۆزىنىڭ سۆز – ھەرىكىتىنى توغرا دەپ تۇرىۋەلىش خاھىشى بىر قەدەر ئەغىر.
بەزى قېرى نداشلىرىمىز بۇخىل نورمالسىز ھالەتنى، « دېمۇكراتىيە ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ ئىپادىسى » دەپ ئىزاھلاشقا تىرىشىدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇخىل چەكىدىن ئاشقان ئۆكتىچىلىكنىڭ دېمۇكراتىيە ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بىلەن ھەچ بىر ئالاقىسى يوق، بۈگۈنكى ئەڭ ئىلغار دېمۇكراتىك ئەللەردىمۇ ئىنسانلارنىڭ دېمۇكراتىك ھەق – ھوقوقلىرىنىڭ چەك – چەگرىسى قانۇن ئارقىلىق ئەنىق بەكىتىلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىغان ھەرقانداق سۆز – ھەرىكەت قانۇنسىزلىق ھىساپلىنىدۇ ۋە ئۇنۇڭ بەلگىلىك جازاسى بار.
بىزنىڭ ھازىرچە مۇستەقىل دۆۋلىتىمىز بولمىغاچقا، سۆز – ھەرىكەتلەردە چەكىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلەرنى جازالايدىغان قانۇنىمىزمۇ يوق ئەلۋەتتە، ئەمما، مەركىزى تەشكىلاتىمىز دۇق نىڭ ۋە ئۇنۇڭ تەركىبىدىكى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ نىزامنامىسى ۋە پىرىنسىپلىرى بار، داۋايىمىزنىڭ يېتەكچى   ئىدىيەسى ئەنىق، داۋايىمىزنىڭ مەقسىدى ۋە غايىسى ئەنىق، ئۇنداقتا يەنە نىمىشقا ھازىرغىچە سۆزدە، پىكىردە ۋە ھەرىكەتكە بىردەكلىكنى تولۇق ئەلەمگە ئاشۇرالمايمىز ؟
مېنىڭچە بۇخىل قالايمىقانچىلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى، مىللىي ھەرىكىتىمىزنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغان مۇنتىزىم بىر تەلىم – تەربىيە سەستىمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقالمىغانلىقىمىز، سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى ۋە داۋاگەرلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ سىياسى ئۆتكۈلى ۋە ئەگلىكىدىن ئۆتكۈزمىگەنلىكىمىز، يەنە شۇنداقلا، سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى داۋايىمىزغا خاس كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىم ۋە ئىقتىدارغا ئىگە كەسپى ئىقتىساس ئىگىلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا سەل قارىغانلىقىمىزدىن ئىبارەت !
مەسىلەن، ئۆزەمنى ئېلىپ ئەيتسام، چەتئەلگە يەڭى ھىجرەت قىلىپ چىققان كۈنلىرىمدە، ناھايىتى ھاياجان ۋە بىلەرمەن ئىدىم، خۇددى ۋەتەن – مىللەتنى ئۆزەم يالغۇزلا ھايت – ھۇيت دىگۈچە ئازات قىلىۋەتىدىغاندەك ناھايىتى تەكەببۇرانە بىر تۇيغۇدا ئىدىم، باشقىلارنىڭ پىكىر – مەسلىھەتلىرى قۇلىغىمغا ياقمايتتى، داۋانى قانداق ئېلىپ بېرىش    ھەققىدە توختىماي باشقىلارغا پەندى – نەسىھەت قىلىشقا تىرىشاتتىم، بىرەر ئىش سەللا دىتىمغا ياقمىسىلا، < ئۆز ئالدىمغا تەشكىلات قۇرىمەن > دەپ تېرە تاراقشىتاتتىم.

مەندىكى بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تەكەببۇرلۇقنىڭ سەۋەبى، ۋەتەندىكى چەغىمدا ئۆزەمچە < زور ئىستىقبال > غا ئىگە ئەڭ پارلاق ياشلارنىڭ بىرى ئىدىم، 21 يەشىمدا ۋەتەندىكى ئەڭ نۇختۇلۇق ئالى مەكتەپلەرنىڭ بىرىنى پۈتتۈرۈپ، ئەڭ ئېسىل خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرىگە تەقسىم قىلىنغان ئىدىم. 22 ياش ۋاقتىمدا ئابلىكىم باقىنىڭ تەھرىرلىكىدە« 4 جەسەت » ناملىق  پوۋەستىم ئېلان قىلىندى، 25 ياش ۋاقتىمدا « مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلار جەمئىيىتى » بىلەن، « ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى » نىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندىم، 26 ياش ۋاقتىمدا بۆلۈم باشلىقى بولدۇم، ۋەتەندىن چىققاندا 29 ياش ئەتراپىدا ئىدىم، ۋەتەندىكى چېغىمدىلا ھەرقايسى گېزىت – جورناللاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبى ئەسىرىم ئېلان قىلىنغان، « قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى » تەرىپىدىن، « دادامغا يېزىلغان خەتلەر » ناملىق پوۋەست ۋە ھىكايىلەر توپلۇمۇم، « شىن جىئاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى» تەرىپىدىن «بايلىق ياراتقۇچىلار » ناملىق ئەدەبى ئاخباراتلار توپلۇمۇم ( يەنە بىر يازغۇچى بىلەن بىرگە ) نەشىر قىلىنغان ئىدى.
خىزمىتىم سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت يىغىنلىرىغا، پۈتۈن قۇرۇلتايلارغا قاتنىشاتتىم، يەنە دايىم دېگۈدەك    يۇقۇرى دەرىجىلىك مەنسەپدارلارنىڭ قۇيرۇقىدا سۆڭدۈشۈپ يۈرەتتىم، مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم بىلەنمۇ 88 – يىلى « ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى مەسلىھەت كەڭىشى يىغىنى » دا تونۇشقان، رابىيە خانىم ئارقىلىق مىللىي ئۇستازىمىز سىدىق ھاجى رزى ئەپەندىم بىلەن بىۋاستە تونۇشقان ئىدىم. يەنە خىزمىتىم سەۋەبىدىن ۋەتەن ئىچىدە مەن بارمىغان ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە، ھەتتا يەزىلارمۇ يوق دىيەرلىك ئىدى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ سىياسى، تەشكىلىي ۋە مۇمۇرى قۇرۇلمىسىنى ئوبدان بىلەتتىم.
مەن بۇلارنى ئۆزەمنى ماختاش ئۈچۈن يەزىۋاتمايمەن، ماختىنىشقا ئېھتىياجىممۇ يوق، بەلكى ماڭا ئوخشاش بەزى بىلەرمەنلىرىمىزنىڭ مېنىڭ تەجىربىلىرىمدىن ساۋاق ئەلىشى ئۈچۈن يەزىۋاتىمەن.
ئەمما كىم بىلسۇن ؟ چەتئەلگە چىقىپ مىللىي كۈرەش سەپىمىزگە قاتنىشىپ تەخى بىرقانچە كۈن ئۆتە – ئۆتمەيلا ئۆزەمنىڭ ناھايىتى نادان، بىلىمسىز، ساۋاتسىز قارا قوساقلاردىن ئىكەنلىكىمنى ھەس قىلىپ، ئەتراپىمدىكى سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا نومۇس قىلىشقا ۋە ئۇيۇلۇشقا باشلىدىم.
چۈنكى بايا مەن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ساناپ ئۆتكەن « ئىلىم – ھىكمەت » نىڭ ھېچ بىرى كارغا كەلمىدى.
ئەنە شۇندىلا ۋەتەندىن يېڭى چىققان كۈنۈم بىر سىياسى پائالىيەتچىمىزنىڭ ( بەلكىم مەمتىمىن ھەزىرەت، ياكى ئابلىكىم باقى ئەپەندىلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك، ھازىر ئەنىق يادىمدا قالماپتۇ ) ماڭا ئېيتقان، « مىللىي داۋا بىلەن شۇغۇللۇنۇش، دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ قىيىن، ئەڭ مۇرەككەپ كەسىپلەرنىڭ بىرى، مىللىي ھەرىكىتىمىز بىلەن شۇغۇللانغۇچى بىر سىياسى پائالىيەتچىمىز كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقتىدار ۋە بىلىمگە ئىگە بولۇشى لازىم » دېگەن گېپى يادىمغا كەلدى.
چۈنكى مەندە مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن زۆرۈر كېرەكلىك بولغان بىلىملەر ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ سىموۋۇلى ھىساپلانغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ سىماسى ۋە رەڭگىنىمۇ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئاندىن بىلگەن ئىدىم.
دىمىسىمۇ ئۇلار تىلغا ئالغان كۆپ « تەرەپلىمىلىك ئىقتىدار ۋە بىلىم » نىڭ نىمە ئىگەنلىكىنى مىللىي ھەرىكىتىمىزگە قاتنىشىپ بىرقانچە ھەپتە ئۆتە – ئۆتمەيلا ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ۋەتەندە ئۈگەنگەنلىرىمنىڭ ھېچ بىر كار قىلمىدى، چۈنكى مېنى ۋەتەندە « قالتىس تالانتلىق ياش » قىلغىنى، كوممۇنىستىك ئاڭ ۋە ئىدىلوگىيە گىرەلىشىپ كەتكەن سوتسىيالىستىك ئاخباراتچىلىق ۋە يېزىقچىلىق ئىدى، چۈنكى بۇلار دېمۇكراتىك موھىتتا مىكروپ ئارىلاشقان بىر ئەخلەت دۆۋىسىدىنلا ئىبارەت ئىدى، « يازغۇچى » لىقىمنىڭ پەقەتلا گىرامماتىكا قىسمى بىرئاز كارغا يارىدى، قالغان قىسمىنى ئەخلەت ساندۇقىغا چۆرۈپ تاشلاشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇڭا، چەتئەلگە چىققان 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بىرمۇ ئەدەبى ئەسەر يەزىپ باقمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مانا شۇ ! چەتئەلدە مېنىڭ ئەسلىدە بىر ئەدەبى يازغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغانلارمۇ ئاساسى جەھەتتىن يوق دىيەرلىك.
ئۆز گەپىمىزگە كەلسەك، مىللىي ھەرىكىتىمىزگە قاتناشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆزەمنى ناھايىتى ئىقتىدارسىز ۋە بىچارە ھەس قىلدىم.
چۈنكى، مىللىي ھەرىكىتىمىزدە ئاكتىپ يەر ئالغۇچى بىر سىياسى پائالىيەتچى ئالدى بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بەرىلىۋاتقان مىللىي كۈرۈشىمىزنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىشى لازىم ئىكەن؛
ب د ت نىڭ نىزامنامىسىنى ۋە ب د ت قۇرۇلغاندىن بۇيان ماقۇللانغان بارلىق خەلقئارالىق قانۇن – نىزام، ئەھدىنامە، خىتاپنامە ۋە كەلىشىمنامىلارنىڭ مەزمونىدىن خەۋەردار بولۇش لازىم ئىكەن؛
ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پائالىيەت ئېلىپ بەرىۋاتقان ئەللەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىدىن، شۇ ئەللەردىكى سىياسى پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىدىلوگىيەلىك ۋە تەشكىلى قۇرۇلمىسىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشىمىز لازىمكەن؛
خىتاينىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربىي ۋە  دېپلوماتىيە جەھەتلەردە خەلقئارادىكى ئورنى ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئەللەر بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پائالىيەت ئېلىپ بەرىۋاتقان دۆۋلەتلەر بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى ۋاقتىدا كۈزۈتۈپ ۋە ئانالىز قىلىپ تۇرۇشىمىز لازىم ئىكەن؛
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىپ ئەللىرىنىڭ، جۈملىدىن، دۇنيادىكى سۈپەر كۈچلەر ئامېرىكا، روسىيە ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان كەلگۈسى ۋە ئومومى ئىستىراتىگىيەلىرىدىن بىراز بولسىمۇ مەلۇماتقا ئىگە بولۇشىمىز لازىمكەن؛
لوبىچىلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ھېسداش لىق قىلىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، تۈرك – ئىسلام تەشكىلاتلىرى، چەتئەللىك  دېپلومات ۋە سىياسىيونلار، ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنى قەزىپ چىقىپ، ئۇلار بىلەن ئىزچىل تۈردە قە ۋە ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ تۇرۇش لازىمككەن؛
تەخىمۇ موھىمى، چەتئەللەردىكى قېرى نداشلىرىمىزنىڭ ئومومى ئەھۋالىدىن، دۇنيا قارىشىدىن، ئاستەك ۋە غايىلىرىدىن، ھەرقايسى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بەرىۋاتقان سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە مىجەز – خۇلۇقلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشىمىز لازىمكەن؛
چەتئەللەردە خىتاي دېمۇكراتلىرىنىڭ غايە – مەقسەت ۋە پىلان – پۇروگراممىلىرىدىن، پائالىيەتلىرىدىن، بىز بىلەن تەقدىرداش بولغان تەيۋەن، تىبەت ۋە موڭغولىستانلىقلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات يۆلۈنۈشىدىن ئەتراپلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشىمىز لازىمكەن؛
خىتاينىڭ دۆۋلەت سىياسىتىنىڭ ئومومى ئەھۋالىدىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان ھەر بىر سىياسىتىنىڭ مەزمونى ۋە تەرەققىياتىدىن، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىدىن، بىڭ تۇئان ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنۇڭغا قارشى ۋاقتىدا تەدبىر تۈزۈپ چىقىشىمىز لازىم ئىكەن؛
چەتئەلدە ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن شۇغۇللۇنۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بىر – ئىككى چەتئەل تىلىنى بىلىشىڭىز، پائالىيەت ئېلىپ بېرىش   ئۈچۈن پۇل تەپىشىڭىز لازىم ئىكەن، پۇل تەپىشقا بەرىلىپ كەتسىڭىز داۋا بىر چەتكە تاشلىنىپ قالىدىكەن، پۇلىڭىز بولمىسا چەتئەلنىڭ شارايىتىدا يۈزىڭىزمۇ بولمايدىكەن …
دېمەك، مىللىي ھەرىكىتىمىزگە زۆرۈر كېرەكلىك بولغان بىلىم ۋە مەلۇماتلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس، بىر داۋاسى ئىگىسى ئۇنۇۋەرسال ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقتىدار ۋە بىلىمغا ئىگە بولۇشى شەرت دىيىشىمىزدىكى سەۋەپ مانا مۇشنۇڭدىن ئىبارەت !
قىسقىسى، مىللىي ھەرىكىتىمىز نوقۇل ھالدىكى بىر سىياسى ھەرىكەتلا ئەمەس، بەلكى سىياسەتتىن ھالقىغان، كۆپ تەرەپلىمىلىك مەلۇمات، ئىقتىدار، بىلىم ۋە ھىكمەتنى تەلەپ قىلىدىغان مۇقەددەس بىر كۈرەشتىن ئىبارەت !
ئادەتتە، مەلۇم كەسىپتە ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكەن، فىراپپىسور، دوكتۇر دېگەندەك    ئەڭ يۇقۇرى ئاكادەمىك ئۇنۋانغا ئەرىشكەن شەخىسلەرمۇ مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ سەپىگە قوشۇلغاندا ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلاشقا، ئىلگىرى ئۆگەڭەن كەسپىي بىلىملىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، داۋايىمىزغا زۆرۈر كېرەكلىك بولغان يوقۇرقى   دەك مەلۇمات ۋە بىلىملەرنى ئۆگۈنۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ، بۇ جەھەتتە ئۆزىنى يەتىلدۈرگەنلەر تەبىي ھالدا مىللىي كۈرەش سەپىمىزنىڭ غوللۇق ئەزالىرىغا ئايلىنىدۇ، لىدەرلەرمۇ كەلگۈسىدە شۇلارنىڭ ئىچىدىن يەتىشىپ چىقىدۇ. ناۋادا، مىللىي كۈرەش سەپىمىزغا قوشۇلغانلار ئىچىدە، ئۆزىنى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەشكە، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى زامان ۋە ماكانغا ماس ھالدا ئىسلاھ قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلەر تەبىي ھالدا خەلقىمىزنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ، مىللىي كۈرەش سەپىمىزدىن سىقىپ چىقىرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
شۇڭا بىز، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ يېتەكچى   ئىدىيەسى، ئالاھىدىلىكى، ئېھتىياجى ۋە غايە – مەقسەتلىرىگە مۇناسىپ ھالسا مەخسۇس بىر سىياسى تەلىم – تەربىيە مەركىزى قۇرۇپ چىقىشىمىز، بۇ ئارقىلىق، مىللىي ھەرىكىتىمىزدە سۆزدە، پىكىردە ۋە ئىشتا بىردەكلىكنى ساقلىيالايدىغان ئىشەنچىلىك بىر تايانچ كۈچنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.
مەسىلەن، مەركىزى تەشكىلاتىمىز دۇق نىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدا مەخسۇس ئالاھىدە بىر سالاھىيەتكە ئىگە «خەلقئارا ئۇيغۇر سىياسەت ئاكادېمىيەسى » قۇرۇپ چىقىش ۋە بۇ ئاكادېمىيە   ئارقىلىق پۈتۈن سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى يەڭىۋاشتىن سىياسى سىناق ۋە ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈپ چىقالىشىمىز مۇمكىن !
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پىشىۋاسى مائو زە دوڭ، 30 – يىللارنىڭ باشلىرىدا « يەنئەن ئۇنىۋەرسىتەتى » نى قۇرۇپ چىقىپ، يۇقۇرى – تۆۋەن رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پۈتۈن كوممۇنىست خىتايلارنى بۇ مەكتىۋىگە سولۇۋەلىش ئارقىلىق ئۇلارنى سىياسى ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈپ چىققان ئىدى.
ماو زە دوڭنىڭ « يەنئەن ئۇنىۋەرسىتەتى » نى قۇرۇپ چىقىشىدىكى ئاساسى مەقسىدىمۇ، ئەينى چاغدا خىتاي كوممۇنىزىم ھەرىكىتى ئىچىدە يامراپ كەتكەن تۈرلۈك پىكىر – ئەقىم، مەزھەپ ۋە گۇروھلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ، توقۇنۇش ۋە ئايرىمىچىلىقلارنى يوقۇتۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە بىردەكلىكنى ساقلاش، خىتاي كوممۇنىزىم ھەرىكىتىنىڭ كۈرەش ئۇسولى ۋە غايە – مەقسەتلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەنلەرنى تازىلاپ چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىدى.
چۈنكى، ئەينى چاغدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى ۋە تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە باش قوماندان زھوئۇ دەغا ئوخشاش ماجنۇ ئىمپىراتورلىقىدىن قالغان ھەربى مىلىتارىسلار، چەتللەردىكى ۋە خىتايدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يۇقۇرى دەرىجىلىك زىيالىلار، يۇقۇرى ۋە ئوتتۇرا قاتلام كاپىتالىستلار، سودىگەرلەر، يەر ئىگىلىرى، ئىشچىلار، دەھقانلار … ئومومەن، ھەر ساھەدىن مۇرەككەپ ئىنسانلار كەلىپ توپلانغان، بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىزىم ھەرىكىتىنىڭ غايە – مەقسەتلىرىدىن، تۈپ نىزام ۋە پىرىنسىپلىرىدىن خەۋىرى يوق ئىدى.
20 – يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 30 – يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ تىپتىكى ئىنسانلار بىر مەھەل ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەزگىنىنى قولىغا ئەلىۋالغان، ئۆزارا گۇروھلىشىپ ۋە قۇتۇپلىشىپ، ھەتتا مائو زە دوڭ قاتارلىق بەزى سادىق كوممۇنىستلارنى بىرقانچە قەتىم موللاق ئاتقۇزغان ئىدى.
شۇڭا، بۇنۇڭدىن ئاچچىق ساۋاق ئالغان مائو زە دوڭ باشچىلىقىدىكى سادىق كوممۇنىستلار، < يەنئەن ئۇنىۋەستىتەتى > نى قۇرۇپ چىقتى ۋە، « مېنىڭ نەزىرىمدە ھەممىڭ ساۋاتسىز، ئەگەر خىتاي جۇڭ گۇئو كوممۇنىزىم كەرىكىتىدە يەر ئالىمەن دىسەڭ، ئالدى بىلەن مېنىڭ مەكتىبىمنى پۈتتۈرۈشۈڭ لازىم » دېگەنشەرتنى قويدى ۋە مەخسۇسلا كوممۇنىستىك ئاڭ ۋە ئىدىلوگىيەنى، خىتاي كوممۇنىزىم ھەرىكىتىنىڭ غايە – مەقسەتلىرىنى ۋە كۈرەش ئۇسولىنى ئاساسى دەرىسلىك قىلغان « يەنئەن ئۇنىۋەرسىتەتى » نى تاماملىمىغان ھەچ بىر كوممۇنىستنى رەھبەرلىك قاتلىمىغا يەقىن يولاتمىدى، مائو زە دوڭنىڭ بۇ تاكتىكىسى قىسقا مەزگىلدە ئۈنۈمىنى كۆرسۈتۈپ، شۇندىن كەيىن خىتاي كوممۇنىزىم ھەرىكىتىدە چوڭ بىر بۆلۈنۈش ياكى ئىچكى توقۇنۇش يۈزبەرمىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى مۇتلەق بىردەكلىكى ساقلاندى.
خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949 – يىلى ھاكىمىيەت بەشىغا چىققاندىن كەيىن، « يەنئەن ئۇنىۋەرسىتەتى » نىڭ ئورنىنى، « پارتىيە مەكتىبى » ئىگەللىدى، ھازىر خىتايدا مەركەز، ئۆلكە، ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك نەچچە مىڭلىغان پارتىيە مەكتەپلىرى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مەكتەپلەردە بىلىم ئاشۇرمىغان ھەچ بىر كىشى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا مەنسەپ تۇتالمايدۇ. پارتىيە مەكتەپلىرى پەقەتلا كوممۇنىستىك ئاڭ ۋە ئىدىلوگىيەنى، « جۇڭ گوچە سوتسىيالىزىم » دەپ ئاتالغان چوڭ خىتايچىلىق نەزىرىيەسىنى تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلىدىغان ئادەتتىكى سىياسى مەكتەپلا ئەمەس، بەلكى جەددى – جەمەتى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا سادىق بولغان، ھەرقانداق شارايىتتا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى جان – جەھلى بىلەن ھىمايە قىلىدىغان ئەشەددى ۋە سادىق كوممۇنىستلارنى تاللاپ چىقىدىغان زور بىر ئىمتاھان مەيدانىدىن ئىبارەت.
دۇنيا كوممۇنىزىم ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق لاگىرى ھىساپلانغان سوۋەيت ئىتتىپاقىنىڭ گۇمران بولغىنىغا 20 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنە خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىشىدا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يوقۇرقى   دەك مۇكەممەل سىياسى تەلىم – تەربىيە سەستىمىسىنى تۇرغۇزىۋالغانلىقىنىڭ رولى ئىنتايىن زور بولماقتا.
بۈگۈن دۇنياغا قارايدىغان بولساق، يوقۇرقى   دەك تەلىم – تەربىيە سەستىمىسى دېمۇكراتىك ئەللەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك    مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ھەرقايسى ئىدىلوگىيەگە مەنسۇپ سىياسى پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك    مەخسۇس سىياسى تەلىم – تەربىيە مەركەزلىرى ۋە لاگىرلىرى بار، مەسىلەن، ئۆتكەندە نورۋىگىيەدە يۈزبەرگەن ئەڭ زور تەرۆر ۋەقەسىمۇ دەل نورۋىگىيە ئىشچى پارتىيەسى تەرىپىدىن مەخۇس ياش ئەزالىرىغا ئۇيۇشتۇرۇلغان سىياسى تەلىم – تەربىيە لاگىرىدا يۈزبەرگەن ئىدى.
ئەڭ ئاددىسى، بىزگە قېرىنداش   بولغان تۈركىيەدىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان بۇخىل سەستىما مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.
مەيلى ھاكىمىيەت بەشىدىكى پارتىيەلەردە بولسۇن، ياكى ئۆكتۈچى پارتىيەلەردە بولسۇن، ئەگەر بىرسى رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرىمەن دىئەس، جەزمەن شۇ پارتىيەنىڭ سىياسى تەلىم – تەربىيە كۇرۇسلىرىدىن ئۆتۈشى شەرت، سەنىڭ ئۆز كەسپىڭدە ئالىم، فىراپپىسور، دوكتۇر ياكى مۇتەخەسىس بولۇشۇڭنۇڭ ئانچە بىر قىممىتى يوق، چوقۇم بۇ سىياسى ئۆتكەلدىن ئۆتۈشۈڭ، ئۆز پارتىيەڭنىڭ سىياسى يېتەكچى   ئىدىيەسىنى، غايە – مەقسەتلىرىنى ۋە پىلان – پۇروگراممىلىرىنى پۇختا بىلىشىڭ شەرت.
گەرچە، چەتئەللەردە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىغا قارشى ئېلىپ بەرىۋاتقان مىللىي كۈرىشىمىز 60 نەچچە يىللىق شانلىق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ھازىرغا قەدەر بىز يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەندەك مۇكەممەل بىر سىياسى تەلىم تەربىيە مەركىزىنى قۇرۇپ چىقالمىدۇق. شۇنىڭ    ئۈچۈنمۇ مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىدىلوگىيە جەھەتتە بۆلۈنۈش ۋە قۇتۇپلۇشۇش ئەغىر بولزپ، ئۆزارا يول قويماسلىق، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەش، ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە شەخسى چۈشەنچىسىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە، ھەتتا خەلقىمىزگە زورلاپ تەڭىش خاھىشى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
بىر  پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ ھايات – ئامامتلىقىغا بەرىپ تاقىلىدىغان مۇقەددەس مىللىي ھەرىكىتىمىزگە غوللۇق ئەزا ۋە تايانچ كۈچ تاللاشتىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، كۈرەش تارىخى ۋە داۋاغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ھەققىدە ئەتراپلىق تەشكشۈتۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارمايمىز. ياغلىما ئەغىزىغا، خوشامىتىگە ۋە ئالدىمىزغا تاشلاپ قويغان نەچچە مىڭ دوللار ياردەم پۇلىغا قاراپلا ئالدىراپ مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ مەركىزى ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىغا سۆرەپ كىرىشكە تىرىشىمىز، ھەتتا بەزى ئەللەردە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ رەھبەرلىك قوقوقىنى پۇلغا سەتىۋالغان جازانىخورلارمۇ يوق ئەمەس …
تەخىمۇ ئەچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، نۆۋەتتە ئادەتتىكى سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ تايانچ كۈچىگە ئايلانغان بىر قىسىم غوللۇق سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ۋە رەھبەرلىرىمىزنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن زۆرۈر كېرەكلىك بولغان يوقۇرقى   دەك ئىلىم ۋە ئىقتىدارى ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، ئۇلار كۆپ ھاللاردا خەلقئارا سورۇنلاردا داۋايىمىزنى ئاڭلىتىش جەريانىدا ئەجنەبىلەرنىڭ ئالدىدا كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈپلا قالماستىن، بەلكى مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىستىراتىگىيەسى ۋە پىلان – پۇروگراممىلىرىنىڭ توغرا تۈزۈلۈپ چىقىلىشىغۇ سەلبى تەسىز كۆرسۈتۈپ كەلمەكتە.
بەزى سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومومى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىلچىمۇ مەلۇماتى يوق، ۋەتىنىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى ۋە مەمۇرى شەكلى، ھەرقايسى مىللىي ساھەلەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ئومومى سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ۋە خارەكتىرىنى بىلمەيدۇ، ھەسسىيات ۋە رىشتە جەھەتتە خەلقىمىزدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەچكە، خەلقىمىزنىڭ روھى دۇنياسىنى، پىخسىكىسىنى ۋە يۈرۈكىگە يوشۇرۇلغان ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى بىلمەيدۇ. ناۋادا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋەتەننىڭ گەپى چىقىپ قالسا، قاشلىرىنى سۈزۈپ، كۆزلىرىنى يەرىم يۇمۇپ ئاڭلىماسقا سەلىۋالىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ گەپ – سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ يېتەكچى   ئىدىيەسىگە ۋە خەلقىمىزنىڭ تەلەپ – ئارزۇلىرىغا ماس كەلمەي قالسا، بۇنى ئۆزلىرىدىن كۆرمەي، ئەكسىچە مىللىتىمىزنى ئەيىپلەپ، خەلقىمىزدىن قۇسۇر تەپىشقا تىرىشىدۇ.
ھەتتا مەركىزى تەشكىلاتىمىز ھىساپلانغان دۇق دا خەلى يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بەزى ئىنسانلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئومومى ۋەزىيىتى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۈرۈمقى، قەشقەر، ھوتەن ياكى غۇلجىنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ، ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ.
< چەتئەلچە بىلسەكلا كۇپايە > دەپ قارايدىغان بۇ تىپتىكى ئىنسانلار، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە چەتئەلمەتبۇئاتلىرىدىن تەرىشتۇرىۋالغان يۈزەكى مەلۇماتلارنى < دوكلات > قىلىپ قۇراشتۇرۇۋەلىپ، ئىت يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە ئاشۇ قۇرۇق ۋە كونا مەلۇماتنى خەلقئارا سەھنىلەردە بازارغا سەلىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، يەڭى ئۇچۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىپقى قويمايدۇ.
ھازىر خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان سىياسى ۋە ئىلمىي مۇنبەرلەرگە قارىسىڭىز، پۈتۈنلەي دېگۈدەك    مۇشۇ خىلدىكى چولتا ئىنسانلار ماناپول قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇلار، ۋەتەن – مىللەت ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتى بولغان، ئەمما چەتئەلچىسى ئاجىز بولغان قېرى نداشلىرىمىزغا تەرجىمانلىق قىلىپبېرىش  نى ھەزىم قىلالمايدۇ، ھەتتا بۇنى ھاقارەت دەپ بىلىدۇ …
بۇلا ئەمەس، ھەتتا دۇق رەھبەرلىك ئورگىنىدا ۋە دۇق تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلىرىمىزدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بەزى سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ دۇق نىڭ نىزامنامىسىدىن، دۇق تەرىپىدىن ئەلىنغان قارار ۋە پىرىنسىپلاردىن، خەلقئارادا مىللىي ھەرىكىتىمىزنى يۈرگۈزۈشتە ئورتاق قوللۇنۇپ كەلىنىۋاتقان سىياسى تەلەپبۇزىمىزدىن خەۋىرىمۇ يوق. ئۇلار خۇددى قۇدۇقنىڭ تەگىدىكى تاشپاقىدەك، ئىنتايىن تار بىر چۈشەنچ دۇنياسىنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان، شۇڭا ئۇلار مىللىي ھەرىكىتىمىزدە بىرەر ئىلغار پىكىر، ياكى دەۋىرگە ماس بىر ئىسلاھات ئەقىمى ئوتتۇرىغا چىققان ھامان، دەرھال قىيامەت قوپۇرۇپ، يەڭىلىق ياراتقۇچىلارغا قارشى تەتۈر شامال چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ.
مەن يۇقۇرىدا پەقەت مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمىنىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم، يوقۇرقى    ھادىسىلەر، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى تەخى تولۇق سەستىمىلاشتۇرۇپ بولالمىغانلىقىمىزنى، مىللىي كۈرەش سەپىمىزدىكىلەرنىڭ سۆزدە، پىكىردە ۋە ئىشتا تەخى ھەقىيقى بىرلىكنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
شنۇڭ ئۈچۈن، مېنىڭچە مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنىڭ بىۋاستە نازارەتچىلىكى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدا < خەلقئارا ئۇيغۇر سىياسەت ئاكادېمىيە  سى > نى قۇرۇپ چىقىپ، سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى بۇ ئاكادېمىيە  دە مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ يېتەكچى   ئىدىيەسى ۋە پىلان – پۇروگراممىلىرىغا ماس ھالدا سەستىمىلىق تەربىيەلەپ چىقىشىمىز، بۇ ئارقىلىق، مىللىي كۈرەش سەپىمىزدە ئىدىيە، پىكىر ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى مۇكەممەل بىرلىكنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.
بۇيەردە شۇنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەنكى، كەيىنكى 4 – 5 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى < دېمۇكراتىيە كىشىلىك ھوقوقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندا جەمىيىتى ( نەد ) > نىڭ بىۋاستە ماددى ياردىمى بىلەن، رابىيە خانىمنىڭ بىۋاستە رىياسەتچىلىكىدىكى دۇق بىلەن، < خەلقئارا ئۇيغۇر دېمۇكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوق فوندا جەمىيىتى > تەرىپىدىن ھەر يىلدا بىر قەتىم ئايرىم – ئايرىم ھالدا، < ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېمۇكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوق بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى > بىلەن، < ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېمۇكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوق بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى > ئۆتكۈزۈلۈپ كەلىنىۋاتىدۇ. خۇددى چۆل – جەزىرىدە ئۇسساپ چاڭقىغان كىشىگە ئابىھايات سۈيىنى يەتكۈزۈپ بەرگەندەك، بۇ ئىككى كۇرۇسنىڭ ئۈنۈمى ۋە رولى ئىنتايىن موھىم بولدى، بۇ جەرياندا يۈزلىگەن قېرى نداشلىرىمىز چەتئەللىك ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس، تەتقىقاتچى، ئالىم،  دېپلومات، سىياسىيون ۋە لوبىچىلاردىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە قانۇن – پىرىنسىپلار ھەققىدە ئەتراپلىق تەلىم ئەلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، بۇمۇ مىللىي ھەرىكىتىمىزدىكى ناھايىتى چوڭ بىر بوشلۇقلارنىڭ بىرى ئىدى، ئەگەر يەنە بىر بوشلۇقنى، يەنى، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى، خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى ۋە يېتەكچى   ئىدىيەسى، قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتىگىيە ۋە پىلان – پۇروگراممىلىرى، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ پىخسىكىسى، روھى دۇنياسى، ئارزۇ – ئىستەكلىرى، ھەرقايسى مىللىي ساھەلەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئەقىمىنىڭ تەرەققىيات يۆلۈنۈشى، ۋەتىنىمىزنىڭ مەمۇرى شەكلى، سىياسى، ئىقتىسادى، دىنىي، ئىجتىمايى ئەھۋاللىرى … قاتارلىق جەھەتلەردە كام قالغان بىلىم ۋە مەلۇماتلارنى تولۇقلىساق، مىللىي ھەرىكىتىمىزنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئىلگىرلىتىشتە زۆرۈر كېرەكلىك بولغان ئىككى قاناتنى تاماملىغان بولىمىز.
ئۇيغۇر سىياسى تەلىم – تەربىيە مەركىزى، مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن يوقۇرقى    بوشلۇقلارنى تولدۇرىدىغان بىلىم يۇرتى بولۇپلا قالماستىن، تەخىمۇ موھىمى، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ تايانچ كۈچلىرىنى تاللاپ بەكىتىدىغان ۋە سىناقتىن ئۆتكۈزىدىغان سىياسى بازىمىز بولۇشى لازىم.
مېنىڭچە « خەلقئارا ئۇيغۇر سىياسەت ئاكادېمىيە  سى » نى قۇرۇپ چىقىشمۇ ئانچە تەس ئەمەس، ئالدى بىلەن بۇ ئاكادېمىيە  نىڭ ھوقوق دا’ئىرىسى، سالاھىيىتى، پىرىنسىپ ۋە نىزاملىرىنى ئەنىق بەكىتىپ چىقىشىمىز لازىم.
ئىقتىسادى ئىمكانلىرىمىزغا قاراپ تۇرۇپ، ئەگەر شارايىتىمىز يار بەرسە، مەلۇم بىر دۆۋلەتتە مۇقىم تەسىس قىلىشىمىز، بۇنۇڭغا ئىمكانىيىتىمىز بولمىسا، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى ئەللەردە سەييارە قىلىپ ئاچساقمۇ بولىدۇ. سىياسى كۇرۇسنىڭ قەرەلىنى ۋە دەرىس مۇددىتىنى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق بەكىتسەك بولىدۇ.
سىياسى ئاكادېمىيە  گە ئوقۇتقۇچى تاللاش مەسىلىسىدە، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئاكادەمىك ئۇنۋانلارغا ئىگە بولۇشى شەرت ئەمەس، مىللىي كۈرەش سەپىمىز ئىچىدىن مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن زۆرۈر كېرەكلىك بولغان يوقۇرقى    ساھەلەر ھەققىدە پۇختا ۋە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولغان، ۋەتىنىمىزنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەمۇرى، دىنىي، مەدىنىيەت – مائارىپ، سودا – سانائەت، دەھقانچىلىق، چارۋۇچىلىق، تارىخ، جۇغراپىيە … قاتارلىق ساھەلەرنى پىششىق بىلىدىغان ۋە ئۆزلىرى بۇ ساھەلەردە بەلگىلىك مۇددەت ئىشلىگەن، خىتاينىڭ ئومومى ۋەزىيىتىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى ئىزچىل تۈردە كۈزىتىپ كەلىۋاتقان ئىشەنچىلىك شەخىسلەردىن ئوقۇتقۇچى تاللاپ بەكىتىشىمىز لازىم.
ئوقۇغۇچى تاللاشتىمۇ ئالاھىدە قاتتىق پىرىنسىپلار بەكىتىپ چىقىلىشى لازىم.
ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن ھەرقايسى ئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز ۋە جاما’ئەت ئەرباپلىرىمىز تەرىپىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ بەرىلىشى، ئاخىرىدا مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنىڭ ۋە دۇق نىڭ تەكشۈرۈپ بەكىتىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلىشى، ئوقۇغۇچىلار قارا – قويۇق ئەمەس، بەلكى مىللىي كۈرەش ئەن – ئەنىسىگە ئىگە ساغلام ئايىلىلەردىن كەلىپ چىققان، مىللىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئەڭ ئاز 3 يىلدىن يۇقۇرى بولغان، ئۆزىنىڭ ۋەتەن – مىللەتكە ۋە مىللىي ھەرىكىتىمىزگە نولغان سۆيگۈسى ۋە ساداقەتمەنلىكى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسپاتلانغان، مىللىي ھەرىكىتىمىزگە مەلۇم دەرىجىدە تۆھپە قوشقان، ئۆز خەلقىغە ۋە ئۆز داۋاسىغا ئىشىنىدىغان جەڭگىۋار ئىنسانلار ئىچىدىن تاللاپ چىقىلىشى، ئۇلارغا ياش جەھتتىن چەكلىمە قويۇلماسلىقى، ئەمما، ئانا – تىل يەزىقىنى راۋان بىلىش شەرتى قويۇلۇشى لازىم.
سىياسى ئاكادېمىيە  نى پۈتتۈرگەنلەرگە مەخسۇس دۇق تەرىپىدىن  دېپلوم بەرىلىشى، ناۋادا كەلگۈسىدە دۇق غا ۋە دۇق تەركىبىدىكى تەشكىلاتلىرىمىزغا رەھبەر سايلىغاندا، چوقۇم دۇق سىياسەت ئاكادېمىيە  سىنىڭ دوپلومى بولۇش شەرتىنى قويۇش، ئالدى بىلەن دۇق نىڭ ۋە ئۇنۇڭ تەركىبىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ مەۋۇج رەھبەرلىرىنى بۇ سىياسى ئاكادېمىيە  نىڭ كۇرۇسلىرىدىن ئۆتكۈزۈش، ئۇنۇڭغا قاتنىشىشنى رەت قىلغۇچىلارغا تەشكىلى جەھەتتىن چارە كۆرۈش لازىم.
ناۋادا بىز يوقۇرقى    سىياسى تەلىم – تەربىيە سەستىمىسىنى تۇرغۇزىۋالساق، سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىملەرگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى بىردەكلىكنى ساقلاش ۋە مىللىي كۈرەش سەپىمىزنىڭ ساغلام ھەم پاكلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش جەھەتتىمۇ زور قەدەم تاشلىغان بولىمىز.
يەنە شۇنداقلا بۇخىل سەستىما ئارقىلىق، نۇرغۇن بىھۇدە ئاۋارىچىلىك، پەشكەللىك ۋە ئىتتىپاقسىزلىقلاردىن خالى بولالايمىز.
پەلسەپە نۇختىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئىچكى ئامىل ھەر زامان ھەل قىلغۇچ ئاساسلىق ئامىلدىن ئىبارەت، شۇڭا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئىشنى ئاۋال كۈرەش سەپىمىزدە سۆزدە، پىكىردە ۋە ئىشتا ھەقىيقى بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن باشلىشىمىز، بۇخىل بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا زۆرۈر كېرەكلىك بولغان ئامىللار ئۈستىدە جىددى ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش   ىمىز لازىم.
(داۋامى بار)

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …