26 ـ ئىيۇل شاۋگۇئان ئىرقى تازىلاش قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنى

26  ـ ئىيۇل شاۋگۇئان ئىرقى تازىلاش قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنى

     ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىك ھەيئەت يىغىنى چاقىرىپ، تەشكىلاتنىڭ ئۆتكەن يېرىم يىللىق خىزمەتلىرى، ھەرقايسى تەشكىلات، مەركەزلەرنىڭ ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق سىياسى پائالىيەتلىرى ۋە دىپلۇماتىك مۇناسىۋەتلىرى، شۇنىڭدەك خەلقئارا ۋەزىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە تۇتىۋاتقان پوزتىسيەلىرى، دېموكراتىك غەرپ ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن داۋاملاشتۇرىۋاتقان سىياسەت، دىپلۇماتىيە ۋە سودا ـ سېتىق مۇناسىۋەتلىرى ـ قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ دائىرىلىك مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە 2009 ـ يىلى 26 ـ ئىيۇن  خىتاينىڭ « شاۋگۇئان ئىرقى تازىلاش » جىنايەتلىرى ۋە 5 ـ ئىيۇل ئۇيغۇرىستاندا ئىجرا قىلغان ۋەھشى ئىرقى تازىلاش جازالىرى توغرىسىدا تەپسىلى مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

     ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن مۇھىم بىر ئۇچرىشىش سەۋەپلىك يىغىنغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەھىمجاننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن، يىغىن ئەسلىدىكى كۈنتەرتىپ ۋە پروگرامملار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، يىغىن جەريانىدا كۆپرەك توختالغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

1 ـ ئىچكى مۇناسىۋەتلەر بويىچە ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئوتتۇر ئاسىيادىكى مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملەردە قايسى ئۇسۇلدا مۇناسىۋەت ئېلىپ بارىدۇ.

2 ـ ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر مەدەنى، ئىجتىمائى تەشكىلات ۋە مەركەزلىرر بىلەن قايسى شەكىلدە مۇناسىۋەت قىلىدۇ.

3 ـ تۈركىيەدىكى « خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مائارىپ، ھەمكارلىق جەمئىيىتى » بىلەن ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەۋجۇت مۇناسىۋەتلەر  بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتتە قايسى ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

4 ـ تاشقى مۇناسىۋەتلەر بويىچە ئۇيغۇر ـ خىتاي  ئوتتۇرسىدىكى مىللى توقۇنۇش، مىللى زىددىيەت مەسىللىرىگە غەرپ ئەللىرىنى قايسى ئۇسۇل بىلەن قىزىقتۇرۇش مۇمكىن.

5 ـ ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە باشتىن ئاخىرغىچە ئىزچىل ياردەمدە بولالايدىغان دۆلەتلەرنى  يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە  قانداق ئۇسۇل ۋە مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق بىرىنچى ھەرىكەت چەمبىرىكى ئىچىگە باشلاپ كىرەلەيمىز. ….

    يوقۇرقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر قىزغىن مۇنازىرە قىلىندى. بۇ ھەقتىكى دە ـ تالاشلارنىڭ ئاز بىر قسم خۇلاسىسى ئىكران ئارقىلىق سىرىتقا ئاڭلىتىش ماقۇللاندى.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى

2013 . 06 . 22  مىيونخىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى مۇشۇ ئاينىڭ 19 – ۋە 20 – كۈنلىرى …

ئەجدادلارنىڭ مىراسى، ئەۋلاتلارنىڭ بەختى

2008-يىلى گوللاندىيەدە قۇرۇلغان ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى گوللاندىيەگە سىياسى پانالىق تىلەش ئارقىلىق يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ …